قۇملۇققا يوشۇرۇلغان قەدىمىي شەھەر
ۋاقتى: 2015-11-14
ئاۋاتلىقى: 1065 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
Update Required
To play the media you will need to either update your browser to a recent version or update your
Flash plugin.
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى ئۈرۈمچى خەۋىرى: (مۇخبىر نۇزىگۈل ئىمىر)
بىز شىنجاڭدىكى ئەڭ كىچىك يېزا دەپ ئاتالغان ياۋا تۇڭگۇز يېزىسىدىكى زىيارىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن، نىيە ناھىيەسىنىڭ ئەندىر چارۋىچىلىق مەيدانىغا 27 كىلومېتىر كېلىدىغان ئەندىر قەدىمكى شەھەر خارابىسىگە قاراپ يول ئالدۇق. قۇملۇق تاشيولىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى يېشىللىق بۇ يەرگە نۇرغۇن ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كۆز يەتكۈزسىز قۇملۇق يەنىلا كىشىگە ناھايىتى سۈرلۈك تەسىر بېرەتتى، بىز بارماقچى بولغان ئەندىر قەدىمىي شەھەر خارابىسى دەل مۇشۇ كۆز يەتكۈزسىز قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، ئۇنداقتا كىشىگە خۇددى ھاياتلىقتىن قىلچە ئۈمىد يوقتەك تەسىر بېرىدىغان بۇ قۇملۇقتىكى يېگانە خارابىيلىككە زادى قانداق ھېكايىلەر يوشۇرۇنغاندۇ؟
Tags: