يانبىلوگ ياردەم مەركىزى
يانبىلوگ ئىشلىتىش قوللانمىسى

ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
  • 1
  • 2
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر يانبىلوگى ئېچىلدى

ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر يانبىلوگى ئېچىلدى

ۋاقتى: 2016-08-04 ئاۋاتلىقى: 3433 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يېقىندىن بىرى تور ساھەسىدە يېزىقچىلىق جەھەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغاپ، ئۆزگىچە پىكىر ئۇسلۇبى ۋە تەپەككۇر شەكلى بىلەن تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىۋاتقان، ئىزدىنىشچان، تىرىشچان، تالانتلىق، يېتىلىۋاتقان ياش قەلەم ساھىبى، شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەرنىڭ يانبىلوگى ئېچىلدى. 

ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر يانبىلوگ يازمىلىرىغا شۇنداق بايانات بەرگەن: «مەزكۇر يانبىلوگدا مېنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت جەريانىمدىكى ھەر خىل جەمئىيەت ھادىسىلىرى ۋە ئەتراپىمدا يۈز بەرگەن تۇرمۇش ھادىسىلىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىم، تەپەككۇر ئىدىيەلىرىمدىن يۇغۇرۇلغان يازمىلار يوللىنىدۇ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ يازمىلىرىمغا ئەستايىدىل، سوغۇققان، ئىلمىي مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر». 
دېمەك، ئەسقەرجان ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۇر ئۇسلۇبى ۋە كۆز-قاراشلىرى كەڭ تورداشلار ئارىسىدا بەلگىلىك مۇنازىرە قوزغايدىغانلىقى ئېنىق. 
ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەرنىڭ يانبىلوگ ئادرېسى: http://alsuyar.ilqut.cn/
يانبىلوگ يېڭىچە شەيئى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يانفوندا كۆرۈشكە قولايلىق بولۇشى، يانفوندىلا يازمىلارغا قارىتا باھا يېزىپ، ئوقۇرمەنلەرگە كۆز-قاراشلىرىنى بايان قىلىش پۇرسىتى بەرگەنلىكى، زىيارەت مىقدارىنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولۇشى (ئەسقەرجان ئەلسۆيەرنىڭ «ئاپرېن سىلەرگە ئەلى، ئۈمىد، زىۋىدە...» ناملىق يازمىسى ئېلان قىلىنىپ 12 سائەتكە بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە زىيارەت قىلىنىش ئەھۋالى 3720 قېتىمدىن ئېشىش بىلەن بىرگە يانفون ئابونتچىلىرىنىڭ قىزغىن پىكىر بايان قىلىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ، ئالاھىدە ياخشى ئۈنۈم ياراتتى. بۇ خىل يۇقىرى ئۈمىدنى بىلوگ، مۇنبەر ۋە ياكى باشقا شەكىلدىكى يېزىش سۇپىلىرىدا يارىتىش نىسبەتەن قىيىندۇر. ئاپتۇرنىڭ مەزكۇر ماقالىسى گەرچە مۇنبەر يۈزىدە يانبىلوگدىن 10 سائەت ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر يانبىلوگدىكى كۆرۈلۈش ئەھۋالى مۇنبەردىكى كۆرۈلۈش ئەھۋالىنىڭ 2 ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتكەن.) قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كەڭ قەلەم ساھىبلىرىنى ئۆزىگە جەلب قىلدى. 
بىز تالانتلىق، ئىزدىنىشچان ياش ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەرنىڭ تېخىمۇ نادىر يازمىلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، كەڭ قېرىنداشلارنىڭ تەپەككۇر مېۋىلىرىگە بولغان ئېھتىياجىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە قانەتكە ئىگە قىلىشىغا تىلەكداشمىز.
بۇنىڭدىن كېيىن، قەلەم ساھىبلىرى يانبىلوگ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىلغار تەپەككۇرى، ئۆزگىچە پىكىر ئۇسلۇبى، جانلىق يېزىش شەكلى قاتارلىقلارنى يانبىلوگ ئارقىلىق نامايەن قىلىپ، ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق تەپەككۇرىنى تاۋلاش بىلەن بىرگە، ئۆز تەپەككۇر مېۋىلىرىنى كەڭ قېرىنداشلار بىلەن ئەڭ قولايلىق، ئەڭ تېز سۈرئەتتە بەھرلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكۈسى.
بايانات

ئەگەر يانبىلوگ ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئىلقۇت تېخنىكىسى ئۈندىدار سۇپىسى ilqutbiz ياكى yanbilog قا ئەگىشىۋېلىڭ، ياكى ئورگان يانبىلوگىغا نەزەر سالسىڭىز بولىدۇ. ئادرېسى: http://yardem.yanbilog.com

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى