يىلتىز تارىخ يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

چەتئەللىكلەر نەزەرىدىكى قەشقەر

چەتئەللىكلەر نەزەرىدىكى قەشقەر

ۋاقتى: 2015-10-27 ئاۋاتلىقى: 1243 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

چەتئەللىكلەر نەزەرىدىكى قەشقەر
ئابابەكرى ئابدۇرەشىت

  قەشقەر — ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى، يىپەك يولىدا پارلىغان نۇرلۇق مەرۋايىت، ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەر. تارىم ۋادىسىدا ياشىغۇچى تۈركىي ۋە باشقا مىللەتلەر خېلى قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ياشاپ مول ۋە رەڭدار بولغان شانلىق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان. ئۇيغۇرلانىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى بۈيۈك قاراخانىيلار خانلىقى قەشقەرنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان. قاراخانىيلار سۇلالىسى ئاز كەم 400 يىل سەلتەنەت سۈرۈش جەريانىدا، قەشقەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولۇپ، قوشنا ئەللەر مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
  ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولغان Ⅵ ئەسىردە بارلىققا كەلگەن دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە ۋەكىل خاراكتېرىدىكى ئىككى پارچە شانلىق ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» قەشقەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ مۇئەللىپى قەشقەرلىك. «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئاپتورى يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئۆلمەس ئەسەرنى قەشقەردە ئىجاد قىلغان ۋە قەشقەردە ياشاپ ئۆتكەن①.
  قەشقەر رايونى قەدىمدە جەنۇبىي ۋە شىمالىي يىپەك يولىنىڭ قوشۇلۇش نۇقتىسىدا بولغاچقا، ئۇ يالغۇز شەرق بىلەن غەرب سودا ئىشلىرىدا مۇھىم جاي بولۇپلا قالماستىن، شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئالمىشىشىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇپ، دۇنيادىكى تۈرلۈك مەدەنىيەتلەر ۋە نام – ئاتىقى بار بىر قانچە چوڭ دىن بۇ زېمىندا ئۇچراشقان. شۇ تۈپەيلى چەت ئەللىك بەزى ئالىملار بۇ رايوننى ناھايىتى كېلىشتۈرۈپ «خەلقئارا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچىلى» دەپ سۈپەتلىگەن.
  ۋەھالەنكى، سەئىدىيە خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، خىلمۇ – خىل ئىچكى – تاشقى نىزالار ۋە چوڭ – كىچىك يېغىلىقلار تۈپەيلى، قەشقەر تارىختىكى ئۇلۇغ سەلتەنىتىنى يوقىتىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. ئۇزاق تارىخىي جەريان ۋە زور بەدەللەر ئاستىدا يارىتىلغان شانلىق مەدەنىيەت ھاسىلاتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ۋەيران قىلىنىپ، ئەمەلدار، بەگ – تۆرىلەر نام – ئەمەل ۋە مال – دۇنيا كويىدا تۈگىمەس جەڭگې – جېدەللەر بىلەن بەنت بولغان بېكىك رايون ئىدى. تارىم ئويمانلىقىدا يارىتىلغان پارلاق قەدىمكى زامان مەدەنىيىتى يىپەك يولىنىڭ خاراپلىشىشى بىلەن ئاستا – ئاستا قۇم بارخانلىرى ئاستىغا كۆمۈلۈپ، ئەينى دەۋردە بارچە ئەل كىشىلىرىگە كەڭ قۇچاق ئاچقان بۇ سېخىي زېمىننىڭ قاينام – تاشقىنلىققا تولغان مەنزىرىسى توقالغانىدى.
  قەشقەر تارىمنىڭ يۈرىكى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىمنىڭ غرىبلىقى، بېكىكلىكىدىن مۇستەسنا بولالمىدى. سەيياھلار كارۋانلىرى قەدىمىنىڭ يېتىشى بىلەن تارىختىكى سەلتەنىتىنى يوقاتقان، ئۇنتۇلغان «قەدىمىي ماكان» – قەدىمىي ماكان قەشقەرنى كىشىلەر قايتىدىن ئەسكە ئېلىشتى. ئاز بولمىغان سەيياھلار، تەۋەككۈلچىلەر، دىن تارقاتقۇچىلار، جاھانكەزدىلەر ۋە ھۆكۈمەت ئەلچىلىرى ئارقا – ئاقىدىن بۇ مۇقەددەس زېمىنغا قەدەم باستى. قەشقەر بەزىدە تەۋەككۈلچىلەرنىڭ تەلەي سىناش مەيدانى بولسا، بەزىدە «ئەجنەبىيلەرنىڭ شەرقتىكى جەننىتى» بولدى، يەنە بەزىدە رەقىبلەرنىڭ تىركىشىش سورۇنىغا ئايلاندى. ھەر خىل كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ئوخشاش بولمىغان ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى. چەت ئەللىك سەيياھلار بۇ دىيارنى تەكشۈردى، تەتقىق قىلدى، شۇنداقلا قەشقەر ھەققىدە مۇھىم بولغان خاتىرىلەرنى يېزىپ قالدۇردى. سەيياھلارنىڭ قەشقەرگە كېلىشى ئەڭ دەسلەپتە ئىتالىيىلىك ساياھەتچى ماركوپولودىن باشلانغان بولسا، چوقان ۋەلىخانوف، كوروپاتكىن، روبىرت شاۋ، سۋېن ھېدىن، ماكارتىنىي، گۇننار يارىڭ، نوشېرۋان يائوشېف… قاتارلىقلارمۇ ئۆز مۇددى.اسى بويىچە قەشقەر سەپىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، قەشقەر تارىخى، سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ئەھۋالى ۋە ئاۋامنىڭ تۇرمۇشى … قاتارلىق جەھەتلەردىن خېلى ئەترااپلىق تونۇش – تەسىراتقا ئىگە بولغانىدى.
  سەككىز ئەسىر ئىلگىرىكى قەشقەرنىڭ بايانى
  1271- يىلى ئىتالىيىلىك ماركوپولو ۋېنتسىيىدىن يولغا چىقىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق 1275- يىلى 5- ئايدا قۇبلەي خاننىڭ ئوردىسى خانبالىق (بېيجىڭ) قا يېتىپ بارىدۇ ھەمدە بۇ يەردە بىر قانچە يىللار تۇرغاندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ «ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە ئەينى دەۋردىكى قەشقەر شەھىرى ۋە ئاھالىسىنىڭ سودا – تىجارىتى ھەققىدە مۇنۇلارنى يازىدۇ: «ئاخىر بىز قەشقەر (arckash، ragkash دېگەن يەرگە يېتىپ كەلدۇق، رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ يەر قەدىمكى زاماندا بىر پادىشاھلىق دۆلەت ئىكەن. لېكىن ھازىر ئۇلۇغ خاننىڭ زېمىنىغا ئېلىنىپتۇ. ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىكەن. بۇ يەرنىڭ زېمىنى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، شەھەر – راباتلىرى ۋە قەلئە – قورغانلىرى كۆپ ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ئەڭ مۇھىم شەھەر ھېسابلىنىدىكەن. خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە تىلى بىلەن سۆزلىشىدىكەن. ئۇلار سودا – تىجارەت ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىكەن. بولۇپمۇ توقۇمىچىلىق خېلى تەرەققىي قىلغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ چىرايلىق باغلىرى، مېۋىزارلىقلىرى ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرى بار ئىكەن. كېۋەز، زىغىر ۋە كەندىرنىڭ مەھسۇلاتلىرى مول ئىكەن. بۇلارنى مۇشۇ دۆلەتنىڭ سودىگەرلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئاپىرىپ ساتىدىكەن. ئەمما بۇ ئەلنىڭ خەلقى پاكىزلىققا بەكمۇ دىققەت قىلمايدىغان بولغاچقا، پاسكىنىچىلىقتا بەكمۇ بىچارە ئىكەن. ئوزۇقلۇقى بەكمۇ يىرىك، ئىچىملىكلىرى بەكمۇ سۈپەتسىز ناچار ئىكەن. ئاھالە ئىچىدە مۇسۇلمانلاردىن سىرت، نىستورىئان مەزھىپىدىكى خىرىستىيانلارمۇ بار ئىكەن. ئۇلار ئۆزىنىڭ دىنىي قائىدە – يوسۇنلىرى بويىچە تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. ئۆزلىرىنىڭ ئىبادەتىانىلىردا ئىبادەت قىلىدىكەن. پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى تەخمىنەن بەش كۈنلۈك يولنىڭ مۇساپىسىچىلىك كېلىدىكەن④». مانا بۇ بۇنىڭدىن سەككىز ئەسىر ئىلگىرىكى بىر چەت ئەللىك نەزەرىدىكى قەشقەرنىڭ بايانى، ئەينى دەۋردىكى قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئاھالىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، تىرىكچىلىك ئەھۋالى ۋە مەدەنىي ھاياتىنىڭ كارتىنىسى.


روسىيەلىكلەر نەزەرىدىكى قەشقەر
  ماركوپولودىن كېيىن، پۈتكۈل ياۋروپا ئەللىرىگە ناتونۇش بولۇپ كېلىۋاتقان ئالتە شەھەردىن ئىبارەت بۇ سىرلىق ماكاننى قايتىدىن ياۋروپاغا تونۇتقان تۇنجى ئېكىسپىدىتسىيىچى چوقان ۋەلىخانوف ئىدى.
  چوقان ۋەلىخانوف ⅩⅨ ئەسىردە قازاقلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان مەشھۇر تارىخچى، جۇغراپىيەشۇناس ھەم ئېكىسپىدىتسىيىچى. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى مۇھەممەت ھەنەپى بولۇپ، چوقان ئۇنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى. چوقان 18 يېشىدا ئارمىيەگە قاتنىشىپ، روسىيەنىڭ غەربىي سىبىر گوبىرناتورلىقىدا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1856- يىلى 5- ئايدا چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن سېمېنوف تىيانشانىسكىي باشچىلىقىدىكى ئېكىسپىدىتسىيە ئەترىتى تەركىبىدە تەڭرىتاغنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1856- يىلى 8- ئايدىن 10- ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە غۇلجىدا ئۈچ ئايلىق تەكشۈرۈشتە بولغان، بۇ جەرياندا ئۇ « چىڭ ئىمپىرىيىسىنىڭ غەربي قىسمى ۋە غۇلجا شەھىرى» ناملىق ساياھەت خاتىرىسىنى يازغان.
  چوقان ۋەلىخانوفنىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ 1858- يىلىدىن 1859- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا قەشقەرگە قىلغان سەپىرى ۋە بۇ ھەقتىكى دۇنياغا مەشھۇر خاتىرىلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ قەشقەردىكى پائالىيىتى جەريانىدا «تەزكىرەئى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان»، «تەزكىرەئىي خوجەگان»، «تەزكىرەئىي تۇغلۇق تۆمۈرخان» ۋە «ئەبۇ مۇسلىم مەرۋەزى» قاتارلىق قوليازمىلارنى قولغا چۈشۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ئاز ئۇچرايدىغان تاغ جىنسلىرى ۋە ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىلىرىنى توپلايدۇ. چوقان قەشقەر سەپىرىدىن قايتقاندىن كېيىن «قەشقەرگە سەپەر» ناملىق كۈندىلىك خاتىرىسى بىلەن «ئالتە شەھەر خاتىرىلىرى» ناملىق ساياھەت خاتىرىسىنى يېزىپ قالدۇرىدۇ.
  چوقان تۈركىي تىللىق خەلقلەردىن قەشقەرگە كەلگگن تۇنجى سەيياھ بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر تىلى بىلەن قازاق تىلىنىڭ تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى، ئۇيغۇرلار تۇمۇشى بىلەن نىسبەتەن تونۇش بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن قەشقەر توغرىسىدا خېلى چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق تونۇشقا ئىگە بولىدۇ. ئۇنىڭغا قەشقەرنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى ياقىدۇ، ئۇ قەشقەرنىڭ ئىقلىمىنى «ئادەمگە يېقىشلىق، سالامەتلىككە پايدىلىق، ياتلارنىمۇ يەكلىمەيدۇ. قىش پەسلى قىسقا، تۈۈزك قار ياغمايدۇ»⑤دەپ تەرىپلەيدۇ. چوقان ۋەلىخانوف ئەينى دەۋردىكى ئالتە شەھەرلىكلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئاتىشى ۋە ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئىپادىلىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان، ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلار يۇرت ناملىرى ۋە باشقا بەزى ناملار بىلەن ئاتىلىپ، «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ مىللەت نامى ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمەيتتى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق يازىدۇ: «كىچىك بۇخارا (ئالتە شەھەر) نىڭ يەرلىك ئاھالىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن مىللەت نامى يوق، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا قەشقەرلىك، خوتەنلىك، قۇمۇللۇق دېگەندەك يۇرت ناملىرى بىلەن ئاتايدۇ. مانجۇلار (ياكى خەنزۇلار) نى چەنتۇ ياكى قالماق دەپ ئاتىشىدۇ.ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار بىلەن قىرغىزلار ئالتە شەھەرلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى قەشقەرلىكلەر دەپ ئاتشىدۇ.  بۇ يۇرتنىڭ ئاساسىي ئاھالىسى تۈركىي تىلنىڭ ئالاھىدە بىر دېئالېكتىدا سۆزلىشىدۇ، خاراكتېرى ۋە رەڭگىرويىغا قارىغاندا ئالتە شەھەرلىكلەرنىڭ ھەممىسى بىر مىللەت»⑥. چوقان ساياھىتى جەريانىدا، ئالتە شەھەرلىكلەرنىڭ ئادىمىيلىكى، كىشىلىك پەزىلىتى ۋە قائىدە يوسۇنلىرىدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىدۇ ھەم بۇ ھەقتىكى تەسىراتلىرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئالتە شەھەرلىكلەرنىڭ ئادەمگگرچىلىك قائىدە – يوسۇنلىرىنى قانچە ماختىساق ماختىغۇچىلىكى بار. مانجۇ خانىدانلىقىنىڭ ئامبال – بەگلىرى ئۇلارنى گۇمانخور، يالغانچى، ھۇرۇن ھەم نادان دېيىشىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ئۇلارنى قورقۇنچاق، دىنى سۇس، ھەم بۇزۇق دېيىشىدۇ. بۇ مىللەتنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان پۈتمەس – تۈگىمەس قۇللۇق ئاسارىتى، زورلۇق – زومبۇلۇق ھەم ئادالەتسىزلىكلەر ئەنە شۇنداق بىر – بىرىگە ئىشەنمەسلىك، ھۇرۇنلۇق، يالغانچىلىق، بۇزۇقلۇق دېگەندەك ئىللەتلەرنىڭ يامراپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىۋاتىدۇ. لېكىن بۇ مىللەتنىڭ باشقا مىللەتلەرگە نىسىپ بولمىغان شۇنداق بىر سېھرىي كۈچى باركى، ئەگەر بۇ مىللەت باشقا بىر ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە بولالىغان بولسىدى، ئۆزلىرى بىلەن بىر دىندىكى باشقا مىللەتلەرنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتى. ئالتە شەھەرلىكلەر كۆيۈمچان، باغرى يۇمشاق، ئوچۇق – يورۇق، ئەمگەكچان ۋە قائىدە – يوسۇنلۇق خەلق. ئۇلار قائىدە – يوسۇننى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدۇ. ئەمما ئالتە شەھەر بەگلىرى قائىدە – يوسۇنلارنى بەك ئاشۇرىۋېتىدۇ»⑦. قەشقەر قاراخانىيلار ىانلىقى دەۋرىدە ئىسلام دىنىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىلىش مەركىزى بولغانىدى. ھالبۇكى، چوقان بۇ يەرلەردىكى ئىسلام ئېتىقادى ۋە ئىسلام يوسۇنلىرىنىڭ باشقا جايلار ( قوقان ۋە بۇخارالار) بىلەن خېلى روشەن پەرقلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، «بۇ يەردە ئىسلام دىنى يەرلىك قائىدە – يوسۇنلارغا بېقىنىپ يەرلىكلىشىپ كەتكەن بولغاچقا، ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش رولىنى يوقاتقان. ئىسلام دۇنياسىنىڭ باشقا جايلىرىدا قەتئىي كۆزگە چېلىقمايدىغان ئاياللار ئازادلىقىنىڭ ئۆزىلا بۇ نۇقتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ»⑧ دەيدۇچوقاننىڭ بۇ يەردە تىلغا ئالغان «ئاياللار ئازادلىقى» دېگەندە، ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشى نەزەردە تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ئالتە شەھەرنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ۋە ئائىلىدىكى ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ھەتتا جەمئىيەت ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان ئاياللارمۇ چىقىپ تۇرىدۇ. يەكەن ھاكىمبېگى ھادىنىڭ ئايالى رەھىمە 1765- يىلى يەكەندە تۈزۈملەرنى چىڭىتىپ ئەلنى ئەمىن تاپقۇزغان. قەشقەر ھاكىمبېگى يۇنۇس ۋاڭنىڭ ئايالى سەكىمەخان مانجۇ قوشۇنلىرىنىڭ قولىدا قازا قىلغان. ئالتە شەھەردە ئاياللار ئەرلىرى بىلەن بىللە مەشرەپ، بەزمىلەرگە بارىدۇ. بۇ يەردە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ئاز ئۇچرايدۇ»⑨ دەيدۇ ھەمدە ئەمەلىي مىساللارنى نەقىل كەلتۈرىدۇ.
  قەشقەرگە كەلگەن چەت ئەللىكلەر ياكى چەت ئەللىكلەر نەزەرىدىكى قەشقەر دېگەن بۇ تېمىدا توختالغاندا، ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چاررۇسىيىدە ياشاپ ئۆتكەن «مەشھۇر كېڭەيمىچىلەرنىڭ بىرى»⑩، روسىيەلىك يەنە بىر سەيياھ ئا.ن. كوروپاتكىننى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتۈش ئارتۇقچە ئەمەس دەپ قارايمىز. 1876- يىلى مايدا تۈركىستاننىڭ باش ۋالىيسى، ياساۋۇل گېنىرال ۋون. كائوفمان ( kaufman von) ياقۇپبەگ ئىشخالىيىتىدىكى رايون بىلەن پەرغانە ئۆلكىسى ئوتتۇرىسىدىكىچېگرا لىنىيىسىنى يېڭىباشتىن ئايرىپ بەلگىلەپ چىقىش ئۈستىدە ياقۇپبەگ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەلچىلەر{A ئۆمىكىنى تۇنجى قېتىم قەشقەرىيەگە ئەۋەتىدۇ. كوروپاتكىن بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى يازىدۇ: «مەن بۇ ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ مەسئۇللۇقىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالدىم. مېنىڭ ئاكام، توپچى قىسىمنىڭ كاپىتانى ن. كوروپاتكىن ( niktapoork.N) ۋە لېتنانت ن. ستارتىسيېۋ (ffestratS.N) بىلەن ئا. سونار گولوۋ (oofloogranooS.A) لارمۇ بۇ ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىقىغا بەلگىلەنگەنىدى. بۇنىڭدىن سىرت بىزگە ساقچىلىق قىلىش ئۈچۈن يەنە 15 كازاك ئەسكەر ئاجرىتىپ بېرىلدى»⑪.
  كوروپاتكىن گەرچە «قەشقەرىيە» ناملىق بىر كىتاب يېزىپ چىققان بولسىمۇ، بۇ يەردىكى «قەشقەرىيە» جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئالتە شەھەرنى كۆرسىتەتتى، شۇ سەۋەبتىن پۈتۈن كىتابتا قەشقەر نامى ئاتىلىپ بېرىلگەن بايانلار كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ. شۇنداقلا ئۇ ئۆز مۇددىئاسىنى ئاساس قىلغان ھالدا يەر شەكلى، رايونلار ئەھۋالى قاتارلىقلارغا ئالاھىدە قىزىقىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق يازىدۇ: «قەشقەرىيە تۈزلەڭلىكىنىڭ يەرلىرى شور تۇپراقلىق، پەقەت بوستانلىقلارلا مۇنبەت كېلىدۇ. قەشقەر دەرياسى ۋادىسىنىڭ جەنۇب تەرىپى كەڭ قۇملۇق چۆل بىلەن قاپلانغان. ئۇنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسملىرىدا قۇملۇقلار ئاز. بۇ جايلاردا ئېدىرلىق شەكلىنى ئالغان قۇملۇقلارنى ئاندا – ساندا ئۇچرىتىش مۇمكىن. تاغ باغرىدىكى يەرلەر شېغىل تاشلىق سايلاردۇر»⑫. «ھەر بىر رايوندا بىردىن شەھەر ۋە نۇرغۇنلىغان چوڭ – كىچىك مەھەللىلەر بار. قەشقەر رايونىغا تەۋە يەرلەردىن سەرمەن، توققۇزاق، قورغان، قاراقىر، بەشكىرەم، ئاۋات، قىزىلبۇي، ياندۇرما، باي توقاي، قوشئاۋات، پەيزاۋات، كوپسەڭگى، تۇپراقلىق، قاراباغ، پاراچ، بوراخىتاي، ناچۇق، دۆلەتباغ ۋە قىزىل دۆۋە قاتارلىقلار بار»⑬. ئۇنىڭدىن باشقا، كوروپاتكىن يازمىسىدا («قەشقەرىيە»دە) قەشقەرنىڭ ئەينى دەردىكى ھەر ساھە ئەھۋالىغا ئالاقىدار خېلى كۆپ ئۇچۇرلار بار.
  تەۋەككۈلچى ئىنگلىزلار ۋە چىنىباغدىكى كونسۇل خانىملىرىنىڭ قەشقەر تەسىراتى
  ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كېڭىيىشى ۋە پامىر رايونىغا تەدرىجىي يېقىنلاپ كېلىشى ھىندىستاننى بېسىپ ياتقان برىتانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغاشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق برىتانىيە ھۆكۈمىتى تارىم ئويمانلىقىغا زور تۈركۈمدىكى ئېكىسپىدىتسىيىچى ۋە ئۇچۇر توپلىغۇچىلارنى ئەۋەتىدۇ. شۇ مەزگىللەردىكى تارىم ۋادىسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەھۋاللىرىدىن ياۋروپا ئەللىرىگە بىر قەدەر ئەتراپلىق ئۇچۇر بەرگۈچى ئەنگىلىيەلىك روبېرت شاۋ ۋە ئۇنىڭ قەشقەر ۋە يەكەن ھەققىدە يازغان «ئەنگليەلىك بىر سودىگەرنىڭ تەۋەككۈلچىلىك خاتىرىسى»⑭دېگەن كىتابىدۇر.
  1868- يىلى 20- سېنتەبىردە ئەمدىلا 29 ياشقا كىرگەن ئەنگليەلىك چاي سودىگىرى ئەنگليەگە قارام ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، لاداق رايونىدىكى لېھ شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، ھىمالايا تاغلىرىنىڭ ئېتىكىدىى سىرلىق ئويمانلىق – ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى يەركەن ۋە قەشقەرگە بېرىش ئىدى. بۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوقان خانلىقىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى ياقۇپبەگ تارىم ۋادىسىنى ئىگىلەپ، بۇ يەرلەرنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمرانىغا ئايلانغانىدى. روبېرت شاۋ ئىلگىر – ئاخىر بولۇپ ياقۇپبەگ بىلەن ئۈچ قېتىم كۆرۈشىدۇ. شۇنداقلا بىر مەزگىل ئۇنىڭ نەزەربەندى ئاستىدا تۇرىدۇ.
  شاۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى سىياسىي مۇددىئانى ئاساس قىلغاچقا، ئۇ كىتابىدا ئاساسەن ياقۇپبەگ ئوردىسىدىكى ۋە سىياسىي، ھەربىي ئىشلارغا ئائىت ئەھۋاللارنى كۆپلەپ بايان قىلغان. قەشقەر ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللار ئانچە كۆپ كۆرۈلمەيدۇ. ئۇ ئەينى دەۋردىكى ھېيت ھارپىسى ۋە قۇربان ھېيت ئەھۋاللىرىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى يازىدۇ: «بۈگۈن چۈشتى كېيىن دقا – دۇمباق ساداسى ئىچىدە ئەتە ھېيت ئىكەنلىكى جاكارلاندى. بەزىلەر بۇ ئۆيلەرگە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن بىر قانچە تۇياق قوي ۋە ئىككى تۆگە ئېلىپ كېلىشتى. تەرجىمانىم بۇلارنىڭ ئىچىدىكى چوڭ قوچقارغا تېگىپ قويغاچقا ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى.، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، قۇربانلىق قىلىندىغان قوينى بوغۇزلاشتىن ئىلگىرى ئالاھىدە ھۆرمەتلەش ۋە ئاسراش كېرەك ئىدى»⑮. ئۇ يەنە مۇندەق يازىدۇ: «بۈگۈن قۇربانلىق بايرىمى، قەشقەرلىكلەر ئۇنى «ھېيت» دەپ ئاتايدۇ. ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئىسمائىلنى قۇربان قىلغان كۈنىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىندۇر. تاڭ سۈزۈلگەندە تۆت پاي زەمبىرەك ئوقى ئېتىلدى. ئارقىدىن يەنە تۆت پاي ئېتىلدى. تەرجىماننىڭ ئېيتىشىچە، 5000 – 6000 دك كىشى ببىر يەرگە توپلىشىپ ئىبادەت قىپتۇ، ئىبادەتكە ياقۇپبەگمۇ قاتنىشىپتۇدەك»⑯.
  1869- يىلى سېنتەبىرگە كەلگەندە، روبېرت شاۋ ياقۇپبەگنىڭ نەزەربەند قىلىشىدىن خالاس بولۇپ، يەكەنگە قايتىشقا ئاتلىنىدۇ. ئۇ سەپەر ئۈستىدىكى كىشىلەر ھەققىدە توختىلىپ، «يەنە بىر توپ ئاياللاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلار بېشىغا قارا گىرۋەكلىك دوپپا كىيگەن، ئاق ياغلىق چەككەنىدى. تۇرالغۇمنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۇلار چۈمبەلنى چۈشۈرۈپ يۈزلىرىنى يۆگىۋەتتى. مەلۇم سالاھىيەتكە ئىگە كىشىلەر ۋە بەگ تۆرىلەر ئۆتكەندە بولسا، قول قوۋۇشتۇرۇپ سالام بەجا كەلتۈرۈپ، ‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم› دەپ ئەھۋال سورىدى. ئۇلار مېنىڭ ئىمانسىزلىقىمدىن ئەسلا شۈبھىلەنمىدى. ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمگە كىيىۋالغان تونۇم ۋە بېشىمغا ئورىۋالغان سەللەمگە قاراپ، تەقۋادار مۇسۇلمان دەپ تونىدى. سېپىل دەرۋازىسىدىن كىرىپ – چىقىۋاتقان ئاتلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. بەگلەر ئېسىل كىمخاپ تونلارنى كىيىپ، بەللىرىگە كۈمۈ  زەيلىك بەلباغلارنى تاقاپ، شەمشەر ئېسىپ، مۈرىلىرىدە مىلتىق كۆتۈرۈۋالاتتى. موللىلار ئۈستىگە سىدام تون، بېشىغا يوغان سەللا كىيەتتى. ئۆتۈك كىيىۋالغان ھارۋىكەشلەر خوجايىنلىرىنىڭ ئاتلىرىنى ئېلىپ چىقىپ ئايلاندۇراتتى ياكى سۇغۇراتتى، ئۇلارنىڭ بىرىنى مىنىۋالسا، يەنە بىرىنى يېتىلىۋالاتتى. ئۇلارنىڭ كىيىملىرى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، سەللىنى كۆزىگىچە يۆگىگەنىدى. ئۇلار ئەنگىلىيەنىڭ ھارۋىكەشلىرىگە تولىمۇ ئوخشاپ كېتەتتى»⑰دەپ يازىدۇ.
  شاۋدىن كېيىن قەشقەرگە كىرگەن ئەنگليەلىك يەنە بىر ئېكىسپىدىتسىيىچى، روبېرت شاۋنىڭ جىيەنى ياڭخازبەند بولۇپ، ئۇ شىنجاڭ ۋە شىزاڭنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلار سەھنىسىدە مۇھىم رول ئوينىغان ئەنگليىلىلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئەمەلىيەتتە ھىندىستاننىڭ شىمالىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئەنگليىدىكى سانىد خۇرست مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، 19 يېشىدا ھىندىستانغا قايتىپ كەلگەن. ئۇ ئەنگليىلىكلەر ۋە روسىيىلىكلەرنىڭ شىنجاڭ، پامىر، قارا قۇرۇم ئېغىزىدىكى ھوقۇق تالىشىش ۋە كۈچ سېلىشتۇرۇش كۈرىشىدە ئاساسلىق رول ئوينىغان كىشى.
  ئۇ ئىلگىرى بېيجىڭدىن يولغا چىقىپ، موڭغۇل دالىسى، تارىم ۋادىلىرىنى بويلاپ كەشمىرگىچە بولغان بىر قېتىملىق ئۇزۇن ۋە مۈشكۈل قۇملۇق سەپىرىنى باشتىن كەچۈرگەنىدى. 1890- يىلى 1- نويابىرغا كەلگەندە، ياڭخازبەند قەشقەرگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ قەشقەر توغرىسىدا: «مەمۇرىي ۋەزىپەم مېنىڭ پۈتۈن بىر قىش مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ»⑱دەپ يازىدۇ. ئۇنىڭ مەمۇرىي ۋەزىپىسى ئامال قىلىپ ئەينى چاغدىكى روسىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى پىتروۋىسكىي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ساقلاش ئىدى. ئۇ قەشقەردىكى مەزگىلىدە شۋېتسىيىلىك سۋېن ھېدىن، فرانسىيىلىك رىنىسلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ، شۇنداقلا ماكارتىنىي، ھىندرىكس قاتارلىقلار بىلەن تونۇشىدۇ. 
  يېقىنقى دەۋر ئەنگليە تارىخىدا، بولۇپمۇ ⅩⅨئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئەنگليىنىڭ كېڭەيمىچىلىك تارىخىدا قەشقەر ناھايىتى مۇھىم ئىستېراتىگىيىلىك ئورۇنغا ئايلانغانىدى. ئەنگليىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەت ھىندىستاننى بېسىۋېلىشى، چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بارغانسېرى كېڭەيمىچىلىكنى كۈچەيتىپ، كۈنسېرى جەنۇبقا قىستاپ كېلىشى بۇ ئىككى كېڭەيمىچى دۆلەتنىڭ پامىر ئېگىزلىكىدىكى مۇستەملىكە تالىشىش ھالىتىنى شەكىللەندۈردى. شىنجاڭ، جۈملىدىن قەشقەر دەل ئۇلارنىڭ مۇشۇ رايوندىكى تىركىشىش ۋە كۈچ سېلىشتۇرۇش ئورنى بولۇپ قالدى. روسىيە ۋە ئەنگليە ھۆكۈمەتلىرى زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقان چىڭ خانىدانلىقىغا بېسىم ئىشلىتىپ ئارقا – ئارقىدىن قەشقەردە كونسۇلخانا تەسىس قىلىپ، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئادەملىرىنى بۇ يەردە تۇرغۇزۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىر دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتمەكچى بولدى. روسىيە تەرەپ داڭلىق دىپلوماتلىرىنىڭ بىرى بولغان پىتروۋىسكىينى قەشقەردىكى باش كونسۇللۇققا تەيىنلىگەن بولسا، برىتانىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو ۋە شىنجاڭ ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئىگە بولغان گېئورگىي ماكارتىنىينى باش كونسۇللۇققا تاللاپ ئەۋەتىدۇ.
  ماكارتىنىي ئەنگىلىيىگە قارام ھىندىستان ھۆكۈمىتى قەشقەردىن ئىبارەت كۆزىتىش نۇقتىسىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن تۇنجى ئەمەلدار. 1890- يىلى 28 ياشلىق ماكارتىنىي ئۆزىدىن ئىككى ياش چوڭ بولغان ياڭخازبەند بىلەن بىرگە قەشقەر ۋە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ھىندىستانغا قاراشلىق ئەنگليىلىك پۇقرالارنى باشقۇرۇش بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شۇ جايلاردىكى سودىگەرلەر ياكى جازانىخورلار ئىدى. ئۇنىڭ ئاشكارا قىلمايدىغان ۋەزىپىسى روسىيىلىكلەرنىڭ قەشقەردىكى سۇيىقەستلىك پائالىيەتلىرىنى، بولۇپمۇ پېتروۋىسكىيدەك ھىيلىگەرنىڭ سۇيىقەستلىك پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىش ئىدى. ماكارتىنىي قەشقەرگە بارغان چاغدا، ئۇ يەردە تۇرغىنىغا سەككىز يىل بولغان پېتروۋىسكىي ئەمەلىيەتتە بۇ شەھەرنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇۋالغانىدى»⑲.
  1898- يىلى ماكارتىنىي رۇخسەت بىلەن ئەنگليىگە دەم ئېلىشقا بارىدۇ ھەم قايتىشىدا ئايالى كاتارىن ماكارتىنىينى بىرگە ئېلىپ كېلىدۇ. گەرچە بىز گېئورگىي ماكارتىنىينىڭ قەشقەر ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىدىن ئانچە كۆپ خەۋەردار بولمىساقمۇ، ماكارتىنىينىڭ خانىمىنىڭ قەشقەرگە بېغىشلاپ يازغان «قەشقەرنى ئەسلەيمەن» دېگەن ئەسىرى بىزنى ئەينى دەۋردىكى قەشقەرلىكلەرنىڭ تۇرمۇشى، ھاياتى ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەت ئەھۋالى قاتارلىقلارغا ئائىت ناھايىتى مول ۋە قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
  ماكارتىنىي خانىم قەشقەردە 17 يىل تۇرۇش جەريانىدا قەشقەر ۋە بۇ يەردە ياشىغۇچى خەلقلەر ھەققىدە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولىدۇ. ئۇ قەشقەرگە كەلگەندىكى دەسلەپكى تەسىراتلىرىنى مۇنداق يازىدۇ: «قەشقەرگە يېڭى بارغان چېغىمدا، بازارلاردا چەت ئەل ماللىرى يوق دېيەرلىك ئىدى. ئىنتايىن ئاز بايلارنىڭلا ئېسىل كىيىنگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى شۇ جايدا توقۇلغان قىل ماتادىن كىيىم كىيەتتى. ئۇ چاغلارداا روسىيىدە ئىشلەنگەن كۈندىلىك بۇيۇملار تېپىلمايتتى. قەنتمۇ كەمچىل ئىدى. شۇڭا بۇ شەھەرنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان كونا قېلىپىنى ساقلاپ كەلگەنلىكى، كوچىلىرى، بازارلىرى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىنىڭ كونا پېتى تۇرغانلىقىنى ئويلىسا، ئادەمگە تولىمۇ قىزىق تۇيۇلىدۇ. بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ كىيىنىشى، يېمەك – ئىچمىكى، تۇرالغۇ ئۆيلىرى ئەجدادلىرىنىڭكىدىن ھېچقانداق پەرق قىلمايتتى»⑳. ئۇ يەنە مۇنداق يازىدۇ: «ئېتىزلىقلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەتراپى توپا تام بىلەن ئورالغان ئۈچ بۇرجەكلىك بىر پارچە يەر بولۇپ، رۇس شەكلىدىكى كرېست قادالغانىدى. بۇ، روسىيىلىكلەرنىڭ قەبرىستانلىقى ئىدى. قەبرىستانلىق كەينىدە قەشقەر دەرياسى – قىزىل دەرياسىنى كۆردۈم. دەريا بويىدا بەزىلىرى سۇ ئىچىدە، بەزىلىرى قىردا تۇرۇپ بىر مۇنچە ئات سۇ ئىچىۋاتاتتى. قىپيالىڭاچ بالىلار ياۋىداق ئاتلارغا مىنىۋالغانىدى. بۇ تۇغما يالىڭاچ بالىلار ئات ئۈستىدە قانداق ئولتۇرۇۋاتقاندۇ؟ ماڭا نىسبەتەن بۇ بىر مۆجىزە ئىدى: ئۇلار مىنگەن ئاتلىرىنىڭ بوينىغا ئارغامچا باغلىۋالغان، ئاتلار ئۇلارغا بويسۇناتتى، ئۇلار بولسا ئات ئۈستىدە شۇنداق ئەركىن ئولتۇراتتى! دەريا بويىدا يەنە ئېشەكلەرگە ئارتىلغان سوغىلار، چېلەكلەرگە سۇ ئېلىۋاتقان ئەرلەر، ئوغۇل بالىلار بار ئىدى. ئۇلار بۇ سۇنى شەھەرگە ئەكىرىپ ساتاتتى. قىزىل دەريانىڭ قارشى قىرغىقىدا بوياقچىلار بويىغان ماتالارنى دەريا سۈيىدە چايقايتتى. قىزىل رەڭدە بويالغان ماتالار چىرايلىق، ئوچۇق رەڭ ئالغانىدى. ئۇلار قارا رەڭدە ئېچىلغان لەيلىگۈلنى بوياق ماتېرىيالى قىلاتتى»(21). مانا بۇلار شۇ دەۋردىكى قەشقەرلىكلەرنىڭ ھاياتى ۋە تۇرمۇشىنىڭ قىسمەن كارتىنىسى، ئۇلارنىۇ مەۋجۇتلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى بىر قىسىم تىرىكچىلىك يوللىرىنىڭ جانلىق سۈرەتلىنىشى.
  قەشقەر يىراق قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپ كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇچرىشىش ۋە ئۆتۈشۈش تۈگۈنى بولۇپ كەلگەن. بۇ ھال قەشقەرنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىمۇ ناھايىتى روشەن بولۇپ، رۇسلار، ئىنگلىزلار، شۋېتلار ۋە باشقا مىللەتلەر بۇ يەردە ھەدەپ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى بازارغا سالغان ھەمدە ئىدىيە، تەپەككۇرىلىرىنى تەرغىپ قىلىپ، يەرلىك خەلققە تەسىر كۆرسەتمەكچى ۋە ئۇلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان. شۇنداقلا بەزى ئەمەلىي ئۈنۈملەرگىمۇ ئېرىشكەن. ماكارتىنىي خانىمنىڭ تۆۋەندىكى بايانلىرىدىن بۇ نۇقتىنى مەلۇم دەرىجىدە ھېس قىلالايمىز: «قەشقەرگە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي مىلاد بايرىمى بولدى. بىز روسىيە كونسۇلخانىسىدىن باغاق تاپشۇرۇۋالدۇق، ئۇلار بىزنى مىلاد بايرىمى ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلغان ئىكەن (روسىيىلىكلەرنىڭ مىلاد بايرىمى بىزدىن 13 كۈن كېيىن ئىكەن). ئۇ يەردە بىز باشقىلار بىلەن بىرگە ئارچىنى ئايلىنىپ ئۇسۇل ئوينىدۇق، ناخشا ئېيتتۇق، ناخشىنى ھەر كىم ئۆزىنىڭ تىلىدا ئېيتتى. كەچلىك تاماق ۋاقتىدا ئەتراپىمغا نەزەر سالسام، كىشىلەر رۇسچە، شىۋىتچە، فرانسۇزچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، ھىندىچە، پارسچە سۆزلىشىۋېتىپتۇ»(22). ئۇنىڭدىن باشقا قەشقەرلىكلەرنىڭ ئىرقىي ئالاھىدىلىكى، بەدەن قۇرۇلۇشى ۋە تەقى – تۇرقى، چىراي – شەكلىمۇ بۇ كونسۇل خانىمىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقانىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى تەسىراتىنى «قەشقەر كىشىلىرىنىڭ تەقى – تۇرقى، چىراي رۇخسارى ھەم خىلمۇ خىل ياۋروپالىقلارغا خاس ئالاھىدە بەلگىلەر ئاز – تولا بار. ئەر – ئاياللار قاۋۇل، بەستلىك، كېلىشكەن، چىرايلىق بولۇپ، چىرايىدىن بىر خىل ئېسىل سۈپەتلىك چىقىپ تۇراتتى. قىرغىزلارنىڭ يۈزى ياپىلاق، مەڭزى قىپقىزىل؛ ياندىن قاراشقا ئافغانلارنىڭ يۈز سۈپىتى سوزۇق ۋە ئېنىق كۆرۈنەتتى؛ يەنە ھىندى دىنىدىكى ۋە مۇسۇلمان دىنىدىكى ھىندىستانلىقلارمۇ، خەنزۇلارمۇ بار ئىدى. ئالتۇن چاچلىق، دېڭىز سۈيىدەك يېشىل كۆزلۈكلەرمۇ ئۇچراپ قالاتتى. ئۇلار ئارئان قېنىدىكىلەر بولۇشى مۇمكىن. قەشقەردە كىشىلەر قەشقەرلىكلەرنىڭ زادى قايسى ئىرققا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئاسانلىقچە دەپ بېرەلمەيدۇ. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ تەرەپ – تەرەپتىن كېلىشى بىلەن بۇ يەردىكى ئىرقلارنىڭ شالغۇتلىشىشى خېلىلا ئېغىر. بۇ يەردىكى قىز – چوكانلار ناھايىتى چىرايلىق، جەزبىلىك، بەزى ئوغۇللارمۇ بەك كېلىشكەن. بولۇپمۇ ئورا كۆز كەلگەن 12 ياشلاردىكى ئوغۇل – قىزلار ناھايىتى گۈزەل. ئۇلار دۇخاۋا، چىت رەختلەردىن كىيىم، يارىشىملىق تۇماق، دوپپىلارنى كىيسە، ئاتالىيانلارغا ياكى ئىسپانلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ» (23) دەپ يازىدۇ.
  ماكارتىنىي خانىمنىڭ قەشقەر ۋە قەشقەرلىكلەر توغرىسىدىكى تەسىراتى ۋە تونۇشلىرىنى تولۇق، بىر بىرلەپ بايان قىلىشقا مۇمكىنچىلىكىمىز يار بەرمەيدۇ، بىراق بىز تۆۋەندىكى چوڭقۇر مەنىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن قىسقىغىنە بىر قانچە جۈملە تەسىراتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ئۇ ھەقتە ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار دەپ قارايمىز: «بۇ ئادەملەرنىڭ (قەشقەرلىكلەرنى دېمەكچى) قۇلىقى يۇمشاق، باشقۇرۇش ئاسان، ئۇلارنىڭ بىرەر يامان ئىللەتلىرى يوق، ياخشى تەرەپلىرىمۇ يوق» (24).
  گېئورگىي ماكارتىنىيدىن كېيىنمۇ ئەنگلىيەنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسىغا ئارقا – ئارقىدىن بىر قانچە كونسۇل كېلىپ، قەشقەردىكى روسىيەلىكلەرنىڭ ئەھۋالىنى كۆزەتتى ۋە ئەنگلىيەگە قارام ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردىكى ئىمتىيازلىرىغا كاپالەتلىك قىلدى. «ماكارتىنىي ئەنگلىيەنىڭ قەشقەردىكى تۇنجى ئەمەلدارى بولغان بولسا، سىپتون چىنىباغدىكى كونسۇلخانىنى تاقىغۇچى بولدى» (25). 1947- يىلى ھىندىستان مۇستەقىل بولدى. ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، دۆلىتىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىدارە قىلىشى ئەنگلىيەنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسىنى ھىمايىسىز بىر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
  سىپتون قەشقەرگە كەلگەن ۋاقتىدا خانىمى دىئاننىمۇ بىرگە ئېلىپ كېلىدۇ. «دىئاننا خۇددى كاتارىن بىلەن بەسلەشكەندەك، قەلىمىنى سەپەرگە قەدەم بېسىش بىلەن تەڭلا ئىشقا سالىدۇ. مەقسەتسىز بولسىمۇ سىپتون ئەر – ئايال ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئۈچۈن ماڭغاندا، پامىر، قارا قۇرۇم تېغى ئېغىزىدىن ئۆتۈپ، قەشقەرگە بېرىشتەك يېڭى يولنى تاللىۋالىدۇ»(26). بۇ قەدىمىي ماكاننىڭ ۋە ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ دەسلەپكى ئەھۋاللىرىنى كاتارىن ئەسلىمە قىلغان بولسا، كېيىنكى ئەھۋاللىرىنى دىئاننا يېزىپ قالدۇرىدۇ. ئۇ ئەينى دەۋر قەشقەر كىشىلىرىنىڭ ھاياتىنىڭ جانلىق كارتىنىسى سۈپىتىدە تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ: «ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، قەشقەر پۈتۈنلەي ئۇيغۇر ماكانى ئىدى. ئۆزىنى مەھكەم ئورىۋالغان ئاياللار؛ ئۇزۇن ساقاللىق، يۈزى سۈزۈك، كېلىشكەن ئەرلەر (ئۇلارنىڭ تېرىسى ئادەمنى ھاڭ – تاڭ قىلغۇدەك ئاق ۋە سۈزۈك ئىدى)؛ ئۇيان – بۇيان ئۆتۈپ تۇرغان ئېشەكلەر؛ غىچىرلىغان مەپىلەر ياكى يارىيار ھارۋىلار (ئۇلارنىڭ چاقىنىڭ يوغانلىقى ئادەمنى ئەندىشىگە سالاتتى)؛ چىرايلىق توقۇلغان ئاتلار، بوينىغا ئېسىلغان كىچىككىنە كولدۇرمىلار ۋە پۇلاڭلاپ تۇرغان پۆپۈكلەر؛ چاچلىرىنى نۇرغۇن كىچىك ئۆرۈم قىلىپ ئۆرىگەن دوپپا كىيگەن قىزلار ۋە قىزچاقلار؛ ئاندا – ساندا مۇڭلۇق نەي چېلىپ ئۆتكەن ئوغۇل بالىلار؛ يول بويىدا قوغۇن – تاۋۇز سېتىۋېلىشىۋاتقان باققاللار – مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى تىپىك ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈنۈشىنى ھاسىل قىلاتتى»(27). بۇ بايانلار تولىمۇ ئىنچىكە بولۇپ، ئۇنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا قەشقەرنىڭ ئاشۇ قايناق، جۇشقۇن مەنزىرىسى نامايان بولۇپ، خىياللار ۋە ئەسلىمىلەر ئىچىدە بۇ قەدىمىي ماكاننىڭ ئاۋات رەستىلىرىگە قەدەم تاشلايدۇ.
  دىئاننا سىپتونمۇ خۇددى كاتارىن ماكارتىنىيغا ئوخشاش ئەسىرىدە قەشقەرلىكلەرنىڭ پىسخىكىسىغا دىئاگنوز قويۇپ مۇنداق يازىدۇ: «قەشقەرنىڭ ئادەملىرى ھۇرۇن، چېچىلاڭغۇ، ئەمما تىنچ، ئىناق ياشايدىكەن. ئۇلار ئۇزاق زامانلاردىن بېرى مۇشۇنداق ياشاپ كەلگەن ئىكەن. ھازىر شۇنداق تىنچ ياشاۋېتىپتۇ. شۇڭا، ئۇلاردا ئېسكىموسلاردەك جاسارەت ۋە قەيسەرلىك يوق، پاردانلاردەك ئۇرۇشخۇمار مىجەزنىمۇ يېتىلدۈرمىگەنىدى. ئۇلاردا تېبەتلىكلەردەك جۇشقۇنلۇق ۋە تېتىكلىك، كەشمىرلىكلەردەك قولى گۈل، چېۋەرلىكتىنمۇ ئەسەر يوق ئىدى. ئەمما، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھەرقانداق بىر جايدىكى ئاددىي – ساددا كىشىلەرگە ئوخشاشلا دوستانە، مېھماندوست. ئۇلار ئاددىيسى بىرەر لەتىپىنىمۇ سىز بىلەن تەڭ بەھىر ئېلىشنى خالايتتى. بەزىدە ئۇلارنىڭ ياۋايىلىقى جانغا تېگەتتى. قىلغان ئىشىمۇ كۆڭۈلگە ياقمايتتى. ۋەھالەنكى، ئۇلارغا ئارتۇقچە تەلەپ قويمىسىڭىزلا، ئۇلار شۇنچىلىك جەلىپكار، ئاق كۆڭۈل ئادەملەر ئىدى»(28). بۇ قەشقەرلىكلەرگە بېرىلگەن ئانچە ئىلمىي ۋە دەل باھا بولمىسىمۇ، يۈكسەك مەدەنىيەتلىك دەپ تەرىپلىنىشكە مۇيەسسەر بولغان غەرب دۇنياسىدىن كەلگەن بىر ئايالنىڭ قەشقەرلىكلەر ھەققىدىكى ئىنكاسى ئىدى.
  ھالاكەت دېڭىزىنى بويسۇندۇرغۇچى ھېدىن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ «يارى» قەشقەردە ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە ⅩⅩ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاز بولمىغان شۋېتلار، ئېكىسپېدىتسىيىچىلەر، مىسسېئونىرلار ئارقا – ئارقىدىن تارىم ۋادىسىغا، جۈملىدىن قەشقەر رايونىغا كېلىپ، مىسسېئونېرلار ئىدېيولوگىيە ساھەسىدە ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان بولسا، تەۋەككۈلچى ئېكسپېدىتسىيىچىلەر تارىمنىڭ سىرلىق قوۋۇقىنى قاتتىق چېكىپ، تارىخ، مەدەنىيەت، تىل ۋە ئارخېيولوگىيە تەتقىقاتىدا ناھايىتى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بەش قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، ھالاكەت دېڭىزىنى بويسۇندۇرغۇچى سۋېن ھېدىن ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
  سۋېن ھېدىن 1896- يىلى تۇنجى قېتىم سال بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنى بويلاپ، ئۆز دەۋرىدىكى لوپنۇر رايونىنىڭ مەركىزى بولغان ئابدان كەنتىگە كەلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن تاكى 1934- يىلىغىچە ئىلگىر – ئاخىرى بەش قېتىم بۇ رايونغا ئېكسپېدىتسىيە سەپىرى قىلىدۇ. لوپنۇردىكى قەدىمىي كروران شەھەر خارابىسىنىڭ بايقىلىشى ھېدىننىڭ ئاشۇ تەۋەككۈلچىلىكلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ بىرى.
  1890- سۋېن ھېدىن ئۈچ نەپەر خىزمەتكار ۋە روسىيە ئوفىتسېرنىڭ ياردىمىدە بوران – چاپقۇنغا قارىماي ئوشدىن قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. نەچچە ئايلىق جاپالىق سەپەردىن كېيىن 14- دېكابىر قەشقەرگگ يېتىپ كېلىدۇ. بۇ كۈن ھېدىن ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولۇپ، بۇ ھەقتە مۇنداق بايانلار بار: «14- دېكابىر، ھېدىننىڭ ئېكسپېدىتسىيە ھاياتىدا خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان بىر كۈن بولدى. بۇ كۈن ئۇ ھاياتىدا بىرىنچى قېتىم كېيىنكى چاغلاردا كۆپ قېتىم ئېكسپېدىتسىيىچىلەرنىڭ قوماندانلىق شتابى بولغان مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەتلىك شەھەر – قەشقەرگە يېتىپ كەلدى» (29). سۋېن ھېدىن بۇ ھەقتە مۇنداق يازىدۇ: «ئۈچ كۈندىن بېرى بىز ئاقسۇدىن يولغا چىقتۇق. مۇھەممەت ئىمىن بىزگە ھەمراھ بولدى. 21- كۈنى بىز بارماقچى بولغان جاي قەشقەر – سۇلىغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ مېنىڭ كېيىنكى ئېكسپېدىتسىيە سەپىرىم باشلىنىدىغان جاي ئىدى» (30). گەرچە سۋېن ھېدىننىڭ قەشقەر ھەققىدە ئېيتقانلىرى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ تەۋەككۈلچىلىك ۋە ئىزدىنىش روھى بىز ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىكتۇر.
  قەشقەر ھەققىدە زور ئىلمىي ئەمگەك مېۋىلىرىنى روياپقا چىقارغان، قەشقەر خەلقى بىلەن چوڭقۇر رىشتە ئورناتقان شۋېتسىيىلىك يەنە بىر مەشھۇر زات گۇننار يارىڭدۇر. ئۇ 1929- يىلى ۋە 1978- يىلى قەشقەرگە ئىككى قېتىم كەلگەن بولۇپ، بۇ جەريانلاردا چوڭقۇر ئىزدىنىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، قەشقەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىل – ئەدەبىياتى قاتارلىقلارغا ئائىت بىر قانچە پارچە ئەسەر يېزىپ چىققان. ئۇنىڭ «قەشقەرگە قايتا سەپەر» ناملىق كىتابى قەشقەرگە بېغىشلاپ يازغان ئەسىرى بولۇپ، بىز ئۇنىڭدىن قەشقەر ۋە قىشقەرلىكلەرگە ئالاقىدار ناھايىتى مول ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايمىز.
  گۇننار يارىڭنىڭ يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك قەشقەر ۋە قەشقەرلىكلەرگە بولغان مېھىر – مۇھەببىتى ناھايىتى چوڭقۇر، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە قەشقەرگە بولغان يۈكسەك ھۆرمىتى ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ قەشقەرگە كەلگەندىكى دەسلەپكى تەسىراتىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «1929- يىلى قەشقەرگە كېلىپ خۇددى ھازىرقى دەۋردىن ئوتتۇرا ئەسىرگە- ‹مىڭ بىر كېچە› نى فىلىمگە ئېلىش ئۈچۈن راسلىغان كۆرۈنۈش ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم. بۇ يەردە يا ئاپتوموبىل، يا موتسىكلىت يوق ئىدى. ھەتتا ۋېلىسپىتمۇ كۆزگە چېلىقمايتتى. بازار ئەتراپىدىكى قاراڭغۇ، تارچۇق كوچىلارنى يورۇتىدىغان ئېلكتىر چىراغلار يوق ئىدى. مىرزا – كاتىپلار چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، قوليازمىلارنى ئەرەب ھەرپى بىلەن رەتلىك كۆچۈرەتتى. ھەممىلا يەردە لىق سۇ قاچىلانغان تولۇم – چاناشلارنى دۈمبىسىگە ئاتىپ سۇ توشۇۋاتقانلارنى ئۇچراتقىلى بولاتتى. تارچۇق كوچىلاردا ھەر مىللەت كىشىلىرى مېڭىپ يۈرەتتى. بايلار ۋە ئېسىلزادىلەر چىرايلىق گۈللۈك يوپۇق – شالچا سېلىپ ئېگەرلەنگەن پوزۇر ئاتلارغا مىنىپ، مىغىلداپ تۇرغان كىشىلەر توپىنى يېرىپ ئۇياقتىن – بۇياققا ئۆتۈپ يۈرەتتى. قول ئىلكىدە پۇل – مېلى ئانچە جىق ئەمەسلەر ئېشەككە مىنەتتى، ھالبۇكى شەھەر ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى بولغان كەمبەغەللەر پىيادە ماڭاتتى» (31). گۇننار يارىڭ بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىدىكى قەشقەر ھەققىدە چوڭقۇر ھېسلارغا چۆمسە، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ قەدىمىي ماكاننىڭ دۇنيادىن ئايرىلىپ قالغانلىقىدىن، ھېچ كىشى تەرىپىدىن تەتقىق ۋە تەشۋىق قىلىنمىغانلىقىدىن ئېچىنىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتىكى تەسىراتىنى مۇنداق ئىپادە قىلىدۇ: «كىشىلەر شۇ چاغدىكى قەشقەرگە ئوخشاش تازا روناق تاپقان ئوتتۇرا ئەسر ئىسلام جەمئىيىتىنى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدىن تاپالمايدۇ. ئىلگىرى ئافغانىستاندا شۇنداق جەمئىيەت خېلى ئۇزاق مەۋجۇت بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇنداق جەمئىيەت ھازىرقى زاماننىڭ زوراۋانلىقى ئالدىدا ئۇ يەردىمۇ ئاللىقاچان بەربات بولۇپ كەتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، قەدىمكى قەشقەر ھەققىدە كىشىنى قانائەتلەندۈرگۈدەك ئەسەر يازىدىغان ئادەم چىقمىغانىدى. ئۇ يەردىكى بازارلارنى ئاشۇ تۇرمۇشنى دەۋر قىلىپ شەكىللەنگەن ئىجتىمائىي ھاياتنى تەسۋىرلەيدىغان ئادەم چىقمىغانىدى» (32).
  قەشقەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولۇش بىلەن بىرگە ئەڭ چوڭ سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرى. قەشقەرلىكلەر سودىغا تولىمۇ ماھىر، چوڭ – كىچىك ھەممەيلەندە مۇئەييەن سودا ئېڭى شەكىللەنگەن بولۇپ، سودىنىڭ ئېپىنى بىلىدۇ. گۇننار يارىڭ قەشقەر بازارلىرىنىڭ ئەھۋالىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «قەشقەر بازارلىرىدىكى تار كوچىلىرىنىڭ ئىككى تەرىپىگە دۇكانلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. دۇكانلار خېرىدار كۈتۈپ يەرگە سېلىنغان گىلەم ئۈستىدە چازا قۇرۇپ ئولتۇرىدۇ. ئۇلار ۋارقىراپ خېرىدار چاقىرمايدۇ. ۋارقىراپ – جارقىرايدىغانلار كوچىلاردىكى مۇقىم دۇكىنى يوق ئۇششاق ئېلىپ ساتارلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنى دۇكانلارنىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ. قەشقەر بازارلىرىدىكى نەرسىلەرنىڭ باھاسى تۇراقسىز بولىدۇ، دۇكاندار خېرىدارغا شۇنداق بىر قاراپلا خېرىدارنىڭ قانداق ئىقتىسادىي مەنبەگە ئىگە ئىكەنلىكىنى دىتلاپ بولىدۇ – دە، كېيىن ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرۈشنىڭ ئاسان – ئاسان ئەمەسلىكىنى دەڭسەپ كۆرىدۇ. مانا بۇلار مالغا دەسلەپ باھا قويۇش دائىرىسىنى بەلگىلەيدۇ. كەينىدىنلا يەنە بىردەم باھا تالىشىش بولىدۇ. بۇ سودىلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپنى پەيدىنپەي قىزىتىشتىكى سەنئەت شەكلىدىن ئىبارەت. بازاردا ھەر بىر كەسىپ ۋە ھۈنەر – سەنئەتنىڭ مۇقىم ئورنى بولىدۇ. توقۇلما بۇيۇملار ۋە گىلەم بازىرىدىكى جىمجىتلىق بىلەن مىسكەر بازىرىدىكى تاراڭ – تۇرۇڭ قىلغان سادالار روشەن سېلىشتۇرما بولىدۇ» (33).
  1978- يىلى 9- ئايدا گۇننار يارىڭ قەشقەرگە يەنە بىر قېتىم كېلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ چاغدىكى تەسىراتى ئاۋۋالقى تەسىراتى بىلەن خېلى زور پەرققە ئىگە ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى يازىدۇ: «مەن بۇ نۆۋەت قەشقەرگە كېلىپ، بۇنىڭ 1929-، 1930- يىللىرى ئېسىمدە قالغان قەشقەردىن ناھايىتى چوڭ پەرقلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، ئەمما يېزا – قىشلاقلارنىڭ مەنزىرىسى ئېسىمدىكى مەنزىرە بىلەن تامامەن ئوخشاش ئىدى… ۋەھالەنكى، قەدىمىي كوچىلار خىيالىي تۈسكە ئايلانغان بولۇپ، قەدىمىي قەشقەرنىڭ كۆپلىگەن جايلىرى ئۆزىنىڭ تۈسىنى يوقاتقانىدى. كوچىلاردا بېشىغا يوغان سەللە يۆگىگەن موللىلار كۆرۈنمەيتتى. ئېسىمدە قىلىشىچە، سەللىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى شۇ كىشىنىڭ ياش قۇرامىنى، ئىلمىنى، مەرتىۋىسىنى بىلدۈرەتتى. ئېشەككە مىنىپ تۆگىنى يېتىلەپ كېتىۋاتقانلارنىڭ ‹پوش – پوش› دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئەمدى ئاڭلانمايتتى، ئەكسچە ئاپتوموبىللارنىڭ ‹دۇت – دۇت› قىلغان قۇلاقنى يارغۇدەك ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بۇ يېڭى ئۇيغۇرتىلىدا سىگنال بەرمەك ياكى تات – تات قىلماق دېيىلىدۇ. بۇنىڭدىن 50 يىل ئالدىدا بۇنداق سۆزلەر يوق ئىدى. ئىلگىرىكىدەك كۆپ تۆگىلەرمۇ كۆرۈنمەيتتى» (34).
  گۇننار يارىڭ قەشقەرنىڭ ئەينى چاغدىكى مائارىپى، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ قەشقەرنىڭ سانائىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ: «بۇنىڭدىن 50 يىل بۇرۇن قەشقەردە سانائەت يوق ئىدى. شۇ چاغدىكى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بارلىق جايلاردىمۇ ئەھۋال شۇنداق ئىدى. سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياكى ھىندىستاندىن ئىمپورت قىلىناتتى ۋە ياكى مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۈرۈمچى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى جايلاردىن بارلىق نەرسىلەر تۆگە كارۋىنى ئارقىلىق توشۇپ كېلىنەتتى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزگەرگەنىدى. قەشقەر تېخى مۇھىم سانائەت مەركىزى بولمىسىمۇ، لېكىن ئاشۇ نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى» (35).
  دەرۋەقە، گۇننار يارىڭنىڭ قەشقەرگە بولغان مۇھەببەت رىشتىسى ناھايىتى چوڭقۇر ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر پارچە قوليازمىىسدا فامىلىسى بولغان ‹يارىڭ› دېگەن شۋېتچە سۆزنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ: «مەن 1929-، 1930- يىللىرى قەشقەرگە تۇنجى قېتىم بارغىنىمدا ۋە 1935- يىلى سرناگاردىكى ئۇيغۇر كارۋانلىرى ئارىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان چاغلىرىمدا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار مەندىن : ھۆرمەتلىك ساھىب، سىزنىڭ ‹يارىڭ› دېگەن ئىسمىڭىزنىڭ مەنىسى نېمە؟ – دەپ سورىغانىدى. مەن كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇلارغا : – شۇنىمۇ چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ مېنىڭ ئىسمىم ئۇيغۇرچىدۇر. مەنىسى ‹مەن سېنىڭ يارىڭلار› دېگەنلىكتۇر، – دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئۇلار مېنىڭ چاقچاق قىلىۋاتقانلىقىمىنى چۈشەنمەي: ‹شۇنداقمۇ؟ تولىمۇ مەنىلىك ئىسىمكەن. توۋا! شۋېدىيە تەرەپتىمۇ بىزنىڭ تىلىمىزدا ئىسىم قويىدىغىنىنى بىلمەيدىكەنمىز›، دەپ ساقاللىرىنى سىلاشقانىدى. ئەمەلىيەتتە ‹يارىڭ› دېگەن بۇ ئىسىم شۋېتلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان كىشى ئىسمى بولۇپ، ئۇيغۇرچە بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. ۋەھالەنكى، مېنىڭ بۇ فامىلەم ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىككىنچى شەخس ھالىتىدە ‹سېنىڭ يارىڭ› مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ‹يارىڭ› دېگەن سۆز بىلەن دەل چۈشكەنىدى. شۇڭلاشقا مەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھەر دائىم ئويلىغىنىمدا ئىچ – ئىچىمدىن ‹ مەن سىلەرنىڭ يارىڭلار!›، دېگۈم كېلىدۇ» (36) دەپ يازىدۇ.
قېرىنداشلار نەزەرىدىكى قەشقەر
  قەشقەرگە كەلگەن سەيياھلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاساسەن ياۋروپالىق، يەنە كېلىپ قەشقەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت، ئۆرپ – ئادىتى قاتارلىقلاردىن ئانچە خەۋىرى بولمىغان، يەرلىكنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر بولغاچقا، ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقاتىدا بولسۇن ياكى شۇ يەردە ياشىغۇچى خەلققە بولغان چۈشەنچىدە بولسۇن ھامان مەلۇم دەرىجىدىكى بىرتەرەپلىمىلىكتىن خالىي بولالمىدى. بىزگە يېقىن بولغان قېرىنداش مىللەتلەردىن قەشقەرگە كېلىپ تەكشۈرۈش، تەتقىقاتتا بولغانلار يوق دېيەرلىك بولۇپ، 1858- يىلى چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتكەن چوقان ۋەلىخانوفتىن سرت، پەقەتلا ⅩⅩ ئەسرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇرلار يۇرتىغا زىيارەتكە كەلگەن نوشىرۋان يائۇشېفنى كۆرسىتىش مۇمكىن.
  نوشىرۋان يائۇشېف تۈركىي تىللىق مىللەتلەردىن كەلگەن سەيياھ بولغاچقا، يەرلىكتىن ئۇچۇر ئىگىلىشى ناھايىتى ئاسانغا چۈشكەن. قىيىنچىلىققا ئۇچرىمايلا جەمئىيەتنىڭ ئىچكى قاتلىمىغا سىڭىپ كىرەلىگەچكە ئەينى دەۋر كىشىلىرى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرىنى خېلىلا ئىشەنچلىك، خەلقنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئاڭ قاتلىمى ۋە تۇرمۇش ئەھۋاللىرىنى توغرا يورۇتۇپ بېرەلىگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ باشقا سەيياھلارغا ئوخشىمايدىغان يەنە بىر تەرىپى شۇكى، ئۇ ئەينى دەۋردىكى ئىلغار بولغان مائارىپ قارىشى بىلەن قوراللانغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭىچە مائارىپ ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. ئۇيغۇرلار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنى روشەن سېلىشتۇرما قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ رېئال ئەمەلىيىتىگە لىللا باھا بېرىپ، قېرىنداشلىرى بولغان بۇ خەلقلەرنىڭ ئاشۇ زەئىپ رېئاللىقىنى ئۆزگەرتىش يولىدا كۆپ كۈچ سەرپ قىلغانىدى.
  1914- يىلى نوشىرۋان يائۇشېف دۇنيانى ساياھەت قىلىش ئىستىكىدە بولىدۇ. ئۇنىڭغا سەمەرقەنتتە ئۇچراشقان بىر بۇخارالىق مۇدەررس دۇنيانى كېزىپ چىقىشنىڭ تەسلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلار يۇرتىغا بېرىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ شۇ يىلى 11- ئاينىڭ 2- كۈنى كۇچاغا يېتىپ كېلىدۇ. كېيىنكى يىلى 4- ئايدا قەشقەرگە يېتىپ كېلىدۇ، ئۇ قەشقەرنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالىنى ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن سېلىشتۇرما قىلىپ: «بۈگۈن (17- ئاپرېل) قەشقەرگە يېتىپ كەلدىم. قەشقەر خەۋەرلىرىنى ئىككىنچى مەكتۇبۇمدا يازىمەن. ئالتە شەھەرنىڭ تىرىكچىلىك ئۇسۇلى ھەر جەھەتتىن مەركىزىي ئاسىياغا ئوخشايدۇ. پەقەت مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى روسىيە ھامىيسىغا ئېلىنغاندىن كېيىن تۆمۈر يوللار ياسىلىپ زامانىۋى قوراللار كەلدى. تىجارەت، زىرائەت ۋە مائارىپ ئىشلىرى بىر ئىزغا چۈشۈشكە باشلىدى. ئالتە شەھەردە بولسا پۈتۈن ئىش نۇھ زامانىدىكى پېتىچە قالغان، يارغۇنچاق بىلەن ئۇن تارتىش، لامپا ئورنىغا جىنچىراغ يېقىش، ساماۋەر ئورنىغا قۇم چۆگۈن ئىشلىتىش، كوچىلاردا يالاڭئاياغ، يالاڭتۆش، كالتە يەڭ پېتى يۈرۈش، قىزلىرىنى يات مىللەتلەرگە بېرىش، ئىشسىزلىق، ھۇرۇنلۇق سەۋەبىدىن موھتاجلىققا قېلىپ، دەرۋىشلىك، دىۋانىلىككە بېرىلىش، تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەتكە جان – جەھلى بىلەن قارشى تۇرۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سۈپەتلەر بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ»(37) دەپ يازىدۇ.
  نوشىرۋان يائۇشېف قەشقەر كوچىلىرى ۋە كوچا – كويلاردا بولۇۋاتقان سۈرەن – چۇقانلارنى كۆرۈپ بۇ خەلقنىڭ نادانلىقىدىن چوڭقۇر ئېچىنىدۇ، كوچىلار ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ: «كوچىلىرى بەك تار ھەم تەرتىپسىز، چاڭ – تۇزان كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. شۇ تار ۋە چۇۋالچاق كوچىلاردا ئوتۇن ئارتىلغان ئېشەكلەر، مەپىگە چەگكەن قاچۇرلار، ئىككى – ئۈچ كىشى مىنگىشىۋالغان ئاتلار، كارۋان تۆگىلىرى، بېلىگىچە ئوچۇق يالىڭاچ ئادەملەر، ئەر – ئايال، بالا – چاقىلار بىر – بىرى بىلەن قىستىلىشىپ يۈرىدۇ… بۇ يەردە كوچا بويىدا سۈرەن سالغۇچىلار، بىر تىيىن ئۈچۈن كوچىنى بېشىغا كىيىپ سوقۇشقۇچىلار، قىيامەت قايىم بولغاندەكئۇرۇشىدىغانلار بەك كۆپ ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئىشلاردىن خوتۇن – قىزلارمۇ چەتتە قالمايدۇ. ئاتا بالىسى ئالدىدا، بالىسى ئاتا – ئانىسى ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەرنى قىلىدۇ. بۇ ئىش بۇ يەردە ھېچقانداق ئەيىپ سانالمايدۇ. ئېرى خوتۇنىغا، خوتۇنى ئېرىگە ئاچچىقلىنىپمۇ، ئويناپ كۈلۈپمۇ ھەر قىسما ئۇياتسىز سۆزلەرنى ھەددى – ھېسابسىز قىلىۋېرىدۇ. بۇ يەردە ئوغۇللارنى بولسۇن، قىزلارنى بولسۇن ئوقۇتۇش، تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ» (38).
  نوشىرۋان يائۇشېف پۈتكۈل زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تىل – ئەدەبىياتى، مەدەنىيەت، ئۆرپ – ئادىتىگە ئالاھىدە دىققەت نەزەرى بىلەن قاراپ ماڭىدۇ. قانداق قىلغاندا تىلىمىز بىلەن ئەدەبىياتىمىزنى، مائارىپىمىزنى تەەڭ تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزىدۇ ھەمدە تىل بىلەن مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە مۇناسىۋەتنىڭ ئاش بىلەن تۇزنىڭ مۇناسىۋىتىدەك قويۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ئۇ بەزىدە تىلىمىزنىڭ موللۇقى ۋە ساپلىقىدىن سۆيۈنسە، بەزىدە كىشىلەرنىڭ سۆزلەرنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، ئەبجەش سۆزلەپ يۈرگەنلىكىدىن ئېچىنىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتىكى ھېسياتىنى مۇنداق ئىپادە قىلىدۇ: «ئالتە شەھەردە كورلا، كۇچا تەرەپلەردە سۆزلەرنىڭ كۆپلۈكىنى، ئۆز تىللىرىنى سۆيگەنلىكىنى كۆرۈپ بەك سۆيۈنگەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە تىلىمىزنىڭ تۈزۈلۈشىگە چىنپۈتكەنىدىم. لېكىن قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن بۇ ھەقتىكى ئىمانىم بىر ئاز يۇمشاپ قالدى. چۈنكى ئۇلار ئۇيغۇرچە سۆزلەر بار تۇرۇقلۇق ئەرەبچە، پارسچە سۆزلەرنى ئىشلىتىدىكەن. يېڭىچە ئۇسۇلدا ئوقۇتۇۋاتقان بىر مەكتەپنى كۆرۈشكە بارغانىدىم. مەن كىرىشىم بىلەن بالىلارغا قاراپ ‹قومۇئا› دېدى. بالىلارنى ئوقۇتۇپ كۆرسەتتى. يېرىمى ئەرەبچە، يېرىمى پارسچە، ئازراقى ئۇيغۇرچە يېزىلغان سۆزلەرنى ئۆگىنىپتۇ. ئوقۇغان سۆزلەرنى بالىلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ چۈشەنمەيدۇ. نېمىشقا دېسەك، ئەرەبچە، پارسچە، ئېست يېڭى مەكتەپكە. كونا مەدرىستە بولغان بولسىغۇ سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭمۇ ئورنى يوق ئىدى»(39).
  نوشىرۋان يائۇشېفنىڭ زىيارەت خاتىرىسىدە بىزنىڭ ئەڭ دىققىتىمىزنى تارتىشقا ۋە ئېتىبار بېرىشكە تېگىشلىك يەنە بىر نەرسە شۇكى، ئەينى دەۋردە خەلقىمىز خۇراپاتلىققا شۇ قەدەر بېرىلىپ كەتكەنكى، خۇراپىي ئىدىيىلەر ئۇلارنىڭ ئېڭىغا چوڭقۇر ئورناپ، ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەنىدى. بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ نوشىرۋان مۇنداق يازىدۇ: «ئىسلام ئالىمىدىكى خۇراپاتلىقلارنى سۆزلەپ، يېزىپ تۈگىتىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. مۇنداق خۇراپاتلىقلار ھەرقانداق يەردە بار بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ماكانى ئالتە شەھەردۇر. قەيەردە بىر بۇلاق بار بولسا، ئۇ قانداقتۇر بىر ۋەلىنىڭ ئاياغ ئىزىدىن ياكى ھاسىسىنىڭ ئىزىدىن پەيدا بولغان دېيىلىدۇ. قانداقلا بىر جايغا يىغىلىش بولسا، ئۇ يەردە ۋەلىلەرنىڭ كارامەتلىرى سۆزلەنمەي قالمايدۇ. ئۇلار خۇراپاتلىقتا شۇ قەدەر ئۇچىغا چىققانكى، ۋەلىلەرنى خۇدا دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ. تاغ، شامال، تاش، يامغۇر، قار، بوران دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋەلىلەرنىڭ كارامىتىگە باغلاپ سۆزلەيدۇ. دېمەك ئەۋلىيالارنىڭ كارامىتى ئاللانىڭ قۇدرىتىدىن ئۈستۈن قويۇلىدۇ»(40). شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مىللەت جەھەتتىكى يېقىنلىق نوشىرۋاننىڭ بىزدىكى ئىللەتلەرنى بايقىيالىشى ۋە ئۇنىڭغا دىئاگنوز قويۇشنى ناھايىتى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىن ئەتتى.

  ئازاد شەھەردىكى ئەجنەبىيلەر ئاۋازى
  پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئازاد قىلىنىپ، خەلقنىڭ قاتمۇقات زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ، ھۆرلۈككە ئېرىشىشى قەشقەر تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىپ، يېڭى قەشقەر ۋە يېڭىچە ئاڭ – ئىدىيىدىكى قەشقەرلىكلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇزاق زامانلاردىن بىرى خارلىنىپ، ئېزىلىپ كەلگەن ئاق كۆڭۈل خەلق يېڭىچە ھاياتتىن بەھىرلىنىشكە باشلىدى. بۇ دەۋر چەت ئەللىكلەرنىڭ بۇ قەدىمىي دىيارغا بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ قوزغىدى. بۇنىڭغا تىپىك مىسال سۈپىتىدە ئازادلىق ھارپىسىدا قەشقەرگە كەلگەن فرانسىيىلىك ئايال سەيياھ ئاننا فىلىفنىڭ بۇ شەھەر ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.
  ئاننا فىلىف 1948- يىلى نەنجىڭدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۇ يەردىن يۈك ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ قەشقەرگە كېلىدۇ. قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن بىر كارۋا ياللاپ قاراقۇرۇم ئارقىلىق پاكىستانغا يېتىپ بارىدۇ. ئەينى چاغدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشى ئاللىقاچان ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئۇ مۇشۇ دەۋردىكى قەشقەر ئەھۋالى ھەققىدە مۇھىم خاتىرىلەرنى يازىدۇ. بۇ چاغدا شىنجاڭدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئەينى دەۋردىكى ئەنگلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەنىدى. ئاننا دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن «ئاسىيا كارۋىنى» دېگەن كىتابنى يېزىپ چىقىدۇ.
  ئاننا كىتابىدا قەشقەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 1300 مېتىر ئېگىز ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ زېمىننى «غەربىي شىمالدىكى گۈزەل بوستانلىق»، «بىر پارچە گۆھەر» ۋە «قۇملۇق جەننىتى» دېگەندەك ناملار بىلەن تەرىپلەيدۇ، شۇنداقلا بۇ يەرنىڭ باھار پەسلىنىڭ ئىللىق، كۈز پەسلىنىڭ مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگگن، كۈزدە گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلغان باياشات، گۈزەل مەنزىرىسىنى ناھايىتى جانلىق تەسۋىرلەيدۇ. ئۇ يەنە قەدىمىي قەشقەرنىڭ خارابلىشىشنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىقلىمنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەب بولغان، قۇرغاقچىلىق ۋە قەھەتچىلىكنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىشى سان – ساناقسىز يېزا – كەنت، شەھەرلەرنى، بىپايان تۈزلەڭلىكلەرنى دەشتى- چۆللەرگە ئايلاندۇرۇۋەتتى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قۇم ئاستىغا غەرق بولدى. ئىران ۋە تۇران ئوتتۇرىسىدىكى قالايمىقان يېغىلىقلار بۇ يەرنىڭ سۇ ئىنشائاتىنى ۋەيران قىلدى، قۇم دۆۋىلىرى ئۆستەڭ – كۆللەرگە ھۇجۇم قىلدى، خەلقنىڭ جان تومۇرى بولغان دەريا سۇلىرى ئىز – دېرەكسىز غايىب بولدى» (41) دەپ يازىدۇ.
  ئاننانىڭ قەلىمى ئاستىدا قەشقەردىكى يېڭى ھايات ۋە يېڭىچە كەيپىيات ناھايىتى جانلىق ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى يازىدۇ: «شۇ چاغدا قەشقەر ئاسمىنى زۇمرەتتەك سۈزۈك بولۇپ، ھەممە يەر ئالتۇن رەڭ ياپراقلار ۋە قۇملار بىلەن بېزەلگەنىدى، بۇنداق رەڭدارلىقنى ھەر كۈنى، ھەر ۋاقىت، ھەر دەقىقە ئۇچراتقىلى بولاتتى. بۇ تىنچ شەھەر ھەر پەيشەنبە – بازار كۈنى ئاالھىدە جانلىنىپ كېتەتتى، مەسچىتلەر قۇپقۇرۇق مەيدانلار بايرام كەيپىياتىغا چۆمەتتى. سودىگەرلەر توپ – توپى بىلەن تەرەپ – تەرەپلەردىن بۇ يەرگە كېلەتتى، ئېشەك، تۆگە كارۋانلىرى قىستا – قىستاڭ ئىچىدە ئۇياق – بۇياققا ئۆتۈپ تۇراتتى. ئۇ يەردە كۆكتات ۋە مېۋە – چېۋە، پاختىلىق ۋە يىپەك بۇيۇملار، خۇشپۇراق ماتېرىياللار ۋە ئۇن، خۇرۇم ماللار، ئىگەر ۋە باشقا ئات جاپدۇقلىرى، زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرى، توخۇ، قوي، يۇڭ ۋە بۆزدىن توقۇلغان خۇرجۇن، چاي، گۈرۈچ، سەرەڭگە، تۆمۈر ئەسۋاب قاتارلىق كۈندۈلۈك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ سودىسى بولاتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېلىپ سېتىلاتتى ياكى ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلاتتى، ئاياللار بېشىدىن ئايىغىچە يۆگەپ تۇرىدىغان ئۇزۇن چاپان كىيىدىغان بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايتتى. كىشىلەر ئەڭ كۆپ يىغىلىدىغان جاي مەدداھلار ۋە ئەلنەغمىچىلەر ئولتۇرغان يەر بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنى چۆرىدەپ توپلاشقانىدى. ياشانغانلار ۋە بالىلار بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قىزغىن تاماشىبىن ئىدى. ئۇلار بىر ئولتۇرغىنىچە بىر قانچە سائەتلەپ داستان ياكى ساز ئاڭلايتتى.ئاڭلىغاندىمۇ ناھايىتى بېرىلىپ، زور ئىشتىياق بىلەن ئاڭلايتتى. بۇنداق نومۇرلاردىن بەھىرلەنگۈچىلەر ئىچىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك كىشىلىرى كەمدىن – كەم بولۇپ، پەقەت تەرتىپ ساقلىغۇچى خەنزۇ ساقچىلارلا ئۇ يەردە بولاتتى» (42). مانا بۇ قەشقەردىن ئىبارەت قەدىمىي دىيارنىڭ  يېڭى دەۋر ھارپىسىدىكى قايناق بازار ھاياتى ۋە تىرىكچىلىك ئۇسۇللىرىنىڭ جانلىق كارتېنىسى، قەشقەر خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە تۇرمۇشىنىڭ بىر چەتئەللىك نەزىرىدىكى تەبىئىي ئىنكاسى.
  ئاننا قەشقەردىكى يېڭىچە ھايات توغرىسىدا مۇنداق يازىدۇ: «ئەينى ۋاقىتتا چىنباغدا بولۇشقا تېگىشلىك ھەممە – ئۈسكۈنە – جابدۇقلار تولۇق ئىدى. ئۇ يەردە تەملىك چايلارنى ئىچكىلى، بولكىلارنى يېگىلى، مۇنچىلارنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرگىلى بولاتتى، ھۇجرا ئۆيلەردە قەدىمىي كىتابلار، تام مەشلىرى ۋە ئارام بەخش كرېسلولار بار ئىدى. كىشىلەر بەزىدە دالىلاردا ئات چاپتۇرسا، بەزىدە قەشقەرنىڭ سىرلىرىنى ئىزدەپ ئۇياق – بۇياققا يول ئالاتتى. خەلق كاستۇم كىيىپ، گالىستۇك تاقاپ، ئۇچلۇق بەتىنكىلەرنى كىيىشكە باشلىغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى قەشقەرنىڭ ئاللىقاچان يېقىنقى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى» (43).
  بىز چەت ئەللىك سەيياھلارنىڭ قەشقەردىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك شەھەر ھەققىدىكى ئوخشاش بولمىغان بايانلىرىدىن بۇ مۇقەددەس دىيارنىڭ يىراق ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە بولغان تارىخىي جەريانى توغرىسىدا مەلۇم تونۇش، تەسىراتقا ئىگە بولالايمىز. كىشى ئۆز يۈزىدىكى قارىنى ۋە ۋۇجۇدىدكى ئىللەتنى بايقاشتىن ھامان ئاجىز كېلىدۇ ھەم بىر خالىس ئەينەككە موھتاج بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىنى چىقىش قىلغاندا، گەرچە چەت ئەللىكلەرنىڭ كۆز قاراشلىرى مەلۇم دەرىجىدىكى بىر تەرەپلىمىلىك ۋە خاتا چۈشەنچىدىن خالىي بولالمىسىمۇ، قەشقەر ۋە قەشقەرلىكلەرنى، جۈملىدىن مىللىتىمىزنى، ئۆزىمىزنى چۈشىنىشىمىزدە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قاراشقا بولىدۇ.
  ① لاڭ يىڭ: «‹قۇتادغۇبىلىك› ۋە شەرق ۋە غەرب مەدەنىيىتى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993- يىلى 12- ئاي نەشرى، 19-، 20- بەتلەر.
② پرژىۋالىسكىي: «لوپنۇرغا سەپەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999- يىل، خەنزۇچە نەشرى، 287- بەت.
③ئەسەت سۇلايمان: «تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002- يىلى 3- ئاي نەشرى، 3- بەت.
④ ماركوپولو: «ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1991- يىلى 2-ئاي نەشرى، 82-، 83- بەتلەر.
⑤ ۋېي چاڭخۇڭ، خې خەنمىنلەر تۈزگەن: «چەت ئەل ئېكسىپىدىتسىيىچىلەرنىڭ غەربىي يۇرت ساياھەت خاتىرىلىرى»، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى (خەنزۇچە)، 1994- يىلى 9- ئاي نەشرى، 72-بەت.
⑥  چوقان ۋەلىخانوف: «قەشقەر»، ۋېي چاڭخۇڭ، خې خەنمىنلەر تۈزگەن: «چەت ئەل ئېكسىپىدىتسىيىچىلەرنىڭ غەربىي يۇرت ساياھەت خاتىرىلىرى»، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت نەشرىياتى (خەنزۇچە)، 1994- يىلى 9- ئاي نەشرى، 74-بەت.
⑦ چوقان ۋەلىخانوف: «ئالتە شەھەر خاتىرىلىرى»، «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى»، 2001- يىل 2- سان، 49-، 50- بەتلەر.
⑧يۇقىرىقى ژۇرنال، 44- بەت.
⑨يۇقىرىقى ژۇرنال، 50- بەت.
⑩ئا. ن. كوروپاتكىن: «قەشقەرىيە»، «نەشرىيات ئىلاۋىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995- يىلى 5-ئاي نەشرى، 81- بەت.
⑪ يۇقىرىقى كىتاب، «مۇقەددىمە»، 3- بەت.
⑫يۇقىرىقى كىتاب، 5- بەت.
⑬يۇقىرىقى كىتاب، 37- بەت.
⑭罗伯特.沙敖:«一个英国商人的冒险», 新疆人们出版社,2003年9月版
敖:«一个英国商人的冒险», 新疆人们出版社,2003年9月版, 第206页
⑮罗伯特.沙
⑯同上,第207页
⑰罗伯特.敖沙: «一个英国商人的冒险», 新疆人们出版社,2003年9月版, 第230页
⑱«丝绸之路与文明的对话», 中国中外关系史学会,暨南大学文学院主编, 新疆人们出版社,2007年5月版, 第207页.
⑲ كاتارىن ماكارتىنىي: «قەشقەرنى ئەسلەيمەن»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000- يىلى 9-ئاي نەشرى، كىرىش سۆز، 3- بەت.
⑳ يۇقىرىقى كىتاب، 82- بەت.
(21) يۇقىرىقى كىتاب، 38-، 39- بەتلەر.
(22) كاتارىن ماكارتىنىي: «قەشقەرنى ئەسلەيمەن»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000- يىلى 9-ئاي نەشرى، 57- بەت.
(23) يۇقىرىقى كىتاب، 76-، 77- بەتلەر.
(24) يۇقىرىقى كىتاب، 67- بەت.
(25) دىئاننا سىپتون: «قەدىمىي ماكان»، «مۇقەددىمە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000- يىلى 9-ئاي نەشرى، 2- بەت.
(26) يۇقىرىقى كىتاب، «مۇقەددىمە»، 3- بەت.
(27) يۇقىرىقى كىتاب، 204- بەت.
(28) يۇقىرىقى كىتاب، 206- بەت.
(29) لى جۈن، دېڭ مىياۋ: «سۋېن ھېدىن»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004- يىلى 3- ئاي نەشرى، 22- بەت.
(30) سۋېن ھېدىن: «ھايات – ماماتلىق باياۋان»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005- يىلى 8- ئاي نەشرى، 118- بەت.
(31) گۇننار يارىڭ: «قەشقەرگە قايتا سەپەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1998- يىلى 9- ئاي نەشرى، 110-، 111- بەتلەر.
(32) يۇقىرىقى كىتاب، 113- بەت.
(33) يۇقىرىقى كىتاب، 114- بەت.
(34) يۇقىرىقى كىتاب، 190-، 191- بەتلەر.
(35) گۇننار يارىڭ: « قەشقەرگە قايتا سەپەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1998- يىلى 9- ئاي نەشرى، 213- بەت.
(36) ئەسەت سۇلايمان: «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2006- يىلى 7- ئاي نەشرى، 232-، 233- بەتلەر.
(37) نوشىرۋان يائوشېف: «ئۇيغۇرلار يۇرتىغا زىيارەت»، «مىراس» ژۇرنىلى، 2005- يىللىق 2- سان، 11- بەت.
(38) يۇقىرىقى ژۇرنال، 16- بەت.
(39) يۇقىرىقى ژۇرنال، 2005- يىللىق 4- سان، 43- بەت.
(40) يۇقىرىقى ژۇرنال، 2005- يىللىق 3- سان، 50 بەت.
(41) «丝绸之路与文明的对话», 中国中外关系史学会,暨南大学文学院主编, 新疆人们出版社,2007年5月版, 第227页.
(42) 同上,第227页.
(43) 同上,第227页.
(ئاپتور: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ 2006- يىللىق ماگىسترانتى)

مەنبە: «مىراس» ژۇرنىلى 2008- يىللىق 6-سانىدىن ئېلىندى
بايانات

تارىخ ئۆگىنىپ ئەسلىمىزنى ئونۇتمايلى!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى