يانبىلوگنى قانداق يازىمىز؟ (يانفوندا يازغىلى بولامدۇ؟)
ۋاقتى: 2016-11-09
ئاۋاتلىقى: 2208 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
يانبىلوگ سىستېمىسى قولايلىق بولۇشنى تۈپ مىزان قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، يانبىلوگ يېزىش ئېھتىياجى بار ئۆزتاراتقۇلار كومپيۇتېردا قولاي ھالدا يېزىپ، ئاندىن يانفوندا باشقىلار بىلەن ھەمبەھرلىنىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.
يانبىلوگنى يانفوندا يېزىش ئىشقا ئاشۇرۇلغانمۇ؟

ئىلقۇت يانبىلوگ سىستېمىسى يانفوندا يېزىشنى چەكلىمەيدىغان بولۇپ، ئەگەر يانفونىڭىزدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بولسا، يەنە كېلىپ يانفونىڭىزنىڭ ئېكرانى چوڭراق بولسا (يېزىشتا قىينالمىسىڭىز) تامامەن يانفوندا يازسىڭىز بولىدۇ.
يانفوندا يېزىش ئۈچۈن چوقۇم يانفونىڭىزدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بولغان بولۇشى كېرەك.
ئەمما يانبىلوگ يەنىلا كومپيۇتېردا يېزىشقا بەكرەك قولايلاشتۇرۇلغان. قالغىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.