نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Windows 8 Beta نى سىناشقا تەييارلاندىڭىزمۇ؟

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]


=== دىققەت: باشقا مۇنبەرلەرگە چاپلىماڭ، كۆچۈرۈپ بولغان بولسىڭىز ئۆچۈرۈۋېتىڭ، رەھمەت ! ===

ئىلگىرى بىز خەۋەر قىلغىنىمىزدەك، مىكروسوفت شىركىتى Windows 8 Consumer Preview (ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى)نى Beta نىڭ يەنە بىر نامى قىلغان بولۇپ، 2-ئاينىڭ 29-كۈنى (ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 8:00 دىن كېيىن) پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئىستېمالچىلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن رەسمىي جاكارلايدۇ. مىكروسوفت يەنە Windows 8 Consumer Preview دىن باشقا يەنە Windows Server 8 Beta، Visual Studio 11، NET framework 4.5 ۋە كوللېكتىپ يۇمشاق دېتال ئېچىشنى باشقۇرۇش مەھسۇلاتى Visual Studio 11 Team Foundation Serverنى ئېلان قىلماقچى، ئۇلار Windows 8 بىلەن زىچ بىرىكەلەيدىغان بولۇپ، مىكروسوفتنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىللىق يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىغا، ھەتتا دۇنيا يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى بۇ قېتىملىق كاتتا تارقىتىش مۇراسىمىنى (يېڭىدىن قۇشۇلغان 14 تىل يەنى ئۇيغۇرچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان) بارلىق ئىستىمالچىلار ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە…

ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئەنگلىيە ئىنگلىز تىلىنىڭ تەرجىمىسى تېخى ئۇيغۇر تىلىدىن كېيىن تەستىقلانغان، بۇ جەھەتتە ئەنگلىيە ئىنگلىز تىلى ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەينىدە قالدى، ئەنگلىيە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ كەينىدە تىزىلدى دېگەن گەپ. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تېز بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تەرجىمە سۈرئىتى ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەينىدە، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھازىر ئۇيغۇرچە تەرجىمىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۈركلەرنىڭ تەرجىمىسىگە قاراپ باقايلى دېمەڭ ئەمدى، ئۇيغۇر تىلىغا ئىشىنىڭ. قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ، نەق گەپنى دەيلى.

ئۇنداقتا Windows 8 قاچىلاشقا تەييارلىنىپ بولدىڭىزمۇ؟ تەييارلىق خىزمەت مانا:

بىرىنچى: مىكروسوفت ئورگان تور بېكىتىدىن ISO تەسۋىر ھۆججىتىنى چۈشۈرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، باشقا مەنبەلەر ئىشەنچسىز

ئۇيغۇرسوفت شىركىتى Windows 8 نى سىنايدىغان شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم شىركەت بولۇپ كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇرسوفت سىناش دوكلاتى تەييارلاشقا مەسئۇل بولىدۇ، پات يېقىندا (تەخمىنەن 2-3 ھەپتىدىن كېيىن) يەنە مەخسۇس DVD دىسكىسىنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالماقچى، ئۇيغۇرسوفتنىڭ يەنە تەشەببۇسى ۋە تەۋسىيە قىلىشى بىلەن مىكروسوفت شىركىتى دىيارىمىزدىكى باشقا نوپۇزلۇق ئورگانلارغا (ئالىي مەكتەپ، تىل-يېزىق كومىتېتى،…) ۋە بىر قىسىم شەخسلەرگە پوچتا ئارقىلىق DVD دىسكىسىنىمۇ ئەۋەتىپ بېرىدۇ. بۇلار ئاساسەن كومپيۇتېر، تىل-يېزىق، ئاخبارات (رادىيو-تېلېۋىزىيە)، نەشرىيات ساھەسىدىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرى ئېلىنىدۇ. ناۋادا، سىزگە شۇنداق نەرسە كەلسە، بۇ ماڭا خاتا كېلىپ قاپتۇ دەپ تاشلىۋەتمەڭ، ئىچىدە Windows 8 Beta نىڭ دىسكىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، كەلگۈسى 15-20 كۈن ئىچىدە ئىدارىڭىزگە خەت-چەك ياكى پوسولكا كەلسە دىققەت قىلىپ قويارسىز-ھە؟

ئىككىنچى: 8GB لىق بارماق دىسكىدىن ئىككىنى تەييارلاڭ.

ئۇيغۇرسوفت ماركىلىق بارماق دىسكىڭىز يېنىڭىزدا بارمۇ؟ قاچىلاش ۋاقتى سەل قىسقا بولسىمۇ، سەۋرى تاقىتىڭىز بارمۇ؟ ھازىرچە Windows 8 Beta نى بارماق دىسكىغا قاچىلىمايسىز، ئەكسىچە UltraISO دېتالىدىن پايدىلىنىپ، ISO تەسۋىر ھۆججىتىنى بارماق دىسكىغا يېيىپ، بارماق دىسكىدىن كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دىسكىسىغا قاچىلايسىز. قارىغاندا بۇ قېتىم ئوپتىك دىسكىنىڭ ئانچە رولى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. ئۇزۇنغا قالماي ئوپتىك دىسكىلاردىن خۇددىي يۇمشاق دىسكا بىلەن خۇشلاشقاندەك ئايرىلىدىغان ئوخشايمىز. لېكىن بىر نەچچىنى ساقلاپ قويۇڭ، 20-30 يىلدىن كېيىن موزېيخانىلارغا سېتىپ، باي بولۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن، مەن 93-يىلى 2 يۈەنگە سېتىۋالغان بىر يۇمشاق دىسكىنى بىرسى 100 يۈەن بېرەي دىگەن ئىدى، مەن ساتمىدىم.

ئۈچىنچى: ئەڭ ياخشىسى ئىككى كومپيۇتېر ياكى خاتىرە كومپيۇتېر تەييارلاڭ.

ناۋادا، شارائىتىڭىز يار بەرسە ئىككى كومپيۇتېر تەييارلاڭ، ئۇنداق بولمىسا، مەۋھۇم كومپيۇتېر دېتالىنى قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، نوچىسى مانا (www.virtualbox.org) بۇ ئىنتايىن مۇھىم. بىرسىدە تورغا چىقىپ، ISO تەسۋىر ھۆججىتىنى بارماق دىسكىغا ئويىسىز. توردىن ياردەم تەلەپ قىلىسىز، مەسىلەن: ئالىم ئەھەت بىلوگى، بىلىك،…دېگەندەك. يەنە بىر كومپيۇتېرغا Windows 8 Beta نى رەسمىي قاچىلايسىز. بۇ نۇسخىسى ئالدىنقى يىلى 9-ئايدا تارقىتىلغان ئىجادىيەتچىلەر كۆرۈپ بېقىش نەشرىدىن زور پەرقلىنىدۇ. رەسمىي نۇسخىسىدەك ئىشلەيدۇ، پەقەت ۋاقىت چەكلىمىسى بار. ناۋادا، Bug تېپىلمىسا رەسمىي نەشىرىنى سېتىۋالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ جۇمۇ. ناۋادا، ئۇلارمۇ ئۇيغۇر تىلىغا كۆڭۈل بۆلدى دەپ، قوللاپ رەسمىي نۇسخىسىنى سېتىۋالىمەن دېسىڭىز، 3-ئايدىن باشلاپ ھەر ئايدا 100 يۈەن يىغىپ قويۇڭ، پەقەت 15 كۈندە بىر قېتىم يەيدىغان چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورمىسىدىن ياكى بىر قېتىملىق رېستۇران ئايرىمخانا زىياپىتىدىن ۋاز كەچسىڭىز، 6 ئايدىن كېيىن 600 يۈەن يىغالايسىز، رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىنسا، بەلكىم يەنە 100-200 يۈەن ئېشىپ قېلىشى مۇمكىن. ئېشىپ قالسا، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى سېتىۋالسىڭىزمۇ ياق دېمەيمەن، چۈنكى Windows 8 رەسمىي نۇسخىسىنى مەندىن سېتىۋالسىڭىز، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى يېرىم باھادا بېرىمەن، بەلكىم بىر نەچچە كۈن بايرام قىلىپ بەزى ئۇيغۇرچە دېتاللارنى پۈتۈنلەي ھەقسىز قىلىۋېتىشىم مۇمكىن. ۋاقتىدا كەلگەندە، ئۇيغۇرسوفتنىڭ قىزىلبايراق يولى 4-قەۋەتتىكى سېتىش ئورنىغا قەدەم تەشرىپ قىلارسىز، ھازىر قايتىدىن جىددىي زىننەتلەنمەكتە.

تۆتىنچى: ئىككى قاچا تاماق ۋە بىر چەينەك چاي تەييارلاپ قويۇڭ.

بۇ تاماقنى ھازىرچە مۇزلاتقۇغا سېلىپ قويىسىز، ناۋادا، Windows8 نىڭ ئىقتىدارلىرىنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، تاڭ ئاتقۇچە ئىشلىتىپ زېرىكمىسىڭىز، يېرىم كېچىدە ئاۋۇ تاماقنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا ئىسسىتىپ يەيسىز ياكى پىرەنىككە ئوخشاش مىكرو يېمەكلىكلەرنى تەييارلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئاندىن يەنە ياخشى تەرەپلىرىنى بايقىسىڭىز، ئەلكۈيى مىكروبىلوگىدا ئېلان قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. مۇشۇ مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سىنىغاندا، مىكرو نەرسىلەردىن زادى ئايرىلالمايدىكەنمىز.

بەشىنچى: يوق، تامام

باشقىلار:
بۇ قېتىم ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك جايلاردا خېلە چوڭ ئۆزگىرىش بار، بەزى يەرلەر پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈشى مۇمكىن. بۇنى ھازىر دېيىشكە بولمايدۇ، كىنونىڭ ئاخىرىنى دەپ بەرسە كۆرگۈسى كەلمىگەندەك، ئۇنى سىناشقا قىزىقماي قالىسىز. ئۇنىڭدىن باشقا سىستېما خەت نۇسخىسىغا ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەر تولۇق قوشۇلغان، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرچىنى بىمالال، راۋان كۆرەلەيسىز. لېكىن ئەلكاتىپنىڭ بەزى خەت نۇسخىلىرى سىزگە لازىم بولىدۇ. سىستېما يادروسىغا قوشۇلغان سۈكۈتتىكى خەت نۇسخىسىدا ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەر ئەرەبچىگىمۇ بەك مايىل ئەمەس، ئەمما، كۆزىڭىزگە سەل سىغماي قالسا، بىر نەچچە ئاي ئىشلەتسىڭىز، پات-پات قاراپ تۇرسىڭىز كۆنۈپ قالىسىز، بەلكىم بۇنىڭدەك ئوچۇق كۆرۈنىدىغان خەت نۇسخىسىنى بىر نەچچە يىلغىچە تاپالمايسىز، تور بېكەتلىرىڭىزنىڭ سۈكۈتتىكى خەت نۇسخىسىنى تەڭشىگەچ تۇرۇڭ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە Microsoft Uighur دا چوڭ ئۆزگىرىش يوق، ئۇ يەنىلا كىچىك، گەرچە ALKATIP Tor غا يەتمىسىمۇ (ئېلان قوشتۇم)، لېكىن بېسىپ كۆرگەندە خېلە بولىدۇ. ئۇنى ئۆزگەرتكىن دەپ مۆمىن ساقالنى تار يەردە قىستىماي، باشقا نامدا، باشقا ئۇستىخاندا ئايرىم خەت نۇسخىسى ياساپ بەرسەڭ نەچچە پۇل ئالىسەن دېسەڭلار بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاي ناملىرىدا سۈكۈتتىكى ھالەتتە يانۋار، فېۋرال،….دەپ چىقىدۇ. كىرگۈزگۈچنىڭ نامى ئۇيغۇرچە بوغۇم بويىچە قىسقارتىلغان. لېكىن، ئۇيغۇرچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىشتا سەل ئەندىشەم بار. باشقىلىرىنى ئۆزەڭلار سىناپ تېپىڭلار، قېنى كىم يامان؟ ئۆز ۋاقتىدا Windows Vista Beta ئابدۇرېشىت ئېلى(raxit1973) ئەلكاتىپ بىلەن ماسلاشمايدىكەن دەپ ماڭا چوڭ خاتالىقنى مەلۇم قىلغان. مەن كەسپىي ئۇسۇلدا «ف» ھەرپنىڭ كودىنى تەكشۈرۈپ، خاتالىقنىڭ خەت نۇسخىسىدا ئەمەس، بەلكى كىرگۈزگۈچتە ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. ناۋادا، چوڭ خاتالىق تاپالىسىڭلار، ئامېرىكا مىكروسوفت شىركىتىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلامدۇ-تېخى؟ (چاقچاق)

سىناش دوكلاتىنى ئايرىم ئەۋەتىمەن دېسەڭلارمۇ مەيلى، لېكىن ئالدىدىن دەپ قوياي، QQ ئىشلىمەيدىكەن، 360 ۋىرۇسخۇر قاچىلانمىدى، Photoshop قاچىلانمىدى، بەزى ئويۇنلارنى قاچىلىيالمىدىم، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن دەپ يوللاپ يۈرمەڭلار، ساۋاتسىزلىقنى چاندۇرۇپ. ئۇ مىكروسوفتنىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى شۇ قوللانما دېتاللارنى ياساۋاتقانلارنىڭ ئىشى، رەسمىي نۇسخىسى چىقىپ بولغۇچە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېتاللىرىنى ماسلىشىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ بولىدۇ، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىمۇ ھەم شۇنداق. خاتىرجەم بولۇڭلار.

قېنى بىرلىكتە بۇ مەھسۇلاتنى ياخشى سىناپ، تەكلىپ-پىكىر بېرەيلى!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
101 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 3 4 5
  • ياخشىمۇسىز ئالىمجان
    مەن بۈگۈن win8 نى قاچىلاپ سىناش جەريانىدا مۇنداق بىر ئىشقا دۇچ كېلىپ قالدىم.
    مىكروسوفت شىركىتى تەمىنلىگەن ئىككى خەت نۇسخىسىنىڭ نامى
    Microsoft Uighur دېگەن نامدا ئاتىلىپتۇ.
    بۇنىڭدىكى Uighur بىلەن تىل يېزىق كومىتىتى ئۆلچەملەشتۈرگەن Uyghur نامى ئوخشىماي قالدىمۇ ياكى مەن خاتا سېلىشتۇرۇپ قالدىممۇ قانداق؟ قايسىسىنىڭ يېزىلىشى توغرىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى am 09:12
    • قايسىنىڭ توغرىلىقىنى مەن بىلمىسەممۇ، Uighur دېگەن سۆز كامىدا 300-400 يىلدىن بۇيان، ئىنگلىزلارنىڭ لۇغىتىدە Uighur دەپ يېزىلىپ كېلىۋاتىدۇ. 2001-يىلى لوندونغا بارغىنىمدا، بېرتانىيە مۇزېيىدا، بىزنىڭ دىيارىمىزدىن ئېلىپ كېتىلگەن ساپال قاچىلار، كومزەكلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ Uighur دېگەن مىللەتنىڭ دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرگەنمەن.

      ئەمما، بىز ھازىرغىچە يەنى 21-ئەسىرگە قەدەم قويغان دەسلەپكى 10 يىلدىمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلدىكى سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى توغرا بېكىتەلمەي يۈرۈۋاتقاندا، ئىنگلىزلارنىڭ ئىملا لۇغىتىگە پىكىر بەردۇق، بۇنداق ئىش دۇنيا تىلشۇناسلىق تارىخىدا كام تېپىلىدۇ. بىر نەرسىدىن گۇمانلىنىپ تاتلاپ باقساق، يېغىر بولىدۇ، داۋاملىق تاتلىساق جاراھەت بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەن راستتىنلا كېسەل ئوخشايمەن دەپ، ئۆزىمىزدىن گۇمانلىنىپ يۈرىمىز، بەزىلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يالغاندىن تىۋىپ ياكى پالچى بولۇۋېلىپ، كېسەل داۋالايمەن دەيدۇ.

      بۇ خۇددىي (97-يىلىدىكى ئىملا بويىچە) رادىئو دەپ يازامدۇ؟ ياكى (2009-يىلىدىكى ئىملا بويىچە) رادىيو؟ دەپ يازامدۇ دەپ تالاشقاننىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. رادىئو دەپ يازسا نېمە بولۇپتۇ؟ رادىيو دەپ يازسا نېمە بولماقچى ئىدى، ئۇنداق ئۆزگەرتىپ يازغانغا، 10 ئادەمنىڭ مەسىلىسى ھەل بولامتى؟ بىر مو ئېتىزدىن 1000 كىلوگىرام ئارتۇق ھوسۇل ئېلىشقا بولامتى؟ ھەممىسى زىيانلىق تەرىپى ئېغىر، پايدىسىز ئىشلار.

      ناۋادا، سىزىق ۋە كۆپ چېكىت قوشۇلغان دۆلەت ئۆلچىمىدىكى ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى ئېلان قىلىنسا، مانا ئەمدى Windows8 دە ئۇيغۇرچە كۇنۇپكىدىن يەنە بىرى قوشۇلۇپ، جەمئىي 3 ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا پەيدا بولىدىغان بولدى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى am 10:41
  • مەن photoshop7.0 دېگەن بۇرۇنقى ئاغىينىنى قاچىلاپ قۇيۇۋېدىم، شامالدەك ئىشلەپ كەتتى…
    office2003 قاچىلىۋېدىم، 1995-2000-يىللاردا ئۇيغۇرچىنى تونۇتالماي، ئوڭدىن سولغا تەڭشەپ يۈرگەندەك، ئۇيغۇرچە نۇرمال ئىشلىمىدى.
    office2010 قاچىلىۋېدىم، يائاللا، ئەلپىدادىن باشقا بارلىق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەردىكى خەت نۇسخىلىرى بوراندەك ئىشلەپ كەتتى…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى am 09:16
  • بۇنىڭدىن ئانچە ئەنسىرەش كەتمەسمىكىن دەيمەن . .
    ئىشلار ھەممىسى تۈگىگەندە ئازراق تەشۋىق قىلساقلا بۇ ۋەزىپىدىن ئېشىپ كىتىشكە بۇلامىكىن دەيمەن ..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى am 09:21
  • ياخشى بوپتۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 19:50
  • خەت نۇسخىسىنىڭ نامىغا Uighur دەپ ئىلىپ ئۆزلىرىنىڭ تور بېكىتىدە Uyghur دەپ ئالغىنىنى تازا چۈشەنمىدىم. (Windows Terminology – Uyghur
    )

    https://www.microsoft.com/language/mtcf/mtcf_home.aspx?s=1&langid=2249&cult=fa-IR

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 21:34
    • بۇ ھازىر تالىشىدىغان مۇھىم ئىش ئەمەس، ھازىرقى مۇھىم ئىش ئاۋۇ ئاتالغۇلارغا پىكىر توپلاش، يەنە 6 كۈندىن كېيىن قېلىپلىشىپ كېتىدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 22:05
  • تولىمۇ ياخشى ، ئەتراپلىق پىكىر ئالماشتۇرۇشلار بولۇپتۇ … win8 نىڭ قۇلايلىق تەرەپلىرى ھەقىقەتەن كۆپكەن … بولۇپمۇ بىز توربەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا نىسبەتەن دەيمەن …

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 19:00
  • قايسى ئاتالغۇلارنى دەيسىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى am 08:24
  • قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن، ئاق لېچەك ئارتقان ئانىلىرىمىزنىڭ بارلىق دۇئا- تىلاۋەتلىرى سىزدەك ئىلىم سۆيەرلەر ئۈچۈن قىلىنغاي!……

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 16:10
  • ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە رەھمەت، تىنىگە سالامەتلىك، ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 14:29
  • ئالىمجان مۇئەللىم مەن سىزدىن مەسلىھەت سوراي دىگەن ئىدىم مۇزىكىنىڭ ناخشىنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئاۋازىنى يوتۇپ، مۇزىكىسىنى ساقلاپ قالىدىغان يۇمشاق دىتال بار مىدۇ ؟ بار بولسا ،شۇ يۇمشاق دىتالنىڭ نامىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىىڭىز ،سىزدىن كۆپ مىننەتتدار بولغان بولاتتىم .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى am 03:14
باھا بېتى: 1 3 4 5