ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  •                                             ئاۋازلىق ئەسەر- سادىر پالۋان

                                           سادىر پالۋان ئلى دىيارىدا ئۆتكەن خەلق ئوغلانى.

  • غۇلجاشەھەردىكى خەنزۇ بازار ھەققىدە

    «خەنزۇ بازىرى»نىڭ ئەينى چاغلاردىكى ئەڭ ئاۋات بۆلىكى ئانچە بەك چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ مۇشۇ  يەردە   تۇغۇلۇپ، مۇشۇ يەردە ئۆسكەن تىيەنجىنلىك بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ قەلبىگە مەڭگۈ ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ئىنتايىن بۈيۈك، بىباھا گۆھەر جاي ھېسابلىنىدۇ.

  • غۇلجا شەھىرىدىكى خەنزۇ بازىرى ھەققىدە

     پۈتۈن ئەتراپنى سۈت قايماقنىڭ شېرىن ھىدى قاپلايتتى. ئۇزاقتىن تەلمۇرۇپ تاپقان بۇ ماروژنىمىزنى بىراقلا يەۋېتىشىكە كۆزىمىز قىيماي خېلى ئۇزۇنغىچە بەكمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن شۈمەپ كوچا چۆگىلەپ ئوينايتتۇق. 
        

  • ئىلى مەشرىپى ھەققىدە                                                    

    مەشرەپ — ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنى ھەم قائىدە–يوسۇن تەشەببۇس قىلىنىدىغان سورۇنى، شۇڭا ئۇيغۇرلاردا «بالاڭنى ئاۋۋال مەكتەپكە بەر، كېيىن مەشرەپكە» دەيدىغان ھېكمەت بار. مەكتەپ ئىنسان بالىسىغا تەپەككۈرىنى ئاچىدىغان بىلىم ئۆگىتىدۇ. مەشرەپ بولسا ئەدەب–ئەخلاق، قائىدە–تەرتىپ، ئولتۇرۇش–قوپۇش، مېھمانلارغا قانداق داستىخان سېلىش، مېھمان كۈتۈش، ئۇزىتىش، چوڭلارنى ھۆرمەت قىلىش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، كىشىنىڭ ھەققىنى يېمەسلىك، ئىجتىمائىي سورۇنلاردا ئادەمگەرچىلىككە ئەھمىيەت بېرىش، ھالال ئەمگەك ئارقىلىق ئاددىي–ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئاتا–ئانىنى ھۆرمەت قىلىش، ئىقتىسادچىل بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

  • ئىلى مەشرىپى ھەققىدە       

    داستىخان يىغىلىشتىن ئاۋۋالقى دۇئادىن كيىن پاششاپ ئوتتۇز ئوغۇلنى «يەك تىز» ئولتۇرۇشقا بۇيرۇق بېرىدۇ ھەم كۆل بېگىگە    «گۈل چاي كەلتۈرۈلسۈن!» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. كۆل بېگى ئالدىن تەييارلاپ قويغان گۈل چاينى كەلتۈرىدۇ. گۈل چاي ھەرخىل شەكىلدە ياسىلىدۇ. بەزىلەر چىنىنىڭ ئۈستىگە ھەرخىل گۈللەرنى ئەپچىللىك بىلەن تىزىپ ئالاھىدە كۆرۈنۈش قىلىپ ياسايدۇ ياكى  ئالمىلارنى پىچاق بىلەن كۈچۈك چىشى قىلىپ ھەرە شەكلىدە ياساپ، چىنىنىڭ ئەتراپىغا تۇرغۇزۇپ، ئوتتۇرىغا بىر تال چىرايلىق        گۈلنى    ئورۇنلاشتۇرۇپ، پەتنۇسقا سېلىپ كەلتۈرىدۇ، يېزىقچىلىقتىن خەۋىرى بار بىرىنى يىگىت بېشى كاتىپلىققا سايلايدۇ

  •  

    ئىلىدىكى تاتارلار ھەققىدە

     

        ئىلى دىيارى قەدىمدىن تارتىپ يېرى كەڭ، سۈيى مول، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنغان مۇنبەت زېمىن. ئورمانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك - زېمىننىڭ ئاۋات بولۇش ئامىللىرىنىڭ بىرى. ئىلى ۋادىسى ھۈنەر، ھېكمەت، ئەدەبىيات - سەنئەت بەرپا قىلىنغان تارىخىي زېمىن بولغانلىقى بىلەنمۇ مەشھۇر. بۇ باياشات زېمىندا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئېجىل- ئىناق بىللە ياشاپ كەلگەن.

  • ئىلىدىكى تاتارلار ھەققىدە-2

    ئىلىدىكى تاتار مەرىپەتچىلىرى يالغۇزلا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيەت- مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماستىن، قېرىنداش خەلقلەرنىڭ، جۈملىدىن       ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت- مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۇشتە بارلىق كۈچىنى سەرپ قىلدى.1933 - يىلدىن كېيىن غۇلجا شەھىرىدە 20 دەك باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇلغان بولسىمۇ، مانا بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مۇئەللىملەر جىددىي ئېھتىياجلىق ئىدى. بۇ زورقىيىنچىلىقنى تاتار مۇئەللىملىرى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. يىگىرمىچە مەكتەپنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك تاتار مۇئەللىملىرى بار ئىدى

  • ئىلىنى ساياھەت قىلغىڭىز بارمۇ؟

    نارات يايلىقى كۈنەس ناھىيسى تەۋەلىگىدە بۇلۇپ. ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ مۇھىم قاتناش يولىغا جايلاشقان، غەرب تەرىپى كۈنەس ناھىيىسىگە، ھەتتا غۇلجا شەھىرىگىچە يېتىپ بارىدۇ، 312 - دۆلەت يولىغا بىۋاسىتە تۇتىشىدۇ، شەرق تەرىپى قەدىمكى يولنى بويلاپ بولغۇنتاي تاشيولىغا تۇتىشىدۇ. تەڭرىتاغنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن مايتاغ - كۇچا تاشيولىمۇ نارات يايلىقىدىن ئۆتىدۇ.

  • تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى

    تۇغلۇق تۆمۈرخان چىڭگىزخاننىڭ 7-نەۋرىسى(مىلادى1330-1363-يىل)،شۇنداقلا بىرىنچى بولۇپ ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلغان موڭغۇل خاقانى،ئۇنىڭ مازىرى قورغاس ناھىيسىنىڭ شەرقىي شىمالىي تەرىپىدىن 45 كىلومېتىريىراقلىققا جايلاشقان.