يىلتىز تارىخ يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇيغۇر كىم؟ قاچان پەيدا بولغان؟

ئۇيغۇر كىم؟ قاچان پەيدا بولغان؟

ۋاقتى: 2015-12-24 ئاۋاتلىقى: 4215 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇيغۇر كىم؟ قاچان پەيدا بولغان؟

ئۇيغۇر كىم؟ ئۇيغۇر دېگەن نام قاچان پەيدا بولغان؟

«ئۇيغۇر» دېگەن بۇ نام دۇنيادا نوپۇسى ئون مىليوندىن ئارتۇق تۈركىي تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان، قەدىمكى مەدەنىيەتلىك شەرق خەلقىنىڭ نامى. ھازىر دۇنيادا 30 نەچچە دۆلەت ئالىملىرى ئۇيغۇر مىللىتىنى تەتقىق قىلماقتا. مانا ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقىنى «ئۇيغۇر» نامى قانداق مەنىگە ئىگە؟ قاچاندىن بېرى قوللىنىلغان؟ دېگەندەك نۇرغۇن مەسىلىلەر تېخى جاۋابسىز، بىز تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.

«ئۇيغۇر» نامىنىڭ قاچاندىن باشلاپ قوللىنىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نەخ يازما خاتىرە يوق، شۇنداقتىمۇ بىز بەزى مەنبەلەرگە ئاساسەن مەسىلىنى يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشىمىز. 11-ئەسىردە ياشىغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا بىزنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ نامى، ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار، بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەيىن تۈرك خاقانى بىلەن پۇتۇم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغان، زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئىلىگە يىقىنلاشقاندا تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن، ئوقنى ئالدىغا ئاتسا كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەيىن بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە ئىنان خۇدخۇراند بۇلار باشقىلارغا موھتاج بولماي ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تىپىپ يەيدىغانلار ئىكەن. بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قىچىپ قۇتۇلالمايدۇ. قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ» دەپتۇ.

ئاتاقلىق ئالىم مەھمۇد كاشغەرى خاتىرىلىگەن بۇ رىۋايەت بىزگە «ئۇيغۇر» نامىنىڭ مىلادىيەدىن تۆت ئەسىر بۇرۇن بارلىقىنى، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. مەشھۇر ئىستىلاچى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن مىلادىيەدىن تۆت ئەسىر بۇرۇن دۇنياغا كېلىپ دۇنيانى تىتىرەتكەن تارىخى شەخس. «ئۇيغۇر» نامىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىسكەندەرگە باغلاپ رىۋايەت قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ خاتىرىلەش ئەنئەنىسىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ بۇ نامنىڭ پەيدا بولغان يىلىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىندىن ئىبارەت مەشھۇر ئىستىلاچى ياشىغان دەۋىرنى خاتىرىلەپ يىل دەۋرىدىن مەلۇمات قالدۇرغان. ئۇيغۇر نامىنى ئىسكەندەرگە باغلاشتىكى مەقسەت بۇ دۇنياۋى ئىستىلاچىغا ئائىت ۋەقەلەرنىڭ يىراق جايلارغىچە تارقىلىدىغانلىقى، ئۇزاق زامانلارغىچە تىلغا ئېلىنىدىغانلىقىدىن بولغان. بۇ رىۋايەت يەنە بىزگە خاقانىيە ئاھالىسىنىڭ مۇڭغۇلىيە ۋادىسىدىن كۆرە ئوتتۇرا-ئاسىيادا مىلادىيەدىن خىلى زامانلار بالدۇرلا مەۋجۇتلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. كىشلەر ئېسىدە رىۋايەت سۈپىتىدە مەڭگۈ ساقلىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت. رىۋايەتنىڭ مەقسەتلىرىنى داۋام قىلساق «ئۇيغۇر» نامىنى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين قويغان بولۇشى ناتايىن. لىكىن دۇنيا مەشھۇر ئىستىلاچى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين تىلىدىن «بۇلار باشقىلارغا موھتاج بولماي، ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار» ئىكەنلىكىنى قايىللىق بىلەن دىگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە ئۆز نامىدىن پەخىرلىنىش ھەم خاسىيىتىنى نامايەن قىلىشتىن ئىبارەت. رىۋايەتتە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەر بىلەن ئوخشاشلىقى بەلكى ئۇلارنىڭ جەڭگىۋار بىر قىسمىنىڭ نامى بولغانلىقى، بۇ تەڭداشلىقنى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئۆزى ھەم ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باشقا بايانلىرى تەرىپىدىنمۇ ئىسپاتلانغان. بۇ رىۋايەت يەنە بىزگە ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 4-ئەسىردە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن بىر قىسمىنىڭ شەھەر مەدەنىيىتىگە ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي داستانى «ئوغۇزنامە»مۇ بىزگە 106-قۇرىدا مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ: «مەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانىمەن». «ئوغۇزنامە» رىۋايەت خاراكتىرىنى ئالغان تارىخ بولۇپ ئەپسانىمۇ ئارلىشىپ كەلگەن. ئەسەر تەخمىنەن 13-ئەسىرلەردە قەلەمگە ئېلىنغان بولسىمۇ ۋەقەلىك ناھايىتى قەدىمكى دەۋىرگە بېرىپ تاقىلىدۇ، بۇ تارىخى داستاندا ئۇيغۇر نامىنىڭ بېرىلىش مەسىلىسى ئوغۇزخان تىلىدا بايان قىلىنىدۇ.

كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار ئوغۇزخاننى ھون تەڭرىقۇتى باتۇر دەپ قارايدۇ. بىز بۇ قاراشنى قۇۋۋەتلىسەك ئوغۇزخان مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىردىكى تارىخىي شەخس بولۇپ «ئۇيغۇر» سۆزى شۇنىڭدىن بۇرۇنلا مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. سەۋەبى ئوغۇزخان قىپچاق، قارلۇق، قاڭقا، قالئاچ ناملىرىنى بەرگەن بولسىمۇ «ئۇيغۇر» نامىنى ئوغۇزخاننىڭ قويغانلىقىنى دېمىگەن، لىكىن «ئۇيغۇر» نامى ئۇلار قۇدرەتلىنىپ كۈچلۈك دۆلەت قۇرغاندا ھەممە قەبىلە ئۇرۇقلار بايرىقى ئاستىغا جەملەنگەندە ئاندىن زاھىر بولغان. ئوغۇزخانمۇ ئۇيۇغانلارنىڭ، كۈچ-قۇدرەت تاپقانلارنىڭ قاغانى بولغان. بىز بۇ تارىخىي داستاندىن «ئۇيغۇر» نامىنىڭ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىردىن بۇرۇنلا مەۋجۇتلۇقىنى مەنە جەھەتتىن «ئوقۇتقۇچى، كۈچلۈك، قۇدرەتلىك» مەنىسىدە ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ ھەمدە بىرەر مىللەتنىڭ ئەمەس سىياسىي گەۋدىنىڭ دۆلەتنىڭ نامى بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نەمەتۇللا مۆجىزى «تەۋارىخى مۇسقىييۇن» ناملىق ئەسىرىدە (1854-يىلى يېزىلغان) «ياركەند، خوتەن ئەھلى بۇ زامانغىچە بەش مىڭ سەككىز يۈز ئەللىگ يىل» ياشىغانلىقىنى يىزىش ئارقىلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ يەكەن، خوتەنلەردە ياشىغىلى 5850 يىل بولغانلىقىنى يازىدۇ. ئۇنداق بولغاندا ئەجدادىمىز ھازىرغىچە تەخمىنەن ئالتە مىڭ يىل بولغان بولىدۇ.

بەزىبىر تارىخچىلار مىلادىيىنىڭ ھارپىسىدىكى ۋەقەلەردە ئۇچرايدىغان 呼结 نامىنىمۇ ئۇيغۇر نامىنىڭ باشقىچە تەلەپپۇز تەرجىمىسى دەپ قارايدۇ، چەتئەل مەنبەلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ كۆرسەك مىلادىيە ئىككىنچى ئەسىردە ياشىغان گېرك ئالىمى تولمىي «جۇغراپىيە» ناملىق كىتابىنىڭ «سېرىس ئىلى» بابىدا «ئوكخورداش، ئوكخورداي» ناملىرىنى خاتىرىلىگەن، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئومۇمىي پىكرىگە قارىغاندا سېرىسى ئىلى خوتەن، قەشقەرلەرنى مەركەز قىلغان ھالدا تارىم ئويمانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. يەنە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ پىكرىگە قارىغاندا يۇقىرىقى ئىككى نام «ئۇيغۇر دەرياسى، ئۇيغۇرلار» دېگەننى كۆرسىتىدىكەن.

تەيۋەندە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر ئالىمى پروفىسسور ئابدۇللا تىمەن ئوغلى ئەپەندى دىيارىمىز قوشنا ئەل بولغان ھىندىستاننىڭ مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ مۇنداق دېگەن:" ھىندىستان تارىخى ماتېرىياللىرىدا مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى تۈركلەرنىڭ تەڭرىتېغىنى مەركەز قىلىپ دۆلەت قۇرغان خانلىق تېررىتورىيىسىدىكى ئاھالىسى ھازىرقى شىمالىي شىنجاڭدا تارقاق ئولتۇراقلىشىپ شەھەر تۇرمۇشى كەچۈرگەن. لىكىن تۈرك نامىدا ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئاتىغان».

تەيۋەنلىك ئۇيغۇرشۇناس ئالىم ليويتاڭ «ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:" تۈرك ۋە غەرب ئالىملىرىنىڭ خاتىرىلىگە ئاساسلانغاندا تاڭ سۇلالىسىدىن ئىلگىرى يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى شىنجاڭ رايونىنى يادرو قىلغان ھالدا غايەت چوڭ خانلىق قۇرغان». مەيلى قانداق بولمىسۇن يۇقىرىقىلارغا ئاساسلانغاندا «ئۇيغۇر» نامىنى مىلادىيەدىن خېلىلا ئىلگىرى پەيدا بولغان ھەمدە ھازىرقى شىنجاڭنى مەركەز قىلغان ھالدا ياشىغان «ئۇيۇشقاق» بىر ئىنسانلار توپىنىڭ ۋە سىياسىي نامى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان.

بىر ئۆمۈر ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلغان گېرمانىيەلىك ئاتاقلىق ئالىم گۇبائىن خانىم مەرھۇم زوردۇن سابىر ئەپەندىگە مۇنداق دەيدۇ:" ئۇيغۇرلار ئۇلۇغ قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ ياۋروپاغا كۆچۈپ كېلىشتىن 500 يىل بۇرۇن ئۇيغۇر دۆلىتى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ تىل-يېزىق مەدەنىيىتى بار ئىدى.»

دېمەك، تارىخىي پاكىتلار بىزگە ئەنىق كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇكى، ئۇيغۇرلار ناھايىتى قەدىمىي مىللەت بولۇپ تارىختا شىنجاڭنى مەركەز قىلغاندا كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا پائالىيەت ئېلىپ بارغان. ناھايىتى جەڭگىۋارلىق بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا سەمەرىلىك روللارنى ئوينىغان. «ئۇيغۇر» نامىغا كەلسەك بۇ نامنىڭ قاچان بارلىققا كەلگەنلىكى ھەققىدە بىۋاستە ئەنىق تارىخىي پاكىت بولمىسىمۇ بۇ نامنى ئەڭ كەيىن دېگەندىمۇ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 4-ئەسىردىن بۇرۇن بارلىققا كېلىپ قوللىنىشقا باشلىغان دېگەن ئىلمىي پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن.

ئۇيغۇر نامى ئەنە شۇنداق مىلادىيەدىن ئىلگىرىلا پەيدا بولۇپ دۇنيادىكى مۇھىم ئەل نامى بولۇپ قالدى. لىكىن مىلادىيىنىڭ ھارپىسىدا بەلكىم مىلادىيىنىڭ بېشىدا بۇ نام ئەسلىدىكى شان-شۆھرىتىنى يوقاتقان، ئىلگىرىكى شۆھرىتىنىڭ ئەكسىچە تارىخنامىلەر كۆرۈلۈشى يوقلۇقنىڭ ھېسابىدا بولۇپ قالدى، بەلكىم ئىنتايىن كىچىك سىياسىي گۇرۇھ ياكى بىرەر قەبىلىنىڭ نامى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالغان بولسا كېرەك.

«ئۇيغۇر» نامى مىلادىيىنىڭ بېشىدىن تاكى 6-ئەسىرگىچە يەنى تۈرك ھاكىمىيەتلىرى ئوتتۇرىغا چىققۇچە ناھايىتى ئاز كۆرۈلدى، شۇنداقلا جۇڭگو مەنبەلىرىدە 袁乞 دېگەندەك ناملاردا خاتىرىلىنىپ ناھايىتى ئاز كۆرۈلگەن.

مىلادىيە 7-ئەسىرگە كەلگەندىلا ئاندىن ئۇيغۇر نامى قايتىدىن تارىخىي، سىياسىي سەھنىدە ئۆزىنى نامايەن قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار دەسلەپ تۈرك ھاكىمىيتىدىن مۇستەقىل تۇرۇش ئۈچۈن قارلۇق، باسمىل، سىرتاردۇش قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ تۈركلەرگە قارشى كۆرەش ئېلىپ باردى. گەرچە ئۆز ھاكىمىيتىنى تۇرغۇزۇشقا مۇۋەپپەق بولغان بولسىمۇ كۆپ چاغلاردا تۈركلەرنىڭ كونتروللىقىدا بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر مىلادىيىنىڭ 740-يىللىرى ئەتراپىدا ئۆز ھاكىمىيتىنى قۇرۇپ چىقىشقا، تۈركلەرنى ئۆز ھاكىمىيتىگە ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. بۇ ھاكىمىيەت شەرقتىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئاتلىنىدۇ، شۇڭىمۇ فرانسىيەلىك شەرقشۇناس رېنى گوسسوت «يايلاق ئىمپىرىيسى» ناملىق كىتابىدا بۇ ھاكىمىيەتنى «ئۇيغۇر ئىمپىرىيسى» دەپ ئاتىغان. بۇنداق دىيىش ئاساسسىز ئەمەس ئىدى، چۈنكى جۇڭگودا ئەڭ ئۇزاق ھۆكۈم سۈرگەن تاڭ سۇلالىسى ئوڭلۇك-سويگۈن توپىلىڭىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا باج-سېلىق تۆلەشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. بۇ يەردىكى دېققەتكە سازاۋەر يەنە بىر نۇقتا ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇ مەنبەلىرىدىكى 回乞 نامى بولسا 回骼 غا ئۆزگەرتىلدى. سەۋەبى مىلادىيە 789-يىلى ئورخون ئۇيغۇر دۆلىتى تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ شۇنداق يىزىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئىككى خىل ئاتالمىنىڭ تەلەپپۇزى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ مەنە جەھەتتىن ئۆز نامىنىڭ شۆھرىتىنىڭ مۇۋاپىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈشىنى كۆزلىگەن، تارىخچىلار «ئۇيغۇرلارنىڭ شۇڭقارىغا ئوخشاش جەسۇر ۋە چىۋەر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر دېگەن نامنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى 回乞 دېگەن سۆزنى 回骼 دېگەن سۆزگە ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى» دەپ قارايدۇ. بىز بۇلاردىن ئەجدادلىرىمىزنى ئۆز نامىغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز ۋە ئۇ ئۆزگەرتىش بىلەن يۇقىرىدا كۆرگەن ئىسكەندەر زۇلقەرنەين بىلەن باغلانغان رىۋايەتنىڭ مەلۇم مەنبەداشلىقى بار دەپ ئويلايمىز.
مەنبە: ئارتۇچ سالونى
Tags: ئۇيغۇر 
بايانات

تارىخ ئۆگىنىپ ئەسلىمىزنى ئونۇتمايلى!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى