يانبىلوگنىڭ ئىقتىدارلىرىدىن قانداق پايلىنىمەن؟
ۋاقتى: 2016-11-10
ئاۋاتلىقى: 1414 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
يانبىلوگ سىستېمىسى ئۆزىگە نۇرغۇن ئالاھىدە ئىقتىدارلارنى مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، ئەزالىق دەرىجىسى ھازىر ۋاقتىنچە 10 دەرىجىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، دەسلەپ تىزىملاتقاندا ئەزالىق دەرىجىڭىز «ئۇيقۇدىكى ئەزا» دەرىجىسى بولۇپ، ئۇيقۇدىكى ئەزا دەرىجىسىدە ئەڭ ئاساسىي ئىقتىدارلاردىن يازما يوللاش، ناخشا يوللاش، فىلىم يوللاش، يانبىلوگنى خاسلاشتۇرۇش، ئۈندىدار سالونىغا ئۇلاش، ئۈندىدار سالونىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايسىز.
ئۇيقۇدىكى ئەزا دەرىجىسىنىڭ يانبىلوگنى ئىختىيارى خاسلاشتۇرۇش ھوقۇقى ئاساسەن يوق بولۇپ، ئەگەر خاسلاشتۇرماقچى بولسىڭىز، چوقۇم ھەقلىق يۇسۇندا يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈشىڭىز كېرەك.
مەسىلەن: ئۇيقۇدىكى ئەزالار يانبىلوگىغا ئېلان قىستۇرالمايدۇ، لوگو چىقىرالمايدۇ، يازما تىزىملىكى قوشالمايدۇ، بەت ئۇسلۇبى تاللىيالمايدۇ، بۇيرۇتۇپ بەت ئۇسلۇبى ياسىتالمايدۇ، ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نامىنى قوزغىتالمايدۇ، يانبىلوگ ھوقۇق ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، مۇستەققىل تور نامى باغلىيالمايدۇ.
يۇقىرىقى ئىقتىدارلار دەرىجە بويىچە ئېچىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئەزالىق دەرىجىڭىزنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرسىڭىز يۇقىرىقى مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى خالىغىنىڭىزچە قىلىپ، يانبىلوگىڭىزنى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە قىلالايسىز.