يانبىلوگ ياردەم مەركىزى
يانبىلوگ ئىشلىتىش قوللانمىسى

ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
  • 1
  • 2
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئالىم ئەھەت يانبىلوگى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

ئالىم ئەھەت يانبىلوگى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

ۋاقتى: 2016-08-09 ئاۋاتلىقى: 2009 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

خوش خەۋەر: ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ يانبىلوگى ئېچىلدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسىنىڭ بىر يىلدىن بېرى جاپالىق ئىزدىنىشى ۋە تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ۋۇجۇدقا چىققان يانبىلوگ سىستېمىسىنىڭ خىزمەتلىرى ئاخىرقى باسقۇچقا كىرىپ، پات ئارىدا تولۇق ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. 
بۇ قېتىم ئىلقۇت يانبىلوگ سىستېمىسىغا بىر قىسىم داڭلىق كىشىلىرىمىزنىڭ ئەسلىدىكى بىلوگىنى يۆتكەش ياكى يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىش خىزمەتلىرى جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ. ھازىر ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ يانبىلوگى ئىلقۇت يانبىلوگ سىستېمىسى ئاساسىدا ئاساسى جەھەتتىن پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ نادىر يازمىلىرىنى پەقەت يانفون ئارقىلىقلا بىمالال كۆرۈپ، ئەڭ يېڭى پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى، ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ نادىر يازمىلىرى، ئانا تىل، ئۇيغۇرچە تىل-يېزىق، ئەڭ يېڭى ئاتالغۇچىلار ئۇچۇرى قاتارلىقلاردىن بىرىنچى ۋاقىتتا ۋاقىپ بولالايسىز. 
ئىلقۇت يانبىلوگ سىستېمىسىنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارلىرى تېخى ئېچىۋېتىلمىدى. بىز داۋاملىق تىرىشىپ، سىستېمىنىڭ سىزنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئىقتىدارلىرىنى پات ئارىدا كەڭ تورداشلارغا تەمىنلەيمىز.
ھازىر ئىلقۇت يانبىلوگ سىستېمىسىدىن ئورۇن ئالغان يانبىلوگلار:
ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ يانبىلوگى: uighursoft.ilqut.cn
دىيابېت كېسەللىكى بىلىملىرى يانبىلوگى: diyabet.cn
شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ يانبىلوگى: lokmanhakim.cn
ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەدنىڭ يانبىلوگى: erturk.ilqut.cn
ئەسقەرجان ئەلسۆيەرنىڭ يانبىلوگى: alsuyar.ilqut.cn
بىلگىلەر يانبىلوگى: bilge.ilqut.cn
دورا ئۇچۇرلىرى ۋە دورا ئىشلىتىش ساۋاتلىرى يانبىلوگى: dorilar.ilqut.cn
مەزى بېزى ساغلاملىقى يانبىلوگى: mazibezi.cn
...
تېخىمۇ كۆپ نادىر يانبىلوگلار داۋاملىق كۆپەيتىلىدۇ.
ئەگەر يانبىلوگ ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئىلقۇت تېخنىكىسى ئۈندىدار سۇپىسى ilqutbiz ياكى yanbilog قا ئەگىشىۋېلىڭ، ياكى ئورگان يانبىلوگىغا نەزەر سالسىڭىز بولىدۇ. ئادرېسى: yanbilog.ilqut.cn 
مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار داۋاملىق ئېلان قىلىنىدۇ.

بايانات

ئەگەر يانبىلوگ ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئىلقۇت تېخنىكىسى ئۈندىدار سۇپىسى ilqutbiz ياكى yanbilog قا ئەگىشىۋېلىڭ، ياكى ئورگان يانبىلوگىغا نەزەر سالسىڭىز بولىدۇ. ئادرېسى: http://yardem.yanbilog.com

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى