يانكىتاب يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تارىخ كىتاپتىن كۆرەلمەيدىغان ھەقىقەتلەر

تارىخ كىتاپتىن كۆرەلمەيدىغان ھەقىقەتلەر

ۋاقتى: 2016-01-20 ئاۋاتلىقى: 4102 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تارىخ كىتاپتىن كۆرەلمەيدىغان ھەقىقەتلەر

ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم تەييارلىغان
------پوركۆتەك تەرجىمىسى


1. 900 يىللىق تارىخقا ئىگە ئوكسفورد ئونۋېرىستىتى 7 دۆلەتنىڭ 11 نەپەر پادىشاھىنى، 6 نەپەر ئەڭگىلىيە پادىشاھىنى، 47 نەپەر نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنى، 53 نەپەر پىرزىدىنىت ۋە باش ۋەزىرنى، 12 نەپەر پەيلاسوپنى، 86 نەپەر ئارخىئېپىسكوپ ۋە 18 نەپەر كاردىنالنى تەربىيلەپ دۇنياغا زور تەسىر كۆرسەتكەن ھەم تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. لىكىن قىزىقارلىق يىرى شۇكى، ئوكسفوردنىڭ ئورگان تەشۋىقات ماتىريالىدا بۇلارنى ئاساسەن كۆرگىلى بولمايدۇ، بۇ ئەڭگىلىيەدىكى ئەڭ قەدىمىي ئونۋىرست ھەتتا ئەزەلدىن تا ھازىرغا قەدەر تىلغا ئالغۇدەك بىر قېتىم مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرلەش كۈنى ئۆتكۈزۈپ باقمىغان، بۇ قەدىمىي مەكتەپنىڭ ئىلىم-پەنگە ئىنتىلىش ھەقىقەتكە ئىنتىلىش روھى ئۇنى نام-مەنپەئەتتىن قورقىدىغان قىلىۋەتكەن.


2. ئامىركىدا بىر قېتىملىق ئېغىر دەرىجىلىك ھادىسىمۇ تارىخنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. 1911-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈچ بۈرجەك ئىچكىيىمچىلىك شىركىتىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىدۇ. جەمئىي 146 نەپەر ئەر-ئايال ئىشچىلار قازا قىلىدۇ، قازا قىلغانلارنىڭ كۆپلىرى 16 ياشتىن 23 ياشقىچە بولغان قىزلاربولۇپ، ئەڭ كىچىكنىڭ يېشى ئاران 14 ياشتا ئىكەن. بۇ قېتىملىق قانلىق ھادىسە ئامىركىنىڭ زاۋۇتلارغا قارىتا قانۇن تۇرغۇزۇشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، كىيىن ئامىركا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرسلىك كىتابىغا يېزىلىدۇ. بۇ قېتىملىق ھادىسە ئامىركا ھازىرقى زامان ئاساسى ئېقىمىدىكى قىممەت قارىشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ، يەنى : ھاياتلىقنىڭ قىممىتى مال دۇنيادىن ئارتۇق.


3. 18-مارت قانلىق ۋەقەدە، باش مىنىستىر قەسىرىنىڭ قوغداش ئەتىرتىدىكىلەر ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئوق چىقىرىپ، كۆپ ئادەملەرنىڭ ئۆلۈپ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. لۇ شۈننىڭ ئوقۇغۇچىسى لىيۇ خېجېن، چېڭ دېچۈن قاتارلىق نەچچە ئون ئادەمگە ئوق تىگىپ قازا قىلغان. گەرچە بۇ قېتىمقى ۋەقەدە باش مىنىستىر دۇەن چىرۈي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئوق چىقارغۇزغان بولمىسىمۇ، بىراق بىر دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرى بولغان ئۇ، ئۆزىنى بۇ گۇناھنىڭ سادىر قىلغۇچىسى دەپ ھېساپلىغان. ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، ئۆلگەنلەرنىڭ ئىسمىنى تەكشۈرگەن ھەم ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ھال سورىغان. قازا قىلغانلارنى ياد ئىتىش مۇراسىمىدا، ئۇ ناھايىتى ئۇزۇن تىزلىنىپ ئاخىرقى ئۆمرىگىچە گۆش يىمەي گۇناھىنى يۇيىدىغانلىقىغا قەسەم بەرگەن، بۇ قەسەمنى ئۇ كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكۈچە داۋاملاشتۇرغان.


4. بىر بانكىرنىڭ ئايالى پىراگانىڭ مەلۇم قەھۋاخانىدا بىر يازغۇچىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، ئۇ بىر بەت يازسا ئۇمۇ بىر بەت كۆرىدۇ. ئۇمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق ئۇ ئۇنىڭ توي قىلغانلىقىنى يوشۇرغانلىقىنى بىلمەيدۇ. يازغۇچى كىيىن ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ئەرلىك ئايال ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن، ئىككىسى شۇنىڭدىن كىيىن كۆرۈشمەيدۇ. يازغۇچى بىر ئۆمۈر تەنھا ياشاپ سەكراتقا چۈشكەندىمۇ شۇ ئايالنىڭ ئىسمىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئالدىغا بىر قەدەم ئالسا، شەرمەندىچىلىككە قېلىش؛ ئارقىغا بىر قەدەم ماڭسا، مۇھاببەتكە بولغان ھۆرمەت ، ئۇ ئىككىنچىسىنى تاللىغانىدى. يازغۇچىنىڭ ئىسمى كافكا، ئۇ ئەسەرنىڭ ئىسمى بولسا دۇنيانى زىلزىلگە سالغان «ئۆزگىرىش خاتىرىسى»ئىدى.


5. ئۇ بىر خىزمەت ئىزدىگۈچى، ''بىزدە ئادەم كەم ئەمەس، بىر ئايدىن كىيىن كەل'' ئۇ بىر ئايدىن كىيىن كەلدى؛ ''ئىشىم بار، بىر نەچچە كۈندىن كىيىن پاراڭلىشايلى'' ئۇ بىر نەچچە كۈندىن كىيىن كەلدى؛ ئۇنىڭدىن كىيىنمۇ نەچچە قېتىم كىلىپ كەتتى. ''بەك قاسماق ئىكەنسەن، ئالالمايمىز'' ئۇ پۇل سوراپ كىيىم سېتىۋالدى؛ ''ئېلىكتىر ئۈسكۈىلىرىگە ئائىت بىلىمىڭ يوقكەن، ئالمايمىز'' ئىككى ئايدىن كىيىن ئۇ يىتەرلىك ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرىگە ئائىت بىلىملەرنى ئىگەللەپ يەنە كەلدى. '' مەن نەچچە ئون يىل ئىشلەپ سەندەك سەۋر تاقەتلىك ھەم جاسارەتلىك يىگىتنى تۇنجى ئۇچرىتىشىم.'' ئۇ غەلبە قىلدى،ئۇ پاناسونىك شىركىتىدىكى كونوسۇكې ماتسۇشىتا ئىدى. (ھاياتتا مەغلۇبىيەت يوقتۇر، سەۋر ۋە ئەستايىدىللىق ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىدۇر.)


6. ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى ساچىر خانىم ئىچكى كابىدات ۋەزىرى بىلەن تاماق يەۋاتاتتى، ئايال مۇلازىم شورپا ئەپكەلدى، بىراق ئىھتىياتسىزلىقتىن ئۇ بىر قاچا قىززىق شورپىنى ۋەزىرنىڭ بېشىغا تۆكۈۋەتتى. ساچىر خانىم دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ قورقۇپ توشقاندەك تۈگۈلۈپ كەتكەن قىزنى قۇچاقلىدى ھەم ''ھىچقىسى يوق، ھەممە ئادەم خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ'' دىدى.


7. كۆپ يىل بۇرۇنقى جەنۇبى ئافرىقا دۆلىتى: بىر قېتىملىق ماندىلاغا ئېچىلغان ئوچۇق سوتتىن بۇرۇن، شىكايەت قىلغۇچى Bosch تۇيۇقسىزلا ئەرزىدىن يېنىۋالىدۇ، ئۇ ماندىلانىڭ يېنىغا يۈگرەپ بېرىپ ئۇنىڭ قولىنى سىقىپ تۇرۇپ ''مەن ئۆزەمنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىمدىن ئۇيۇلىمەن، مەن سىزنى تۈرمىگە كىرگۈزۈۋېتىشنى خالىمايمەن'' دەيدۇ. مەندىلا 27 يىللىق تۈرمە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن، تۈرمىدە ئۇنى 27 يىل قىينىغان ۋە بوزەك قىلغان 3 ئادەمگە مىھىرلىك بىلەن ''تۈرمىدىن چىقىپ، ئەركىنلىككە قارىتىپ ئېچىلغان دەرۋازىنىڭ بۇسۇغىسىدىن ئاتلىغان شۇ دەقىقەمدە، ئېنىق ھىس قىلدىمكى، ئەگەر ئاداۋەت ۋە نەپرەتنى كەينىمگە تاشلاپ قويالمىسام، ئۇنداقتا مەن يەنىلا تۈرمە ئىچىدىن چىقمىغان ھېساپلىنىمەن.'' ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى دۈشمىنى ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپكەتكەن، شۇ دەقىقىدە ئۇ ئاخىرى نەپرەت ۋە ئاداۋەتنى يۇيىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇلنىڭ كەچۈرۈش ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن.--- «مەندىلانىڭ تەرجىمىھالى»


8. ئۇرۇشتىن كىيىنكى ياپونىيە باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە، تاماق ھۆكۈمەت تەرەپتىن تەمىنلىنىدۇ. مەيلى مەكتەپ مۇدىرى بولسۇن، ياكى ئوقۇتقۇچى ياكى ئوقۇغۇچى بولسۇن يەيدىغىنى ئوپمۇئوخشاش. بىراق مەكتەپ مۇدىرى يەنىلا ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئېرىشكەن--- مەكتەپ مۇدىرى بىرىنچى بولۇپ يەيدۇ. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ نىمىشقا بۇنداق ئالاھىدە ئىمتىيازى بولىدۇ؟ ئەمىلىيەتتە بۇ بىر تۈزۈم بولۇپ، مەكتەپ مۇدىرى چوقۇم پۈتۈن ئوقۇغۇچى تاماق يىيىشتىن بۇرۇن بىرىنچى بولۇپ تاماقنى تېتىپ تاماق سۈپىتىدە مەسلە بار يوقلۇقىنى ئۆزى تەكشۈرىدۇ، ئەگەر مەسلە چىقسا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ''ئالاھىدە ئىمتىياز''غا ئاساسەن بىرىنچى بولۇپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىدۇ.


9. 1917-يىلدىكى بېيجىڭ ئونۋېرستىتىدا بىرتوپ پىراففىسسورلار بار ئىدى. لىياڭ شۇمىڭ، 25 ياش؛ خۇشى، 27 ياش؛ لىيۇ بەننوڭ، 27ياش؛ لىيۇ ۋېندىيەن، 27 ياش؛ لىنسۈن، 27 ياش؛ جوۋ زورېن، 33 ياش؛ چېن دۇشىيۇ، 39ياش؛ جۇ شىزۇ، 39 ياش.......مەكتەپ مۇدىرى بولسا سەي يۈەنپېي ئەپەندى، 50 ياش.يېشى ئەڭ كىچىكى بولسا رەسىم سەنئەت ئۇسلۇب تەتقىقات بىرلەشمىسىنىڭ يىتەكچى پىراففىسسورى شۈ بېيخوڭ، 23 ياش. سىزچۇ؟ قانچە ياشتا؟ نىمىش قىلىۋاتىسىز؟


10. رەسىمدىكى ھەرگىز ئۆزىنى بازارغا سېلىپ تەشۋىققىلىۋاتمايدۇ، خاتا كۆرمىدىڭىز، ئۇ دەل لوندون شەھرىنىڭ شەھەر باشلىقى باۋلىس، ھەركۈنى ۋېلىسپىت مىنىپ ئىشقا بارىدۇ. بىز كورىيە پايتەختىدە پەقەت 4 تاللا ھۆكۈمەت ماشىنىسى بارلىقىنى بىلىپ ھاڭ-تاڭ قالغىنىمىزدا، فېنلاندىيە پۈتكۈل دۆلەتتە پەقەت 4 تاللا ھۆكۈمەت ماشىنىسى بارلىقىنى بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن.
Tags:
بايانات

يانكىتاب يانبىلوگى ئوقۇرمەنلەرگە ئەڭ يېڭى كىتاب ئۇچۇرى، ئەڭ يېڭى تەرجىمە قىلىنغان كىتابلار، كىتاب ئوقۇش تەسىراتلىرى، كىتاب ئوقۇش ئۇسۇللىرى قاتارلىق بىلىملەرنى ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە قۇرۇلدى.
يانكىتاب تورى كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئەڭ قولايلىق بولۇش ۋە ئەڭ تىجەشلىك بولۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان، كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىنى ۋە قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. يانكىتاب سالونى Yankitab

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى