يانبىلوگ ياردەم مەركىزى
يانبىلوگ ئىشلىتىش قوللانمىسى

ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
  • 1
  • 2
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

يانبىلوگنىڭ قانداق ئەۋزەللىكى بار؟

يانبىلوگنىڭ قانداق ئەۋزەللىكى بار؟

ۋاقتى: 2016-11-06 ئاۋاتلىقى: 3127 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يانبىلوگ مەخسۇس يانفونغا ماسلاشتۇرۇلغان، كۆپ كىشىلىك، كۆپ ئىقتىدارلىق بىلوگ سىستېمىسى بولۇپ، ئۆزتاراتقۇلار كومپيۇتېردا يېزىپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، يانفوندا باشقىلار بىلەن ھەمبەھرلىنىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. 
ھەممىمىز بىلىمىز، بۈگۈنكى كۈندە كۆچمە ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ كۈنسېرى ئومۇملىشىشى ۋە ئەقلىيلىشىشى تۇرمۇشىمىزدا ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان بىر خىل ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى. 

كىشىلەر ئىلگىرى كومپيۇتېردا بىلوگ يېزىپ ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرى، ئىلغار ئىدىيەلىرى، تەپەككۇر مېۋىلىرى، يېڭىلىق ئۇچۇرلىرىنى باشقىلار بىلەن ھەمبەھرلەنگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا كۆپ ئولتۇرمايدىغان، ھەممىنى ئالقىنىدىكى ئاشۇ يانفوندىلا بىر تەرەپ قىلىدىغان بولۇپ كەتتى. شۇڭا كومپيۇتېردا بىلوگ يازسا كۆرىدىغان ئادەم بولماسلىق سەۋەبىدىن ئۇ يازمىلار بىر بولسا توپا بېسىپ تۇرىدۇ ئاشۇ بىلوگدا ياكى بىر بولسا جاپاكەش ئۈندىدار باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ «تۆھپىسى» بىلەن مەزكۇر يازما ئۈندىدارنى ۋاسىتە قىلىپ ئاندىن باشقىلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلۇپ، نىسبەتەن يۇقىرى بولغان يازما قىممىتىنى يارىتىدۇ. 
بۇنىڭ بىلەن ئۈندىدار باشقۇرغۇچىلىرى كۆپ ھالدا يازما ئاپتورىنىڭ رۇخسىتىسىز يازما ئىشلىتىدىغان بولغاچقا، تەدرىجىي ھالدا تور يازغۇچىلىرى قورساق كۆپۈكى يۈتۈۋېلىپ، توردا ئەسەر يازمايدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرىۋالىدۇ. چۈنكى يازارمەنگە نىسبەتەن ئۇنىڭ يازغان ئەسىرىنىڭ ئوقۇرمىنى بولماسلىقتىنمۇ ئېغىر ئازاب بولمىسا كېرەك. 
مانا ئەمدى بۇ مەسىلە ھەل بولدى. ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى بىر يىلدىن بىرى جاپالىق ئىزدىنىش، تىرىشىش ئارقىلىق يېڭىچە يانبىلوگ سىستېمىسىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. بۇنىڭ بىلەن ئۆزتاراتقۇلار ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىدا يېزىلغان نادىر ئەسەرلىرىنى ئۆزىنىڭ يانبىلوگىغا يوللاپ، باشقىلار بىلەن ھەمبەھرلىنىپ، ئۆز يازمىسىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. 
يانبىلوگنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، بۇ نۇقتىنى ھەر بىرىمىز چوقۇم ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك. چوقۇم ھەممىمىز قولىمىزدىن كېلىشىچە يېزىپ تۇرۇشىمىز، يېزىش ئارقىلىق تور ساھەسىدىكى ئانا تىل يېزىقتىكى ئۇچۇرلارنى موللاشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇرىنى تاۋلاپ تۇرۇشىمىز كېرەك. 
يانبىلوگنىڭ كۆرۈلۈش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى باشقا بېكەتلەردىن پەۋقۇلئاددە يۇقىرى.

يانبىلوگنىڭ زىيارەت قىلىنىش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى كومپيۇتېر نۇسخىدىكى ھەر قانداق بېكەتتىن يۇقىرى بولىدۇ. 

ئۇنىڭدىن باشقا ئەگەر سىز ناھايىتى ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرسىڭىز، ھەمىشە باشقىلار ياقتۇرىدىغان يازمىلارنى يېزىپ كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىسىڭىز، كېيىنچە يانبىلوگىڭىزنىڭ تەسىرى ئاشقاندىن كېيىن، يانبىلوگىڭىزنى كۆرىدىغانلار كۆپەيگەندە يانبىلوگىڭىزغا مۇۋاپىق مىقداردا ئېلان قويۇپ، بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىق ھالدا كىرىم قىلىش مەقسىتىگىمۇ يېتەلەيسىز.

بايانات

ئەگەر يانبىلوگ ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئىلقۇت تېخنىكىسى ئۈندىدار سۇپىسى ilqutbiz ياكى yanbilog قا ئەگىشىۋېلىڭ، ياكى ئورگان يانبىلوگىغا نەزەر سالسىڭىز بولىدۇ. ئادرېسى: http://yardem.yanbilog.com

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى