خوتەن قەغىزىنىڭ يېڭى جۇلاسى
يانفوندا كۆرۈش
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى مۇخبىرىمىز نۇزىگۈل ئىمىر 13-نويابىر ئۈرۈمچى خەۋىرى:
«خوتەن قەغىزى يۇرتى» دەپ نام ئالغان قاراقاش ناھىيەسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسى مەن ئۈچۈن ناتونۇش ئەمەس، تۇنجى قېتىم خوتەنگە زىيارەتكە كەلگىنىمدە دەل مۇشۇ يەرگە خوتەن قەغىزىنىڭ 10-ئەۋلاد ۋارىسى توختى باقى ھاجىمنى زىيارەت قىلغان ئىدىم. شۇ ۋاقىتتا 90 ياشتىن ئاشقان توختى باقى ھاجىم ئاكا يەنىلا ناھايىتى تىمەن بولۇپ، ئۆزى قول تىقىپ ئىشلەپ خوتەن قەغىزىنىڭ ياسىلىش جەريانىنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بەرگەن ئىدى. 2013-يىلى توختى باقى ھاجىمنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كەسپلىرى كۆرگەزمىسىدە زىيارەت قىلىۋالدىم. شۇ چاغدا توختى باقى ھاجىم: مەندىن كېيىن بالىلىرىم بۇ ھۈنەرگە ۋارىسلىق قىلىدۇ، شۇڭلاشقا بۇ ھۈنەر ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ دېگەن ئىدى. بۇ قېتىم پۇرچاقچى يېزىسىغا زىيارەتكە كەلگەندە، كاللامنى توختى باقى ھاجىم ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن بۇ يەردە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولغاندۇ؟ مەن زىيارەت قىلغان شۇ ھويلىلاردا يەنە داۋاملىق خوتەن قەغىزى ياسىلىۋاتقانمىدۇ؟ دېگەندەك سوئاللار چىرمىۋالدى.