يانبىلوگ ياردەم مەركىزى
يانبىلوگ ئىشلىتىش قوللانمىسى

ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
  • 1
  • 2
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

يانبىلوگ يېزىشنىڭ پايدىسى ھەققىدە (بىز نېمە ئۈچۈن يانبىلوگ يازىمىز؟)

يانبىلوگ يېزىشنىڭ پايدىسى ھەققىدە (بىز نېمە ئۈچۈن يانبىلوگ يازىمىز؟)

ۋاقتى: 2016-08-07 ئاۋاتلىقى: 3847 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يانبىلوگ يېزىش دېسە بەلكىم بەزى تورداشلار يانبىلوگ دېگەن نېمە دەپ سورىشى مۇمكىن. بۇ سوئال مەندىن ھازىرغا قەدەر سورىلىپ كېلىۋاتقان بىر سوئال. چۈنكى بۇ يانبىلوگ دېگەن نەرسە بىزنىڭ تىلىمىزدا تېخى رەسمىي ئەمەلىيلەشمىگەن ھەم ھازىر بىزدە ھەقىقىي يانبىلوگ يازىدىغان ئادەم بەك ئاز ياكى يوق دېيەرلىك. ئەگەر سىز ھازىرمۇ يانبىلوگنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىسىڭىز يانبىلوگ ھەققىدە ئازراق ماتېرىيال كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن (يانبىلوگ ئۇقۇمى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ياسىنجان مۇھەممەدروزى ئىلقۇت تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەم ئومۇملاشتۇرۇلغان ئۇقۇم بولۇپ، خەنزۇچە ئىسمى 粉博، بۇ يانبىلوگ ياكى 粉博 دېگەن ئۇقۇم ئاۋۋال ئۇيغۇر تىلىدا بارلىققا كەلگەن بولغاچقا، ھازىر باشقا تىللاردىن خەنزۇ تىلى ۋە ئېنگىلىز تېلىدىمۇ مەزكۇر ئۇقۇم ھەققىدە ماتېرىيال يوق، شۇڭا بۇ ھەقتە ماتېرىيال كۆرمەكچى بولسىڭىز پەقەت ئۈندىدارىڭىزدا yanbilog ياكى ilqutbiz دەپ ئىزدەپ يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەگىشىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.) يانبىلوگ يېزىش پەقەت شەخسىي ئەركىنلىكىڭىز بىلەن يېزىلىدۇ. ھېچكىمنىڭ سىزنى يانبىلوگ يېزىشقا مەجبۇرىلاش ھۇقۇقى يوق. خالسىڭىز يازسىڭىز بولىدۇ، خالىمىسىڭىز يازمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ بەلگىلىشىڭىزگە باغلىق.


بىزنىڭ يانبىلوگ يېزىشىمىزدىكى سەۋەب:
1. ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇش كارتىنىمىزنى يېزىپ قالدۇرۇپ، كېيىنكى كۈنلەر ئۈچۈن ئەسلىمە قالدۇرۇش. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك يانبىلوگ يېزى پەقەت سىزنىڭ ئۆز خاھىشىڭىز بويىچە بولىدۇ. يېزىش يازماسىلىق ئۆزىڭىزگە باغلىق. يانبىلوگ دېگەن بۇ نەرسە شەخسىلەرنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش سورۇنى بولۇپ، بۇ يەردە سىز ھېچكىمنىڭ تۇسالغۇسىغا ئۇچرىماي، كۆڭلىڭىزدە نېمە ئويلىسىڭىز شۇنى يېزىپ قالدۇرسىڭىز بولىدۇ (ئەلۋەتتە، ساغلام مەزمۇن بولۇشى كېرەك، دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-سىياسەتلىرىگە، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان يازمىلارنى يوللىسىڭىز، ج خ خادىملىرى ھەر ۋاقىت يېنىڭىزدا پەيدا بولىدۇ ۋە ئۆز ھاياتىڭىز بىلەن ئويناشقان بولىسىز، شۇڭا ساغلام نەرسە يېزىشىڭىز كېرەك.) شۇڭا سىز تۇرمۇشىڭىزدىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىشلارنى خاتىرىلەپ قۇيۇپ، يانفون ئارقىلىق ئۈندىداردا، دوستلۇق چەمبىرىكىڭىزدە، QQ لاردا قولايلىق ھالدا باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشسىڭىز ياكى ئۇنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن يېزىپ قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. يانبىلوگ تۈرلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. قايسى خىل تۈردىكى يانبىلوگنى يېزىش ئۆزىڭىزگە باغلىق.
2. باشقىلار بىلەن ئۇچۇر، بىلىم ئورتاقلىشىش. سىز يانبىلوگ يېزىش ئارقىلىق ئۆزىڭىز قىزىققان ساھەدە ياكى ئۆزىڭىز ئىزدەنگەن بىلىملەر ھەققىدە يانبىلوگ يېزىپ قالدۇرۇپ باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇر تىلىدا بارلىققا كەلگەن بىر قەدەر ياخشى يانبىلوگلارنى كۆرۈپ چىقماقچى بولسىڭىز ئۈندىداردا ilqutbiz دەپ ئىزدەپ، مىكروئۇلىنىش بېتىدىكى يانبىلوگلارنى كۆرۈپ چىقسىڭىز بولىدۇ. (مەزكۇر مىكروئۇلىنىش بېتى جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ، پات ئارىدا ئېلان قىلىنغۇسى!)
3. ئاز-تۇلا ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىش. ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىش دېگىنىمىز مېنىڭچە شۇ ۋەتەن-خەلققە، مىللەتكە پايدىلىق بولغان ئىشلارنى قىلىپ باشقىلارغا ئازراق پايدا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلسا كېرەك. شۇڭا سىز ھەركۈنى ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ يانبىلوگ يېزىپ قالدۇرسىڭىز بىرىنچىدىن، بىزنىڭ توردىكى ماتېرىيال مەنبەيىمىز كۆپىيىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئۆزىڭىزنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرالايسىز، بۇنداق بولغاندا سىز بىلەن ئوخشاش ساھەدىكىلەر سىزنى ئاسانلا بايقاپ سىز بىلەن ئالاقە قىلىدۇ-دە، سىز ئۆز كەسپىڭىز ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ پىكىرداشلار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىسىز؛ ئۈچىنچىدىن ۋە ھاكازالار. 
ئىشقىلىپ بىزدە ئىككى ئادەمدە بىردىن ئىككى خىل ئالما بولسا ئالماشتۇرۇپ يېسە يەنىلا بىردىن يەيدۇ، لېكىن ئىككى ئادەمدە ئىككى خىل بىلىم، كۆز قاراش بولسا ئۆز-ئارا ئالماشتۇرسا ھەر بىر ئادەمدە ئىككى بىلىم، كۆز قاراش بولىدۇ دەيدىغان ئۇلۇغ ھېكمەت بار. سىز دائىم مەلۇم مەسىلىگە ئائىت ماتېرىيالغا ئىگە بولماقچى بولسىڭىز مېنىڭچە سىزنىڭ ئاۋۋال قىلىدىغىنىڭىز توردىن ئىزدەپ بېقىشقۇ دەيمەن. ئەگەر سىزگە كېرەكلىك مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال تاپسىڭىز خوشال بولۇپ كېتىسىز، ئەگەر تاپالمىسىڭىزچۇ؟ شۇڭا بىز پەقەت باشقىلار يېزىپ قالدۇرغاندىنلا پايدىلىنىشنى بىلىپلا قالماي ئۆزىمىزنىڭ بىلىملىرىنىمۇ يېزىپ قالدۇرساق باشقىلار پايدىلانسا بۇ جەمئىيەتنىڭ، ئانا تىلنىڭ، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئىش ئەمەسمۇ؟ قىسقىسى ھەممىمىزدە بىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرىش ئېڭى بولۇش كېرەك.
4. بەلگىلىك ئىقتىساد يارىتىش. ئەگەر سىز ناھايىتى ياخشى ئەسەرلەرنى يازىدىغان يازغۇچى بولسىڭىز، سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ناھايىتى كۆپ بولسا، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سىزنىڭ يانبىلوگىڭىزغا كىرىدىغانلارنىڭ سانى پەۋقۇلئادەە يۇقىرى بولسا، سىز يانبىلوگىڭىزغا بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ ئېلانلىرىنى قويۇپ ئۆزىڭىزگە ئازتولا ئىقتىسادى كىرىم قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز. ئىلقۇت يانبىلوگ سىستېمىسىنىڭ ئېلان باشقۇرۇش سىستېمىسى ئالاھىدە ئىلغار قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئېلان سىستېمىسى ئارقىلىق يانبىلوگىڭىزنىڭ خالىغان يېرىگە قولايلىق، ئەپچىل ھالدا ئېلان قويالايسىز. ئەسكەرتىش، ئەگەر يانبىلوگىڭىزغا كىرىدىغانلار يېتەرلىك كۆپ بولمىغاندا ئەھۋال ئاستىدا، ئەڭ ياخشىسى ئالدىراپ ئېلان قويىۋالماڭ، بولمىسا ئوقۇرمەنلىرىڭىزنى قاچۇرۇپ قويىسىز. 
5. شىركەتلەر يانبىلوگ ئارقىلىق ئۆز شىركىتىنىڭ مىكرو بېكىتىنى قۇرۇپ چىقالايدۇ. شىركەتلەر ئىلقۇت يانبىلوگىنىڭ مەخسۇس شىركەت كارخانىلارغا تەمىنلىنىدىغان ئالاھىدە ئىقتىدارلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆز شىركىتىنىڭ مىكرو بېكىتىنى قۇرۇپ چىقالايدۇ؛ مەھسۇلاتلىرىنى يانفون ۋە ئۈندىدار ئارقىلىقلار باشقىلار بىلەن ھەمبەھرلىنەلەيدۇ؛ شىركىتىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ... ئالدىن كۆرەر، يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان شىركەت خوجايىنلىرى ئۈچۈن يانبىلوگ تۆۋەن تەننەرخلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەڭ ياخشى تەشۋىقات ۋاسىتىسى بولۇپ قالالايدۇ. 
بايانات

ئەگەر يانبىلوگ ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئىلقۇت تېخنىكىسى ئۈندىدار سۇپىسى ilqutbiz ياكى yanbilog قا ئەگىشىۋېلىڭ، ياكى ئورگان يانبىلوگىغا نەزەر سالسىڭىز بولىدۇ. ئادرېسى: http://yardem.yanbilog.com

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى