يانبىلوگدا نېمىلەرنى قىلالايمىز؟
ۋاقتى: 2016-08-08
ئاۋاتلىقى: 2074 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
يانبىلوگ سىستېمىسى بۈگۈنكى كۈندىكى ئۆزتاراتقۇ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، مەخسۇس يانفونغا ماسلاشتۇرۇلۇپ ئېچىپ چىقىلغان يېڭى شەيئى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆپ خىل ئېھتىياجنى قاندۇرىدىغان ئىقتىدارلارنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان.
يانبىلوگدا شەخسلەر، تور يازارمەنلىرى، يازغۇچىلار ئۆزىنىڭ يازمىلىرىنى ئېلان قىلىپ، يانفون ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تورداشلىرى بىلەن ھەمبەھرلەنسە، يەنە بىر قىسىم رەسىمچىلىكنى ياقتۇرىدىغانلار ئۆزگىچە ئالبۇم قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئېسىل رەسىملىرىنى يانبىلوگ ئالبۇمى سۈپىتىدە باشقىلار بىلەن ھەمبەھرلىنەلەيدۇ. ناخشىچىلار ئۆزىنىڭ نادىر ناخشىلىرىنى، ۋىدىئولىرىنى يانبىلوگقا چىقىرىپ، قولاي ھالدا باشقىلار بىلەن ھەمبەھرلىنەلەيدۇ. قىسقىسى مەزكۇر يانبىلوگ سىستېمىسى تامامەن ئۆز تەپەككۇرىمىزغا ئاساسەن لايىھەلەنگەن بولغاچقا، كېيىنچە ئېھتىياجغا ئاساسەن ھەر قانداق ئىشلارنى قىلغىلى بولۇشى مۇمكىن.

شىركەتلەر مەزكۇر يانبىلوگ سىستېمىسىنىڭ بارلىق ئىقتىدارلىرىنى ئېچىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭدا مەھسۇلات بازار تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارالايدۇ، بۇنداق بولغاندا ئىلگىرى ناھايىتى كۆپ مەبلەغ، ئادەم كۈچى، زېھىن كۈچ بىلەن بازار تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولسا، ھازىر يانبىلوگ سىستېمىسى ئارقىلىقلا ناھايىتى قولايلىق ھالدا ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا بازار تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەننەرخى، ئادەم كۈچى، زېھىن كۈچ زور دەرىجىدە تىجىلىپ قېلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۈنۈمى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ.
يانبىلوگ شىركەتلەرنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىشنى تۈپ مىزان قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، شىركەتلەر مەزكۇر يانبىلوگ سىستېمىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شىركەت مىكرو تور بېكىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، شىركەتنىڭ تور بېكىتى بولماسلىق ياكى شىركەت تور بېكىتىنىڭ ئورگان يانفون بېكىتى بولماسلىقتەك ئەھۋاللارغا تولۇق خاتىمە بېرەلەيدۇ.
يانبىلوگ سىستېمىسىنىڭ يازما يوللاش، ئالبۇم قۇرۇش، ناخشا يوللاش، ۋىدىئو يوللاش، زېھىن سىناش تېمىلىرى يوللاش، بازار تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش... قاتارلىق ئىقتىدارلىرى شىركەتلەرنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، شىركەتلەر ئۆزىنىڭ خاسلىققا ئىگە مىكرو تور بېكەتلىرىنى قۇرۇپ چىقالايدۇ.
يانبىلوگ سىستېمىسى كۈچلۈك بولغان خاسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ياكى مۇلازىمىتىنى تەمىنلەيدىغان بولۇپ، ئەگەر مۇستەققىل تور نامىڭىز بولسا مۇستەققىل تور نامىدا مىكرو بېكەت قۇرۇپ چىقالايسىز، مەسىلەن: دىيابېت ساۋاتلىرى يانبىلوگى: www.diyabet.cn ياكى شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى: www.lokmanhakim.cn (ئەلۋەتتە، مۇستەققىل تور نامىڭىزنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، تور نامىڭىز چوقۇم ئالى يۈن مۇلازىمېتىرىغا ئەنگە ئېلىنغان بولۇشى كېرەك.) ياكى ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نامىدا مىكرو بېكەت قۇرۇپ چىقىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: دورا ئىشلىتىش ساۋاتلىرى يانبىلوگى: dorilar.ilqut.cn ياكى ئالىم ئەھەت بىلگىلەر يانبىلوگى: bilge.ilqut.cn
ئەلۋەتتە، يانبىلوگ سىستېمىسى يەنە ھەقلىق يۇسۇندا خۇسۇسىي ئۇسلۇب ياساپ بېرىش مۇلازىمىتى تەمىنلەيدۇ. ئەگەر سىز سىستېمىدا تەمىنلەنگەن ئۇسلۇبلارنى ياقتۇرمىسىڭىز ئۆزىڭىزگە خاس ئۇسلۇب لايىھەسىنى تەمىنلەپ بەرسىڭىز، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى سىزگە تەلىپىڭىز بويىچە ئۇسلۇب ياساپ بېرىدۇ.