يانبىلوگ يېزىش ئۈچۈن بوشلۇق سېتىۋېلىشىم كېرەكمۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-16
ئاۋاتلىقى: 1221 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىلقۇت يانبىلوگ سىستېمىسى كۆپ كىشىلىك، كۆپ ئىقتىدارنى ئۆزىنى مۇجەسسەملىگەن سىستېما بولۇپ، يانبىلوگ يېزىش ئۈچۈن ئىشلەتكۈچى ئايرىم بوشلۇق سېتىۋېلىشى ھاجەتسىز.
ئەگەر ئىشلەتكۈچى مۇستەققىل تور نامىدا يانبىلوگ يازماقچى بولسا چوقۇم تور نامى ئالى بۇلۇت (阿里云) مۇلازىمېتىرىغا ئەنگە ئېلىنغان بولۇشى كېرەك. ئەگەر مۇستەققىل تور نامى بولمىسا ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نامىنى ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

يانبىلوگ سىستېمىسىدا ئىككىنچى دەرىجىلىك ياكى مۇستەققىل تور نامى ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم ئەزالىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
ئەگەر ئەزالىق دەرىجىسى يېتەرلىك يۇقىرى بولۇپ، مۇستەققىل تور نامى باغلانسا، يەنە بىلوگ تېخنىكىلىق ئۇچۇرلىرى ئۆزگەرتىلسە، قارىماققا سىزنىڭ يانبىلوگىڭىز ئىلقۇت بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرۈنىدۇ. يەنى باشقىلار يانبىلوگىڭىزنى مۇستەققىل بىلوگ ئوخشايدۇ دەپ ھېس قىلىدۇ.
ئىلقۇت يانبىلوگ سىستېمىسىنىڭ ئۇيقۇدىكى ئەزا دەرىجىسىدىن باشقا دەرىجىلەر ھەممىسى ھەق تۆلەپ ئېچىلىدۇ. تېخنىكىلىق قوغداش، ئاسراش ئىشلىرىغا ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى مەسئۇل بولىدۇ. سىز يانبىلوگىڭىزنى ياخشى يېزىشقىلا كۈچىسىڭىز بولىدۇ.