يانبىلوگ ياردەم مەركىزى
يانبىلوگ ئىشلىتىش قوللانمىسى

ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
  • 1
  • 2
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

مەزمۇننى بىۋاسىتە ئۈندىدارغا يوللىغان ئەۋزەلمۇ ياكى يانبىلوگقىمۇ؟

مەزمۇننى بىۋاسىتە ئۈندىدارغا يوللىغان ئەۋزەلمۇ ياكى يانبىلوگقىمۇ؟

ۋاقتى: 2016-08-15 ئاۋاتلىقى: 2060 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئادەتتە كۆپ قىسىم ئۈندىدار باشقۇرغۇچىلار مەزمۇننى بىۋاسىتە ئۈندىدارغا يوللايدۇ، يوللاش ئۇسۇلى ئاساسەن ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى رەسىم شەكلىدە يوللاش، يەنە بىرى بولسا بىۋاسىتە خەتنى چاپلاپلا يوللاش. 
رەسىم شەكلىدە يوللاشنىڭ ئەۋزەللىكى: ھەر قانداق يانفوندا ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈنىدۇ. 
رەسىم شەكلىدە يوللاشنىڭ كەمچلىكى: مەزمۇننى رەسىم شەكلىگە ئايلاندۇرغاندا، رەسىم شەكلىگە ئايلاندۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبلىك رەسىمنىڭ سىغىمى ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى مەۋجۇد بولغاچقا، ئوقۇرمەننىڭ يانفون تور ئېقىمىنى زىيادە خورىتىۋېتىدۇ. دېمەك، بۇ خىل ئۇسۇلدا ئوقۇرمەن زىيادە چىقىمدار بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.
بىۋاسىتە يېزىق شەكلىدە يوللاشنىڭ ئەۋزەللىكى: بىۋاسىتە يېزىق شەكلىدە يوللىغاندا يانفون تور ئېقىم سەرپىياتى ئەڭ تۆۋەن بولىدۇ.
بىۋاسىتە يېزىق شەكلىدە يوللاشنىڭ كەمچىلىكى: بىر قىسىم خەت نۇسخىسى قاچىلىمىغان ياكى نەشرى تۆۋەن يانفونلار شۇنىڭدەك بىر قىسىم سۈپەتسىز (杂牌) يانفونلاردا ئۇيغۇرچە خەت نورمال كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن.

خوش، ئۇنداق بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟
ھازىرچە ئەڭ ياخشى ئۇسۇل يەنىلا يانبىلوگقا يوللاش. 
ئۈندىدارنىڭ مەزمۇن ئامبىرىغا يوللاشنىڭ يېتەرسىزلىكى: ئەگەر مەزمۇنلار بىۋاسىتە ئۈندىدارنىڭ ئامبىرىغا يوللانغاندا، بۇ تىلىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن پايدىسىز. نېمە ئۈچۈن ئۇنداق دەيسەن دېگەندە، ئۈندىدارنىڭ ئامبىرىغا يوللانغان مەزمۇنلار بېكىنمە (پەقەت ئۈندىدارنىڭ ئىچىدىلا) ساقلىنىدىغان، سىرتقا ئاشكارىلانمايدىغان بولغاچقا، ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورلىرى مەزمۇننى ئىزدەپ تاپالمايدۇ. يەنە كېلىپ، تېڭشۈندىن ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرچە ئۈندىدار ئامبىرىنى بىسوراق تازىلىۋېتىش خەۋپى كېلىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا، مىڭبىر جاپادا يېزىپ قالدۇرغان يازمىلىرىمىز ئارخىپ ساقلانماي قېلىشى، بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ ئىزدەپ تېپىشى مۇمكىن بولماسلىقى، ئەڭ مۇھىمى يازمىلارنى كېيىنكى كۈنلەردە قايتا ئىزدەپ تېپىپ ئۇنىڭ قايتا-قايتا پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىمىزغا پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن.
شۇڭا، ئەگەر يازغان مەزمۇننى يانبىلوگقا بىۋاسىتە يوللىغاندا، يانبىلوگ سىستېمىمىزدا ئۇيغۇرچە يېزىقنى ھەر قانداق يانفوندا نورمال كۆرسىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولغاچقا، بىۋاسىتە يېزىق شەكلىدە يوللىغاندا، ئوقۇرمەننىڭ يانفون تور ئېقىمىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە تىجەپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ ئىزدەپ تېپىشىغا قولايلىق بولىدۇ. ماتېرىيال مىقدارى مەلۇم مىقدارغا يەتكەندە، ئىزدەش ماتورىنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارى ئارقىلىق يازمىلارنىڭ قايتا-قايتا پايدىلىنىش قىممىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئانا تىلدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئېنتېرنېتتىكى مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاپ، تىلىمىزنىڭ ساغلام، تېز تەرەققىي قىلىپ، ھازىرقى زامان ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. 
شۇڭا، كەڭ ئۈندىدار باشقۇرغۇچىلىرىغا ۋە شىركەت قۇرغۇچىلىرىغا دەيدىغىنىمىز ۋە تەۋسىيەرىمىز يانبىلوگ ئېچىپ، ئىش ئۈنۈمىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇزاق مۇددەتلىك بولغان ئانا تىلنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى قوغداش ۋە ئانا تىلنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا سەل قارىمىغايسىز.
بايانات

ئەگەر يانبىلوگ ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئىلقۇت تېخنىكىسى ئۈندىدار سۇپىسى ilqutbiz ياكى yanbilog قا ئەگىشىۋېلىڭ، ياكى ئورگان يانبىلوگىغا نەزەر سالسىڭىز بولىدۇ. ئادرېسى: http://yardem.yanbilog.com

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى