يىلتىز تارىخ يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

[ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى] بىرىنچى باب: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانلىقى

[ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى] بىرىنچى باب: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانلىقى

ۋاقتى: 2015-10-27 ئاۋاتلىقى: 1170 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى
بىرىنچى باب: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانلىقى
1- پاراگراف تەتقىقاتنىڭ قىيىن نۇقتىسى ۋە ئەھمىيىتى
回鹘 (ئۇيغۇر Uighur) قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇچە تەلەپپۇزدا يېزىلىشى. تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلى، دېگىنىمىزدە 8-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى چۆللۈكنىڭ شىمالىدىن بەشبالىق (بۈگۈنكى جىمىسار)، شەرقىي بوغدا تاغلىرى (ئالتۇنقۇم چوققىسى ئەتراپى)، تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي ۋە ئوتتۇرا قىسىمىدىكى يۇلدۇز يايلىقى، قاراشەھەردىن تاكى كۈسەنگىچە كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ (بۇ يەردە ۋاقت ئۇقۇمى ئالمىشىپ قالغان بولسا كېرەك، 9-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى ۋەقە بىر ئەسىر ئالدىغا سۈرۈلۈپ قاپتۇـــــ تەرجىمان)①. ئەمما، تارىخىي ۋەسىقە-دەستۇرلاردىكى مەنبەلەرنى ئەستايىدىلراق ئاختۇرۇپ تەكشۈرۈپ باقىدىغان بولساق، بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلار (回鹘)نىڭ نەچچە خىل نامدا ئاتالغىنىنى، يەنى «بەشبالىق ئۇيغۇرلىرى» (北庭回鹘)، «ئەنشى ئۇيغۇرلىرى» (安西回鹘)، «كۈسەن ئۇيغۇرلىرى» (龟兹回鹘)، «قوچۇ ئايمىقى ئۇيغۇرلىرى» (西州回鹘)، «ئىدۇققۇت ئۇيغۇرلىرى» (高唱回鹘)، «قاراقوچۇ ئۇيغۇرلىرى» (和州回鹘) ②، «بۈيۈك ئۇيغۇر كۈسەن ئېلى» (大回鹘龟兹国)، «ئۇلۇغ قۇتلۇق بۈيۈك ئۇيغۇر ئىدۇققۇت ئېلى» (大福大回鹘国) دەپ ئاتالغانلىقىنى بايقايمىز. ئوخشاش دەۋردىن كېيىنكى مۇسۇلمان تارىخ مەنبەلىرىدە يەنە«توققۇزئوغۇز»(托古兹古斯)، «ئارسلان ئۇيغۇرلىرى» (阿尔斯兰回鹘) قاتارلىق ناملارنىمۇ ئۇچرىتىمىز③. يېقىنقى يۈز يىلدىن بۇيان ئالاقىدار ئالىم-مۇتەخەسىسلەر غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ بۇ يېڭى ھاكىمىيىتىنى تۈرلۈك نۇقتىدىن، ئوخشاشمىغان قاتلامدىن ئومۇمىيۈزلۈك، كۆپ تەرەپلىمىلىك تەتقىق قىلىپ كەلدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات مەزمۇنلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئوخشاش بىر ئۇيغۇرنى «غەربىي ئۇيغۇرلار» (西回鹘国)، «ئەنشى ئۇيغۇر ئېلى» (安西回鹘国)، «ئىدۇققۇت ئۇيغۇر خانلىقى» (高唱回鹘汗国)، «ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلى» (高唱回鹘王国) دېگەندەك ئوخشاشمىغان ناملاردا ئاتىدى،
يېقىنقى زامان غەربىي يۇرت ئېكىسپېدىتسىيەسى ۋە ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشقا ئاساسلانغاندا، تۇرپان، قاراشەھەر، كۇچا قاتارلىق جايلاردىن ناھايىتى نۇۇرغۇن ئۇيغۇرچە، كۈسەنچە (توخرىيچە؟-تەرجىمان)، ئاگنىيچە (بۇمۇ توخرىيچە بولسا كېرەك-تەرجىمان)، ئۇدۇنچە (ساكچە ياكى سانسىكرىتچە بولسا كېرەك-تەرجىمان) قاتارلىق زور مىقداردىكى نۇرغۇن قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك تارىخىي يازما ماتېرىياللار ۋە تامغىلىق بىتىم-ۋەسىقىلەر، دىنىي يادىكارلىقلار تېپىلىپ، دۇنيا ئىلىم ساھەسىنىڭ دېققىتىنى تارتتى، ئەپسۇس، ئەينى زامان كىشىلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن ئاشۇ دەۋر توغرىسىدىكى بىرەر پارچە تارىخىي ئەسەر ئۇچرىمىدى، شۇنىڭدەك ھەتتا خانلىق ھۆكۈمدارلىرى خانلارنىڭ سەلتەنەت سۈرگەن يىل دەۋرلىرىگە ئائىت ئەقەللىي تارىخىي خاتىرىلەرمۇ تېپىلمىدى. بۇ دەۋرگە ئائىت بىزگىچە يېتىپ كەلگەن تارىخ ماتېرىياللىرى بولسا بەك مۇرەككەپ، پارچە-پۇرات، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇنلىرى «ئۆلگەن يېزىق» تىكى ماتېرىياللار بولۇپ، تېخىچە ئوقۇش مۇمكىن بولمىغان يازما يادىكارلىقلاردۇر. مانا بۇلار بىزگە نۇرغۇن سىرلارنى قالدۇرۇپ، تەتقىقاتىمىزغا نۇرغۇن قىيىن-مۈشكۈلاتچىلىق تۇغدۇرماقتا.
ئېلىمىزنىڭ غەربىي يۇرت تارىخى مۇتەخەسىسلىرى، ئىلىم ساھەسىدىكى پېشقەدەملەر مۇشۇ يېڭىدىن گۈللەنگەن ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىنى (回鹘政权) ئوخشاشمىغان ناملاردا ئاتىدى ياكى مىللەت تەۋەلىكى ۋە جۇغراپىيەلىك نام بويىچە ئاتىدى؛ ياكى ئۇيغۇر (回鹘) دىن ئىبارەت بۇ يېڭىدىن گۈللەنگەن ھاكىمىيەتنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا تارىيىپ ئىدۇققۇت رايونى بىلەن چەكلىنىپ قالغانلىقىنىلا ئاساس قىلىۋېلىشتى. ئومۇمەن، يۇقىرىقى نەچچە خىل ئاتاشلار بۇ كىتابىمىزدا بايان قىلماقچى بولغان مەزمۇنغا زادىلا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، شۇڭا، پەقىر غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرى، تەرەققىياتىنىڭ ئۆزگىرىش تارىخى ۋە جەريانى ھەمدە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن، «تاڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى» دېگەن نامنى باشقا ناملاردىن تېخىمۇ توغرا ھەم ئىلمىي، دەپ قارايمەن.
بىز بۇ دەۋردىكى تارىخ ئەمەلىيىتىنى ئەستايىدىل تەكشۈرگىنىمىزدە يۇقىرىقى «بەشبالىق ئۇيغۇرلىرى» (北庭回鹘)، «ئەنشى ئۇيغۇرلىرى» (安西回鹘)، «كۈسەن ئۇيغۇرلىرى» (龟兹回鹘)، «قوچۇ ئايمىقى ئۇيغۇرلىرى»(西州回鹘)،«ئىدۇققۇت ئۇيغۇرلىرى»(高唱回鹘)، «قاراقوچۇ ئۇيغۇرلىرى» (和州回鹘)، «بۈيۈك ئۇيغۇر كۈسەن ئېلى» (大回鹘龟兹国)، ««ئۇلۇغ قۇتلۇق بۈيۈك ئۇيغۇر ئىدۇققۇت ئېلى» (大福大回鹘国) دېگەندەك بىرمۇنچە ناملارنىڭ مەيلى زامان دائىرىسى بولسۇن، مەيلى نوقۇل مىللەتنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى بولسۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى زاماندىكى ئەمەلىي ئەھۋالىنى تارىخىي نۇقتىدىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايقايمىز. چۈنكى، «ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈش» ۋەقەسىدىن كېيىن، غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارمىقى، يەنى پانتېكىن باشچىلىقىدىكى ئون بەش قەبىلە ئەۋۋەل بەشبالىقتا (بۈگۈنكى جىمىسار) چۈشكۈن قىلىپ چېدىر تىككەندىن كېيىن، تەڭرىتاغنىڭ شەرقى قىسىمىدىكى يايلاقلار ۋە ئوتتۇرا قىسىمىدىكى يۇلدۇز يايلىقىنى ئىختىيارىغا ئېلىپ بەشبالىق ھاكىمىيىتىنى تىكلەپ، پانتېكىن ئۆزىنى يابغۇ، دەپ جاكارلىدى؛ ئاندىن پانتېكىن 200 مىڭ ئادىمىنى باشلاپ تېزلىكتە تەڭرىتاغدىن جەنۇبقا ھالقىپ ئۆتۈپ سۇلمىگە (ئاگنى، چالىش،قاراشەھەر-تەرجىمان) كېلىپ، ئۆزىنى قاغان، دەپ جاكارلىدى ھەم شۇھامان تاڭ سۇلالىسى بۇنى ئېتراپ قىلدى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەلچى-يالۋاچلىرى گەرچە ئۇزاق يولدا ھايال بولۇپ قېلىپ، ۋاقتىدا كېلىپ ئوتۇغات نامى بېرىشكە ئۈلگۈرەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما بۇ تارىخىي پاكت بولۇپ قېلىۋەردى. تاڭ سۇلالىسى ئوردىسىنىڭ ئۈچ قېتىم ئوتۇغات بەرگەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخىي پاكىت بۇنى ئىسپاتلايدۇ④. مەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپ بەرپا قىلغان سىياسىي مەركەز بولسۇن ياكى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغان، تۇرمۇش كەچۈرگەن ئاساسلىق رايونلىرى نۇقتىسىدىن بولسۇن، «تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى» دەپ ئاتاش ناھايىتى مۇۋاپىق ھەم تارىخىي پاكتقا ئۇيغۇن. ھالبۇكى، ئىدۇققۇت، دېگەن بۇ نام قەدىمدە نوقۇل بىر يەرنىڭلا نامى بولۇپ، بۈگۈنكى تۇرپان رايونىلا كۆرسىتەتتى. غەربىي خەن سۇلالىسى زامانىغا دائىر يازما مەنبەلەردە «ئىدۇققۇت تېمى» (高昌壁) دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ مەناسى توغرىسىدا «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» (北史.西域传) دە «ئىدۇققۇت ئالدى قۇس خانلىقىنىڭ يېرى، … يەر شارائىتى ناھايىتى ھەيۋەتلىك، ئادىمى كۆپ بىر جاي» دەپ تەبىر بېرىلگەن. 640-يىلى تاڭ سۇلالىسى بۇ يەردە ئىدۇققۇت ناھىيەسى تەسىس قىلىپ قوچۇ ئايمىقىغا بۆلۈپ بەرگەن. مىلادى 11-ئەسىردە قاراخانىلار خانلىقىنىڭ مەشھۇر تىلشۇناسى ماھمۇت كاشغەرىي ئۆزىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» دېگەن ئەسىرىدە قوچو (Qoço) دەپ ئاتىغان ھەم «قوچو ئۇيغۇرلارنىڭ بىر شەھىرى، شۇنىڭدەك ئۇ مەزكۇر جايدىكى بارلىق شەھەرلەرنىڭ ئومۇىي نامى» دەپ ئېنىق خاتىرىگە ئالغان. سۇڭ، لياۋ، يۈەن، مىڭ سۇلالىلىرى زامانىدا خەنزۇچى تارىخ مەنبەلىرىدە ئۇيغۇرچە يېزىش ئۇسۇلى بويىچە «قاراقوچو» (和州)، «قوچو» (霍州)، «قوجۇ» (火州) دېگەن ناملاردا يازغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان «ئىدۇققۇت ئۇيغۇرلىرىدىكى نەسەبلەر تەزكىرىسى» دە «بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار [伟兀]نىڭ ئىدۇققۇتلۇقلار دېيىلىشىدە، ئۇلار ياشىغان جاي شۇ نامدا ئاتىلىدۇ، ئادەملىرى بولسا ئۇيغۇرلار [回鹘] دېيىلىدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن.
ئومۇمەن، ئىسىم ئىگىسىگە بېقىنىش پىرىنسىپى بويىچە، «ئىدۇققۇت ئۇيغۇرلىرى» دېگەن نامدىن كىشىلەر ئىدۇققۇت (تۇرپان) رايونىدىلا ياشايدىغان ئۇيغۇر ئوخشايدۇ، دەيدىغان ئۇقۇمغا كېلىپ قالىدۇ. چۈنكى، تۇرپان ئويمانلىقى ئۆزگىچە بىر جۇغراپىيەلىك ئورۇن ۋە مۇھىت بولغاچقا خاس بىر رايون سىستېمىسى شەكىللەندۈرگەن، ئادەتتە دېيىلىدىغان تۇرپان ئويمانلىقى تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بەشبالىق، شەرقىي ۋە ئوتتۇرا قىسىم تەڭرىتاغلىرىدىكى يۇلدۇز يايلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ ھەم بۇ ئويمانلىق بۇ رايوننى قاپلىيالمايدۇ، شۇنىڭدەك قاراشەھەر (سۇلمى، ئاگنى، چالىش) ئويمانلىقى ۋە كۈسەن بوستانلىقىنى ئىپادىلىيەلمەيدۇ. ئەمما، ئەينى زاماندىكى غەربكە كۆچكەندىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار بولسا ئەۋۋەل بەشبالىقنى چۈشكۈن قىلىپ قارارگاھ قۇرۇپ «قاغان بۇت» شەھىرى، دەپ ئاتىغان، ئاندىن سۇلمى، كۈسەن تەرەپلەرگە قاراپ كېڭەيگەن ھەم بەشبالىق بىلەن سۇلمىنى يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇ قاغانلىقنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرى قىلىشقان⑤.
كېيىنكى چاغلاردا ئىدۇققۇت بۇ قاغانلىقنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ قالغان بولسىمۇ ئەمما شۇنىڭغىچە بولغان ئارىلىقتا خېلى ئۇزاق بىر تارىخىي تەرەققىيات جەريانى ئۆتكەن. ناۋادا «ئىدۇققۇت ئۇيغۇر ئېلى» (ياكى خانلىقى) دەپ ئاتايدىغان بولساق، ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىڭ (回鹘) تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى بەشبالىق ھەم جەنۇبىدىكى قاراشەھەر (سۇلمى، ئاگنى، چالىش)، كۇچا (كۈسەن)نىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تارىخنى يورۇتۇپ بېرەلمەيمىز. شۇڭا، ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىنكى دەسلەپتە قۇرغان خانلىقنىڭ تارىخىي ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانلىقى» دەپ ئاتاش ئەمەلىيەتكە، ئۇيغۇر (回鹘) تارىخىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. مۇشۇ نام ئارقىلىقلا تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرىنىڭ خانلىق قۇرۇش تارىخىنى نىسبەتەن توغرا، ئىلمىي بايان قىلىپ بەرگىلى بولىدۇ.
ياپونىيەلىك غەربىي يۇرت تارىخچىسى، مەرھۇم ئالىم يامادا نوبۇئونىڭ 1994-يىلى نەشىر قىلىنغان «يىراق تەڭرىتاغ ـــــ ياۋرو-ئاسىيا ۋە ياپونىيەلىكلەر» دېگەن كىتابىدا، «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانلىقى» (天山回鹘王国) دېگەن مەخسۇس بىر باب بايان قىلىنىپ، تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى (天山回鹘) نىڭ خانلىق قۇرۇش تارىخى ۋە بۇ خانلىقنىڭ سۇڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت تارىخى تەتقىق قىلىنغان. يېقىندا ياپونىيەنىڭ مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخچىلىرىدىن ئۇمېمۇرا خىروشى بىلەن خىروشى ئىخارا بىرلىشىپ يازغان «دۇنيا تارىخى (7). سۇڭ سۇلالىسى ۋە مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تارىخى» دېگەن كىتابىدا، «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانلىقى» (天山回鹘王国) نىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ۋە بۇ خانلىقنىڭ تارىخىي رولى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىنغان⑥. توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى كپماتسو خىسائو باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن «دۇنيادىكى ئەللەر تارىخى [4-توم] مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تارىخى» دىمۇ «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانلىقى ـــــ بوستانلىقلارنىڭ تۈركلىشىشىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيىتى» (天山回鹘王国—— 绿洲的突厥化的划时代意义) دېگەن باب-پاراگرافلار تەسىس قىلىنىپ، «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانلىقى» (天山回鹘王国) نىڭ تارىخى ۋە بۇ خانلىقنىڭ تارىم ئويمانلىقىدىكى بوستانلىقلارنى تۈركلەشتۈرۈشىدىن بارلىققا كەلگەن دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيىتى قاتارلىق مۇھىم مەزمۇنلار مۇھاكىمە قىلىنغان.
«تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانلىقى» (天山回鹘王国) تارىخىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تېما دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىدا تېخى بىر بوشلۇق، ھالبۇكى بۇ تارىخىي تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەردە يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇ ئۇيغۇر (回鹘) ھاكىمىيىتى بىردەك كونا ئىز ياقلىنىپ «ئىدۇققۇت ئۇيغۇر خانلىقى» (高唱回鹘王国) دەپ ئاتالغان، ئېنىقكى، بۇنداق ئاتاشتا ئېغىر كەمتۈكلۈك مەۋجۇد. «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانلىقى» (天山回鹘王国) تارىخى ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر تارىخىدىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى تەتقىقاتىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە ئىلىم ساھەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتىدىكى بۇ يېتەرسىزلىك پەقىرنى بۇ جەھەتتە مەخسۇس بىر باب ئاجرىتىپ دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىمنى بايان قىلىشىمغا تۈرتكە بولدى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە چەتئەل ئېكىسپېدىتسىيە ئەترەتلىرىنىڭ بەشبالىق، تۇرپان، قاراشەھەر، كۇچا قاتارلىق جايلاردا ئېلىپ بارغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن زور مىقداردىكى يازما يادىكارلىقلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە (回鹘) يازما يادىكارلىقلار ئۇيغۇرشۇناسلىق (回鹘学) تەتقىقاتىنى يېڭى بىر يۈكسەكلىككە كۆتۈردى. بۇ ھەقتە پەقىر ئالدىنقىلارنىڭ تەتقىقاتى ئاساسىدا «تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى» (天山回鹘) نىڭ نەچچە ئەسىرلىك تەرەققىياتىدا خانلارنىڭ نامى، خانلارنىڭ نەسەبى، جەمئىيەتنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى، ئىقتىساد، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىزدىنىپ سېلىشتۇرما تەتقىقاتلارنى ئىجرا قىلغان ئىدىم. بۇنىڭدىن شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىمكى، «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانلىقى» (天山回鹘王国) نىڭ نامى، ئورنىنى بېكىتىش ھەمدە ئۇنىڭ نەچچە يۈز يىللىق بوران-چاپقۇنلۇق تارىخىنى قايتىدىن قۇراشتۇرۇشنىڭ ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مىللەتلەر تارىخىنىڭ مۇھىم تەتقىقات قىممىتىنى ئومۇمىييۈزلۈك چۈشىنىش ۋە تونۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا قەدىمقى تارىخىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىدىكى تارىخىي ئىزنالىرىنى ئىلمىي بايان قىلىش، ئېلىمىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ شەكىللىنىش تەرەققىيات تارىخىنىڭ جەريانىنى توغرا شەرھلەپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا تارىخى مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم تەتقىقات قىممىتى ۋە رېئال ئەھمىيىتى بار.
2- پاراگراف كۆچمەن چارۋىچى خەلقنىڭ سەرگەردانلىق ئىزلىرى
840-يىلى، قاغانلىق قۇرۇلغىنىغا يۈز يىلچە بولغان مەزگىلدە، ئۇيغۇر قاغانلىقى تەبىئىي ئاپەت ۋە ئىچكىي ئۇرۇش تەھلىكىسىدە ھالاك بولدى. ئۇيغۇر قاغانلىقى (回鹘汗国) نىڭ ئاھالىسى تۈركۈم-تۈركۈملەپ چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى يايلاقنى تاشلاپ زور كۆلەملىك مىللىي كۆچ-كۆچ، يۆتكىلىش ۋە سەرگەردانلىقنى باشلىۋەتتى. جۇڭگونىڭ خەنزۇچە «كونا تاڭنامە»، «يېڭى تاڭنامە» قاتارلىق دەستۇرلىرى ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ھالاك بولغانلىقى، بۇ قاغانلىق ئاھالىسىنىڭ ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ كۆچكەنلىكى خۇسۇسىدىكى تارىخىي ۋەقەنىڭ جەريانىنى تەپسىلىي خاتىرىلەپ قالدۇردى، بۇ تارىختا «ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى» (回鹘西迁) دېيىلدى. تەبىئىي ئاپەت، ئىچكى ئۇرۇش مالامەتلىرى تۈپەيلىدىن قاغانلىق ھالاك بولۇپ، كۆچمەن چارۋىچى ئاھالە تەرەپ-تەرەپكە پىتراپ كەتتى. چىن-خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى ھۇنلار، تاڭ-سۇڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى تۈرك-ئۇيغۇردىن ئىبارت بۇ مىللەتلەر تارىخ ئېقىنىغا ئەگىشىپ غەربكە سىلجىپ كەلدى ھەم بۇ مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەلمىساقتىن بۇيان ماكان تۇتۇپ كەلگەن يۇرتىنى مەڭگۈگە تەرك ئەتتى. ئۇلارنىڭ كۆچۈشى بىلەن چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى يايلاقتىكى مىللەت قۇرۇلمىسىدا زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، كېيىنكى موڭغۇللارنىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور بوشلۇق ھازىرلاپ بەردى. ئۈچ يۈز يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق موڭغۇللار بۇ گۈزەل يايلاقنىڭ مەڭگۈلۈك ھۆكۈمرانىغا ئايلاندى. ئومۇمەن، «ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈش» (回鹘西迁) ۋەقەسى مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تارىخىدىكى بىرقېتىملىق زور ۋەقە بولۇپ قالدى.*
تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلار «غەربكە كۆچۈش» جەريانىدا، بىر قىسىملىرى جەنۇبقا كېتىپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە سىڭىشىپ كەتكەن؛ بىر قىسىمى شەرققە كېتىپ چەكسىز كەتكەن ئورمانلىقلاردا غايىب بولغان؛ بىر قىسىمى خېشى كارىدورىغا كىرىپ تارىختا «خېشى ئۇيغۇرلىرى»، «گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى» دېگەندەك ناملاردا ئاتالغان؛ يەنە بىر قىسىمى ئالتاي تاغلىرى بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىغا يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەلمىساقتىنلا بۇ يەرلەرنى ماكان تۇتقان مىللەتداشلىرىغا قوشۇلغان. ئالتاي تاغلىرى بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالى رايونلىرى ئەلمىساقتىن بېرى ئۇيغۇر ئەجدادلىرى پادا بېقىپ، ئۇرۇش قىلىپ، تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن جايلار، شۇنداقلا يىراق-يېقىندىن كېلىپ-كېتىپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر يولۇچى-كارۋانلارنىڭ دائىم ئۆتۈدىغان يەرلىرى ئىدى. شۇڭا ئۇلار شىمالدىكى يايلاقتا تالاپەتكە ئۇچراپ بەختسىز تەقدىرگە قالغاندا، ئەلۋەتتە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىغا كەلمەي باشقا چارىسىمۇ يوق ئىدى. قاغانلىقنىڭ ھالاك بولۇشى، سەلتەنەت مەركىزىنىڭ گۇمران بولۇشى، سىياسىي قاراگاھنىڭ غۇلىشى ئەلۋەتتە مىللەتنىڭ تەلتۆكۈس زاۋال تېپىپ غايىب بولۇشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتى تارىخ توزاندىلىرى تەرىپىدىن كۆمۈۋېتىلگەندىن كېيىن، كىشىلەر تەبىئىي رەۋىشتە قايتىدىن جەم بولۇپ مەۋجۇدلۇق، قايتا تىرىكچىلىك، يېڭى تەرەققىيات ماكانى ئىزدەشكە مەجبۇر بولىدى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار بۇنداق ماكاننى تېپىشتى، ھەرقايسىسىنىڭ يېڭىدىن سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ھوقۇق مەركىزى بار بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار پانتېكىن باشچىلىقىدا بەشبالىقنى ئىختىيارىغا ئېلىپ، تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى يۇلدۇز يايلىقىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، تەڭرىتاغ-يۇلدۇز يايلاقلىرىنى مەركەز قىلىپ جەنۇبقا ئىلگىرىلەپ قاراشەھەر، تۇرپان ئويمانلىقى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ تەڭرىتاغ يايلاقلىرىغا تۇتاشقان يەرلىرىدىكى مىللەتداشلىرى، ئەسلىي شۇ يەرلىك ئاھالە بىلەن بىرلىكتە يۇرت-ماكانىنى قايتا قۇردى.
«تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانلىقى» (天山回鹘王国) ئۈستىدە توختالغاندا، ئالدى بىلەن پانتېكىن ئۈستىدە توختالماي بولمايدۇ. خۇددى يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، 840-يىلى ئۇيغۇر قاغانلىقى ھالاك بولۇپ، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار پانتېكىن باشچىلىقىدا بەشبالىققا كېلىپ پۇت تىرەپ تۇرغىدەك جايغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بودۇنلىرى تەدرىجىي يۇلدۇز يايلىقىغا سۈرۈلدى.
پانتېكىندىن ئىبارەت بۇ تارىخىي شەخس توغرىسىدا نۇرغۇن يېشىلمىگەن سىرلار بار. «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» دا «ئۇيغۇر قاغانلىقى قىرغىزلار تەرىپىدىن ھالاك قىلىنغاندىن كېيىن، بۇيرۇق (ۋەزىر) ساج خان جەمەتىنىڭ پانتېكىن قاتارلىق بەش نەپەر كاتتىلىرىنى ھېمايە قىلىپ ئون بەش قەبىلىنى باشلاپ غەربكە چېكىنىپ، ئەينى زاماندىكى قارلۇقلارنىڭ پادا باقىدىغان جايىغا كۆچۈپ كەلدى، كېيىن يەنە قارلۇق، ياغما قاتارلىق قەبىلە-ئۇرۇقلارنى بىرلەشتۈرۈپ قاراخانىلار خانلىقىنى قۇردى»⑦دېيىلگەن. بۇ دېگەنلىك پانتېكىن قەبىلىلىرىنى باشلاپ قارلۇقلارنىڭ پادا باقىدىغان يېرىگە پاناھ تارتىپ كەلدى، دېگەنلىك ئىدى. قارلۇقلار ئەينى چاغدا سامانىيلارغا ئەڭ يېقىن قوشنا ئىدى. قارلۇقلارنىڭ پادا باقىدىغان يەرلىرى توغرىسىدا خەنزۇچە تارىخ مەنبەلىرىدە «ئون قەبىلە خاقانىنىڭ يەرلىرى» دەپ خاتىرىلەنگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ يەرلەر چۇ دەرياسى ۋادىسىنى مەركەز قىلغان، غەربىي شىمالى قۇلان، ئىسسىقكۆلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مېركىلەرگە، جەنۇبى مەزكۇر كۆل ئەتراپىدىكى بارغۇنغا، تەسىر دائىرىسى كاشغەرگە تۇتىشاتتى. مىلادى 10-ئەسىردە ياشىغان ئەرەب جۇغراپىشۇناسى مۇھەممەد ئەبۇلقاسىم ئىبنى ھەۋقەل خاتىرىگە ئالغان قارلۇق يەرلىرى ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ چوڭ. ئۇ قارلۇق زېمىنى فەرغانە چېگراسىدىن كۈن چىقىشقا 30 كۈنلۈك يولغىچە سوزۇلغان، دەيدۇ. «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» دا يەنە«مىلادى 840-يىلى ئەتراپىدا ئورقۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ پانتېكىن باشچىلىقىدىكى ئون بەش قەبىلىسى غەربكە كۆچكەندە، باسمىل قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتى. بۇ بىرتۈركۈم كىشىلەر ئۇزاق ئۆتمەي يەنە تەڭرىتاغدىن ھالقىپ قاراشەھەر رايونىغا كىردى. 9-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، پانتېكىن قاراشەھەردە قارارگاھىنى قۇرۇپ ئۆزىنى يابغۇ، دەپ ئاتىدى»⑧دەپ يېزىلغان. ئوخشاش بىر ئەسەردىكى ئىككى بۆلۈك مەزمۇن بىر-بىرىگە زىت بولغاننىڭ ئۈستىگە پانتېكىننىڭ بارغان يەرلىرىنى ئېنىق بايان قىلالمىغان. چۈنكى، بىرىنچى قول ئىپتىدائىي ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن «كونا تاڭنامە» دىمۇ ئېنىق بىر نەرسە دېيىلمەي «ئۇيغۇر بۇيرۇقى (ۋەزىر) ساج ئۆزىنىڭ جىيەنى پانتېكىن ۋە ئۇنىڭ ئوغلانى ھەم ئىنەل تېكىن قاتارلىق خان جەمەتىنىڭ بەش كاتتىسىنى ھېمايە قىلىپ، ئون بەش قەبىلىنى باشلاپ كۈن پېتىشتىكى قارلۇقلار زېمىنىغا كەتتى، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارمىقى تۈبۈتلەرگە قوشۇلۇپ كەتتى، بىر تارمىقى ئەنشىگە كەتتى. قاغان چېدىرىنىڭ ئون ئۈچ قەبىلىسى قاغان ئۇكا تېكىن باشچىلىقىدا جەنۇبقا بېرىپ خەنزۇلارغا قوشۇلۇپ كەتتى»⑨ دەپ يېزىلغان.بۇ ئابزاستىنمۇ پانتېكىننىڭ ئاخىرقى ھېسابتا نەگە كەتكەنلىكىنى ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان مەشھۇر تارىخچى فېڭ جياشېڭ، چېڭ سۇلو قاتارلىق ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىدا، سۈي-تاڭ دەۋرىدىلا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدا ناھايىتى كۆپ ئۇيغۇر ئاھالە ئولتۇراقلىشىپ ئېكىنچىلىك ۋە تىجارەت قىلىدىغانلىقى دەلىللەنگەن. سىياسىي ھوقۇق مەركىزى بولغان چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ھالاكىتىدىن كېيىن، كۆچمەن ئۇيغۇر چارۋىچىلىرى زور كۆلەمدە كۆچۈشكە باشلىدى، نەتىجىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى»دىن ئىبارەت مەشھۇر كۆچ-كۆچ ۋەقەسى يۈزبەردى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرقى قاغانى بولمىش قاسار ققاغاننىڭ جىيەنى پانتېكىن ئون بەش قەبىلىنى باشلاپ غەربكە كۆچۈپ، بەشبالىقتا چېدىر تىكىپ قارارگاھ قۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆچمەن چارۋىچى خەلقى داۋاملىق غەربكە سىلجىپ تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ دېڭىز يۈزىدىن 2400 مېتىردىن ئېگىز تاغ ئۈستىدىكى يايلاق ـــــ يۇلدۇزبۇلاق يايلىقىغا كېلىشتى. ھازىرقى موڭغۇل تىلىدا بايىنبۇلاق، دېيىلىۋاتقان يۇلدۇزبۇلاق يايلىقى ناھايىتى بۇرۇنلا تارىخىي مەنبەلەردە خاتىرىلەنگەن بولۇپ، چۆپلىرى مول، سۈيى ئەلۋەك گۈزەل يايلاق ئىدى. چۈنكى يۇلدۇزبۇلاق، دېگەن بۇ ئىسىم مەزكۇر يايلاقنىڭ ئەسلىدىكى نامى بولۇپ، ساپ ئۇيغۇرچە بۇلاقلىرى يۇلدۇزلاردەك جىمىرلاپ تۇرىدىغان يايلاق، دېگەن مەنادىكى ئىسىم ئىدى. ئۇيغۇرلار كۆچ-كۆچتە بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن، يەنى مىلادى 6-ئەسىردىلا بۇ يايلاقنىڭ داڭقى نە-نەلەرگە كەتكەن ئىدى. شۇ چاغلاردا تۈرك قاغانلىقىنىڭ قاغانىغا خاس بۇ يايلاق قاغانلىق ئوردىسىنى مول ماددىي مەئىشەتلەر بىلەن تەمىن ئېتەتتى. شۇ دەۋردىكى تۈرك قاغانى دېزارۇس قاغان (تۈرك مەڭگۈ تاشلىرىدا ئىستەمى قاغان، دەپ خاتىرىلەنگەن) سوغدى يالۋاچ مانىياخنى ۋىزانتىيەگە ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن. ۋىزانتىيە ئەلچىسى زامارك مانىياخقا ئەگىشىپ تۈرك قاغانى ئىستەمىنىڭ (دېزارۇسنىڭ) ھوزۇرىغا جاۋابەن ئەلچىلىككە كەلگەن⑩. «مېناند پلوتكول (6-ئەسىر) نىڭ تۈركلەرگە دائىر بىرنەچچە ئابزاس بايانى» دا بۇ قېتىمقى ئىستەمى قاغان ھوزۇرىدىكى قوبۇل ئەھۋالاتى «كېيىنكى نەچچە كۈندە ئوردا قارارگاھىدا كاتتا زىياپەت قۇرۇلدى. قارارگاھ چېدىرلىرى رەڭگارەڭ يىپەك لېنتىلار بىلەن كۆزنى قاماشتۇرغىدەك بېزەلگەن ئىدى. … ئەتىسى ئۇلار مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كاتتا بېزەلگەن، تۈرلۈك نەفس نەقشلەر ئىشلەنگەن چېدىردا جەم بولۇشتى، ئىستەمى قاغان ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ناھايىتى چوڭ بىر ئالتۇن شاھنىشىندا (قاغان تەختى) مەغرۇر ئولتۇراتتى، قاچا-قۇچىلىرى تامام ئالتۇندىن ياسالغان ئىدى. ئۇلار ساق بىر كۈن مەيخورلۇق قىلىشتى (ئۇلارنىڭ ئىچكىنى ئەمەلىيەتتە قېمىز ئىدى-نەقل كەلتۈرگۈچىدىن) ھەمدە شېرىن سۆھبەتلەر قۇرۇشتى. ئەتىسى ئۇلار يەنە بىر چېدىردا جەم بولۇشتى، بۇ چېدىرنىڭ تۈۋرۈكلىرى ئالتۇن ياپراقچىلار بىلەن نەفس ئورالغان ئىدى. چېدىردا يەنە تۆت تال ئالتۇن توز ھەيكىلى تىرەپ تۇرغان شاھنىشىن بولۇپ، تۈگەل ئالتۇندىن ناھايىتى سىپتا ياسالغان ئىدى. چېدىر ئۇدۇلىغا رەتلىك ھارۋىلار تىزىۋېتىلگەن بولۇپ، ھارۋىلارغا كۈمۈشتىن نەفس ياسالغان كۈمۈش قاچا-قۇچا، تۈرلۈك ھايۋانات-قۇشلارنىڭ ھەيكەللىرى لىق تولدۇرۇۋېتىلگەن ئىدى. بۇلار بىزنىڭ ھۈنەر-سەنئىتىمىزنىڭ سىپتا-نەفسلىكىدىن قىلچە قېلىشمايدىغان بۇيۇملار ئىدى. قاراڭ، بۇ تۈركلەرنىڭ ھەشەم-دەرەملىك تۇرمۇشى قايسى دەرىجىدە باي-باياشاد-ھە!» ○11خاتىرىلەنگەن.
يۇلدۇزبۇلاق يايلىقى تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا بولۇپ، ئەتراپى قارلىق تاغلار بىلەن قاپلانغان، يايلاقتا يۇلدۇزلاردەك جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان سان-ساناقسىز چوڭ-كىچىك بۇلاقلار بۇلدۇقلاپ تۇرغاچقا، تۆت پەسىلدە پادا بېقىشقا تولىمۇ باب كېلەتتى. شەرققا ئاقىدىغان يۇلدۇز دەرياسى ئاخىردا سۇلمى (قاراشەھەر) ئويمانلىقى ئارقىلىق باغراش كۆلىگە قۇيۇلاتتى.
بۇ يەر تەڭرىتاغ يايلاقلىرى بىلەن تارىم ئويمانلىقىنىڭ تەكلىماكان قۇملىقىغا ۋە شەرقتە تۇرپان ئويمانلىقىغا تۇتىشىدىغان جقاي بولۇپ، مۇھىم قاتناش ئۆتكىلى ئىدى. بۇ، دەشتئاتا (دۇنخۇاڭ) دىن تۇرپان ئويمانلىقى ئارقىلىق تارىم ئويمانلىقىغا ئۆتۈدىغان يول ئىدى. مۇشۇنداق جۇغراپىيەلىك مۇھىم بىر ئۆتكەلدە بىرنەچچە بوستانلىق قەسەبە (كىچىك شەھەر) دىن باشقا يەنە قاراشەھەر قەسەبەسى (قەدىمدە ئاغۇ، ئاغۇنى، ئاگنى قەسەبەسى) بار ئىدى○12.
پانتېكىن قەبىلىلىرىنى باشلاپ بەشبالىققا كەلگەندىن كېيىن، تەسىر دائىرىسىنى يۇلدۇزبۇلاق يايلىقىغا كېڭەيتىش ئارقىلىق ئاگنى قەسەبەسىنى ئۆز ئىختىيارىغا ئېلىپ، بەشبالىق ئارقىلىق كۈن چىقىشتىكى قوچۇنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئۆزى تەيىنلىگەن دارۇغاچ-تابۇغچىلىرىنى ئەۋەتتى. تارىخ كىتابلىرىدا بۇ ھەقتە «9-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا پانتېكىن ئاگنىدا ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن ئۆزىنى يابغۇ، دەپ جاكارلىدى» دەپ يېزىلغان. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي قۇملۇقنىڭ جەنۇبىغا كەتكەن ئۇكا قاغاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى كەلگەندىن كېيىن، سۇلمى (ئاگنى) دا تۇرۇۋاتقان پانتېكىن ئۆزىنى قاغان، دەپ جاكارلىدى. بۇ چاغ تەخمىنەن تاڭ سۇلالىسى شۈەنزوڭ سەلتەنەتى داجۇڭنىڭ 1-يىلى (يەنى 848-يىلى) ○13ئىدى. پانتېكىن ئۆزىنى قاغان، دەپ جاكارلىغانلىقىدىن تاڭ سۇلالىسى ئوردىسى خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۈچ قېتىم يارلىق چۈشۈرۈپ ئوتۇغات بەرگەن. (بۇ يەردە ۋاقت مۈجىمەللىكى بارمۇ-قانداق؟ 9-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا پانتېكىن ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ ئۆزىنى يابغۇ، دەپ ئاتايدۇ-يۇ، 848-يىلى تاڭ سۇلالىسى ئوردىسى ئۇنىڭ ئۆزىنى قاغان، دەپ جاكارلىغانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ؟
بىرىنچى قېتىم 856-يىلى بولۇپ، تاڭ سۇلالىسى پانتېكىننىڭ ئۆزىنى قاغان، دەپ جاكارلىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئەلچىلىرىنى ئۇكاقاغاننىڭ ئۆلۈمىگە تەزىيە بىلدۈرۈپ تەسەللىي بېرىش ۋە پانتېكىننىڭ قاغان بولغانلىقىنى مۇبارەكلەشكە ئەۋەتتى، تاڭ سۇلالىسى ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق تەرەپ-تەرەپكە پىتراپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تىڭ-تىڭلاپ بېقىش ۋە پانتېكىننىڭ ئۇيغۇرلارغا قاغان بولۇش ئىقتىدارىنىڭ بار-يوقلىقىنى بىلىپ بېقىش، ناۋادا شۇنداق ئىقتىدارى بولسا ئوتۇغات بېرىش ئارقىلىق مېھرىبانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش نىيىتى بار ئىدى. بۇ يارلىقنىڭ نامى «ئۇيغۇر قاغانىنى تەختكە ئولتۇرغۇزۇشنى كېڭىشىش يارلىقى» بولۇپ، يارلىقتا «… ئۇيغۇرلار ئۇزاقتىن بېرى ئېلىمىز ئۈچۈن كاتتا تۆھپىلىرى ئارقىلىق ھىدايىتىنى ئايىماي مەردانىلىك كۆرسىتىپ كەلدى … ھالا بۈگۈنكى كۈندە پانتېكىن ئۆزىنى قاغان ئاتاپ ئەنشىنى ئىىختىيارىغا ئالىپ ئىتائەتمەنلىك ساداقىتىنى بىلدۈرمەك بوپتۇ» دەپ يېزىلغان ئىدى. ئوردا ۋەزىر-ئەلچىلىرى لىڭۋۇغا كەلگەندە، پانتېكىن ئەۋەتكەن تارتۇق بەگلىرىمۇ لىڭۋۇغا كەلگەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئىككى تەرەپنىڭ ئەلچى-بەگلىرى ئۇچراشقاندىن كېيىن، بىرلىكتە ئاستانىگە باردى. پانتېكىننىڭ تارتۇق بەگلىرى قايتا-قايتا ئۆتۈنگەندىن كېيىن، تاڭ ئوردىسى ۋاڭ دۈەنجاڭنى ئەلچىلىككە تەيىنلەپ ئۇۇيغۇرلارغا ئوتۇغات بېرىشكە ئەۋەتتى. بۇ، ئىككىنچى قېتىملىق « ئۇيغۇر قاغانىغا ئەلچى ئەۋەتىپ ئوتۇغات بېرىش يارلىقى» بولۇپ، يارلىقتا «ئۇلۇغ تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالپ كۈلۈگ بىلگە قاغان (ساداقەتمەن قاغان) ○14 ئوتۇغاتى بېرىلدى؛ تەپتىشبېگى، مىرزابەگ، قوشۇمچە دادخاھ ۋەزىرى ۋاڭ دۈەنجاڭ ئالاھىتەن ئەلچىلىككە تەيىن قىلىنىپ ئوتۇغات بېرىشكە ئەۋەتىلدى، قۇتلۇق كۈندە سوۋغا-سالامللار بىلەن ئوتۇغات بېرىلگەي!» دېيىلدى.
تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئەلچى ۋاڭ دۈەنجاڭ شاجۇدىكى قارلىق تاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە كەلگەندە، مىڭدىن ئارتۇق «ئاسىي ئۇيغۇر چەۋەندازلىرى»غا يولۇقۇپ قېلىپ، ئوردىنىڭ ئوتۇغاتلىق سوۋغا-سالاملىرى ۋە يارلىق بۇلاپ كېتىلگەنلىكتىن، قۇرۇق قول قايتىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن تاڭ ئوردىسى قايتىدىن بىر يارلىق پۈتۈپ باشقىدىن ئەلچى تەيىنلەپ ئوتۇغات يارلىقى ئەۋەتتى. بۇ، ئۈچىنچى قېتىم ئەۋەتىلگەن «ئۇيغۇر قاغانىغا ئوتۇغات بېرىش يارلىقى» بولۇپ، مەزكۇر يارلىقتا «… بۈگۈن ئەلچىلىككە ئوردا ساراي كېڭىشى بېگى، تەپتىش بېگى، مىرزابەگ قوشۇمچە ياساۋۇلبەگ، يانداش ئەدلىيە ۋەزىرى، باش تەپتىش بېگىنىڭ ياردەمچى تەپتىشى، ئالىي دۆلەت ئەركانى بولمىش سۆسۈن ئالتۇن ھەميانلىق ۋاڭ دۈەنجاڭ؛ ئورۇنباسار ئەلچىلىككە ئوردا ساراي كېڭىشى پۈتۈكچىسى، تەپتىش بېگى، دىۋان بېگى، ھۈنەر-كەسپ مەھكىمىسىنىڭ كاتاۋۇلى قوشۇمچە خانزادىلەر يوسۇن مەھكىمىسىنىڭ باخشىسى، ھۆدەيچى، شەلپەر ھەميانلىق لى شۈن سوۋغا-سالاملار بىلەن ئەلچىلىككە يۈرۈپ، توققۇز ئۇيغۇر قاغانىغا ئۇلۇغ تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالپ كۈلۈگ بىلگە قاغان (ساداقەتمەن قاغان) ○15، دەپ ئوتۇغات بېرىشكە يولغا چىقسۇن، ئىلگىرى سىلەرنىڭ بىزلەرگە كۆپ شەپقەت-ئىنايەتلەر ياغدۇرغانلىقىڭىزلەرگە جاۋابەن لايىقىڭىزلەردە بولمىسىمۇ بۇ ئوتۇغاتنى بېرىشنى لايىق بىلدۇق، داۋاملىق بۇرۇنقىدەك دوست بولۇپ، ئىلگىرىكى چېگرا-ھۇدۇدلىرىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرگەيمىز. سىز-بىزلەر جىلىن ئورمانزارلىقىنى چېگرا-ھۇدۇد قىلىپ، ئىناق-ئىجىل بولۇشۇپ، بىر-بىرلىرىمىزگە دەخلى قىلىشماي جەڭ-يېغىلاردىن مەڭگۈ خاھلىي ئۆتكەيمىز» دېيىلگەن. پانتېكىننىڭ سۇلمى (ئاگنى، كېنگىت، چالىش، قاراشەھەر-تەرجىمان) ئەتراپىدىكى بىر جايدا ئۆزىنى قاغان، دەپ جاكارلىغانلىقى خۇسۇسىدا يۇقىرىقى خەنزۇچە تارىخىي يازما خاتىرە بولۇپلا قالماستىن يەنە مۇسۇلمان تارىخچىلىرىنىڭ خاتىرىلىرىمۇ گۇۋاھ بولالايدۇ. تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، پانتېكىن قارارگاھ قىلغان شەرقىي-غەربىي بوغدا چوققىسى (قۇمتاغ چوققىسى) غا 200مىڭ ئادەم چېدىر تىكىپ ئەتراپتىكى يايلاقلاردا پادا باقتى. ئەپسۇسلىنارلىقى 866-يىلىدىن كېيىنكى تارىخ ماتېرىياللىرىدا قايتا كۆرۈنمەيدۇ، بەلكىم ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىرقىسىم تارىخ ئالىملىرى پانتېكىننى بۆكەقۇن ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن○16، دېگەن پەرەزلەرنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. شۇ چاغلاردا، شەرقتىكى تۇرپان ئويمانلىقىدا تۈبۈتلەرنىڭ تەسىر دائىرىسىدە ئىدى، تۈبۈتلەر بەشبالىق، سۇلمى ۋە سەل غەربتىكى يۇلدۇزبۇلاق يايلىقىنى ئىختىيارىدا تۇتۇۋاتقان پانتېكىن باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن پېتىشماي توقۇشۇۋاتاتتى. تارىخىي مەنبەلەردە خاتىرىلىنىشىچە، 866-يىلى، بەشبالىق ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار ئىچىدىن پانتېكىندىن كېيىن بۆكەقۇن ئاتلىق يەنە بىر يېڭى سەردار چىققان. بۆكەقۇننىڭ تارىخ سەھنىسىگە چىقىشى بىلەن تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلغان.
ياپونىيە ئۇيغۇرشۇناسلىرىدىن ئابې تاكېئو، يامادا نوبۇئو، ئۇمېمۇرا خىروشى ۋە مورىياسو تاكائو قاتارلىقلار بۇ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئۆز تەتقىقاتىنى يۈرگۈزگەن ھەمدە «تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى» دەپ ئاتىغان○17. بۆكەقۇن دەۋرىگە كەلگەندە، تەڭرىتاغ ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تەڭرىتاغنىڭ شەرقىدىكى قاغانبۇت قەسەبەسى (بەشبالىق)، تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي شىمالى قىسىمى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى تۇرپان بوستانلىقى، شەرقىي تەڭرىتاغدىكى قۇمۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. غەربىي تەرىپى سۇلمى (قاراشەھەر) بوستانلىقىنى ئۆز تەسەرۇۇپىغا ئالغان. ياپونىيە ئالىملىرى ئۆز تەتقىقاتىدىن كېيىن تەڭرىتاغ ئۇيغۇر قاغانلىقى قاغانلىق قۇرۇلغان دەسلەپكى چاغلاردا بەشبالىقنى مەھكەم تۇتۇپ، يۇلدۇزبۇلاق يايلىقىنى ئاساس قىلىپ، سۇلمى قەسەبەسىنى ئاستانە قىلغان، بەشبالىقنى قوشۇمچە ئاستانە قىلغان، شۇ ئارقىلىق كۈن چىقىشتىكى تۇرپان ئويمانلىقى بىلەن قۇمۇل بوستانلىقىنى تەسەررۇپىغا ئالغان؛ كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىكىنى قامداش بىلەن بىللە قاراشەھەر بوستانلىقى بىلەن تۇرپان-قۇمۇل بوستانلىقى ئېكىنچىلىك قىلغان، شۇنداقلا يەنە شەھەر مەدەنىيىتى بىلەن يېڭىچە بىر دىن مەدەنىيىتى ـــــ بۇددىزم مەدەنىيىتى ئۇلارنىڭ شەھەر تۇرمۇشى مەدەنىيىتىنى بېيىتقان؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە قاراشەھەر بوستانلىقى تارىم ئويمانلىقىدىن تۇرپان ئويمانلىقى ۋە بەشبالىققا ئۆتۈدىغان مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغاچقا، شەرق-غەرب ئارا ئۈزۈلمەي بولۇۋاتقان يىپەك يولى سودىسى ئۇلارغا زور نەپ يەتكۈزگەن؛ بوستانلىقلاردا ئولتۇراقلىشىپ ئېكىنچىلىك قىلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ شەھەر مەدەنىيىتى كەيپىياتى تەدرىجىي قويۇقلىشىپ، قاغانلىقنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن زۆرۈر شەرت ھازىرلىغان، دەپ قارايدۇ.
3-پاراگراف تارىخ بوران-چاپقۇنلىرىدىكى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر قاغانلىقى
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر قاغانلىقى جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلىرىنى تەتقىق قىلىشتا نۆۋەتتە يەنىلا ناھايىتى نۇرغۇن بوشلۇقلار بار. بۇنىڭدا ئاساسلىقى سىستېمىلىق تارىخ ماتېرىياللىرى، قاغاننىڭ سەلتەنەت نام-شەجەرەسى قاتارلىقلار كەمچىل بولۇۋاتىدۇ. ئەمما، ئالدىنقىلارنىڭ تەتقىقاتلىرى بىزنى ناھايىتى قىممەتلىك تەتقىقات نەتىجىسى بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇپتۇ.
گەرچە چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇر قاغانلىقى يايلاق چارۋىچىلىقىنى ئىقتىسادىي ئاساس قىلغان ئاتلىق مىللەت دۆلىتى بولسىمۇ، ئەمما بۇ قاغانلىقنىڭ غەربىدە بەشبالىق، تۇرپان ئويمانلىقىدا ماكان تۇتقان ئۇيغۇرلار خېلى بۇرۇنلا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى كۆلەملەشتۈرگەن ئىدى. شۇڭا، غەربكە كۆچكەندىن كېيىن پانتېكىن قاغانلىقىدىكى 200 مىڭ ئۇيغۇر ئاھالىسى قاراشەھەر بوستانلىقىنى ئاستانە، بەشبالىقنى قوشۇمچە ئاستانە قىلىپ، بەشبالىق، ئالتۇنقۇم چوققىسىنىڭ ئەتراپى، يۇلدۇزبۇلاق يايلىقىدا بىر تەرەپتىن چارۋىچىلىق، بىر تەرەپتىن ئېكىنچىلىك قىلىش ئارقىلىق تەدرىجىي يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئۆتۈپ، ئىلگىرىكى «بىرلا يەردە تۇرۇۋالماي ئوت-سۇ قوغلىشىپ يۈرۈش»تەك ئەنئەنىۋىي تۇرمۇش-ئىشلەپچىقىرىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى، شەرق-غەرب مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشىدىغان قاتناش تۈگۈنىدە مەيلى شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان يىپەك يولى سودىسى جەھەتتە بولسۇن، مەيلى جۇڭگو-غەرب مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش جەھەتتە بولسۇن، تەڭرىتاغ ئۇيغۇر قاغانلىقى ئالدىنقىلارغا ۋارسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتەك مۇھىم روللارنى ئوينىدى○18. ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلما ماتېرىياللارغا قارىغاندا، بايقالغان تارىخىي يازما يادىكارلىق، دىنىي دەستۇرلار قاتارلىق يازما يادىكارلىقلار بىزنى تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى مەدەنىيەتىنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىنى ئايان قىلىپ بېرىدۇ. پۈتكۈل مەركىزىي ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ئىچىدە پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ھوقۇق مەركىزى بىت-چىت قىلىنغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونىدا قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولغان يېڭى تارىخىي سەھىپە ياراتتى.
تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇب-شىمال رايونلىرى يەنى تارىم ئويمانلىقى، تۇرپان ئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقى يايلاق چارۋىچىلىقى ۋە بوستانلىق يېزا ئىگىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مانا مۇشۇنداق تەبىئىي شارائىت چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى يايلاققا قارىغاندا ماھىيەتلىك پەرقلەرگە ئىگە. مانا مۇشۇنداق رەڭگارەڭ تەبىئىي مۇھىتتا قايتىدىن باش كۆتۈرگەن ئۇيغۇرلار يېڭىدىن تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى بەرپا قىلدى ھەم يېڭىدىن رايون خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي ئاساسقا ئىگە ئىقتىسادىي قۇرۇلما يارىتىپ، تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى مەركەز قىلىنغان يىپەك يولى (بۇ يەرگە چۈشىدىغىنى 2-سۈرەت: جىمىساردىكى بەشبالىق قەدىمىي شەھىرى خارابىسىدىكى بۇددا ئىبادەتخانىسى تام رەسىملىرى، سۈرەتتە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر قاغانىنىڭ رەسىمى) شەرق-غەرب سودىسىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. بۇ ھال تاكى 13-ئەسىردىكى موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ غەربكە يۈرۈشىگىچە داۋام قىلدى.
بۇ كەڭرى زېمىندا ئۇيغۇرلار«مەركىزىي ئاسىيانى ناھايىتى چوڭ بىر مەدەنىيەت چەمبىرىكىگە ئايلاندۇردى، مانا بۇ نۇقتا تېخىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە»○19. تارىخىي مەنبەلەردە خاتىرىلىنىشىچە، 9-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا بەشبالىق ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلاردىن يېقى بىر سەردار بۆكەقۇن يېتىشىپ چىقتى، تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىش تەرەپتىكى بوستانلىقلارغا كېڭىيىپ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، شۇ زاماندا تۇرپان ئويمانلىقى بىلەن ئەنشى (كۈسەن) نى ئىختىيارىغا ئېلىۋالغان تۈبۈتلەر بىلەن بولغان توقۇنۇش كۈچىيىشكە باشلىدى. بۆكەقۇن ئۇيغۇرلارغا سەردارلىق قىلىپ تۇرپان ئويمانلىقىدا تۈبۈتلەر بىلەن جەڭگاھ ئاچتى. 866-يىلى (تاڭ سۇلالىسى شيەنتۇڭ سەلتەنەتىنىڭ 7-يىلى) بۆكەقۇن (بۆكە تېكىن) چەۋەندازلىرىنى باشلاپ بەشبالىقتىن يولغا چىقىپ، تۈبۈت سەردارى شاڭ كۇڭرېي (لۇن شاڭرېي) نى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ، تۈبۈتلەرنى سۈرتوقاي قىلىپ قوچۇ ئايمىقى، بەشبالىق، ئۇرۇمتاي (بۈگۈنكى ئۈرۈمچى، مورى، گۇچۇڭ بوستانلىقلىرى)، چىڭجېن (كۆكبازار) قاتارلىق مۇھىم جايلارنى تارتىۋالدى. تۈبۈتلەر سەردارى شاڭ كۇڭرېينى توغبات سىگۇن تىرىك تۇتۇۋېلىپ كاللىسىنى ئالدى. كېيىن، بۆكەقۇن سەرۋازلىرىدىن تارخان مىغارتاشنى شاڭ كۇڭرېينىڭ كاللىسىنى ئېلىپ تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاستانىسى چاڭئەنگە ـــــ تاڭ ئوردىسىغا ئەۋەتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۆكەقۇن تارىم ئويمانلىقىدىكى كۈسەن بوستانلىقى، ئۇدۇن بوستانلىقى قاتارلىق جايلارنى يەتمىش نەچچە يىلدىن بېرى ئىختىيارىغا ئېلىۋالغان تۈبۈت كۈچلىرىنى بۇ رايوندىن تەلتۆكۈس قوغلاپ چىقاردى ھەمدە بۇ رايونلارنى ئۇيغۇر تەسەررۇپىغا ئالدى. قاغانلىقى ھالاك بولۇپ غەربكە كۆچكەندىن كېيىن تەرەپ-تەرەپلەردە قانلىق جەڭ قىلغان بۇ ئۇيغۇرلار ئاخىرى يېڭى بىر تىرىكچىلىك، راۋاجلىنىش ماكانىغا ئېرىشتى. مانا بۇ بەشبالىق، تەڭرىتاغلىرىنىڭ شەرقىي شىمالى، شەرقىي قىسىمى، ئوتتۇرا قىسىمى ۋە قاراشەھەر بوستانلىقىنى سەھنە قىلىپ ئەتراپقا كېڭەيگەن تەڭرىتاغ ئۇيغۇر قاغانلىقى ئىدى. بەشبالىقتەك مۇھىم ئىستېراتېگىيەلىك جايغا، قاراشەھەردەك تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ھەلقۇم جايغا ئېرىشىۋالغان ئۇيغۇرلار ئىلگىرىكى ئېلى ھالاك بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆزىنى قايتىدىن ئوڭشىۋېلىپ باش كۆتۈرۈپ، يەنە بىر تەرەققىيات دەۋرىنى كۈتۈۋالدى.
4-پاراگراف ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ «قاغان» دېگەن نامغا ۋارسلىق قىلىشى
چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىدە، قاغانلىقنىڭ بارلىق ھۆكۈمدارلىرى بىردەك «قاغان»○20 نامىدا ئاتالغان، مەسىلەن كۆل بىلگە قاغان (سۆيۈنگىل قاغان) نىڭ تولۇق ئاتىلىشى قۇتلۇغ بىلگە كۆل قاغان بولۇپ، بەختىيار، دانىشمەن كاتتا قاغان، دېگەنلىك بولاتتى، تاڭ ئوردىسى ئۇنىڭغا «سۆيۈنگىل قاغان» دېگەن ئالىي مەرتىۋىلىك ئوتۇغات ئىنئام قىلغان○21. مويونچۇر قاغان گۈرلىك قاغان، دەپ ئاتالغان بولۇپ، تاڭ سۇلالىسى ئوردىسى ئۇنىڭغا «تەڭرىدىن بولمىش ئېل ئەتمىش مەشھۇر بىلگە كۆل قاغان» دېگەن ئوتۇغات نامى ئىنئام قىلغان، ۋەھاكازالار. ئۇيغۇر قاغانلىقى ھالاك بولغاندىن كېيىن، پانتېكىن باشچىلىقىدىكى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر قاغانلىقى ئالدى بىلەن چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئورقۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلدى. ئالدى بىلەن ئۆزىنى قاغان، دەپ جاكارلاشتا كۆچمەن چارۋىچى ئۇيغۇرلارنى ئەنئەنە-ئۇدۇمى بويىچە «قاغان» نامىنىڭ ئالدىغا «تەڭرى» سۆزىنى قوشۇپ، «قاغانغا ھوقۇقنى تەڭرى ئاتا قىلغان» دەيدىغان ئىدىيەنى مەركەزلىك ئىپادىلىگەن. چۈنكى كۆچمەن چارۋىچى ئۇيغۇرلار قاغاننى تەڭرى بەرگەن، دەپ قارايتتى. شۇڭا «ئاي تەڭرى»، «كۈن تەڭرى»، «كۈن-ئاي تەڭرى» دېگەندەك قاغانلار نامى بولغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆچمەن چارۋىچى خەلقنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى نېگىزلىك سىستېما ئىدى. ئالدى بىلەن پانتېكىن ئۆزىنى قاغان، دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، خۇددى يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، تاڭ سۇلالىسى ئوردىسى ئۇنىڭغا «ئۇلۇغ تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالپ كۈلۈگ بىلگە قاغان (ساداقەتمەن قاغان)» دېگەن ئوتۇغات نامى بەردى. قاغاننىڭ بۇ ئوتۇغات سەلتەنەت نامىدىن شۇنى بىلىمىزكى، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر قاغانلىقى تاڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا ئەلچى ئەۋەتىپ تاڭ ئوردىسىدىن ئوتۇغات تەلەپ قىلغان ھەم تاڭ سۇلالىسىغا ئۆز نامىنى، قاغانلىق سەلتەنەت نامىنى توغرا يېزىش ھوقۇقىنى جاكارلىغان، شۇنىڭ بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئوردىسى ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولۇپ، قاغان ئۆزى تەلەپ قىلغان قاغانلىق نامىنى ھەم ئۇنىڭ خەنزۇچە مەناسىنى ئوتۇغات يارلىقىغا پۈتكەن. مانا بۇمۇ تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىقى ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە ھۈرمەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز قاغانىغا ئات قويۇش ھوقۇقىنى ھۈرمەت قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچكەندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ يېڭى قاغانى بارلىققا كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان تاو سۇلالىسى ئوردىسى ئۈچ قېتىم ئوتۇغات بەرمەك بولغان بولسىمۇ ئەمما شۇ زاماندىكى ۋەزىيەت ۋە قاتناش قاتارلىق شارائىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئوتۇغات بېرىشكە ئامالسىز قالغان. تەڭرىتاغ ئۇيغۇر قاغانلىقى چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تارىخىي مىراسلىرىغا ۋارسلىق قىلىپ، «قاغان» نامىنى داۋاملىق قوللانغان○22.
(بۇ بەت مەزمۇنىغا 3-سۈرەت چۈشىدۇ. سۈرەتتە: تۇرپان بېېزەكلىكتىكى تام رەسىمى. رەسىمدىكى كىشى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلى خانى. ھازىر گېرمانىيە بېرلىن مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ).
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ئىككى چوڭ قىسىمدىن تەركىب تاپقان، يەنى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى ئوبدان يايلاق بەشبالىق، يۇلدۇزبۇلاق قاتارلىق جايلاردا كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىدىغان بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار ئەنئەنىۋىي چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ساقلاپ قالغان؛ ھالبۇكى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىق يېزا ئىگىلىكى رايونلىرى ۋە بوستانلىقلاردىكى شەھەرلەردە ئاھالىلەر دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانغان، تىجارەت بىلەن مەشغۇل بولغان ھەم شەرق-غەربكە كارۋان تارتىپ سودا قىلغان. مانا مۇشۇنداق ئىككى خىل جەمئىيەت ئەھۋالى 9-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەتتىكى كۆپپ خىللىق ۋە مۇرەككەپلىكنى تەشكىل قىلغان.
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر قاغانلىقىدا 10-ئەسىردىن 11-ئەسىرگىچە ئوخشاشمىغان جايلاردا ھەتتا 12-ئەسىرلەرگىچە جەمئىي يەتتە قاغان ئۆتكەن. قاغانلىقنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە قاغانلىق تەختى ئاتىدىن ئوغۇلغا ياكى ئاغىدىن ئىنىگە مىراس قالغان. كونكرېت ئەھۋال خۇسۇسىدا تارىخىي خاتىرىلەر كەمچىل بولغانلىقتىن ھازىرچە ئېنىق بىلمەيمىز. ئەمما 12-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 12-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە موڭغۇللار قۇدرەت تاپتى، ئالاقىدار تارىخىي ماتېرىياللارمۇ تەدرىجىي كۆپەيدى، تەڭرىتاغ ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ قاغانلىق شەجەرەسىمۇ خېلى ئېنىق خاتىرىلىنىدىغان بولدى. بۇ يەردە بىزنىڭ ئاساسلىق ئىزدىنىدىغىنىمىز ئالدىنقى مەزگىلدىكى تارىخ.
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ مەركىزىي ئاستانىسىنى بەزى ئالىملار ئاستانە ئىدۇققۇت، دەپ قاراشماقتا. ئەمما، تارىخىي خاتىرىلەر ۋە ئالاقىدار ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانساق، تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ئىدۇققۇت شەھىرىدىن باشقا يەنە تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى بەشبالىقنىڭمۇ بارلىقى نەزەرگە ئېلىنىدۇ. بۇ ئاستانە شەرقىي تەڭرىتاغدىكى بوغدا چوققىسى ئېتىكىدە بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 5500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بوغدا چوققىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بوستانلىقتا. بەشبالىق شەھىرىنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىكى بىر بۇددا ئىبادەتخانىسى ھازىرغىچە ساقلانماقتا. بۇ ئىبادەتخانىنىڭ يۇقىرىسىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق چېكى كۆرۈنمەس بىر پارچە ئوت-چۆپلىرى بولۇق، سۈيى ئەلۋەك تۈزلەڭلىك بوستانلىقنى كۆرۈمىز. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئارخېئولوگلار بۇ ئىبادەتخانا خارابىسىدىن كۆمۈلۈپ قالغان تام رەسىملىرى ئارىسىدىن «ئۇيغۇر قاغاننىڭ باش رەسىمى» نى تاپتى. قاغاننىڭ بۇ رەسىمى ئىبادەتخانا قوبۇلخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئىشىكتىن كىرگەنلەرنىڭ كۆزىگە ھەممىدىن ئەۋۋەل چېلىقىدىغان جايغا قويۇلغان بولۇپ، ئالتۇندىن ھەل بېرىپ ياسالغان ئىدى، بۇنى كۆرگەنلا ئادەم رەسىمدىكى كىشىنىڭ قاغاننىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ھەرقايسى خارابە ئىزلىرىدىن تېپىلغان ئىبادەتخانا تام رەسىملىرى، يىپەك ياغلىققا نەقشلەنگەن «ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرى رەسىمى»، «ساخاۋەتچى ئۇيغۇر ئاقسۆڭەك خاتۇنى» دېگەندەك رەسىملەرگىمۇ ئالتۇن ھەل بېرىلمىگەن، بۇنىڭدىن «ئۇيغۇر قاغانىنىڭ رەسىمى»نىڭ ھەقىقەتەن باشقىچە بىر سىياقتىكى رەسىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا دېققەتكە سازاۋەر يەنە بىر نۇقتا شۇكى، «ئۇيغۇر قاغانىنىڭ رەسىمى» نىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىگە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا شۇ زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىنتايىن سىپتا قىلىپ :
Kün ay tängrilärtä qut bolmiš buyan ornanmiš alpin ärdämin il tutmiš ücünc arslan bilgä qaghan
دېگەن سۈپەتلەر يېزىلغان بولۇپ، بۇ ھازىرقى تىلىمىزدا «كۈن-ئاي تەڭرىلىرىدىن قۇت-ئەقىل بولمىش ئەلنى جاسارەت ۋە پەزىلەتتە ئىدارە قىلىدىغان ئۈچىنچى ئارسلان بىلگە قاغان»○23 دېگەندىن ئىبارەت. بۇ «ئۈچىنچى ئارسلان بىلگە قاغان» دېگىنى ئەمەلىيەتتە «بىلگە قاغان ئارسلان III« دېگەندىن ئىبارەت. بۇ قاغاننىڭ ئۆزىنىڭ ئېتى «تۇغمىش» (ugmišT) . تۇغمىش ئاتلىق بۇ ئارسلان بىلگە قاغاننىڭ كونكرېت ئەھۋالى خۇسۇسىدا ھازىرچە ئېنىق شەرھىگە ئىگە ئەمەسمىز.
بىر قاغاننىڭ قاغانلىق سەلتەنەت نامى يۇقىرىقى «تۇغمىش» قا ناھايىتى ئوخشاپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ سەلتەنەت سۈپەت نامى «كۈن-ئاي تەڭرىلىرىدىن قۇت-ئەقىل بولمىش ئەلنى جاسارەت ۋە پەزىلەتتە ئىدارە قىلىدىغان ئۈچىنچى ئارسلان قۇتلۇغ كۆل بىلگە ئىلقاغان». بۇ سەلتەنەت سۈپەتلىرى بىلەن ئاتالغان قاغان 1019-يىلىدىكى بىر قاغان. ئەمما بىز بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ بايان قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر قاغانىنىڭ رەسىمى» دىكى «تۇغمىش قاغان»مۇ 1019-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى قاغان بولۇشى مۇمكىن. «ئۇيغۇر قاغانىنىڭ رەسىمى» ۋە باشقا «ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ رەسىمى»نىڭ روشەن بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، «قاغان»نىڭ رەسىمى بۇدساتۋانىڭ رەسىملىرى بىلەن ئوراپ بېزەپ سىزىلغان، بۇ، بۇددا ئىبادەتخانىسىدىكى بۇددا رەسساملىرىنىڭ رەسساملىق ئۇسلۇبى بولسا كېرەك. ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇرلار بەشبالىق ۋە تەڭرىتاغلىرىدىكى يۇلدۇزبۇلاققا كۆچۈپ كەلگەن دەسلەپكى چاغلاردا، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلمايتتى. چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلاردا چارۋا بېقىپ يۈرگەن زامانلىرىدا سوغدى سودىگەرلىرىدىن مانى دىنىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار تاكى 10-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە مانى دىنى ئېتىقادىدا بولغان. تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسەن قىياسلىغاندا، ئاگنى قەسەبەسىنى ئاستانە قىلىپ بەرپا قىلىنغان تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى ئاگنى، تۇرپان قاتارلىق بوستانلىقلاردا بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاھالىلەرنىڭ تەسىرىدە، تەخمىنەن 9-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىن قاغان جەمەتىدىكىلەر ئەۋۋەل بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان بولسا كېرەك. شۇڭا، بۇ «ئۇيغۇر قاغانىنىڭ رەسىمى» مۇ 9-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىغا كىرگەندىن كېيىن سىزىلغان بولۇشى مۇمكىن.
يەنە باشقا خەنزۇچە تارىخ مەنبەلىرىدىن «سۇڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەردىن تاللانما»، «سۇڭنامە» قاتارلىقلاردا خاتىرىلىنىشىچە، كۈسەن ئۇيغۇر قاغانى ئەمەلىيەتتە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ قاغانى «ئارسلانخان» بولۇپ، بېشىغا گۆھەر قۇيۇلغان تاج كىيگەن، ئۇچىسىغا سېرىق يىپەك يېپىنۋا ئارتقان، مانا بۇنداق سەرۇپايلىنىش «ئۇيغۇر قاغانىنىڭ رەسىمى» دىكىگە تامامەن ئوخشايدۇ، قاغاننىڭ زەريىپلىق، زەربېزەكلىك سەرۇپايلىرى، ياڭاق شەكىللىك تاج ۋە باشقا قولىدا تۇتۇۋالغان گۈل ياپراقلىرى تۈگۈل ئالتۇندا نەفس ياسالغان. مانا بۇ خەنزۇچە تارىخ مەنبەلىرىدىكى خاتىرىلەر بولۇپ، يۇقىرىدا دېگەنلىرىمىزنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ○24.
بۇنىڭدىن باشقا، تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ئۆزلىرىنى «خان» دەپ ئاتىغان. چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى كۆچمەن چارۋىچى چاغلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ئۆزلىرىنى «قاغان» ئاتايتتى، قاغان كۆچمەن چارۋىچى خەلقنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانى ئىدى. ئەمما تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلى زامانىغا كەلگەندە، ھۆكۈمرانلار ئىلگىرىكىدەك ئۆزلىرىنى «قاغان» دېمەستىن «خان» دەيدىغان بولدى. بۇ نام تاكى 12-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى قاراقىتانلارنىڭ تەسىر دائىرىسى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلىنى قوشۇۋالغىچە بولغان مەزگىلگىچە قوللىنىلدى. 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، چىڭگىزخان غەربكە يۈرۈش قىلىغاندىن كېيىن تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلى قاراقىتانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ موڭغۇللارغا بېقىندى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ نامى «ئىدۇققۇت» (مۇقەددەس قۇت) دېيىلىدىغان بولدى. مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا، بىز بايان قىلىۋاتقان بۇ «تۇغمىش» خان ئەڭ بالدۇر بولغاندىمۇ 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆتكەن شەخس، ھېچ بولمىغاندىمۇ 12-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى شەخس. گەرچە بۇ خاننىڭ كونكرېت سالاھىيىتىدە نۇرغۇن سىرلار بولسىمۇ ئەمما بۇ رەسىم تارىخ مالامەتلىرىدە نابۇت بولۇپ كەتمەي بەلكى ھازىرغىچە مۇكەممەل ساقلىنىپ كېلىشىنىڭ ئۆزىمۇ بىر كاتتا ئىش○8.
دەشتئاتا (دۇنخۇاڭ)دىكى خەنزۇچە ھۆججەت-ۋەسىقىلەر (S6551) دە خاتىرىلىنىشىچە، تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانلىقى سىرتقا نىسبەتەن «مۇقەددەس قاغانلىق بۈيۈك ئۇيغۇر ئېلى»، «تەڭرى ئىلىك» ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانىنىڭ نامى، دېيىلگەن. دەشتئاتا (دۇنخۇاڭ) دىن تېپىلغان خەنزۇچە خاتىرىلەر بىلەن تۇرپاندىن تېپىلغان ئۇيغۇرچە تارىخ مەنبەلىرى بۇ نۇقتىدا ئاساسىي جەھەتتىن بىردەك. «سۇڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەردىن تاللانما» دىكى مەنبەدە خاتىرىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى ئىدۇققۇتىنىڭ بىر مەلىكىسى «تەڭرى قۇنچۇ» (تەڭرى مەلىكىسى) دەپ سۈپەتلەنگەن بولۇپ، زەر جىيەكلىك شەلپەر لىباس كىيگەن، زەر جىيەكلىك شەلپەر لىباسى گۆھەر بىلەن بېزەلگەن، ئۇ يىلدا بىر قېتىم ئوردىدىن چىقىپ جاي-جايلاردا سەيلە-تاماششا قىلىدىكەن؛ ئىدۇققۇتقا ئەگىشىپ چىقىدىغان ۋەزىر-ۋۇزرالار بولسا فارسچە زەر تونلار كىيىپ، ئارغىماقلىرىدا كۆرەڭ گىدىيىشىپ ئالدىدا يول باشلاپ ماڭىدىكەن، بۇرغا-كانايچىلىرى ئىدۇققۇتنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭىدىكەن. دەشتئاتادىن تېپىلغان خەنزۇچە مەنبەلەردە خاتىرىلىنىشىچە، شاھزادە «تەڭرى تېكىن» دېيىلگەن. يەنە ئىدۇققۇتنىڭ توققۇز ۋەزىرى تارقان، تۇتۇق، 敕史 (بۇنى ئابلىزقارى قاراپ باققايلا، زادىلا تاپالمىدىم)، سانغۇن، بۇيرۇق، دورغاب، تىيرۈك قاتارلىق ئەمەل ناملىرىدا ئاتالغان. تۇرپان ئويمانلىقىدىن تېپىلغان مانى ئىبادەتخانىلىرىنى باشقۇرۇشقا دائىر ھۆججەت (بېيجىڭدا ساقلىنىۋاتقان K7709 نومۇرلۇق ھۆججەت) تە «ئۇلۇغ قۇتلۇغ بۈيۈك ئۇيغۇر ئېلى ھۆدەيچى مەھكىمىسىنىڭ ئىل يۈگەسى ۋەزىرلىرىنىڭ تامغىسى» دەيدىغان خەنزۇچە خەتلىك تامغا بار، بۇ يەردىكى «ئىل يۈگەسى» تۈركچە (ئۇيغۇرچە) سۆز بولۇپ، «دۆلەت مۇشاۋىرى» دېگەن مەنادىكى ئەمەل نامى○26. بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈدۇكى، تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوردا ھۆججەتلىرىدە، خەنزۇچە يېزىق قوللىنىش ئادىتىمۇ بولغان، ئەمما بۇ پەقەت تامغا قاتارلىق دۆلەتنىڭ ھوقۇق نوپۇزىغا سىمۋول بولالايدىغان ھۆججەتلەردىلا چەكلەنگەن. ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا بولسا يەنىلا ئۇيغۇر يېزىقى، ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلاتتى. ھازىر بىز كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە زور مىقداردىكى كۈندىلىك ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا دائىر خاتىرىلەر، مانى دىنى، خىرىستىيان دىنى قەسىدىلىرى، ھۆججەتلەر ھەمدە 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىىرىدىن بۇيانقى بۇددا يادىكارلىقلىرى مۇشۇ باسقۇچتىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە شاھىد بولۇپ تۇرۇپتۇ.
تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىنى ئىختىيارىغا ئېلىپ يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇ تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلى جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى ئىدارە قۇرۇلمىسى توغرىسىدا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تارىخ ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلار كۆچمەن چارۋىچىلىق دەۋرىدىكى ئەنئەنىگە ۋارسلىق قىلىپ، قوش خانلىق تۈزۈمنى يۈرگۈزگەن (كۆچمەن چارۋىچىلىق مەزگىلىدە قاغان، ئورۇنباسار قاغان بولغان)، ئاستانە سۇلمى (ئاگنى ـــــ قاراشەھەر) دە ئالىي ھۆكۈمران ئىدۇققۇت ئارسلانخان تۇرغان بولسا، كۈن پېتىشتىكى (كۈسەن) زېمىنلىرىنى ئىدارە قىلىشقا ئارسلانخان تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە خانلىقتىكى يېزا ئىگىلىك (بوستانلىق) رايونلىرى بىلەن يايلاقتىكى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا چوڭ-كىچىكك بەگلەر ۋە «قارانچى» (باج تاپشۇرغۇچى ئېكىنچىلەرـــــ دېھقانلار)، يانچى، قۇبراك، تۇتۇق، سالى (سانسىكرىت تىلىدىكى ئاتالغۇ، بۇددا راھىبلىرىنىڭ خىزمەتكارى) قاتارلىق ئىجتىمائىي تەبىقىلەر بولغان. ئۇيغۇرلار تەڭرىتاغ ئەتراپىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، يۇلدۇزبۇلاق يايلىقىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىش بىلەن بىللە بىر بۆلۈكلىرى بوستانلىقللاردا ئولتۇراقلىشىپ ئېكىنچىلىك قىلغان، بۇنداق يېڭىچە كۆپ خىل ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قايتا تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەدرىجىي ئولتۇراقلىشىشقا ئۆتۈپ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە شەھەرلىشىشكە يۈزلىنىشى ئۈچۈن ئاساس سالغان.
(بۇ يەرگە 4-سۈرەت چۈشىدۇ، 3-سۈرەت: تۇرپان بېزەكلىكتىكى تام رەسىمى. رەسىمدە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېكىن [شاھزادە] نىڭ رەسىمى. ھازىر گېرمانىيەنىڭ بېرلىن مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ).
(بۇ يەرگە جەدۋەل چۈشىدۇ، ئاق قالغان ئورۇن ئەمەس، بەتكە پاتمىغىنى ئۈچۈن يېڭى بەتكە يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم، مۇھەررىرلەر ھەرگىز ئاق تاشلاپ قويغان ئورۇن ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ بىھۇدە ئاۋارە بولۇپ يۈرمىگەي ـــــ تەرجىمان)
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى قاغانلارنىڭ سەلتەنەت نامى.
① -856- Ulugh tängridä qut bolmiš alp külüg bilgä (怀建) qaghan.
② -954- Törtünc il bilgä tängri ilig
③ -983- Törtünc arslan bilgä tängri ilig süngülüg qaghan-
④ -996- Bögü bilgä tängri ilig4
⑤ -1007- Kün ay tängritäg küsäncig körtlä yaruq tängri bögü tängri känimiz3
⑥ -1019- Kün ay tängridä qut bolmiš ulugh qut ornanmiš alp ärdämin il tutmiš ücünc arslan bilgä qaghan
⑦ -? Kün ay tängrilärtä qut bolmiš buyan ornanmiš alp ärdämin il tutmiš ücünc arslan bilgä qaghan
⑧ -1067- Tängri bögü il bilgä arslan tängri uyghur tarkanimiz
ئەسكەرتىش: بۇ جەدۋەل ئۇمېمۇرا خىروشى ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسەن ئىشلەندى. «دۇنيا تارىخى (7). سۇڭ سۇلالىسى ۋە مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا» دېگەن كىتابتىن پايدىلىنىڭ.
5-پاراگراف سۇڭ سۇلالىسى ئەلچىسى ۋاڭ يەندې نەزەرىدىكى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلى
981-يىلى، سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاستانىسى كەيفېڭ، شۇ يىلى پادشاھ سۇڭ تەيزۇڭ تەيپىڭ شىڭگو (ئەلنى تىنچ گۈللەندۈرۈش) سەلتەنەتىنىڭ 6-يىلى ئىدى. سۇڭ سۇلالىسىنىڭ شۇ يىللاردىكى پادشاھى سۇڭ تەيزۇ جاۋ كۇاڭيىننىڭ ئىنىسى تەيزۇڭ جاۋ كۇاڭيى سەلتەنەت تەختىدە ئىدى. قوچۇ ئايمىقىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارسخانى ئارسلانخان ئەۋەتكەن ئەلچىلەر ئۆمىكى ئاستانە كەيفېڭغا كەلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلى 962-، 965-يىللىرى سۇڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا ئەلچى ئۆمەكلىرىدىن سوۋغا-سالاملار ھەدىيە قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدى○27. بەشبالىق، قوچۇ، ئاگنى، كۈسەن دىيارلىرىنى ئىختىيارىغا ئېلىپ قايتا گۈللەنگەن ئۇيغۇرلار بۇ زامانلاردا يىپەك يولى سودىسىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئالغان ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە ئەتراپتىكى قاراقىتان، بەش دەۋردىكى جوۋ قاتارلىق ئەل-تائىپىلەر بىلەن سودا ئالاقىسىمۇ ئورنىتىپ بولغان ئىدى. 981-يىلى، ئۇيغۇر ئېلىنڭ بارسخانى ئارسلانخان تۇتۇق مەسۈننى سۇڭ ئوردىسىغا سوۋغا-سالاملار بىلەن ئەلچى ئۆمىكىگە باش قىلىپ ئەۋەتتى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەلچىسى تۇتۇق مەسۈن سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئاستانىسىگە كەلگەن چاغدا، سۇڭ تەيزۇڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ناھايىتى يىراقتىن سەمىمىي نىيەت بىلدۈرۈپ كەلگەنلىكىدىن بەكلا سۆيۈنۈپ كەتكەن ئىدى، شۇڭا پەرمان بېگى، ئوردا ئاغىسى مەنسىپىدىكى ۋاڭ يەندېنى ئۇيغۇر ئېلىگە بارىدىغان ئەلچى ئۆمىكىگە باش قىلىپ ئەلچىلىككە ئەۋەتتى.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەلچىلىرى سۇڭ پادشاھى ھوزۇرىغا ئېلىپ كەلگەن ھەدىيەلەر غەربنىڭ نەفس ئىشلەنگەن كۆركەم خرۇستال لۇڭقا-قەدەھلىرى، ھېقىق بۇيۇملىرىدىن ئىبارەت قىممەتلىك نەرسىلەرلا بولماستىن بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى ئەتراپتىكى ئەللەردىن كەلگەن ئاخبارات مەلۇماتلىرى ئىدى. ئەينى چاغدا، سۇڭ سۇلالىسىنىڭ شىمالىدىكى يەنيۈن رايونىدىكى ئون ئالتە ئايماقنى قاراقىتانلار ئىختىيارىغا ئېلىۋالغان بولۇپ، سۇڭ سۇلالىسىغا غايەت زور تەھدىت بولۇپ تۇرۇۋاتاتتى. بۇ ئون ئالتە ئايماقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنيۈن رايونىنىڭ غەربىدە، سارىغئۆگۈز (خۇاڭخې دەرياسى) نىڭ شىمالىي قىرغىقىنى تاڭغىتلار چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان ئىدى. شۇڭا سۇڭ تەيزۇڭ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۈچ-مەنپەئەت دائىرىسىنى بىلىپ بېقىشقا بەكلا قىزىقىپ قالدى. مانا مۇشۇنداق بىر شارائىتتا ۋاڭ يەندې باشچىلىقىدىكى ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ئۇيغۇر ئېلىگە جاۋابەن ئەلچىلىككە ئەۋەتتى.
غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار تەڭرىتاغ يايلاقلىرىنى ئىختىيارىغا ئېلىپ ئۆزلىرىنى ئوڭشىۋالغاندىن بۇيانقى بىر يېرىم ئەسىردىن كېيىن، 981-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋاڭ يەندې باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئېلىگە ماڭغان ئەلچىلەر ئۆمىكى ئاستانە كەيفېڭ مەھكىمىسىدىن يولغا چىقتى، بۇ ئەلچىلەر شىمالدىكى شياجۇ ئايمىقى (ئوردۇس يايلىقىدا) ئارقىلىق موڭغۇل يايلاقلىرىغا يېتىپ بارغىچە بولغا سەپەر ئۈستىدە يايلاقتىكى بىرمۇنچە قەبىلە-تائىپىلەرگە پادشاھ سۇڭ تەيزۇڭنىڭ يارلىقىنى يەتكۈزگەچ ئوردىنىڭ ھەدىيە-سوۋغىلىرىنى تارقىتىپ، ئۇلارنى سۇڭ سۇلالىسىگە بېقىنىشقا دالالەت قىلىشتەك بىرقاتار پائالىيەتلەرنى ئىجرا قىلىپ ماڭدى. ساق بىر يىللىق ئۇزۇن سەپەر ئارقىلىق ياندۇرقى يىلى، يەنى 982-يىلى 4-ئايدا ۋاڭ يەندې باشچىلىقىدىكى ئەلچىلەر ئۆمىكى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلى تەسەررۇپىدىكى قۇمۇلغا كەلدى ۋە داۋاملىق غەربكە يۈرۈپ تۇرپان ئويمانلىقىغا كىرىپ، لۈكچۈن ئارقىلىق قوچۇ شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. ۋاڭ يەندې قوچۇ شەھىرىگە كەلگەندىن كېيىن، كۈتۈلمىگەن بىر ۋەقە يۈزبەردى، ۋاڭ يەندې باشچىلىقىدىكى ئەلچىلەر ئۆمىكى ئوخشاش بىر چاغدا ئۇيغۇر ئېلىگە ئەلچىلىككە كەلگەن قاراقىتان ئەلچىلەر ئۆمىكى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، تېخى بۇ ئىككى ئەلچىلەر ئۆمىكى ئۆزئارا دەتالاشلار قىلىشىپ قىزىرىشىپ سوقۇشۇشقىمۇ ئۈلگۈردى. ۋاڭ يەندې قوچۇ شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن چاغدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارسخانى ئارسلانخان تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى يازلىق ئاستانىسى بەشبالىقتا ئىدى. شۇڭا ۋاڭ يەندېنى ئارسلانخاننىڭ تاغىسى ئاتا ئۈگە (ۋاڭ يەندې ساياھەت خاتىرىسىدە شۇنداق ئېلىنغان-تەرجىمان) قوچۇدا كۈتۈۋالدى. ۋاڭ يەندې قوچۇدا كۆپ تۇرماي تەڭرىتاغدىن ھالقىپ بەشبالىققا كەلدى○5.
ۋاڭ يەندې بەشبالىقتا تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلى خانىنىڭ قوبۇلىغا مۇيەسسەر بولدى ۋە خاتۇن، تېكىنلەرگە ئاتاپ ئېلىپ كەلگەن ھەدىيە-سوۋغاتلىرىنى بەردى، يەنە تېخى زىياپەت-بەزمىلەرگە داخىل بولۇپ، ئوردىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئويۇنلىرىنى كۆردى. ئەتىسى ئوردا نەغمىچىلىرىنىڭ كۈي سادالىرى ئىچىدە كۆلدە قېيىق بىلەن سەيلە قىلىپ سالقىندىدى. ۋاڭ يەندې بۇ يەردە تاڭڭ سۇلالىسى جېنگۈەن سەلتەنەتىنىڭ 14-يىلى (مىلادى 640-يىلى) قۇرۇلغان بۇددا ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت-تاۋاب قىلدى. ۋاڭ يەندې ئەلچىلىك خاتىرىسىدە «يازلىق ئاستانە بەشبالىقتا بالخانىلىرى بار ئايۋانلىق قەۋەتلىك بىنالار ناھايىتى كۆپ ئىكەن، ھەممىلا يەردە مەنزىرە گۈل-گىياھلىرى بولۇپ، ناھايىتى گۈزەل ئىكەن، كىشىلەرنىڭ تەقى-تۇرقى ئاقپىشماق، كېلىشكەن، قامەتلىك، خۇشچىراي كېلىدىكەن. پۇقرالىرى ئىچىدە چىۋەر ھۈنەرۋەنلەر بەك كۆپكەن، زەرگەر، مىسكەر، تۆمۈرچى ۋە تۆمۈر تاۋلاش ئۇستىلىرى، قاشتاش ئويمىكارلىرى ناھايىتى ئۇستا ئىكەن … ○29» دەپ يازغان.
(بۇ جايغادىكى مەزمۇنغا 5-سۈرەت چۈشىدۇ، سۈرەتتە: تۇرپان بېزەكلىكتىكى تام رەسىمى، رەسىمدە: ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئايال خانىنىڭ رەسىمى. گېرمانىيە بېرلىن مۇزېيىدا ساقلانماقتا).
ئارخېئولوگىيەلىك قېزىۋېلىنغان ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلاردا خاتىرىلىنىشىچە، تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خانى بايراملاردا گۆھەر-ياقۇتلاردا بېزەلگەن دارۇسەلتەنەت تەختىدىكى ئالتۇن كۇرس (ئۇيغۇرچە ئۆرگىن، دېيىلگەن) تا ئولتۇرۇدىكەن، بېشىغا ھەيۋەتلىك تاج كىيىۋالىدىكەن (ئۇيغۇرچە دىدىم، دېيىلگەن)، ئۇچىسىغا قىزىل سەرۇپاي كىيىدىكەن. ۋاڭ يەندې شۇنداق يازغان: «ئات ناھايىتى كۆپ ئىدى، خان، خاتۇن ۋە تېكىنلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆزلىرىگە تەۋە ئات-يىلقىلىرى بار ئىدى. ئۇلار مىڭ چاقىرىمدىن كۆپرەك تۈزلەڭلىكتە يىلقىلىرىنى ئوتلىتاتتى. ئۇلار تېرىسىنىڭ رەڭگى ئارقىلىق ئۆز يىلقىلىرىنى پەرقلەندۈرەتتى. ھېچكىم ئۆز يىلقىلىرىنىڭ سانىنى بىلمەيتتى»، «نەچچە مىڭ چاقىرىملىق بەشبالىق تۈزلەڭلىكىدە لاچىن، قارچىغا، بۈركۈت ۋە گىيە قۇشى بار ئىدى، بەكمۇ گۈزەل يايلاق ئىدى». بۇ، ئۇيغۇر خان جەمەتى ۋە تۇغقانلىرى تاللىۋالغان كۆڭۈلدىكىدەك يايلاق ئىدى. ۋاڭ يەندې شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، بەشبالىقتا «ئارسلانخان تائام ئۈچۈن قوي ۋە ئات سويدۇرۇپ پىشۇرتقۇزغانىدى، ناھايىتى لەززەتلىك ئىكەن» دەپ يازغان بولسا، قوچۇدا كۆرگەنلىرىنى «باي كىشىلەر ئات گۆشى، قالغانلىرى كالا ۋە ياۋاغاز گۆشى يەيدىكەن»، «كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كىشىلەرنىڭ كۆپى ئات مىنىدىكەن، ئوقيا ئېتىشتا مەرگەنلەردىن ئىكەن»، «ئۇلار توپ-توپ بولۇپ ساياھەتكە چىققاندا ئۆزئارا ساز چېلىشىپ ھوزۇر ئالىدىكەن» دەپ يازغان.
ۋاڭ يەندې قوچۇنى تەسۋىرلەپ «ئاستانە قوچۇدا يامغۇر ۋە قار ياغمايدىكەن، بەكمۇ ئىسسىق جاي ئىكەن … پىژغىرىم ئىسسىق بولغان چاغلاردا ھەممىلا ئائىلە كىشىلىرى يەرنى قېزىپ، گەمە ياساپ ئىسسىقتىن ساقلىنىپ سالقىندايدىكەن. ئۆيلەر ھاك بىلەن ئاقارتىلىدىكەن … تەڭرىتاغنىڭ قار-مۇز سۈيىنى باشلاپ كېلىپ ئېكىنزارلىقلىرىنى ۋە مېۋە باغلىرىنى سۇغىرىدىكەن. تۈگمەنلەرنى ماڭدۇرىدىكەن، بەش خىل دانلىق زىرائەتلەرنى تېرىيدىكەن، ئارپا ئۆستۈرۈلمەيدىكەن. بايلىرى ئات گۆشى يەيدىكەن، قالغانلىرى قوي-كالا، ياۋاغاز گۆشى يەيدىكەن. مۇزىكا چالغانلىرىدا بەرباب، قوبۇزنى كۆپرەك چالىدىكەن. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا يەنە قارا بۇلغۇن تېرىسى، پاختا رەخت ۋە كەشتىلىك كىيىملەرنى كۆپ ئىشلەپچىقىرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاياللار سۇمۇجى (ئۇيغۇرچە باش كىيىمىنىڭ نامى، شىلەپىگە ياكى شەپكىگە ئوخشايدىكەن) كىيىدىكەن، بۇ ئەلدە تاڭ سۇلالىسىنىڭ كەييۈەن سەلتەنەتىنىڭ 7-يىلىدىكى تەقۋىم(كالېندار) ئىشلىتىدىكەن. ئۇلار يايلاق مىللەتلىرىنىڭ چەۋەندازلىق ۋە مەرگەنلىكىنى ساقلاپ قاپتۇ. ساياھەت قىلىشتىن ئۆزگىچە ھوزۇر ئالىدىكەن، ساياھەت قىلغاندا سازلىرىنى يانلىرىدا بىللە ئېلىپ يۈرىدىكەن. ئۇ يەردە ئەللىكتىن ئارتۇق بۇددا ئىبادەتخانىسى باركەن، ئىبادەتخانىلاردا تاڭ سۇلالىسى ھەدىيە قىلغان نوم بىتىكلەر باركەن، يەنە تېخى ‹گادىنجور نومى [ ترى پىتاكا]›، ‹تاڭ تەجۋىدلىرى›، ‹دۇررى كەلاملار جەۋھىرى›، ‹سۇتراسۋادا› غا ئوخشاش خەنزۇچە كىتابلار ساقلانغان ئىكەن ھەمدە بۇ يەردە يارلىق قازناقلىرى بولۇپ، تاڭ سۇلالىسى پادشاھى تاڭ تەيزۇڭنىڭ يارلىقىمۇ ساقلىنىۋېتىپتۇ. بۇنىڭدىن باشقا بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ سىرتىدا مانى دىنى ئىبادەتخانىلىرى بولۇپ، بۇ دىننىڭ ئەجەملىك راھىبلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ ئىكەن» دەپ يازىدۇ (يۇقىرىقى نەچچە ئابزاس مەزمۇندا «ۋاڭ يەندېنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئەلچىلىك خاتىرىسى» دىن پايدىلاندىم-تەرجىمان).
بۇنىڭدىن باشقا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن كەلگەن بۇ سۇڭ سۇلالىسى ئەلچىسىگە چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى ئۇيغۇر يەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە سۇغىرىش ئىنشائاتلىرى بولغان، ئۇ ئۆز خاتىرىسىدە «بۇ يەردە ئېقىن ئالتۇن چوققىدىن (ئالتۇنقۇم چوققىسىمۇ دېيىلىدۇ، بوغدا چوققىسى) باشلىنىپ، خانلىقنىڭ ئاستانە ۋە ئەتراپتىكى قەلئە-قەسەبەلىرىگە باشلىنىدىكەن، ئېكىنزارلىق، مېۋىلىك باغلار سۇغىرىلىدىكەن»○30دەپ يېزىلغان.
ۋاڭ يەندېنىڭ ئەلچىلىك مەلۇماتىدا يەنە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراشلىق يەرلەر يېزىلغان بولۇپ، غەربىي يۇرتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىنىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە كېيىنكىلەرگە ئەينى دەۋر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پائالىيەت دائىرىسىدىن مەلۇمات بەرگەن، ئۇنىڭدا «قوچۇ ـــــ قوچۇ ئايمىقىمۇ دېيىلىدۇ. زېمىنى جەنۇبتا قوردان (ئۇدۇن، خوتەن-تەرجىمان)، غەربىي جەنۇبتا تاجىك-ئەجەم، غەربتە ھىندىستان، ھىمالايا تاغلىرى، كۆكئارت (پامىر) قا تۇتىشىدۇ، نەچچە مىڭ چاقىرىم كېلىدۇ» دەپ يېزىلغان. بۇ بىر تەخمىن قىلىنغان سانلىق مەلۇمات، ھەقىقەتەن شۇنداق بولۇشى ناتايىن. تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ زېمىنى توغرىسىدا ئوخشاشمىغان ئايرىش ئۇسۇللىرى مەۋجۇد، مەن (مەزكۇر كىتابنىڭ مۇئەللىپى) ياپونىيەلىك ئالىم يامادا نوبۇئونىڭ ئايرىش ئۇسۇلىنى قوللاندىم، بۇ ئالىم مۇنداق ئايرىيدۇ: شەرقىي تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكى تۇرپان ئويمانلىقى، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋەكلىرى، بەشبالىق، تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى يۇلدۇزبۇلاق يايلىقى ۋە قاراشەھەر بوستانلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ بۈرجەك رايون مەركەز قىلىنغان، دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ شەرقىي چېگرا قۇمۇلنى، غەربىي چېگرا كۈسەن بىلەن باينىڭ غەربىدىكى چۆلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇنىڭ ئىچىدە قوچۇ، بەشبالىق، قاراشەھەردىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بوستانلىقتىكى شەھەر مەركەز قىلىنىپ، تەڭرىتاغ ئۇۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، سودا مەركىزى بولغان.
ۋاڭ يەندې ئۇيغۇر ئېلىدە ساق بىر يىل تۇرۇپ، 983-يىلى ئەتيازدا قوچۇدىن يولغا چىققاندا«ئەلچىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن يۈز نەچچە ئادەمنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۇزىغان ۋاڭ يەندې سۇڭ سۇلالىسى يۇڭشى سەلتەنەتىنىڭ 1-يىلى (مىلادى 984-يىلى) ئەسلىي كەلگەن يولى بىلەن مەملىكىتىگە قايتتى» ○31.
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سۇڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يەنىلا بىر خىل ئىقتىساد-سودا باردى-كەلدى مۇناسىۋىتى. چۈنكى، قەدىمقى يىپەك يولىنىڭ ھەلقۇم تۈگىنىگە جايلاشقان ئۇيغۇرلار شەرق-غەرب سودا ئالاقىسىنىڭ بوغۇزى ـــــ يىپەك يولىنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمال بۆلۈكىدىكى ھەلقۇم جاينى ئىختىيارىدا مەھكەم تۇتۇپ تۇرغان ئىدى.
6-پاراگراف تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلىگە خاتىمە بېرىلىشى
«يېڭى تاڭنامە. تۈركلەر تەزكىرىسى»دە : «ئۇيغۇرلار ئېلى ھالاك بولغاندىن كېيىن پانتېكىن ئاگنىغا بېرىپ ئۆزىنى يابغۇ، دەپ جاكارلىدى»، «ئالتۇنقۇم چوققىسىنى ساقلاپ ياتتى، ئادەملىرى 200 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى»○32 دېيىلگەن. بۇ «ئالتۇنقۇم چوققىسى» بۈگۈنكى كۈندىكى شەرقىي تەڭرىتاغدىكى بوغدا چوققىسى ئىدى. يۇقىرىقى ئىككى جاي ئورتاق بىر جۇغراپىيەلىك مۇھىت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان چۆپلىرى مول، سۈيى ئەلۋەك، ھاۋاسى سالقىن، تەبىئىي شارائىتى ئۆزگىچە ئوبدان، چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تازا باب كېلىدىغان جاي. بولۇپمۇ يۇلدۇزبۇلاق يايلىقى بىلەن قاراشەھەر بوستانلىقى چارۋا بېقىشقا باب كېلىدىغان مەشھۇر جاي. دەل مانا مۇشۇنداق تەبىئىي شارائىتى ۋە مۇھىتى ياخشى جاي بولغانلىقتىن، پانتېكىن بەرپا قىلغان تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ھاكىمىيىتى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئەنئەنىۋىي كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنى قوغداپ قېلىش بىلەن بىللە، ئېكىنچىلىك ئىگىلىكىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى ھەمدە تەدرىجىي رەۋىشتە بوستانلىق يېزا ئىگىلىكىگە يۈزلەندى، بۇنداق ئىككى خىل ئىگىلىكنىڭ تەڭ مەۋجۇد بولۇشى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلى ھاكىمىيىتىنىڭ مۇقىم، سىجىل گۈللىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى.
«لياۋ سۇلالىسى تارىخى. يوللىغ ئاغا (تيەن زودى) تەرجىمىھالى» دا: «[باۋدا سەلتەنەتىنىڭ 4-يىلى (1124-يىلى) 7-ئايدا] تيەن زو يەنى يوللىغ تاشىن لىنيادىن لەشكەرلىرىنى قايتۇردى … شىمالغا ئۈچ كۈن يۈرگەندىن كېيىن، غەربتە خاتۇن شەھىرىگىچە بارىپ، بەشبالىق قورۇقچىبەگە مەھكىمىسىگە چۈشكۈن قىلدى … ياندۇرقى يىلى 2-ئايدا (تيەنخۇي سەلتەنەتىنىڭ 8-يىلى، يەنى مىلادى 1139-يىلى) [يوللىغ تاشىن] كۆك ئۆكۈز، بوز تۇلپار سويۇپ كۈن تەڭرىسى بىلەن يەر تەڭرىسىگە، ئەجدادىنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر بېرىپ، لەشكەرلىرىنى دەم ئالدۇرۇۋېلىپ داۋاملىق كۈن پېتىشقا يۈردى. ئەۋۋەل ئۇيغۇر خانى بىلگە قاغانغا مەكتۇب ئەۋەتتى … بىلگە قاغان مەكتۇبنى ئېلىپ، قىتان سەردارىنىڭ قارارگاھىغا بېرىپ ئۈچ كۈن زىياپەت بەردى. قىتان سەردارى ماڭىدىغان چاغدا 600 ئارغىماق، 100 تۆگە، 3000 قوي ھەدىيە قىلىپ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئىتائەت قىلىشنى خاھلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ چېگراسىدىن ئۇزىتىپ قويدى»○33 دەپ يېزىلغان.
«‹ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر› نىڭ قوشۇمچىسى» دە ئوخشاش بۇ ۋەقە «[يوللۇغ تاشىن] ئۇيغۇر خانى بىلگە قاغانغا ‹مېنىڭ دۆلىتىڭلار بىلەن بىر كۈندىلا ئەپلىشىپ قېلىشىم مۇمكىن ئەمەس، بۈگۈن مەن غەربتىكى ئەرەبلەرگە لەشكەر تارتىش سەپىرىمدە زېمىنلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىمەن› دېگەن مەزمۇندا مەكتۇب ئەۋەتتى … بىلگە قاغان مەكتۇبنى ئېلىپ، قىتان سەردارىنىڭ قارارگاھىغا بېرىپ ئۈچ كۈن زىياپەت بەردى. قىتان سەردارى ماڭىدىغان چاغدا نۇرغۇن ئارغىماق، تۆگە، قوي ھەدىيە قىلىپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئىتائەت قىلىشنى خاھلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ چېگراسىدىن ئۇزىتىپ قويدى»○34 دەپ خاتىرىلەنگەن.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى گەرچە قاراقىتانلارغا مەجبۇرىي ئىتائەتمەنلىك بىلدۈرگەن بولسىمۇ ئەمما بۇ ئۇنچىلىك تەھدىتلىك بولۇپ كەتمىگەن، يەنىلا ئۇيغۇر خانىنىڭ ئورنى، سالاھىيىتى ساقلاپ قېلىنغان. 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە موڭغۇللار غەربكە جازا يۈرۈشى قىلغاندا، تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خان جەمەتى بىلەن ئوردا كاتتىلىرى قىتانلارغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن چىڭگىزخان ھوزۇرىغا بېرىپ چىڭگىزخان بىلەن كۆرۈشكەن. «ئىدۇققۇت قۇت ئالمىش قايا ئۆمەر ئوغلى، تاربايلارنى چىڭگىزخان ھوزۇرىغا ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن»○35 ھەمدە غەربىي يۇرت ئەللىرى ئىچىدە موڭغۇللارغا ئەڭ بۇرۇن ئىتائەت قىلغان ئەلنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن خەنزۇچە تارىخ كىتابلاردا ئۇيغۇرلارنى «回鹘» دەپ يېزىش «畏兀儿»، «畏吾儿»، «畏兀»، «伟兀»، «辉和尔» قاتارلىق شەكىللەردە يېزىشقا ئۆزگەرگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئوخشاشلا «Uighur» ياكى « Uyghur» نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىدى.
تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى قىتانلاردىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ئىدۇققۇتنىڭ موڭغۇللارغا ئىتائەت قىلىپ چىڭگىزخانغا ئەگىشىشى ئۇيغۇر تارىخىدىلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل غەربىي يۇرت تارىخىدىمۇ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور بولغان بىر ۋەقە بولدى. ئۇيغۇرلار (畏兀儿) نىڭ موڭغۇللارغا ئىتائەت بىلدۈرۈشى ئەينى چاغدىكى مەملىكەت بويىچە موڭغۇللارغا بېقىنىش يۈزلىنىشىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇردى. بۇ، پۈتكۈل تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئۇيغۇر (畏兀儿) يەرلىرىدىكى ئاھالىلەرنى بىرمەيدان ئورۇنسىز قان تۆكۈلۈشتىن ساقلاپ، پۇقرالارنى يېغى مالامەتلىرىنىڭ ئازابلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپلا قالماستىن بەلكى شۇنىڭدىن كېيىنكى يۈز يىلغا يېقىن مەزگىلدىكى ئۇيغۇر (畏兀儿) جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تاشقى تىنچلىق مۇھىتى يارىتىپ بەردى.
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلى 840-يىلىدىكى ئورقۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى ھالاك بولغاندىن كېيىن باش ۋەزىر ساج ۋە ئۇنىڭ جىيەنى پانتېكىن قاتارلىق بەش كىشى غەربىي يۇرتقا كۆچكەن ئون بەش قەبىلىنى باشلاپ، چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى يايلاقتىن چىقىپ ئالتاي تاغلىرىدىن چۈشۈپ، ئۇرۇمتاي (بۈگۈنكى ئۈرۈمچى، مورى، گۇچۇڭ بوستانلىقلىرى) ئارقىلىق بەشبالىققا (بۈگۈنكى جىمىسارغا) قارارگاھ قۇرغاندىن كېيىن، داۋاملىق غەربكە يۈرۈپ تەڭرىتاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى يۇلدۇزبۇلاق يايلىقىغا كىرىپ، تەڭرىتاغدىن ھالقىپ جەنۇبتىكى قاراشەھەر بوستانلىقى، كۈسەن (بۈگۈنكى كۇچا) بوستانلىقىغا چۈشۈپ، ئالاھەزەل سەككىز يىللىق يېغىدا جان تىكىپ ئېلىشىش ئارقىلىق تاڭ سۇلالىسى داجۇڭ سەلتەنەتىنىڭ 2-يىلى (مىلادى 848-يىلى) قاراشەھەردە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلىنى قۇردى، پانتېكىن تۇنجى خان بولغاندىن تارتىپ مىلادى 13-ئەسىردىكى موڭغۇللارنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشىدىن كېيىنكى يۈەن سۇلالىسى سەلتەنەتىنىڭ 17-يىلى، يەنى مىلادى 1280-يىلىدىكى ئۇيغۇر (畏兀儿) ئىدۇققۇتلۇقىنىڭ ئىدۇققۇتى نۇرىن تېكىن يۈەن سۇلالىسىنىڭ يارلىقىغا بىنائەن خان جەمەتىنى باشلاپ گەنسۇنىڭ يۇڭچاڭغا كۆچتى؛ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالى يۈەن سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە قارام يەرلەر بولۇپ قالدى ۋە كېيىن يەنە چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەرقىي تەڭرىتاغ رايونىدىكى سىياسىي ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلدى. تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلى ھاكىمىيىتى بەش دەۋر، سۇڭ، قىتان ۋە يۈەن سۇلالىسىنىڭ يېرىمىنى باشتىن كەچۈرۈپ بەش ئەسىرگە يېقىن ۋاقتنى باشتىن كەچۈردى. بۇ نەچچە يۈز يىلدا، تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى غەربكە كۆچكەن باشقا ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەردىن بۇرۇن ھاكىمىيەت قۇرۇپ چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلىپ، ئاتلىق مىللەتنىڭ لەشكىرىي كۈچى ۋە مەدەنىيەت چۆكمىسىنى تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي ۋە ئوتتۇرا قىسىمىدىكى رايونلارغا ئېلىپ كېلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئاساسىنى قايتىدىن بىرىكتۈرۈپ، يېڭىدىن يۈكسەك تەرەققىي قىلغان ماددىي مەدەنىيەت، مەنىۋىي مەدەنىيەت بەرپا قىلىپ، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى.
ياپونىيەلىك مەشھۇر غەربىي يۇرت تارىخچىسى ساگوچى تورۇ ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ مىللەتلىرى تارىخى تەتقىقاتى» ناملىق كىتابىدا «بەشبالىق 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پايتەختى بولۇپ كەلدى، ئومۇمەن مەيلى بەشبالىق بولسۇن، مەيلى قوچۇ بولسۇن ھەممىسى ئوخشاشلا ئۇيغۇر خان جەمەتىنىڭ تۇرىدىغان يېرى ئىدى. موڭغۇل ئىمپېرىيەسى ھۆكۈمرانلىقىغا كىرگەن بەشبالىق يەنە چىڭگىزخاننىڭ باش ۋالىيسى ۋە دارۇغاچىنىڭ تۇرىدىغان يېرى بولغان، بۇ يەر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئولتۇراقلاشقان خەلقلەر مەدەنىيىتىنىڭ مەمۇرىي، مالىيە باشقۇرۇشىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالغان»○36دەپ يازىدۇ.
7-پاراگراف ئۇيغۇر ئىلاھىي ۋە ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنىڭ نۇرى ۋە كۆلەڭگىسى
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئىلاھىي ۋە ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتى دىنىي مەدەنىيەت ۋە دەھرىي مەدەنىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىم تەڭرىتاغ ۋە قاراشەھەر، قوچۇ، كۈسەن قاتارلىق يەرلەردە ئەسلىدىنلا ئولتۇراقلاشقان يەرلىك ئۇيغۇرلار يېرىگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، شۇ يەردىكى ئەسلىدىن بار بولغان ئىقتىساد، مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدە ئاساسلىق كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى تەدرىجىي تاشلاپ مۇقىم ئولتۇراقلاشقان ئېكىنچىلىك ۋە شەھەر تۇرمۇشىغا يۈزلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن بۇ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا شۇ يەرلەردە ئولتۇراقلاشقان مىللەتدىشى بولغان ئۇيغۇرلار، باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ بەگلىكلىرى ۋە بۇ يەرلەردىكى يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن بىر مەزگىل ئىناق-ئىجىل بىللە ياشاش جەريانىدا ئۆزئارا سىڭىشىش ئارقىلىق يەرلىك خەلقلەر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى ئۇيغۇر بۇددا مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى بىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈردى.
قەدىمقى ئۇيغۇر (回鹘) تارىخىدا بىرنەچچە قېتىم پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بويىچە دىنىي ئېتىقاد يېڭىلاشتەك تارىخىي ۋەقەلەر بولغان. بۇنداق ھادىسە دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر تارىخىدا ناھايىتى كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ.
سۈي-تاڭ دەۋرىدىلا چۆللۈكنىڭ شىمالىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ياشايدىغان ئۇيغۇرلار پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بويىچە كۆپ ئىلاھقا چوقۇناتتى ۋە ئىپتىدائىي دىن بولغان شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى○37. ئۇيغۇرلار بۇ دىنغا ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئېتىقاد قىلغاچقا، ئۇيغۇرلاردا بۇ دىننىڭ تەسىرىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولغان، ھەتتا بۈگۈنكى زاماندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىمۇ شامان دىنىنىڭ ساقىندىلىرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن.
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، ئۇيغۇرلار مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلدى، ئۇۇيغۇر تارىخىدا تۇنجى قېتىم پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بويىچە دىنىي ئېتىقاد ئۆزگەرتىش ۋەقەسى بولۇپ ئۆتتى. تاڭ سۇلالىسى باۋيىڭ سەلتەنەتىنىڭ 1-يىلى، يەنى 762-يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭىنى باستۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ قاغانى تەڭرىقاغان لاغكى شەھرىدە (لوياڭ شەھىرىدە) تۇنجى قېتىم مانى دىنى تەرغىباتچىلىرى (دىن تارقاتقۇچىلىرى، مىسسىئونېرلىرى) بىلەن ئۇچراشقان. تەڭرىقاغان ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈپ ئۆز ئېلىگە قايتىدىغان چاغدا، لوياڭ شەھىرىدىن تۆت نەپەر مانى دىنى تەرغىباتچىلىرىنى بىللە ئېلىپ كەتكەن. تەڭرىقاغان ئاستانە قارابالغاسۇن شەھىرىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۆزى تۇنجى بولۇپ مانى دىنىغا بەيئەت قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن خان جەمەتىدىكىلەر، ۋەزىر-ۋۇزرالار، تارقان-بۇيرۇقلار … قاغانغا ئەگىشىپ مانى دىنىغا كىرگەن.
مانى دىنى 3-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا غەربىي ئاسىيا رايونىدا پەيدا بولغان بولۇپ، پېرسىيەلىك مانى (216-يىلى تۇغۇلۇپ 277-يىلى ئۆلگەن) دېگەن كىشى ئىجاد قىلغان. مانى يازغان ئالاقىدار كىتاب بۇ دىننىڭ دەستۇرى بولۇپ، ئاساسىي دىنىي ئەھكامى ۋە دۇنيا قارىشى ئىككى مەنبە-ئۈچ مەنزىل تەلىماتىدىن ئىبارەت. ئىككى مەنبە ـــــ يورۇغلۇق ۋە زۇلمەت، ياخشىلىق ۋە رەزىللىك؛ ئۈچ مەنزىل ـــــ ۋاقت ئۇقۇمىدىكى ئۆتمۈش (تۇنجى مەنزىل)، ھازىر (ئارا مەنزىل) ۋە كېلەچەك (ئاخىرەت مەنزىلى) دىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە بۇ ئەھكام زوروئاستېر دىنى، خرىستيان دىنى، بۇددا دىنى ۋە نېستورى مەزھىبىنىڭ بەزى ئىدىيىۋىي مەزمۇنلىرىنى قوبۇل قىلىپ شەكىللەنگەن. يورۇغلۇق بىلەن زۇلمەتنى ياخشىلىق بىلەن رەزىللىككە تەققاسلىغان. ياخشى ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن بەختكە ئېرىشىدۇ، رەزىل ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن دوزاققا كىرىدۇ، دېگەننى تەرغىب قىلىدۇ. مانى دىنىنىڭ تەلىماتلىرى ئەينى زاماندىكى ئاتەشپەرەستلىك دىنىنىڭ تەلىماتلىرى بىلەن قارىمۇ-قارىشى بولغانلىقتىن ئىران پادشاھىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان، 227-يىلى ئىران پادشاھى مانىنى دارغا ئاسقان. مانىنىڭ مۇرىتلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچراپ تۇشمۇ-تۇشتىن ئىراندىن قېچىپ چىقىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەملىكەتلەرگە ۋە ئاسىيا، ئافرىقا ئەللىرىگە بارغان. 7-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چاغلىرىدا جۇڭگوغا كىرگەن. بۇ دىن قەدىمقى خەنزۇچە كىتابلاردا «يورۇق دىن»، «مونى دىنى»، مىڭنى دىنى» دەپ خاتىرىلەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭرىقاغانى لوياڭدا مانى دىنى مۇرىتلىرى بىلەن كۆرۈشكەن چاغدا، بۇ مۇرىتلەر لوياڭ قاتارلىق جايلاردا مانى ئىبادەتخانىلىرىنى قۇرۇپ بولغان ئىدى.
تەڭرىقاغان بۇ دىننى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ يېڭى روھىي تۈۋرۈكنى ئومۇميۈزلۈك ئېتراپ قىلىپ، مانى تەرغىباتچىلىرىغا ئۇيغۇر ئېلىدە ئالاھىدە ئىمتىياز-نوپۇزلارنى بەردى. مانى مۇرىتلىرى قاغاننىڭ ئەتراپىدا يۈرۈپ قاغاننىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى ھەمدە قاغانلىقنىڭ سودىسىنى ئىختىيارلىرىغا ئېلىپ يۈرگۈزۈۋاتقان سوغدى سودىگەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ قاغانلىق ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان سسىياسىي كۈچكە ئايلىنىپ، قاغانلىقنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.
(بۇ يەرگە 6-سۈرەت جايلاشتۇرۇلىدۇ. سۈرەتتە: مانى دىنى ھۆججەتلىرى. ئەسلىي رەسىم گېرمانىيە بېرلىن مۇزېيىدا ساقلانماقتا.)
ئۇيغۇرلار تەڭرىتاغ ئەتراپىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، مانى دىنىنى بۇ رايونغا بىللە ئېلىپ كەلگەن. بەشبالىق، قاراشەھەر، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن ئارقا-ئارقىدىن تېپىلغان ئوتتۇرا قەدىمقى زامان فارسچە، ئۇيغۇرچە يېزىلغان مانى دىنى ھۆججەتلىرى ۋە مانى دىنى مەزمۇن قىلىنغان تام رەسىملىرى ئەسەرلىرىمۇ مانى دىنىنىڭ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى رايونىدا تارقالغانلىقىغا شاھىد بولۇپ تۇرۇپتۇ.
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن غەربىي يۇرت ئېكىسپېدىتسىيەسى ۋە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشى باشلانغاندىن كېيىن، زور مىقداردىكى ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلار، بەدىئىي سەنئەت بۇيۇملىرى قېزىۋېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە تاش كېمىر تام رەسىملىرى (مەسىلەن تۇرپان، جىمىسار، قاراشەھەر، كۈسەن قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر بۇددىزم تاش كېمىرلىرى ۋە خارابە ئىزلىرى)، قەغەزگە سىزىلغان رەسىملەر، ھەيكەللەر ۋە تۈرلۈك ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى بىزنىڭ مانى دىنىنىڭ ئۇيغۇر يەرلىرىدە تارقالغانلىقى ھەمدە بىر خىل دىنىي مەدەنىيەت سۈپىتىدە مانى دىنى مەدەنىيىتىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇساپىسى ۋە مەدەنىيەت سەمەرەلىرىنى تونۇشىمىز ۋە بىلىشىمىزنى مول ئىپتىدائىي ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
تۇرپان رايونىدىن تېپىلغان مانى دىنىنىڭ كلاسسىك دەستۇرلىرى «يورۇق-زۇلمەت دەستۇرى»، «مانى مۇخلىسلىرىنىڭ تۆۋە-ئىستىغفارنامىسى» ۋە باشقا نۇرغۇن قەسىدىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە قوليازما نۇسخىلىرى مانى دىنىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇرلار نەزەرىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئالايلۇق، «مانى مۇخلىسلىرىنىڭ تۆۋە-ئىستىغفارنامىسى» دە: «پۇقرالار يۈكسەك، قۇت-ئامەت بىشارەتلىرى ئۇرغۇپ تۇرغان نوپۇز-ئىمتىيازلارنى بىزنىڭ بۈيۈك خانىمىز ئىدۇققۇتقا ئاتا قىلىشتى. تىلاۋەتخانىدا ئالتۇندىن ياسالغان، دۇررى-گۆھەرلەر قۇيۇلغان شاھانە ئورۇن ئۇنىڭغا تەئەللۇق بولۇشىنى تىلەيمىز ھەم ئۇنىڭغا قۇت-ئامەت، شاد-خۇراملىق مەڭگۈ يار بولغاي!» ○38دەپ يېزىلغان. 1981-يىل 7-ئايدا، بېزەكلىك مىڭ ئۆيىدىن يەنە بىرنەچچە پارچە ئۇيغۇرچە مانى دىنى يادىكارلىقلىرىنىڭ قوليازمىلىرى تېپىلدى، شۇنىڭ قاتارىدا «مانى بىلەن تېكىننىڭ مۇنازىرىسى»، «ئۈچ تېكىننىڭ ھېكايىسى» قاتارلىقلارمۇ تېپىلدى. يەنە مەسىلەن، بېزەكلىك مىڭ ئۆيى 38-كېمىرىنىڭ تاملىرى تۈگۈل مانى ئەھكاملىرى مەزمۇنىدىكى تام رەسىملىرى بىلەن بېزەلگەن، رەسىم مەنزىرىلىرىدە ئىككى تۈپ دەرەخ سۇ كۆلچىكىدە ئۆسكەن، دەرەخنىڭ ئىككى تەرىپىدە دۈمبىسىگە جۈپ قانات ئۆسكەن ئىككى ساخاۋەتچى بولۇپ، ئوتتۇرىدا ئاق لىباسلىق نەي چېلىۋاتقان ئادەم ئوبرازى يارىتىلغان.! ^% p: J+ W1 o# f k5 L“ V- ]. m
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى مەدەنىيەت قوش يۆنىلىشلىك مەدەنىيەتتۇر. ئىپتىدائىي شامان دىنى ئېتىقادىنى مانى دىنىغا، مانى ئېتىقادىنى يەنە بۇددا ئېتىقادىغا ئۆزگەرتكەن ئۇيغۇرلار دىنىي (ئىلاھىي) مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇش بىلەن بىللە يەنە ئۆزىنىڭ دەھرىي مەدەنىيەتىنىمۇ راۋاجلاندۇرغان. بۇ جەرياندا، فارسلارنىڭ مانى دىنى تەرغىباتچىلىرى فارس مەدەنىيەتىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ئېلىپ كىرگەن، بۇ تەرغىباتچىلىققا سوغدىلار ۋاسىتىچى بولغان، سوغدى سودىگەرلىرى سوغدى خەلقىنىڭ يېزىقى ۋە سودا-تىجارەت پائالىيەتلىرىنى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلىگە ئېلىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلار مۇشۇ سەۋەبلىك سوغدى يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىجاد قىلغان. شۇڭا، ئۇيغۇر يەرلىرىدە بىتىم-ھۆججەتلەر ۋەكىللىكىدىكى ئىقتىساد-قانۇن مەدەنىيەتى خېلىلا يۈكسەلگەن○39؛ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىگە يېڭى يېزىق ئىجاد قىلىشى ئۇۇيغۇر مەدەنىيەتىنىڭ يەنە بىر پەللە يۈكسەلگەنلىكىنىڭ بىشارىتى بولۇپ، مەدەنىيەت تېخىمۇ يۇقىرى بىر يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن ئېكىنچىلىككە يۈزلىنىشى ئىكىنچىلىكتىن ئىبارەت سەھرا مەدەنىيەتىنىڭ تەرەققىياتىنى بارلىققا كەلتۈردى، قەبىلىلەرنىڭ بىرلىككە كېلىشى ئۇيغۇرلارنى چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى سىياسىي مەركىزىدىن مەھرۇم قېلىش ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە يېڭى ھاكىمىيەت بەرپا قىلىش ئارقىلىق «ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكى بىلەن مىللەتنىڭ روھىي ساپاسىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسى»نى تېزلەتتى. مانا مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بويىچە بۇددا ئېتىقادىنى قوبۇل قىلىشتەك زور تارىخىي ۋەقە يۈز بەردى. ساكيامونىنىڭ «قىلمىش كۆرگۈلۈكى» (سەۋەب-سەمەرە ياكى سەۋەب-ئاقىۋەت ۋە ياكى سەۋەب-نەتىجە كۆرگۈلۈكى، ھېتۇ-فەلە كۆرگۈلۈكىمۇ دېيىلىدۇ) تەلىماتى، «يارالمىش» تەلىماتى قاتارلىق ئىلاھىي مەدەنىيەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدا گۈللەندى، بۇنىڭ بىلەن مانى دىنى زاۋاللىققا يۈز تۇتتى. ئەمما، ئۇيغۇرلار مانى مۇرىتلىرىدىن ـــــ مانى ئېتىقادلىق سوغدىلاردىن ئۆگەنگەن يېزىقىدا زور مىقداردىكى بۇددا نوم-بىتىكلىرىنى تەرجىمە قىلىشقا، بۇددا مەدەنىيەتى تەتقىقاتىغا كىرىشتى. شەرق-غەرب ئىقتىساد ئالماشتۇرۇشىدىكى سودا لېنىيەسىنىڭ ھەلقۇم جايلىرىنى ئىختىيارىغا ئالغان تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى ئامۇ دەريا، سىر دەريا ۋادىلىرى ۋە گانگ دەريا ۋادىلىرىدىكى غەربنىڭ تۈرلۈك ئىلاھىي مەدەنىيەتلىرى ۋە دەھرىيلىك مەدەنىيەتىنى قوبۇل قىلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيەتىنى مەركىزىي ئاسىيا، ياۋروپاغىچە تارقاتتى. ئىلاھىي مەدەنىيەت بىلەن دەھرىيلىك مەدەنىيەتىنى تەڭ قوبۇل قىلىپ ۋە تارقىتىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەتىنى زور دەرىجىدە بېيىتتى.
بۇددا دىنى ئۇيغۇرلار شامان دىنى، مانى دىنىدىن كېيىن پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بويىچە قوبۇل قىلغان ئۈچىنچى يات دىن.
غەربىي يۇرتنىڭ جاي-جايلىرىدىن تېپىلغان ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلار ئىچىدە، بۇددا دىنى مەزمۇنىدىكى يادىكارلىقلار مۇتلەق زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. كۈسەن، قوچۇ، بەشبالىق قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان زور مىقداردىكى بۇددا يادىكارلىقلىرى تەرجىمە قىلىنغان نوم-بىتىكلەر بولۇپ، ئۇيغۇر يېزىقىدىكىدىن باشقا يەنە ئاز مىقداردا تىبەت ۋە براھمان يېزىقىدىكىلىرىمۇ بار.
قېزىۋېلىنغان يادىكارلىقلارنى تەھلىل-تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى ئېتىقاد قىلغان بۇددا دىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سوغدى بۇددا دىنى، كۈسەن-ئاگنى-قوچۇ قاتارلىق جايلاردىكى توخار بۇددا دىنى، بەشبالىق-قوچۇ-دەشتئاتا قاتارلىق جايلاردىكى خەنزۇ بۇددا دىنى، ئۇدۇن-كروران (مىرەن)-دەشتئاتا-قوچۇ قاتارلىق جايلاردىكى تىبەت بۇددا دىنىدىن ئىبارەت تۆت خىل مەنبەدىن كىرگەن.
10-ئەسىردە، بەشبالىقلىق مەشھۇر ئالىم، تەرجىمەشۇناس سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ (خەنزۇچە نام-شەرىف سۈپەتلىرى: شېڭگۇاڭ فاشى، پرەسېنەجىت ئاچاريا يەنى نۇسرەتتىن نۇر قۇچقان ھەزرەت) بۇددا كلاسسىك نوم-بىتىگلىرىدىن «ئالتۇن ئۆڭلۈگ يارۇغ يالتىراقلىق قوپتا كۆتۈرۈلمىش نوم ئىلىگ ئاتلىغ نوم بىتىك» («ئالتىن يارۇق»)، «شۈەن زاڭنىڭ تەرجىمىھالى»، «مىڭ قول-مىڭ كۆزلۈك شەپقەتكار ئاۋالۇكسۇۋاراغا تۆۋە-ئىسرىغفار ئوقۇش دەرەنى سۇتراسى»، «جان-تەن كۆزىتىش سۇتراسى» قاتارلىقلارنى تەرجىمە قىلغان○40. بۇنىڭ ئىچىدە بەشبالىقلىق بۇ تەرجىمەشۇناس تەرجىمە قىلغان «ئالتۇن ئۆڭلۈگ يارۇغ يالتىراقلىق قوپتا كۆتۈرۈلمىش نوم ئىلىگ ئاتلىغ نوم بىتىك» («ئالتۇن يارۇق») ئۇزۇندىن بېرى ئىلىم ساھەسىنىڭ ئالاھىدە ئېتىبارىغا ئېرىشىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل تۈركلوگلىرىنىڭ تەتقىقات تېمىسى بولۇپ كەلدى.*
بەشبالىقلىق كۈنتسۈن سەلى تۇتۇڭ (Küntsün Säli Tutung) ئىسىملىك يەنە بىر تەرجىمە ئۇستازى بولۇپ، خەنزۇچىدىن «مېھر-شەپقەتلىك بودىمەندەلە تۆۋە-ئىستىغفارنامەسى» («تايشو نوملار دىۋانى» نىڭ 1909-جىلدى) نى مىيىت ئۇزىتىش مۇراسىمىدا ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن تەرجىمە قىلغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، مەزمۇنى ناھايىتى مول بولغان بۇ يادىكارلىقنىڭ خەنزۇلاردىن تارقالغان بۇددا تەسىرىنى تەتقىقى قىلىشتا تەتقىقات قىممىتى ناھىيىتى زور ئىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە پۇنياسىرى (本雅失里:Punyasiri) 14-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا تىبەتچە «چەكرەۋەرتى راجە مەندەرە (چاكرىرت ئىلىگ خان مەندەرە»)، «مەخپىي يىغىلغان ئىلاھ تېرا»، قاتارلىق ۋەسىقىلەرنى تەرجىمە قىلغان؛ سامغاسىرى (桑伽失里:Samghsri) ئاچاريا (ھەزرەت) «پرەسېنەجىت سۇتراسى» قاتارلىقلارنى تەرجىمە قىلغان؛ كارۇناداس (迦鲁纳答思:Karunadasus) 1302-يىلى «مەنچۇشىرى بايان قىلغان ئەڭ مۇقەددەس نامەدىن ھەقسىز سۇترا» نى تەرجىمە قىلغان؛ قۇمۇلدا تۇغۇلۇپ ئىلىم تەھسىل قىلغان ئاريا ئاچاريا (阿利雅•阿恰利亚:Arya Acharya) «ناروبانىڭ ئۆلۈم خېتى» قاتارلىقلارنى تەرجىمە قىلغان. ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئۇيغۇرچە قوليازما يادىكارلىقلار ئىچىدە بۇددا نوم-دەستۇرلىرى ھەممىدىن كۆپ. بۇلار ئىچىدە «سەددەرمە پۇنتەرىكە سۇترا (نىلۇفەردەك ئاجايىب گۈزەل دەرمە سۇتراسى)»، «ۋاجراسسىدكا پراجىنا پارامىتا سۇترا (ئالماس سۇترا)»، «ئاگاما سۇترا»، «بۇدداۋاتامساكا ماخاۋايپۇليا سۇترا»، «كامالىي ئويغىنىش سۇتراسى»، «بۇددا ئېيتقان ئەرش-پەرشتىكى سەككىز قۇياش ئىلاھى ئەپسۇن سۇتراسى»، «بۇددانىڭ ھاممادا يۇيۇنىۋاتقان راھىبلار سۇتراسى»، «ماھايانا ماھاپەرى نىرۋانا سۇتراسى» قاتارلىقلارمۇ بار. يەنە، 1907-يىلى ستەيىن دەشتئاتادىن تاپقان «ئەبىدەرمە كۇشە شاسترە سىترەمەتىنىڭ ھەقىقىي مەناسىدىن تەپسىر» مۇ ھازىر ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىق ئىچىدىكى ھەجمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان قوليازمىلارنىڭ بىرى.
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەربىي يۇرت ئېكىسپېدىتسىيە قىزغىنلىقى تازا ئەۋج ئالغان، ئەينى چاغدا غەربتىكى كۈچلۈك ئەللەرنىڭ ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرى، ئارخېئولوگلىرى ئېلىمىزنىڭ غەربىي يۇرتتىكى جايلارغا، يەنى خوتەن، كۇچا، تۇرپان، دەشتئاتا (دۇنخۇاڭ) قاتارلىق جايلارغا كېلىپ ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ئېلىپ بېرىپ، زور مىقداردىكى قوليازما، ئويما يادىكارلىقلارنىڭ كەمتۈك نۇسخىلىرى (قوليازما، قەغەز، تارشا، تېرە، قوۋزاق پۈتۈك، ياغاچ ئويما-پۈتۈك، بامبۇك تارشا، يىپەك رەخت پۈتۈك قاتارلىقلار) ۋە باشقا قىممەتلىك ئاسارئەتىقىلەر، مەسىلەن ھەيكەل (لاي، ياغاچ، مىس ئويما)، رەسىم (تام رەسىملىرى، يىپەك رەخت ۋە كاناپ رەختكە سىزىلغان رەسىملەر، تاختايغا سىزىلغان رەسىملەر)، كەشتە، ساپال بۇيۇم، تامغا، تەڭگە پۇل قاتارلىقلارنى بايقاشتى. ئەلۋەتتە بۇلار ئىچىدە ئەڭ قىممەتلىكى ھەمدە ناھايىتى يۇقىرى تارىخ قىممىتى ۋە تەتقىقات قىممىتىگە ئىگىلىرى يەنىلا ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلار بولۇپ، دۇنيا ئىلىم ساھەسىنى زىلزىلىگە سېلىۋەتكەن. بۇ يادىكارلىقلار ھازىر گېرماىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، فىنلاندىيە، شۋېتسىيە، رۇسىيە، ياپونىيە، تۈركىيە، كورېيە ۋە ئېلىمىزدىكى ئالاقىدار مۇزېي، تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدا ساقلانماقتا. يۇقىرىقى دۆلەتلەر ئىچىدە گېرمانىيەدە ساقلىنىۋاتقانلىرى ھەممىدىن كۆپ بولۇپ، تەخمىنەن سەككىز مىڭ پارچىدىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك كەمتۈك يادىكارلىقلار ساقلانماقتا. بۇلار ئاساسلىقى بەزى ئورالما قىلىپ تۈپلەنگەن كىتابلارنىڭ كەمتۈك پارچىلىرى، تۈرلۈك شەكىلدىكى كىتاب ۋە مىخ مەتبەئەدە بېسىلغان مەتبەئە بۇيۇملىرىنىڭ كەمتۈك پارچىلىرى. بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپلىرى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا يېزىلغان.
11-ئەسىردە، مەشھۇر تۈركىي تىللار ئەدىبى، تىل ئۇستازى مەھمۇد كاشغەرىي ئۆزىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ئەسىرىدە ئۇيغۇر تىلىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا «ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ساپ تۈركچىدۇر، ئەمما ئۇلار ئۆزئارا سۆزلەشكەندە باشقا بىر شېۋىدە سكزلىشىدۇ»، «ئۇيغۇرلار دىۋاننىڭ مۇقەددىمىسىدە ئېيتىپ ئۆتكەن يىگرىمە تۆت ھەرپلىك تۈرك يېزىقىنى قوللىنىدۇ. كىتاب، خەت-چەكلىرىنى مۇشۇ يېزىقتا يازىدۇ»○41 دەپ يازغان.
ئەمدىلا ئولتۇراقلىشىپ شەھەرلىشىشكە باشلىغان ئۇيغۇرلار سوغدىلار، مانى دىنى مۇرىتلىرى ۋە خەنزۇ بۇددىستلىرىنىڭ تەسىرىدە زور مىقداردىكى مانى دەستۇرلىرى، بۇددا نوملىرى بىلەن ئۇچراشتى ھەمدە ئاشۇ دەستۇر-نوملارنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، يېڭىدىن ئۇيغۇر شەھەر دىنىي مەدەنىيەتى شەكىللەندۈردى. بەشبالىقتىكى قاغانبۇت شەھىرى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يازلىق ئاستانىسى بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر ناھايىتى نۇرغۇن بۇددا خارابىلىرى ساقلانماقتا. مەزكۇر شەھەردىكى بۇددا ئىبادەتخانىسىدا 9-ئەسىردىن 13-ئەسىردىكى موڭغۇللارنىڭ غەربىي يۇرت ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدىكى بۇددا ھەيكەللىرى، تام رەسىملىرىنىڭ كۈمتۈك ئىزلىرىغا بېغىشلانغان زور مىقداردىكى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە تىتول-بېغىشلىمىلار ھېلىھەم ساقلىنىۋاتىدۇ. مانا بۇلار بەشبالىق قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئەينى چاغدىكى تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇددا مەدەنىيىتى مەركەزلىرىدىن بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرۇپتۇ.
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلى دەۋرىدە، مانى ئىبادەتخانىلىرى، بۇددا ئىبادەتخانىلىرى ۋەكىللىكىدىكى دىنىي مۇقەددەس ئىلاھلار مەدەنىيىتى خان-بەگلەر ئىچىدە ناھايىتى روناق تاپقان. مۇقەددەس ئىلاھلار مەدەنىيىتى شەھەر مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇنداق ئىلاھىي مەدەنىيەت ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، يۈكسىلىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتنى ۋە دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى روھىي ساپاسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرىنىڭ دەھرىي مەدەنىيىتىمۇ زور دەرىجىدە يۈكسەلدى. دەھرىي مەدەنىيەت مۇقەددەس ئىلاھىي مەدەنىيەتكە نىسبەتەن ئېيتىلىۋاتقان گەپ، دەھرىي مەدەنىيەت سەھرالاردىكى ئېكىنچىلەر مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
بۇ مەزگىلدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى مەدەنىيىتىنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈدىغىنى دەھرىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، بولۇپمۇ تۈرلۈك بىتىم-توختاملارنىڭ كەڭ دائىرىدە رول ئوينىشى بولۇپ، مەلۇم ئىپتىدائىي قانۇن روھىغا ئىگە بولغان بىتىم-توختام مەدەنىيىتىمۇ بارلىققا كەلدى. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بايقالغان زور مىقداردىكى ئۇيغۇرچە بىتىم-توختاملار ئىلىم ساھەسىنى ھەيرەتتە قالدۇرۇپ، ھەرقايسى ئەل تۈركلوگىلىرىنىڭ تەتقىقات قىزغىنلىقىنى قوزغىغان، بۇ قىزغىنلىق ھېلىھەم سۇسلىشىپ قالغىنى يوق.
ئۇيغۇرچە بىتىم-توختاملار يەر سودىسى بىتىم-توختامى، ئۆي-مۈلۈك، باغ-ۋاران سودىسى بىتىم-توختامى، قۇل سودىسى، بالا بېقىۋېلىش بىتىم-توختامىدىن تارتىپ پۇل ئۆتنە-يېرىم بىتىم-توختامى، چارۋا سودىسى بىتىم-توختامى، ئاشلىق زىرائەتلىرى (بۇغداي، قوناق، زىغىر قاتارلىقلار) ئېلىم-سېتىم بىتىم-توختامى، پاختا، رەخت قاتارلىق ئىستېمال بۇيۇملىرى ئۆتنە-يېرىم بىتىم-توختامى قاتارلىقلارغا چېتىشلىق بولۇپ، تۈرلۈك ئىشلارغا چېتىلغان○42. بىتىم-توختاملار مەلۇم شەكىل ئۆلچىمىدە يېزىلغان بولۇپ، قېلىپلاشقان قانۇنىي كۈچكە ئىگە بىتىم-توختام شەكىللەندۈرۈلگەن. ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش داۋامىدا دېھقانلار ئارا ئېلىم-سېتىم، ئۆتنە-يېرىمدا ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى ناھايىتى ئېنىق بولغان؛ بۇيۇملارغا ئېرىشىش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش، باج ھەققىنى ئۈستىگە ئېلىش، ۋەسىيەتنامە قاتارلىقلاردا ھەم شەخسلەر ئارا كېلىشىم قىلىنغان ھەم شاھىدلار، گۇۋاھچىلار بولغان، جەمەت، قېرىنداش، پەرزەنتلىك مەجبۇرىيەت، قەرز مەسئۇلىيىتى قاتارلىقلاردا بەلگىلىمە ناھايىتى ئېنىق بولغان. بەزىدە يەنە تېخى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى كېپىل بولۇپ بىتىم-توختامنىڭ يۈرگۈزۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلغان. تۆۋەندە شۇنداق بىتىم-توختامدىن ئۆرنەك كۆرۈپ باقايلى:
بۇ يەردىكى بىتىم-توختامنى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گېرمانىيە ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتى تۇرپاندىكى مەلۇم بىر كەنتتىن قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، ھازىر تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەركىزىي كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا. تارىخىي ماتېرىيال سۈپىتىدە بۇ بىتىم-توختامنىڭ مەزمۇنى، شەكلىگە قاراپ باقايلى:
توڭگۇز يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى
مەنكى تۆربېشى ئېقىۋاتقان تىزا (چاۋياستۇك) غا ئېھتىياجىم چۈشكەنلىكتىن، ئاتامنىڭ ماڭا مىراس قالدۇرغان، جوڭقۇرۇشقا ئون ئالتە ئەركەك ئاران يېتىشىدىغان ئۈزۈمزارنىڭ ماڭا تەئەللۇق بولغان كۈن چىقىش ياقتىكى يېرىمىنى ئۇتۇچى بىلەن بۇقا ھاسان ئىككىسىگە سېتىپ يۈز چاۋياستۇك ئالدىم، سودىمىز لىللا بولدى.
[بۇ يەر] بۈگۈندىن باشلاپ ئەبەدىل-ئەبەد سېتىۋالغۇچى ئۇتۇچى بىلەن بۇقا ھاسان ئىككىسىنىڭ ئىلكىگە ئۆتتى. خاھلىسا ئۇلار ئۆزلىرى تېرىسۇن، خاھلىمىسا باشقىلارغا سېتىۋەتسۇن. مۇشۇ بىتىم پۈتۈلگەن كۈنى مەن ئۈزۈمزارنى ساتقان تىزا (چاۋياستۇك) نى ساق ساناپ تاپشۇرۇپ ئالدىم.
بىزكى ئۇتۇچى بىلەن بۇقا ھاسان ئىككىيلەن [مۇ] پۇلىنى ئەينەن ساناپ بەردۇق.
بۇ ئۈزۈمزار خۇسۇسىدا ساتقۇچى پەقىر تۆربېشىنىڭ قېرىنداش-جىيەنلىرى كىمدە-كىم بولسۇن تالاش-تارتىش قىلمىسۇنلار، ناۋادا كىمەرسەكىم ھوقۇقىغا تايىنىپ، يالۋاچلار [موڭغۇللارنىڭ] نىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ماجرا تۇغدۇرماق بولسا، ئۇلار چوقۇم [موڭغۇل] خاقانى ئالىيغا بىر ياستۇك ئالتۇن تاپشۇرغاي؛ خەزىنىگە بىر ياستۇك كۈمۈش تاپشۇرغاي؛ بەگ [يەرلىك ئەمەلدار] بىلەن خان غوجامغا بىردىن ئىگەرلىك ئارغىماق كەلگىدەك جەرىمانە تاپشۇرغاي. ئۇلارنىڭ ئۇشبۇ بىتىمگە خىلاب باشقا دەۋەتلىرى [سۆزلىرى] بىردەك ئىناۋەتسىزدۇر.
بۇ بارماق ئىزى: پەقىر تۆربېشىنىڭ؛
بۇ بارماق ئىزى: پەقىرنىڭ گۇۋاھچىسى ئىلچى بۇقانىڭ؛
بۇ بارماق ئىزى: پەقىرنىڭ گۇۋاھچىسى ئۇر قايانىڭ؛
بۇ بارماق ئىزى: پەقىرنىڭ گۇۋاھچىسى ئۇتۇچىنىڭ؛
بۇ بارماق ئىزى: پەقىرنىڭ گۇۋاھچىسى ئۇتمىشنىڭ؛
[مەزكۇر ەۇۋاھلىق بىتىمىنى] مەنكى تۆربېشى ئۆزۈم بىلەن يازدىم○43.
مەزكۇر بىتىم سۆز-جۈملىلىرى بەك پاساھەتلىك بولمىغىنى بىلەن يەر ئېلىپ-ساتقۇچى ئىككىيلەننىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۆز تىلىدا ئەينى چاغدا ئېقىۋاتقان بىتىم شەكلى بويىچە يېزىلغان. بىتىمدىكى «چاۋ» «تىزا(قەغەز پۇل)» دەپ تەرجىمە قىلىندى. سۇڭ سۇلالىسى ۋە يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئوبوروت قىلىنىدىغان پۇل قەغەزدىن ياسالغان بولۇپ، «چاۋ» دېيىلگەن. تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوبوروت پۇلىنىڭ نامىمۇ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە «چاۋ»، دېيىلەتتى؛ ئۇيغۇرچىدىكى «ياستۇك» فارسچىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، پۇلنىڭ قىممىتى ياكى ئېغىرلىقىنى ئىپادىلەيدىغان مىقدار سۆز ئىدى. بۇ بىتىمنىڭ يىل دەۋرى 13-ئەسىرگە تەۋە. 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىدۇققۇتى (خانى) بارچۇق ئارتتېكىن موڭغۇللارغا ئىتائەت قىلغان ھەمدە چىڭگىزخانغا بەشىنچى ئوغۇل بولغان (ئەمەلىيەتتە كۈيئوغۇل). شۇنداق قىلىپ تەڭرىتاغ ئۇيغۇر (畏兀儿) ئىدۇققۇتلۇق ھاكىمىيىتى بىلەن بۈيۈك موڭغۇل ئۇلۇسى (ئېلى) ئوتتۇرىسىدا مۇقىم ھامىيلىق-قاراملىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان. بۇ تەدبىر ئۇيغۇر ئېلىنى بىر مەيدان بىھۇدە قانلىق ئۇرۇشتىن ساقلاپلا قالماي بەلكى شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ئەسىرگە يېقىن مەزگىلدە ئۇيغۇر (畏兀儿) جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تىنچ تاشقى مۇھىت يارىتىپ بەردى. تۆربېشى ئىسىملىك بۇ ئۈزۈمزارنى ساتقان خوجايىنغىمۇ موڭغۇل خاقانى ۋە ئۇنىڭ يالۋاچلىرى (دارۇغاچلىرى) نىڭ ھوقۇق-ئىمتىيازلىرىنى ئوبدان بىلگەچكە، ئۆزىنىڭ بۇ بىتىمىدە بۇ نۇقتىنى ئېنىق يازغان.
بۈگۈنكى كۈندە قولىمىزدا بار بولغان تارىخ ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، بوستانلىق يېزا ئىگىلىكى رايونىدىكى يېزا-كەنتلەردە چوڭ زېمىندارلار بارلىقى توغرىلىق خاتىرىلەر ئۇچرىمايدۇ. ۋاڭ يەندېنىڭ كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىدىن قالدۇرغان خاتىرىسىدىن قارىغاندىمۇ تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلى دەۋرىدە زېمىندارلار بىلەن دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدا كۆپ پەرقلەر يوق. بەزىدە، دېھقانچىلىقنىڭ ئارسالدى چاغلىرىدا، قورۇقلاردىكى زېمىندارلارمۇ تۆگە كارۋانلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ سودا-تىجارەتكە چىققان (TIID338). يەنە ئۇيغۇرچە «بىنتوڭنى سېتىش بىتىمى 1-3» مۇ ناھايىتى مەشھۇر بىتىم. ئارخېئولوگىيەلىك قېزىۋېلىنغان ئۇيغۇرچە بىتىم قاتارلىق تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، نامراتلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى قەرز ئېلىشتا رەنىگە قويغان ياكى قۇللۇققا ساتقان؛ يەنە بىر يېزىدىن يەنە بىر يېزىغا بېرىپ تېنىنى سېتىپ قۇل بولىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولغان. ناۋادا قۇل بولغان بولسا پۇل تۆلەپ ھۈرلۈككە ئېرىشىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولغان. مىلادى 10-ئەسىردىن 14-ئەسىرگىچە بولغان ئۇيغۇر سەھرا مەدەنىيەتى ئەينى دەۋردىكى ئۇيۇغۇر دەھرىي مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلغان بولۇپ، بىتىم-توختام ئالاھىدىلىكىدىكى دەھرىيلىك مەدەنىيەتى بىزگە تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بوستانلىق يېزا ئىگىلىكى رايونىدىكى سەھرا مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن تېپىلغان ئۇيغۇرچە بىتىم-توختاملار خېلى بۇرۇنلا ھەرقايسى ئەللەردىكى غەربىي يۇرت تارىخى تەتقىقاتچىلىرى، مۇتەخەسىسلىرىنىڭ غايەت زور قىزىقىشى ۋە تەتقىقات قىزغىنلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، مەخسۇس بىر ئىلىمگە ئايلانغان. تۈرلۈك ئۇيغۇرچە بىتىم-توختاملار ئىپتىدائىيلىقى، چىنلىقى، ئىشەنچلىكلىكى، ئەتىۋارلىقى ۋە ناھايىتى يۇقىرى ئىلمىي تەتقىقات قىممىتى بىلەن دۇنيادا داڭلىق.
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلى تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىمىدىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مەركىزىي ئاسىيا، ئوتتۇرا يەر دېڭىزى دۇنياسى بىلەن بولغان يىپەك يولى سودىسىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان بولۇپ، تۆگە كارۋىنى سودا ئىقتىسادى ئالاھىدىلىكىدىكى مەركىزىي ئاسىيا مەدەنىيىتى مۇشۇ يەردە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيەتى بىلەن ئۇچرىشىپ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي گىرۋەكلىرىدىكى قاراخانىلار ئېلى بىلەن بىرلىكتە ئوخشاش بىر مىللەت، ئىككى خىل ھاكىمىيەت بولۇپ شەكىللىنىپ ئۆزگىچە رەڭدارلىققا ئىگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان. تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيەتى ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر بۇددىزم مەدەنىيەتىگە ۋەكىللىك قىلسا، قاراخانىلار ئېلى ئىسلاملاشقاندىن كېيىنكى تۈرك-ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەتىگە ۋەكىللىك قىلغان.
مەشھۇر غەربىي يۇرت تارىخشۇناسى خانېدا تورۇ ئۆزىنىڭ «غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» ناملىق ئەسىرىدە: «ناھايىتى قەدىم زامانلاردىن بېرى غەربىي يۇرتنىڭ كۆپ قىسىمى ياكى بىر قىسىمى شىماللىقلارنىڭ تەسىر دائىرىسىدە بولۇپ كەلگەن، بۇنىسى ھەيران قالارلىق ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زېمىننى بويسۇندۇرۇشى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇلار بۇ يەرگە كېلىپلا ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇش ئەنئەنىسىدىن ۋاز كېچىپ شەھەر ئاھالىلىرىگە ئۆزگىرىپ بۇ يەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى» دەپ يازىدۇ.
ئۇ يەنە ئارقىدىنلا «ھالبۇكى ئۇيغۇر مەدەنىيەتىنىڭ ئالاھىدىلىكى سىڭىشىپ يۇغۇرۇلغان مەدەنىيەتتۇر. خۇددى باشتا ئېيتقىنىمىزدەك، ئۆتمۈشتىكى تۈرلۈك غەربىي يۇرتلۇقلار، جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، سىڭىشىشكەن يۇغۇرۇلما ئىزنالىرى يوق. ھازىر ئۇيغۇرلار شەرقنىڭ، غەربنىڭ، ئىرق-مىللەتنىڭ دەپ سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەستىن ئۆزلىكىدىنلا تەبىئىي قوبۇل قىلغان، شۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك مەدەنىيەتلەر ئۇلارنىڭ جەمئىيىتىدە تەدرىجىي سىڭىشىپ يۇغۇرۇلۇپ، بىرخىل بىرىكمە مەدەنىيەت ھاسىل قىلغان، بۇنىڭ ھېچبىر ھەيران قالغۇچىلىكى يوق. بۇ، ئۆتمۈشتىكى غەربىي يۇرتتا بالدۇرلا يۈزبېرىشكە تېگىشلىك ئىدى، ئەمما شەرق-غەرب مەدەنىيەتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى روشەن بولماسلىق ۋەزىيىتىنىڭ سەۋەبى غەربىي يۇرتلۇقلار، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆز مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە مەھكەم ئېسىلىۋېلىشىشدىن بولدى. ھالبۇكى، بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردا ئۇنداق جاھىللىق يوق ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، غەربىي يۇرتتا كۆرۈلگەن بۇنداق بىرىكمە مەدەنىيەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۇيغۇرلارنىڭ غەربىي يۇرتنى ئىختىيارىغا ئالغاندا زېممىسىگە يۈكلەنگەن بۇرچ، دېيىشكە بولىدۇ»○44.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھاتلار:
○1 [ياپونىيە] ئىخارا خىروشى، ئۇمېمۇرا خىروشى: «دۇنيا تارىخى (7). سۇڭ سۇلالىسى ۋە مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تارىخى»، مەركىزىي جامائەت پىكرى يېڭى نەشرىياتى 2008-يىل نەشرى، 331-بەت.
○2 فېڭ چېڭجۈن تەرجىمە قىلغان: «غەربىي يۇرت-جەنۇبىي دېڭىز تارىخى ئارخېئولوگىيەلىك پاكتلاردىن تەرجىمىلەر مەجمۇئەسى» 7-توم، سودا باسمىخانىسىنىڭ قايتا نەشرى، 1995-يىل نەشرى.
○3 [ئىران] ئاپتورى نامەلۇم: «ھۇدۇدۇلئالەم»، ۋاڭ جىلەينىڭ ئىزاھلىق تەرجىمىسى، شاڭخەي قەدىمقى ئەسەرلەر نەشرىياتى 2010-يىل نەشرى، 68-بەت.
○4 سۇڭ چى، ئوۋياڭ شيۇ: «يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»، جۇڭخۇا كىتابخانىسى 1982-يىل نەشرى، 6129~6141-بەتلەر.
○5 [ياپونىيە] ئىخارا خىروشى، ئۇمېمۇرا خىروشى: «دۇنيا تارىخى (7). سۇڭ سۇلالىسى ۋە مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تارىخى»، مەركىزىي جامائەت پىكرى يېڭى نەشرىياتى 2008-يىل نەشرى، 302-بەت.
○6 يۇقىرىقى كىتاب، 368-بەت.
○7 تۈزۈش گۇرۇپپىسى: «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989-يىل نەشرى، 43~44-بەتلەر.
○8 يۇقىرىقى كىتاب، 48-بەت.
○9 ليۇ شۈ: «كونا تاڭنامە»، 195-جىلد، «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»، جۇڭخۇا كىتابخانىسى 1982-يىل نەشرى، 5213-بەت.
○10 [فرانسىيە] ئالي مازاخېرى: «يىپەك يولى ـــــ جۇڭگو-ئىران مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخى»
Aly Mazahéri 《La Route De La Soie Paris》
1983-يىل نەشرى، گېڭ شېڭجۇڭ تەرجىمىسى، جۇڭخۇا كىتابخانىسى 1993-يىل نەشرى، 235-بەت.
○11 يۇقىرىقى كىتاب 435~436-بەتلەر.
○12○13 [ياپونىيە] ئىخارا خىروشى، ئۇمېمۇرا خىروشى: «دۇنيا تارىخى (7). سۇڭ سۇلالىسى ۋە مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تارىخى» 2-قىسىم: «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلى»، مەركىزىي جامائەت پىكرى يېڭى نەشرىياتى 2008-يىل نەشرى، 279~499-بەتلەر.
○14 «بۈيۈك تاڭ يارلىقلىرى» 128-جىلد، يەنە «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» 249-جىلد، يەنە [ياپونىيە] ئىخارا خىروشى، ئۇمېمۇرا خىروشى: «دۇنيا تارىخى (7). سۇڭ سۇلالىسى ۋە مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تارىخى» 2-قىسىم: «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلى»، مەركىزىي جامائەت پىكرى يېڭى نەشرىياتى 2008-يىل نەشرى،368-بەت.
○15 قاغاننىڭ ئوتۇغات نامى: ئۇلۇغ تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالپ قۇتلۇغ بىلگە قاغان (Ulugh Tengride Qut Bolmish Alp Qutlugh Bilge Qaghan(
○16 ياڭ شېڭمىن: «ئۇيغۇر تارىخى»، گۇاڭشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2008-يىل نەشرى، 156-بەت.
○17 [ياپونىيە] يامادا نوبۇئو، ئۇمېمۇرا خىروشىلارنىڭ ئالاقىدار ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىڭ (ئىزاھاتى بېرىلگەن)؛ [ياپونىيە] ئابې تاكېئو: «غەربىي ئۇيغۇر ئېلى تارىخى تەتقىقاتى»، سۇڭ سۇيىڭ قاتارلىقلار تەرجىمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985-يىل نەشرى؛ [ياپونىيە] مورىياسۇ تاكائو: «ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى توغرىسىدا»، «مىللەتلەر تەرجىە مەجمۇئەسى» نىڭ 1980-يىل 1-سانىغا بېسىلغان.
○18 [ياپونىيە] ئىخارا خىروشى، ئۇمېمۇرا خىروشى: «دۇنيا تارىخى (7). سۇڭ سۇلالىسى ۋە مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تارىخى» 2-قىسىم: «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلى»، مەركىزىي جامائەت پىكرى يېڭى نەشرىياتى 2008-يىل نەشرى، 336-بەت.
○19 ○20 [ياپونىيە] ئىخارا خىروشى، ئۇمېمۇرا خىروشى: «دۇنيا تارىخى (7). سۇڭ سۇلالىسى ۋە مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تارىخى» 2-قىسىم: «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلى»، مەركىزىي جامائەت پىكرى يېڭى نەشرىياتى 2008-يىل نەشرى، 342~347-بەتلەر.
○21 «بۈيۈك تاڭ يارلىقلىرى» 123-جىلد «ئۇيغۇر قاغانىغا ئەۋەتىلىدىغان يارلىق خۇسۇسىدا كېڭەش».
○22○23[ياپونىيە] ئىخارا خىروشى، ئۇمېمۇرا خىروشى: «دۇنيا تارىخى (7). سۇڭ سۇلالىسى ۋە مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تارىخى» 2-قىسىم: «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ئېلى»، مەركىزىي جامائەت پىكرى يېڭى نەشرىياتى 2008-يىل نەشرى، 279~499-بەتلەر.
○24 «سۇڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەردىن تاللانما. ۋاسساللار» 4-جىلد، جۇڭخۇا كىتابخانىسى 1957-يىل نەشرى، 7721~7722-بەتلەر. يەنە [فرانسىيە] R.J.خامېلتون: «بەش دەۋردىكى ئۇيغۇر تارىخى ماتېرىياللىرى» دىن پايدىلىنىڭ، گېڭ شېڭجۇڭ تەرجىمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1982-يىل نەشرى.
○25 [ياپونىيە] ئىخارا خىروشى، ئۇمېمۇرا خىروشى: «دۇنيا تارىخى (7). سۇڭ سۇلالىسى ۋە مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تارىخى»، مەركىزىي جامائەت پىكرى يېڭى نەشرىياتى 2008-يىل نەشرى، 342-بەت.
○26 [ياپونىيە] ئىخارا خىروشى، ئۇمېمۇرا خىروشى: «دۇنيا تارىخى (7). سۇڭ سۇلالىسى ۋە مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تارىخى» مەركىزىي جامائەت پىكرى يېڭى نەشرىياتى 2008-يىل نەشرى، 346-بەت.
○27 [ياپونىيە] يامادا نوبۇئو: «يىراق تەڭرىتاغ ـــــ ياۋرو-ئاسىيا ۋە ياپونىيەلىكلەر»، كونان ئۇنىۋېرسىتېتى مەجمۇئەلەر جەمئىيىتى باسمىسى، 1994-يىل نەشرى، 183-بەت.
○28 [ياپونىيە] ئىخارا خىروشى، ئۇمېمۇرا خىروشى قاتارلىقلار: «دۇنيا تارىخى (7). سۇڭ سۇلالىسى ۋە مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تارىخى» مەركىزىي جامائەت پىكرى يېڭى نەشرىياتى 2008-يىل نەشرى، 348-بەت.
○29 توتو قاتارلىقلار: «سۇڭنامە» 490-جىلد «قوچۇ تەزكىرىسى»، جۇڭخۇا كىتابخانىسى 1982-يىل نەشرى، 14109~14113-بەتلەر.
○30 ۋاڭ يەندې: «ئۇيغۇر ئېلىگە ئەلچىلىك خاتىرىسى».
○31 [ياپونىيە] ئىخارا خىروشى، ئۇمېمۇرا خىروشى قاتارلىقلار: «دۇنيا تارىخى (7). سۇڭ سۇلالىسى ۋە مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تارىخى» مەركىزىي جامائەت پىكرى يېڭى نەشرىياتى 2008-يىل نەشرى، 349-بەت.
○32 سۇڭ چى، ئوۋياڭ شيۇ: «يېڭى تاڭنامە. تۈركلەرر تەزكىرىسى، جۇڭخۇا كىتابخانىسى 1982-يىل نەشرى، 6031~6046-بەتلەر.
○33 توتو قاتارلىقلار: «لياۋ سۇلالىسى تارىخى» 29-جىلد «يوللىغ ئاغا (تيەن زودى) تەرجىمىھالى» 3-مەجمۇئە، جۇڭخۇا كىتابخانىسى 1982-يىل نەشرى، 341~350-بەتلەر.
○34 لى تاۋ: «‹ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر›نىڭ قوشۇمچىسى. سۇڭ سۇلالىسى تەزكىرىسى» 95-جىلد.
○35 [ئىران] جۇۋەينى: «تارىخى جاھان كۇشاي (دۇنيانى بويسۇندۇرغۇچىنىڭ تارىخى)» (1-توم)، خې گاۋجى تەرجىمىسى، ۋېڭ دۇجيەن بېكىتكەن، ئىچكى موڭغۇل خەلق نەشرىياتى 1980-يىل نەشرى، 49~50-بەتلەر.
○36 [ياپونىيە] ساگوچى تورۇ ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ مىللەتلىرى تارىخى تەتقىقاتى»، جاڭ يىڭ تەرجىمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993-يىل نەشرى، 113-بەت.
○37 ت.مۇزارت: «ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى (بېيجىڭ) 1995-يىل نەشرى، 128-بەت.
○38 لى جىڭۋېي: «قەدىمقى ئۇيغۇرچە يادىكارلىق ‹مانى مۇرىتلىرىنىڭ تۆۋە-ئىستىغفارنامەسى› نىڭ تەرجىمە ئىزاھى»، «دۇنيادىكى دىنلار تەتقىقاتى» مەجمۇئەسىنىڭ 1982-يىل 3-سانى.
○39 [ياپونىيە] يامادا نوبۇئو قاتارلىقلار: «ئۇيغۇرچە بىتىم-توختاملار» (ئۈچ توملۇق نەشرى) 1-توم، ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىيات جەمئىيىتى 1993-يىل نەشرى، 30~39-بەتلەر.
○40 [گېرمانىيە] ئا. ۋون.گابائىن: «تۇرپاندىن يىغىۋېلىنغان مەتبەئە بۇيۇملىرى»؛ [ياپونىيە] ئىخارا خىروشى، ئۇمېمۇرا خىروشى قاتارلىقلار: «دۇنيا تارىخى (7). سۇڭ سۇلالىسى ۋە مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تارىخى» مەركىزىي جامائەت پىكرى يېڭى نەشرىياتى 2008-يىل نەشرى، 486-بەت.
○41 ماھمۇد كاشغەرىي: «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» (ئۇيغۇرچە نەشرى) 1-توم، شىنقاڭ خەلق نەشرىياتى 1984-يىل نەشرى، 40-بەت؛ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» (خەنزۇچە نەشرى)، مىللەتلەر نەشرىياتى (بېيجىڭ) 2002-يىل نەشرى، 32-بەت.
○42 [ياپونىيە] يامادا نوبۇئو قاتارلىقلار: «ئۇيغۇرچە بىتىم-توختاملار» (ئۈچ توملۇق نەشرى) 1-توم، ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىيات جەمئىيىتى 1993-يىل نەشرى، 31~33-بەتلەر.
○43 [ياپونىيە] ئىخارا خىروشى، ئۇمېمۇرا خىروشى قاتارلىقلار: «دۇنيا تارىخى (7). سۇڭ سۇلالىسى ۋە مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تارىخى» مەركىزىي جامائەت پىكرى يېڭى نەشرىياتى 2008-يىل نەشرى، 355~357-بەتلەر.
○44 [ياپونىيە] خانېدا تورۇ: «غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان»، گېڭ شىمىن تەرجىمىسى، جۇڭخۇا كىتابخانىسى 2005-يىل نەشرى، 65~66-بەتلەر.
بايانات

تارىخ ئۆگىنىپ ئەسلىمىزنى ئونۇتمايلى!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى