يىلتىز تارىخ يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

چاغاتاي دەۋرىدىكى مەشھۇر ئالىم — سەككاكى

چاغاتاي دەۋرىدىكى مەشھۇر ئالىم — سەككاكى

ۋاقتى: 2015-12-29 ئاۋاتلىقى: 972 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

چاغاتاي دەۋرىدىكى مەشھۇر ئالىم — سەككاكى

چىڭگىزخان ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا بويسۇندۇرۇۋالغان يەرلىرىنى تۆت ئوغلىغا بۆلۈپ بەردى. جۈملىدىن چىڭگىزخاننىڭ 2–ئوغلى چاغاتايغا (تەختتە ئولتۇرغان ۋاقتى 1227–يىلدىن 1242–يىلغىچە) شەرق تەرەپتىن ئىلى دەرياسى ۋادىسىغىچە، جەنۇب تەرەپتىن بۈگۈنكى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قارا شەھەرنىڭ غەربىدىكى رايونلار، غەرب تەرەپتىن تا ئامۇ دەرياسىغىچە (ماۋەرائۇننەھرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولغان جايلار تەۋە بولدى. چاغاتايغا تەۋە بولغان بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار خېلى بۇرۇنلا بىر قەدەر يۇقىرى مەدەنىيەتكە ئىگە ئىدى. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە مەدەنىيەت تارقىتىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك رول ئوينىدى ھەم قوشنا رايون ۋە مىللەتلەرگە تەسىر كۆرسەتتى. مەشھۇر ئالىم مەۋلانا يۈسۈپ سەككاكى ئەنە شۇ مەزگىلدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مەۋلانا يۈسۈپ سەككاكى مىلادى 1160–يىلى تۇغۇلۇپ، 1229–يىلى ۋاپات بولغان. سەككاكى ھەرتەرەپلىمە يېتىشكەن بىلىملىك ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرى ئىچىدە «مىفتاھىل ئۇلۇم» («ئىلىملەر ئاچقۇچى») دېگەن ئەسىرى («قىسقارتىلىپ «مىفتاھ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئەينى ۋاقىتتا ئىنتايىن مەشھۇر ئەسەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانىدى. «موڭغۇللار ئىستېلاسى دەۋرىدىكى تۈركىستان» ناملىق ئەسەردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلىدۇ: «سەككاكى يالغۇز ئىلمىي نۇجۇمنى ئىگىلەپلا قالماستىن، بەلكى ئالخىمىك ۋە رەمچىلىك قاتارلىقلارنى، يەنى ئىسلام ۋە گرېك ئىلىمىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئىگىلىگەنىدى» («شىنجاڭ ئىجتىمائي پەنلەر تەتقىقاتى» 1984–يىل 2–سان، 84–بەت). چاغاتاي سەككاكىنىڭ بىلىملىك ئادەم ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئوردىسغا چاقىرتىپ كېلىپ، ئۆزىگە ئىلمىي مەسلىھەتچى قىلىۋالغان. سەككاكىنىڭ چاغاتاي تەرىپىدىن ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىلگەنلىكى ئوردىدىكى يۇقىرى–تۆۋەن مەنسەپدارلارنىڭ ھەسەتخورلۇقىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سەككاكىغا سۇيقەست قىلىپ، چاغاتاي خاندا سەككاكىغا نىسبەتەن گۇمان پەيدا قىلغان. ئاخىر چاغاتاينىڭ سەككاكىغا بولغان گۇمانى كۈچىيىپ، ئاخىرىدا ئۇنى زىندانغا تاشلاتقۇزغان. سەككاكى ئۈچ يىلدىن كېيىن زىنداندا ئۆلگەن ۋە خونىخاي مازىرىغا دەپنە قىلىنغان. ئوبۇلغازى باھادۇرخان «شەجەرەئى تۈرك» ناملىق ئەسىرىنىڭ 5–بابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «موللا سەككاكى دېگەن زات ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى» «چاغاتاي خاننىڭ بىر ۋەزىرى بولۇپ، ئۇ سەككاكىغا دۈشمەن ئىدى. ئۇ بىر كۈنى ۋاقىت تېپىپ سەككاكىنى خانغا يامان كۆرسىتىپ زىندانغا سولاتتى. خۇدادىن تەقدىر ئېرىشىپ ئۇ شۇ زىنداندا ۋاپات بولدى.» مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر «تارىخي رەشىدى» دە سەككاكىنى ۋە ئۇنىڭ مازىرىنى تىلغا ئالىدۇ: «بىراق بۇ شەھەرلەرنىڭ نامىنى بىلىشكە ئاجىزلىق قىلىمىز. ‹مىفتاھ› نىڭ مۇئەللىپى مەۋلانا يۈسۈپ سەككاكىنىڭ مازىرىدا ئېگىز گۈمبەز بار. بۇ مۇشۇ كۆلنىڭ ئايىغىدىن باشلىنىدىغان تېكە دەرياسى بويىغا جايلاشقان. بۇ يەردە مۇشۇ گۈمبەزدىن تاشقىرى باشقا خارابە يوق. ئۇ بىر شەھەر بولۇشى ئېھتىمال. بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىز قالمىغان.چاغاتاي خان (بۇ مەۋلانىنى) مۇشۇ يەردە ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلغان بولۇشى، كېيىن (جازا بېرىلگەن جايدا) مۇشۇ ئىمارەت سېلىنغان بولۇشىمۇ ئېھتىمال، بۇنىڭ قانداقلىقىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ. مەۋلانا سەككاكى توغرىسىدىكى ھېكايىلەر تارىخ كىتابلىرىغا پۈتۈلگەن» («تارىخي رەشىدى» 2–قىسم، 311–، 312– بەتلەر). بۇ نەقىلدە تىلغا ئېلىنغان «مۇشۇ كۆل» بىلەن «تىكە دەرياسى»غا ئەسەردە ئىزاھات بېرىلمىگەن. كىتابنىڭ مۇھەررىرى «مۇشۇ كۆل»نى «ئىسسىقكۆل» دەپ، «تىكە دەرياسى»نى «تېكەس دەرياسى» دەپ ئىزاھلىغان. «بۇ دەريا ئىسسىقكۆلنىڭ شەرقىي چېتى ياكى ئايىغى ئەتراپىدىن باشلىنىپ، شەرققە قاراپ ئاقىدۇ» (شۇ كىتاب 311–بەت)
خونىخاي مازىرى ئىلى ۋىلايىتىدىكى چاپچال ناھىيىسىنىڭ غەربي جەنۇبىغا 60 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان خونىخاي غولىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئېگىز دۆڭلۈككە جايلاشقان. جۇڭگو – قازاقىستان چېگرىسىغا يېقىن جايلاشقان بۇ مازار ئەتراپىدىكى خارابىلىكتىن بۇ جاينىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئاۋات مەھەللە ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ. بەزى تارىخىي ماتېرىياللاردا مازار ئەتراپىدا چاغاتاي دەۋرىدە شەھەر بارلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەسرلەردىن بىرى خونىخاي غولى بويىغا جايلاشقان ئۇيغۇر دېھقانلىرى دۆڭمەھەللە، دولاتا، چوڭ بۇغرا، كىچىك بۇغرا، سوپۇنبۇلاق، تېۋىلغا مەھەللە، خونىخاي قاتارلىق يېزىلارنى بەرپا قىلىپ، بەش ئۆستەڭ چېپىپ، بۇ ئەتراپنى مۇنبەت ئېكىنزارلىققا ئايلاندۇرغان. ئەمما، مازار جايلاشقان ئېگىزلىككە سۇ چىقمىغاچقا، بۇ ئەتراپقا ئانچە كۆپ ئاھالە ئورۇنلىشالمىغان. زىيارەتچىلەر مازارنى زىيارەت قىلىپ بولۇپ، تۆۋەنكى مەھەللىلەرگە چۈشۈپ تۇرۇشقان. 1911–يىلى غۇلجا شەھىرىدىن، ئارا ئۆستەڭدىن، جاغىستايدىن، ياركەنتتىن، غالجاتتىن بولۇپ ئون تۆت ئۆيلۈك كىشى مازار بار دۆڭلۈككە كېلىپ، ئۆي سېلىپ ئورۇنلاشقان. 1916–يىلدىن 1937–يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا مازار ئەتراپىغا كۆچۈپ كېلىپ ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 300 ئۆيلۈككە يەتكەن. شېڭ شىسەينىڭ زىيانكەشلىك قىلىپ، مەجبۇرلىشى بىلەن بۇ يەردىكى خەلقلەر 1943–يىلى قىشتا تېكەس، موڭغۇلكۈرە ۋە غۇلجا شەھىرى قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ كەتكەن. خونىخاي مازىرىدىكى بۇ ئاۋات مەھەللە شۇنىڭ بىلەن خارابىلىككە ئايلانغان.
ئۈستى چېدىر شەكلىدە ياسالغان مازارنىڭ تاملىرى تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىلدە بولۇپ، چېدىرچە ئۈستىدىكى تۈرلۈك رەڭلىك كاھىشلار رەڭگى ۋە شەكلىنى ھېلھەم يوقاتماي تۇرۇپتۇ. مازارنىڭ ئىشىكى جەنۇبقا قارايدۇ. مازار تېمىنىڭ تۆت ئەتراپىغا ئاسراش يۈزىسىدىن لىم ۋە تۈۋرۈكلەر قويۇلغان. بۇ، ئېھتىمال، 1911–يىلى مازار رېمونت قىلىنغاندا قويۇلغان بولسا كېرەك. بۇ قېتىمقى رېمونت خىراجىتىنىڭ بىر قىسمىنى ياركەنتتىن ۋېلىباي كۆتۈرگەن، قالغىنىغا ئىلىدىكى مەنسۈر ئەئلەم (موللا ناسىر ئەئلەمنىڭ ئوغلى) تاپشۇرغان، خەلق ھەدىيە قىلغان پۇل ئىشلىتىلگەن.
خونىخاي مازىرىنىڭ شەيخلىقىنى قىلىپ كەلگەن كىشلەر ئۇزاق زامانلاردىن بېرى بۇ مازارنى مەۋلانا يۈسۈپ سەككاكىنىڭ مازىرى دەپ تونۇپ كەلمەكتە. يىراق–يېقىندىن زىيارەتكە كەلگۈچىلەرمۇ شۇنداق دەپ قارايدۇ. 1987–يىلى 8–ئاينىڭ 20–كۈنى چاپچال ناھىيىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئاسراش–باشقۇرۇش ئورنى بۇ مازاردا چاقىرغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، مازارنىڭ ھازىرقى شەيخى 74 ياشلىق ئابدۇكېرىم شەيخ يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «بىز تۆت ئەۋلادتىن بېرى بۇ مازارنىڭ شەيخلىقىنى قىلىپ كېلىۋاتىمىز. ئاتا – بوۋىمىزدىن تارتىپ بۇ مازارنى مەۋلانا سەككاكىنىڭ مازىرى دەپ تونۇيمىز.» ئىلىدا ئۆتكەن مەرىپەتپەرۋەر شائىر نەسۇھا داموللام 1920–يىلى بۇ مازارنى زىيارەت قىلغاندا يازغان شېئىرىدىكى مۇنۇ مىسرالار ئارقىلىق مازارنىڭ مەۋلانا يۈسۈپ سەككاكىنىڭ مازىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەنىدى:
«خونىخاي مازارىغا مەن زار ئىدىم،
كىم زىيارەت ئەيلىسە، مەن يار ئىدىم.»
«يۈسۈپ سەككاكى قىزىل گۈل بولسا،
مەن (گوياكى) بۇلبۇلى شەيدا ئىدىم.»
خونىخاي مازىرى 1990–يىلى 12–ئاينىڭ 9–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان 3–تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. مازارنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە بۇلاق بار. خەلق ئارىسىدا: ئادەم بەدىنىنىڭ قايسى ئەزاسىدا كېسەل بولسا، بۇلاق سۈيى بىلەن يۇغاندىن كېيىن شىپالىق تاپىدۇ، دەپ تەرىپلىنىدۇ. مازارنى زىيارەت قىلغىلى كەلگەنلەر قايتىشىدا بۇلاق سۈيىنى ئىدىش–قاچىلارغا ئېلىپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇ جاي يىراق–يېقىندىن كېلىدىغان مېھمانلارنىڭ زىيارەت ئورنى ۋە سەيلە–ساياھەت ئورنى بولۇشقا تازا مۇۋاپىق.
———
تېما: چاغاتاي دەۋرىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى — سەككاكى
پۈتۈك مەنبىئى: «گۈلشەن ۋادىدىكى ئىزلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996–يىلى 8–ئاي 1–نەشرى
ئاپتور: غوجائەخمەت يۇنۇس






Tags:
بايانات

تارىخ ئۆگىنىپ ئەسلىمىزنى ئونۇتمايلى!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى