• يېڭى دەۋىردىكى ‹‹دېھقان بولماق تەس››

    2011-04-30


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/124331428.html

    يېڭى دەۋىردىكى ‹‹دېھقان بولماق تەس››

    دېھقان ھالى

    دېھقان ئوغلىمەن،يازدىم ئۇلۇغ دەپ دېھقان زاتىنى،
    خان ئاتىلىپ جاپانى تارتقان شۇ <<دېھقان>>ئاتىنى،
    قارا قىش ھەمىشە، كۈتەر ئىكەن دېھقان يازىنى،
    سەنمۇ دېھقان نەسلى، ئاڭلا ئېيتاي دېھقان زارىنى،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    ئېتىزدا ئىشلەر ئۇ ، بىلى مۈكچىيىپ زادى ھارماس،
    ھارسىمۇ ئۇھ، دىمەس ئالماس ئارامنى زادى تالماس،
    يازىچە قىلغىنى ئاران يىتەر ،ئىشتان تىزدىن ئاشماس،
    تۇرسىمۇ توپا بېسىپ،ھالاللىق ئۇنىڭدىن زادى قاچماس،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    كىلىشى تىز،كىتىشى ئاستا ئەجەپ قىينىدى قىش،
    سوغۇقتىن بەزىلەر ماي چاينىدى ،ئۇ چاينىدى خىش،
    كىتىپ قىشمۇ كاللىدا غەم توللا،غەمدىن تولا ئىش.
    ئىشقۇ ئىشلەر،چايناپ باقتىمۇ ئاق نان ئاشۇ چىش،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    ئېتىزىم دەپ، بالام كالام دەپ ،ھەر ۋاقىت ئىشقا رام،
    بىريىل جان يىغىپ ھوسۇل ئىزدەپ زادى ئالماس ئارام،
    يىغقاننى تەبىئەت ياكى پەرمان ،يەنە قىلسا ھارام،
    ئۇھ دىمەي تۇرۇپلا چۈشسە كۆزلەردىن ياشلار تارام،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    مەركەزدىن سىياسەت دېھقاننى باي قىل يار-يۆلەك بول،
    يەرلىكتە تەتۈر سىياسەت ، دېھقاننى سىق -قولمۇ قول،
    <<ئۇندا بولمايدۇ بۇندا يول يوق>> دىسە تالمامدۇ غول،
    ھەي ئىسىت، شۇ بىچچارە بەندىگىلا يوقمىدۇ يول،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    باغ قىلسا ئەنجۈر،بادام،ئۈزۈم،نەشپۈت،پەرۋىش بىلەن،
    ئۈششۈك چۈشۈپ قىلمىسا ۋەيران دىگەن تەشۋىش بىلەن،
    باغنى ھەيدە يەرقىل دىسە ھەي ،دىگەن ئەندىش بىلەن،
    بەزىلەربېغىنى ھەرچاغ چەيلەپ ئالدىراش سەمرىش بىلەن،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    بەركەتلىك ھەر مايسا ئۆستى شۇنچە ھەرخىل ھەريان،
    ئۇمۇ ھەم كۈلدى پۈكۈپ دىلغا مول ھوسۇلنى ئارمان،
    <<يۇل>>دىدى مايسىنى ئوتياش تېرى يۇقىردىن پەرمان،
    نەدەبار؟<<جان ئاشلىق>> ئېتىزىغا ئوتياش تېرىغان، .
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى.

    ئالماي ئارام تارتىپ جاپانى قىلسا ئېتىزدا چەش
    چاپىنى ئېشىپ تىزدىن، پۇتىغا كىيىلگەندە كەش،
    ھەر قوناق شاخى كۈلۈپ شۇنچە،بىر بولغاندا بەش،
    <<يىغ>>دىسە پىشمىغان ھوسۇلنى بولمامدۇكۆڭۈل غەش،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    كۈتكەندەك ئۇنىلا ئۈشۈك چۈشتى ھەر باشقا،
    كەلگەندەك ئۇنىڭغىلا ياغدى توپا ئېتىز قاشقا،
    زادى كۈلمىگەنتى ئۇ،ئەمدى تولدى كۆزى ياشقا،
    بۇغداي يوق،قوناق چەكلىك،قاراشلىق شۇ ئازراق ماشقا،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى.

    ئوخشىغان بۇغدايلار پاتماي ئېتىزغا ئۆسكەن قىرغا،
    ھوسۇلى مول بۇ يىل، ئىشلىگەچ ئۇ ئېتىز -يېرىغا،
    ئاشلىق ئالار چاغدا،تىكتى خامان يىراق- نېرىغا،
    ئەندىش شۇ سات دىسە ساتارمۇ پايدا يوق دىرىغا،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى.

    ھاردىم دىمەي بۇغداي ئورۇپ،سۇ باشلاپ،قوناق ئاقلاپ،
    ئىش تۈگەپ ئۆيگە ماڭسا ،ھاشار يولى تۇرسا ساقلاپ،
    ھاشار تۈگەپ مۇكچىيىپ ئۆيگە كەلسە ئېتىز ياقلاپ،
    كالىلار مۆرىگەن، قويلار مەرەپ، ئۆچكىلەر تاقلاپ،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    تېرىسا بۇغداي،تېرماپسەن كىۋەز،جەرىمانە دەپ،
    تېرىسا كىۋەز،تىكەلمەپسەن كۆچەت،جەرىمانە دەپ،
    سۇنى ئىشلەتتىڭ كۆپ تۆلەيسەن پۇل،جەرىمانە دەپ،
    ھەي نىمانچە تەڭلىك دېھقانغىلا، جەرىمانە دەپ،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    باشلىق كەلگەندە بىز دىگەننى دەيسەن دىدى ھە دىدۇق،
    ھەممىگە ياخشى دەپ چالىسەن چاۋاك دىدى ھە دىدۇق،
    كەچتە باشلىق كۈتىمىزبېغىڭدا،تەييارلان دىدى،ھە دىدۇق
    يۇقىرنى بىرنى ئون دەپ گوللايسەن دىدى ئىگىلىپ ھە دىدۇق،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    ھەر قىتىم كەلگەندە باشلىق كۈلىمىز زورىغا زورلاپ،
    كۈلمىسەك يوق ئامال ئىچشىمىزقورۇق چايلاپ پولاپ،
    يەر تەقسىمدە بىزگە سانتا ئۆزى ئالىدۇ مولاپ،
    شۇ سانتا يەرگىمۇ كىلدۇ ھەتتا جەرىمانە دولاپ،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    باي قىلغىلى دېھقاننى، بۇ نۆۋەتمۇ كەلدى باشلىق،
    كەلدى دەپ ھەممە رەتلەندى خېنىملار ئەتتى قاشلىق،
    پارا يەپ سەمرىپ يوللىدى ئاشتى دەپ كەتتى باشلىق،
    يەنە شۇ بىچچارە دېھقانغا قالدى قۇرۇق تاشلىق،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    ئۆستى بۇ يىل ھەممە نەرسە ئۆستى ھەممىدە پۇل-مائاش،
    ئۆستى ھەم تەرەققىيات ،ئۆستى ئىستىمال كۆز- قاراش،
    ئۆستى ھەممە ،ئۆستى غۇلاچلاپ دېھقاننى يەپ-تالاش،
    ئۆسىدۇ سەندىلا جاپا ، ئېيىت؟ نىچۈن دېھقان ئاداش،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    بۇ يىلمۇ جان تىكىپ ئىشلەپ ئاشمىدى بۇغداي قوناق،
    باغ يا تۆكمىدى ھوسۇل، پەرۋىشى كەتتىكىن قاياق،
    جان بېقىش كويىدا چىقتى يۇرىتتىن ھەم يالاڭ ئاياق
    ھەممە جايدا قازان قۇلاق بولدى تۆت، يىدى تاياق،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    قۇرۇت يەپ قالدى پىشماي ئەنجۈر،ئۆرۈك،باداملىق بېغى،
    بوران سوقۇپ ئۈششۈك چۈشۈپ سۇندى ھوسۇللۇق شېخى،
    ياش تۇرۇپلا بولدى خازان ،سۇلدى بەردەملىك چېغى،
    قالدى يۈرەكتە مۇڭلۇق پىغان دەرىت ھەسرەتلىك دېغى،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    ئەزەلدىنلا ياغاچ قازان قاينايدىغان بىرلا رەت،
    بىزلەر بولغاچ گول،بەزىلەر قاينىدى مىڭلاپ رەت،
    چالدى بىزنىڭ ھەرپەدىگە،بولدۇق خامۇش قالدى دەرىت،
    ھەر تەرەپتىن قىستىغاچ قونمىدى تېنىمىزغا ئەت،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    ئەتىيازدا<<ياز>>تۇرۇپ ئۈششۈك چۇشتى ھەممە باشقا،
    ئۇنى ئاز دەپ ئۇچى ئۇچۇپ كەتمىنى، تەگسە تاشقا،
    ئاز ئەمەس،ئالۋاڭ-سىلىق،يەنە كىلىپ ھاشار باشقا،
    ھەممىدىن جىق تارتىپ جاپا كۆزى ھەم تولسا تاشقا،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    تېرىسا كىۋەز تۇتماي غولى ،غوزىسىنى يىسە قۇرۇت،
    كىيەرگە چاپان،يىيەرگە ئاش يوق،قورساق قىلسا غۇرۇت،
    چوڭ سەللىك غوجاملار، گوللاپ ئۇنى ئوقۇسا دۇرۇت،
    دۆلەتكە سېلىپ زىيان،كۆزئوينىتىپ تولغىسا بۇرۇت،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    بەرگەننى بېرىپ يىگەننى يەپ يوق چاچارغا ئۇرۇق،
    بوپقالدىغۇ ئۇ گويا بىر تىرە ، ئۇستىخان قۇرۇق،
    كۈلمىگەچ بىر رەت يۈزىدە قان يوق يۈزىدە قورۇق،
    يۈرىكى يېرلاتتى تاڭ ئېتىپ كۈن پارلاپ چۈشسە يورۇق،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    باي بول دەيدىيۇ تارتىدۇ ئارقىغا ئارغامچىنى،
    قوللايمىز دەيدۇ قوللار يەڭ ئىچىدە ئالدامچىنى،
    ئىش پۈتەر غوجام يانچۇقىغا سالغاندا ئاقچىنى،
    بىلمىز سىياسەت باشقا،بىزگە چۈشكەن يالغانچىنى،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    مۇخبىر دېھقان داڭلاپ ياپىدۇ ئوماچ ئەتكەن تاۋاقنى،
    غەم چىرايىغا كۈلكەپ چىقىرىپ ياسايدۇ يالغان ھىجاقنى،
    يالغان بولۇر راسىت كۆرسەتمەي دېھقان قولدىكى قاداقنى،
    كۆرسىز تېلىۋىزوردىن<<باي>>دېھقاننى ھەم چالسىز چاۋاكنى،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    پارتىيەم غەمخور، يىقىلغاندا يۆلەنچۇك بىز دىدى،
    يەرلىكىم بولغاچ تەتۈر، كونا مۇقامنى ئىزدىدى،
    شۇ سەۋەپ كاج تەقدىر يەنە شۇ دېھقاننى ئىستىدى،
    گەر كەيسە قىرلىق تۇماقنى ئەپ بولغاچ قىستىدى،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    ئوقۇرى ئېگىز باي غوجاملار دەيدۇ<<قېرى گاداي>>،
    ھەي،شۇلارنى باي قىلمىز دەپ بولالمىغانتۇق باي،
    شۇنداق،ھازىرگاداي كۈزدەئاشلىق ئۇسقاندا بولىمىزباي،
    كۈنۈڭ ئالدىراش،تۈنۈڭ ئۇيقۇسىز دات ھالىڭغا ۋاي،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    پەرمان دەپ پىشماستا يىغسا،ھوسۇل كەم كىمدىن كۆرىمىز،
    ئۈششۈك چۈشۈپ مايسا ئالا،تېخى غەم كىمدىن كۆرىمىز،
    بارھەممىنى قىلسا ئالۋاڭ-سىلىققا يەم كىمدىن كۆرىمىز،
    ئۆزگىلەر شىلىپ،بەختىگە سالسا رەم كىمدىن كۆرىمىز،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    ۋاي ئىسىت كىچىمۇ-كۈندۈز ھايات ئۈچۈن چاپقانلىرىڭ،
    ۋاي ئىسىت قوغۇنلۇقتا قونۇپ ، ئېتىزدا ياتقانلىرىڭ،
    ۋاي ئىسىت تاپقانلىرىڭدىن ھەسسە كۆپ ساتقانلىرىڭ،
    ۋاي ئىسىت ئەل ئۈچۈن ئوتتا كۆيۈپ سۇدا ئاققانلىرىڭ،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    بەزىلەر ئۆزگىلەر ئۈچۈن بەل مۈكچەيتىپ ھوسۇل قازار،
    بەزىلەر <<مۇكچىيىپتۇ بىلى>> دىمەستىن قىلۇر ئازار،
    ئۆل ئۈستىگە قوش قىلىپ تەپمەك سودىسى تاپقاچ بازار،
    بىلمىدى شائىر ئۆزىمۇ بۇ سوئالغا بىمە دەپ يازار،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    جان بولغاچ جاھان بولغاچ تىك تۇراي دىسە يۈك ئېغىر،
    يۈكقۇ مەيلى بەختى ئۈچۈن سالسا قامچا ئات يېغىر،
    قارا يامغۇرلار ياغقاچ لاي-پاتقاق،تايغاق،يول چىغىر،
    ھەي بىچچارە كىيىم جەندە ئۆزى مىسكىن جان پېقىر،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    چەك بولغاچ ئېقى ئاق قارسى قارا دىيەلمىسە يا،
    چەك بولغاچ ئېلىپ ئاشلىق تۈزۈك يىيەلمىسە يا،
    چەك بولغاچ ئېلىپ پاختا چاپان كىيەلمىسە يا،
    چەك بولغاچ تىلىم تۇتۇق ھالىم مۇ دىيەلمىسە يا،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    جان تىكىپ تەرگەنگە يوق غوجاملار كەتتى بايلىشىپ،
    باغنى باغ قىلغانغا يوق غوجاملار كەتتى يايلىشىپ،
    لوق گۆش باققانغا يوق ،يىگەنلەر كەتتى مايلىشىپ،
    بۇرۇندىن سۈزۈك ئاققان سۇ ھازىر كەتتى لايلىشىپ،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    ئاشلىق ياردىمى تۆۋەنگە كەلگۈچە قالمىدى چېڭى،
    ياردەم پۇل بەردى يەرلىككە كەلگۇچە قالمىدى تېڭى،
    بىلمىدۇق ياردەمنى ئالغۇچىنىڭ يا تولمىدى سېڭى،
    ئەسلى ياردەمنى مۇھتاجنىڭ بېغىشىدىن ئاشمىدى يېڭى،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    ئۆسمىگەنچە بۇغداي،ئۆستى ئەجەپ ئۇننىڭ باھاسى،
    تۇتمىغانچە دان، ئۆستى ئەجەپ ناننىڭ باھاسى،
    باقالمىغانچە جان،ئۆستى ئەجەپ قورساق بالاسى،
    ئۆسكەچ ھەممە،ئۆستى غۇلاچلاپ دېھقان جاپاسى،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    يۈك ئېغىر بولغاچ قىينىدى يوقسۇزلۇقنىڭ دەستىكى،
    ئۆسكەچ بۇ يىل ھەممە نەرسە كۈن ئالماقنىڭ تەسلىكى،
    بىز ئېگىزنى ئىزدىگەنچە ھەي، بۇ ئېگىزنىڭ پەسلىكى،
    كۆتۈرەيلى باش دىسەك تەگسە پەرماننىڭ تەستىكى،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    .ئامىتى يە ر ئىدى ۋە لىكىن نەپ بەرمىدى ئەجەپ،
    ساتقىنى توننا قولغا تەككىنى<<سەر>>مىدى ئەجەپ،
    جان تىكىپ ئىشلەپ ئاخىر<<ۋاي>>ئىسىت دەرمىدى ئەجەپ،
    شاشلىق قىنى؟ئۆزى شۇنداق سۇلغۇن ئەرمىدى ئەجەپ،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    تائامنىڭ ئاشقىنى تەپ تارىتماي قالامدۇ ساڭا،
    ئۆچىرەتنىڭ ئارقىسى ھەر زامان تىگەمدۇ ساڭا،
    باي-كەمبەغەل ھەممە تەلمۈرۈپ قارامدۇ ساڭا،
    ياشلىق قىنى؟قېرىلىق مەزگىلسىز كىلەمدۇ ساڭا،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    مەن دىدىم باشلىق غوجامغا دەپتىرىمنى تەڭلەپ تۇرۇپ،
    قالغان-قاتقان بىچچارە دېھقان ھالىنى يەملەپ تۇرۇپ،
    <<يىڭى دەۋىردە باي بولدى دېھقان>>دىدى سەنلەپ تۇرۇپ،
    ھەق گەپ قىلغان كۆزلىرىمگە زەھەر يىڭنە ئەملەپ تۇرۇپ،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    كۆرگەنمەن باشلىق دەپ خوشامەتتە قۇشاققا قاتقاننى،
    كۆرگەنمەن ئۆزگىگە چاپتۇرۇپ كەتمەن ئۆزى ئۇخلاپ ياتقاننى،
    كۆرگەنمەن يۇقىرغا كۈچۈك،تۆۋەنگە زۇلۇم چاچقاننى،
    كۆرگەنمەن ھەر كىم قىلسائۆزىگە،ئاخىر موللاق ئاتقاننى،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    يۈرەكتىن چىن سۆز،باقسىكەن زامان بىزدەك بەندىگە،
    زورۇقۇپ چالمىسا بىزنى، نەدىكى ھارام پەدىگە،
    يەتسىكەن دەيمىز بىز،شۇ بىچچارە دېھقان دەردىگە،
    بىزمۇ بىر ئۇھ دىسەك،ماڭساق ئىدى راۋان ئەتىگە،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    تەس دەپ ئېيتقان روزىكام جاھاندا دېھقان بولماقنى،
    تەس دەيمەن مەنمۇھەم،دېھقان ئاغزى گۆشكە تولماقنى،
    ۋە لىكىن ئاسان دەركەن بەزىلەر دېھقان شورىماقنى،
    ئاسان دەمسىز دېھقاننىڭ شۇ ئېتىزى دانغا تولماقنى،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    ئېيىت قىنى؟ئۇ بولماي كەلگەن سەن يىگەن ئاش-نان نەدىن،
    ئېيىت قىنى؟ئۇ بولماي كەلگەن سەن كەيگەن چاپان نەدىن،
    ئېيىت قېنى؟ئۇ بولماي كەلگەن بۈگۈندەك بەختىيار زامان نەدىن،
    ئۇ بولغاچ بىز رۇستەم پالۋان ئۇندىكى زەر-مارجان تەردىن،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    دېھقاننىڭ نېنى دېھقاننىڭ، ئويلىماي يىمەڭ ھەرگىز،
    دېھقاننىڭ نېنى،ئۇنچە تەر تۆكمەي يىمەڭ ئەجىرسىز،
    دېھقاننىڭ ئالدىدا ھەممىمىز قەرىزىمىز، دىمەڭ قەرىزسىز، `
    دېھقاننى ئۇلۇغ دەپ قىلىڭ ھۆرمەت، دىمەڭ قەدىرسىز،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    ھەغدا قىرانلىق ئالدىمدا كىرىمىدى يىگىرمىگە ياشىم،
    كۆرمىدىم كۆپنى ھەم كۆرمىدى قىسمەتنى سېرىق تۈك باشىم،
    دېھقان كۈلكىسىگە كۈلكەم ، يىغسىغا قوشۇلار ياشىم،
    ھەم شۇ دېھقاننى كۈيلەپ ئاقارغاي چاچىم بىلەن قاشىم،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    .مەن شەھەرلىك دېھقان ئوغلىمەن تانمايمەن ئۆزۈمدىن،
    ھەق بىرلە دىدىم<<دېھقان ھالىنى>>يانمايمەن سۆزۈمدىن،
    تون دەپ كىيمەن ئۇ بەرگەن جەندىنى چانمايمەن بۆزۈمدىن،
    گەرئۇنىڭغا كىم قىلسا جەبىر،ئوت چاچىمەن كۆزۈمدىن،
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۇچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى،

    مەن شائىر،ئۇ دېھقان ھەق گەپ قىلار يېرىمىز ئوخشاش،
    گېپىم شۇ ،ئۇنىڭغىمۇ كۇلسىكەن بىر ئىللىق قۇياش.
    ئازابىم شۇ، ئۇنىڭ كۆزىدە كۆرسە بىر تامچە ياش،
    ئۇلۇغ دەپ يازدىم مەن ئۇنى، مەيلى كەتسە بۇ باش.
    جاھاندا كۆرگەنمۇ ئۈچبۇدېھقاندەك دېھقان ھالىنى ،

    بۇ داستانىمنى توپا بېسىپ تۇرسىمۇ، روھىيتىمىزدە كەم بولۇۋاتقان مىھىر-مۇھەببەت، ئادىمگەرچىلىك، سەمىمىيلىك، غورۇر-ۋىجداننى ئۇنۇتمىغان، مەدىنىيىتىمىزنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئەڭ ئۇلۇغ ھالاللىق قاچمىغان ئاشۇ مىھىرلىك قارا كۆزلەرگە بىغىشلايمەن.

    http://www.iz.la/bbs/iz-6199-1-1.html


    收藏到:Del.icio.us