يانكىتاب يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

يانكىتاب تورىنىڭ دوستلارغا كىتاب سوۋغا قىلىش ئىقتىدارى ئېچىلدى

يانكىتاب تورىنىڭ دوستلارغا كىتاب سوۋغا قىلىش ئىقتىدارى ئېچىلدى

ۋاقتى: 2016-02-05 ئاۋاتلىقى: 10792 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يانكىتاب تورىمىزنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرى!

سىلەرنىڭ يانكىتاب تورىمىزنى (www.yankitab.com) ئىزچىل قوللاپ كەلگىنىڭلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. يانكىتاب تورىمىز نۇرغۇن كىتابخۇمار دوستلىرىمىزنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى ۋە قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ، بۈگۈن، يەنى 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى كىتاب سوۋغا قىلىش ئىقتىدارىنى يولغا قويدى. سىز يانكىتاب تورىمىزدىن كىتاب سېتىۋېلىپ دوستلىرىڭىزغا سوۋغا قىلىپ، نادىر كىتابلارنى تېخىمۇ كۆپ دوستلىرىڭىز بىلەن ھەمبەھىرلىيەلەيسىز!

ئۈندىداردا سۈيۈنچە (قىزىل بولاق) ئوينىغاندىن كۆرە باشقىلارغا كىتاب سوۋغا قىلسا بۇنىڭ ئەھمىيىتى زور ئەلۋەتتە. يانكىتاب تورىدا ئېلان قىلىنغان كىتابلارنىڭ باھاسىمۇ ئالاھىدە تۆۋەن بولۇپ، ئازغىنە ئىقتىساد بىلەن پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان كىتابلارنى دوستلىرىڭىز ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئەتراپىدىكى تونۇش-بىلىشلىرىڭىزگە سوۋغا قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىڭىزنىڭ ياخشى پەزىلىتىنى نامايەن قىلالايسىز.
يانكىتاب تورىدىن كىتاب سوۋغا قىلىش باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. ئۈندىداردا www.yankitab.com ئادرېسىنى چېكىپ يانكىتاب تورىغا كىرىمىز، ياكى yankitab سالونىمىزغا ئەگىشىپ ئاستىدىكى Yankitab دېگەن تىزىملىكتىن يانكىتاب تورىغا كىرىمىز.

سوۋغا قىلماقچى بولغان كىتابنىڭ مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ، «سېتىۋالاي»، «ئوقۇي»، «ساقلىۋالاي» ۋە «سوۋغا قىلىش» بېتىگە كىرىمىز.

2. سوۋغا قىلماقچى بولغان كىتابنى تاللاپ، "سوۋغا قىلىش" دېگەننى چېكىمىز؛


3. كىرگەن بەتتىن "سېتىۋېلىپ سوۋغا قىلىمەن" دېگەننى چىكىمىز؛

4. جەزملەشتۈرۈش بېتىگە كىرگەن بەتتىن "جەزىملەشتۈرۈش" دېگەننى چىكىمىز.

5. جەزملەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، سىستېما بىزگە كىتابنى سوۋغا قىلىش ئادرېسىنى تەمىنلەيدۇ. بۇ كۆزنەكتىن «بىۋاسىتە ھەمبەھرلەش ئادرېسى» دېگەننى چېكىمىز.

6. «بىۋاسىتە ھەمبەھرلەش ئادرېسى»نى باسقاندىن كېيىن، دوستلارغا ياكى دوستلۇق چەمبىرىكىگە ھەمبەھرلەش بەت يۈزى چىقىدۇ.

دىققەت: ئەگەر يۇقىرىدىكى بەت چىققاندىن كېيىن، سىز بۇ ئادرېسىنى باشقىلارغا (كىتاب سوۋغا قىلماقچى بولغانلارغا) ئەۋەتىپ بەرمەي، ئاستىدىكى «بۇ يەرنى بېسىپ تاپشۇرۇۋېلىڭ» دېگەننى بېسىۋەتسىڭىز، كىتاب ئۆزىڭىزنىڭ ئاكونتىغا كىرىپ كېتىدۇ، ھەم سوۋغا قىلالمايسىز. يانكىتاب تورىدا سوۋغا قىلىنغان كىتابلارنى پەقەت بىرلا ئادەم قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. ئەگەر سىز دوستلار چەمبىرىكى ياكى توپلارغا ھەمبەھرلەنسىڭىز، تۇنجى قېتىم قوبۇل قىلغۇچى كىتابقا ئېرىشەلەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن قالغانلار كىتابقا ئېرىشەلمەيدۇ!

6. "بىۋاستە ھەمبەھىرلەش ئادرېسى" دېگەننى چىكىپ، چىققان بەت يۈزى ئۈستى ئوڭ تەرەپتىكى "...." بەلگىنى چىكىپ دوستىڭىزغا يوللاپ بەرسىڭىز بولىدۇ.


كىتاب سوۋغا قىلىنغۇچىنىڭ كىتابنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۇسۇلى:
1. دوستىڭىز سىز تەمىنلىگەن كىتاب سوۋغا قىلىش ئادرېسىنى چېكىپ كىرگەن بەتتىن "بۇ يەرنى بېسىپ تاپشۇرۇۋېلىڭ" دېگەننى چېكىپ قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، كىتاب شۇ ئادەمنىڭ ھېساباتىغا كىرىدۇ.


2. ئەگەر بۇ كىتابنى سوۋغا قوبۇل قىلغۇچى بۇرۇن سېتىۋېلىپ بولغان بولسا ياكى ياقتۇرمىغان بولسا، ئۇ ھالدا كىتابنى قوبۇل قىلماي، ئۈستىدىكى ھەمبەھرلەش ئىقتىدارى ئارقىلىق بۇ كىتابنى باشقىلارغا سوۋغا قىلسا بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئەگەر سوۋغا قوبۇل قىلغۇچى كىتابنى قوبۇل قىلمىسا، سىزنىڭ ئاكونتىڭىزدىكى «سوۋغا قىلغانلىرىم» دېگەن تىزىملىكنى باسسىڭىز تېخى قوبۇل قىلمىغان كىتابلارنىڭ ئاستىدا «ھەمبەھرلەش» دەپ ئەسكەرتىلىدۇ. بۇنى سىز قايتا باشقىلارغا سوۋغا قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر باشقىلار سوۋغىنى قوبۇل قىلىپ بولغان بولسا بۇ يەردە «كۆرۈش» دەپ ئەسكەرتىلىدۇ.


3. "...." بەلگىنى چەككەندىن كېيىن يانفوننىڭ ئاستى بېتىدىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئىقتىدار كۆزنەكلىرى چىقىدۇ، بۇنىڭدىن "发送给朋友" دېگەننى تاللاپ دوستىڭىزغا يوللىيالايسىز، "分享到朋友圈“ نى چەككەندىن كېيىن دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلىيەلەيسىز. بۇ چاغدا دوستلار چەمبىرىكىڭىزدە كىم بىرىنچى بولۇپ تالاشسا شۇ دوستىڭىز بۇ كىتابقا ئېرىشەلەيدۇ.



4. سوۋغا قىلماقچى بولغان دوستىڭىزنى تاللاپ، "发送“ دېگەننى چېكىسىز، مەشغۇلات توغرا ئېلىپ بېرىلغان بولسا، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى دەپ ئەسكەرتىش بېرىدۇ.

ئەسكەرتىش: يانكىتاب تورىنى ئىشلىتىش جەريانىدا ھەرقانداق مەسىلىگە يولۇقسىڭىز 277702990 ئۈندىدارىنى قوشۇۋېلىپ ياردەم سورىسىڭىز بولىدۇ.

پۇل قاچىلاش باسقۇچلىرى:


دىققەت: يۇقىرىدىكى مەشغۇلاتلار يانكتىاب ئاكونتىڭىزدا يېتەرلىك قالدۇق سومما بار ئەھۋالدىكى مەشغۇلاتلاردۇر. ئەگەر يانكىتاب ئاكونتىڭىزدا قالدۇق سوممىڭىز بولسا پۇل بىۋاسىتە قالدۇق سوممىڭىزدىن تۇتۇپ قېلىنىدۇ. ئەگەر قالدۇق سوممىڭىزدا پۇل بولمىسا، «جەزملەشتۈرۈش»نى باسقاندىن كېيىن، پۇل قاچىلاش بېتىگە ئالمىشىدۇ.

پۇل قاچىلاش بېتىگە ئالماشقاندىن كېيىن، سۈكۈتتىكى ھالەتتە 100 يۈەن قاچىلاش دەپ چىقىشى مۇمكىن، ئەمما سىز ئۆز ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.

قاچىلايدىغان پۇل سانىنى بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن، جەزملەشتۈرسىڭىز، ئۈندىدار ھەميانىڭىزنىڭ پۇل تۆلەش مەخپىي نومۇرىنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

مەخپىي نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن پۇل ئوڭۇشلۇق قاچىلانغانلىق ئەسكەرتىشى چىقىدۇ.

ئاخىرقى سۆز:


يانكىتاب تورى يېڭىدىن قۇرۇلغان ھەم سىستېما مۇستەقىل ئېچىپ چىقىلغان بولغاچقا، سىستېما بىر يولىلا مۇكەممەل بولۇپ بولالمىغانلىقى ئېنىق، ھەر خىل بىز تېخى ئويلاپ يېتەلمىگەن مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىشى تەبئىي، شۇڭا ئوقۇرمەنلەر يولۇققان ھەر قانداق مەسىلىنى ۋاقتىدا بىزگە ئىنكاس قىلىپ بېرىشىنى، بىزنىڭ ۋاقتىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يانكىتاب تورىنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشىمىزغا ھەمدەمدە بولۇشىنى ئالاھىدە ئۈمىد قىلىمىز.

ئەھۋال مەلۇم قىلىش ئېلخەت ئادرېسى: yankitab@126.com

بايانات

يانكىتاب يانبىلوگى ئوقۇرمەنلەرگە ئەڭ يېڭى كىتاب ئۇچۇرى، ئەڭ يېڭى تەرجىمە قىلىنغان كىتابلار، كىتاب ئوقۇش تەسىراتلىرى، كىتاب ئوقۇش ئۇسۇللىرى قاتارلىق بىلىملەرنى ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە قۇرۇلدى.
يانكىتاب تورى كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئەڭ قولايلىق بولۇش ۋە ئەڭ تىجەشلىك بولۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان، كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىنى ۋە قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. يانكىتاب سالونى Yankitab

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى