يىلتىز تارىخ يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

باشلىق كەلدىمۇ ؟

باشلىق كەلدىمۇ ؟

ۋاقتى: 2015-12-16 ئاۋاتلىقى: 984 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

باشلىق كەلدىمۇ ؟

باشلىق كىلىدۇ دىگەن ناخشىنى ھەر قىتىم ئاڭلىسام تەگسىز خىياللارغا چۈمىمەن . بەلكىم بۇ ناخشىنىڭ مەزمۇنى بىلەن مىنىڭ يىلىتىزىمدا مەن ھىس قىلىپ يەتمىگەن بىر باشلىنىش باردۇ . يىلتىز دىمەكچى بولغىنىم مەن ئاشۇ ناخشىدا چىققان توپىلىق يوللاردا مىڭىپ چوڭ بولدۇم . باللىغىم سەھرادا ئۆتتى . سەھرادا يالاڭئاياق مىڭىپ ئادەتلەنگەچكە تۈنجى قىتىم شەھەرگە كىرىپ قىزىق ئاپتاپتا يۇمشاپ كەتكەن ئاسفالىتنىڭ ھەر قەدەم ئالسام پۇتلىرىمغا چاپلىشىپ چىقارغان ئاۋازىنى ۋە قەلبىمدە قالدۇرغان تەسىرىنى ئۇنتالمىغاندەك يەنە مەن ئۇنتالمايدىغان نۇرغۇن نەرسىلەر بۇ ناخشىنىڭ ھەر بىر مىسراسىغا جەملەنگەن . ناخشىنىڭ ھەر مىسراسىنىڭ ئاخىرىدا باشلىق كىلىدۇ دىگەن بىر مىېسرا بار . ئادەمنى ئويغا سالىدىغىنى ئۇلارنىڭ كىلىدىغىنى ئەمەس . باشلىق مەھەللىگە كىلىپ نىمە ئىش قىلماقچى ؟ ئۇلار بىرەر ئىشنى ھەل قىلغىلى كىلەمدۇ ياكى زادى نىمە ئىش قىلماقچى دىگەن ئويغا كىلىمىز .
باشلىقلار ھەممىنى بىلىدۇ . ھەر بىر كەنىتنىڭ ئەڭ ئىنچىكە ئىشلىرىنى ئۇلار كەلمەي تۇرۇپمۇ بىلىدۇ . نەنىڭ سۇ قىينچىلىغى بار . نەنىڭ تۇپىرىغى ياخشى . قايسى كەنىتنىڭ ھوسۇلى ياخشى . قايسى يەرنىڭ نامرات . قايسى كەنىتنىڭ تەرەققى قىلىش ئىمكانىيىتى بار قايسىنىڭ يوق. قايسى كەنىتنىڭ تەرەققىياتى تىز ياكى ئاستا بۇلارنى ھەممە يىزا باشلىقلىرى بىلىدۇ . چۈنكى ھەپتىدە كەنىت باشلىقلىرىغا يىغىن ئاچىدىغانلار كەنىت كادىرلىرىنىڭ ئۆزىگە قىلغان خىزمەت خۇلاسسىدىن شۇ كەنىتنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدۇ . لىكىن ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ مەھەللىگە بارىدۇ . بىرىشتىكى مەخسەت مۇددىئا ھەرگىزمۇ ئۆزىگە يىغلىغان بىرەر دىھقاننىڭ ھالىغا يىتىش ئۈچۈن ئەمەس . بىرەر ئىنساننىڭ دەردىگە دەرمان بۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئەمەس . يىزا ئىگلىك ئىشلىرىدىكى مەلۇم يۇكسىلىش ياكى تەرەققىيات ( ئەمەليەتتە نەدىمۇ تەرەققىيات دىگەن گەپتىن ئىغىز ئاچقىلى بولسۇن ) ئەھۋالىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئەمەس پەقەت مەلۇم بىر شەكىلنىڭ تۈرىتكسىدە مەھەللىگە بىرىش ئۈچۈن بارىدۇ . بىز ئۇلارنىڭ باشتا يىزىلىق ھۈكۈمەتتىن يىغىلىپ ماڭغان ھالىتنى تەسەۋۋۇر قىلايلى . ئۇلارنىڭ چىرايلىق ئىسمى «باھالاش » بۇلۇپ كۈن چىقىشتىن بۇرۇن ھەر بىر كەنىتنىڭ شاپ بۇرۇت . تاز بىشىغا مايلىشىپ كەتكەن شەپىكىلىرىنى چىڭ چۈكۈرۈپ كىيۋىلىشقان ، تۇرىقى سەت لىكىن مەھەللىسدە ھەممىلا ئادەم ئەيمىنىدىغان چوقۇر يۇزلۇك سىكىرىتارلىرى سىمىز ئات قوشۇلغان ھارۋىلارغا چىقىپ كىلىشىدۇ ( بۇ مەن كۆرگەن ئىشلار . ھازىر نىمىدە بارىدۇ بىلمەيمەن ) ئاندىن كىين ھەيۋەتلىك بىر قوشۇن بۇلۇپ شەكىللەنگەندىن كىين ھەر كۈنى ئىككى كەنىتكە بارىدۇ . ئۇلارنىڭ ھەر كۇنى نىمىشقا ئاران ئىككىلا كەنىتكە بىرىشقا ۋاختى يىتىدىغانلىغىنى ھەرگىزمۇ ئەستايىدىللىق ياكى خىزمەت پوزىتسيىسى ئالاھىدە ياخشى ئىكەن دەپ ئالدىنىپ قالماڭ . ئۇلار سەھەردە ماڭسا كۈن چۈشتە بىر كەنىتكە يىتىپ بارىدۇ . ئۇ يەردە تاماق يىيشى كىرەك . بىر ئادەم بىر كۈندە پەقەت ئۈچ قىتىملا تاماق يىشىكە يارالغانلىغى ئۈچۈن ئىككى قىتىملىق تاماق پۇرسىتى ئۇلارنى ئەنە شۇنداق بىر كۇندە ئىككى كەنىتكە بىرىشقا مەجبۇر بولغان . ئاشقازان تۆت قىتىملىق . بەش قىتىمىلق تاماققا بەرداشلىق بىرەلىسە ئىدى ئۇلار چوقۇم بەش ياكى ئالتە كەنىتكە بىرىش ئىمكانيىتىنى يارىتالايتتى . ئۇلار ھەيۋەتلىك يىزا بازىرىدىن ئاتلىرىنى بەسلەشكە سىلىپ تاقىرىلىتىپ ماڭغاندىن كىين يىزىغا يانداش كەنىتلەردىكى دىھقانلار چوڭ يولدا ماڭماي چىغىر يولدا مىڭىشقا مەجبۇر بۇلىدۇ . بەزى دىھقانلار ھەيۋەتلىك بۇ قوشۇننىڭ ھەيىۋىتىنى ئىتىزدا تۇرۇپ دوڭغۇيۇپ تاماششا قىلغاندىن كىين ئۇلارنىڭ سايىسى يوق بولغاندىن كىين ئاندىن ھورۇنلۇق بىلەن ئىشلەشكە باشلايدۇ . ئۇلار مىھىرى شەپقەت يەتكۇزگىلى ياكى بىرەسىنىڭ ھالىغا يەتكىلى ئەمەس بەلكى دىھقانلارغا ھاقارەت ياغدۇرغىلى . ئۇلارنىڭ پىيىنى قىرقىلىغى . جەرىمانە قويغىلى . بىرەر كەنىتنىڭ باشلىغىنىڭ ھوقۇقنى ئىلىۋىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شانۇ شەۋكىتىنى نامايەن قىلغىلى بارىدۇ. شۇڭا بارلىق خەلىق باشلىق كىلىدىكەن دىسە ياۋا توڭگۈز توپى كىلدىكەن دىسە ئەيمەنمەستىن ئارسىنى ئىلىپ قارنىغا تىقشىقا تەييار تۇرىدىغان مەردانە ئادەملەر چاتاق دەپلا ئاستا ئۆيگە غايىپ بۇلىدۇ . باشلىق كىلىدىكەن دىسە قولىغا ھوشۇقنى ئالغان قىمارۋازنىڭ ھوشۇغى قولدىن چۈشۈپ كىتىپ چۇ چۈشىدۇ . ئىگىز قوناقنى كۆزلەپ ماڭغان ئىتىزلىقتىكى پاھشىۋازلار دەرھال بىغى بوشاپ كەتكەن ئىشتانلىرىنى قۇچاقلاپ ئارقسىغا يىنىشتىن بۇرۇن نىيتىدىن يانىدۇ . ئۇلار بىرەر كەنىتكە بىرىش جەريانىدا ئازار بىرىش . دىلىنى رەنجىتىش . ھەيۋە قىلىپ قويۇش . سۈرەن سىلىش ھۇجۇملىرىنى باشلىۋىتىدۇ . يولدا قوي ھەيدەپ كىتىۋاتقان . ئىشەك ھارۋىلىرىنى ۋاختىدا بىر چەتكە تارىتمىغانلارنى ئەدەپلەپ ئۇلارنىڭ بويۇنتاۋلغى ئۈچۈن يولدا ئەيىپلەپ . نوقۇشلاپ ئەدىۋىنى بەرگەندىن كىين سەپىرىنى داۋام ئىتىدۇ . ئۇلار دەسلەپتە بىر كەنىتكە يىتىپ بارغاندىن كىيىن بولسا يىرىگە ياخشى ئىشلىيەلمىگەن ۋە ئوغۇت چىچىش ئىمكانيىتى يوق دىھقانلارغا چىرايلىق قىلىپ « ھورۇن » لىق قالپىغىنى كىيدۇرگەندىن كىين ئۇلارغا ئاغزاكى جەرىمانە قويۇپ ئاندىن كەنىتتىكى ھاۋالىق باغدىن بىرنى تىپىپ ياكى بولمىسا باشقىلارنىڭ رىزقىنى يەپ بىيىغان كادىرنىڭ ھەيۋەتلىك داچىسىدىن بىرنى تىپىپ ئارام ئالغاچ مەھەللە بويىچە ئەڭ تەملىك مىۋە . ياخشى پىشۇرۇلغان كاۋاپ مەززىدىن ھۇزۇر ئىلىپ كاۋاپنى يەپ قىزىغان ئۈچىيىگە قىتىق بىلەن ياخشى ئىلىشتۇرۇلغان دوغنى ئېىچىپ ھاۋالانغاندىن كىين مەھەللە كادىرلىرىنىڭ باھالاش ئۆمىكىگە تۇتقان پوزىتىيسىيىسى ۋە مىھمان قىلىش ئەھۋالىغا قاراپ ئاندىن نۇمۇر قويىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئون ياكى يىگىرمە كۈنلۇك يەپ ئېچىش مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كىين مەلۇم كەنىت ياخشى دەپ باھالىنىدۇ . مەلۇم كەنىت ياخشى قىلمىغان قالپاقنى كىيىدۇ . باھالاش ئاخىرلاشقىچە سەل ئەقلى بار . ھىلى مىكىرنى بىلىدىغان مەھەللە باشلىقلىرى . يىزا باشلىقلىرى ياكى گىپى ئۆتىدىغان ئاقساقاللارنىڭ ئۆيىگە نەچچە قوي . نەچچە تۇڭ سۇ ماينى سۈڭگۈتۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ناچار تەقدىرىنى ياخشى قىلىپ ئۆزگەرتىدۇ . لىكىن بوينى قاتتىق سىكىرىتار دىھقاننىڭ جەرىمانىسى يەتمىگەندەك ئۆزى يىنىدىن جەرىمانە تۆلەپ بىر ئىتقا ئايلانغانچە بىرىپ ھىلىقى ھورۇنلۇق قالپىغىنى كىيگەن بىچارىلەرنى ئتتەك تالاپ يۇرىگىنى قىيما ياما قىلغاندىن كىين ئۆزى تۆلىگەننىمۇ ئۇنىڭغا چاپلاپ ئاندىن راھەت تاپىدۇ . باھالاش دىگەن سۆزنىڭ ھەقىقى مەنىسى نىمە ؟ ئۇلار زادى نىمىنى باھالايدۇ . ئۇلارنىڭ ھەقىقى لوغەت مەنىسىنى بىز گەپ سۆزسىز تاماق يىيىش ئۆمىگى دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ . چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەڭ موھىم قىلىدىغىنى تاماق يىيىش . پاقلانلار ئالتە ئايلىق بولغاندا . يازلىق مىۋە چىىۋىلەر تۆكمە بولغاندا باھالاش ئۆمىگى دەرھال تەشكىللىنىپ سۇغۇق كىرىپ كەتكىچە . قوچقارلار قويغا چىپىلىپ بولغىچە . چىشلىرى قوچقارغا چۈشۈپ بولغىچە . مىۋىلەر پىشىپ قاق سىلىنىپ بولغىچە دەرھال بارمىسا ئۈنچىلىك جىق قوزىنى كىم يەيدۇ ؟ داڭلىق ماركىلىق ئۈرۈك. قوغۇن . ۋە باشقا مىۋىلەرنى دىھقانلار قانداق قىلىدۇ ؟ ھەممە نەرسىنىڭ ئېشىپ قىلىپ سىېسپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن ئۇنى باشلىقلار ئۆز ۋاختىدا يەپ تۇگۇتىشى كىرەك . ئۇلارنىڭ بۇ قىلغىنى دىھقانلارغا قىلغان چوڭ ياردەم . دىھقانلاردا ئىسراپچىلىق يۇز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئىلىپ بىرىلغان تازلىق ھىساپلىنىدۇ .
ھەر قىتىم باشلىق كەلسە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى ئىلىپ كىلىدۇ . يىڭىدىن قائىدە تۈزۈم بارلىققا كىلىدۇ . مەھەللە يىڭى باشتىن جانلىنىپ تىز بىيىش ئۈچۈن بىر نەچچە مەزگىل قاتتىق تىرىشىدۇ . لىكىن بۇ شامال يىغىلغاندىن كىين ھەممە ئىشلار ئۆز جايىغا چۇشىدۇ . داۋاملىق ئۆز ئورنىدا قالغانلار تىخىمۇ سۈرى بىلەن ئىشلەۋىرىدۇ . ھوقۇقتىن ئايرىلىپ قالغانلار قىش كىرگىچە مەيدىسىنى سۇغۇق يەرگە يىقىپ يىتىپ بىقىپ بۇرۇن قىلغان ئىشلىرىغا تۆۋە قىلىپ مەسچىتكە كىرىپ كىتىش ئارقىلىق قايىتىدىن گۇناھىنى يۇيۇپ ياخشى ئادەم بۇلۇش ئۆلچەملىرىنىڭ بىرىگە يىقىنلىشش ئۈچۈن ھەركەت قىلىدۇ .
باھالاش ئۆمىگىنىڭ دىھقانلار ئارىىسغا چۆكۈش جەريانى –
باھالاش ئۆمىگىدىكى مەلۈم بىرى بىلەن بىر دىھقاننىڭ دىئالۇگى
ما كىۋەز كىمنىڭ ؟
دىھقان : مىنىڭ
باشلىق : كۈندە خوتۇنۇڭنىڭ چاتىرىغىدا يىتىپ ئۇخلىماي ئىشلىسەڭ بولمامدۇ؟
دىھقان : چاتراققا پات پات كىرىپ تۇرمىساق ئىشنى ئۆزىمىز يالغۇز قىلىدىغان ئىشكەن باشلىق . سىلەر خوتۇنى بىلەن بىر ئىش قىلدى دەپ مىنى سولاپ قويمايدىغانسىلەر ؟
باشلىق : ئاغزىڭنى يۇم . كىۋىزىڭ ئاجىزلاپ قۇرۇپ كىتىپتۇ . سۈيىنى قويماي تىرىغانما ؟
دىھقان : سۇ بولمىسا قويغىلى بولمايدىكەن باشلىق . ئەتىيازدا سۇ بەرمىدىڭلار . سۇيدۇكنى ئىسراپ قىلمايلى دەپ خوتۇن باللار بىلەن ئىتىزغابىشىغا كىلىپ يىراققا جىڭغاپ ھەپتە سىىيپ باقتۇق يەنە بولمىدى
باشلىق : سەن ھۈكۈمەتنى سۇ بەرمىدى دەپ يامان ئاتلىققا چىقارماقچىما ؟
دىھقان : ياق ياق باشلىق . سىلەرنىڭ شەپقىتىڭلار بىلەن كىۋەز مۈشۈنچىلىك بولدى . سىلەر بولمىغان بولساڭلار كىۋەز قۇرۇپ يەردىن توپا چاڭ ئۆرلەپ كىتەتتى .
ھورۇنلىقىڭغا باقماي گەپدان نىمىكەنسەن ھە سەن ھە . خەپ توختاپتۇر . كاتىپ بۇ دىھقانغا مىڭ سوم جەرىمانە
دىھقان . ئۇنداق قىلىمشىسىلا . بۇ يەردىن ئالغان يالتىراق بىلەن ئۇرۇقنىڭ پۇلىنى چىقىرىشقا كۆزۇم يەتمەيۋاتسا جەرىماننى قانداق تۆلەيمەن
باشلىق : قوي كالاڭ ئىشەك ھارۋاڭ باردۇ ؟ ئۇمۇ بولمسا خوتۇنۇڭغا گىرىم قىلىپ تۆت بازارغا ئەۋەتسەڭ پۇلنى شۇ تاپسۇن .
دىھقان : ماقۇل باشلىق . بولمىسا سىلىنىڭ خوتۇنلىرىغا ھەمرا قىلىپ شەھەرگىلا يولغا سالارمەن .
سىكرىتار ل ئاغزىڭنى يۇم . تۈرمىدا ياتقۇڭ بارمۇ يا سىنىڭ . ھى ھى ھى ھى باشلىق بولدى گەپ قىلمىسىلا پوققا چالما ئاتساڭ يۇزگە چاچراپتۇ دەپ بۇ گەدەنكەشكە گەپ قىلماي ئىچىگە ئۇرايلى .
باشلىق : ئەمسە جەرىمانە ئىككى مىڭ سوم .
دىھقان : ئۇنداق قىلىشمىسلا مىنى بۇ يۇرىتتا ياشىغىلى قويسىلا
بولدى گەپ تۈگىدى .


Tags:
بايانات

تارىخ ئۆگىنىپ ئەسلىمىزنى ئونۇتمايلى!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى