يىلتىز تارىخ يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

نىيە خارابىسى توغرىسىدا

نىيە خارابىسى توغرىسىدا

ۋاقتى: 2015-12-03 ئاۋاتلىقى: 959 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

«نىيە خارابىسى توغرىسىدا»
بۇغدا ئابدۇللا

نىيە خارابىسى تارىختا كادوتا بەگلىكى خارابىسى دەپمۇ ئاتالغان. نىيەشۇناس ئالىم خوجا ئابدۇللا بۇ ھەقتە كۆپ ئىزدەنگەن. ئۇ بۇ خاربىلىقنى يىپتىن - يىڭنىسىغا قەدەر تولۇق بىلىدۇ ھەم بۇ جەھەتتە ئۈزۈكسىز ئىزدىنىپ كەلگەن.


نىيە خارابىسىدە ئولتۇراق ئۆي ئىزلىرى، بۇددا مونارلىرى ئەسىرلەر ئىلگىرى قورۇلۇشلاردىن قىلىپ قالغان قوشام تام، توقۇلما تام قاتارلىقلار ھەمدەپنە بۇيۇملىرىدىن ئەۋۋەل كىپەنلەنگەن كىيىم - كىچەك كىيدۈرۈلگەن مومىيالار ئاياللارنىڭ كىيىملىرى يەكتەك(كالتا)، يوپكا، شىم قاتارلىقلار كىگىز پايپاقلار، رەخىتلەرنىڭ كۆپ قىسمى يىپەك رەخىت، زىننەت بۇيۇملىرىدىن مىس كۆرگۈ بولاق ساقلايدىغان خالتا، يۇمىلاق قۇتىلار، ئەرلەرنىڭ جەسەت كىيىملىرىدىن يۇڭ يىپتا توقۇلغان ئىشتان (خانلىق ۋە تۆۋەن سەۋىيەگە قاراپ دەپنە ئادەتلىرى ۋە كىيىم - كىچەكلەر) شۇنىڭدەك مىس ھالقا، مارجان، ئەينەك، سۆڭەك، قۇلۇلە قېپى قاتارلىقلاردىن ياسالغانلىرىمۇ بار.


تېم خارابسى (ئەندىردە) ئاق قوچقىراق قەدىم قەلئەنىڭ خارابىسىدا دەرۋازىلار پۈتۈنلەي توغراق ياغىچىدا ياسالغان. ئىمارەتلەرنىڭ ئۆگزىسى ياغاچ بىلەن يېپىلغان، بۇ جايدىن ئۈزۈك، زىرە، پاختىرەخت، يۇڭ توقۇلما پارچىلىرى، ئورچۇق، يىك ياغاچ، ئەسۋابلار، قاشتېشى سۇنۇقلىرى مىس ھالقا، دانلىق زىرائەت ئۇرۇقلىرى، توغراق ياغىچىدىن ياسالغان بەك نەپىس قىرىپ ياسالغان قىيما تۆۋرۈك بايقالغان.


نىيە مۇزىيدا تۆت جەسەت بار، ئىككى باش (كاللا، ئىككىسى ئەر، ئىككىسى ئايال) ئايال جەسەتنىڭ قۇلىقىدا مارجان، بوينىدا مارجان بار. كىيىملىرى يىپەكتىن. يەنە بىر بوۋاقنىڭ جەسىتى بار بولۇپ، باش چېچى قىرقىلغان، قىز بولۇشى ئېھتىمال.


نىيە خارابىسىدىن تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى تاۋۇتقا قويۇلغان. تاۋۇتلار بەش - ئالتە خىلغا بۆلۈنىدۇ. بەزىلىرى شالدىن، توغراقتىن(ئويۇپ ياسىغان)، بەزىلىرى توغراق ياغىچىنىڭ ئىككى ئۇچىنى كېسىپ، ئىچىدىكى پورنى ئېلىۋېتىپ، ئاندىن بىر بېشىدىن جەسەتنى كاۋاككا كىرگۈزۈپ، ئىككى بېشىنى سېغىز لاي بىلەن ئەتكەن. بەزىلىرى توغراقنى يېرىپ جەسەتنى ئىچىگە قويۇپ، بىر پۇچۇقنى دۈمكۆپتۈرۈپ قويغان. ئۇلار تاۋۇتقا توپا كىرمەسلىكنى شەرت قىلغان ئىكەن. يەنە بىر خىل ئوقۇر شەكىللىك تاۋۇتلارمۇ چىقىدىكەن.


ستەيىندىن ناھايىتى كۆپ زامانلار كېيىن جوڭگۇ - ياپۇنيە بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئەترىتىدىن ياسۇتاكا كوجىما (شاۋدا كاڭيى) بۇلار 1988-يىلى تۇنجى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، 1990-يىلدىن 1997-يىلغىچە ھەر يىلى 10-ئايدا بىر قېتىمدىن كىرىپ توققۇز قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.


بۇ قارۇشتى يېزىقىنى 1901-يىلى سىتەيىن كېلىپ ئاقتۇرغان ۋاقتىدا يىپقا باغلانغان باغلام - باغلام يېزىقنى كۆپ ئۇچراتقان. دەسلەپتە كەلگەن يىلى ئون ئۆيدە قىزىپ - تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 1959-يىلى ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئارخولوگىيە تەتقىقات ئورنى قۇرۇلغاندىن كېيىن شۇ يىلى 10-ئايدا بىر نەچچە ئادەم كېلىپ دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا بۇلارمۇ خارابە ئۆيلەردە قارۇشتى يېزىقىنى بايقىغان. ئۇندىن كېيىنكى جوڭگۇ - ياپۇنىيە بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئەترىتى 9-قېتىملىق تەكشۈرۈشتە بولسا ئىلگىرى سىتەيىن بايقىغاندەك كۆپ قىسىم نەرسىلەر تېپىلمىغان.

نىيە خارابىسى تاسما شەكىللىك يەر. جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 25 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە 7 كىلومېتىر بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى نىيىلىكلەر ھازىرقى نىيە دەرياسىنى بويلاپ ئولتۇراقلاشقان. ئولتۇراق رايۇننى چۆرىدەپ ئەتراپىغا ئۈجمە كۆچىتى سېلىنغان، كۆل ئىزلىرىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. ئورمانلارنىڭ يېقىلىپ چۈشكەن كۆرۈنۈشىگە قاراپ بۇ سۇ كەلگەن ئېرىق ئىكەن، بۇ كۆل ئىكەن، دەپ ئىنىق بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئارخولۇگلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغىغان بىر نەرسە شۇكى، پەن - تېخنىكا تەرەققىي قىلمىغان 2200 يىل بۇرۇنقى شۇ دەۋردە ئادەملەر ياشىغان نىيە خارابىسىدىكى جەسەتلەرنىڭ خۇددى ھازىرقى ئىسىل مۇزىيلاردا ساقلانغان جەسەتلەردىنمۇ پاكىزىرەك، سۈپەتلىك ساقلىنىپ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلەشىشى پەۋقۇلاددە بىر مۆجىزە ئىكەنلىكىدۇر.


قەبرىستانلىق بايقالسا ئاشۇ يەرنىلا قازغاندا تاۋۇتنىڭ سىرتىدا بىرمۇ جەسەت چىقمايدىكەن. ئەگەر تاۋۇتنىڭ توپا ئىچىگە كىرىپ كەتكەن بولسا بۇ جەسەتنىڭ پەقەت سۆڭىكىلا قالىدىكەن. چىرىپ كەتكەن ئۇستىخانلارنى تېرە، گۆش ... دېگەندەك جەسەتنىڭمۇ كۆك سۇلتان (ئۆرۈكنىڭ بىر خىلى) قۇرۇتۇلسا ئۆرۈكچىسىگە چاپلىشىپ قالغانغا ئوخشاش، سۆڭەككە تېرە چاپلىشىپلا قالىدىكەن. ئارخىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتە ئاتقا سامان بېرىدىغان ئۇلاقتەك ئۇلاقنىڭ ئىچىدىن بىرلا ۋاقىتتا يەتتە جەسەتنىڭ چىققانلىقى بايقالغان.


1997-يىلى بىر جەمەت قەبرىسى ئىچىدىن يەتتە جەسەت چىققان بولۇپ، تۆتىنىڭ كاللىسى شەرق تەرەپكە، ئۈچىنىڭ كاللىسى غەرب تەرەپكە قارىتىپ قويۇلغان ئىكەن. ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار تاۋۇتنىڭ ئىچىگە توپا كىرىپ كەتمەسلىكنى ئاساس قىلىدىكەن. شۇڭا تاۋۇتنىڭ چۆرىسىدىكى يېرىقلارنى سېغىز بىلەن ساماننى ئارىلاشتۇرۇپ، لاي ئېتىپ ئېتىۋىتىدىكەن.

جەسەتلەرنىڭ كىيىم - كىچەكلىرىدە قىزىل رەڭلىكلەر كۆپرەك چىلىقىدىكەن، ئالا - چىپارلىرىمۇ چىقىدىكەن. بۇ ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ ئايرىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ كىيىم - كىچەكلىرىگە قاراپ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى پەرەز قىلىۋالغىلى بولىدۇ. قەبرىلەردىن ئالتۇن ياپراقچىلىرى بايقالغان. ئەر - ئاياللارنىڭ بارمىقىغا سالىدىغان ئۈزۈكلىرى مىستىن ياسالغان ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتلاردىمۇ قىز - ئاياللارنىڭ قۇلىقىنى تېشىدىغان ئادەت بولاتتىكەن. زىبۇ - زىننەتكە ئاياللار ھىقىق ئىشلىتىدىكەن. ئۇلارنىڭ چاچلىرى ئۇزۇن بولۇدىكەن، يۆگىمە چاچ، كالتا چاچمۇ بولۇدىكەن، يىلىم چاپاتتىكەن.

جەسەت قويۇلغان قەبىلەردىن ئۆچكە - قويلارنىڭ كاللىلىرى چىقىدىكەن.
ئۇلار تائام مەدەنىيىتى جەھەتتە ئۇۋاق ئۈزۈم، ياڭاق قاتارلىقلارنى قوشۇپ سوقماق ئېتىپ يىگەن. يەنە جىگدىنى قاينىتىپ، كەندىر، زاراڭزانىڭ مايلىرىنى چىقىرىپ، قورۇپ، سوقۇپ، ئۆزئارا ئارىلاشتۇۇرپ ئاندىن جىگدىىنى قوشۇپ كاللەكلەپ يىگەن ئىكەن، بۇ خىل غىزا مۇژمىلاق دېيىلەتتىكەن.


ئەينى ۋاقىتتا بۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ ئېتىز بەرپا قىلىپ، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇنلانغانلىىقىمۇ كىشىنى شۇ قەدەر سۆيۈندۈرىدۇ. ئاشلىق بىر گەپ، ئاشلىقنى تىرىش بىر گەپ، يىغىۋىلىنغان ئاشلىقنى ساقلاش تېخىمۇ مۇھىم بىر ئىش، ھازىرقى نىيە خارابىسىدىكى كۆۋرۈك ئەتراپىغا ئولتۇراقلاشقان ئاھاللەرنىڭ دېھقانچىلىق قىلغان ئېتىزلىرى بار بولغان. چۈنكى بۇ يەردە ئەينى ۋاقىتتا زاپاس ئاشلىقلارنى ھازىرقىدەك تاغارغا قاچىلىماي، يەرنى كولاپ، يۇمىلاق قىلىپ، چۆرىسىگە سامان، قۇمۇش قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇۇرپ، كاتەك ياساپ يېغىۋىلىنغان ئاشلىقنى شۇ كاتەككە كۆمۈپ، ئۈستىنى توپا بىلەن يېپىپ ئاستا - ئاستس ئېھتىياجىغا تۇشلۇق بىر تەرەپتىن كولاپ ئىشلەتكەن. بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە بىر قەبرە ئىچىدىكى يوتقاندىن قەغەزگە يېزىلغان ھۆججەت ماتېرىياللار تېپىلغان. بۇ يەردە 2000 يىل بۇرۇنمۇ ئادەملەر قەغەزنى كەشىپ قىلغان ياكى قەغەزنى بىلگەن ۋە تەدىرىجى ئىشلەتكەن دېگەننى چۈشەنگىلى بولىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە خوتەن رايۇنى قەغەز دىيارى ئىكەنلىكىنىڭ مۇھىم دەلىلى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ تۇپراقتا ئەينى ۋاقىتتا مەكتەپلەر بولغا
نلىقىنىمۇ قىياس قىلىۋېلىش تەس ئەمەس.


نىيە خارابىسىدىن ساپال - كوزا پىشۇرغان خۇمدان بايقالغان. شۇنىڭدىن قارىغاندا ئاشلىق چىڭقاپ، سۇ توشۇيدىغان بىردىنبىر تۇرمۇش بۇيۇمى مۇشۇ ساپال - كوزىلار بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ھەرقانداق بىر قەبرىنى ئاچسا بىردىن ساپال كومزەك ، بىردىن كاللا (ئادەم بېشى) چىققان.


تەكلىماكان بويلىرى ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، بىراق ئۇلار تارىختىن ئىلگىرىكى زامانلاردىن ئاساسەن بىخەۋەر. نىيە خارابىسى بۇ دۇنياغا تونۇلۇپ قالغان بىر خارابىلىك. تەكلىماكا قۇملىرى يەنە بىز بىلمەيدىغان قانچە شەھەر، تىلسىم، خارابىلەرنى باغرىغا بېسىپ يېتىپتۇ. تەرەققىيات ۋايران قىلىۋېتىش بولۇپ قالسا بولمايدۇ. دۇنيادىكى مىللەتلەر ،ئادەملەر ئۆزىنى بىلىشى، چۈشىنىشى، تەتقىق قىلىشى تولىمۇ مۇھىم. بۇ نۇقتىدا بىز پەقەت قۇملۇقلارغىلا مۇراجىئەت قىلالايمىز. قۇملۇقلار سۆزلىمەيدۇ، لېكىن قۇملۇقلارنىڭ تەكتىدىكى تىلسىماتلار بىزدىن دىدار كۆرسىتىشنى، سۆزلەشنى ۋە بۇنىڭا ئەڭ ياخشى بىر مۇنبەرنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.

مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 9750-سانىدىن ئېلىندى

بايانات

تارىخ ئۆگىنىپ ئەسلىمىزنى ئونۇتمايلى!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى