يىلتىز تارىخ يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

نورۇز -- روھىيەت بايرىمى؟

نورۇز -- روھىيەت بايرىمى؟

ۋاقتى: 2016-03-19 ئاۋاتلىقى: 871 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۈركىي مىللەتلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان باشقا خەلق تۈركۈملىرى قاتارىدا روزى ھېيت بىلەن قۇربان ھېيتنى ئەنئەنىۋىي ئايەم سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقىلى 1400 يىلدىن ئاشتى. قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى شامان دىنى ۋە بۇددا دىنىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغانلىقى، ئىسلام دىنىنىڭ قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن 600 يىلچە كېيىن قوبۇل قىلىنغانلىقى، باشقا يۇرتلاردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئەڭ ئۇزۇن تۇرغانلىقى، مىلادى 1697- يىلدىن 1930- يىلغىچە جەمئىي 233 يىل ھۆكۈم سۈرگەن قۇمۇل ۋاڭلىقى دەۋرىدە ئاساسەن بېكىنمە ھالەتتە ياشىغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قۇمۇللۇقلار ياشاش ئۇسۇلى، ئۆرپ- ئادەت، يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەك، پىسخىك خۇسۇسىيەت ... جەھەتلەردە ئۆزگىچە ئەنئەنىلەرنى ياراتقان ھەم داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. مەيلى باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى بولسۇن، روزى ھېيت بىلەن قۇربان ھېيتنى بىر يىلدىكى ئىككى چوڭ ئايەم دەپ قاراپ، بىر قاتار تەييارلىقلار بىلەن كۈتۈۋالىدۇ ۋە ئىككىلا ئايەمنى ئۆز خاسلىقلىرى ئاساسىدا ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى بايرام ئۆتكۈزمەيتتىمۇ؟ بۇ ئەستايىدىل ئويلىنىشقا تېگىشلىك ماھىيەتلىك مەسىلە، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر ئىسلام دىنى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن روزا ھېيت، قۇربان ھېيتلارنى ئۆتكۈزۈشكە ئۆتۈشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ بۇ ئايەملەردىنمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغان، مەزمۇن- خاسىيەتلىرى تېخىمۇ مول بىر بايرىمى بولغان، ئۇ بولسىمۇ نورۇز بايرىمىدۇر!

تەتقىقاتچىلار نورۇز بايرىمىنى «ئەنئەنىۋىي مىللىي بايرام، ئەمگەك بايرىمى، ئىناقلىق بايرىمى، ساۋابلىق بايرىمى، قۇتلۇق بايرام، تەبىئەت بايرىمى» دېگەندەك ناملاردا سۈپەتلەپ ھەم تەرىپلەپ كەلدى. ھازىر بىرقەدەر ئومۇملاشقىنى بولۇۋاتىدۇ. مەن بۇنى ماھىيەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، «نورۇز - روھىيەت بايرىمى» دەپ ئاتاشنى خوپ كۆردۈم.

«نورۇز نوقۇل تەبىئەت بايرىمىلا ئەمەس، ئۇ خېلى ئۇزاق بىر زامان قۇياشقا، ئوتقا، يورۇقلۇققا بولغان دىنىي ئېتىقاد تۈسىنىمۇ ئېلىپ كەلدى. بۇ زارائاسترىزمدىن ئىلگىرى قۇياشقا چوقۇنۇش - تەبىئەت ئىلاھچىلىقى شەكلىدە زارائاسترىزمدىن كېيىنكى ئاخرومازداغا سىغىنىش - دىنىي ئىلاھىيەتچىلىك شەكلىدە ئىككى باسقۇچنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى» (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن). كۆك مەشرىپى ئەڭ قەدىمكى ئېتنىك مەدەنىيەت بەلگىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ زۇلقەرنەيىن شەرققە يۈرۈش قىلمىغان دەۋرلەردىلا بارلىققا كەلگەن. «مەشرەپ» بايراملىرىمۇ بۇندىن ئىلگىرىلا بار ئىدى.
نورۇزنىڭ خاسىيىتى ۋە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلىرىنىڭ مەزمۇنلىرىنى مۇجەسسەملەپ، ئۇنى «روھىيەت بايرىمى» دېسەك تامامەن بولىدۇ. نورۇزدا ھەرخىل سورۇنلار تۈزۈلۈپ، ئومۇمىي خەلق سەيلىسى بولىدۇ. ① نورۇزدا ناغرا- سۇنايلار چېلىنىپ، شەھەر- بالىق ۋە يېزا- سەھرالار بايرام كەيپىاتىغا كىرگۈزۈلىدۇ؛ ② كىشىلەر شەخسىي تازىلىق ۋە مۇھىت تازىلىقى قىلىدۇ. بۇ «ئارىخ توقۇ» دەپ ئاتىلىدۇ؛ ③ سوغۇق قوغلاش، ئىللىق ئاپتاپ- باھارنى كۈتۈۋېلىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ ④ كىشىلەر بىر- بىرىنى يوقلىشىدۇ، ئىگە- چاقىسىز، قېرى- چۆرىلەر ۋە يېتىم- يېسىرلارنىڭ كۆڭلى ئاۋۇندۇرۇلىدۇ. قەبرە باشلىرىدا دۇئا- تىلاۋەت قىلىنىدۇ؛ ⑤ نورۇز ئېشى ئېتىلىدۇ؛ ⑥ نورۇز سەيلىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ ⑦ تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ ⑧ يۇرت- يۇرتلاردا نورۇز مەشرىپى بولىدۇ؛ ⑨ كىشىلەر ئارا ياخشى تىلەكلەر تىلىنىپ مېھرىبانلىق تەرغىپ قىلىنىدۇ. كىشىلەر تەڭرىدىن بەرىكەت، ئاسايىشلىق تىلەيدۇ، زىددىيەت- ئارازلىقلار تۈگىتىلىپ، ئارىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشكەن كىشىلەر ۋە ئەر- خوتۇنلار «ئۆتكەنگە سالىۋات» دەپ ئەپلىشىپ قالىدۇ.

نورۇز بايرىمى بارلىق كىشىلەر روھىي ئازادىلىككە، خۇشاللىققا چۆمۈلىدىغان، كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالىدىغان روھىيەت بايرىمىدۇر. قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى بۇ بايرامنى «كۆك مەشرىپى» سارا خەتمە (توغرىسى «زارا خەتمە») دېگەن ناملاردا ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. كىشىلەر مەسچىت ۋە ئۆي- ئۆيلەردە «نورۇز ئېشى» (ئۈندۈرمە) تەييارلاپ، «نەزىر» نامىدا نورۇزنى تەبرىكلەيدىغان ئادەت 80- يىللارغىچە داۋاملىشىپ كەلگەنىدى. يېقىنقى يىللاردا بۇ ئەنئەنە ئۇنتۇلۇپ، «كۆك مەشرىپى» لا ئانچە- مۇنچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. تارىخى ئۇزۇن، ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى زور، مەزمۇن خاسىيەتلىرى مول بۇ پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش ھەم ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش تولىمۇ زۆرۈر. بۇ خاسىيەتلىك «روھىيەت بايرىمى» نى ئەۋلادسېرى داۋاملاشتۇرۇش بىزنىڭ ھەم كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ۋىجدانىي بۇرچى. نورۇز بايرىمى ئىلگىرىكى زامانلاردا ھەپتە ئون كۈن ئۆتكۈزۈلگەن بولسا، ھازىر ئاساسەن 3- ئاينىڭ 21- كۈنى بىر كۈنلا ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ. نورۇز تەتقىقاتى ۋە تەشۋىقاتى چوڭقۇر ھەم ئىلمىي بولمىغانلىقتىن، نورۇز بايرىمى ئادەتتىكى كۈنلەردەكلا ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. تەتقىقات ۋە تەشۋىقات چوڭقۇرلاشسا، نورۇز بايرىمى ھەقىقىي ماھىيىتى بويىچە باشقىدىن ھاياتىي كۈچىنى، تارىخىي قىممىتىنى نامايان قىلىدۇ.
ئابلىز ئۆمەرھاجى
ئاپتور: «قومۇل گېزىتى» ئىدارىسىدە
بايانات

تارىخ ئۆگىنىپ ئەسلىمىزنى ئونۇتمايلى!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى