كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
ۋاقتى: 2016-02-05
ئاۋاتلىقى: 2005 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
گېرمانىيەلىك دوختۇرلار ئاغرىقلار ئۈچۈن كۇتۇپخانا قۇرۇپ، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق كېسەل داۋالاپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلەتكەن.
ئىتالىيە «شىپالىق شېئىر چەكلىك شىركىتى»نى قۇرۇپ، ھەرخىل كېسەلگە مەلۇم دەرىجىدە شىپالىق رولى بار دەپ قارالغان شېئىرلارنى نەشر قىلدۇرۇپ، ئاغرىقلارنىڭ ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلىدىكەن.
ئۇنداقتا كىتاب ئوقۇشنىڭ سالامەتلىككە زادى قانداق پايدىسى بار؟
1. چوڭ مېڭىنىڭ فۇنكتسىيەسىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى ئىشلەتكەنسېرى ئۆتكۈرلىشىدۇ، كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ تەپەككۈر قىلىشىنى تېزلىتىدۇ. كىتابتا سۆزلەنگەن مەزمۇنلارنى ئەستە ساقلاش ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ ئەقلىي قابىلىيەتنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق پۈتۈن بەدەندىكى ھەر قايسى ئەزا ۋە سىستېمىلارنىڭ ئىقتىدارى تولۇق تەڭشىلىپ ۋە جارى قىلدۇرۇلۇپ، روھىي،جىسمانىي جەھەتتىن بالدۇر زەئىپلىشىشنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
2. ئادەمنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، روھىي كەيپىياتنى تەڭشەشكە پايدىلىق. بىزدە: «بىر ياخشى كىتاب ئوقۇساڭ، نۇرغۇن ئالىيجاناب كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەندەك بولىسەن» دېگەن گەپ بار. ئادەم بىر ياخشى كىتاب ئوقۇغاندىن كېيىن يېڭى تۇيغۇ، يېڭى بىلىم، يېڭى تەسىراتقا ئىگە بولىدۇ. كىتابتا سۆزلەنگەن ۋەقەلىكلەر، گۈزەل ئەسلىمىلەر، ئېسىل بايانلار ئادەمنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سېلىش، ئۆگىنىش، ئىجاد قىلىش تۇيغۇسى بەخش ئېتىدۇ. ئادەم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ ئۈمىدسىزلەنگەندە ياكى بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە يولۇققاندا ئىمكان بار كىتاب ئوقۇسا، بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ۋە بولمىغۇر خىياللارنى ئۇنتۇپ، روھى كۆتۈرۈلۈپ، ئۈمىدكە تولىدۇ. ماركىس: «بىر خىل ياخشى كەيپىيات فىزىئولوگىيەلىك چارچاش ۋە ئازابنى 10 خىل ئېسىل دورىغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى تۈگىتەلەيدۇ» دېگەن.
3. ،بىمار سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار تۇرمۇش بىلىملىرى، تېببىي ساۋات، ساقلىقنى ساقلاش، داۋالاشقا دائىر مەزمۇنلاردىكى كىتابلارنى ئوقۇسا، سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭ ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1) كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئاغرىقنىڭ تېبابەتچىلىككە بولغان بىلىمى ئېشىپ شۇ خىلدىكى كېسەللىك توغرىسىدا بەزى مۇجىمەل خاتا كۆزقاراشلارنى تۈگىتەلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ كېسىلىنى داۋالاشقا قوللىنىدىغان ئۇسۇللارنى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنى تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشىنىۋالالايدۇ. دوختۇرلار بىلەن تېخىمۇ كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇش،مەسلىھەتلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇپ، داۋالىنىشتا تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرالايدۇ.
2)كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق قورقۇش، ئۈمىدسىزلىنىش، ئۆزىنى ئەيىبلەش قاتارلىق روھىي ھالەتنى تۈگەتكىلى ۋە ساقىيىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.
3)كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق كېسەلنى ۋاقتلىق بولسىمۇ ئۇنتۇپ، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى جىددىيلىشىشتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.
...
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى