يانبىلوگ سىستېمىسى رەسمىي ھالدا yanbilog تور نامىنى قوزغاتتى
ۋاقتى: 2016-11-10
ئاۋاتلىقى: 3821 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،
ھەممىمىزگە مەلۇم، يانبىلوگ سىستېمىسى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، بىر مەزگىللىك ئىچكى سىناقلاردىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاخىرى رەسمىي ھالدا yanbilog.cn تور نامىنى قوزغاتتى. بۇنىڭدىن كېيىن بىۋاسىتە ھالدا www.yanbilog.cn دىن كىرىپ تىزىملىتىپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بىز بىر قىسىم ئىچكى سىناققا قاتناشقان تورداشلارنىڭ بۇرۇنقى www.ilqut.cn تور نامىنى ئېسىدە تۇتىۋالغانلىقى سەۋەبلىك، ھازىرچە ئەسلىدىكى www.ilqut.cn تور نامىدىمۇ نورمال زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويدۇق، ئەمما ئاساسلىقى يەنىلا www.yanbilog.cn تور نامىدا پايدىلىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.