• بارىمەن قېشىڭغا ھامان بىر كۈنى
    تاشلاپ بۇ ھازازۇل رەڭۋاز دۇنيانى .
    ئاھ ! سىنىڭ چىرايلىق تەبەسۇملىرىڭ ،
    ساقايتار روھىمنىڭ جاراھىتىنى .

     

  • ھەق ئۇياقتا خەق بۇياقتا كۆنمەي نەچارە ؟

    بۇ ئالەمنى بىنا قىلغان خاتا ئالدىدا .

    ئۆزۈڭدە كۆي بۇ ئالەمدە دوزاق يوق دېدى

    ئوتتىن چىقىپ سۇغا كىردىم گۇنا ئالدىدا .

    دېدى : كىندىك قېنىڭ چاقىرار سىنى مەڭگۈ  ..

    تۇمار قىلىپ ئاستىم ئۇنى جۇدا ئالدىدا ،

    ياشا دېدى ،تاۋۇتۇمنى سۇندۇردى ئانام ،

    مۇھاببەتكە كۆندۈم ئاخىر خۇدا ئالدىدا

ئۇسلۇب ئاپتورى:پرېستان ak22.blogbus.com网站PR查询
Loading