يانبىلوگ ياردەم مەركىزى
يانبىلوگ ئىشلىتىش قوللانمىسى

ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
  • 1
  • 2
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

يانبىلوگنىڭ ئەزالار ئارقا سۇپىسى ۋە ئىقتىدارلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش 1-قىسىم: ئىقتىدار تىزىملىكى

يانبىلوگنىڭ ئەزالار ئارقا سۇپىسى ۋە ئىقتىدارلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش 1-قىسىم: ئىقتىدار تىزىملىكى

ۋاقتى: 2016-08-07 ئاۋاتلىقى: 3461 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يانبىلوگ دېگەن بۇ ئۇقۇم بەلكىم كۆپچىلىككە سەل ناتونۇش بولۇشى مۇمكىن، كۆپچىلىك ئىلگىرى بىلوگ، مىكروبىلوگ دەپ ئاڭلىغان، ئەمما يانبىلوگ دەپ ئاڭلاپ باقمىغان. بۇنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق، چۈنكى يانبىلوگ دېگەن بۇ ئۇقۇم ھەقىقەتەن يېڭى ئۇقۇم بولۇپ، بۇ ئۇقۇم ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان ۋە ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىگە كىرگۈزلگەن. ئۇيغۇرسوفتنىڭ ئۈندىدار لۇغىتىگە كىرىپ ئىزدىسىڭىز يانبىلوگ ۋە 粉博 دېگەن ئۇقۇملارنى بايقايسىز. يانبىلوگ ئۇيغۇرچىسى، 粉博 بۇنىڭ خەنزۇچىسىدىن ئىبارەت.
يانبىلوگ سىستېمىسى پۈتۈنلەي ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇرى بويىچە تەتقىق قىلىپ ئېچىپ چىقىلغان بولۇپ، پۈتكۈل يانبىلوگنىڭ قۇرۇلما ۋە ئىقتىدارلىرى شۇنىڭدەك يانبىلوگ تەپەككۇرى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت تەرىپىدىن بىر قوللۇق پىلانلانغان ھەم شۇ بويىچە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان كۆپ كىشىلىك تور خاتىرىسى سىستېمىسىدىن ئىبارەت.
يانبىلوگ ئەڭ يۇقىرى چەكتە قولايلىق بولۇش، ئىقتىدارلىق بولۇش، پاكىز بولۇش، سۈپەتلىك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، «تور دۇنياسىدىكى مەۋجۇتلۇقىڭىز يانبىلوگدا نامايەن بولغۇسى!» دېگەن شۇئار بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان. سىزنىڭ ئۆتكۈر قەلەم تۇلپارىڭىزنىڭ قۇدرىتىنى نامايەن قىلىشتا يانبىلوگ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولۇپ قالغۇسى.
تۆۋەندە كۆپچىلىك ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان يانبىلوگ ئەزالار ئارقا سۇپىسى ۋە ئۇنىڭ ئىقتىدارلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

بۇ يانبىلوگنىڭ ئەڭ ئاساسى قىسمى بولۇپ، يانبىلوگقا كىرگەندىن كېيىن، ئېكراننىڭ ئوڭ يۇقىرى بۈرجىكىدە بۇ رايوننى بايقايسىز. «بېكەت باش بېتى» يانبىلوگنىڭ ئورگان باش بېتىنى كۆرسىتىدۇ. سىز بۇنى چەكسىڭىز http://www.yanbilog.com بېتى ئېچىلىپ، بارلىق يانبىلوگلارنىڭ ئۇلىنىشلىرى ۋە يازمىلىرىدىن بەھرلىنەلەيسىز. قالغانلىرى سىزگە ئائىت قىسىملار بولۇپ، قىسقا ئۇچۇر، باشقۇرۇش مەركىزى ئىقتىدارلار تىزىملىكى، ئارخىپىڭىز قاتارلىقلار تەمىنلەنگەن.

ئابۇنىچىلار مەركىزى بولسا بارلىق ئەزالارغا ئورتاق بولغان يانبىلوگنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئىقتىدارلىرى تىزىملىكىدىن ئىبارەت. (كېيىنكى يازمىمىزدا بارلىق ئىقتىدارلىرى تەپسلىي تونۇشتۇرىلىدۇ) سىز بۇ تىزىملىكلەر ئارقىلىق يانبىلوگنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆزىڭىزگە خاس يانبىلوگ قۇرۇپ چىقىپ، تور دۇنياسىدىكى مەۋجۇتلۇقىڭىزنى تولۇق نامايەن قىلالايسىز.

ئىختىيارى بۆلەكلەر رايونى بولسا بۇ ئەزالىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئەزالار پايدىلىنالايدىغان بۆلەك بولۇپ، بۇ بۆلەكتىكى تىزىملىك سىزنىڭ ئەزالىق دەرىجىڭىزنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇ ئىقتىدارلارمۇ كېيىنكى يازمىمىزدا كونكېرت تونۇشتۇرىلىدۇ.

بېكەت يېڭىلىقلىرى رايونىدا يانبىلوگ ھەققىدە يوللانغان يانبىلوگتىن پايدىلىنىش قوللانما يازمىسى، يانبىلوگ ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشلار، مۇناسىۋەتلىك دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار تەمىنلىنىدۇ. يانبىلوگ يازغۇچى ئەزالار ھەر ۋاقىت بۇ مەزمۇنلارغا دىققەت قىلىپ قويۇشى كېرەك. بۇ رايوندىكى يازمىلار ئادەتتە http://yardem.yanbilog.com غا يوللىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر يانبىلوگ ھەققىدە تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز مۇشۇ يانبىلوگنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقسىڭىز بولىدۇ.

ئابونىچى ئۇچۇرلىرى رايونىدا ئاساسلىقى ئەزالار ئۇچۇرلىرى كۆرسىتىلىدىلغان بولۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى مۇشۇيەردىن كۆرەلەيسىز.

بايانات

ئەگەر يانبىلوگ ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئىلقۇت تېخنىكىسى ئۈندىدار سۇپىسى ilqutbiz ياكى yanbilog قا ئەگىشىۋېلىڭ، ياكى ئورگان يانبىلوگىغا نەزەر سالسىڭىز بولىدۇ. ئادرېسى: http://yardem.yanbilog.com

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى