يانبىلوگ ياردەم مەركىزى
يانبىلوگ ئىشلىتىش قوللانمىسى

ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
  • 1
  • 2
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

نېمە ئۈچۈن كىشىلەرگە يانبىلوگ يېزىش تەكلىپى بېرىلىدۇ؟ يانبىلوگنىڭ ئەۋزەللىكى

نېمە ئۈچۈن كىشىلەرگە يانبىلوگ يېزىش تەكلىپى بېرىلىدۇ؟ يانبىلوگنىڭ ئەۋزەللىكى

ۋاقتى: 2016-11-08 ئاۋاتلىقى: 2306 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىرىنچى، بۈگۈنكى كۈندە ھەممە كىشى يانبىلوگ (بىلوگ) يېزىشنىڭ ۋاقتى ئۆتتى، ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ يانبىلوگ يېزىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق دەپ ئۆز مۇقامىنى توۋلاۋاتقاندا بولسا، بىر قىسىم شىركەتلەر ۋە قەلەم قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولغان يازغۇچىلارغا نىسبەتەن يانبىلوگ يەنىلا ئەڭ ياخشى بولغان ئىنتېرنېتتا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشنىڭ ئاقىلانە تاللىشى بولالايتتى. يانبىلوگنىڭ شۇئارى: «تور دۇنياسىدىكى مەۋجۇتلۇقىڭىز يانبىلوگدا نامايەن بولغۇسى!» بولۇپ، يانبىلوگنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئۆز ئىدىيەرىمىز ئارقىلىق تەتقىق قىلىپ چىقىلغان سىستېما بولۇپ، كومپيۇتېر ۋە يانفونغا ناھايىتى ياخشى ماسلاشتۇرۇلغان، بۈگۈنكىدەك كۆچمە ئالاقە ۋە كۆچمە ئىنتېرنېت تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان دەۋردە، يانبىلوگدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشى تارىختىكى ھەر قانداق دەۋردىن تېز ھەم ئۈنۈملۈك بولىدۇ (بۇ جەھەتتە بىز ئېرىشكەن ئېنىق سان-سىفىرغا ئاساسەن شۇنداق دېيەلەيمىز)، يانبىلوگنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئەۋزەللىكى ئۇنىڭ ۋىرۇسسىمان تارقىلىشى (病毒式传播)، ئېلان قىلىنغان يازمىلار ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى تېز تارقىلىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.
ئىككىنچىدىن، يانبىلوگنى تارقىتىش ۋە ھەمبەھرلىنىش قولايلىق بولۇپ، ئەگەر يانبىلوگقا پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ئۇچۇرلار يوللانسا، ئۇ ھالدا تورداشلار تەبئىيلا ياخشى ئۇچۇرلارنى ئەتراپىدىكى تونۇش-بىلىشلىرىگە تارقىتىدۇ ياكى ھەمبەھرلەيدۇ. بۇ خىل ئەۋزەللىك ھازىرقى تارقىتىش ۋاسىتىلىرىنىڭ ھېچقاسىسىدا يوق دېيەرلىك. بەلكىم بۇ يەردە تورداشلار ئۈندىدار سالونى بۇنىڭدىن ياخشى دېيىشى مۇمكىن، ئۈندىدار سالونىنى ئەلۋەتتە چەتكە قاقمايمىز، ئەمما ئۇزاق مۇددەتلىكنى كۆزدە تۇتقاندا يانبىلوگ ئۈندىدار سالونىدىن كۆپ ئارتۇقچىلىققا ئىگە. ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتە گەۋدىلىنىدۇ:
(1) يانبىلوگ ئۈندىدار سالونىغا نسىبەتەن ئېيتقانداق تېخىمۇ جانلىقلىققا ئىگە. ئۈندىدار سالونىغا بۇلتۇر ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن يوللانغان مەزمۇنلاردىن قايتا پايدىلىنىشقا توغرا كەلسە بۇ تولىمۇ ئاۋارىچىلىق ياكى ئاساسەن مۇمكىن بولماي قالىدۇ؛ ئەمما يانبىلوگدا بولسا، پۈتكۈل يانبىلوگ سىستېمىسىنىڭ ئىزدەش ماتورى، تەۋسىيەلەش ئىقتىدارى، جەۋھەرلەش ئىقتىدارى، يېڭىلاش ئىقتىدارى قاتارلىق بىر قاتار ئۈندىدار سالونىدا تېخى ھازىرلانمىغان ئىقتىدارلاردىن پايدىلىنىپ، پايدىلىق ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىش قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛
(2) ئۈندىدار سالونىدىكى مەزمۇنلاردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن چوقۇم شۇ ئۈندىدار سالونىغا ئەگىشىش كېرەك. ئەمما كۆپ ئەھۋالدا كىشىلەر ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۈندىدار سالونىغا ئەگىشىشنى رەت قىلىدۇ ياكى بۇنىڭدىن بىزارلىق تۇيغۇسىدا بولىدۇ. ئەمما يانبىلوگ ئوچۇق سىستېما بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭدا ئېلان قىلىنغان يازمىلار ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ھەر قانداق شەخس ياكى ئورۇن پەقەت تور ئادرېسىنى كىرگۈزۈپلا ئۇنىڭدىكى ئۇچۇرلاردىن خالىغانچە پايدىلىنالايدۇ.
(3) يانبىلوگدىكى بىر قىسىم داۋاملىق تەتقىق قىلىپ ئىشقا كىرگۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئىقتىدارلار داۋاملىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى يانبىلوگ ۋە ئۇنىڭغا باغلانغان ئۈندىدار سالونلىرىغا جەلپ قىلىپ، يانبىلوگ يازغۇچىسىغا مەيلى كۆرۈلۈش جەھەتتە بولسۇن ياكى ئۆز ئوقۇرمەنلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش (يانبىلوگنىڭ باھا يېزىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ) جەھەتتە بولسۇن، يانبىلوگ يازغۇچى ۋە ئوقۇرمەن ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈلۈك رول ئويناپ، ئۇلارنى ياخشى پىكىرلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، يانبىلوگ يازغۇچىغا ھەر جەھەتتىن زور ئىلھام ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىدۇ. ئەمما ئۈندىدار سالونىدا بولسا بۇ خىل ئىمكانىيەت ناھايىتى تۆۋەن ياكى يوق دېيەرلىك.
ئۈچىنچى، يانبىلوگ سىستېمىسى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى قارمىقىدىكى 500 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار ئۈندىدار سالونلىرى بىلەن ناھايىتى يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۇسۇلدا بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئادەتتە تېخنىكا ۋە مۇلازىمېتىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ھەر قانداق ئۈندىدار سالونىدىكى جانلىق ئەزالارغا بەلگىلىك ۋاقىتتا بىر قېتىم ئاپتوماتىك ئۇچۇر يوللاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولغاچقا، بىر قىسىم پايدىلىنىش قىممىتى ئالاھىدە يۇقىرى يازمىلارنى ھەر ۋاقىت ئاكتىپ ئۇچۇر ھالىتىگە توغرىلاپ قويۇش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ كۆرۈپ پايدىلىنىشىغا سۇنغىلى بولىدۇ.
تۆتىنچى، يانبىلوگنى ھەر قانداق بىر شەخس ياكى ئورۇن ئۆزىنىڭ ئۈندىدار سالونى بىلەن باغلاپ، پۈتكۈل يانبىلوگ ساندانىدىكى نەچچە يۈز مىڭ پارچە يازما ئارقىلىق ئەگەشكۈچىلىرىنى زور ئۇچۇر مەنبەسى بىلەن تەمىن ئېتىپ، شۇ ئۈندىدار سالونىغا ئەگەشكەن ئەزالارنى ئۇچۇر مەنبەسىنىڭ كەمچىل بولۇشى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيدىلىدىن ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.
بەشىنچى، بىر قىسىم شىركەتلەر ئۆزىنىڭ يانبىلوگىنى قۇرۇپ، شىركەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت تۈرلىرىنى يانبىلوگقا يېزىش ئارقىلىق، ئۆز شىركىتىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا زور ئەۋزەللىك يارىتالايدۇ. ئەگەر بىر قىسىم قەلەم قۇۋۋىتى كۈچلۈك يازغۇچىلار يانبىلوگ يازسا، ئۇنىڭ ئوقۇرمەنلىرى كۆپىيىپ، تەسىر دائىرىسى ئاشقاندىن كېيىن، يانبىلوگ تەمىنلىگەن ئېلان ئىقتىدارى ئارقىلىق يانبىلوگىغا مۇۋاپىق مىقداردا بىر قىسىم شىركەت ياكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئېلانلىرىنى ۋە ياكى ئۆزىنىڭ نەشردىن چىققان كىتابلىرى ياكى باشقا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېلانىنى قويۇش ئارقىلىق ئازتولا ئىقتىسادى كىرىم يارىتالايدۇ. بۇ جەھەتتە ئەڭ بالدۇر بىلوگ يېزىپ ئىقتىسادىي كىرىم ياراتقۇچى ئۈچۈن 80 خالتا بىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسىنى مىسال قىلىشىمىز مۇمكىن. نادىر يازمىلىرى ئارقىلىق يانبىلوگنى ياخشى يېزىپ، كۈچلۈك تەسىرچانلىققا ئىگە بولغاندا، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق دەرىجىدە ئېلان قويۇش مەيلى شۇ يانبىلوگنىڭ سادىق ئوقۇرمەنلىرى بولسۇن ياكى شۇ يانبىلوگنى يېزىۋاتقان جاپاكەش بىلوگىرغا بولسۇن، بەلگىلىك دەرىجىدە ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىشى تامامەن مۇمكىن.
ئالتىنچى، ھازىرقى يانبىلوگنىڭ مەيلى IP بولسۇن ياكى PV بولسۇن نەتىجىسى ھەر ھالدا ئادەمنى خۇرسەن قىلىدۇ. پىلاندا ئۇزاققا بارمىغان كەلگۈسىدە بىز يانبىلوگنىڭ كۈندىلىك IP نى 20 مىڭ ئەتراپىدا كونترول قىلساق (ھازىرقى نەتىجىلەردىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ سانغا يېتىشكە تامامەن ئىشەنچىمىز كامىل) ئۇ ھالدا يانبىلوگنىڭ كۈندىلىك PV سى 80 مىڭدىن 100 مىڭغىچە بولۇشىدا مەسىلە يوق. بۇ خىل ئەھۋالدا يانبىلوگنىڭ تەسىرى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمى شۇنىڭدەك يانبىلوگ يازغۇچىغا ئېلىپ كېلىدىغان مەنپەئەت جەھەتتە يانبىلوگ ھەر قانداق شەخسكە ۋەكىللىك قىلىدىغان تارقىتىش ۋاسىتىسى جەھەتتە مۇتلەق ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدۇ. ھازىر يانبىلوگدىكى بىر قىسىم يازمىلارنىڭ كۆرۈلۈشى 60 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن. ئەرتۈرك يانبىلوگىدىكى بىر قىسىم ئەسەرلەرنىڭ يەككە يازمىدىكى كۆرۈلۈش قېتىم سانى 50 مىڭ قېتىمدىن ھالقىپ كەتتى. بۇ خىل زور كۆرۈلۈش قىممىتى ھەر قانداق بىر يانبىلوگ يازغۇچىغا زور ئىلھام ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا كۈچلۈك بولغان نەتىجە تۇيغۇسى بېرىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا بەلكىم سىزنىڭمۇ ئاشۇنداق نادىر يانبىلوگقا ئىگە بولۇپ قېلىش ئىستىكىڭىز كۈچىيىپ كېتىشى مۇمكىن.
شۇڭا، سۆزىمىزنى يىغىنچاقلىساق، يانبىلوگ يېزىش ھەر قانداق شەخس ۋە ئورۇنغا نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنى مەيلى تارىخ نۇقتىسىدىن چىقىپ ئويلىنايلى ياكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ تەرەققىياتى نۇقتىسىدىن ئويلىنايلى ۋە ياكى ھاياتلىق مەناسىنى جۇلالاندۇرۇپ، ئىنتېرنېت دۇنياسىدا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى نامايەن قىلىش نۇقتىسدىن ئېيتايلى، يانبىلوگ يېزىشنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىگە قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ. سىزنىڭ ھازىردىن باشلاپ يانبىلوگ يېزىپ مېڭىشىڭىز بەلكىم يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە سىزگە ئويلىمىغان مەنپەئەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
بايانات

ئەگەر يانبىلوگ ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئىلقۇت تېخنىكىسى ئۈندىدار سۇپىسى ilqutbiz ياكى yanbilog قا ئەگىشىۋېلىڭ، ياكى ئورگان يانبىلوگىغا نەزەر سالسىڭىز بولىدۇ. ئادرېسى: http://yardem.yanbilog.com

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى