يانكىتاب يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

خۇش خەۋەر: يانكىتاب تورى رەسمىي ئېلان قىلىندى

خۇش خەۋەر: يانكىتاب تورى رەسمىي ئېلان قىلىندى

ۋاقتى: 2016-01-28 ئاۋاتلىقى: 11738 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،
يانكىتاب تورى (www.yankitab.com) ئۇزۇن مەزگىللىك پىلانلاش، سىستېمىنى ئېچىپ چىقىش، ئىچكى سىناق، ئاممىۋى سىناق قاتارلىق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرى رەسمىي ئېلان قىلىنىش باسقۇچىغىمۇ كىرىپ قالدى.
بۇ قېتىم رەسمىي ئېلان قىلىشتا بىز رەسمىي ھالدا يانكىتاب ئۈندىدار سالونى yankitab ياكى ئىزدەش نامى yankiktap نى رەسمىي ئىشلىتىشنى قوزغاتتۇق. ئىلگىرى سىناق سالونغا ئەگەشكەن تورداشلارنىڭ بۇ قېتىم رەسمىي ھالدا يانكىتاب ئۈندىدار سالونىغا ئەگىشىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. (يانكىتاب سالونى دەلىللەنگەن مۇلازىمەت نومۇرى بولۇپ، باشقا مۇشتىرە نومۇرىدىكى سالونلاردەك كۈندە مەزمۇن يوللانمايدۇ، پەقەت ئايدا 4 قېتىم ئەڭ مۇھىم ئۇچۇرلار، ئوقۇرمەنلەر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، ئەڭ يېڭى كىتاب ئۇچۇرلىرى تەمىنلىنىدۇ، شۇڭا كەڭ قېرىنداشلارنىڭ چوقۇم ئەگىشىۋېلىشىنى ئالاھىدە ئۈمىد قىلىمىز.)

ھازىرغىچە يوللانغان كىتابلار:

نۇرئەلى ئابلىز مۇئەللىمنىڭ «بىر يىلىڭىزدىكى 8760 سائەت» ناملىق كىتابى، لى كەيفۇنىڭ «جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا يېزىلغان 7 پارچە خەت» ناملىق ماقالىلىرى توپلىمى، روبېرت كىيۇساكىنىڭ «باي دادام، ئىقتىسادىي قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ» ناملىق كىتابى، ھىگاشىنو كېيگونىڭ «گۇماندار X نىڭ پىداكارلىقى»، «دەردكە داۋا مىلىچ ماللار دۇكىنى» ناملىق ئىككى پارچە كىتابى، ئورخان پاموكنىڭ «يېڭى ھايات» ناملىق كىتابى، يۈ چىڭلۇڭنىڭ «بېل گايتىسنىڭ تولۇق تەرجىمىھالى» ناملىق كىتابى، ئانتونى سائىنت ئېكسۇپېرىنىڭ «كىچىك شاھزادە» ناملىق دۇنياغا داڭلىق كىتابى، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز»، «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى»، «گۇناھ» قاتارلىق ئەسەرلىرى قاتارلىق نادىر ئەسەرلەر ئېلان قىلىندى.

داۋاملىق ئېلان قىلىنىش ئالدىدار تۇرغان كىتابلاردىن:

«ئادەت تۇرمىسىدىن ھالقىڭ»، «ئادەتنىڭ كۈچى»، «ھاياتىڭىزدا يەنە قانداق ئىمكانىيەتلەر بار»، «پۈچەك قەلبكە قاراڭچۇق بولماڭ»، «سىز ئويلىغىنىڭىزدىنمۇ كۈچلۈك»، «لاتا خەي كەيگەن ما يۈن»، «خىزمەت ئىزدەش ئالىي مەكتەپ بىرىنچى يىللىقىدىن باشلىنىشى كېرەك»، «ئالىي مەكتەپتە زادى نېمە ئوقۇش كېرەك»، «كۆۋرۈك ئاستىدىكى ئائىلە»، «قىزىل موگۇ»، «ئەرلەر كېسەللىكىدىن 1000 سوئال-جاۋاب»، «ئاياللار ماتكا كېسەللىكىدىن 85 سوئال-جاۋاب»، «مەزى بېزى كېسەللىكى كۈتۈنۈشى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرى»، «قىزىقارلىق پىسخىكا سىناقلىرى»، «ئىنسانلارنىڭ قايغۇسى»، «ئىنسانلارنىڭ يوقۇلۇشى»، «ئەڭ يېڭى سەي-كۆكتات ساقلاش بىلىملىرىدىن تېخنىكىلىق سوئال-جاۋابلار»، «قوشكېزەكلەر» ۋە «مۇھەببەت قاتىلى» قاتارلىق ئەسەرلەر داۋاملىق ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئېلان قىلىنىپ كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلىدۇ.

يۇقىرىدىكى كىتابلاردىن ياخشى پايدىلانماقچى بولسىڭىز يانكىتاب ئۈندىدار سالونىغا ئەگىشىۋالغاندىن كېيىن يانكىتاب تورىدىن ئوقۇپ پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.

يانكىتاب ئۈندىدار سالونىنىڭ ئىزدەش نامى: Yankitap

ئىككىلىك كودى:


يانكىتاب تورىمىزنىڭ لوگوسى تۆۋەندىكىچە:

يانكىتاب تورىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش ئارقا كۆرۈنۈشى
يانكىتاب تورى بۈگۈنكىدەك قەغەز نەشردىكى كىتابلارنىڭ باھاسى زىيادە يۇقىرى بولۇپ كېتىش ھەم شۇنىڭدەك ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ بولالماسلىقتەك ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىنتېرنېت + پىلانى بويىچە ئەنئەنىۋىي كىتابچىلىقىمىزنى ئىنتېرنېتقا يۆتكەپ چىقىپ، «تۆۋەن تەننەرخ، يۇقىرى سۈپەت» نى ئۆزىمىزگە مىزان قىلىپ، ئەڭ يۇقىرى چەكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن قولايلىق، تۆۋەن باھالىق، سۈپەتلىك، يۇقىرى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە كىتابلارنى تەمىنلەشتىن ئىبارەت. يانكىتاب تورىدا ئەگەر مەلۇم كىتابقا بولغان ئېھتىياج يېتەرلىك كۆپ بولسا، تورداشلار زاكاس قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كىتابلارنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەرجىمە قىلىش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلىدۇ.

يانكىتاب تورىدا تەمىنلىنىدىغان كىتابلار
يانكىتاب تورىدا ئېلان قىلىنىدىغان كىتابلار ئۈچ خىل شەكىلدىكى كىتابلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنچى خىلى يانكىتاب تورى (ئىلقۇت تەرجىمىچىلىكى) تەرىپىدىن مۇستەقىل تەرجىمە قىلىنىپ چىقىلغان كىتابلار. بۇ خىل كىتابلار ئاساسەن ئۇيغۇرچە قەغەز نۇسخىسى يوق پەقەت يانكىتاب تورىغا خاس كىتابلاردىن ئىبارەت. بۇ خىل كىتابلارنىڭ قەغەز نۇسخىسى يوق، شۇنىڭدەك PDF نۇسخىسى تەمىنلەنمەيدۇ؛ ئىككىنچى خىلى، بىر قىسىم يازغۇچىلار، تەرجىمانلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئاساسىدا ئېلان قىلىنغان كىتابلار بولۇپ، يازغۇچىلار ياكى تەرجىمانلارنىڭ ئاللىبۇرۇن نەشردىن چىقىپ بولغان كىتابلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى ياكى تېخى نەشردىن چىقمىغان ئىجادىي كىتابلار ياكى تەرجىمە كىتابلىرىدىن ئىبارەت. بۇ خىل كىتابلارنىڭ نەشردىن چىققانلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە قەغەز نۇسخىسى كىتابخانىلاردا بولۇشى مۇمكىن ئەمما ئوخشاشلا PDF نۇسخىسى تەمىنلەنمەيدۇ؛ ئۈچىنچى خىلى، ئاساسەن تورلاردا ئېلان قىلىنغان كىتابلار ۋە ئەسەرلەر بولۇپ، بۇلار ھەممىسى ھەقسىز تەمىنلىنىدىغان بولۇپ، پەقەت ئوقۇرمەنگە قولايلىق يارىتىش مەقسىتىدە يانكىتاب تورىنىڭ ھەقسىز رايونىدا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. ھەقسىز كىتابلار ئاساسەن توردىن رەتلىنىپ ئېلان قىلىنىدىغان بولغاچقا، ئەگەر ئەسەر ئاپتۇرى كىتابنىڭ نەشر ھوقۇقىغا دەخلى-تەۇرز يەتكۈزدى دەپ قارىسا بىز بىلەن ئالاقىلاشسا بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئۆچۈرىۋېتىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز. يانكىتاب تورى ھەر ۋاقىت يازغۇچى ۋە تەرجىمانلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. ئەگەر سىزدە كىتاب بولۇپ، قەيەردە ئېلان قىلىشنى بىلەلمەي قالغان بولسىڭىز، يانكىتاب تورى سىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئېلان قىلىش سۇپىسى بولۇپ قالغۇسى، يانكىتاب تورى كىتابىڭىزنى ئېلان قىلىپ، يارىتىلغان ئىقتىسادىي كىرىمنى كېلىشىم بويىچە بۆلۈپ، سىزنىڭ قولىڭىزدا تۇرۇپ قالغان كىتابلىرىڭىزنى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئايلايدۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

يانكىتاب تورىدا ئېلان قىلىنىدىغان كىتابلارنىڭ شەكلى
يانكىتاب تورى ئۈندىدار سىستېمىسىغا ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پەقەت ئۈندىدار مۇھىتىدا توردا ئوقۇش تەمىنلىنىدۇ. يانكىتاب تورى يۇقىرى تېخنىكا ئارقىلىق تور ئېقىم سەرپىياتى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئادەتتە ئۈندىدارغا قارىغاندا تور ئېقىمى جەھەتتە تىجەشلىك ھەم ئېقىمنى زىيادە خوراتمايدۇ. ئېلان قىلىنغان كىتابلارنىڭ ھەممىسى توردا ئوقۇيدىغان كىتاب بولۇپ، چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ، PDF نۇسخىسى تەمىنلەنمەيدۇ.

يانكىتاب تورىدىن كىتاب سېتىۋېلىش ئەسكەرتىشى
يانكىتاب تورىدا ئېلان قىلىنغان كىتابلار ئاساسەن ئالدىنقى 5 باب مەزمۇن ھەقسىز تەمىنلىنىدىغان بولۇپ، كىتاب سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى ئاۋۋال ھەقسىز قىسىملىرىنى ئوقۇپ بېقىپ، كىتاب مەزمۇنىنى ياقتۇرسىڭىز، ئوقۇشتا جەريانىدا مەسىلە بولمىسا ئاندىن پۇل تۆلىشىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز. يانكىتاب تورىدا ئېلان قىلىنىدىغان كىتابلارغا قارىتا باھا ئەڭ تۆۋەن بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ئادەتتە ئەڭ يۇقىرى باھالىق كىتاب ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 7 يۈەن بېكىتىلىدۇ. تۆۋەن باھا تاكى ھەقسىز بولغانغا قەدەر ئوخشاش ئەمەس، دېمەك يانكىتاب تورىدىكى كىتابلارنىڭ باھاسى 0 يۈەندىن 7 يۈەنگىچە بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، يانكىتاب تورى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن يېڭى شەيئىي بولغاچقا، ئۇنىڭدا يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن، كەڭ قېرىنداشلارنىڭ كەڭ قورساقلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، مۇۋاپىق تەكلىپ-پىكىرلىرى بولسا ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز داۋاملىق تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ مېڭىشقا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.

يۇقىرىدا يانكىتاب تورى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە بېرىلدى. تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرىنى يانكىتاب سالونى Yankitab دىن ئېرىشسىڭىز بولىدۇ. ياكى ئېلخەت يېزىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
ئېلخەت: yankitab@126.com
ھۈرمەت بىلەن يانكىتاب تورى
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
بايانات

يانكىتاب يانبىلوگى ئوقۇرمەنلەرگە ئەڭ يېڭى كىتاب ئۇچۇرى، ئەڭ يېڭى تەرجىمە قىلىنغان كىتابلار، كىتاب ئوقۇش تەسىراتلىرى، كىتاب ئوقۇش ئۇسۇللىرى قاتارلىق بىلىملەرنى ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە قۇرۇلدى.
يانكىتاب تورى كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئەڭ قولايلىق بولۇش ۋە ئەڭ تىجەشلىك بولۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان، كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىنى ۋە قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. يانكىتاب سالونى Yankitab

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى