يىلتىز تارىخ يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرى

ۋاقتى: 2016-01-05 ئاۋاتلىقى: 1419 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرى


باش كىيىم
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى، جۇغراپىيەلىك شەرت-شارائىتى، دىنىيئېتىقادى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى ۋە گۈزەللىك قارىشى قاتارلىق تەرەپلەرنىڭئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ كىيىنىش ئادىتىدە روشەن مىللىي پەرق كېلىپچىقىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىنىش ئادىتىدە، باش كىيىمنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ. ئۇيغۇرئەرلىرى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش بولمىغان باش كىيىملەرنى كىيىشكە،ئاياللىرى ئومۇمەن بېشىغا ياغلىق سېلىشقا، ياكى دوپپا كىيىشكە ئادەتلەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭباش كىيىمى شەكىل جەھەتتىن ئومۇمەن قىشلىق تېرە تۇماق، سىدام دوپپا ۋە گۈللۈكدوپپىدىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. بۇ باش كىيىملەرنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرىدەيەرلىك رايون پەرقى روشەن گەۋدىلىنىدۇ.

تۇماقئادەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قىشلىق باش كىيىمى بولۇپ، ئاساسەن تېرىدىن ئىشلىنىدۇ. نۇسخاجەھەتتىن ئاق تۇماق، سالۋا تۇماق، سوغا تۇماق، كۇلا تۇماق، يېڭىسار تۇمىقى، كېرىيەتۇمىقى، ساغان تۇمىقى، ھەربىيچە تۇماق، سۆسەر تۇماق، قاما تۇماق قاتارلىق ئوننەچچە خىلدىن ئاشىدۇ. دوپپا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستېتىك قارىشىدا ئەكس ئەتكەن تەبىئەتگۈزەللىكىنىڭ ئوبرازى سۈپىتىدە روشەن مىللىيلىككە ئىگە بولغان يازلىق باش كىيىمھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر دوپپىلىرى نۇسخىسىنىڭ كۆپ خىللىقلىقى، ھۈنەر-سەنئەت جەھەتتىكىنەپىسلىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر.

ئۇيغۇردوپپىلىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ: بادام دوپپا، تاشكەنت دوپپا، گىلەم دوپپا، مەنپۇدوپپا، تۈگۈچ مەنپۇ دوپپا، ئۈنچە دوپپا، كالۇتۇن دوپپا، ئىلمە گۈللۈك دوپپا، چىمەندوپپا، تور باسقان دوپپا، مارجان باسقان دوپپا، سىدام دۇخاۋا دوپپا، شاپاق دوپپاقاتارلىق يۈز خىلدىن ئاشىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپىلىرى ئىچىدە ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقىنىبادام دوپپا. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ.

تەلپەكپەقەت كېرىيە ئاياللىرىغىلا خاس بىر خىل باش كىيىم بولۇپ، باشقا رايونلارغائاساسەن تارقالمىغان. كىرىيە ئۇيغۇرلىرى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنىئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەندىن سىرت، يەنە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆزگىچەكىيىنىش ئادەتلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئىچىدە «كېرىيەئاياللىرىنىڭ پەرەنجىسى ۋە تەلپىكى» ھەممىدىن تىپىك كۆرۈنۈشكە ئىگە. كېرىيەئاياللىرى ئاق ياغلىقنىڭ ئۈستىگە كىچىك تەلپەكتىن بىرنى قوندۇرۇپ كىيىۋالىدۇ. بۇنداقكىچىك تەلپەكنىڭ تىكىلىش ئۇسۇلى ئۆزگىچە بولۇپ، ئاستىنقى دىيامېتىرى ئونسانتىمېتىر، ئۈستۈنكى دىيامېتىرى ئۈچ - تۆت سانتىمېتىردىن ئاشمايدۇ. كېرىيەئاياللىرى ئەسلىدە بۇ كىچىك تەلپەكنى ئۆزىنىڭ «جۇۋان تويى» بولغان كۈندىنئېتىبارەن كىيىشكە باشلايدۇ. تېخى ياتلىق بولمىغان قىزلار كىيمەيدۇ. شۇڭا تەلپەكنى«جۇۋانلىقدەۋرىنىڭ ئۆزگىچە بىر خىل بەلگىسى» دېيىشكە بولىدۇ.

پوتاباغلاش ۋە چۈمبەل تارتىش
ئۇيغۇرئەرلىرى بېلىگە پوتا باغلاشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، ھەمدە ئۇنى ئەرلەرگە خاسمەردانىلىك ۋە چەبدەسلىكنىڭ نىشانى، دەپ بىلىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ يۈزىگەچۈمبەل تارتىش ياكى باش ياغلىقى بىلەن يۈزىنى ئوراش ئادىتى، ئىسلام دىنى بىلەنمۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەسلىدە ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئەرەبلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارئارىسىغا تارقالغان.

ئەرلەركىيىملىرى
ئۇيغۇرلارئارىسىدا تېخى ئۆيلەنمىگەن يىگىتلەر ساقال - بۇرۇتىغا تىغ تەگكۈزمەيدۇ. بېلىگەقىزىل، ياكى گۈللۈك پوتا باغلاپ، يېنىغا غىلاپلىق پىچاق ئاسىدۇ. توي قىلغاندىنكېيىن بۇرۇتىنى ياسىتىپ، «چاشقان بۇرۇت» قويىدۇ. ئەمما ساقال قويمايدۇ، ئۆتۈككىيىدۇ. خوتۇنىنى قويىۋەتكەن بويتاق يىگىتلەر، بېلىگە سېرىق پوتا باغلايدۇ. بۇ، بويتاقئىكەنلىكىنىڭ بىشارىتى. ئادەتتە بالىلىق بولغان ئەرلەر، كىچىك «كەركە ساقال» (بودەكساقالمۇ دېيىلىدۇ) قويۇۋالىدۇ. نەۋرىلىك بولغاندا، بۇرۇتى بىلەن ساقىلىنىتۇتاشتۇرىدىغان «نۇقتىلىق ساقال» قويىدۇ ھەم داقال (ئاستى كالپۇك تۈكى) نىقويىۋىتىدۇ. بېشىغا بادام دوپپا، ياكى باشقا خىلدىكى گۈللۈك دوپپا كىيىدۇ. ياشانغانئەرلەر چوڭ ساقال قويۇپ، گۈللۈك دوپپا كىيمەي قارا ياكى يېشىل سىدام دوپپا كىيىدۇ.تەقۋادارلىرى بولسا بېشىغا سەللە ئورايدۇ، ئۇزۇن تون چاپان كىيىدۇ. ئومۇمەن، قىرىقياشتىن ئاشقان ئەرلەر ئۆزىگە لايىق ساقال قويمىسا، ئامما ئارىسىدا سۆز-چۆچەككەقالىدۇ. «سۆز كۆرىكى-ماقال، ئەر كۆرىكى-ساقال» دېگەن تەمسىل مۇشۇ ھالەتكەقارىتىلغان. يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىگە قاراپ، ئەرلەرنىڭ ياش ئۆلچىمى، تۇرمۇشئەھۋالىغا باھا بەرگىلى بولىدۇ. (ئابدۇكېرىم راخمان، رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا، شېرىپ خۇشتارقاتارلىقلار تۈزگەن «ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.)
بايانات

تارىخ ئۆگىنىپ ئەسلىمىزنى ئونۇتمايلى!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى