يىلتىز تارىخ يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىرىيىدىكى دۇنيادىن ئايرىلغان كىشىلەر-كۆرسىڭىز يىغلاپ تاشلايسىز

كىرىيىدىكى دۇنيادىن ئايرىلغان كىشىلەر-كۆرسىڭىز يىغلاپ تاشلايسىز

ۋاقتى: 2015-12-17 ئاۋاتلىقى: 2323 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كىرىيىدىكى دۇنيادىن ئايرىلغان كىشىلەر-كۆرسىڭىز يىغلاپ تاشلايسىز

شىنجاڭدىكى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدە دۇنيادىن ئايرىلغان بىر كەنىت بار، تەخمىنەن 300 كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ، تارقاقلىشىپ ئولتۇراقلاشقان 200 گە يېقىن ئائىلىدە تەخمىنەن 2000 ئادەم بار، ئۇلار بولسا كېرىيەلىكلەر. بۇ كىشىلەر چارۋىچىلىق قىلىش بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. تۇرالغۇلىرىنىڭ كۆپى توغراق ياغىچىدىن ياسالغان، نان ۋە قوي گۆشىنى ئاساسى يىمەكلىك قىلىدۇ، تۇرمۇشى ئاددى، نەچچە ئەسىر قېرىنداشلىرى بىلەن بىرگە تۇرغان، خەت ئالاقە شەكلى ئارقىلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرىدۇ. ئۇلار ئىلگىرى دۇنيادىن ئايرىلغان ھالدا 400 يىلدىن ئارتۇق مۇشۇ يەردە ياشىغان. بۇ يەردىكى كىشىلەر شۇنداق سەمىمىي، كىشىنىڭ ھەققىگە كۆز قىرىنى سالمايدۇ، كېچىلىرى ئىشىكنى تاقىماي ئۇخلايدۇ.

بۇ يەرنى «دۇنيادىكى ئەڭ يىگانە جاي» دەپ تەسۋىرلەشكە بولىدۇ، كېرىيەلىكلەرگە چۆل-جەزىرە، توغراق، قوي مۇشۇلار ھەمرا بولىدۇ. ماددى نامراتچىلىق ئۇلارنىڭ كۈچلۈك ياشاش ئىرادىسىنى يوقىتىۋېتەلمىگەن، ئۇلار سەمىمىي، خۇشخۇي، باشقىلاردىن ھېچنىمىنى تالاشمايدۇ. ئۇلار ئەدەب-ئەخلاقلىق سۆزلىشىدۇ، تەقۋادارلىققا بويسۇنىدۇ.

ئالتە يىل ئىلگىرى فوتوگراف بىر ئۆمەك بىلەن تۇنجى قېتىم كوللىكتىپ يىغىلىپ ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان بۇ يەرگە كەلگەن. كېيىنكى ئالتە يىلدا، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، بۇ يەرگە ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ بەش قېتىم كەلگەن، ئاپپارات ئارقىلىق كېرىيەلىكلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇش ھالىتى ۋە ھاياتى كۈچىنى خاتىرەگە ئېلىۋالغان.ئۇ باشقىلارنىڭمۇ بۇ «دۇنيادىن ئايرىلغان يىگانە جاي»نى كۆرۈشى ئۈچۈن، كېرىيەلىكلەرنىڭ ھاياتى تۇرمۇشىنى سۈرەتكە ئالغان.

بۇ يەرگە ئەڭ بۇرۇن شىۋىتسىيەلىك ئېكىسپىدىيەچى سىۋېن ھېدىن ۋە ئەنگىلىيە تەۋەلىك ۋېنگىرىيەلىك ئېكىسپىدىيەچى سىتەيىن كەلگەن ۋە كېرىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىنى يېزىقچە خاتىرلىگەن.

كېرىيەلىكلەرنىڭ ئەجدادى توغرىسىدا تارىخشۇناسلار كۆپ خىل كۆز قاراشقا ئىگە. كېرىيەلىكلەر ئەسلىدە مۇشۇ قۇملۇقتىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئەۋلادى، يەنە بىر خىل كۆز قاراش كېرىيەلىكلەر 2000 يىل ئىلگىرىكى كىرورەنلىكلەرنىڭ بىر تارمىقى.

كېرىيەلىكلەر يۇقىرى قىزىتما بولۇپ قالسا تىببىي داۋالاش شارائىتى ناچار بولغانلىقتىن پەقەتلا ئائىلىدە داۋالىنىدۇ.

كېرىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىدا مىللىي ئۆرۈپ ئادەت تۈسى ئىنتايىن قويۇق، ئۇلارنىڭ مېھماندارچىلىق، پۈتۈن ئەل جامائەت سالاملىشىش ئادەتلىرى بۈگۈنگىچە ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق.

توي مۇراسىمىدا ئوغۇل تەرەپنىڭ كېلىنچەكنى كۆرپە ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ كېلىنچەكنىڭ ئۆيى ئەتراپىنى بىر ئايلاندۇرىۋېتىپ ئۆيىگە ئېلىپ قايتىدۇ.

كىچىك ئوغلى تۆگە ئىزدەپ سىرتقا چىقىپ كەتكىلى بەش كۈن بولغانلىقتىن، بوۋاي ئەنسىزلىكتىن ئازابلانماقتا. ھېچقانداق ئۇچۇر يوق، بوۋاي ئىلاجىسىزلىقتىن كۈتمەكتە.

ئۇلار ئوت قالىغاندا توغراق ياغىچى ئىشلىتىدۇ.

ئاياللار ئوت دەزمال ئىشلىتىدۇ.

بوۋاي يېڭى بوۋاققا ئىسىم قويماقتا.

ئاياللار بىرلىكتە نان پىشۇرماقتا، شەھەر مەدەنىيىتىدە بۇنداق مەنزىرىلەرنى ئۆمۈر بويى كۆرگىلىمۇ بولمايدۇ.

سەبىي بالىنىڭ ھاياتىدىن ئۈمىد بار، ھاياتلىق نامراتلىق ئىچىدە داۋاملاشماقتا.

كەڭ كەتكەن قۇملۇقتا ئائىلىلەرنىڭ ئارلىقى ئون كىلومېتىرلارچە كېلىدۇ، ئۆزئارا ئۇچرىشىش ناھايىتى قىيىن، سالاملىشىش بىر خىل خوشاللىققا ئايلانغان.

Tags:
بايانات

تارىخ ئۆگىنىپ ئەسلىمىزنى ئونۇتمايلى!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى