يانبىلوگ ياردەم مەركىزى
يانبىلوگ ئىشلىتىش قوللانمىسى

ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
  • 1
  • 2
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

كىملەر يانبىلوگ قۇرالايدۇ؟

كىملەر يانبىلوگ قۇرالايدۇ؟

ۋاقتى: 2016-11-09 ئاۋاتلىقى: 1739 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يانبىلوگ سىستېمىسى كۆپ كىشىلىك سىستېما بولۇپ، پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ يانبىلوگىنى قۇرۇپ چىقالايدۇ. ئەمما ئالدىنقى شەرتى يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق شەكىلدىكى بارلىق مەزمۇنلار چوقۇم قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان بولۇشى، دۆلەت ۋە يەرلىك قانۇن-سىياسەتلەرنىڭ روھىغا زىت بولمىغان بولۇشى، يوللانغان مەزمۇنلار ساغلام بولغان بولۇشى كېرەك. 

ئۆزتاراتقۇچىلار يانبىلوگدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ساھەسىدىكى يېڭىلىقلار، ئۆزىنىڭ ھەر خىل تەپەككۇر مېۋىلىنى يوللاش ئارقىلىق ساغلام تور مۇھىتىدا ئانا تىلدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئومۇملىشىشىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ، باشقىلار بىلەن بىلىم، تەپەككۇر، ئىزدىنىش، يېڭىلىق جەھەتتىكى ئۇچۇرلارنى ھەمبەھرلەنسە بولىدۇ.

يانبىلوگ سىستېمىمىز گەرچە بىر يىلدىن بىرى ئىزچىل تەتقىق قىلىپ ئېچىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر سىستېمىنىڭ بەزى ئىقتىدارلىرى تېخى تولۇق پۈتمىدى شۇ سەۋەبتىن سىناق مەزگىلىدە بىر قىسىم مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئىشلىتىش ياكى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ھەر قانداق مەسىلىگە يولۇقسىڭىز yanbilog@126.com غا مەسىلە ئىنكاس قىلسىڭىز بولىدۇ. بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز.

يانبىلوگ ھازىرچە تەكلىپ قىلىش ئۇسۇلىدا تەمىنلىنىدىغان بولۇپ، بىر قىسىم تېخنىكلارنىڭ يانبىلوگنى سىناشقا قاتنىشىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى بايقاپ، سىستېمىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشۇنى ئۈمىد قىلىمىز. 
يانبىلوگقا تىزىملىتىش ئېغىزى: www.yanbilog.cn بولۇپ، تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن، yanbilog@126.com ئېلخېتىگە ئېلخەت يوللاپ، يانبىلوگىڭىزنى قوزغىتىۋالسىڭىز بولىدۇ. 
سىناق مەزگىلىدە سىناققا قاتناشقۇچىلارغا يانبىلوگنىڭ بارلىق ئىقتىدارلىرى تولۇق ئېچىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا كەڭ تېخنىكلارنىڭ ئاكتىپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بايانات

ئەگەر يانبىلوگ ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئىلقۇت تېخنىكىسى ئۈندىدار سۇپىسى ilqutbiz ياكى yanbilog قا ئەگىشىۋېلىڭ، ياكى ئورگان يانبىلوگىغا نەزەر سالسىڭىز بولىدۇ. ئادرېسى: http://yardem.yanbilog.com

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى