يىلتىز تارىخ يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

سوغدىلار ۋە سوغدىيانا مەدەنىيىتى

سوغدىلار ۋە سوغدىيانا مەدەنىيىتى

ۋاقتى: 2015-10-27 ئاۋاتلىقى: 1359 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

سوغدىلار ۋە سوغدىيانا مەدەنىيىتى
تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار
(قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن)
قىسقىچە مەزمۇنى: ماقالىدە، تارىختىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئېتنىك تەركىبلىرىدىن بىرى بولغان سوغدىلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، تارىخىي تەرەققىياتى، يوقىلىشى ۋە ئۇلار ياراتقان مەدەنىيەت ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: سوغدىلار؛ سوغدىيانا؛ مەدەنىيەت
سوغدىلار
سوغدىلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ-Ⅱ ئەسىرلەردىن باشلاپ Ⅻ ئەسىرلەرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى زەرەپشان، قاشقا دەريا ۋادىسىدىكى سەمەرقەنت ۋە بۇخارانى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنلىرىدە ياشاپ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە چوڭ تۆھپىلەرنى قوشقان، شۇنداقلا بۈگۈنكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئېتنىك تەركىبلىرىنىڭ بىرى بولغان قەدىمى خەلقتۇر.
تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسەن، خەرىتىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سوغدىلار ياشىغان جايلار سەمەرقەنتنى مەركەز قىلغان ھالدا، شەرقتە تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبى ياكى شىمالى ئارقىلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ـ جۇڭگوغا، جەنۇبتا ئافغانىستان ۋە ھىندىستانغا، غەربتە پىرىسىيەگە، غەربىي شىمالدا ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان كەڭ رايونلار ئىدى. تارىختا سوغدىلار ياشىغان بۇ كەڭ زېمىن ئۇلار قۇرغان خانلىق ياكى دۆلەتنىڭ نامى سۈپىتىدە «سوغدىيانا» دەپ ئاتالغان. مىلادىنىڭ باشلىرىدىلا سوغدىيانا دەپ ئاتىلىدىغان بۇ جايلار تۇپرىقىنىڭ مۇنبەتلىكى، بايلىقلىرىنىڭ موللىقى، ئادەملىرىنىڭ ئەمگەكچان، سودىغا ماھىرلىقى ۋە ئۆزىنىڭ شانلىق مەدەنىيىتى بىلەن مەشھۇر ئىدى.
تارىختا مەشھۇر نام قالدۇرغان سوغدىلار قەدىمكى تارىخىي مەنبەلەردە ۋە يېقىنقى، ھازىرقى زامان تارىخ تەتقىقاتى نەتىجىلىرىنىڭ بەزىلىرىدە ساكلاردىن دېيىلسە، يەنە بەزىلىرىدە ئارئانلاردىن بۆلۈنۈپ چىققان دېيىلىدۇ. ھازىر بىر قەدەر ئومۇملىشىپ، بىرلىككە كەلگەن كۆز قاراش بويىچە، سوغدىلارنىڭ تىلى ۋە تارىختا ئىشلەتكەن يېزىقىغا ئاساسەن ئۇلارنى شەرقىي ئىران تىل سىستېمىسىغا تەۋە قەبىلىلەرنىڭ بىرى دېيىلىۋاتىدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ ياشىغان زېمىنلىرى، يارىتىپ قالدۇرغان مەدەنىيەتلىرىنىڭ سىڭىشىپ، قوبۇل قىلىنىپ ساقلىنىشى، ئۆزىنىڭ بولسا، بىر پۈتۈن ھالدا پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەرگە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ، سىڭىشىپ، يوقۇلۇپ كېتىشى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، سوغدىلار تارىختىن بۇيان كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنلىرىدا ياشىغان بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبلىرىدىن بىرى، دېيىشكە بولىدۇ.
قەدىمكى دەۋرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان خەلقلەرنىڭ تارىخىغا دائىر مەلۇماتلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىران، يۇنان، شام ۋە جۇڭگونىڭ يازما ھۆججەتلىرى، شۇ كەڭ زېمىنلەردىكى تاغ قىيالىقلىرى، بالباللارغا ئويۇلغان تاش ئويمىلار، قېزىلما مەنبەلەر ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، شۇنداقلا يېقىنقى بىر ئەسىردىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن، شىنجاڭ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلما مەنبەلەردىن كېلىدۇ.
تەتقىقات نەتىجىلىرىدە كەلتۈرۈلگەن قەدىمكى ئىرانلىقلارنىڭ مەنبەلىرىدىن قارىغاندا، قەدىمكى پارسلار ئىران ئېگىزلىكىنىڭ شىمالىدىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا تەۋە ھەرقايسى جايلاردا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قەبىلىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، «ساكلار» دەپ ئاتىغان. مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋە شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان قوۋملارنى دائىم دېگۈدەك ئۇلار ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ نامى بىلەن مەسىلەن، مەرغىيانىلىقلار، باكتىرىيىلىكلەر، خۇارەزىملىكلەر، سوغدىيانلىقلار… دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىغان. شۇنداق بولغاچقا، «بىخۇستۇن ئابىدىسى»①دە تىلغا ئېلىنغان «ساك»لارنىڭ دەل ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركىي خەلقلەرنىڭ يىراق ئەجدادى ئىكەنلىكى تارىخچى ئالىملار تەرىپىدىن ئاللىقاچان ئىسپاتلانغان. دېمەك، قەدىمكى دەۋرلەردە ئاشۇ ساكلار بىلەن بىللە ياكى قوشنا ياشىغان خەلقلەرنىڭ بىرى سوغدىلار ئىدى.
يازما تارىخ بويىچە «تارىخ ئىلمىنىڭ ئاتىسى» دەپ تەرىپلىنىدىغان يۇنان تارىخچىسى ھېردوت (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 484-425-يىلىغىچە ياشىغان) ئۆزىنىڭ «تارىخ» ناملىق كىتابىدا «ماساگېتلار ئېيتىلىشىچە جەسۇر، جەڭ قىلىشقا ماھىر، قۇدرەتلىك مىللەت ئىكەن. ئۇلار مەشرىق (كۈن چىقىش تەرەپ)تە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بۇ جاي ئارساكىس دەرياسى (سىر دەرياسى) بويىدا، ئىسىدونىسلىقلارنىڭ قارشىسىدا ئىكەن. بەزىلەر ئۇلارنى سېكىفلارنىڭ بىر تارمىقى دەيدۇ» دېگەن، يەنە ئۇ «پارسلار بارلىق سىكىفلارنى ساكلار دەپ ئاتايتتى»② دەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھېردوتنىڭ «تارىخ»ناملىق كىتابىدا يەنە، يەر ناملىرى بىلەن ئاتالغان ئوتتۇرا ئاسىيا قوۋملىرى مەسىلەن، باكتىرىيىلىكلەر، خۇارەزەملىكلەر، فارفىيىلىكلەر ۋە شۇلار بىلەن بىر قاتاردا سوغدىلارمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. دېمەك، قەدىمكى ئىران ۋە يۇناننىڭ تارىخىي مەنبەلىرىدىكى «ساك»لار گاھىدا «سىكف»لار دېيىلىپ يەنىلا مۇشۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى ھەر قايسى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ئومۇمىي نامىنى بىلدۈرگەن.
ئىران ۋە يۇناننىڭ تارىخ مەنبەلىرىدە «ساك» دەپ ئاتالغان بۇ خەلقلەر قەدىمكى جۇڭگونىڭ تارىخ كىتابلىرىدا «سەي»(塞) خېتى بىلەن خاتىرىلەنگەن. چۈنكى «سەي» خېتىنىڭ قەدىمكى خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى «سەك»ئىدى. «خەن سۇلالىسى تارىخى» دىكى «سەيجۇڭ» (赛种)-ساك قوۋملىرىنى كۆرسەتسە، «سەيدې» (塞地) مۇشۇ ساكلارنىڭ ياشىغان زېمىنلىرىنى كۆرسىتەتتى. يەنە «خەننامە: غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دە «ئوسۇنلار (ئاسولار) ئارىسىدا ساك قوۋمى، توخرىلار ئۇرۇقىدىكىلەر بار ئىدى»، «ئوسۇن بەگلىكىنىڭ زېمىنى… ئەسلىدە ساكلارنىڭ زېمىنى ئىدى» دېيىلگەن. بۇ مەنبەلەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان «ساك» ۋە «ئوسۇن»لارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان كېيىنكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھەرخىل ئاتىلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ مەنبەلەردە چوڭ جەھەتتىن يۇقىرىقىدەك ئاتالغاندىن تاشقىرى، يەنە ئاشۇ ساك قوۋم-قەبىلىلىرى ئارىسىدا ياشىغان سوغدىلار توغرىسىدىمۇ كۆپلىگەن مەلۇماتلار بېرىلگەن. «تارىخىي خاتىرىلەر: پەرغانە تەزكىرىسى» دە «پەرغانە خانى ياخشى گەپكەن دەپ قاراپ، يول بويى ياتاق، ئوزۇق -تۈلۈك تەييارلىتىپ ۋە ئادەم قوشۇپ جاڭ چىيەننى كانگاغا يەتكۈزۈپ قويىدۇ، كانگا خانىمۇ ئادەم قوشۇپ ئۇنى ياۋچىلارغا يەتكۈزۈپ قويىدۇ»③، ئەمما «جاڭ چىيەن 1-قېتىم ئەلچىلىككە چىقىپ قايتىپ بېرىشتىن بۇرۇنلا خەن سۇلالىسىدىكىلەر غەربتە سوغدىيانا ئېلىنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر تاپقانىدى، مىلادىدىن بۇرۇنقى 133-يىلى سىماشاڭرۇ با، شۇ يەردىكىلەرگە يازغان ئەيىپنامىسىدە ھەم دۇڭ جۇڭشۇ كۆرسەتكەن تەدبىرلەردە سوغدىيانا تىلغا ئېلىنغانىدى. ئۇ خەن سۇلالىسى بىلەن ئەڭ بالدۇر مۇناسىۋەت ئورناتقان غەربىي يۇرت بەگلىكلىرىنىڭ بىرى»④ بۇ مەنبەلەردە خاتىرىلەنگەن «كانگا» (كانگىيە، قاڭقىلمۇ دېيىلىدۇ) «سوغدىيانا» دېگەنلىك بولۇپ، «تارىخىي خاتىرىلەر»نىڭ ئىزاھاتىدا، «سوغدىيانا (康居)-غەربىي ئەلدىكى قەدىمىي خانلىق. شەرقى ئۇيسۇنغا، غەربى ئائورسىغا، جەنۇبى چوڭ ياۋچىغا، شەرقىي جەنۇبى پەرغانىگە چېگراداش بولۇپ، تەخمىنەن بالقاش بىلەن كاسپىي ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ) دېيىلگەن. (خەنزۇچە «سىخەي» 1965-بەت). يەنە «خەننامە: پەرغانە تەزكىرىسى»دە «ئائورسىي كانگانىڭ شەرقىي شىمالىدىن 2000 چاقىرىم كېلىدىغان كۆچمەن چارۋىچى ئەل بولۇپ، ئۆرپ-ئادەتلىرى ئاساسەن كانگالىقلارنىڭكىگە ئوخشايدىكەن»⑤ دېيىلگەن بولۇپ، «غەربىي ئەل يەر ناملىرى»دا بېرىلگەن ئىزاھاتتا: «ئائورسى ئالان ئەنسەي-سوغدىلارنىڭ قەدىمكى ئىسمى دېگۈچىلەرمۇ بار. ئۆز دەۋرىدىلا بۇلار شىمالىي كاۋكاز، دون دەرياسىنىڭ شىمالى ئېقىنى بويلىرىدا ياشىغان تۈركىي تىل سىستېمىسىدىكى قەبىلىلەر ئىدى» دېيىلىدۇ. يەنە «خەننامە: پەرغانە تەزكىرىسى» دە «پەرغانىنىڭ غەربىدىن ئارشاكقىچە بولغان دۆلەتلەرنىڭ تىللىرى گەرچە ئوخشاشمىسىمۇ، ئەمما ئۆرپ-ئادەتلىرى ئاساسەن بىردەك ئىدى. ئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ گېپىنى ئۇقۇشاتتى. بۇ دۆلەتتىكى ئادەملەر ئورا كۆز، ساقاللىق بولۇپ، سودىگەرچىلىككە ماھىر ئىدى»⑥ دېيىلگەن بولۇپ، بۇ مەلۇماتنىڭ بىز يۇقىرىدا كەلتۈرگەن (⑤) نەقىل بىلەن كەم دېگەندە، بىر جايدا ئوخشاشلىق بار. يەنى «كانگا» (كانگىيە)… شەرقىي جەنۇبى پەرغانىگە چېگراداش» بولسا، (⑥)دىكى «ئۆرپ-ئادەتلىرى ئاساسەن ئوخشاش… ئادەملىرى ئورا كۆز، ساقاللىق بولۇپ، سودىگەرچىلىككە ماھىر» بۇ دۆلەت بولسا، پەرغانىنىڭ غەربىدە. دېمەك، سوغدىلار ئۆزىگە قوشنا بولغان پەرغانە، ئارشاكلاردىكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر بىلەن ئۆرپ-ئادەتلىرى ئاساسەن ئوخشاش، بىر-بىرىنىڭ تىلىنى ئۇقۇشالايدىغان ھالدا ياشىغان. خەن سۇلالىسى تارىخ كىتابلىرىدا سوغدىيانا ئومۇمەن «كانگا» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ، شۇ بويىچە خاتىرىلەنگەن. «خەننامە: غەربىي يۇرت (قورىغار) تەزكىرىسى»دە خاتىرىلەنگەن قەدىمكى ‹يىپەك يولى› توغرىسىدىكى مەلۇماتلاردا بەنگو قەدىمكى ‹يىپەك يولى›نى شەرھلەپ كېلىپ، «شىمالىي يول بىلەن غەربكە مېڭىپ پامىر تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، پەرغانە، كانگا ۋە ئورسى خانلىقلىرىغا بارغىلى بولىدۇ»⑦ دەيدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سوغدىيانا-كانگا دەپ ئاتىلىپ، سوغدىلار ‹يىپەك يولى› ئۈستىدىكى مۇھىم بىر ئۆتكەل مەملىكەتتە ياشىغان. «خەننامە: غەربىي يۇرت (قورىغار) تەزكىرىسى»دە يەنە، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىدىكى بەگلەرنىڭ خىزمەتلىرى بايان قىلىنىپ: «بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىش ئىشىغا مەسئۇل بولغان چېرىكلەر قورۇچىبەگكە قارايتتى؛ قورۇچىبەگ ئائورسى، كانگا قاتارلىق چەت ئەللەرنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتەتتى»⑧ دېيىلگەن. يەنە، «خەننامە: غەربىي يۇرت (قورىغار) تەزكىرىسى»دە «خان خەن ۋۇدې جاۋپونىي باشچىلىقىدىكى خەن قوشۇنلىرىنى غەربتىكى قۇس بەگلىكى (تۇرپان بەگلىكى)گە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەنلىكى بايان قىلىنىپ كېلىپ «جاۋپونىي ئالدى بىلەن يېنىك قوراللانغان 700 چەۋەنداز بىلەن كىرورانغا بېرىپ ئۇنىڭ بېگىنى ئەسىر ئالدى، ئارقىدىنلا قۇس بەگلىكىنى تارمار قىلدى. بۇنىڭ بىلەن خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ قۇدرىتى ئائورسى، پەرغانە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى خانلىقلارنى زىلزىلىگە كەلتۈرىۋەتتى»⑨ دەپ بايان قىلىنغان. گەرچە بۇ مەلۇماتتا «ئائورسى، پەرغانى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى خانلىقلار» دېيىلگەن بولسىمۇ، بىراق پەرغانە، ئائورسى خانلىقلىرىغا قوشنا بولغان كانگا (سوغدىيانا) تىلغا ئېلىنمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە شۇ «خەننامە: غەربىي يۇرت (قورىغار) تەزكىرىسى» بابىنىڭ ئاخىرىدا غەربىي يۇرتتىكى خانلىق ۋە بەگلىكلەر تونۇشتۇرۇلۇپ كېلىپ: «كانگا (سوغدىيانا) خانلىقى-قىشلىق پايتەختى لېيۆنى بۇ يەردىن بېيتىيەن شەھىرىگە (كانگا خانلىقىنىڭ بىر شەھىرى) بارىدۇ. بېيتىيەن شەھىرىنىڭ چاڭئەن بىلەن بولغان ئارىلىقى 12 مىڭ 300 چاقىرىم بولۇپ، قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىمايدۇ. بېيتىيەندىن لېتۆنىگە ئاتلىق يەتتە كۈنلۈك يول. يازلىق پايتەختى پاننى شەھىرى، ئىككى شەھەرنىڭ ئارىلىقى 9 مىڭ 140 چاقىرىم كېلىدۇ. ئاھالىسى 120 مىڭ تۈتۈن 600 مىڭ كىشى بولۇپ، ئەسكەرلىككە ياراملىق ئادىمى 120 مىڭ نەپەر، شەرقىدىن قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە 5 مىڭ 550 چاقىرىم كېلىدۇ، ئۆرپ-ئادىتى توخرىلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ. كانگا خانلىقى شەرقتىكى ھونلارنىڭ تىزگىنى ئاستىدا ياشايدۇ»⑩ دېيىلگەن. «خەننامە: غەربىي يۇرت ‹قورىغار› تەزكىرىسى (Ⅱ)»دە يەنە «غەربىي يۇرتتا جەمئىي 50 بەگلىك بار ئىدى… كانگا (سوغدىيانا) ئۇلۇغ توخرىيلار، ئارساك، كەشمىر، بەلۇجىستان قاتارلىق بەگ-خانلىقلار خەن سۇلالىسىدىن ناھايىتى يىراقتا بولغانلىقى ئۈچۈن، يۇقىرىقى 50 بەگلىك ئىچىگە كىرمەيتتى»⑪ دېيىلگەن. يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلار ئارىلاشقان بايانلاردىن، كانگا (سوغدىيانا) خانلىقىنىڭ ئاھالىسى كۆپ، شەھەرلىرى تولا ۋە ئاۋات ئىكەنلىكىنى، ئەينى ۋاقىتتا خەن سۇلالىسىغا قارام بولمىغان، ھونلارنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى مۇستەقىل بىر خانلىق سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىنى ئوڭايلا بىلىۋالالايمىز. بىراق، شۇنداقتىمۇ، كانگا (سوغدىيانا) خانلىقى خەن سۇلالىسى بىلەن ئىناق، قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئۆزئارا سوغات ئەۋەتىشىپ تۇرغانلىقى توغرىسىدىمۇ، خەن دەۋرىدىكى تارىخنامىلەردە ئانچە-مۇنچە مەلۇماتلار ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: «كېيىنكى خەننامە: غەربىي يۇرت تەزكىرى» دە «سوغدىيانا خانلىقى كانگا خانلىقىغا قارام. بۇيەردىن داڭلىق ئات، كالا، قوي چىقىدۇ، ئۈزۈم قاتارلىق مېۋىلەر بار. بۇ يەرنىڭ يەر-سۈيى ياخشى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ يەردىن چىققان ئۈزۈم شارابلىرى ئىنتايىن داڭلىق»⑫ دېيىلگەن. گەرچە بۇنىڭدا سوغدىيانا بىلەن كانگادىن ئىبارەت بىر مەملىكەتنى بىلدۈرىدىغان، ئەمما ئىككى خىل تەلەپپۇز قىلىنىدىغان بىر ئىسىم بىر-بىرىگە قارام، دەپ ئۆزئارا قارىمۇقارشى ئورۇنغا قويۇلۇشتەك خاتالىق سادىر قىلىنغان بولسىمۇ، (بۇنىڭ «كېيىنكى خەننامە»نىڭ ئەسلىي تېكىستىدىكى خاتالىق ياكى تەرجىمانلارنىڭ خاتالىقى ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس، نەقىلگە ئۆز ئەينى ئېلىندى) لېكىن بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تارىخنامىلەردە خاتىرىلەنمىگەن، غەربىي يۇرتنىڭ زور ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە مەھسۇلاتلىرى بولغان داڭلىق ئات، كالا، قوي ۋە ئۈزۈم قاتارلىق مېۋىلىرى ھەم ياخشى ئۈزۈم شارابى قاتارلىقلارنىڭ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىشى قەدىمدىن تارتىپ مەشھۇر سودىگەرلەردىن بولغان سوغدىلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خانلىقلارنىڭ داۋاملىق سودا ئالاقىسى قىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
كېيىنكى خەن دەۋرىدىن كېيىن، سوغدى دېگەن نام جۇڭگونىڭ تارىخىي ھۆججەتلىرىدە توققۇز غۇز، توققۇز جاۋۇپ ياكى توققۇز ئۇرۇقلۇق خۇ، دەپ خاتىرىلەنگەن ھەمدە سوغدىيانىلىق ئەلچىلەرنىڭ ئولپان تاپشۇرغانلىقى توغرىسىدىكى ئىشلار خاتىرىلەنگەن.
غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى، يەنى مىلادىنىڭ 16-يىلى (تىيەنفىڭنىڭ 3- يىلى) ۋاڭ ماڭ شىن سۇلالىسىنى قۇرغاندىن كېيىن، غەربىي يۇرت بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈزۈلۈپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى شەرقىي خەن ۋە 16 بەگلىك دەۋرلىرىدىن تاكى تاڭ سۇلالىسى قۇرۇلغىچە غەربىي يۇرت بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى سۇلالىلەر ئوتتۇرىسىدا تىلغا ئالغۇدەك چوڭ تارىخىي ۋەقەلەر يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇشۇ دەۋرلەردە سوغدىلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خانلىقلار ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا سودا-سېتىق ۋە مال ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ بولۇپ تۇرغانلىقى توغرىسىدا «ۋېينامە» «سوغدىلار دۆلىتى»، سۈي سۇلالىسى دەۋرىدىكى «غەربىي يۇرت توغرىسىدا رەسىملىك خاتىرە» (بۇ كىتابنى پېيجۈي دېگەن كىشى يازغان). ۋېي خېي يازغان «غەربى تاڭغۇت توغرىسىدا خاتىرىلەر»، «تاڭ تارىخىنىڭ مۇھىم بايانلىرى»… قاتارلىق كىتابلاردا سوغدىلار ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلار قالدۇرۇلغان. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، «خەن-ۋېي-تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى توققۇز غۇزلار دەل سوغدىلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇلار بەزىدە «توققۇز ئۇرۇقلۇق خۇ»، «توققۇز جاۋۇپ» دەپمۇ ئاتالغان»⑬، يەنە «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى» 97-جىلد «غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دە: «سوغدى خانلىقى-ئاستانىسى زەرەپشان دەرياسىنىڭ غەربىدە، قەدىمكى كانگىيىنىڭ زېمىنى، شەھەر سەردارىنىڭ پامىلىسى جاۋۇپ، كانگىيە شاھىنىڭ جەمەتىدىن»⑭ دېيىلگەن. قىسقىسى، تاڭ سۇلالىسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى جۇڭگو تارىخنامىلىرىدە، ھەتتا ئەرەب، پارس ۋە ياۋروپا تارىخشۇناسلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە «توققۇز ئۇرۇق»، «توققۇز جاۋۇپ»، «خۇ»، «خۇلار»… دەپ ئاتالغان قوۋم، قەبىلە، خەلق ياكى مىللەت دەل سوغدىلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى، جۈملىدىن تۈركىي مىللەتلەر تارىخى تەتقىقاتىدا ئومۇمەن ئېتىراپ قىلىنغان مەسىلە بولۇپ، جۇڭگو تارىخشۇناسى سەي خۇڭشېڭ ئەپەندىنىڭ «تاڭ دەۋرىدىكى توققۇز غۇزلار ۋە تۈرك مەدەنىيىتى» ناملىق ئەسىرى، دەل مۇشۇ توققۇز غۇزلار، يەنى توققۇز جاۋۇپ، توققۇز ئۇرۇقلۇق خۇ ـ سوغدىلار ھەققىدە بىر قەدەر كەڭ ۋە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان، سوغدىشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى مۇكەممەل ئەسەر، دەپ قاراشقا بولىدىغان كىتابتۇر.
سوغدىلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھەرقايسى سۇلالىلەر ۋە ئەتراپىدىكى ھەرخىل تىل، ھەرخىل ئېرىققا مەنسۇپ خەلقلەر بىلەن ھەمدە ئۇلار قۇرغان خانلىق-دۆلەتلەر بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە بولغان بولسا، ئاسىيانىڭ شەرقىدىكى پايانسىز يايلاقلاردا قۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەن سۇلالىسىغا ئوخشاش چوڭ دۆلەت، كۈچلۈك سۇلالىلەر بىلەن دائىم تىركىشىپ تۇرىدىغان، «مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردە ئۆزىنىڭ كۈشەندىسىگە ئايلانغان سىيانپىلار تەرىپىدىن بايقال كۆلى ئەتراپىدىكى رايونلاردىن غەربكە قوغلىۋېتىلىپ، بىر ئەسىردىن كېيىن، ئاخىرى سوغدىيانانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى سىر دەريا يايلاقلىرىدا پەيدا بولغان ھونلار»⑮ بىلەنمۇ ئوخشاشلا ئۆزئارا قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن، ھەتتا بەزىدە ھونلارغا قارام بولغان. كېيىنچە كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تېپىلغان قەدىمكى ھۆججەت ۋە قېزىلما يادىكارلىقلارنىڭ سوغدىلارغا تەۋە بولغانلىرى بۇ پىكىرىمىزنى دەلىللەيدۇ. ئەمما، بۇ ھەقتىكى مىسالىي تەپسىلاتلارنى بايانىمىزنىڭ كېيىنكى بۆلەكلىرىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىمىز.
تارىخ توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ، مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تىزگىنى تۈركلەرنىڭ قولىغا ئۆتتى. مىلادى 551-يىلىدىن 744-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن كۆك تۈرك خانلىقى ھون ئىمپىرىيەسىدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا مەيدانغا كەلگەن يەنە بىر ئەڭ قۇدرەتلىك خانلىقلارنىڭ بىرى ئىدى. كۆك تۈرك خانلىقى ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىللەردە، بىز مۇھاكىمە قىلىۋاتقان سوغدىلار مۇشۇ كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ تەركىبىدە بولدى، سوغدىيانا ۋادىسى كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ تېررىتورىيە دائىرىسىگە كىردى. بۇنىڭ بىلەن «سوغدىلار غەربىي تۈرك يابغۇلىقى زامانىدىلا سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىگە جەلپ قىلىندى»⑯. سوغدىلارنىڭ كۆك تۈرك خانلىقى دەۋرىدىكى ئەھۋالىنى بۇ خانلىق زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقان مەزگىللەردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنىڭ تەۋرەنمەس نامايەندىسى بولغان «مەڭگۈتاش» ئويمىلىرىدىكى خاتىرىلەردىن كۆرۈۋالالايمىز. چۈنكى «مەڭگۈ تاشلاردا كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى سۆزلەنگەن بولۇپ، مەڭگۈ تاشلار ـ كۆك تۈرك خانلىقى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى خاقانلىقلارنىڭ نەسەبنامىسى، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، سودا مۇناسىۋەتلىرى، قەبىلىلەر ئارا ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلار، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادلىرى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، قەبىلىلەرنىڭ ناملىرى، ياشىغان جايلىرى ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋاللىرى ھەققىدە بىزنى مۇھىم مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ». مەسىلەن: «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» جەنۇب تەرەپ 46، 47، 48-قۇرلاردا بىلگە تۇنيۇقۇقنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى تەسۋىرلىنىپ كېلىپ، «ئىنەل خاقان… ساقا (ساكلار)، تەزىك (تاجىكلار)، توقرىي (توخرىلار) ۋە شۇيەردە ئولتۇراقلاشقان… باشچىلىقىدىكى سوغداق خەلقىنىڭ ھەممىسى ئەل بولۇپ، يۈكۈندى… تۈرك خەلقى تۆمۈر قاپقىغا (سەمەرقەنت بىلەن بەلخ ئارىلىقىدىكى بوزقالا تېغىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىم بىر ئۆتكەل) ۋە (تەڭرى ئوغلى) دەپ ئاتىلىدىغان تاغقا ئەزەلدىن تېگىپ باقمىغانىدى. مەنكى بىلگە تۇنيۇقۇق ئۇ يەرگە يۈرۈش قىلغانلىقىم ئۈچۈن ئۇلار (سوغداقلار) سانسىزلىغان سېرىق ئالتۇن، ئاق كۈمۈش، قىز-ئاياللارنى، ئېسىل ئېگەر-جابدۇق ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى كەلتۈردى»⑰ دەپ ئويۇلغان. بۇنىڭدىن بىلگە تۇنيۇقۇقنىڭ 716-يىلى قاباغان خاقان بىلەن بىرلىكتە تۈرك خەلقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كۈرىشىدە سوغدىلارنىڭمۇ تۈرك خانلىقىغا تەۋە بولغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. «كولتېكىن مەڭگۈ تېشى» شەرق تەرەپ 39-قۇردا: «بىز يەنە سوغداقلارنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن، يىنچۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ تا تۆمۈر قاپقىغىچە يۈرۈش قىلدۇق»، دېيىلگەن بولسا، يەنە شۇ مەڭگۈ تاشنىڭ غەرب تەرەپ 1-جۈملىسىدە «غەربتىكى سوغداقلار ئاسىيلىق قىلدى»⑱ دېيىلگەن. كولتېكىن تۈرك خاقانلىرىدىن بىلگە خاقاننىڭ ئىنىسى بولۇپ (مىلادى 731-يىلى 47 يېشىدا ۋاپات بولغان) بىلگە خاقاننىڭ تابغاچلار ۋە باشقا ئاسىيلىق قىلغان خەلقلەرنىڭ ھۇجۇمىنى تارمار قىلىشتا كارامەت باتۇرلۇق كۆرسەتكەن. كولتېكىن مەڭگۈ تېشىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ تەتقىق قىلغىنىمىزدا، تۇنيۇقۇق زامانىسىدا كۆك تۈرك خانلىقى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرگەن سوغدىلارنىڭ بىلگە خاقان زامانىسىغا كەلگەندە، خاقانلىققا ئاسىيلىق قىلغان ۋە يەنە بەيئەت قىلدۇرۇلغانلىقىنى بىلەلەيمىز. بۇنىڭدىن باشقا يەنە «بىلگە خاقان مەڭگۈ تېشى» ۋە «بايانچۇر (Ⅰ) مەڭگۈ تېشى» قاتارلىقلاردىمۇ بىلگە خاقان ۋە ئەل ئەتمىش بىلگە خاقانلارنىڭ سوغدىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنى بويسۇندۇرغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار ئۇچرايدۇ. دېمەك، كۆك تۈرك خانلىقى دەۋرىدە سوغدىلار قۇدرەتلىك تۈرك خانلىقىغا پات-پات قارشى چىقىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ سەھنىسىدە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىپ تۇرغانىدى.
مىلادى 600-يىلىغا كەلگەندە، تۈرك خانلىقى شەرقىي ۋە غەربىي تۈرك خانلىقىدىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. بۇ كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ بەرباتلىققا يۈزلەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. 646-يىلىغا كەلگەندە، شەرقىي تۈرك خانلىقى تەۋەسىدە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى نامى بىلەن مەشھۇر بولغان يەنە بىر كۈچلۈك خانلىق ۋۇجۇدقا كەلدى ۋە بارا-بارا قۇدرەت تېپىپ، سابىق تۈرك خانلىقىنىڭ زور كۆپ قىسىم تېرىتورىيەسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى. بۇ دەۋردىكى سوغدىلار بولسا، دەل مۇشۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ھاياتىدا ناھايىتى مۇھىم روللارنى ئوينىغانلىقى شۈبھىسىز. گەرچە سوغدىلار بۇ خانلىقنىڭ سىياسىي، ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا ئۆزىنى ئوچۇق-ئاشكارا كۆرسىتەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا ۋە مەدەنىيەت ھاياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەل قىلغۇچ تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. مەسىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىپايان يايلاقلىرىدا قەدىمكى ئەجدادلىرىغا ئوخشاشلا كۆچمەن چارۋىچىلىق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزىدىن خېلى بۇرۇنلا ئولتۇراق ھاياتقا قەدەم قويغان ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان سوغدىلاردىن تېرىقچىلىق قىلىشنى ئۆزلەشتۈرۈپ، قىسمەن ئولتۇراق ھاياتقا قەدەم قويدى. ئەڭ مۇھىمى، گەرچە ئۇيغۇرلار ھۆكۈمرانلىق، سىياسىي كۈچ جەھەتلەردە ئۆزىدىن تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزىدىن خېلىلا يۇقىرى بولغان سوغدىلارنىڭ يېزىقى ئاساسىدا ئۆز يېزىقىنى ئىجاد قىلدى، مىلادى 240-يىللىرى ئەتراپىدا ئىراندا پەيدا بولغان مانى دىنىنىمۇ ئۇيغۇرلار مۇشۇ سوغدىلار ئارقىلىق قوبۇل قىلدى.
سوغدىلار ئەزەلدىنلا سودىگەرچىلىككە ماھىر خەلق بولۇپ، ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سودىگەرچىلىكى مۇشۇ سوغدىلارنىڭ تۈرتكىسىدە ئىنتايىن زور دەرىجىدە راۋاجلانغانىدى.
ئۇيغۇر تارىخىدىن ئاز-تولا خەۋىرى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە مەلۇم بولغىنىدەك، مىلادى 840-يىلىغا كەلگەندە، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا ئېغىر تەبىئىي ئاپەت يۈز بەردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىنسەي دەرياسى بويلىرىدىكى قىرغىزلار ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىچكي قىسمىدا يۈز بېرىشكە باشلىغان ھاكىمىيەت تالىشىش زىددىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، بۇ خانلىققا تەھدىت سېلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن مىلادى 845-يىلىغا كەلگەندە، ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى ۋە بۇ خانلىققا تەۋە بولغان بارلىق خەلقلەر بىرلىكتە غەربكە، ئۆز قېرىنداشلىرى ياشاۋاتقان تارىم ۋادىسى، خېشى كارىدورى ۋە ھىنگان تاغلىرىنىڭ ئېتەكلىرىگە قاراپ كەڭ كۆلەملىك كۆچتى. دەل مۇشۇ بۈيۈك كۆچۈشتە، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدىكى سوغدىلارمۇ بىللە كۆچتى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كۆك تۈرك خانلىقى دەۋرىدىن باشلانغان تۈركلىشىش جەريانى تېخىمۇ تېزلەشتى. بۇ ھەقتە مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن ئۆزىنىڭ «سوغدىلارنىڭ ئېتنىك ۋارىسلىرى» («شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1995- يىللىق 3-سان، 54-بەت) ناملىق ماقالىسىدە ئەتراپلىق توختالغان.
دەرۋەقە، غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، قاراخانىيلار خانلىقى (مىلادى 850-يىلىدىن 1312-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن)، قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى(مىلادى 850- يىلىدىن 1335-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) ۋە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى (مىلادى 870-يىلىدىن 1036-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) قاتارلىق خانلىقلارنى قۇردى. سوغدىلار مۇشۇ خانلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىجتىمائىي، سىياسىي روللارنى ئوينىدى. بۇ خانلىقلار ئىچىدە بىر قەدەر بۇرۇنراق قۇرۇلۇپ، ھەممىدىن ئۇزۇن ھۆكۈم سۈرگەن خانلىق قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ئىدى. بۇ خانلىقنىڭ ئاساسلىق خەلقى سوغدىلار، تۈركلەر ۋە شەرقىي ئىران تىل سىستېمىسىدىكى خەلقلەر ئىدى. «بۇ يەرنىڭ تۈپ ئاھالىسى-ئىران تىل سىستېمىسىدىكى ئادەملەرنىڭ ئەۋلادلىرى ھەمدە بۇ يەرگە خېلى كېيىن، يەنى Ⅳ-Ⅴ ئەسىرلەردە كېلىپ ئورۇنلىشىپ قالغان سوغدى جامىئەسىنىڭ ئەۋلادلىرى. ئۇلار كېيىنرەك كەلگەن قارلۇق، باسمىل ۋە چۆل تۈكلىرى تەرىپىدىن خېلى دەرىجىدە تۈركلەشتۈرۈلدى. مانا بۇ جايلاردا خېلى نۇرغۇن سانغا ئىگە بولغان تېلى تۈركلىرىنىڭ پەيدا بولىشى، بۇ يەردىكى ئاھالىنىڭ تۈركلىشىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ۋە تۈرك قەبىلىلىرىدىن ئىبارەت ئاھالىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر (يېڭى ئۇيغۇرلار) نامىنى ئالغان خەلق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ»⑲. رۇسىيە ئالىمى مالياۋكىننىڭ بۇ بايانلىرىنىڭ ئۆزىدىن سوغدىلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە غەربكە كۆچۈشتىن ئىلگىرىلا بۇ جايلاردا ئۇيغۇر، سوغدى ۋە باشقا تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ياشىغانلىقى بىلىنىپ تۇرسىمۇ، لېكىن مالياۋكىن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تەتقىقات ساھەسىدە، مىلادى 840-يىلىدىن ئىلگىرى، يەنى ئۇيغۇر قاتارلىق ئورخۇن بويىدىكى خەلقلەر غەربكە كۆچۈشتىن ئىلگىرى تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇب، شىمالىدا، يەنى تارىم ۋادىسى ۋە جۇڭغارىيە ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن بار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان ئالىملارنىڭ بىرى. ئەمما، بىز ئۇنىڭ بايانلىرىدىكى سوغدىلارغا مۇناسىۋەتلىك پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىمىز. ئەلۋەتتە، مالياۋكىننىڭ سوغدىلار توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن كۆرە، بۇ جايلاردا، يەنى ھازىرقى شىنجاڭ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا مىلادى Ⅴ ئەسىردىن بۇرۇنلا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار، سوغدىلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر بار ئىدى، دېگەننى مۇئەييەنلەشتۈرۈۋېلىشىمىز لازىم. مەسىلەن، تۇرپاندىكى قاراغوجا خارابىسىدىن تېپىلغان سوغدىچە خەت يېزىلغان تارىشا پۈتۈكلەر يۇقىرىقى پىكىرىمىزنى دەلىللەيدۇ. يەنە خەنزۇچە مەنبەلەردىن «بەش سۇلالە تارىخى»، «كېيىنكى بەش سۇلالە تارىخى» قاتارلىقلاردىمۇ سوغدىلاردىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ئەلچىلەر كەلگەنلىكى توغرىسىدا بايانلار بار. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار ئۈستىدە گەپ بولغاندا، ئۇلار ياغلاقار ئۇرۇقى باشچىلىقىدىكى توققۇز ئۇرۇققا بۆلۈنگەنىدى، دەپ كەڭ بايان قىلىنىدۇ. «يېڭى تاڭنامە»دە بائىرقۇلارنىڭ توققۇز ئۇرۇقى ئۈستىدە سۆزلىنىدۇ، «كىتابلار جەۋھىرى» قامۇسىدا تۇڭرالارنىڭ توققۇز ئۇرۇقى ئۈستىدە ئىككى يەردە بايان قىلىنىدۇ. (تېلى قەبىلىلىرىگە مەنسۇپ بائىرقۇ ۋە توڭرالار ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىتتىپاقى تەركىبىدە ئىدى). «كونا تاڭنامە»دە «باسمىللارنىڭ توققۇز ئۇرۇقى»نىڭ تۈركلەر خاقانى ئۆزمىسقا قىلىنغان ھۇجۇمى سۆزلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچۈشتىن بۇرۇن قۇجۇ خانلىقىنىڭ زېمىنى لياۋ سۇلالىسىگە قارايتتى، شۇڭا «لياۋ سۇلالىسى تارىخى»دا تاتارلارنىڭ توققۇز قەبىلىسى ئۈستىدە سۆزلىنىدۇ. (كولتېكىن ئابىدىسىدىمۇ «توققۇز ئۇرۇق»دېگەن گەپ ئىككى يەردە ئۇچرايدۇ). دېمەك، كېيىكى ۋاقىتلاردا جۇڭگو تارىخنامىلىرىدا سوغدىلارنى «توققۇز ئۇرۇقلۇق خۇ»دەپ كۆرسىتىش ئومۇملاشقان. قىسقىسى، سوغدىلار Ⅳ-Ⅴ ئەسىرلەردىلا تارىختا مەشھۇر بولغان «يىپەك يولى» لېنىيەسىنى بويلاپ يۈرۈشۈپ، چوڭ كۆچۈشتىن خېلى بۇرۇنلا مەركىزىي ئاسىياغا كېلىپ يەرلەشكەنلىكى ئېنىق.
بۇنىڭدىن باشقا قەدىمكى تارىم ۋادىسىنىڭ ھەرقايسى بوستانلىقلىرىدا سوغدىلارنىڭ مۇئەييەن ئىزلىرى قالغان. «ئادەتتىكى قائىدە بويىچە ئېيتقاندىمۇ، سوغدىلارنىڭ شەرققە كېلىشتە چوقۇم ئۆتىدىغان يولى ‹يىپەك يولى› ئۈستىدىكى مۇھىم شەھەرلەردە ئۇلارنىڭ ئىزلىرى قېلىشى تەبىئىي ئىدى»⑳. شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەككى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھاياتىدا سوغدىلار خېلى چوڭ رول ئوينىدى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە غەربكە كۆچۈپ كېلىپ، بۇ يەدىكى ئەزەلى ئۇيغۇرلار بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇچراشتى (قوشۇلدى، بىرلەشتى).
Ⅸ ئەسىردىن Ⅻ ئەسىرگىچە ئوتتۇرا ئاسىيادا تازا گۈللەپ راۋاجلانغان ۋە ئىسلام دىنىنى تۇنجى بولۇپ قوبۇل قىلغان قۇدرەتلىك خانلىق قاراخانىيلار خانلىقى ئىدى. قاراخانىيلار خانلىقىدىكى سوغدىلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ۋە «ھۇددۇدۇلئالەم»لەردە تىلغا ئېلىنىپ ئۆتۈلگىنىدەك، «بەشبالىق ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلاردا سوغدىلارنىڭ بەش كەنتى بولغان، يەتتە سۇ، تەڭرى تېغىنىڭ ھەرقايسى مۇھىم ئۆتكەللىرى، لوپنۇر رايونى، تاڭغۇت يولى (خېشىي كارىدورى) ۋە تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەندىمۇ سوغدى سودىگەرلىرىنىڭ كەنتلىرى بولغان»(21). ئۇنىڭدىن باشقا، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە «سوغداق ـ بالاساغۇنغا كېلىپ جايلاشقان بىر قوۋم. ئۇلار سوغدىلاردىن بولۇپ، بۇخارا بىلەن سەمەر قەند ئارىسىدا ياشايدۇ، ئۇلار تۈركلىشىپ كەتكەن»(22) دېيىلىدۇ. يەنە ئاكادېمىك بارتولدنىڭ «يەتتە سۇ تارىخىنىڭ ئوچېرىكلىرى» ناملىق ئەسىرىدىكى قاراخانىيلارنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچى قەبىلىلىرىدىن بىرى بولغان قارلۇقلار توغرىسىدىكى بابىدا: «ماۋەرائۇننەھىر خەلقى سودا-سېتىق ئىشلىرىغا ئۇستا بولۇش بىلەن دائىم پەرقلىنىپ تۇردى. ئۇلار ئىسلام دىنى تارقىلىشتىن بۇرۇنلا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تۈرلۈك ئورۇنلىرىدا سودا قىلىدىغان جايلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەنىدى. سوغدىلىقلارنىڭ سودا-سېتىق ئېلىپ بارىدىغان جايلىرى قاتارىدا تۈركىستاننىڭ (شىنجاڭنىڭ) ئەڭ يىراق قىسمى بولغان توققۇزغۇز يەرلىرىمۇ بار ئىدى»(23) دېيىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىكى «توققۇزغۇز يەرلىرى» دەل قاراخانىيلارنىڭ شەرقتىكى يىراق چېگرالىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا قاراخانىيلار تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار ئىچىدىن سوغدىلارغا مۇناسىۋەتلىك تۇتاملىقراق مەلۇماتلارنى تاپماق تەس. چۈنكى Ⅺ-Ⅻ ئەسەرلەرگە كەلگەندە، قاراخانىيلار تەۋەسىدىكى سوغدىلار ئاساسەن تۈركلىشىش جەريانىنى تاماملاپ بولغان. جۇڭگونىڭ قەدىمكى تارىخنامىلىرىدا، قاراخانىيلارغا دائىر مەلۇماتلار ئاساسەن يوق دېيەرلىك، چۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيادا قاراخانىيلار تازا گۈللەنگەن مەزگىللەردە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى قۇدرەتلىك تاڭ سۇلالىسى خارابلىققا يۈزلىنىشكە باشلىغان بولۇپ، بەش دەۋر، كېيىنكى لياڭ، كېيىنكى تاڭ، كېيىنكى جىن، كېيىنكى خەن قاتارلىق خانلىق-بەگلىكلەرگە بۆلۈنۈپ تاكى 960-يىلى سوڭ سۇلالىسى قۇرۇلغىچە ئۆز ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ، غەربتىكى قوشنىلىرىدىن بىرى بولغان قاراخانىيلار خانلىقى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشقا چولىسى تەگمىدى. شۇنداقتىمۇ، «بەش دەۋر تارىخى»، «كېيىنكى بەش دەۋر تارىخى» قاتارلىق مەنبەلەردە غەربتىكى خانلىقلاردىن سوغدى سودىگەرلىرىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى بىر قىسىم جايلارغا بېرىپ سودا-سېتىق قىلغانلىقى ھەققىدىكى تېرمىنلار ئۇچرايدۇ.
ئەرەب تارىخچىلىرىنىڭ مۇشۇ دەۋردىكى خاتىرىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ باقىدىغان بولساق، ئۇلار سوغدىيانا رايونىنىڭ قاراخانىيلاردىن خېلى بۇرۇنلا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلگەچكە، بۇ دەۋردە قاراخانىيلارغا تەۋە، ئاساسەن تۈركلىشىپ بولغان سوغدىلارنى تۈركلەردىن پەرقلەندۈرۈپ ئايرىم تىلغا ئېلىپ ئولتۇرماستىن، ھەممىسىنى تۈرك دەپ ئاتاپ كېتىۋەرگەن.
شۇنداق قىلىپ، يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار قۇرغان يەنە بىر خانلىق گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى بولۇپ، بۇ خانلىقتىكى سوغدىلارنىڭ پائالىيەتلىرى نىسبەتەن گەۋدىلىك بولغان. يەنە كېلىپ «سوغدىلار ئۇيغۇر خانلىقىدىكى ھاكىمىيەت ئورۇنلىرى بىلەنمۇ، ئاھالىلەر بىلەنمۇ ئوبدان مۇناسىۋەت ئورناتقانىدى، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ئەلچىلىكلىرى تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان سوغدىلارنىڭ بارلىقى يۇقىرىقى پىكىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلايدۇ، بەلكىم مۇشۇ پاكىت ئۇيغۇرلار دۆلىتىدە سوغدىلار رولىنىڭ ئۆسۈپ بارغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. شەھەر مەركەزلىرىدىكى بىرىنچى نۆۋەتتە دۇنخۇاڭغا كەلگەن سوغدىيانىلىق ئاھالىلەر ئۇ يەرگە يېڭىدىن كەلگەن سوغدىلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن دۇنخۇاڭدىكى ھاكىمىيەت ساۋ فامىلىلىك سوغدىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ قالدى. شۇنداق قىلىپ، نەنسەن تېغى ئېتىكىدىكى بەك مۇھىم سودا مەركىزى ۋە دىنىي ئىبادەت مەركىزى بولغان دۇنخۇاڭ شەھرىدە تىبەت دۆلىتى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ھاكىمىيەت بېشىغا خەنزۇ ئاھالىسىنىڭ ۋەكىلى چىققان بولسا، ئەمدىلىكتە بۇ شەھەر سوغدىلارنىڭ نازارىتىدە بولۇپ قالدى. نەنسەن تېغى ئېتەكلىرىدىكى باشقا شەھەرلەردىمۇ تەخمىنەن شۇچاغلاردىكى، ئەھۋاللارغا قارىغاندا، مۇشۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان ئەھۋال يۈز بەرگەن بولسا كېرەك. «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئۆرنەكلەر» دە «باشقا شەھەرلەر چان ۋە خۇلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىندى» دەپ كۆرسىتىلىشى يۇقىرىقى پىكىرىمىزنى ئىسپاتلاشقا ياردەم قىلىدۇ. «خۇ» ئاتالغۇسى دەسلەپتە، ئومۇمەن شەرقتىكى (ياۋايىلار)نى ئىپادىلىگەن بولسا، كېيىنچىرەك بۇ ئاتالغۇ ھونلارنى، سىيانپىيلار، قاڭقىللارنى ۋە باشقىلارنى ئىپادىلەيتتى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، بۇ تېرمىن پەقەت سوغدىلارنىلا كۆرسىتىپ كەلدى. شۇڭا، «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئۆرنەكلەر»دىكى «خۇ» تېرمىنى سوغدىلارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ چۈشىنىش كېرەك»(24). خېشى كارىدورىدىكى گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تاڭ سۇلالىسى زاۋال تاپقاندىن كېيىنكى سوغدىلارنى يەنىلا «خۇ» دەپ ئاتاپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەشكە بولىدۇ، بۇ تەبىئىي ئەھۋال. چۈنكى بۇ يەرلەردە سوغدىلار تۇرىدىغان خېلى كۆپ ئورۇن-جايلارنىڭ بولغانلىقى ئارخېئولوگىيە ئىلمى تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان بولغاچقا، كىشىلەردە ھېچقانداق گۇمان قوزغىمايدۇ. دېمەك، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىدە پەيدا بولغان سوغدىلار ئاسىيانىڭ شەرقىدىكى جۇڭگوغا يېقىن بولغان گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تەركىبىدە تۇرۇپ بەزى بەگلىكلەرنىڭ ھاكىمىيىتىنىمۇ ئۆز قولىغا ئېلىپ، باشقۇرغان ۋە بۇ خانلىقنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا كۆرۈنەرلىك رول ئوينىغان.
مىلادى Ⅰ ئەسىرلەردىن، مىلادى Ⅶ-Ⅷ ئەسىرلەرگىچە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا چوڭ رول ئوينىغان سوغدىلار، سەمەرقەنت بىلەن بۇخارانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇنبەت سوغدىيانا تۇپرىقىدا ياشاپ كېيىنچە ھەر خىل تارىخىي، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارىلىپ كەتكەن، بۇ خەلق، ئومۇمەن شەرقىي ئىران تىللىرىنىڭ بىرىدە سۆزلىشىدىغان قەدىمىي خەلقلەرنىڭ بىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنسىمۇ، لېكىن ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ھەممە جەھەتلەردىن پۈتۈنلەي تۈركلىشىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئېتنىك تەركىبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. Ⅻ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ⅩⅢ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كېيىن سوغدى دېگەن نام تارىخ بېتىدىن تامامەن ئۆچتى.
سوغدىيانا مەدەنىيىتى

بايانىمىزنىڭ بېشىدا سوغدىلار ياشىغان زېمىنلارنىڭ سوغدىيانا دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەنىدۇق. سوغدىلار مۇشۇ مۇنبەت سوغدىيانا تۇپرىقىدا ياشاپ ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ كېيىنكى مەدەنىي ۋە مەنىۋى، ماددىي ھايات-تەقدىرىگە تەسىر كۆرسەتكۈدەك مول مەدەنىيەت مۇۋەپپەققىيەتلىرىنى ياراتقان. بۇ مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۇلارنىڭ مىللەت نامى ۋە ياشىغان زېمىننىڭ نامى بىلەن قوشۇلۇپ سوغدىيانا مەدەنىيىتى دېيىلىدۇ.
سوغدىلار ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەڭ بۇرۇن مەدەنىيەت دەۋرىگە كىرگەن خەلقلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەڭ ئاكتىپ مەدەنىيەت تارقاتقۇچىلارنىڭمۇ بىرى ئىدى. شۇنى دەپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ئۇيغۇرلار مۇشۇ سوغدىلارنىڭ بىردىن-بىر ئېتنىك ۋارىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن سوغدىلارنىڭ مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ھېلىھەم ۋارىسلىق قىلىپ كەلمەكتە. قىسقىسى، «ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ئۇزاققا سوزۇلغان مىللەت بولۇپ شەكىللىنىش جەريانىدا، سوغدىلار مۇھىم ئېتنىك قاتلام سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ پىسخىك تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسىدىكى سىرتقا ئېچىۋېتىش، تېز قوبۇل قىلىش، يۇمۇرلۇق تۇيغۇغا ۋە ھۈنەر-سەنئەتكە ھېرىسمەنلىك، شۇنداقلا سودا- تىجارەتتىكى يوشۇرۇن ئىقتىدار قاتارلىق ئاكتىپ ئامىللارنىڭ يېتىلىشىدە سوغدىلار ئېرسىي ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىدى»(25).
دەرۋەقە، دىننىڭ پەيدا بولىشى بىر تەرەپتىن، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولدى. شۇڭا، مەيلى غەربتە، مەيلى شەرقتە پەيدا بولغان دىنلار بولسۇن، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈچۈن ھەممىسى ئەڭ ئالدى بىلەن سوغدىيانادا قوبۇل قىلىنىپ، ئاندىن باشقا جايلارغا تارقىلاتتى. مەسىلەن، باكتىرىيەدە مەيدانغا كەلگەن زارو ئاستىر دىنى (ئاتەشپەرەسلىك) ئاخمىدلار سۇلالىسىنىڭ ھىمايىسىدە ئىران مىللەتلىرىگە ئەڭ ئاۋال تارقالغان. بۇ دىننىڭ مۇقەددەس دەستۇرى «زېند ئاۋستا»دا قەيت قىلىنغان سوغدىيانا، مەرغىيانا (خۇراساننىڭ كونا نامى)، باكتىرىيە، ھېركانىيە، پەرغانە قاتارلىق جايلارنىڭ مۇشۇ دىن مۇرىتلىرىنىڭ ماكانى بولغانلىقىدىن قارىغاندا، «…بۇ دىن ئىجاد قىلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا سوغدىياناغا تارقالغان»(26). ئاندىن سوغدى دىن تارقاتقۇچىلىرى ۋە سوغدى سودىگەرلىرى، كۆچمەنلىرى ئارقىلىق ئاسىيانىڭ شەرقىگە ۋە شەرقىي شىمالىغا تارقالغان. مەسىلەن، «شىمالىي ۋېي دەۋرىدىن تارتىپ تاكى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە جۇڭگو زېمىنىدىكى زاروئاستىر (ئاتەشپەرەسلىك) دىنىنىڭ راھىبلىرى سوغدىلاردىن بولۇپلا قالماي، بەلكى ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن بۇ دىننى باشقۇرغۇچىلارمۇ تامامەن دېگۈدەك سوغدىلاردىن بولغان، بۇ راھىب ۋە باشقۇرغۇچىلار سۇلالە ئوردىسىنىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن ۋە يۇقىرى مەرتىۋىدىن بەھرىمەن بولغان. «سۈينامە» 28-جىلد «ئەمەلدارلار تەزكىرىسى»دە: «شۇ چاغدىكى راھىبلار بىلەن دىننى باشقۇرغۇچى سوغدى ئەمەلدارلىرى 7-، 9- ۋە 11-دەرىجىلىك تەمىناتتىن بەھرىمەن بولغان، بۇ ئەينى ۋاقىتتا ۋالىي دەرىجىلىك مەنسەپلەر ئىدى»(27) دېيىلىدۇ.
مىلادى Ⅰ ئەسىردە ھىندىستاندا پەيدا بولغان بۇددا دىنىمۇ ئەڭ ئالدى بىلەن سوغدىلارنىڭ يېقىن قوشنىسى بولغان باكتىرىيەگە، ئارقىدىنلا سوغدىيانا زېمىنىگە كىرگەن. بۇددا دىنى سوغدىياناغا يەنە بىر چوڭ دىن مانى دىنى كىرىشتىن 270 يىل بۇرۇن پۈتۈنلەي تارقىلىپ بولغان. بۇددا دىنىنىڭ سوغدىيانادىن شەرقتىكى باشقا مەملىكەتلەرگە قانداق تارقالغانلىقى توغرىسىدا تەخمىن قىلىش ئۈچۈن، ئاساسەن جۇڭگو مەنبەلىرىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. جۇڭگونىڭ شۇ دەۋرگە ئائىت تارىخىي ھۆججەتلىرىدە سەمەرقەنت ۋە سوغدى زېمىنلىرى «كانگىيە»، «كانگا» دېيىلەتتى. شۇنداقلا سوغدى سودىگەرلىرى ۋە سوغدى راھىبلىرىمۇ سوغدىيانانىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى بويىچە ئۆز يۇرتلىرى نامىنىڭ باش ھەرپلىرىنى فامىلە قىلىپ خاتىرىلەيتتى. شۇڭا، جۇڭگو تارىخ كىتابلىرىدا «… بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى چاغلاردا جۇڭگوغا بېرىپ بۇددا دىنىنى تارقاتقان كىشىلەر كانگالىق (سەمەرقەنتلىك) راھىبلاردىن كاڭ جۈي، كاڭ مىڭ شاڭ، كاڭ سىڭكەي قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلار Ⅱ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن Ⅲ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا خەن، ۋېي خاندانلىقلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان بۇددىزم ساھەسىدىكى ئەربابلار ئىدى»(28). دېمەك، بۇددا دىنىمۇ ئەڭ ئاۋۋال سوغدىلار ئارىسىغا تارقالغان، ئاندىن سوغدى راھىبلىرى دىن تارقاتقۇچى ۋە تەرجىمانلار سۈپىتىدە جۇڭگوغا بېرىپ، بۇددا دىنى مەدەنىيەت-سەنئىتى ۋە بۇددىزم بىناكارلىقىنى كەڭ تارقاتقان، ھەتتا سۈي، تاڭ دەۋرلىرىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە بۇددىزم مەدەنىيەت-سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشىگە زور تۆھپە قوشقان.
مىلادى Ⅱ ئەسىردە غەربىي ئاسىيادا (سۇرىيەدە) پەيدا بولغان مانى دىنى ئەڭ ئاۋۋال «… ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سوغدىلار، يەنى ئېلىمىز تارىخنامىلىرىدا توققۇز جاۋۇپ ياكى توققۇز ئوغۇز دەپ ئاتالغان خەلقلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا، ئاندىن ئىچكىرىي ئۆلكىلەرگە تارقالغان»(29). شۇنىڭدىن كېيىن توققۇز جاۋۇپلار ئىچىدىن چىققان مانى دىنى راھىبلىرى، مۇدەررسلىرى، تەرجىمانلىرى ۋە بىناكارلىرى ئاۋۋال ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە، ئاندىن شەرقىي، جەنۇبىي رايونلارغا مانى دىنىنى تارقاتقان ھەم بۇ جايلاردا مانى دىنىنىڭ گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشقان. مىلادى 763-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى مانىي دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىپ، مىلادى 768-يىلى چاڭئەندە «ئۇلۇغ نۇرلۇق ئىبادەتخانا» دەپ ئاتىلىدىغان مانىي دىنى ئىبادەتخانىسىنى سېلىپ بولغىچە، سوغدىلار بۈگۈنكى خېنەن، تەييۈەن، شەنشى، سەنشى قاتارلىق جايلارغا ئاللىقاچان 300 دىن كۆپ مانى دىنى ئىبادەتخانىسىنى سېلىپ بولغانىدى. شۇڭا، دىن تارىخىغا دائىر ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىدە جاي-جايلاردىكى مانى دىنى ئىبادەتخانلىرىنىڭ راھىبلىرىنىڭ ھەممىسى سوغدىلاردىن ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، خىرىستىيان دىنى سوغدىياناغا باشقا دىنلاردىن سەل كېيىنرەك كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ دىن سوغدى مىسئونېرلىرى ئارقىلىق باشقا جايلارغا تارقىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان. دەرۋەقە، سوغدىلار دەسلەپتە، خىرىستىيان دىنىنىڭ نىستۇرىي مەزھىپىنى قوبۇل قىلغان ھەم سۇرىيە ئەدەبىياتىنى ئۈلگە قىلغان بىر خىل سوغدچە خىرىستىيان ئەدەبىياتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
«نىستۇرىيان دىنىنىڭ ئېلىمىزگە تارقىلىشىدىمۇ سوغدىلار ۋاسىتىلىك رول ئوينىغان. خىرىستىيان دىنىنىڭ نىستۇرىيان (Nestorianism) مەزھىپىنى مىلادى 635-يىلى سۇرىيەلىك ئادام (Adam) دېگەن كىشى تۇنجى قېتىم جۇڭگو (چاڭئەن)غا تارقاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى جاي-جايلارغا تارقىتىش، مۇرىت توپلاش، چېركاۋ سېلىش، مۇدەررسلىك قىلىش ئىشلىرى ئاساسەن توققۇز جاۋۇپ كىشىلىرىدىن بولغانىكەن. ھازىرقى شەنشى ئۆلكىلىك مۇزىيدا ساقلىنىۋاتقان «داكچىن خىرىستىيان دىنىنىڭ جۇڭگوغا تارقىلىش ئابىدىسى» دىكى مەلۇماتلاردا (ئابىدە ئېگىزلىكى 2.36 مېتىر، كەڭلىكى 1.86 مېتىر، قېلىنلىقى 0.25 مېتىر بولۇپ، ئۈستىگە كىرست بەلگىسى، يۈزىگە سۇرىيە يېزىقىدا 1780 خەت ئويۇلغان)غا ۋە باشقا مەنبەلەرگە قارىغاندا، مىلادى 638-يىلى سوغدىلاردىن بولغان نىستۇرىيان دىنى پوپلىرى چاڭئەن شەھىرىگە بىر نىستۇرىيان دىنى چېركاۋى سالغان ھەم سوغدىلاردىن بولغان مۇدەرىسلەر 21 كىشىگە يەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، سوغدىلار ئوتتۇرا، جەنۇبىي ۋە شەرقىي جۇڭگولارغىمۇ نىستۇرىيان دىنىنى تارقاتقان ھەم 60 نەچچە چېركاۋ سالدۇغانىكەن»(30). ئەلۋەتتە، سوغىدياناغا ئەڭ يېقىن، ھەتتا سوغدىلار ماكانلاشقان ئوتتۇرا ئاسىياغا بۇ دىننىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىدىنمۇ بۇرۇن ۋە كەڭرەك تارقالماسلىقى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. دېمەك، سەمەرقەند، بۇخارا ئەتراپلىرى، تۇرپان ئويمانلىقى ۋە دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان خىرستىيان دىنىغا ئائىت كۆپلىگەن سوغدىچە پىراگمىنتلار (كەمتۈك ۋاراقلار) بۇ دىننىڭ سوغدىلار زېمىنىدىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ خېلى مۇكەممەل ئېتىقاد ئاساسىغا ئىگە بولغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
مىلادى 670-يىلى ئەرەب غازاتچىسى ئەل ھەكىم تۇنجى بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا بېسىپ كىرگەن. بۇنىڭدىن 40 يىل ئۆتۈپ ئىبنى قۇتەيبە سوغدىياناغا يەنە بىر قېتىم جازا يۈرۈشى قىلدى، شۇنىڭ بىلەن سوغدىلاردىن بولغان سەمەرقەنت شاھى گۇلاھ شاھ ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئەرەب قوشۇنلىرىدىن يېڭىلىپ، «گۇلاھ شاھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ھەمدە شەھەر سودىگەرلىرىنىڭ ھەممىسى سەمەرقەنتتىن ئايرىلىپ، سەمەرقەنتنىڭ شىمالىدىن تەخمىنەن تۆت پارسا (تەخمىنەن 24 كىلومېتىر) كېلىدىغان جايغا قايتا فىرانكاز شەھىرىنى قۇرىدى»(31). ئىبنى قۇتەيبە گۇلاھ شاھنى قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، سوغدىيانا پايتەختى سەمەرقەنتتە ئىنىسى ئابدۇللا راخماننى ھاكىم قىلىپ قالدۇرۇپ، داۋاملىق شىمالغا ئىلگىرىلەپ، شىمالدىكى تۈركىي مىللەتلەرنى بويسۇندۇرۇشقا ئاتلانغان، ئۇنىڭ قوشۇنىدا ناھايىتى كۈچلۈك ۋە باتۇر سوغدى ئەسكەرلىرىمۇ بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ، سوغدىلار ئاسىيانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى خەلقلەردىن تەخمىنەن يۈز يىل بۇرۇنراق ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان.
تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە، سوغدىلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا كۆچمەن چارۋىچى خەلقلەردىن خېلى بۇرۇنلا ئولتۇراق تۇرمۇشقا قەدەم قويغان ۋە سۇغىرىلىدىغان دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. «خەننامە» 96-جلد «غەربىي يۇرت (قورىغار) تەزكىرىسى»(Ⅰ)دە «كانگا خانلىقىدا بەش كىچىك بەگلىك بار: بىرىنچىسى كىش بەگلىكى ـ مەركىزىي شەھىرى سەبىز بولۇپ، بۇ يەردىن قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە (ئۇرىياپ -بۈگۈر)5776 چاقىرىم، ياڭگۇەن قوۋۇقىغا 8025 چاقىرىم كېلىدۇ. ئىككىنچىسى كوشانىيە بەگلىكى، مەركىزى كوشان شەھىرى بولۇپ، بۇ يەردىن قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە 5767 چاقىرىم، ياڭگۇەن قوۋۇقىغا 8025 چاقىرىم كېلىدۇ. ئۈچىنچىسى، تاشكەنت بەگلىكى مەركىزى بىنكەنت شەھىرى بولۇپ، بۇ يەردىن قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە 5266 چاقىرىم، ياڭگۇەن قوۋۇقىغا 7525 چاقىرىم كېلىدۇ. تۆتىنچىسى، بۇخارا بەگلىكى، مەركىزى بۇخارا شەھىرى بولۇپ، بۇ يەردىن قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە 6296 چاقىرىم، ياڭگۇەن قوۋۇقىغا 8555 چاقىرىم كېلىدۇ. بەشىنچىسى، ئۆرگەنچ بەگلىكى، مەركىزى ئۆرگەنچ شەھىرى بولۇپ، بۇ يەردىن قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە 6906 چاقىرىم، ياڭگۇەن قوۋۇقىغا 8355 چاقىرىم كېلىدۇ. بۇ بەش بەگلىكنىڭ ھەممىسى كانگا خانلىقىغا قارايدۇ»(32)، دېيىلگەندىن باشقا يەنە «خەننامە»دە «كانگا خانلىقىنىڭ قىشلىق پايتەختى لېيۆنى، يازلىق پايتەختى فاننى» دەپ كۆرسىتىلگەن. دېمەك، سوغدىيانا خانلىقىدا بەش بەگلىك، يەتتە مەركىزىي شەھەر بار بولغان. شەھەر-بەگلىكلەرنىڭ ئاھالىسىمۇ خېلى كۆپ، ئادەت بويىچە شەھەر خەلقى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانمايدۇ، قول سانائىتى بولسا، ئانچە تەرەققىي قىلمىغان، سودىگەرچىلىك بىلەنمۇ ئاساسەن ئۆزىنى قامداپ كېتەلمەيدۇ. ئۇنداقتا، قانداق قىلىدۇ؟ سوغدىيانادىكى ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ %65-%70 ئاھالىسى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەرىتىدىكى سوغدىيانا زېمىنلىرىگە قارايدىغان بولساق، يەر شەكلى ۋە كىلىمات جەھەتتىن چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تازا باب كەلمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار چوقۇم دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك. ئېرىشكەن مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، سوغدىلارنىڭ شەھەر، قەلئەلىرىمۇ ناھايىتى كاتتا ھەم پۇختا قۇرۇلغان. مەسىلەن، گۇلاھ شاھ ئىبنى قۇتەيبە بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ئالتە يىلدىن كېيىن تاڭ پادىشاھى شۈەنزۇڭ (713-يىلىدىن 755-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان)غا يازغان خېتىدە: «ئەرەب ئەسكەرلىرى ناھايىتى جىق بولغاچقا، بىز ئۇلارغا تاقابىل تۇرالمىدۇق. ئەرەبلەر شەھەرنى قورشىۋالدى 300 دانە تاش ئېتىش ھارۋىسى بىلەن سېپىلنى ئۈچ يەردىن تېشىۋەتتى» («دىۋان مۇئەسسەسەسىنىڭ ئەمەلىي پۈتۈكلىرى» 999-جىلد) (33) دېگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، سوغدىلار شەھەر سېپىلىنى ئىنتايىن پۇختا ياسىغان، ئېھتىمال سوغدىلار بىناكارلىق ئىشلىرىغىمۇ ناھايىتى ماھىر بولسا كېرەك. چۈنكى سوغدى ئۇستىلىرى باشقا خانلىقلارنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە بىناكارلىق ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان. مەسىلەن، «كۆل بىلگە قاغان ئۇيغۇر خانلىقى پايتەختىنى ئەسلىدە ئۆتۈكەن تېغى باغرىغا قۇرغانىدى. ئۇ 747-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن ئىككىنچى ئەۋلاد قاغان مۇيۇنچۇر سېلىنگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا سوغدىلار بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبى بويىچە بايبالىق شەھىرىنى بىنا قىلدۇردى، بۇ شەھەردە كۆپىنچە قاغان جەمەتى ۋە باي سودىگەرلەر ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇ ئۆتۈكەن تېغىدىكى بارگاھتىن قالسا، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان سىياسىي ۋە ئىقتىساد مەركىزى بولدى»(34) دېمەك، «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ ئۇستازى بولغان سوغدىلار دىن تارقىتىپلا قالماستىن، يەنە تېخىمۇ مۇھىم بولغان شەھەر مەدەنىيىتىنى يەتكۈزگۈچى ۋە تارقاتقۇچى بولغان. مەسىلەن، سوغدىلار يايلاقتىكى تۈركىي خەلقلەرگە بىناكارلىق بىلىملىرىنىمۇ تارقاتقان. «شەھەر» (kant) دېگەن تۈركىي سۆزلۈك سوغدى تىلىدىن كەلگەن»(35). ئۇنىڭ ئۈستىگە، «سوغدىلارنىڭ تەسۋىرىي سەنئەت ۋە بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى خېلى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنىدى، ھەشەمەتلىك بۇددا دىنى ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئاتەشپەرسلىك دىنى ئىبادەتخانىلىرىغا ئالتۇن-كۈمۈش، قاشتېشى ئىشلىتىلىپ، ئۆز دەۋرىدىكى بىناكارلىقنىڭ ئەڭ نادىر ئۈلگىلىرىنى يارىتىپلا قالماي، بەلكى ئىمارەتلەرنىڭ نەقىش، بېزەكلىرى، لايىھەلىنىشى ھەم كۆركەملىكى بىلەن شەرق-غەرب ئەللىرىگە تونۇلغان. ئىمارەتلەر گېئومېتىرىك شەكىللەردە ياسالغان بولۇپ، نەقىش-بېزەكلەردىن باشقا گۈل-گىياھلار، بېلىق، ئات، قوي، ئادەم ۋە ئادەم باشلىق قۇشلارنىڭ رەسىملىرى سىزىلغان. خان ئوردىلىرى ۋە باي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تۇرالغۇ ئىمارەتلىرى تېخىمۇ كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك بولۇپ، گويا ئەپسانىۋى ئەۋلىيالارنىڭ دەرگاھىدەك خىلمۇ خىل زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن ھەشەمەتلىك قىلىپ بېزەلگەن»(36). دېمەك، سوغدىلار ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆزلىرىگە قوشنا بولغان ياكى ئۆزى تەۋە بولغان خانلىقلارنىڭ بىناكارلىق مەدەنىيىتىگىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن.
ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، سوغدىلار ئۆز زامانىسىدا، دۇنيا بويىچە سودا-سېتىققا ئەڭ ماھىر خەلقلەرنىڭ بىرى ئىدى. دېمىسىمۇ، سودا پائالىيىتى قەدىمكى زاماندا ھەممە مەدەنىيەتنى تارقاتقۇچى ۋاستە بولۇپ كەلگەن. خۇددى ماركس «كاپىتال» دېگەن ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك: «پۇل فورماتسىيەسىنى ئەڭ بۇرۇن كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر راۋاجلاندۇردى». ئەمما، سوغدىلار قەدىمكى يىپەك يولى لىنىيەسىدە سودىغا ئەڭ ماھىر بولغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن تۈركىي خەلقلەر تارىخىي تەتقىقاتىدا ئەڭ كۆپ ۋە مەركەزلىك تەتقىق قىلىنىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى بولىشىغا قارىماي، سوغدىلار سودىگەرچىلىكىنىڭ باشلانغانلىقى توغرىسىدىكى پىكىرلەر ھەرخىل ماتېرىياللاردا ھەرخىل بايان قىلىنىپ كەلدى. مەسىلەن، باشقىلارنى قويۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئالىملىرىمىزنىڭ پىكىرىگە قارايدىغان بولساق، تارىخچى، تەرجىمان ئابلەت نۇردۇن ئەپەندى «شىنجاڭ سودا-بازار تارىخى توغرىسىدا تەتقىقات» ناملىق كىتابىدا: «سوغدىلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ، يەنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردىن مىلادىيە 10- ئەسىرگىچە بولغان ئۇزاق مەزگىلدە شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى يىپەك سودىسىنى ئاساس قىلغان سودا-سېتىق، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى بىلەن داڭ چىقارغان»(37) دېسە، پىروفېسسور غەيرەتجان ئوسمان «قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتى» ناملىق كىتابىدا: «سوغدىلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-5-ئەسىرلەردىن مىلادىيە 10-ئەسىرگىچە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا، بولۇپمۇ، شەرق-غەرب سودا-تىجارەتچىلىك يولىدا ئاكتىپ ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئوينىغان»(38) دەيدۇ. نېمىلا بولسۇن، سوغدىلارنىڭ سودا روھى ۋە سودا كاپىتالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئالاھىدىلىكى بار ئىدى. شۇڭا، سوغدىلار ئوتتۇرا ئاسىيانى كېسىپ ئۆتىدىغان «يىپەك يولى»نى بويلاپ سودىگەرچىلىك قىلىپ، ھەرقايسى رايونلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشتىكى «مەدەنىيەت توشۇغۇچى» مەشھۇر سودىگەرلەر بولۇپ قالغان. ھەتتا «سوغدىلار خېلى بىر مەزگىلگىچە باشقا مىللەتلەرنىڭ كونتىروللىقىغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئىزچىل ھالدا كەڭ رايونلاردىكى بىرلىككە كەلگەن ھاكىمىيەتنىڭ ھۆكۈمرانلىق كۈچى ۋە سوغدىيانانىڭ شەرق ۋە غەرب ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم قاتناش يولى ئىكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، سودا-تىجارەت دائىرىسىنى توختىماي كېڭەيتىپ، باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان سودا پائالىيىتىنى كۈچەيتكەن، جۈملىدىن بىر مەزگىل يىپەك يولىدىكى سودا-تىجارەت ئىشلىرىنى كونترول قىلىۋالغان»(39).
بۇلاردىن باشقا، سوغدىلارنىڭ سودىگەرچىلىكى توغرىسىدا، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك كۆپلىگەن ئالىملار ئۆز تەتقىقاتلىرىنىڭ مۇھىم سەھىپىلىرىدىن ئورۇن بېرىپ كەلدى. بۇ جەھەتتىكى يەنە بىر مەلۇمات «تاڭ سۇلالىسى تارىخىنىڭ مۇھىم بايانلىرى» ۋە «كونا تاڭنامە»دە بايان قىلىنغان قىزىقارلىق بىر ھېكايىدۇر. «(سوغدىلار) ئوغۇل كۆرسە ئاغزىغا ناۋات سېلىپ قويۇپ، ئالقىنىغا يىلىم سۈركەپ قويىدۇ. بۇ چوڭ بولغاندا ئاغزى تاتلىق، پۇلنى خۇددى يىلىمدا چاپلاپ قويغاندەك تۇتسۇن دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ھەممىسى دېگۈدەك خۇ يېزىقىنى (سوغدى يېزىقىنى) بىلىدۇ. سودىگەرچىلىككە بەك ئۇستا كېلىدۇ. بىر يارماق ئۈچۈنمۇ زېرىكمەي سودىلىشىدۇ. ئەرلىرى 20 يېشىدىن تارتىپلا چەت ئەللەرگە چىقىدۇ، جۇڭگوغىمۇ كېلىدۇ. پايدا چىقىدىغانلا يەر بولسا، بارماي قويمايدۇ»(40). بۇنىڭدىن باشقا، تاڭ دەۋرىدىكى مەشھۇر سەيياھ شۈەنزاڭ سوغدىلارنىڭ خاراكتېرى، سودىغا ماھىرلىقى توغرىسىدا كۆپلىگەن مەلۇماتلارنى قالدۇرغان. ئەنگلىيە ئېكسپېدىتسىيەچىسى ئاۋرىل سىتەيىننىڭ لوپنۇر كۆلى ئەتراپلىرىدىن قېزىۋالغان سوغدى يېزىقىدىكى سودا پۈتۈكلىرى سوغدىلارنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سودا جەھەتتىكى ماھىرلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ قەدىمكى يادىكارلىقلار دىندۇر (بۇ سودا پۈتۈكىⅤ ئەسىرگە تەۋە). سوغدىلار كېيىنكى دەۋىرلەردىمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى خانلىقلارنىڭ سودا-تىجارەت ئىشلىرىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەپلا قالماي، «يىپەك يولى» بويلىرىغا جايلاشقان ھەرقايسى شەھەر-بازارلاردا، ئۆتەڭ-ئۆتكەللەردە ئۆزلىرىنىڭ شانلىق ئىزلىرىنى قالدۇرغان. مەسىلەن، «ئۇيغۇر خانلىقىدا سودا تازا گۈللەنگەن، چوڭ تىپتىكى سودا بولۇپمۇ، خەلقئارا سودا ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن سوغدىلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلاتتى. بۇ خانلىق بىلەن تاڭ سۇلالىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى، شۇنداقلا شەرقىي شىمالدىكى قىتان، تاتار قاتارلىق قەبىلىلەر ئارىسىدىكى سودا-سېتىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. سوغدىلار ئۇيغۇرلارغا سودا-تىجارەتتىكى ئەپچىل چارە ۋە سودىغا ئائىت بىلىملەرنى ئۆگىتەتتى، ئۇلارنىڭ سودىغا بولغان قىزىقىشىنى ۋە سودا ماھارىتىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى»(41). ھەتتا سوغدى سودىگەرلىرى غەربتە سۇرىيەگىچە بارغان بولسا، شەرقتە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھەرقايسى خانلىقلارنىڭ مەشھۇر پايتەختى بولۇپ كەلگەن چاڭئەندىمۇ سوغدىلارنىڭ كارۋان سارايلىرى ۋە مەخسۇس سودا بازارلىرى بولغان. سوغدىلارنىڭ سودا-تىجارەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى شەرق، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخشۇناسلىقى ئەڭ كۆپ تەتقىق قىلىدىغان تېما بولۇپ قالدى.
يېزىق بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ راۋاجلىنىپ، مەلۇم چەككە يەتكەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، سوغدىلار يېزىقىنىڭ شەكىللەنگەنلىكى توغرىسىدىكى قاراشلاردا مەلۇم ئوخشىماسلىق ۋە پەرقلەر بار. ياپونىيە ئالىمى يۈتيەنخېڭ قاتارلىقلار سوغدى يېزىقىنى مىلادى Ⅰ ئەسىردىلا شەكىللەنگەن دەپ قارايدۇ. ئەمما، جۇڭگو ۋە بەزى چەت ئەل ئالىملىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، سوغدىلار مىلادى Ⅲ ئەسىرگە كەلگەندىلا، ئاندىن ئىراندىكى ئاۋستا يېزىقى ئاساسىدا ئۆز يېزىقىنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ يېزىق ئەرەمەي يېزىقى سىستېمىسىغا كىرىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىراق، مەيلى نېمىلا بولسۇن، سوغدى يېزىقى شۇ دەۋردىلا خېلى كەڭ دائىرىدە ئومۇملىشىپ بولغان. چۈنكى سوغدىلار ھىندى ۋادىسى، موڭغۇلىيە يايلاقلىرى، لوپنۇر كۆلى رايونىغا ئۈزۈلمەي قاتناپ سودا بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئۇلارنىڭ يېزىقى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا، يەنى «يىپەك يولى»دىن ئىبارەت خەلقئارالىق سودا-مۇئامىلە يېزىقىغا ئايلانغان. شۇنداقلا يېزىقنىڭ ئاساسى بولغان تىل، يەنى سوغدى تىلىمۇ، «سودىغا ماھىر سوغداقلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەردە ياشىغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن»(42) بولغاچقا، سوغدى تىلى «پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا لوپنۇر كۆلىنىڭ شەرقىدىن دۈنخۇاڭغىچە بولغان جايلاردا سوغدى تىلى قوللىنىلغان»(43). بۇنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە، ئۆتكەن ئەسىردىكى ئارخىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش-قېزىشلار نەتىجىسىدە دۇنخۇاڭ، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن مىلادى Ⅳ-Ⅴ ئەسىرلەرگە تەۋە سوغدىچە ۋەسىقىلەر، سودا پۈتۈكلىرى ۋە بۇددا نوملىرى تېپىلدى. تۇرپان، دۈنخۇاڭ ۋە قىزىل مىڭ ئۆي تام رەسىملىردىمۇ سوغدىچە بېغىشلىمىلار بار.
قىسقىسى، قانداقلا بولسۇن، سوغدى يېزىقى كېيىنچە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان بولۇپ، بۇ يېزىق ئۇيغۇر خاندانلىقىدا ئەسلىي قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن تەڭ قوللىنىلىۋەرگەن. ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدىن Ⅸ ئەسىرگە مەنسۇپ سوغدىچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئۈچ خىل يېزىقتا يېزىلغان ئابىدىلەر تېپىلغان. مەسىلەن، «توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تېشى»نىڭ بىر تەرىپىگە سوغدى يېزىقى بىلەن خاتىرە پۈتۈلگەن.
سوغدىلار مەشھۇر يىپەك يولى بويلاپ توختىماي قاتىراپ، سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا دىن تارقىتىش ۋە دىنىي دەستۇرلارنى تەرجىمە قىلىش ئىشلىرى بىلەنمۇ كەڭ كۆلەمدە شۇغۇللانغان «سوغدىلار جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە بۇددا نوملىرى، نىستۇرىيان ۋە مانى دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىنى كۆپلەپ تەرجىمە قىلىپ، شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىدى. سوغدى يېزىقىدىكى بۇددا نوملىرىنىڭ كۆپىنچىسى خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان، ئاز ساندىكىلىرى سانسكرىت تىلى ۋە كوتسى تىلى (كۈسەن تىلى)دىن تەرجىمە قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە «ۋىسانتارا سۇترا» جەمئىي 34 بەت، 1500 قۇر بولۇپ، بىۋاسىتە سانسكرىت تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان؛ «بۇددانىڭ ياخشى -يامانلىق ھەققىدە ئېيتقانلىرى» ۋە «ۋىمالاكىرتىزدېساسۇترا» خەنزۇچە نوملاردىن تەرجىمە قىلىنغان. مانى دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرى پىراكرت تىلى ياكى ئارساك تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، Ⅷ-Ⅹ ئەسەرلەرگە مەنسۇپ. بۇلارنىڭ ئىچىدە «گىگانت كىتاب»، «ئىۋاگلوم» قاتارلىقلار بار. نىستۇرىيان دىنىنىڭ يادىكارلىقلىرى قەدىكى سۇرىيە تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان؛ بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ بالدۇرلىرى Ⅵ ئەسەرگە، ئەڭ كېيىنلىرى Ⅸ ئەسىرگە تەئەللۇق بولۇپ، ئەڭ مۇھىملىرىدىن «يېڭى ئەھدى»نىڭ پىراگمىنتلىرى (كەمتۈك ۋاراقلىرى) ئۇچرايدۇ»(44). شۇنچە كۆپ تەرجىمە ئەسەرلىرى ۋە ئۆزئارا ئالاقە ئىشلىرىدا ئىزچىل قوللىنىلىپ كەلگەن سوغدى يېزىقى بىر مەزگىل ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ قوللىنىلغان يېزىقلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. «بۇ يېزىق شىنجاڭدا تەخمىنەن مىلادى ⅩⅢ ئەسىرگىچە داۋاملاشقان»(45)، يەنى سوغدىلار بىر پۈتۈن ھالدا تۈركىي خەلقلەرگە سىڭىشىپ يوقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يېزىقىمۇ ئاستا-ئاستا ئىشلىتىلىشتىن قالدى.
سوغدىلار تېبابەتچىلىك ساھەسىدىمۇ زور شۆھرەت قازانغان. مەسىلەن، ««تەيپىك ھېكايىلىرى»نىڭ 89-جىلدىدىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا، تاڭ دەۋرىدىكى چاڭئەندە شىپاخانا ئاچقان توققۇز جاۋۇپ غۇزلىرى (سوغدىلار)دىن مۇجاۋسى باشقىلار ساقايتالمىغان ئېغىر بىمارلارنى مەخپىي رېتسىپلار بىلەن داۋالاپ پايتەخت جامائەتچىلىكىگە تونۇلۇپ كەتكەن. «يېڭى تاڭنامە» 59-جىلد «ئەدەبىيات-سەنئەت تەزكىرىسى»دىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا ماغىيان خانلىقىدىن چاڭئەنگە بېرىپ شىپاخانا ئاچقان توققۇز جاۋۇپ غۇزلىرىدىن مىسۇىي كۆز كېسەللىكلىرى ۋە قۇرۇق يىڭنە بىلەن كېسەل داۋالاشتا چاڭئەندىكى تېۋىپلارغا ئۇستاز بولغان ھەمدە «دانىشگاھ ھەققىدە» ناملىق تېببىي ئەسىرىنى يېزىپ، يەرلىك تېۋىپلارغا زور تەسىر كۆرسەتكەن». يەنە «ئالىي راھىبلار تەزكىرىسى»دە خاتىرىلىنىشىچە، تاڭ دەۋرىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر يامراپ كېتىپ، نەچچە تۈمەن ئادەم ئۆلگەن. شۇ چاغدا چاڭئەندە شىپاخانا ئېچىپ داڭق چىقارغان بۇخارالىق توققۇز جاۋۇپ غۇزلىرىدىن بولغان ئەنخۇي بىلەن كاڭخۇي ئەپسۇن ئوقۇپ، ئاسماندىن چۈشۈرگەن خىسلەتلىك دورىسى بىلەن شەھەردىكى نەچچە تۈمەن ئادەمنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغانىكەن».
«سوغدىلار مەدەنچىلىك جەھەتتە كۆمۈر، مىس، تۆمۈر، قوغۇشۇن، ئالتۇن، كۈمۈش قاتارلىق مېتاللارنى قازغان ھەم ئۇلارنى ئېرىتىش، ئايرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق مەدەن بايلىقلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. ھەتتا ئەرەب ئىستىلاسى دەۋرىدە سەمەرقەنتتە قوغۇشۇن تۇربىلار ئارقىلىق شەھەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان سۇ يەتكۈزۈش مەئەسسەسەلىرى بارلىققا كەلگەن، پار تۇربىلىرى ئورنىتىلغان. ئېرىتىپ ئايرىلغان مېتاللاردىن دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ۋە ئائىلە جابدۇقلىرى ياسالغاندىن باشقا، ھارۋا، جەڭ قوراللىرى ھەم ئىپتىدائىي سانائەت ئۈسكۈنىلىرىنىمۇ ياسىغان. مىسكەرچىلىك، زەرگەرچىلىك تەرەققىي قىلغان. ماھىر سوغدى ھۈنەرۋەنلىرى ناھايىتى كۆركەم ئالتۇن بۇتلارنى ياساپ بازارلاردا ساتقان» (46). «خۇجەند ئەتراپىدىكى تاغلاردىن مىس ۋە كۈمۈش، بەدەخشاندىن لەئىل ۋە قىزىل ياقۇت قېزىلغان. تۆمۈر تاۋلاش ۋە ساپال بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش، مىس قورال ياساش، شۇنداقلا باشقا قول سانائەت ئىشلىرى سوغدى خاندانلىقىدا كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلغان. ئارخىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەردىن سوغدى كەنتلىرىدە زەرگەر ۋە ئۈنچە-مەرۋايىت ئۇستىلىرى ئىشلەيدىغان مانافاكتۇرا رايونلىرى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. رەڭلىك ئەينەك ياساش كەسپى ۋە سىرچىلىق ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. مىلادى Ⅴ ئەسىردىن باشلاپ بۇ تېخنىكىلار جۇڭگوغىچە تارقالغان»(47).
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقىنىمىزدا، مىلادىدىن خېلى بۇرۇنقى زامانلاردىن مىلادى Ⅶ-Ⅷ ئەسىرلەرگىچە بولغان ئۇزاق ئەسىرلىك تارىختا مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا ئاۋانگارتلىق رولىنى ئوينىغان سوغدىلار سەمەرقەنت ۋە بۇخارانى مەركەز قىلغان سوغدىيانادا ياشاپ، تارىم ۋادىسى، تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدىن چاڭئەنگىچە سوزۇلغان مەدەنىيەت يولى ـ يىپەك يولىدا سودا-تىجارەت، دىن تارقىتىش، تىل-مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، شانلىق يىپەك يولى مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. كۆپىنچە ھىندى-ياۋروپا ئىرقىغا مەنسۇپ دەپ قارىلىدىغان بۇ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك خەلق، ئۇزاققا سوزۇلغان تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا پەيدىنپەي تۈركلىشىپ ئۇيغۇر، ئۆزبېك قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە قوشۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ياراتقان سودا مەدەنىيىتى، تىل-يېزىق، دىن ۋە مەدەنىيەت تارقىتىش ئەنئەنىسى تۈركىي خەلقلەر تەرىپىدىن راۋاجلاندۇرلۇپ، يىپەك يولى مەدەنىيىتىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئىزاھات ۋە پايدىلانغان مەنبەلەر:

① بىخۇستۇن ئابىدىسى-قەدىمكى پىرسىيە پادىشاھى دارىئوس 1 نىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىراننىڭ ھەمەدان شەھىرى يېنىدىكى بىخۇستۇن دەپ ئاتىلىدىغان قىيالىققا ئويۇلغان قەدىمكى پارس، بابلون ۋە ئەرەمەي يېزىقلىرىدا ئويۇلغان تېكست. ئۇنىڭدا مىلادىدىن بۇرۇنقى 522-519-يىللاردىكى ئاخمنتلار سۇلالىسىدا يۈز بەرگەن ئىشلار بايان قىلىنغان. قىيا تاشقا يەنە دارىئوس 1 نىڭ تۆھپىسى تەبرىكلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى رەسىملەر ئويۇلغان.
② ۋاڭ جىلەي: «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى» 1-قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993- يىل نەشرى، 52-بەت.
③ سىماچىيەن: «تارىخي خاتىرىلەر» 123-جىلد، «پەرغانە تەزكىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993-يىل نەشرى، 487-بەت.
④ «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي تارىخى» 1-كىتاب، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت-فوتو سۈرەت نەشرىياتى، 2011-يىل نەشرى، 139-بەت.
⑤⑥ بەنگو: «خەننامە» 96-جىلد «پەرغانە تەزكىرىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 19-يىل نەشرى، 491 –بەت.
⑦⑧⑨⑩⑪(32) «خەننامە» 96-جىلد (غەربىي يۇرت ‹قورىغار› تەزكىرىسى)(Ⅱ)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994-يىل نەشرى، 849-، 851-، 854-، 874-، 942- بەتلەر.
⑫ فەن يې، سىمابىياۋ: «كېيىنكى خەننامە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1996-يىل نەشرى، 539-بەت.
⑬ سەي خۇشېڭ: «تاڭ دەۋرىدىكى توققۇز غۇزلار ۋە تۈرك مەدەنىيىتى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2008-يىل نەشرى، 7-بەت.
⑭ لى يەنشۇ: «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىل نەشرى، 453-بەت.
⑮ گاۋىن ھامبلى (ئامېرىكا): «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تېزىسلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2008-يىل نەشرى، 76-بەت.
⑯ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «غەربىي يۇرت تاش كېمىر سەنئىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1998-يىل نەشرى، 475-بەت.
⑰⑱ «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983-يىل نەشرى، 60-، 80-، 92-بەتلەر.
⑲(24) ئا.گ. مالياۋكىن: «Ⅸ-Ⅻ ئەسەرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993-يىل نەشرى، 5-، 76-بەتلەر.
⑳ رۇڭ شىنجياڭ: «قەدىمكى زامان تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى سوغدى كۆچمەنلىرى»، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى، 1993-يىللىق 3-سان.
(21)(46) ئىبراھىم مۇتئىي: «ئىبراھىم مۇتئىي ئىلمىي ماقالىلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1990-يىل نەشرى، 242-، 244-بەتلەر.
(22) مەھمۇد كاشغەرىي: «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980-يىل نەشرى، 615-بەت.
(23) بارتولد: «يەتتە سۇ تارىخىنىڭ ئوچېرىكى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» (ئىچكى ژۇرنال)، 1984-يىللىق 7-،8-قوشما سان 19-بەت.
(25) ئەسئەت سۇلايمان: «مەركىزىي ئاسىيانىڭ روھىيەت دىيالېكتىكىسى» (ماقالە)، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى، 1999-يىللىق 2-،3-قوشما سانى 116- بەت.
(26)(28) يۈتيەنخېڭ (ياپونىيە): «غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1985-يىل نەشرى، 98-، 103-بەتلەر.
(27)(30) ئەبەي ئىمىن ئېركىن: «سوغدىلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى توغرىسىدا»، «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 2011-يىللىق 1-سان، 137-138-بەتلەر.
(29) ئابلەت نۇردۇن: «مانىي دىنى ۋە ئۇنىڭ تارقىلىشى»، «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1987-يىللىق 2-سان.
(31)(33)(40) چيەنداۋ شىنسى (ياپونىيە): «يىپەك يولىدىكى 99 سىر»، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1986-يىل نەشرى 148-، 223-، 224-بەتلەر.
(34) مۇھەممەد زۇنۇن ئابدۇكېرىم: «ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى شەھەر قۇرۇلىشى»، «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1996-يىللىق 1-سان.
(35) كلمكىېيت [گېرمانىيە]: «قەدىمكى يىپەك يولى مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل نەشرى، 256-بەت.
(36) ب.گ. غاپۇروف: «تاجىكلار تارىخى»(1-كىتاب)، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1988- يىل نەشرى، 200-بەت.
(37) ئابلەت نۇردۇن: «شىنجاڭ سودا-بازار تارىخى توغرىسىدا تەتقىقات»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2009-يىل نەشرى، 119-بەت.
(38) غەيرەتجان ئوسمان: «قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2007-يىل نەشرى، 46-بەت.
(39) ئەنۋەر قاسىم: «سوغدىلار ھەققىدە قىسقىچە بايان»، «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» ژۇرنىلى، 1998-يىللىق 1-،2-قوشما سانى، 146-بەت.
(41) ياڭ شىڭمىن: «قەدىمكى ئۇيغۇرلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1998-يىل نەشرى 160-بەت.
(42) غالىپ بارات ئەرك: «كىروراننىڭ سىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004-يىل نەشرى، 143-بەت.
(43) «شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى» (ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرسلىك)، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1992-يىل نەشرى، 18-بەت.
(44) كۈرەش تاھىر: «قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىك تارىخى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش»، ««قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1995-يىللىق 4-سان.
(45) «جاھاننەما»(B)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1988-يىل نەشرى، 718-بەت.
(47) گ.ئا.ھىدايەتوۋ [ئۆزبېكىستان]: «مېنىڭ جانىجان تارىخىم»، تاشكەنت «ئوقۇتقۇچى» نەشرىياتى، 1992-يىل (ئۆزبېكچە) نەشرى، 115-بەت.
بۇ ماقالە «خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2013-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى.
بايانات

تارىخ ئۆگىنىپ ئەسلىمىزنى ئونۇتمايلى!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى