• ئۇيغۇر تارىخىدىكى چوڭ ئىشلار يىلنامىسى2

    2010-05-22


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/64044258.html

     ئۇيغۇر تارىخىدىكى چوڭ ئىشلار يىلنامىسى2

    مايمىخان

    (1812 – 1830)غۇلجىدا ياشىغان،ماھىر قوشاقچى ، ئەركىنلىك كۈيچىسى . كىچىكىدىنلا ھەققانىيەت تۇيغۇسى ، خەلىق سۆيەر روھى بىلەن چوڭ بولغان مايمىخان مۇستەبىت ھاكىميەت ۋە زۇلۇملارنى پاش قىلىپ قوشاق توقىغان ۋە شىئىر قىلىپ ئوقىغان . 1830يىلى ھەققانىيەت ۋە ئەركىنلىكتى ۋاز كەچمىگەن ئۇيغۇر قىزى مايمىخان 18 يىشىدا چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن .
    نۇزۇگۇم
    (1808 _ 1827) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەرك سۆيەر نۇزۇگۇم ، 1826 – يىلى قەشقەردىكى مانجۇ زۇلىمىغا قارشى خەلىق قوزغىلىدا ئىلى جىياڭجۈنىگە سۈرگۈن قىلىنغان . مانجۇ ئەمەلدارىغا مەجبۇرىي خوتۇن بولۇشقا كۆنمەي ،توي كىچىسى ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قىچىپ ، 6 ئاي قۇمۇشلۇقتا مۈكۈنۈپ يۈرۈپ ، 3 ئاي زىندانغا سولانغان .1827 – يىلى مانجۇ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قىلىچ بىلەن چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن .
    مايسىخان
    ئۇيغۇر قىزى مايسىخان چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتىنىڭ زۇلىمىغا قارشى قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرسى.ئۈچتۇرپان ئاقتوقاي باغرىغا خەلقىمىز تەرىپىدىن ئابىدە قىلىنغان “يەتتە قىزلىرىم” مەقبەرىسى دەل مايسىخاننىڭ مەقبەرىسىدۇر .
    زۇلەيخان بىگىم
    17 – ئەسىردە قۇمۇلدا ياشىغان ئىستىداتلىق شائىرەدۇر .
    راھىلە خانىم
    ( 1860 –
    يىللىرى )ئۇيغۇر يىڭى مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى ئايال ئوقۇتقۇچى . ” ھۈسەيىنيە ” مەكتىپىدە تەكلىپ بىلەن ئىشلىگەن .
    ئايخان ئانا
    (1888 – يىللىرى ) ئەل سۆيەر مەرىپەتچى . يىقىنقى زامان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۆھپىكار شەخىسلەرنىڭ بىرى .1933 – 1934 – يىللىرى غولجىنىڭ قازانچى مەھەللىسىگە مەخسۇس يىتىم بالىلار ئۈچۈن مەكتەپ سالدۇرغان . خەلىق بۇ مەكتەپكەئايخان ئانا
    مەكتىپى ” دەپ نام بەرگەن . ئايخان ئانا مۇستەبىت ھۆكىمەتنىڭ ئازابى بىلەن كىسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن .
    شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل
    ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى ، شەپقات ھەمشىرىسى رىزۋانگۇل 1925 – يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستىدا تىرە يۇڭ توقۇمچىلىق قىلىدىغان بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن .1922 – يىلى رىزۋاگۈل 7 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە كۆچۈپ
    كىلىپ ، 1940 – يىلىدىن 1943 – يىلىغىچە ئۈرۈمچى قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە بوغالتىرلىق كەسپىدە ئوقۇپ ، غولجىغا قايتىپ ، ۋىلايەتلىك پوچتا ئىدارىسىدە ئىشلەيدۇ .
    1943 –
    يىلى 1- ئاينىڭ 13 – كۈنى ھەرەمباغ لەڭشاڭ رايۇنىدىكى بىر جەڭدە شىددەتلىك ئۇچۇپ كىلىۋاتقان ئوقلار ئارىسىدا ، يارىدار جەڭچىلەرنى قۇتقۇزۇش يولىدا قۇربان بولىدۇ .
    ئايشەمخان
    1945 – يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي جقەنۇبىي بۆلۈنۈش ئارمىيىسى ئاقسۇغا يۈرۈش قىلىش جەريانىدا ، باي ناھىيەسىدىن ئۆتكەندە، زۇلۇمغا قارشى ئۆزلىكىدىن ئارمىيەگە قاتناشقان . ئارمىيە ئاقسۇدىن چىكىنگەندە قولغا چۈشۈپ قالغان ، گومىنداڭچىلار ئايشەمخاننى خائىن بولۇشقا ئۈندىگەن ، بىراق ئايشەمخان قەتئىي رەت قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ئايشەمخان ئۇيغۇر ئاسىيلار تەرىپىدىن پاجىئەلىك ھالدا چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن .
    ۋاپادارلىقنىڭ سىمۋولى رابىيە
    ئۇيغۇرلارنىڭ پارلاق ئەنئەنىسىدە ۋاپادارلىقنىڭ ئۈلگىسى سۈپتىدە رابىيەسەئىدىن تىلغا ئىلىنىدۇ.ئۇلار 18 – ئەسىرلەردە ياشىغان رىئال شەخىسلەر . ھازىرمۇ رابىيە – سەئىدىن قەبرىسى « ئوشماق مازار » نامى بىلەن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھيە يامانيار يېزىسى 14-كەنتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ .
    مۇھەممەد تاراغاي ئۇلۇغبەگ 1394-يىلى تۇغۇلۇپ ، 1449-يىلى ئوغلى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان.
    ئەلشىر نەۋائى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى ،مۇتەپەككۇر شائىر نەۋائى 1441-يىل 2-ئايدا ھىرات شەھىرىدە تۇغۇلغان .1501-يىل 1-ئايدا ۋاپات بولغان .
    ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خاقانلىرى :
    قۇتلۇق بىلگە كۆل قاغان. ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى745-يىلىدىن 747-يىلىغىچە.
    بايانچۇرقاغان .747ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى747-يىلىدىن 759-يىلىغىچە.
    بۆگۈ قاغان .ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى759 -يىلىدىن 779-يىلىغىچە.
    4تۇنباغا تارقان.ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى779-يىلىدىن 789-يىلىغىچە.
    قۇت بۇلىمىش كۈلۈگ بىلگە قاغان.ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى 789-يىلىدىن 790-يىلىغىچە.
    قۇتلۇق بىلگە قاغان ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى 790-يىلىدىن 795-يىلىغىچە.
    قۇتلۇق قاغان.ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى 795-يىلىدىن 805-يىلىغىچە.
    قۇت بۇلىمىش كۈلۈگ بىلگە قاغان.ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى805 -يىلىدىن 808-يىلىغىچە
    قۇت بۇلىمىش ئالىپ بىلگە قاغان.ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى 808-يىلىدىن 821-يىلىغىچە
    ئۇلۇغ بۇلىمىش كۈچلۈك بىلگە قاغان .ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى 821-يىلىدىن833-يىلىغىچە
    قۇت بۇلىمىش ئالىپ كۈلۈگ بىلگە قاغان.ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى: 833-يىلىدىن 839-يىلىغىچە.
    ھېسا قاغان .ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى 839-يىلىدىن 840-يىلىغىچە.
    مارگوف ئىسھاقوف، ئۇيغۇر ،ئۇيغۇر ھەربى رايۇننىڭ مۇئاۋىىن(سەنمۇجاڭ) شىتاب باشلىقى بولغان،1955-يىلى مايور گېنرال(شاۋجىياڭ) ھەربى ئۈنىۋانىغا ئېرىشكەن،جۇڭگۇسوۋېت قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە،1962-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن(كىيىن تۈركىيەگە كۆچمەن بولۇپ چىقىپ كەتكەن).
    مەمەتئىمىن ئىمىنوف ، ئۇيغۇر ، ئۇيغۇر غۇلجىلىق، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ۋوزۋود كۇماندىرى(پەيجاڭ)،مىللى ئارمىيە قۇماندانلىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى،مۇئاۋىن شىتاب باشلىقى،ئاتلىق پولىكنىڭ باشلىقى بولغان.دۆلەت قۇرۇلغاندىن كىيىن ئازادلىق ئارمىيىدە دېۋىزىيە كۇماندىرى قۇشۇمچە جەنۇبى ئۇيغۇر ھەربى رايۇنىنىڭ مۇئاۋىن قۇماندانى بولغان.1955-يىلى مايور گېنرال ھەربى ئۈنىۋانىغا ئېرىشكەن.
    زۇنۇن تېيىپ ،ئۇيغۇر ،ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە مىللى ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن با ش قۇماندانى بولغان ،ئۇيغۇر ھەربى رايۇنىنىڭ مۇئاۋىن شىتاب باشلىقى بولغان،1955-يىلى مايور گېنرال ھەربى ئۈنىۋانىغا ئېرىشكەن،،جۇڭگۇ – سوۋېت قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە،1962-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن(كىيىن تۈركىيەگە كۆچمەن بولۇپ چىقىپ كەتكەن).
    مۇساباي
    19-
    ئەسىرنىڭ ئاخرىدا پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدە زور شۆھرەت قازانغان كاتتا باي مۇساباي،1809-يىلى توغۇلغان.مۇساباي ئۇيغۇر ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخىستۇر.
    ئۇ ئىلدا كۆن – خورۇم زاۋۇتى قورۇپ 200ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە قەشقەر خانلىق مەدىرىسىنى چوڭ كۆلەمدە رېمۇنت قىلغان .ئۇ باللىرىنىڭ پەننىي مەكتەپ ئېچىشىغا ئىلھام بەرگەن ھەم <پۇلنىڭ خۇجايىنى بولماي ، بىلىمنىڭ خۇجايىنى بولۇڭلار> دىگەن ۋەسىيەتنى قالدۇرۇپ 1895-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.
    قۇددۇس غۇجامياروف
    <نوزۇگۇم><سادىر پالىۋان> ناملىق ئوپېرالارنىڭ،<چىن تۆمۈر باتۇر>< ئازادلىق ناخشىسى> قاتارلىق سىمفونىيەلەرنى ئىجاد قىلىپ ،سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇر كەسپى مۇزىكىسىغا ئاساس سالغۇچى س س س ر دۆلەتلىك مۇكاپاتىنىڭ لائورىيانتى قۇددۇس غۇجاميارۇف 1918-يىلى تۇغۇلغان.
    قۇددۇس غۇجامياروف مىللى تىياتىرنىڭ بەرپابولىشىغا ۋە بۈگۈنكى تەرەققىياتىغا غايەت زور ھەسسە قوشقانلىقى جىسمانى ۋە زېھنى كۈچىنى سەرىپ قىلغانلىقى بىلەن ئاجايىپ يۈكسەك ھۆرمەتكە ئېرىشكەن.
    ھۈسىين بەگ
    ئىقتىدارلىق جامائەت ئەربابى ۋە سىياسىون ھۈسىيىنبەگ ئۆز مەتبەئەسى بىلەن 1919-يىلى كۈزدە<ھۆر سۆز> گېزىتىنى چىقارغان .ئىلى سەنىمى> نىرەتلەپ ھازىرقى ھالغا كەلتۈرگەن.
    ھۈسىيىنبەگ 1899-يىلى تۇغۇلغان.ئۇ 1927-يىلى ئۆز خىراجىتى بىلەن <ھۈسەيىنىيە مەكتىپى>(ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپ )نى سالدۇرغان.
    ھۈسىين بەگ 1934-يىلى 35 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
    بۇ مەرىپەتپەر ۋەر زات ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يۈكسىلىشىدە ئوينىغان غايەت زور رولى بىلەن ئەۋلاتلار قەلبىدە چوڭقۇر يادلانماقتا.
    ئىلىخان ھەزىرىتم
    <
    ئۇيغۇر تىبابەت ئاناتومىيسى><ئالدىمىزدىن ئۆتكەن تەكرار كىسەللىكلەر دۇرىسى ><تىبابەتچىلىكنىڭ نەزەريىۋى ئاساسى> قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى،يېتىلگەن ئۇستاز تېۋىپ ئىلخان ھەزرىتىم 1887-يىلى تۇغۇلغان.
    ئىلىخان ھەزىرىتىم ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى خەلىقىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن بېغىشلىغان بولۇپ ،ئوردو،پارىس، ئەرەب ، تۈرك تىللىرى ۋە يېزىقلىرىنى پۇختا ئىگەللەپ ،يۈكسەك بىلىم ئىگىسىگە ئايلانغان.ئىلىخان ھەزىرىتىم 1989-يىلى 102يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

    收藏到:Del.icio.us