يىلتىز تارىخ يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى

ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى

ۋاقتى: 2015-10-27 ئاۋاتلىقى: 1438 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى
مۇئەللىپ: [توختى مۇزارت] 1957-2015
تەرجىمان: ئېلزات ئەركمان
كامران ئەركمان
سۆز بېشى: جۇڭخۇانى ئۇيۇشتۇرۇپ، تارىخنى ئورتاق يارىتايلى
9 مىليون 600 مىڭ كۋادرات كلومېتىر زېمىنغا ئىگە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. بۇ بىپايان، باي زېمىندە ياشايدىغان مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە باي ئىشچان، باتۇر، ئەقىللىق 56 مىللەتنى قەدىمدىن تارتىپلا جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكىلەر جۇڭخۇا مىللىتى، دەپ ئاتايدۇ.
جۇڭخۇا مىللىتى تەركىبىدىكى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئورتاق تېررىتورىيەدە پارلاق مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، پاراۋان ماددىي تۇرمۇش بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇانىڭ ئۇزاق تارىخىنى شەكىللەندۈرگەن. جۇڭخۇا مىللىتى نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە، بۇ بىپايان زېمىندە ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق مېھنەت-تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن، ئۇلار ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخى ۋە پارلاق مەدەنىيىتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپلا قالماستىن بەلكى ناھايىتى ئۇزاق تارىخىي دەۋردە دۇنيا مەدەنىيىتىگە غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينىغان، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئۇلۇغۋار تۆھپىلەرنى قوشقان.
جۇڭخۇا مەدەنىيىتى قەدىم-قەدىمدىن داۋام قىلىپ كەلگەن مول، پارلاق مەدەنىيەت. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى شەرق مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە دۇنياۋىي نوپۇز ۋە شۆھرەتكە ئىگە، بۇنىڭ مۇنداق ئىككى تۈرلۈك سەۋەبى بار: بىرىنچى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە، چىن-خەن دەۋرىدىلا جۇڭگو بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتكە ئايلانغان، تۈرلۈك قىيامەتلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، تارىخنىڭ باياۋانلىرىدىن ھالقىپ ئۆتەلىگەن، جۇڭخۇا مىللىتىمۇ بۇ دىشۋارچىلىقلاردىن توزۇپ كەتمەي ئۇيۇلتاشتەك ئۇيۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن. دۆلەتنىڭ بىرلىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق-ھەمكارلىقىنى رېئال شەرتلەر بىلەن تەمىن ئېتىپ، مىللەتلەر تارىخىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئېرىشتۈرگەن. بۇنىڭغا مۇخالىپ دەلىل شۇنداقكى، دۇنيادا بەزى مىللەتلەر قەدىمىي پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان بولسىمۇ ئەمما تارىخ مۇساپىسىنىڭ توزاندىلىرىغا كۆمۈلۈپ ئاخىرقى ھېسابتا ھالاكەتلىك تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب ئۇ مىللەتلەر ياشىغان دۆلەتلەر ئۈزلۈكسىز داۋالغۇشتىن خاھلىي بولالمىغان، ئۇزاققىچە داۋام قىلالايدىغان بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بولمىغان، نەتىجىدە ئۇلار ئىختىرا قىلغان مەدەنىيەت مەۋجۇدلۇق يىلتىزى ۋە تەرەققىيات زامانىدىن مەھرۇم قالغان. ئىككىنچى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى جۇڭخۇا مىللىتى تەركىبىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق بەرپا قىلغان، بۇ مەدەنىيەت مىللەتلەرنىڭ ئىچكى ئۆزلىكىنىڭ ئۇيۇشۇشى ۋە يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىشىنىڭ ئۇلتېشى. جۇڭخۇا زېمىنىدە، قەدىمدىن ھازىرغىچە مىللەتلەر كۆپ بولۇپ كەلگەن، ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ۋارىسلىقى ۋە جارىيلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە يۈرەك قېنىنى تەسەددۇق قىلغان. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ باشلىنىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەدەنىيەت تارىخى مىللەت تارىخىغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن. جۇڭخۇا مىللىتى تەركىبىدىكى مىللەتلەرنىڭ پارلاق ھەم ئۇزاق تارىخى بولمىغىنىدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مول مېغىزى ۋە ئۇزاقتىن بۇيانقى داۋامى بولمىغان بولاتتى. ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بەرپا قىلىنغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىدا گەۋدىلىنىدۇ:
1.مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشى ۋە قوبۇل قىلىشى
ھەرقانداق مىللەت تارىختا شەكىللىنىدۇ، شۇنىڭدەك ئۆز تەرەققىيات داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. جۇڭگودىكى مىللەتلەرمۇ شۇنداق. خەنزۇ مىللىتى خۇاشيا مىللىتى بىلەن ئەينى زاماندىكى «ئەتراپتىكى قوۋملار» (شەرقتىكى قوۋملار، شىمالدىكى دىلار، غەربتىكى رۇڭلار، جەنۇبتىكى بەدەۋىيلەر) نىڭ ئۇزاق مۇددەت قوشۇلۇشى ئارقىلىق ئاخىرقى ھېسابتا خەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە رەسمىي شەكىللەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تارىخىي باسقۇچىدا زور مىقداردىكى نۇرغۇن مىللەت تەركىبىدىكىلەر تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خەنزۇ مىللىتىگە قوشۇلۇپ سىڭىشكەن. بولۇپمۇ جەنۇبىي-شىمالىي سۇلالىلەر ۋە سۇڭ سۇلالىسىدىن كېيىنكى ھەرقايسى دەۋرلەردە تارىختا بىر مەھەل جانلانغان ھۇن، سيانپى، ياۋچى، چياڭ، تۈرك، قىتان، جۇرجىت، موڭغۇل، مانجۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ زور بىر تۈركۈمى خەنزۇلارغا سىڭىشىپ كەتكەن. دەل مۇشۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، خەنزۇ مىللىتى جۇڭگودىكى مىللەتلەر ئىچىدە تارقالغان رايونى ئەڭ كەڭ، نوپۇسى ئەڭ كۆپ، تىل شېۋىسى ئەڭ كۆپ ھەم ئەڭ پەرقلىق، مىللىي ئۇدۇم پەرقى ئەڭ زور مىللەت بولۇپ قالغان. بۇنىڭدىن خەنزۇ مىللىتى مەنبەسىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە كۆپ مەنبەلىكلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. شۇنداق دېيىش كېرەككى، جۇڭگودىكى مىللەتلەر (قەدىمقى زاماندىكى مىللەتلەر ۋە ھازىرقى زاماندىكى مىللەتلەر) خەنزۇ مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرگەن، جۇڭگودىكى مىللەتلەر خەنزۇ مىللىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، كۆچۈش، ئۆزئارا قۇدىلىشىش، يېغى قىيامەتلىرى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نۇرغۇن خەنزۇ ئاھالىسىمۇ باشقا مىللەتلەرگە سىڭىشىپ كەتكەن. ئالايلۇق، مىلادىيە 8-ئەسىردە، تۈبۈتلەر (ھازىرقى زاماندىكى تىبەتلەر) لۇڭشەن (ليۇپەنشەن) تېغىنىڭ غەربى، سىچۈەن، يۈننەننىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى بىرەر يۈز يىلچە ئىختىيارىغا ئېلىۋېلىپ دەۋران سۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن مىليونچە خەنزۇ ئاھالىسى تۈبۈتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن، مانا شۇ تۆت-بەش ئەۋلاد تۈبۈت ھۆكۈمرانلىقىدا بۇ رايوندىكى خەنزۇلار كىيىم-كېچەك، تىل، ئۆرپ-ئادەت ئۇدۇمىنى ئۆزگەرتىپ تىبەتلەرنىڭ بىرقىسىمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. يەنە ئالايلۇق، خەن سۇلالىسىدىن تاڭ سۇلالىسىگىچە بولغان ئارىلىقتا، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن بارغان نۇرغۇن قورۇقچى لەشكەرلەر ۋە بوزيەر ئۆزلەشتۈرگۈچى لەشكەرلەر تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا، بولۇپمۇ ئىدىقۇت تەۋەلىكىدە تۇرغان، بۇ خەنزۇلارمۇ شۇ جايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن ۋەھاكازالار.
يەنە، ئېلىمىزدىكى ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەر شەكىللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش داۋامىدا ئۆزئارا قوشۇلۇپ-قوبۇل قىلىنىدىغان ئومۇمىيۈزلۈك ھادىسىلەرمۇ بولغان. ئېلىمىزدىكى چياڭ مىللىتىنىڭ تىبەتلەر ۋە جەنۇبىي جۇڭگودىكى نۇرغۇن مىللەتلەر بىلەن مىللەت مەنبەسى جەھەتتە مۇئەييەن باغلىنىشلىقى بار؛ ئېلىمىزدىكى قازاق، ئۆزبېك، دۇڭشياڭ (سارتموڭغۇل؟ سارتقالماق؟) باۋئەن، سالار مىللىتىمۇ مىللەت مەنبەسى جەھەتتە قويۇق باغلىنىشلىقى بار؛ ئېلىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سالار، يۈگۇ (يۇغۇر؟ سارىغئۇيغۇر؟) ۋە تارىختىكى قىتان، تۈرك قاتارلىقلار بىلەن مۇئەييەن باغلىنىشلىقى بار؛ ئېلىمىزدىكى خۇيزۇ (تۇڭگان) لارنىڭ خەنزۇ، دۇڭشياڭ، باۋئەن، سالار مىللىتى بىلەن مىللەت مەنبەسى جەھەتتە قويۇق باغلىنىشلىقى بار. ئېلىمىزدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل تۈرىدىنمۇ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مىللەت مەنبەسى جەھەتتىكى ئالاقىسىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى خەنزۇ-تىبەت تىل سىستېمىسى بىلەن ئالتاي تىل سىستېمىسىغا تەۋە. ئالدىنقى تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر ئاساسەن ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىغا، كېيىنكى تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر ئاساسەن ئېلىمىزنىڭ شىمالىغا، يەنى شەرقىي شىمال، ئىچكى موڭغۇلدىن تاكى شىنجاڭغىچە تارقالغان. تىلشۇناسلىقتىن تەۋەلىككە ئايرىش ئەقەللىي پىرىنسىپى بويىچە، ئوخشاش تىل سىستېمىسىغا تەۋە مىللەت توپىنىڭ ئۇلار ئوتتۇرىسىدا مىللەت مەنبەسى جەھەتتە مۇئەييەن باغلىنىشلىقى بارلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئېلىمىزنىڭ قەدىمقى يازما تارىخ مەنبەلىرىدىكى خاتىرىلەرمۇ بۇنداق باغلىنىشلىقنىڭ مەۋجۇدلىقى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى يىپ ئۇچى بىلەن دەلىللەيدۇ. تارىخ بىزگە مىللەت توپىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى، سىڭىشىش-قوبۇل قىلىشلىرى ۋە ئورتاق تەرەققىيات مەنزىىرىسىنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ. دېمەك، ئېلىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى تەركىبىدىكى مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان، دېسەك ھېچبىر مۇبالىغە قىلغانلىق بولمايدۇ.
2. ۋەتەن تۇپرىقىنىڭ ئورتاق بەرپا قىلىنىشى
ئېلىمىزنىڭ زېمىنىنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىيات جەريانى بار، بۇ جەريان ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا جۇڭگودىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق بەرپا قىلغان جەريان، بۇ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇانى بىرلىكتە بەرپا قىلغانلىقىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. تارىختا، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇزاققىچە ياشىغان، تىرىكچىلىك قىلغان ۋە راۋاج تېپىپ كۆپەيگەن رايونلىرى بولغان، ھەرقايسى رايونلاردىكى مىللەتلەر ئارا ناھايىتى قەدىم زامانلاردىن بېرى ئىقتىساد جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئالاقىلەر بولغان. مەسىلەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شەرقىي تۈركلەر، غەربىي تۈركلەرنىڭ بەيئەت قىلىشى، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە قۇبلاي قاتارلىقلارنىڭ نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى بۆلۈنمە ھالەتنى ئۆزگەرتىپ جۇڭگو زېمىنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، بولۇپمۇ شىزاڭنىڭ رەسمىي جۇڭگو مەمۇرىي ئىدارىسىنىڭ بىرقىسىمىغا ئايلاندۇرۇلۇشى ۋە كېيىنكى چاغدىكى مانجۇلار قۇرغان چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدىكى موڭغۇللارنىڭ چىڭ سۇلالىسىغا بەيئەت قىلىشى، شىنجاڭ رايونىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك جۇڭخۇا تېررىتورىيەسىنى بەرپا قىلىشقا قوشقان تۆھپىسى. ناۋادا، تارىختىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكەتلىرى بولمىغان بولسا، جۇڭگونىڭ بۈگۈنكىدەك بىپايان زېمىنى شەكىللەنمىگەن بولاتتى.
3. ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش
تارىختا، جۇڭگودىكى مىللەتلەر ئۆزلىرى ئولتۇراقلاشقان رايوندا ئۆز رايونىنى قۇرۇش ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. ئېلىمىزدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ كۆپىنچىلىرى جۇغراپىيەلىك شارائىتى ناچار، تىرىكچىلىك لازىمەتلىكلىرى كەمچىل، تۇرمۇش شارائىتى جاپالىق. ئۇلار ئەجدادلىرىدىن تارتىپ بۇ يەرلەرنى ئانا ماكان تۇتۇپ ياشاپ كەلگەن، قۇرغان ھەم جايلارنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە مۇھىتىغا ئاساسەن ئۆز ئىگىلىكىنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرغان، ئۆزلىرىگە خاس ئىگىلىك ئەندىزىسى تۇرمۇش ئۇسۇلى بەرپا قىلغان. ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدا، ھەر مىللەت خەلقى تۈرلۈك ناچار جۇغراپىيەلىك شارائىت قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ، بوستانلىق يېزا ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە غەربىي شىمالدىكى مىللەتلەر جۇڭگو، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ھەتتا شىمالىي ئافرىقا، ياۋروپاغا بارىدىغان مۇھىم يول بولغان يىپەك يولىنى ئېچىپ راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرىقى رايونلار بىلەن بولغان سىياسىي ئالاقىسى، ئىقتىسادىي باردى-كەلدىسى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى يۈكسەلدۈرۈپ، قەدىمقى زاماندىكى دۇنيانىڭ جۇڭگونى چۈشىنىشى، قەدىمقى جۇڭگونىڭ دۇنيانى چۈشىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناپ، گەۋدىلىك تۆھپىلەرنى قوشتى.
4. جۇڭگونىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ساقلاش
جۇڭگودا نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان كۆپ مىللەت بىللە ياشاش، ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆز يېرىنى تەڭ راۋاجلاندۇرۇش ئەنئەنىسى؛ خەنزۇ مەدەنىيىتى ئاساسىي ئېقىم قىلىنغان ھەر مىللەت مەدەنىيىتى تەڭ مەۋجۇد بولۇش ئەنئەنىسى؛ سىياسىي ئاپپارات، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ئۆزگەرمەسلىك ئەنئەنىسى؛ تارىختىكى سۇلالىلەر ئىچكى-تاشقى سىياسەت، فاڭجېندا ئىزچىللىقنى ساقلاش ئەنئەنىسى؛ تارىخ خاتىرىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى ھۆرمەت قىلىش، بۇ ئىشنى ئوردا-ئاۋام تەڭ تۇتۇش، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەڭ خاتىرىلەش ھەم ئۇنى ئۈزۈپ قويماسلىق ئەنئەنىسى؛ ھەرقايسى مىللەتلەر بىرلىككە ئەھمىيەت بېرىش، بىرلىككە ئىنتىلىش، جۇڭگونىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى ئالىي پىرىنسىپ قىلىش ئەنئەنىسى قاتارلىق تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بار.بۇ ئەنئەنە-ئۇدۇملار ھەم جۇڭگونىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتى جەريانىدا جۇغلانغان ھەم جۇڭگودىكى ھەرقايسى مىللەتلەر قەدىم-قەدىمدىن بۇيانقى ئۆزئارا ئالاقىلەردە شەكىللەنگەن، بۇ ھەتتا ھەرقايسى مىللەتلەر سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ دەۋرىيلىك پىرىنسىپىدۇر.
مانا مۇشۇنداق بولغىنى ئۈچۈن جۇڭگونىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى ئۈزۈلمەي ۋارسلىققا ئېرىشكەن. جۇڭگونىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدىكى بۇ مۆجىزە دەل جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇانى ئورتاق بەرپا قىلغانلىقىنىڭ ئېنىق دەلىلى، شۇنداقلا جۇڭگودىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇانى ئورتاق بەرپا قىلىش مۇساپىسىدىكى ئۇلۇغۋار نەتىجە ۋە تۆھپە.
5. جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىنى بېيىتىش
ئېلىمىزدىكى ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ۋە مول مەدەنىيىتى بار، ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئۆزىنىڭ رەڭگارەڭ يارقىنلىقى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسى زور دەرىجىدە بېيىتتى، بۇنىڭ ئاساسلىق دەلىللىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
(1) خەنزۇ مەدەنىيىتى ئازسانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ جۇڭگو مەدەنىيىتىنى بېيىتتى.جۇڭگودىكى ئازسانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى بىلەن خەنزۇ مەدەنىيىتى ئۇزاقتىن بۇيانقى ئورتاق تەرەققىيات داۋامىدا ئۆزئارا قوبۇل قىلىپ، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆزئارا تۈرتكە بولۇپ، قويۇق ئىچكىي مۇناسىۋەت ئورناتتى. ئازسانلىق مىللەتلەر خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ نۇرغۇن ئېسىل سەمەرەلىرىنى قوبۇل قىلغان، ئوخشاشلا خەنزۇلارمۇ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ نۇرغۇن ئېسىل مەدەنىيەت دۇردانىلىرىنى قوبۇل قىلغان. مەسىلەن، تۇرمۇش ئۆرپ-ئادىتى جەھەتتە ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايىتى زور بولغان. يېغىلىق دەۋرىدە، جاۋ خانلىقىنىڭ خانى جاۋ ۋۇلىڭۋاڭنىڭ «ئاتنى غۇزچە مىنىش، ئوقيانى غۇزچە ئېتىش» تەدبىرىنى قوبۇل قىلىشى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن بەلكى كېيىنكى زامانلاردىكى خەنزۇ مىللىتىنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن. مانجۇ ئاياللىرىنىڭ چاكلىق ئۇزۇن كۆينىكى خەنزۇ ئاياللىرىنىڭ ئەتىۋارلاپ كىيىدىغان كىيىمى بولۇپ قالغان. خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا غەربىي يۇرتنىڭ ئورۇندۇق-كۇرسلىرى، غۇزلارنىڭ كات-تۆشەكلىرى ۋە باشقىلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئاھالىسىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خەنزۇ خەلقىنىڭ يەردىلا ئولتۇرۇشتەك تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتتى. نۇرغۇن ئازسانلىق مىللەت ئەدىبلىرى، ئالىملىرى، سىياسىيئونلىرى خەنزۇ تىل-يېزىقىدا نۇرغۇن ئۆلمەس ئەسەرلەرنى ياراتتى، بۇنىڭ ئىچىدە مانجۇ يازغۇچى ساۋ شۆچىننىڭ «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»ى، قىتان سىياسىيئونى، مەشھۇر پازىل يوللۇغ چۇساينىڭ «مادابا تەقۋىمى» ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرى، موڭغۇل جۇغراپىيەشۇناسى مىڭ ئەنتۇنىڭ «چەمبەر يۈزىدىكى كېسىشمە نىسبەت سىرلىرىنىڭ يەشمىسى»، ئۇيغۇر ئاگرانومى لۇ مىڭشەننىڭ «تېرىقچىلىق-پىلچىلىك ئاساسلىرى» قاتارلىقلار بار، يەنە تارىخشۇناسلىق جەھەتتە موڭغۇللارنىڭ «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى»، «موڭغۇل شەجەرەسى»، تىبەتلەرنىڭ «دانىشمەنلەر بەزمىسى» قاتارلىقلار بار. چيەن لۇڭ زامانىدا تۈزۈلگەن «مانجۇچە بەش تىللىق لۇغەت»، «تۆت خەزىنە مەجمۇئەسى» قاتارلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى تاماملاشقا ئازسانلىق مىللەت ئالىملىرىمۇ قاتناشقان. ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ لۇغەتشۇناسلىق، دىنشۇناسلىق، تەرجىمەشۇناسلىق ۋە ئىلمىي نۇجۇم، تەقۋىمچىلىك، تېبابەتچىلىك، جۇغراپىيەشۇناسلىق، سۇ ئىنشائاتى ۋە بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ نۇرغۇن شاھانە ئەسەرلىرى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرى بار. مانا بۇلار جۇڭگودىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىدۇر.
(2) ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئېلىمىز ئەدەبىيات-سەنئەت گۈلزارلىقىنى بېيىتتى. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك»، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى، دەپ ئېتراپ قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا سەنئىتى داستانى «ئون ئىككى مۇقام»، تىبەتلەرنىڭ «گېسار»، موڭغۇللارنىڭ «جاڭغىر»، قىرغىزلارنىڭ «ماناسى»، يىزۇ مىللىتىنىڭ «ئاسىما»، دەيزۇ مىللىتىنىڭ داستانى «جاۋشۇتۇن»، ناشى مىللىتىنىڭ «يارالمىش قىسسىسى»، بەيزۇ مىللىتىنىڭ «ۋاڭ فۇيۈن» قاتارلىقلار ئېلىمىز ئازسانلىق مىللەتلىرىنىڭ ئەەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىدىكى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر، شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تارىخىدىكى بىباھا دۇردانە.
6. تاجاۋۇزچىلىققا قارىشى تۇرۇپ جۇڭخۇانى قوغداش
19-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىن ئېتىبارەن جۇڭگو ئۈزلۈكسىز تۈردە چەت ئەل كاپىتالىزم كۈچلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ كەلدى، ئېلىمىزدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى چېگرا رايونلاردا ئولتۇراقلاشقانلىقتىن چەت ئەل جاھانگىرلىرىنىڭ تۈرلۈك تاجاۋۇزچىلىقلىرىغا ھەممىدىن بەكرەك ئۇچرىدى. ۋەھالەنكى، جۇڭگودىكى ھەرمىللەت خەلقى تاجاۋۇزچىلارنىڭ زورلۇقلىرىدىن قورقۇپ قالماي، ئۇلارغا قارىشى قەتئىي جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، جاھانگىرلارنىڭ جۇڭگونى پارچىلاپ بۆلۈشۈۋېلىش سۈيقەستىنى بىت-چىت قىلدى. بولۇپمۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارىشى ئۇرۇشتا، شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو، جەنۇبىي جۇڭگو قاتارلىق ياپونغا قارىشى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى ھەرمىللەت خەلقى ياپونىيە يۆلەپ تۇرغۇزغان قورچاق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئېلىمىز زېمىنىنى بېسىۋېلىش قارا نىيىتىنى بىت-چىت قىلىش ئۈچۈن ئېغىر قۇربانلىق بەردى ۋە زور تۆھپە قوشتى.
7. جۇڭگونىڭ مىللىي ئىنقىلابىغا غايەت زور تۆھپە قوشتى
1911-يىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابى ۋە 1919-يىلىدىكى 4-ماي ياشلار ھەرىكىتىدە نۇرغۇن ئازسانلىق مىللەت ئىلغار زىيالىيلىرى ئىنقىلابىي كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇردى. بۈيۈك ئىنقىلاب مەزگىلىدە بىر تۈركۈم ئازسانلىق مىللەت ئىنقىلابچىلار ۋە مىللىي رايونلاردا قۇرۇلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشكىلاتلىرى بارلىققا كەلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئىچىدە شۈيزۇ مىللىتىدىن بولغان يولداش دېڭ ئېنمىڭ بار. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئېلىمىزدىكى ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەت خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگو ئىنقىلابىي ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.
8. جۇڭخۇا مىللىتى روھىنى ئورتاق شەكىللەندۈرۈش
ئېلىمىزدىكى مىللەتلەر ئۇزاقتىن بۇيان ئورتاق جۇڭخۇا بەرپا قىلىش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىدا يەنە بۈيۈك جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىمۇ بەرپا قىلدى. ۇۇ روھ ئالدى بىلەن ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدا ئىپادىلەندى. ئېلىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقى ئۆز يۇرت-ماكانلىرىنى چەكسىز مېھرى-مۇھەببىتى بىلەن سۆيۈدۇ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا چەكسىز رىشتە باغلاپ ئىنتىلىدۇ. بۇنداق بۇنداق ئىنتىلىشچانلىق، ئۇيۇشۇشچانلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى بىلەن چېگرا رايونلارنى ئورتاق ئېچىش، قۇرۇش ۋە قوغداش ئارقىلىق شەكىللەنگەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بولۇپ، مۇشۇ رۇھنىڭ تۈرتكىسىدە ئېلىمىز گەرچە تارىختا نەچچە قېتىم بۆلۈنگەن بولسىمۇ ئەمما ئاخىردا يەنىلا بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇردى.
جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ روھى يەنە جۇڭگودىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بولغان ئىنتىلىشىدىكى بۈيۈك بىرلىكتە ئىپادىلىنىدۇ. ئېلىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدا بىرمەھەل بۈيۈك بىرلىك بولغان، شۇنداقلا يەنە بۆلۈنمە ھالەتتىمۇ بولغان. بۇ مەزگىللەردە خەنزۇ مىللىتى بىرلىككە كەلگەن جۇڭگونىڭ مەركىزىي ھاكىمىيىتىنى قۇرغان، ئازسانلىق مىللەتلەرمۇ بىرلىككە كەلگەن جۇڭگونىڭ مەركىزىي ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. جۇڭگو تارىخىدا بۆلۈنمە مەزگىل بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر نۇرغۇن مىللەت ھۆكۈمدارلىرى جۇڭخۇانى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئۆز بۇرچى قىلىپ، بىرلىككە كەلگەن جۇڭخۇا مەركىزىي ھاكىمىيىتى قۇرۇشنى ئالىي شان-شەرەپ بىلگەن. مانا بۇ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى بولۇپ قالغان. بۇنداق ئورتاق تونۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك بىرلىكى ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىشىگە پۇختا ئاساس سالغان.
جۇڭخۇا مىللىتى روھى يەنە مىللەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ ئورتاق راۋاجلىنىش روھىدا ئىپادىلىنىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى ئىشچان، باتۇر، جاپاغا چىدايدىغان، ئەقىل-پاراسەتلىك، سىغدۇرۇشچان، قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈدىغان، قالاقلىققا تەن بەرمەيدىغان، ئىجادكارلىققا ماھىر بولۇشتەك پەزىلەتكە ئىگە، جاپاغا چىدايدىغان، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز قۇدرەت تاپقۇزۇشقا ئىنتىلىدىغان بۇنداق روھ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيانقى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ھاياتىدا يۇغۇرۇلۇپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك سىمۋولى، جۇڭگونىڭ تارىختا ئۇزاققىچە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇشنى ساقلىيالىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى بولۇپ قالدى.
ئومۇمەن، جۇڭخۇادىكى مىللەتلەرنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى بىريەرگە جەم بولۇپ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت تەشكىل قىلالىشى تەساددىپىيلىق ئەمەس. بۇ، جۇڭگودىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان ئىچكى باغلىنىشنىڭ مۇقەررەر ئىپادىسى، جۇڭخۇادىكى مىللەتلەرنىڭ نەپەسداش، تەقدىرداش، قەلبداش، ئىجىل-ئىناق بولۇپ ئۆز ئارا ياردەم قىلىپ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى، شۇنداقلا جۇڭخۇادىكى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تارىخىي تاللىشى. ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالغان ئورتاق جۇڭخۇا بەرپا قىلىشتەك بۇنداق بۈيۈك جاسارەت يەنە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەرمىللەت خەلقىنى زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇڭخۇادىكى مىللەتلەردە پارچىلىۋەتكىلى بولمايدىغان مۇستەھكەم بىر ئائىلىنى شەكىللەندۈردى، ھەرقايسى مىللەتلەر بۇ ئائىلىدىكى باراۋەرلىكتىن پەخرىلىنىدىغان ئەزاغا ئايلاندى. جۇڭخۇا مىللىتىگە نىسبەتەن 21-ئەسىر ئۈمىدكە ۋە رىقابەتكە تولغان ئەسىر. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىدىن، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق غايىسىدىن، ئۆزلىكىمىزدىكى شەرەپ ئەنئەنىسىدىن كەلگەن. شۇڭا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تارىخنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىسىنى جارىي قىلدۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە، يېڭى ئەسىردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تارىخىي سەھىپە يېزىشقا پايدىلىق.
جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي تارىخىي مەدەنىيىتى ئەلۋەتتە ئېلىمىز ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي تارىخىي مەدەنىيىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىنى تەتقىق قىلىش، بولۇپمۇ بۇ رايوندا ياشىغۇچى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي تارىخىي مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ــــ ئېلىمىزدەك كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتى تەتقىقاتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى. قەدىمقى غەربىي يۇرت مىللەتلەر كۆپ كۆچۈدىغان، ناھايىتى كۆپ سىڭىشىدىغان جاي، شۇنداقلا شەرق-غەرب مەدەنىيىتى ئالمىشىدىغان مەركىزىي تۈگۈن. ئۇيغۇرلار مانا مۇشۇ رايوندىكى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ تارىخىنى، تىلىنى، دىنىنى، مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ــــ نۇرغۇن ئىلىمغا چېتىلىدىغان ئىلمىي ئەمگەك. شۇڭا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تېمىسىنى ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىش ئېلىمىزنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ خەلقئارالىشىش سەۋىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ئۆستۈرۈپ، ئېلىمىزنى دۇنيادىكى مەدەنىيەت جەھەتتە گىگانت، قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا ناھايىتى مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەزكۇر كىتابنىڭ مۇئەللىپى توختى مۇزارت كەمتەر، ئىلىمگە ھېرسمەن زات بولۇپ، ئىزچىل تۈردە ئۆگەنگۈچىلىك سۈپىتىنى ساقلاپ، ھەر كۈنى نۇرغۇن ۋاقتىنى كىتاب كۆرۈش بىلەن ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇنىڭدىن نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز؟ دەپ سورىغىنىمىزدا، «چۈنكى ئىلىمنىڭ چېكى يوق، ئۆگىنىپ قانائەت تاپمايمەن» دېگەن جاۋابقا ئېرىشىمىز. ئىشىنىمىزكى، بۇ نوقۇل كەمتەرلىك بىلەنلا بېرىلگەن جاۋاب ئەمەس. مۇئەللىپ قەلەمنى تەۋرىتىپ ھارمايدىغان، ئىلىم تەتقىقاتىغا بارلىقى بىلەن بېرىلىدىغان، قىيىنچىلىقنى بىلىپ تۇرۇپ جاپالىق ئىلگىرىلەيدىغان، قىيىن نۇقتا، بوشلۇق ئۈستىدە جاپالىق ئىزدىنىدىغان، كاتتا مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئادەم. بۇ يەردە توختى مۇزارتنىڭ «ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى» ناملىق بۇ كىتابى نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىمىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي تارىخىي مەدەنىيىتى تەتقىقاتىنىڭ مۇھىملىقىنى سۆز بېشى ئورنىدا يۇقىرىقىدەك ئانچە-مۇنچە شەرھلەپ ئۆتتۇق.
لى جيەنخۇي
2013-يىل باھار، بېيجىڭ
كىرىش سۆز (ئاپتور)
تارىخنىڭ چاقى يەنە بىر مەرتەم يېڭى بىر ئىراغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ ئىلىم تەتقىقاتى يەنە بىر «بارچە گۈللەر تەڭ ئېچىلىش، ھەممە ئېقىم بەس-بەستە سايراش» يېڭى دەۋرىگە كىردى. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش قۇرۇلۇشى تېخىمۇ گۈللەنگەن بىر دەۋرنى كۈتۈۋالدى. ئۇيغۇرلار جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىدە ئۇنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ئەلۋەتتە ئېلىمىزدەك كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋىي تارىخىي مەدەنىيىتى تەتقىقاتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزدىكى نەچچە ئەۋلاد مۇتەخەسىس، ئالىملار، پېشقەدەم ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشى ۋە جاپالىق تىرىشىشى ئارقىلىق جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات سىستېمىسى تەدرىجىي بەرپا قىلىندى. يېڭى ئەسىرنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ئېلىمىزنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىمۇ ئۆزىنىڭ يېڭى باھارىنى كۈتۈۋالدى.
نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزدىكى ئۇيغۇر خەلقى باشقا مىللەت خەلقى بىلەن ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە پارلاق مەدەنىيىتىنى ئورتاق بەرپا قىلدى. ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئۇيغۇرلار يەنە ئۆزىنىڭ خاس مىللەت ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەت شەكىللەندۈرۈپ، بىزگە ناھايىتى نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، قەدىمىي ئىزنالار، قالدۇرۇپ، بىزنىڭ بۈگۈنكى ئىلىم تەتقىقاتى قۇرۇلۇشىمىز ئۈچۈن ناھايىتى زور ئۇل شارائىتى ۋە تەپەككۇر بوشلۇقى قالدۇردى.
ئوتتۇرا ئەسىر تولا مالامەتلەردە ئۆتكەن مۇرەككەپ دەۋر. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادەك مۇشۇنداق تارىخىي مەدەنىيەت مەركىزىدە نۇرغۇن قەدىمىي مىللەتلەر غايىب بولۇپ، يەنە يېڭى قوۋملار توپى، قەبىلە ۋە مىللەتلەر بارلىققا كېلىپ، تارىخىي ئويۇنلار ئوينىلىپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيانى رەڭگارەڭ، مول، چۈش كەبى ئاسىيا مەركىزىنىڭ سەھنىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.
مىلادى 840-يىلى، چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇرلار تارىخىدا زور بىر ۋەقە يۈز بەردى، خەنزۇچە تارىخ كىتابلىرىدا بۇ «ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى» دېيىلدى.
«ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى» شىمالدىكى ئاتلىق مىللەت بولمىش ئۇيغۇرلارنىڭ (回鹘) بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك تارىخىي تەقدىرلىك يۆتكىلىشى ــــ كۆچ-كۆچ ھەرىكىتى ئىدى. ناۋادا «ئۇيغۇرلارنىڭ (回鹘) غەربكە كۆچۈشى» بولمىغىنىدا بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار بولمىغان بولاتتى، يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا «ئۇيغۇرلارنىڭ (回鹘)غەربكە كۆچۈشى» سەۋەبلىك بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتى بارلىققا كەلگەن. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇيغۇرلار(回鹘) «غەربكە كۆچۈش» ھەرىكىتى ئارقىلىق بۈگۈنكى شىنجاڭ رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ، قەدىم-قەدىمدىن بېرى شۇ رايوندا ياشاۋاتقان مىللەتداشلىرى بىلەن جەم بولدى ھەم شۇ يەردىكى باشقا قەبىلە- مىللەتلەرنى ئۆزلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى بېيىتىپ تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، ۋەتەننىڭ غەربىي زېمىنىنى گۈللەندۈرۈپ ۋە قوغداپ، ۋەتەننىڭ بۈگۈنكى غەربىي زېمىنىنىڭ ئاساسىي ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ زور تۆھپىلەرنى قوشتى.
قاراخانىلار خانىدانلىقىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا ناماياندە خاراكتېرلىك زور ۋەقە. بۇ خانىدانلىقنىڭ قۇرۇلۇشى ماكان-زامان جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ ناماياندىسى بولۇپ قالدى. «ئۇيغۇرلارنىڭ (回鹘) غەربكە كۆچۈشى»دىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزلىنىشى، تەقدىرى ۋە ئىستىقبالى، ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تارقىلىشى ۋە بۇ دىننىڭ مەزھەب ئالاھىدىلىكلىرى، «ئۇيغۇرلارنىڭ (回鹘) غەربكە كۆچۈشى»نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا، بولۇپمۇ ئېلىمىزنىڭ غەربىي يۇرت تارىخىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇر بولدى. قاراخانىلار خانىدانلىقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ (回鹘) زىچ مۇناسىۋىتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى، بولۇپمۇ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا شەكىللىنىشى قاتارلىق بىرمۇنچە چوڭ تېما مۇھىم ئىلمىي تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.
مىلادى 840-يىلدىن 1514-يىلى ياركەنت خانلىقى قۇرۇلغانغا قەدەر ئۇيغۇرلار (回鹘) شەرق-غەرب تارماققا بۆلۈنۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما قاراخانىلار خانىدانلىقى مەركەز قىلىنغان غەربىي ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرىنى مەركەز قىلغان شەرقىي ئۇيغۇر (回鹘)بۇددىزم مەدەنىيىتىنى ياراتتى. بۇ ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار (回鹘) غەربكە كۆچكەندىن كېيىن شەرق-غەرب، دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەنلىكىدىن بولغان، غەربتىكىلىرى خەنزۇچە تارىخ مەنبەلىرىدە «كۆكئارتنىڭ (پامىرنىڭ) غەربىدىكى ئۇيغۇرلار(回鹘)» دەپ خاتىرىلەنگەن، شەرقتىكىلىرى «تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى(回鹘)» (ياكى ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى) دەپ خاتىرىلەنگەن. «كۆكئارتنىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇرلار(回鹘)» قاراخانىلار خانىدانلىقىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولغان ھەم خېلى بۇرۇنلا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتىنى ياراتقان؛ «تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى(回鹘)» يەنىلا بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ھەم مۇشۇ ئاساستا ئۇيغۇر (回鹘)يېزىقىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يارىتىپ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر يېزىقىدا يارىتىلغان بۈيۈك «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى(回鹘)» يېقىنقى زامان خەلقئارا ئىلىم ساھەسىنى تاڭ قالدۇرغان. مەيلى غەربىي ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى بولسۇن مەيلى شەرقىي ئۇيغۇر (回鹘) بۇددىزم مەدەنىيىتى بولسۇن، ئوخشاشلا ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى بولۇپ، بۇ ئىككىسىنى ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ. شەرقىي ئۇيغۇر بۇددىزم مەدەنىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسىمى ئەمەس، دەيدىغان قاراش تارىخ تەرەققىياتىنىڭ پاكتلىرىغا ئۇيغۇن ئەمەس، ئىلمىي قاراشمۇ ئەمەس.
دىنىي ساھە ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى. مەزكۇر كىتابتا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ چوڭ مەزھەب بولغان نەقشبەندىيە مەزھىبىنىڭ پىرلىرى ئوغۇل-ئوغلانلىرىنى كاشغەر ۋە ياركەنتلەرگە ئەۋەتىپ دىن تارقاتقانلىقى ھەم «خوجىلار» جەمەتى، دەپ ئاتىلىپ سوفىزم ئەھكاملىرىنى تارقاتقانلىقى، ھەتتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئالاھىدە بولغان دىن گۇرۇھى «ئۇۋەيسىيە» گۇرۇھى ۋە سوفى، ساياق پەھلىۋان، مۇساپىر-سەرگەردان قاتارلىقلارنىڭ شەكىللىنىش جەريانى پاكت ئارقىلىق دەلىللەپ تەتقىق قىلىنغان؛ سوفىزم سۈلۈكىنىڭ بىرنەچچە مەزھەبكە، مەسىلەن «ئاق تاغلىقلار (ئاق تەقىيەلىكلەر)»، «قارا تاغلىقلار (ئاق تەقىيەلىكلەر)» قاتارلىقلارغا بۆلۈنگەنلىكى خۇسۇسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يېڭى ئىلگىرلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن.
تارىخ تەتقىقاتى ئاساسلىقى تارىخ ماتېرىياللىرىنى ئاساس قىلىدۇ، بولۇپمۇ ھەرمىللەت تارىخچىلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن تۈرلۈك نۇسخىدىكى تارىخىي كىتابلار، خاتىرىلەر ۋە ئەينى زامان كىشىلىرىنىڭ قوليازمىلىرى، ئاڭلىغان-كۆرگەنلىرى، خارابە ئىزلىرى قاتارلىق ئىپتىدائىي ماتېرىياللار ئاساس قىلىنىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىر مۇرەككەپ، ئاجايىب-غارايىب مالامەتلىك دەۋر بولغان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئېلىمىزنىڭ غەربىي يۇرت رايونى يىپەك يولىغا جايلاشقاچقا قاتنىشى كۈنسېرى راۋانلاشقان، مىللەتلەر ئالاقىسى كۆپىيىپ، تۈرلۈك مەدەنىيەتلەر ئۆزئارا ئۇچرىشىپ سىڭىشكەن، ئەلۋەتتە توقۇنۇش ۋە ئىناقلىقمۇ تەڭ مەۋجۇد بولغان. ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى تەتقىق قىلىش، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تارىخىي مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش يۇقىرىقى تۈرلۈك يېزىقتىكى تارىخ ماتېرىياللىرىنى ئوقۇش، چۈشىنىش، تەھلىل قىلىش، رەتلەش ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇرەككەپ، رەڭگارەڭ مەدىنىيىتىنى تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ. گەرچە ئىسلام تارىخچىلىرى بىزگە نۇرغۇن بىرىنچى قول تارىخ ماتېرىياللىرى قالدۇرغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ دىنىي تۈسى بەك قويۇق، تارىخىي پاكت قىسىمى ناھايىتى ئاز ھەم بەك قىممەتلىك. بۇ تارىخ ماتېرىياللىرىنى تاللاش، ئوقۇپ يېشىش، پەرق ئېتىش ۋە ئۇنى ئىشلىتىشنىڭ ئۆزى ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس، قەدەمدە بىر دوقال كېلىپ قالىدىغان بىراۋان ئوتتۇرا قەدىم تۈرك تىل-يېزىقى (ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تىل-يېزىقى چاغاتاي تىل-يېزىقى، دېيىلىدۇ)، ئوتتۇرا قەدىمقى ئەرەبچە، فارسچە، ئوتتۇرا قەدىمقى ئۇيغۇرچە (回鹘) ھۆججەت-ماتېرىياللارنى ئوقۇش ئىنتايىن مۈشكۈل ئەمگەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ تىللىق ئىختىساسلىقلار بىلەن بىللە ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، بۇ تېمىنى تەتقىق قىلىشتا غايەت زور خىرىس ۋە مۈشكۈلاتقا دۇچ كېلىدىغان گەپ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلام جەمئىيىتىىدە بارلىققا كەلگەن تۈرلۈك دىنىي مەنپەئەت گۇرۇھلىرى، مەسىلەن «ئەيياران» كۈچلىرى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مەيدانغا كەلگەن تۈرلۈك دىنىي مەزھەبلەر، مەسىلە ساياق پەھلىۋان، مۇساپىر-سەرگەردانلار ھادىسىسىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئىسلام جەمئىيىتىدىكى بىر تۈرلۈك ئاساسىي تۈزۈم، يەنى ئىكىتار تۈزۈمىنى تەتقىق قىلىشتىكى بىر بوشلۇق.
مەزكۇر كىتابتا ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى يۇقىرىقىدەك ھادىسىلەر ئۈستىدە تۇنجى قېتىم ئىزدەندىم، بولۇپمۇ سوفىزم سۈلۈكى پەيدا قىلغان ئىجتىمائىي تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ۋە شارائىت، سۈلۈك پەھلىۋانلىرى ۋە دىن مەزھىبى ئوتتۇرىسىدىكى ئىدىيىۋىي مۇناسىۋەت قاتارلىقلارنى ئېچىلمىغان تىڭ سۈپىتىدە ئىزدىنىپ قەلەم تەۋرىتىشكە ئۇرۇندۇم.
2012-يىل 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، بېيجىڭ!
مۇقەددىمە
ئۇيغۇرلار ئېلىمىزدىكى 55 ئازسانلىق مىللەتنىڭ بىرى، ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ شەرەپلىك ئەزاسى. ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخ ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئېلىمىزدىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ رەڭگارەڭ تارىخى، مەدەنىيىتىنى يارىتىش، ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى ئورتاق قوغداپ ۋە قۇرۇپ، چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارىشى تۇرۇش، قۇملۇق، بوستانلىقلارنى ئېچىش، جەمئىيەت، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئۆزىنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ، بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ شەرەپلىك ئەزاسىدىن بولۇپ قالغان. 2008-يىلىدىكى سىتاتىستىكا مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئېلىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 10 مىليونغا يېقىنلاشقان① بولۇپ، ئاساسلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئولتۇراقلاشقان.
بىرىنچى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت مەنبەسى
ئۇيغۇرلار قەدىمىي مىللەت. چىن-خەن دەۋرىدىلا ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى بىپايان يايلاقتا جانلانغان. سىما چيەننىڭ «تارىخىي خاتىرىلەر»دىكى مەنبەسىگە ئاساسلانغاندا، مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ھۇنلار ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان«دىڭلىڭ (丁零) ــــ تۇرالار؟» قەبىلىسى بولغان. كېيىنچە ئىلىم ساھەسى بىردەك دىڭلىڭنى (تۇرالارنى؟) ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق يىراق قەدىم زاماندىكى مىللەت مەنبەسىنىڭ بىرى، دەپ قاراشقان. دىڭلىڭلار (تۇرالار) خەنزۇچە مەنبەلەردە «ديەنليەن» دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان. دىڭلىڭلار شىمالدىكى بىر قەبىلە ئىتتىپاقى بولۇپ، بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىي بويلىرىدىكى چارۋىچىلاردىن ئىدى. غەربىي خەن سۇلالىسىدىن كېيىن ھۇنلار زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشقا باشلاپ تەدرىجىي غەربكە كۆچتى. بۇ چاغدا سيانپىلار تەدرىجىي كۈچىيىپ موڭغۇل يايلاقلىرىنىڭ شەرقى ۋە ئوتتۇرا قىسىمىنى ئىگىلەشكە باشلىىدى، بۇ چاغدا دىڭلىڭلار پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ جەنۇبقا سىلجىپ، سيانپىلارنىڭ كىندىك يەرلىرىگە كىىرىپ، ھانگاي تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىن لياۋخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا چارۋىچىلىق قىلدى②.
4-ئەسىردىن 7-ئەسىرگىچە، دىڭلىڭلارنىڭ خەنزۇچە تارىخ مەنبەلىرىدە «تيېلې (铁勒)» (يەنە «دىلى» [狄历]، «سېلې» [敇勒]، «چىلې» [赤勒] دەپمۇ خاتىرىلەنگەن، بۇ ئەمەلىيەتتە «丁零» نىڭ يەنە بىر خىل تەلەپپۇز ئۆزگىرىشى ئىدى) دەپ خاتىرىلىنىشى ئۇلار ئىشلەتكەن ھارۋىنىڭ ناھايىتى ئېگىز، چاقىنىڭ ناھايىتى يوغان بولغانلىقىدىن بولغان، ئۇلارنىڭ يەرلىرىگە يېقىن چېگرا قورۇللىرىدىكى خەنزۇلار ئۇلارنى يەنە ھارۋىسىنىڭ بۇ سۈپەتلىرىنى بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىپ «ئېگىز ھارۋىلىقلار» (高车) ③ دەپمۇ ئاتىغان. ئېگىز ھارۋىلىقلار (高车) ئىچىدە يەنە نۇرغۇن سيانپىلارمۇ بار ئىدى. ئەينى زاماندا بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېگىز ھارۋىلىقلارنىڭ ئالتە قەبىلىسى ئىچىدە قارلۇق (药逻葛) ئۇرۇقى ئاساس قىلىنغان ئۇيغۇر قەبىلىسى (回纥) بار ئىدى.
مىلادى 487-يىلى، جورجانلار (柔然ئاۋارلار؟) شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنى پاراكەندە قىلغاندا، ئېگىز ھارۋىلىقلار (高车) ئۇرۇش قىلشنى خاھلىماي غەربكە كۆچۈپ ئالدى قۇسلار (车师ــــ غۇزلار؟) نىڭ (بۈگۈنكى تۇرپان ئويمانلىقى) غەربىي شىمالىغا يەرلىشىپ ئېگىز ھارۋىلىقلار خانلىقى (高车王国) نى قۇرغان.
5-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىدە ئاشىنا ئۇرۇقى ئاساس قىلىنغان تيېلې (铁勒 ــــ تۇرالار؟) قەبىلىسى پەيدا بولۇپ، تۈرك (突厥)، دەپ ئاتالدى.
6-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، تۈركلەر كۈچىيىپ، ئاشىنا ئۇرۇقى پۈتكۈل موڭغۇل يايلىقى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرك قاغانلىقىنى قۇردى. ئۇيغۇرلار (回纥) بىلەن ئېگىز ھارۋىلىقلار (高车) مۇشۇ تۈرك قاغانلىقى ھۆكۈمرانلىقىدا بولدى ۋە پۈتكۈل موڭغۇل يايلاقلىرىدىن تاكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىغىچە بولغان زېمىندا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى.
تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە، تۈركلەر زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، ئۇيغۇرلار (回纥) باشچىلىقىدىكى توققۇز تيېلې (九姓铁勒) لار كۈندىن كۈنگە كۈچەيدى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ تيەنباۋ يىللىرىدا، يەنى 744-ئۇيغۇرلارنىڭ (回纥) ئاتامانى كۈل بىلگە (كۈل بويلا؟ 骨力裴罗) تاڭ سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ تۈرك قاغانلىقىنى يوقىتىپ، چۆللۈكنىڭ شىمالىدا ئۇيغۇر (回纥) قاغانلىقىنى قۇردى.
خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەردىكى دىڭلىڭ[丁零] نىڭ تيېلې [铁勒]، «سېلې» [敇勒] غا ئۆزگىرىشى. تيېلې [铁勒] دىن ئېگىز ھارۋىلىقلار [高车]، يۈەنخې [袁纥]، خۇيخې [回纥] غا ئۆزگىرىشى ھەمدە «铁勒» نىڭ تۈرك [突厥] نىڭ يەنە بىر تەلەپپۇز تەرجىمىسى ئىكەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىلىم ساھەسىدە تۈرلۈك قاراشلار بار. بىر ئۇيغۇر تارىخچى يەنسەي (ئاناساي) دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى بىلەن ئالتاي تاغلىرى ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان تيېلېلار [铁勒] ۋە تۈركلەر[突厥] ئوخشاشلا تۆمۈر تاۋلاش ھۈنەر-تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەنلىكى، دائىم خوشنا قەبىلە-ئۇرۇقلار ئارا تۆمۈر قورال-ياراغ، يۇڭ-تېرە سودىسى قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇڭا بەزىلەر تيېلېلار بىلەن تۈركلەر ئولتۇراقلاشقان يەرلەر تۆمۈرنىڭ كۆپ چىقىدىغانلىقى بىلەن داڭلىق، شۇڭا ئۇلار ئۆز قەبىلىسىنىڭ نامىغا «تۆمۈر» [铁] خېتىنى ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن، مۇنداقچە ئېيتقاندا تيېلې بىلەن تۈرك ئوخشاشلا «تۆمۈر تاۋلاش»، «تۆمۈر ياراغ ياساش»قا مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دېگەن قىياسلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشتى④.
ئۇيغۇر [回纥] قاغانلىقى تەدرىجىي قۇدرەت تېپىپ، چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى تۈرلۈك كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋالدى، بۇ قەبىلىلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى قەبىلە ناملىرىنى بىراقلا ئۇيغۇر [回纥] دەپ ئۆزگەرتىشتى.
تاڭ دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ سەل ئىلگىرىكى [回纥] دېگەن خەنزۇچە نامىنى [回鹘] غا ئۆزگەرتتى، بۇ بىر خەتنىڭ ئۆزگەرتىلىشى تارىخىي نامايەندە بولۇپ، «كونا تاڭنامە»، «يېڭى تاڭنامە»، «تاڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەر»، «كونا بەش دەۋر تارىخى» قاتارلىق كىتابلارغا پۈتۈلدى. «كونا بەش دەۋر تارىخى» دا بۇ ۋەقە:«تاڭ سۇلالىسى يۈەنخې سەلتەنەتىنىڭ 4-يىلى (809-يىلى) قاغان ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شۇڭقارغا ئوخشاش جەسۇر ۋە چىۋەر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۇچۇن 纥خېتىنى شۇڭقار مەناسىدىكى 鹘 غا ئۆزگەرتىپ 回鹘 دەپ يېزىشنى تەلەپ قىلدى» دەپ خاتىرىلەنگەن. خەنزۇچە تارىخ مەنبەلىرىدە، ئۆزگەرتىلگەن بۇ نام تاڭ سۇلالىسىدىن تاكى 13-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىغىچە قوللىنىلغان.
840-يىلى، موڭغۇل يايلاقلىرىدا يۈزبەرگەن تەبىئىي ئاپەتلەر ۋە تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزى سەۋەبلىك ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈچ تارامغا بۆلۈنۈپ غەربكە كۆچتى، بۇنىڭ بىر تارمىقى كۆكئارتنىڭ غەربىدىكى چۇ دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ بېرىپ قاراخانىلار خانىدانلىقىنى قۇردى؛ بىر تارمىقى پانتېكىننىڭ باشچىلىقىدا بېشبالىققا كېلىپ، 850-يىلى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقى، تۇرپان ئويمانلىقى بىلەن تارىم ئويمانلىقى تۇتاشقان جاينى پاسىل قىلىپ، تەڭرىتاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى يۇلدۇز يايلاقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زېمىندا تەڭرىتاغ ئۇيغۇر قاغانلىقىنى [高昌回鹘国]قۇردى⑤؛ يەنە بىر تارمىقى خۇاڭخېنىڭ غەربى ــــ خېشى كارىدورىغا كۆچۈپ بېرىپ گەنجۇ قاغانلىقىنى قۇردى.
ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر بۆلۈك مىللەت مەنبەسى تارىم ئويمانلىقىنى ماكان تۇتقان ئاھالىلەر ئىدى.ئۇلار «قاڭشارلىق، ئورا كۆزلۈك» ئېكىنچىلەر بولۇپ، ئۇيغۇر [回鹘]تىلىغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ھىندى-ياۋروپا تىللىرىغا مەنسۇپ بىر تىلدا سۆزلىشەتتى.
ئۇيغۇرلار [回鹘] تارىم ئويمانلىقىدىكى ھەرقايسى بوستانلىقلارغا كىرگەن چاغدا، بۇ يەرنىڭ ئەسلىي ئاھالىسى «ماھىر چەۋەنداز، ئۇستا مەرگەن» سانالغان ئاتلىق ئۇيغۇرلارغا تاقابىل تۇرالمىغان، بوستانلىقلار ئارقا-ئارقىدىن بويسۇندۇرۇلغان، پەقەت ئەڭ جەنۇبتىكى ئۇدۇن ئېلىلا خېلى بىرزامانلارغىچە قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئاخىرى 1006-يىلى ھالاك بولۇپ ئۇيغۇرلارغا سىڭىشىپ مۇسۇلمان بولغان. تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەسلىي ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ساكلار بولۇپ، ياۋروپا ئىرقىنىڭ كاۋكاز تىپىغا مەنسۇپ (گېرمانىيە تۇرپان ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتىنىڭ باشلىقى لېكوكنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا تارىم ئويمانلىقىدىكى ھەرقايسى بوستانلىق ئاھالىسى 17 خىل تىلدا سۆزلەشكەن، 24 خىل يېزىق ئىشلەتكەن، دەپ يېزىلغان)⑥.
تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى ئۇدۇن بۇددا ئېلى بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار [回鹘] تارىم ئويمانلىقىنىڭ يېگانە ھۆكۈمرانلىرىدىن بولۇپ قالدى. ئەسلىدىكى يەرلىك ئاھالىنىڭ تىل-يېزىقى تەدرىجىي يوقالدى، ئەمما ئۇيغۇرلار قۇرغان ئىككى قاغانلىق غەرق-غەربتە ئۆزئارا تىركەشتى. 10-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا (960-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە) ئىسلام دىنى قاراخانىلار خانلىقىنىڭ دۆلەت دىنى بولۇپ قالدى، ئەمما شەرقتىكى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانلىقى يەنىلا بۇددا دىنىدا قېلىۋەردى. مىلادى 13-ئەسىرگە كەلگەندە، قاراخانىلار خانلىقى بىلەن تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانلىقى، يەنى ئىدقۇت خانلىقى ئارقا-ئارقىدىن چىڭگىزخاننىڭ غەربكە يۈرگۈچى قىسىملىرى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، موڭغۇل ئىمپېرىيەسىگە تەۋە بولۇپ كەتتى. ئەمما، سانى چەكلىك موڭغۇل ئاقسۆڭەك ھۆكۈمالىرى بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارغا سىڭىپ كېتىپ، موڭغۇل خان-ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ تۈركلىشىشى، ئىسلاملىشىشىنى تېزلەتتى. قوليازما پېتى ساقلىنىپ كەلگەن «تەزكىرەئىي مەۋلانە ئەرشىددىننامە» دە خاتىرىلىنىشىچە، 1354-يىلى تۇغلۇق تۆمۈرخان ئاقسۇ ئايكۆلدىكى مەۋلانە جەمالىددىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەخپىي ھالدا ئىسلام دىنىغا كىرگەن. نەچچەن يىلدىن كېيىن ئىلىدىكى ئالمالى شەھرىدە پۈتكۈل چاغاتاي ئۇلۇسى ئىسلام دىنىغا كىرگەن. ئەمما، بۇ چاغدا تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقى ۋە غەربى دىنىي ئېتىقادتا يەنىلا بۆلۈنمە ھالەتتە ئىدى. تاكى 1513-يىلى ياركەنت خانلىقىنى قۇرغان سۇلتان سەئىدخان پۈتكۈل تارىم ئويمانلىقىنى ئىسلام بايرىقى ئاستىدا بىرلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى زاماندىكى ئۇيغۇر مىللىتى شەكىللىنىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ ئېتىقادتا ئىسلام دىنى پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئېتىقادىغا ئايلىنىپ، مەنىۋىي جەھەتتە ھەقىقىي مەنادىكى بىرلىككە كەلگەن مىللەت ــــ ئۇيغۇر مىللىتى بارلىققا كەلدى.
ئىككىنچى، ئۇيغۇر نامىنىڭ مەناسى
«ئۇيغۇر» دېگەن بۇ نامنىمڭ مەناسى توغرىسىدا ئىلىم ساھەسىدە نەچچە خىل قاراش بار، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى نەچچە خىل:
1. «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەناسى «بىرلەشمەك»، «بىرىكمەك»، «ئۇيۇشماق»، «ئىتتىپاقلاشماق» دېگۈچىلەر. بۇنداق ئىزاھلاش ئاساسلىقى 14-ئەسىردىكى فارس ئىلخانىيلار خانلىقىنىڭ باش ۋەزىرى، تارىخشۇناس رەشىدەددىن فەزلۇللاھ (1247-يىلى تۇغۇلۇپ، 1318-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) نىڭ «جامىئۇتتەۋارىخ» دېگەن ئەسىرىدىن كەلگەن.
2. ئىككىنچى خىل قاراشتىكىلەر «ئۇيغۇر» سۆزى «ياپىشغۇر»، «چاپلاشماق»، «ئۇيماق» دېگەن مەنادا، دەيدۇ. بۇ خىل قاراش 17-ئەسىردە ياشىغان، ئۆز تارىخىنى ئۆزى يازغان پادشاھ ئەبۇل غازى باھادۇرخاننىڭ «شەجەرەئىي تۈرك» دېگەن ئەسىرىدىن كەلگەن.
3. ئۈچىنچىسى«ئۇيغۇر» سۆزى «ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغان خەلق» دېگەن مەنادا، دېگەن قاراش. بۇ قاراش ماھمۇد كاشغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا نەقىل قىلغان ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ھەققىدىكى بىر رىۋايەتتىن كەلگەن.
4. تۆتىنچى خىل قاراش «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ نام تارىم دەرياسىنىڭ نامى بىلەن ئوخشاش، دېگەن قاراش. بۇ قاراش ئەنگلىيەلىك ئالىم ھېنرى يۈلې تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن 2-ئەسىردە ئۆتكەن يۇنان جۇغراپىيە ئالىمى كلاۋدىئۇس پتولېمىنىڭ «جۇغراپىيە تەزكىرىسى» دېگەن كىتابىدا خاتىرىلەنگەن ئويغارداس (Oikhardais) دېگەن سۆزنىڭ تەھلىلىدىن كەلگەن، ھېنرى يۈلې ئويغارداس دەرياسى تارىم دەرياسىنىڭ دەل ئۆزى، ھالبۇكى ئويغارداسلار «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەتنىڭ دەل ئۆزى، دەيدۇ.
تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، نۇرغۇن ئالىملار بىرىنچى قاراشنى قۇۋۋەتلەپ خېلىلا قايىل قىلارلىق، دەپ قارايدۇ. ھازىر جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئولتۇراقلىشىپ «ئۇيغۇر» ئاتالغان كىشىلەرنىڭ ئورتاق مىللەت نامى ھەم يېڭى ھەم ناھايىتى قەدىمىي نام.
«ئۇيغۇر» دېگەن بۇ مىللەت نامىنى يېڭى، دېيىشىمىزدىكى ئاساسىمىز شۇكى، ھازىرقى بۇ «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەت نامىنى 1934-يىلى شۇ دەۋردىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسى ھازىرقى خەنزۇچە «维吾尔» دېگەن ئۈچ خەت بىلەن يېزىشنى رەسمىي جاكارلىغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تۈرلۈك ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە، گېزىت-ژۇرنال، كىتابلاردا، ماتېرىياللاردا، تەتقىقات ئەسەرلىرىدە 维吾尔 دېگەن مۇشۇ ئۈچ خەت قوللىنىلىشقا باشلىغان ھەم ھازىرغىچە قوللىنىلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خېلى ئۇزاق زامانلاردا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى يىپەك يولى بويلىرىنىڭ ھەرقايسى بوستانلىقلىرىدا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن نامى بولمىغان. بەزى ۋەسىقە، تارىخ ماتېرىياللىرىدا بۇ خەلقنىڭ خەنزۇچە نامى «六城人» («ئالتە شەھەرلىكلەر»)، دەپ خاتىرىلەنگەن؛ بەزى ۋەسىقىلەردە ھەتتا بۇ خەلق «东部土耳其人» («شەرقىي تۈركلەر»)، دەپمۇ خاتىرىلەنگەن؛ يەنە تېخى «威武儿、威兀儿、畏兀儿、缠头、缠头回» دەپمۇ خاتىرىلەنگەن. بۇ زېمىندىكى خەلق بولسا ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئولتۇراقلاشقان بوستانلىقلارنىڭ نامىدا ئاتاشقا ئادەتلىنىپ، يۇرت تونۇش ئېڭىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆزلىرىنى «خوتەنلىك»، «كاشغەرلىك»، «كۇچالىق» قاتارلىق يۇرت ناملىرىدا ئاتىغان⑦.
«ئۇيغۇر» دېگەن مىللەت نامىنى قەدىمىي، دېيىشىمىزدىكى ئاساسىمىز شۇكى، سىما چيەننىڭ «تارىخىي خاتىرىلەر» قاتارلىق كىتابلادا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى ئەجدادىغا دائىر ماتېرىياللار خاتىرىلەنگەن؛ سۈي-تاڭ دەۋرىگە كەلگىچە خەنزۇچە تارىخىي خاتىرىلەردە بۇ مىللەتنىڭ نامى «铁勒、敇勒、高车、回纥、回鹘» دەپ خاتىرىلەنگەن. بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى «回纥،回鹘» دېگەن بۇ نام «维吾尔» دېگەن نام بىلەن بەكلا يېقىن بولۇپ، ئەسلىدىكى تەلەپپۇز ساقلاپ قېلىنغان. 15-ئەسىردىن كېيىن، «维吾尔» دېگەن بۇ نام تەدرىجىي خەنزۇچە تارىخ مەنبەلىرىدىن چېكىنىپ چىقتى؛ 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تاكى 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىغىچە «维吾尔» دېگەن بۇ نام تارىخىي ۋەسىقىلەردىن، بولۇپمۇ خەنزۇچە تارىخ مەنبەلىرىدىن يوقالدى. بۇنىڭ ئورنىنى يۇقىرىقىدەك «پالانى يەرلىك، پۇستانى يەرلىك» دېگەن يۇرت نامىدا ئاتاش ئىگىلەپ، مىللەت نامى ئاتالمىدى. بۇنداق تارىخىي ھادىسىنىڭ پەيدا بولۇشىدا تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلەر بار.
1678-يىلى ئاق تاغلىقلار («ئاق تەقىيەلىكلەر»)نىڭ پاسىبانى ئاپاق خوجا (ھىدايەتۇللاھ خوجا) غالدان تەيجى ئەۋەتكەن بىر تۈمەندىن ئارتۇقراق جۇڭغار چەۋەندازلىرىنى باشلاپ تارىم ئويمانلىقىدىكى ئەڭ چوڭ بوستانلىق ياركەنتكە ھۇجۇم قىلىپ، ياركەنت خانلىقىنى يوقىتىپ، غالداننىڭ قاراملىقىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى⑧. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇرلار مىڭ يىللاپ ئىگە بولۇپ كەلگەن سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ھوقۇقى مەركىزى ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇش ۋەزىيىتىدىن مەڭگۈ مەھرۇم قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسلام دىنىنىڭ شەرققە تارقىلىشى ۋە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ناھايىتى زور دائىرىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تونۇش ئېڭى، يەنى ئورتاق ئىسلام ئېتىقادىدىكى «مۇسۇلمان» تونۇش ئېڭىنىڭ مىللەت ئېڭىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان «ئۇيغۇر» (畏兀儿) دېگەن نامنىڭ ئورنىنى ئېلىش ھادىسىسى شەكىللەندى. بۇنىڭدىن باشقا، «غەربكە كۆچۈش» مەزگىلىدە خېشى كارىدورىغا كۆچكەن بىر بۆلۈك ئۇيغۇر (回鹘) يەنىلا بۇددا ئېتىقادىدا بولۇپ، ئۆزىنىڭ بۇددا ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئاللاقاچان ئىسلاملىشىپ بولغان مىللەتداشلىرى بىلەن باردى-كەلدىنى تاشلاپ پەرقلىق ياشىدى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭ شى سەلتەنەتى زامانىغا، يەنى 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەنگە قەدەر خېشى كارىدورىدىكى ئۇيغۇرلار يەنىلا ئۆزلىرىنى «畏兀儿» دەپ دەپ ئاتاپ يۈرۈۋەردى. تارىخىي مەنبەلەردە خاتىرىلىنىشىچە، بۇ 畏兀儿 لار قۇمۇل رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن 1513-يىلى قۇمۇلدىن سۇجۇ شەھىرىگە (جيۇچۈەن) كۆچۈپ، گۇيخۇاسى ئىبادەتخانىسىنى بىنا قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇددا ئېتىقادىغا ۋارسلىق قىلىپ، بۇددا دىنىي پائالىيەتلىرىدىن ۋاز كەچمىدى. بۇ، تەڭرىتاغ ئۇيغۇر قاغانلىقى مەزگىلىدىكى ئۇيغۇر (畏兀儿) لارنىڭ ئاخىرقى مەۋجۇدلۇقى بولۇپ، 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بۇ مەۋجۇدىيىتىنى تامامەن يوقاتتى، شۇنىڭ بىلەن «ئۇيغۇر» نامى (畏兀儿) تارىخ سەھىپىسىدىن يوقالدى⑨.
20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەشھۇر ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخى تەتقىقاتچىسى مالوف قاتارلىقلارنىڭ تەتقىقاتى، ياۋروپا، ئامېرىكالاردىكى يېقىنقى زامان مىللەتچىلىكى ئېقىمىنىڭ گۈللىنىشى، مىللەت ئېڭىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى قاتارلىق مۇھىم دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ئالمۇتا قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بىرلىككە كەلگەن مىللەت نامى قوللىنىلدى ھەمدە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بوستانلىقلارنى ماكان تۇتۇپ شەرقىي تۈركىستان ئاھالىسى، دەپ ئاتالغان «ئالتە شەھەرلىكلەر» ئۆزلىرىنىڭ تارىختىكى مىللەت نامى «ئۇيغۇر»نى ئەسلىگە كەلتۈرۈشلىرى كېرەك، دەپ قارالدى.
تارىخ ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى «دىڭلىڭ» (丁零) لار ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمقى ئەجدادى. ئۇلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىلا «丁零» نامىدا تارىخ سەھنىسىگە چىققان. سۈي ۋە تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىگە كەلگەن چاغلاردا بولسا بۇ خەلق «回鹘、回纥、高车、敇勒、铁勒» قاتارلىق خەنزۇچە ناملاردا شىمالدىكى يايلاقلاردا جانلانغان. 740-يىلىغا كەلگەندە، قۇدرەتلىك يايلاق ئىمپېرىيەسى ـــــ ئۇيغۇر قاغانلىقىنى قۇرغان (740~840-يىللار).
چىڭگىزخان زامانى ۋە كېيىنكى يۈەن سۇلالىسى (1206~1368-يىللار) زامانىغا كەلگەندە، ئۇيغۇرلار تارىخ مەنبەلىرىدە «色目人»، «畏兀儿人» (رەڭدار كۆزلۈكلەر، ئۇيغۇرلار) دېگەن نامدا ئاتالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ مىللەت نامى تارىخ كىتابلىرىدىن تەدرىجىي ئۆچۈشكە باشلىغان. تاكى 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە، يەنى ياقۇببەگ تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە (1865~1884-يىللار)، يۇرت نامى مىللەت نامىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ «يەتتە شەھەرلىكلەر» (哲德沙尔人) دەپ ئاتالغان. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ياشىغان تارىخچى موللا مۇسا سايرامى ئۆزىنىڭ «تارىخى ھەمىدى» دېگەن كىتابىدا «موغۇل ئۇلۇسى» دەپ ئاتىغان. ئىلىم ساھەسىدە يەنە بەزىلەر ھازىرقى زاماندىكى ئۇۇيغۇر مىللىتى سۈي-تاڭ دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ئەمەس، دەپ قاراشماقتا. ھەتتا ئۇلار ئىنتايىن بىرتەرەپلىمە ھاياجان ئىلكىدە ھازىرقى ئۇيغۇرلار «ساختا ئۇيغۇر» دېيىشمەكتە ۋەھاكازالار⑩. بۇ، بىر تارىخچىنىڭ ئادىل، ئوبيېكتىپ قارىشى بولماستىن بەلكى نادانلارچە ھاياجېنىدۇر. تارىخ جەريانى داۋاملىشىدىغان، سوزۇلىدىغان، تەرەققىي قىلىدىغان كونكرېت جەرياندۇر، ئۇنى توسۇۋالغىلى ھەم ئۈزۈۋەتكىلى بولمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل سىياسىي ئەربابلىرى، ئالىملىرى تىلغا ئېلىۋاتقان «ئۇيغۇرلار» ئەلۋەتتە سۈي-تاڭ دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار (回鹘) ئەمەس، ئەمما، ھازىرقى ئۇيغۇرلار 70~80 يىل بۇرۇنقى ئاسماندىن ئۇشتۇمتۇت توروككىدە چۈشۈپ قالغان مىللەتمۇ ئەمەس. بۇ «ئۇيغۇرلار» دەرھەقىقەتكى سۈي-تاڭ دەۋرىدىكى «ئۇيغۇر» (回鹘)، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىلا تارىخ سەھنىسىگە چىققان «دىڭلىڭ» (丁零) نىڭ راۋاجى، داۋامى، ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئاشۇ «丁零» لار بىلەن ئەجداد-ئەۋلادلىق مۇناسىۋەتتە. چۈنكى، سۈي-تاڭ دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر بىلەن بولغان تارىخىي مۇناسىۋىتىنى ئېتراپ قىلمايدىغان ئالىملارمۇ چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى سۈي-تاڭ دەۋرىگە ئائىت «مويونچۇر مەڭگۈ تېشى»، «توققۇز ئۇيغۇر قاغانى مەڭگۈ تېشى» قاتارلىق مەڭگۈ تاش تىلىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئوخشاش بىر تىل ـــــ ئالتاي تىلى سىستېمىسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسى غەربىي ھۇن تىل تارمىقى ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايدۇ. تاڭ سۇلالىسىدىن يۈەن سۇلالىسىغىچە بولغان قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدا گراماتىكا جەھەتتە چوڭ پەرقلىق ئۆزگىرىش بولمىغان بولسىمۇ ئەمما يېزىقى ئۆزگىرىپ تۇرغان، سۆزلۈكىمۇ(بۇ ئورۇنغا كىتابنىڭ 1-سۈرىتى چۈشىدۇ. سۈرەتتە: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر قىزى. فوتوگراف : مۇئەللىپ) دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ كۈنسېرى تەرەققىي قىلىپ بېيىغان. ئەلۋەتتە، بۈگۈنكى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ئالاقە كۈنسېرى قويۇقلىشىۋاتقان ئەھۋالدا تۈرلۈك تىللارنىڭ ئۆزئارا قوبۇل قىلىشى ناھايىتى ئومۇملاشقان ھادىسە. ئۇيغۇرلار ئىسلاملاشقاندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلى خېلى كۆپ ئەرەب، فارس تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنى قوبۇل قىلدى؛ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ 30~40-يىللىرىغىچە رۇس تىلىدىن بىر قىسىم سۆزلەر، 50-يىللاردىن كېيىن يەنە بىر تۈركۈم خەنزۇ تىلى سۆزلەر قوبۇل قىلىندى؛ 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىن، يەنە بىر تۈركۈم ئىنگلىز تىلىدىكى يېڭىچە پەن-تېخنىكا ئاتالغۇلىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا قوبۇل قىلىندى. بۇلار نورمال ھادىسە، بۇ تىللاردىن كىرگەن سۆزلەر قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى بولۇپ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇۋېتىلدى. گەرچە بىر قىسىم يات تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ ئەمما بۇ ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ تۈپ ئاساسىغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى، شۇنىڭدەك يەنە ئۇيغۇر تىلىنىڭ گراماتىكا ئالاھىدىلىكى ياكى يېزىلىشىنى ئۆزگەرتىۋېتەلمىدى، بەلكى ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىنى يەنىمۇ بېيىتىش رولىنى ئوينىدى. تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، قەدىمقى(سۈي-تاڭ دەۋرىدىكى) ئۇيغۇر تىلى بىلەن ھازىرقى زاماندىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ۋارسلىق مۇناسىۋىتى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان پاكت. مۇشۇ نۇقتىدىن بىز تولۇق تارىخىي پاكت ئاساسى ۋە نەزەرىيە ئاساسى ئارقىلىق شۇنداق قارايمىزكى، ھازىرقى ئۇيغۇرلار بىلەن قەدىمقى ئۇيغۇرلار (مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن تاكى سۈي-تاڭ-يۈەن دەۋرىگىچە) (回鹘) ئوتتۇرىسىدا ئۈزۈۋەتكىلى بولمايدىغان قانداشلىق مۇناسىۋەت بار. چۈنكى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن تۈرلۈك تارىخىي ئىزنالار ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى، ھازىرقى بىپايان ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە قەدىمقى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئامىللىرىغا بولغان ۋارسلىقىنى ھەممىدىن بەكرەك گەۋدىلەندۈرۈپ كېلىۋاتقىنى پەقەت ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بۇ تارماقتۇر، بۇنىڭدىن باشقا ئىككىنچى بىر تارماقنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇۇيغۇر (回鹘) تىلى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ھۆكۈمەت تىلى ۋە ئاساسلىق ئەدەبىي تىلى بولغان. «بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر (回鹘) تىلى ۋە يېزىقى يەنىلا ئۆزىنىڭ خەلقئارالىق تىل، يەنى ئورتاق تىل (lingua franca) بولۇش ئورنىنى ساقلاپ كەلگەن»○11.
ئۈچىنچى، قەدىمقى «ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى» ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ شەكىللىنىشى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ شەكىللىنىشى 840-يىلى شىمالدىكى يايلاقتىن ئالتاي، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا كۆچۈشىدىن ئىبارەت چوڭ كۆچ-كۆچ بولغان «غەربكە كۆچۈش» ۋەقەسىدىن ئېتىبارەن مىڭ نەچچە يۈز يىللىق ئۇزاق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. مىللەت مەنبەسىدىن قارىغاندا، بۇ ئىككى تارماققا بۆلۈنىدۇ: بىرىنچى تارمىقى دىڭلىڭ، تيېلې، گاۋچې (高车、铁勒、丁零) دىن ئۇيغۇر، يەنى (回鹘) غىچە داۋاملىشىشى؛ ئىككىنچى تارمىقى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى بوستانلىقلاردىكى ئەسلىي ئاھالە بىلەن مىلادى 1-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدىلا مۇشۇ بوستانلىقلارنى ماكان تۇتقان ئۇيغۇر (回鹘) لار. بۇ ئىككى تارماق ئاتلىق كۆچمەن چارۋىچى ئۇيغۇر (回鹘) لارنىڭ غەربكە سىلجىپ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالى ۋە تارىم ئويمانلىقىغا كەلگەندىن كېيىن زور كۆلەمدە ئۇچرىشىپ سىڭىشىشى نەتىجىسىدە 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تارىم ئويمانلىقىدىكى ھەرقايسى بوستانلىقلاردىكى ئاھالىنىڭ تەلتۆكۈس ئىسلاملىشىشى ئىشقا ئېشىپ، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە دىن بىرلىككە كېلىپ، قەدىمىي ئەمما يېڭى بىر مىللەت ـــــ ئۇيغۇرلار شەكىللەندى. «ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى» (回鹘西迁) مەيلى پۈتكۈل مەركىزىي ئاسىيا تارىخىدا بولسۇن، مەيلى ئۇيغۇر تارىخىدا بولسۇن دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە زور ۋەقە.
ئېيتىلىشىچە، 8-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا (9-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى بولسا كېرەك، ئەسلىي ئەسەردە خاتا كەتكەندەك قىلىدۇ، چۈنكى 8-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى، يەنى 760-يىللىرىدا ئۇيغۇرلار يەنىلا قاغانلىق مەزگىلىدە ئىدى ـــ تەرجىمان) غەربكە كۆچكەندىن كېيىنكى ئۇيغۇر (回鹘) قاغان جەمەتىدىن بىلگە كۆل قادىرخان قاراخانىلار خانلىقىنى قۇرغان○12. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىككى ئوغلى، يەنى چوڭ ئوغلى بازېر، كەنجى ئوغلى ئوغۇلچاق قالغان بولۇپ، چوڭ ئوغلى خانلىق تەختىگە ۋارسلىق قىلغان. تەخمىنەن 890-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە بازېرخان ئالەمدىن ئۆتكەن○13. بازېرخاننىڭ چوڭ ئوغلى، قاراخانىلار سەلتەنەتىنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسى ۋەلىئەھد ساتۇق بۇغراخان ئاتىسى ئالەمدىن ئۆتكەندە تېخى كىچىك بولغاچقا، ئاتىسىنىڭ ئىنىسى ئوغۇلچاق سەلتەنەتكە نائىبلىق قىلدى. بۇ چاغدا قاراخانىلار خانلىقى بىلەن سامانىيلار ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان كەسكىن ئۇرۇش بولدى، تالاس ئۇزاق قورشاۋدىن كېيىن ھىجرىيە 280-يىلى مۇھەررەم ئېيىدا (مىلادى 893-يىلى 3-ئايدىن 4-ئايغىچە) ئىسمائىلشاھ تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. ئوغۇلچاقنىڭ بىر تۈمەن شىرمەتلىرى جەڭدە قۇربان بولدى، ئوغۇلچاقنىڭ خاتۇنى ۋە 15 مىڭچە ئادەم ئەسىر ئېلىندى. شاھ ئىسمائىل تالاستىكى خىرىستيان چېركاۋىنى مەسجىدكە ئۆزگەرتتى.
ئوغۇلچاق ئوردۇكەنتىنى (ئاستانىسىنى) كاشغەرگە كۆچۈرۈپ سامانىلار بىلەن داۋاملىق ئۇرۇشۇشقا مەجبۇر بولدى، 904-يىلى كاشغەردىن لەشكەر تارتىپ سامانىلار چېگراسىغا ھۇجۇم قوزغىدى. ئوغۇلچاق سامانىلارنىڭ ئىچكى نىزاسى بولۇۋاتقانلىقىدىن پايدىلىنىپ ماۋارائۇننەھىردىن قېچىپ كەلگەن سامانىلار شاھزادىسى ئەبۇ ناسىر سامانىنى پاناھىغا ئېلىپ، ئۇنى كاشغەرنىڭ يۇقىرىسىدىكى ئاتۇشقا (ئارتىش) ئورۇنلاشتۇردى.
بۇ مەزگىلدە قەلەمدە، ئەلەمدە يېتىلىۋاتقان ئۆسمۈر ساتۇق بۇغراخان ئەبۇ ناسىر سامانى بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى. ئەل ئىچىدىكى مەرىپەتپەرۋەر تارىخ خاتىرىلىگچىلەر يېزىپ قالدۇرغان تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا، 932-يىلنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ساتۇق ئۆزىنىڭ دىنىي ئۇستازى، دوستى سامانىلار شاھزادىسى ئەبۇ ناسىر سامانى بىلەن ئوۋغا چىقىپ، ئاتۇشنىڭ شىمالىدىكى ئاغۇ تاغ جىلغىسىنىڭ كېيىنرەك «جايپەچچىم» جىلغىسى، دەپ ئاتالغان بىر جىلغىغا كېلىپ قالىدۇ، ئوۋ ئارىلىقىدا ساتۇق بۇغراخان بىر تۆگە كارىۋىنىنىڭ جىلغىدا توختاپ، كىشىلەر غەربكە قاراپ سەپ تۈزۈپ ناماز ئوقۇۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يېنىدىكى ئەبۇ ناسىر سامانىدىن بۇنىڭ نېمە ئىشلىقىنى سورايدۇ. پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن ئەبۇ ناسىر سامانى كېلەچەكتىكى بۇ خاقانغا ئىسلام دىنىنى تونۇشتۇرىدۇ ھەمدە ساتۇق بۇغراخاننى ئىسلامغا بەيئەت قىلپ مۇسۇلمان بولۇشقا ئۈندەيدۇ. ساتۇق بۇغراخان ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن ئاشۇ «جايپەچچىم» دە ئىمان كەلىمىسى ئېيتىپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، «قۇرئانى كەرىم» نى ئۆگەندى. ساتۇق بۇغراخان ئۇستازىنىڭ ئىماملىقىدا تەگبىر ئېيتىپ، يۈزىنى قىبلىگە قىلىپ ئەزان توۋلاپ ئاللاھقا قەسەم قىلدى. مەركىزىي ئاسىيا زېمىنىدىكى تۇنجى ئەزان ئاۋازى دەل مۇشۇ ئاغۇ تېغىنىڭ «جايپەچچىم» جىلغىسىدىن ياڭراپ، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي مىللەتلىرى تارىخدا ئىسلاملىشىش سەھىپىسىنى ئاچتى. بۇ «مۇقەددەس جاي» بۈگۈنكى ئاتۇش شەھىرىنىڭ شىمالىدىن 40 كىلومېتىرچە يىراقلىقتىكى ئاغۇ تېغى جىلغىسىدا بولۇپ، ھاۋاسى ساپ ھەم يېقىشلىق ○14، ھەيۋەتلىك جىلغا ئادەمگە سىرلىق تۇيغۇ بېرىپلا قالماستىن يەنە تەبىئەتنىڭ چەكسىز سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.
ساتۇق بۇغراخان ئۆز ئىختىيارىدىكى لەشكەرلىرىنىڭ (ياساۋۇللىرىنىڭ) ھىمايىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، بىر كۈنى كېچىدە ئۇشتۇمتۇت ئوردۇكەنتكە بېرىپ ئوردىغا كىرىپلا تاغىسى ئوغۇلچاقنى ئۆلتۈرۈپ خانلىق سەلتەنەتىنىڭ تەختىنى تارتىۋالىدۇ.
بۇ خۇسۇستا يەنە نۇرغۇن رىۋايەتلەر بار. بۇنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمان تارىخچىسى ئىبنى ئەل ئاشىرنىڭ «كىتابۇل خەيرفىل تارىخ» («تارىخىي ئومۇمىيە») تا خاتىرىگە ئالغان بىر ھېكايىسىدە، ساتۇق (ياكى سۇتۇق) بىر كېچىسى چۈشىدە بىر ئادەمنىڭ كۆكتىن چۈشۈپ ئۆزىگە ‹ئۆزۈڭنىڭ بۈگۈنى ۋە كېلەچىكىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دىنىي ئىسلامنى قوبۇل قىل› دېگنىنى كۆرگەنلىكى، ئاندىن ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ دەۋىتىدە دىنغا كىرىپ مۇسۇلمان بولغانلىقى خاتىرىلەنگەن○15.
ساتۇق بۇغراخان ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئۆزىگە ئەبدۇلكەرىم، دەپ ئىسلامىي ئىسىم قويغان. ئوردا نىزاسىدا تاغىسى ئوغۇلچاقنى يېڭىپ كاشغەر شەھرىنى ئىشغال قىلىپ، ئۆزىنى بۇغراخان، دەپ ئاتىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سامانىلار قولىدىن تالاسنى تارتىۋالغان○16.
955~956-يىللار ئارىلىقىدا ساتۇق بۇغراخان ئالەمدىن ئۆتكەندە، ئاتۇشقا دەپنە قىلىندى. ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغلى بايتاش خانلىق تەختىگە ۋارسلىق قىلىپ ئۆزىگە مۇسا ئىبنى ئەبدۇلكەرىم دەپ ئىسلامىي ئىسىم قويۇپ، ئۆزىنى ئارسلانخان، دەپ جاكارلاپ كاشغەردە تۇردى. مۇسا ئارسلانخان تەسەۋۋۇف مۇسۇلمانلارنىڭ (سوفىلارنىڭ) ياردىمىدە كاشغەر رايونىنى ئىسلاملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىبنى ئاشىرنىڭ شۇ كىتابىدىكى خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، 960-يىلى 200 مىڭ چېدىر (تۈتۈن، ئائىلە) تۈركىي قوۋم ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان○17. شۇڭا، نۇرغۇن تارىخشۇناسلار شۇ يىلى (960-يىلى) مۇسا ئارسلانخان ئىسلام دىنىنى قاراخانىلار خانلىقىنىڭ دۆلەت دىنى قىلغانلىقىنى جاكارلىغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ خانلىق ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئىسلام خانىدانلىقى بولۇپ قالغان، دەپ قاراشماقتا. بۇ ۋەقە تارىم ئويمانلىقىدىكى ھەرقايسى بوستانلىقلارنىڭ بىرلىككە كېلىشى ھەم كېيىنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىرلىككە كېلىشى، تۈرك ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان، شۇنداقلا پۈتكۈل مەركىزىي ئاسىيا، ھەتتا دۇنيا تارىخىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن.
ئاتۇشنىڭ شىمالىدىكى ئاغۇ تېغى جىلغىسىدا ئۇيغۇر (回鹘) ساتۇق بۇغراخاننىڭ تۇنجى ئەزان ئاۋازىنىڭ ياڭرىشى ○18 بىلەن مەركىزىي ئاسىيا تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلىپ، مەركىزىي ئاسىيانىڭ تۈركلىشىش، ئىسلاملىشىش مۇساپىسى باشلىنىپ، بۇ رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مىللەت، دىن، مەدەنىيەت، تۇرمۇش ئۇسۇلىدا ئەلمىساقتىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.
ساتۇق بۇغراخاننىڭ تۇنجى ئەزان ئاۋازى ئوتتۇرا ئەسىر سەھىرىنىڭ قوڭغۇرىقىنى چېلىپ، ئوتتۇرا ئەسىر كالېندارىنىڭ ۋارىقىنى ئۆرۈدى. شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر قاتارلىق ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەر ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىگە كىردى. ئوتتۇرا ئەسىر بوران-چاپقۇنلۇق، كەسكىن داۋالغۇشلۇق، رەڭگارەڭ بىر دەۋر، بولۇپمۇ مەركىزىي ئاسىيادەك مۇشۇنداق بىر تارىخ سەھنىسىدە، نۇرغۇن قەدىمىي مىللەتلەر غايىب بولۇپ، يېڭىدىن-يېڭى ئىنسانلار توپى، مىللەتلەر، قەبىلىلەر بۇ سەھنىگە چىقتى، ئىسلام دىنى شەرققە تارقىلىپ بۇ يەرگە كەلدى؛ ئۇيغۇر (回鹘) دىن ئىبارەت بۇ ناھايىتى قەدىمىي ھەم ياش بىر مىللەتمۇ غەربكە سىلجىپ بۇ يەرگە كېلىپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى مەركىزىي ئاسىيانى رەڭگارەڭ، ئۆزگىرىشچان بولغان ئاسىيانىڭ مەركىزىي سەھنىسىگە ئايلاندۇردى.
ئاسىيانىڭ شەرقىدە، جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇڭ سۇلالىلىرى، لياۋ، جىن، تاڭغۇتلار نۆۋەتلىشىپ مەيدانغا چىقتى؛ بىر دەۋرنىڭ جاھان ئەركىىسى چىڭگىزخانمۇ نەرە تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت بۇ سەھنىگە كېلىپ، تالاي تراگېدىيە ۋە كومېدىيەلەرنى ئوينىدى … بۇ، ئوتتۇرا ئەسىرنى مەركىزىي ئاسىيا دەۋرىگە ئايلاندۇردى، بۇ بىر بۈيۈك دەۋر ئىدى.
840-يىلى، چۆللۈكنىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن ۋەقە خەنزۇچە تارىخ مەنبەلىرىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى» (回鹘西迁) دەپ پۈتۈلدى.
«ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى» شىمالدىكى ئاتلىق مىللەت ئۇيغۇرلارنىڭ (回鹘) بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك تارىخىي سىلجىشى ـــــ كۆچ-كۆچ ۋەقەسى ○19ئىدى. ناۋادا ئۇيغۇرلارنىڭ «غەربكە كۆچۈشى» بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتى بولمىغان بولمىغان بولاتتى، يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا «ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى»دىن ئىبارەت بۇ زور كۆلەملىك تارىخىي كۆچ-كۆچ ۋەقەسى بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنى ياراتتى. ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى مەرھۇم چېڭ سۇلو ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتىغا○20 ئاساسلانغاندا، مىلادىنىڭ ئالدى-كەينىدە دىڭلىڭلار، يەنى ئۇيغۇرلار (回鹘) تارىم ئويمانلىقىنىڭ گىرۋەكلىرىدىكى ھەرقايسى بوستانلىقلاردا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان، پەقەت ئۇلارنىڭ سىياسىي ھوقۇق مەركىزى شىمالدا ـــــ چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى يايلاقتىكى ئورقۇن دەرياسى، تۇرا دەرياسى، سەلىنگە دەرياسى ۋادىلىرىدا بولغان. ئۇنداقتا كۆچ-كۆچ ۋەقەسىدىن كېيىن (回鹘西迁) ئۇيغۇرلار «ئۆيلىرىنى نەلەرگە كۆچۈرۈپ بارغان؟» مانا بۇ تارىخشۇناسلار ئىزچىل مۇنازىرە قىلىپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە، توختىماي تەتقىق قىلىۋاتقان مۇھىم نۇقتا، شۇنداقلا قىيىن نۇقتا.
«ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى»، ئىسلام دىنىنىڭ شەرققە تارقىلىشى ئوتتۇرا ئاسىياغا تۈركلىشىش، ئىسلاملىشىش قاتارلىق زور تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى. ماكان ۋە زامان جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇيغۇر تارىخىدا يۈزبەرگەن بۇ كۆچ-كۆچ ۋەقەسى مەركىزىي ئاسىيا رايونىدا ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى. «ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى»دىن كېيىنكى يۈزلىنىش، تەقدىر ۋە ئىستىقبال قاتارلىق بىرقاتار زور تېما كىتابىمىز مۇھاكىمىسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىدۇر.
بىرىنچى، «ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى»دىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئون بەش قەبىلىسى پانتېكىن باشچىلىقىدا بەشبالىق (بۈگۈنكى جىمىسار ناھىيەسى) ئەتراپىغا چۈشكۈن قىلىپ، ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبى، شەرقىي تەڭرىتاغ رايونى، تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى يۇلدۇز يايلىقى (بۈگۈنكى بايىنغولىندا) نى ماكان تۇتۇپ، ئاگنىدا (بۈگۈنكى قاراشەھەر ئەينى زاماندا ئاگنى، چالىش دېيىلگەن، مەھمۇد كاشغەرىي سۇلمى، دەپمۇ ئاتىغان) ئەنشى ئۇيغۇر خانلىقىنى (安西回鹘国ئىدىقۇت خانلىقى؟) قۇرغان، پانتېكىن بۇ خانلىقنىڭ تۇنجى خاقانى بولغان○21.
پانتېكىن ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتېز قەبىلىسىنىڭ ئاقسۆڭەك جەمەتىدىن ئىدى. ئۇ ياغلاقار قەبىلىسى ئاقسۆڭەكلىرى جەمەتىنىڭ ئورنىنى بېسىپ خاقان بولدى. تاڭ سۇلالىسى شيەنتۇڭ سەلتەنەتىنىڭ 7-يىلى (866-يىلى) بەشبالىق ئۇيغۇرلىرى (北庭回鹘) نىڭ ئاقساقىلى، سەركەردە بۆكەقۇن قوچۇ ئايمىقى قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىپ غەربىي يۇرت (قۇرغار) تارىخ سەھنىسىگە چىقىپ، تۇنجى خاقان پانتېكىننىڭ ئورنىنى ئالغان، پانتېكىن سىرلىق ھالدا غايىب بولۇپ، تارىخ مەنبەلىرىدە قايتا كۆرۈنمىگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر (回鹘) بۆكەقۇن جەمەتى ئاتېز جەمەتىنىڭ ئورنىنى بېسىپ ئەنشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانى بولۇپ قالغان. ئاگنى مەركەز قىلىنغان، غەربتە كۈسەن (بۈگۈنكى كۇچا)، شەرقتە بەشبالىق، تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى يۇلدۇز يايلىقى، ئالتۇنقۇم داۋىنى، ئىدىقۇت رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئەنشى ئۇيغۇرلىرى»نى (安西回鹘) ئېلىمىز تارىخچىلىرى ئادەتتە «ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى» دەپ ئاتاشقا ئادەتلەندى.
ئەمما، ئىدىقۇت، يەنى تۇرپان ئويمانلىقىدىكى بوستانلىقلار يەر شارائىتى نۇقتىسىدىن كۈسەن، ئاگنى، بەشبالىقتىن ئىبارەت بۇ كەڭرى كەتكەن زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالالمايتتى. شۇڭا، مەن (مۇشۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى) چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار مەخسۇس تەتقىقات ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىپ، «تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى» (天山回鹘) ئۇقۇمىنى قوبۇل قىلدىم○22. «تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى» دېگەن بۇ نام غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئون بەش قەبىلىسىنىڭ تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا پائالىيەت قىلىشتەك تارىخىي پاكىتىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن.
ئىككىنچى، ئېلىمىزنىڭ خەنزۇچە تارىخى ماتېرىياللىرىدا خاتىرىلىنىشىچە، غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر تارمىقى «كۆكئارت» (پامىر) نىڭ غەربىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرىغا بارغان، بۇ تارىخىي ماتېرىياللاردا «كۆكئارتنىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇرلار» دەپ خاتىرىگە ئېلىنغان. بۇ بىر تارماق ئۇيغۇرلار پاسىبانى بىلگە كۆل قادىرخان باشچىلىقىدا ئەۋۋەل بالاساغۇندا چۈشكۈن قىلىپ چېدىر تىكىپ، يازلىق ئوردىسىغا قارارگاھ قۇرغان، كېيىن يەنە كاشغەرگە چېدىر تىكىپ قارارگاھ قۇرۇپ، قىشلىق ئوردا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن قاراخانىلار خانلىقى قۇرۇلغان○23. ئەمما، مېنىڭ قارىشىمچە، مۇسۇلمان تارىخچىلىرى خاتىرىگە ئالغان «بىلگە كۆل قادىرخان» بەشبالىق ئۇيغۇرلىرىنىڭ پاسىبانى «پانتېكىن» ئەمەس. چۈنكى، بۇ ئىككى شەخس زامان-ماكان جەھەتتە زادىلا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. مېنىڭچە، بىلگە كۆل قادىرخاننىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن ۋاقتى ھېچ بولمىغاندىمۇ 850-يىلنىڭ ئالدى-كەينى. بۇ قېرى خان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىككى ئوغۇل قالغان، چوڭ ئوغلى بازېرخان بۈيۈك خان بولۇپ بالاساغۇننى ئىدارە قىلغان؛ كەنجى ئوغلى ئوغۇلچاق ئورۇنباسار خان (كۆمەكخان) بولۇپ تالاسنى ئىدارىسىگە ئالغان. ئەمما بازېرخان ئالەمدىن ئۆتكەن چاغ ھېچ بولمىغاندىمۇ 890-يىلنىڭ ئالدى-كەينىگە توغرا كېلىدۇ، چۈنكى بازېرخان ئالەمدىن ئۆتكەندە، ئوغلى ساتۇق بۇغراخان تېخى كىچىك ئىدى، شۇڭا بازېرنىڭ ئىنىسى، يەنى ساتۇقنىڭ تاغىسى ئوغۇلچاق خانلىق سەلتەنەتىگە نائىبلىق قىلغان○24. نۇرغۇن مۇسۇلمان تارىخ مەنبەلىرىدە ساتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ تاغىسىدىن تەختنى تارتىۋالغان، دەپ خاتىرىلەنگەن ۋاقت مىلادى 932-يىلى بولسا كېرەك.
قاراخانىلار خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى، خان جەمەتى مەنسۇپ بولغان مىللەت تەركىبى ۋە خانلىق تەسەررۇپىدىكى ئاساسلىق مىللەتلەر قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىلىم ساھەسىدە بەس-مۇنازىرىلەر بولۇپ كەلدى، مانا بۇ تەتقىقاتنىڭ قىيىن نۇقتىسىدۇر. چۈنكى بۇھەقتە تارىخ مەببەسى كەمچىل، ئېلىمىزنىڭ خەنزۇچە تارىخ مەنبەلىرىدە «كۆكئارتنىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇرلار»غا دائىر خاتىرىلەر چەكلىك، چەت ئەل ۋە مۇسۇلمان تارىخ مەنبەلىرىدە بولسا قاراخانىلار خانلىقىدىن بۇرۇنقى چاغلار دائىر خاتىرىلەر مۈجىمەل، تەپسىلاتى يوق، شڭنىڭ بىلەن تارىخىي خاتىرىلەر بوشلۇقى كېلىپ چىققان.
بۇ يەردە مەن نۆۋەتتە تارىخشۇناسلىق ساھەسى بىردەك ئېتراپ قىلىغان قاراشنى قوللىنىپ، قاراخانىلار خانلىقى ئۇيغۇرلار (回鹘) نىڭ ھاكىمىيىتى؛ بۇ خانلىق تەسەررۇپىدىكى ئاساسلىق مىللەت ئۇيغۇر (回鹘) قاتارلىق مىللەتلەر، دەپ قاراپ دەسلەپكى بايانىمنى ۋە ئىزدىنىشلىرىمنى يۈرگۈزدۈم.
ئۈچىنچى، مەن تۇنجى قېتىم قاراخانىلار خانلىقى ۋە مەركىزىي ئاسىيا تۈركىي مىللەتلەر رايونىدىكى ئىكىتار تۈزۈمى ئۈستىدە تەپسىلىيرەك ئىزدەندىم. بۇ تېما دۆلەت ئىچىدىكى ئىلىم ساھەسىدە تېخى بىر بوشلۇق. مەن نۇرغۇن ئالاقىدار ماتېرىيال ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى، بولۇپمۇ ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى، ھازىر ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلىم ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ساتو تسۇگى تاكانىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كۆرۈپ چىقتىم ھەم ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئىكىتار تۈزۈمىنى ئەمەلىي پاكتلار ئارقىلىق تەتقىق قىلىپ دەلىللىگەن بايانلىرىدىن○25 پايدىلاندىم. پروفېسسورى ساتو تسۇگى تاكا ئۇزاقتىن بېرى ئىكىتار تۈزۈمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، دۇنياۋىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ تەمىنلىگىنى نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئىكىتار تۈزۈمى تەتقىقاتىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك، تولۇق بولغان ۋەسىقە-ھۆججەتلەر مۇندەرىجىسى. شۇڭا، مەن بۇ ۋەسىقە-ھۆججەتلەر مۇندەرىجىسىنى كىتابىمنىڭ پايدىلانمىلار كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈپ، ئېلىمىز ئالىملىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم.
تۆتىنچى، مىلادى 9-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، يەنى «ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى»دىن كېيىن، مۇسۇلمان تارىخلىرىدا ئۇيغۇرلار (回鹘) «توققۇز ئوغۇز»لار، «ئوغۇز»لار دەپ خاتىرىلەنگەن○26. مىلادى 840-يىلىدىن كېيىن غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنى توققۇز ئوغۇزلار، دەپ يېزىشقان. «توققۇز ئوغۇزلار» ئېلىمىز تارىخ مەنبەلىرىدە «乌护»، «乌古斯» دەپ خاتىرىلەنگەن، بۇ دەل مۇسۇلمان تارىخچىلىرى خاتىرىلىگەن «توققۇز ئوغۇزلار»دۇر. ئوغۇزخاننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانىدىكى قەھرىمانى ئىكەنلىكى○27، «乌护»، «乌鹘» دېگەنلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە «回鹘» نىڭ تەلەپپۇزى ئۆزگەرگەن شەكلى ئىكەنلىكى خۇسۇسىدا ماتېرىياللار كۆپ ○28. ئومۇمەن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سەلجۇق خانىدانلىقىنى «乌护» ياكى «乌古斯» (ئوغۇزلار)، يەنى تۈرك («回鹘») لار قۇرغان؛ غەزنى خانلىقىنى قۇۇرغۇچى سەبۇق تېكىن قاراخانىلار خانلىقى زامانىسىدىكى تۈرك ئىدى. مەن غەزنى خانلىقى، سەلجۇق خانلىقى قاتارلىقلارنى غەربكە كۆچكەندىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار ياكى ئۇلارنىڭ تارمىقى، دەپ بايان قىلىپ، ئىكىتار تۈزۈمىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى يۈرگۈزۈلۈش تارىخىي جەريانى ئۈستىدە ئىچكىرىلەپ ئىزدىنىمەن.
بەشىنچى، ياركەنت خانلىقى مەزگىلىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىنى بايان قىلدىم، بولۇپمۇ بۇ مەزگىلدىكى خوجىلار جەمەتىنىڭ بۆلۈنۈشى، سوفىزم سۈلۈكىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە پەيدا بولغان سوفىلار مەزھەبلىرى، پەھلىۋان، ئالاقاناتلار ئۈستىدە دەسلەپكى تەتقىقات يۈرگۈزۈشكە تىرىشتىم. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى «نوچى»لار بىلەن «پوچىلار» گەرچە غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسلام جەمئىيىتىدە مەيدانغا كەلگەن «ئەيياران»لارغا ئوخشاپ كەتسىمۇ، مەلۇم مۇناسىۋەتلىرى بولسىمۇ ئەمما يەنىلا زور پەرقلەر بارلىقىنى بايقىدىم. مىلادى 9-ئەسىردىن 12-ئەسىرگىچە ئەرەب، ئەجەم (ئىران) قاتارلىق ئىسلام ئەللىرى جەمئىيىتىدە بارلىققا كەلگەن «ئەيياران» ئىجتىمائىي كۈچ سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ مەۋجۇد بولغان ۋە راۋاجلانغان، تاكى زاۋال تاپقىچە ھۆكۈمرانلار، سەلتەنەتكە مەلۇم تەسىر كۆرسەتكەن○29. ھالبۇكى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى «نوچى» بىلەن «پوچى» يەككە شەخس سالاھىيىتى بىلەن «پەھلىۋان، ئالاقانات» سۈپىتىدە پەقەت جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدا، ئەل ئىچىدە ۋە كۆچمەن پادىچىلار ئارىسىدا لايغەزەل نامىدا مەۋجۇد بولغان. ئۇلار پۇقرالار ئارىسىدا بىر بولسا «مۇشتۇمزورلارنىڭ جاجىسىنى بېرىپ ئادەلەتنى ياقلىغۇچى مەرد» پەھلىۋان نامىدا، بىر بولسا «پۇقرالارنى بوزەك قىلىدىغان بىكارتەلەپ ئوغرى» ئالاقانات نامىدا مەۋجۇد بولغان.
بۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا جەمئىيىتىدە بىر خىل ئىجتىمائىي كۈچ، بىر خىل مەنپەئەت گۇرۇھى سۈپىتىدە پەيدا بولغان ئەيياران»، پەھلىۋان-سەرگەردانلار بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بارلىققا كەلگەن پەھلىۋان-ئالاقاناتلار (نوچى بىلەن پوچى)لارنىڭ ئەڭ زور پەرقى. مەن ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بۇ ھادىسى ئۈستىدە تۇنجى قېتىم ئىزدىنىۋاتىمەن، ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش-شارائىتى، دىنىي مەزھەب ئىدىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار ئۈستىدىكى بۇ ئىزدىنىشلىرىم بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرسا ئەجەب ئەمەس.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھلار:
① 2008-يىل 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى«شىنجاڭ گېزىتى».
② جوۋ ۋېيجوۋ: «سېلېلار ۋە جورجانلار»، گۇاڭشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2006-يىل نەشرى، 9-بەت.
③ دۈەن ليەنچىن: «دىڭلىڭ، گاۋچې ۋا تيېلېلار»، گۇاڭشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2006-يىل نەشرى، 14-بەت.
④ ما چاڭشوۋ: «تۈركلەر ۋە تۈرك قاغانلىقى»، گۇاڭشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2006-يىل نەشرى، 1~2-بەتلەر.
⑤ يامادا نوبۇئو[ياپونىيە]: «يىراق تەڭرىتاغ ـــــ ياۋرو-ئاسىيا ۋە ياپونىيەلىكلەر»، كونان ئۇنىۋېرسىتېتى باسمىسى، 1994-يىل نەشرى، 181-بەت.
⑥ لېكوك[گېرمانىيە]: «يۇنان خارابىلىرىنى بويلاپ» ئىنگلىزچە ۋە خەنزۇچە تەرجىمىسىنىڭ نامى:
«Auf Hellas Spuren in Osttürkistan » 《新疆的地下文化宝藏》، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسنىڭ نامى«شىنجاڭنىڭ يەرئاستى مەدەنىيەت بايلىقلىرى»، خەنزۇچىسىنى چېن خەيتاۋ تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 12-بەت.
⑦ موللا مۇسا سايرامى: «تارىخىي ھەمىدى» (قوليازما نۇسخا)، «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» غا كەلتۈرۈلگەن نەقىلدىن پايدىلىنىلدى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989-يىل نەشرى، 16-بەت.
⑧ توختى مۇزارت: «ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقاتى»، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 1995-يىل نەشرى، 117-بەت.
⑨ ئۇمېمۇرا خىروشى[ياپونىيە] قاتارلىقلار: «دۇنيا تارىخى (7). سۇڭ سۇلالىسى ۋە مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تارىخى»، مەركىزىي جامائەت پىكرى يېڭى نەشرىياتى 2008-يىل نەشرى، 486-بەت.
⑩ مورىياسۇ تاكائو[ياپونىيە]: «يىپەك يولى ۋە تاڭ ئىمپېرىيەسى»، سۆھبەت نەشرىياتى 2007-يىل نەشرى، 32-بەت.
⑪ گېڭ شىمېن: «ئۇيغۇرچە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ھۆججەت-ۋەسىقىلەر تەتقىقاتى»، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2006-يىل نەشرى، 27-بەت.
○12William Samolin: East Turkistan to the Twelfth century, P.77
○13بازېرخان ئالەمدىن ئۆتكەن كونكرېت يىل دەۋرى ئېنىق ئەمەس.
○14ئابلىكىم مىرئەھمەد قاتارلىقلار: «مەمتىلى ئەپەندى» (ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997-يىل نەشرى، 297-بەت.
○15Ibn-Al Ashir, Kitabul-Khairfil Tarikh, M II KK, Moscow, 1973, P.69
○16«بۇغراخانلار تەزكىرىسى» (چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى، قوليازما نۇسخا)، «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»دىكى نەقىلدىن ئېلىندى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1989-يىل نەشرى، 75-بەت.
○17بارتولد[روسىيە]: «موڭغۇل تاجاۋۇزچىلىقى دەۋرىدىكى تۈركىستان»
(Turkestan Down to the Mongol Invasion) (1-قىسىم)، جاڭ شىتوڭ، جاڭ گۇاڭدا تەرجىمىسى، شاڭخەي قەدىمقى ئەسەرلەر نەشرىياتى، 2007-يىل نەشرى، 294-بەت.
○18 ئابلىكىم مىرئەھمەد قاتارلىقلار: «مەمتىلى ئەپەندى» (ئۇيغۇرچە نەشرى)، شىنقاڭ خەلق نەشرىياتى، 1997-يىل نەشرى، 299-بەت.
○19مورىياسۇ تاكائو[ياپونىيە]: «ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى توغرىسىدا»، «شەرقىي ئاسىيا ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1977-يىلى 1-، 2-سان.
○20چېڭ سۇلو: «تاڭ-سۇڭ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تارىخى ئىلمىىي ماقالىلىرى»، خەلق نەشرىياتى، 1993-يىل نەشرى، 39~50-بەتلەر.
○21 سىما گۇاڭ: «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئۆرنەكلەر»، 249-جىلد، جۇڭخۇا باسمىسى، 1982-يىل نەشرى، 8042-بەت.
○22ئۇمېمۇرا خىروشى[ياپونىيە] قاتارلىقلار: «دۇنيا تارىخى (7). سۇڭ سۇلالىسى ۋە مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا»، مەركىزىي جامائەت پىكرى يېڭى نەشرىياتى 2008-يىل نەشرى، 386-بەت.
○23O.pritsack. Von den Karluk zu den karachaniden. ZDMG. 1951.
رېشاد گەنج[تۈركىيە] نىڭ «قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى» (ئۇيغۇرچە) دىكى نەقىلدىن ئېلىندى، تۇرسۇنئاي ساقىم تەرجىمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1990-يىل نەشرى، 79-بەت.
○24«بۇغراخانلار تەزكىرىسى» (چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى، قوليازما نۇسخا)،
○25ساتو تسۇگى تاكا[ياپونىيە]: «ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام ئەللىرى ۋە ئەرەب جەمئىيىتى ـــــ ئىكىتار تۈزۈمى توغرىسىدا تەتقىقات»، شەنچۈەن نەشرىياتى، 1986-يىل نەشرى، 23~43-بەتلەر.
○26ۋېي جېڭ: «سۈينامە. تيېلېلار تەزكىرىسى»، جۇڭخۇا باسمىسى، 1982-يىل نەشرى، 1879~1880-بەتلەر.
○27 ئاپتورى نامەلۇم: «ئوغۇزنامە» (ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نۇسخىسى)، گېڭ شىمېن، تۇرسۇن ئايۇپ تەييارلىغان، بېيجىڭ مىللەتلەر ننەشرىياتى، 1981-يىل نەشرى، 26-بەت.
○28ما چاڭشوۋ: «تۈركلەر ۋە تۈرك خانلىقلىرى»، گۇاڭشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2006-يىل نەشرى، 48-بەت.
○29 ساتو تسۇگى تاكا[ياپونىيە:«ئىسلام جەمئىيىتىدىكى مۇتتەھەملەر ـــــ تارىختىكى مەشھۇر پەھلىۋان-مۇتتەھەملەر»، ياپونىيە 3-كۇتۇپخانا نەشرىياتى، 1994-يىل نەشرى، 105~112-بەتلەر
——————————————————————————–
بۇ ئەسەرنى ھەرقانداق كىشىنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىغا، تور بىكەتلەردە كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشغا، ئىلكىتاب قىلىپ تارقىتىشغا بولىدۇ.
بايانات

تارىخ ئۆگىنىپ ئەسلىمىزنى ئونۇتمايلى!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى