نېمىشقا يازمىغا قىستۇرغان رەسىملىرىم كۆرۈنمەيدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-20
ئاۋاتلىقى: 1386 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بەزى تورداشلار يانبىلوگ يازمىسىغا قىستۇرغان رەسىم كۆرۈنمەسلىك ئەھۋالىنى بايقاپ، نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلەلمىگەن ئەھۋاللار مەۋجۇت بولىۋاتىدۇ.
نورمال ئەھۋالدا يانبىلوگ يازمىسىغا قسىتۇرۇلغان سۈرەتلەر ھەممىسى چىقىدۇ. ئەمما ئەگەر رەسىمنىڭ فورماتى png فورماتىدا بولسا، رەسىم چىقماي قېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا ئەگەر رەسىمنىڭ سىغىمى زىيادە چوڭ بولسىمۇ سىستېما تەرىپىدىن چەكلىنىپ قېلىپ رەسىم چىقىرىش مەغلۇب بولغانلىقتىن، رەسىم كۆرۈمەي قېلىشى مۇمكىن.
شۇڭا تورداشلارغا رەسىم قىستۇرغاندا ئەڭ ياخشىسى jpg فورماتىدىكى رەسىملەرنى ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.