يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە تىل ئۇسلۇبى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە تىل ئۇسلۇبى

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش (软件本地化)

(بۇنى پەقەت مۇشۇنداق بىلوگدا بىۋاسىتە يېزىلغان كۆز-قاراش ئىكەن دەپ قارىساڭلار بولىدۇ، رەھمەت!)

يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش دېگىنىمىز يۇمشاق دېتال مەھسۇلاتىنىڭ ئىقتىدارى، ئارايۈزى، ياردەم ھۆججىتى ۋە باشقا ماتېرىياللىرىنى يەرلىك بازار ئېھتىياجى ۋە يەرلىك خەلقنىڭ مەدەنىيىتىگە ماسلاشتۇرۇش بولۇپ، ئۇنىڭ دائىرىسى نوقۇل تەرجىمە قىلىش بىلەن چەكلەنمەيدۇ. بۇنىڭ دائىرىسى ئادەتتە يۇمشاق دېتال (ئارايۈزى ئۇچۇرى) بايلىقلىرىنى تەرجىمە قىلىش، ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزى لايىھەسىنى قايتىدىن ئۆزگەرتىش، يۇمشاق دېتال ئىقتىدارىنى شۇ دۆلەت ياكى رايوندىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش، سىناش،…قاتارلىق نۇرغۇن جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەشغۇلات سىستېمىسىنى يەرلىكلەشتۈرۈش باشقا ھەرقانداق يۇمشاق دېتاللارنى يەرلىكلەشتۈرۈشكە قارىغاندا قىيىن بولۇپ، نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن تەلەپ قىلىدۇ. تەرجىمە قىلىشتىن باشقا يەنە چېتىلىدىغان تېخنىكىلىق ئىش ھالقىلىرى زىيادە كۆپ بولىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئەمەلىي خىزمەتلەرنى يۇمشاق دېتال تۈزۈش تەجرىبىسىگە ئىگە، ئۆز ئانا تىلغا پىششىق، ئىنگلىز تىلىغا پۇختا يەرلىك مىللەت خادىملىرى تاماملاپ كېلىۋاتىدۇ.

ئورگان تەرەپنىڭ رۇخسىتى بىلەن يەرلىكلەشتۈرۈشنىڭ تەلىپى تېخىمۇ قاتتىق بولۇپ، يەرلىكلەشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ھەر بىر ئىش ھالقىلىرىدىن تەربىيەلىنىدۇ ھەمدە تۈرلۈك سىناق ۋە ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. ئەلا نومۇر ئېلىپ، سالاھىيەت ئۆتكىلىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورگان تەرەپنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى ۋە يېتەكچىلىكىدە، تەلەپ قىلىنغان سۈپەت ۋە بېكىتىلگەن مۇددەت ئىچىدە يەرلىكلەشتۈرۈشكە قاتنىشىدۇ. شۇڭا، ئۆز ئالدىغا تەرجىمە قىلىش (يەرلىكلەشتۈرۈش) بىلەن ئورگان تەرەپنىڭ رۇخسىتى بىلەن يەرلىكلەشتۈرۈشنىڭ پەرقى چوڭ بولىدۇ.

تىل ئۇسلۇبى (语言风格)
مەشغۇلات سىستېمىسى، قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار (ياكى ئەپلەر)، قورال دېتاللار ۋە ئويۇن قاتارلىقلارنى يەرلىكلەشتۈرۈشتە قويۇلىدىغان تەلەپلەر بەزىدە ئوخشاش بولمايدۇ. چۈنكى، بۇلارنى ئىشلىتىدىغان ئىستېمالچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى پەرقلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ يەرلىك تىلدىكى ئۇچۇرلارنى چۈشىنىش ئىقتىدارى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، ئاتالغۇ ۋە تەرجىمە ئۇسلۇبى ئوخشاش بولمايدۇ. ئوخشاش بىر شىركەت ئىشلەپچىقارغان ئوخشىمىغان مەھسۇلاتلاردا، ئاتالغۇ ۋە جۈملە قۇرۇلمىسى بىر قېلىپتا بولۇۋەرمەيدۇ. شۇڭا، ئوخشىمىغان شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئاتالغۇسى ۋە تىل ئۇسلۇبىنىڭ بىردەك بولماسلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس. ئۇلار پەقەت قانداق قىلغاندا ئۆز مەھسۇلاتىنى شۇ رايوندا تېخىمۇ كەڭ بازارغا ئېرىشتۈرۈشنى ئويلايدۇ، مىكروسوفتنى مىسالغا ئالساق، ئۇلار ئۆز مەھسۇلاتىنىڭ جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خېرىدارلار ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان، ئوڭاي چۈشىنەلەيدىغان ئاددىي ئاتالغۇلارنى قوللىنىپ، يېقىملىق، ئازادە تىل ئۇسلۇبىنى ئىشلىتىپ، خېرىدارلارنى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى بىلەن سىردىشىۋاتقاندەك ھېس تۇيغۇغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبىنىڭ يىلدىن-يىلغا ئاددىيلىشىۋاتقانلىقىنى بىر قاراپلا بىلىشكە بولىدۇ.

ئىزچىل ئىنگلىزچە Windows ئىشلىتىپ باققانلار شۇنى ھېس قىلالايدۇكى:
achieve نىڭ ئورنىغا do نى،
as well as نىڭ ئورنىغا also, too نى،
attempt نىڭ ئورنىغا try نى،
encounter نىڭ ئورنىغا meet نى،
have an opportunity نىڭ ئورنىغا can نى،
however نىڭ ئورنىغا but نى،
refer to نىڭ ئورنىغا see نى ئىشلىتىشكە يۈزلىنىۋاتىدۇ.

شۇڭا، ئۇلار مۇمكىنقەدەر يېڭىدىن تۈپ سۆز ئىجاد قىلماسلىقنى، قەدىمكى ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىغا ھازىرقى زامان ئاتالغۇلىرىنى ئىشلىتىشنى، ھەتتا ساۋادى ئەمدى چىققان بالىلارمۇ چۈشىنەلەيدىغان تىل ئۇسلۇبى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش (تەرجىمە قىلىش) بىلەن كىنو-تېلېۋىزىيە ياكى رومان تەرجىمە قىلىشتىكى تىل ئۇسلۇبى پەرقلىنىدۇ.

ئىنگلىزچە: Are you sure that you want to continue?
خەنزۇچە: 你确定要继续吗?
ئۇيغۇرچە:
(1) سىز داۋاملاشتۇرماقچى بولغانلىقىڭىزنى ئېنىق بەلگىلەمسىز؟
(2) داۋاملاشتۇرماقچى بولغانلىقىڭىزنى جەزملەشتۈرەمسىز؟
(3) داۋاملاشتۇرۇشنى جەزملەشتۈرەمسىز؟
(4) راستتىنلا داۋاملاشتۇرامسىز؟
(5) داۋاملاشتۇرامسىز؟
=====
بۇ تەرجىمىدىن نېمىنى ھېس قىلدىڭلار؟ سىلەرچە يەنە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
68 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • مەسلەن 默认播放器,默认浏览器دىگەندەك

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 16:34
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم!ئالىم مۇئەللىم،سىزدىن خەنزۇچىدىكى 默认دىگەن سۆزنى نىمە دەپ تەرجىمە قىلغانلىقىڭىزنى سورىماقچىدىم،پروگرامما ياسىغاندا نىمە دەپ تەرجىمە قىلىشنى بىلەلمىگەنتىم.تەلىم بەرسىڭىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 16:32
  • Windows 8 Release Previewنۇسقىسى ئېلان قىلىندى.رەسمى نۇسقىسى ئونىنچى ئايدا ئېلان قىلىنماقچى سىناپ باقىدىغانلار ماچۇ يەردىن چۈشۇرۇڭلارhttp://windows.microsoft.com/zh-cn/windows-8/iso

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى am 06:46
  • ئالىم مۇئەللىم ، ئاتكاچىلىق قىلىپ سالىدىغان بولدۇم ، مەنمۇ بىر يومتال كەسپىدە ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى ، بىراق پىروگىرامما تىلىنى خەقنىڭ تىلىدا ئۆگەنسە تولۇق چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدىكەن ،بۇنداق كىتاپلارنىىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى يوق (مەن تاپالمىدىممۇ تاڭ ) شۇڭا سىزنىڭ مۇشۇنچىلىك ئىشقا ۋاقتىڭىز چىقارمۇ ؟ بىز تەرجىمە قىلايلى دېسەك ئۇيغۇر سوفىت لوغىتىدە پىروگىرامما تىلىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلار يوقكەن . قانداق ئاتاشنى بىلمەي قالدىكەنمىز … شۇڭا ….
    ئاقساقاللىق قىلىپ سالدىم كەچۈرگەيسىز …

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 23:52
    • ئەگەر ئۇنىڭدا بولمىسا، يوللاپ بەرسىڭىز مۇشۇ يەردە دېيىشىپ باقساق بولىدۇ، ئاندىن تىل-يېزىق كومىتېتى بېكىتىپ بەرسە بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 23:55
    • بولدۇ ، مەن بۇداقى ئىمتاھانىم تۈگىسىلا شۇ سۆزلۈكلەرنى رەتلەشكە كىرشىمەن

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى am 08:43
  • مۇشۇ پۇل ئېلىش ئۈسكىنسىنىڭ تەرجىمىسى ۋە كۆرۈنىشى ھەر بىر بانكىنىڭ ئوخشىمايدۇ ،بۇ نىمە ئۈچۈن ؟مەن شەخسەن قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ تەرجىمىسىنى ياقتۇرىمەن ،گەرچە بەك مۇكەممەل بولمىسىمۇ ……

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 19:58
    • يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭمۇ ياخشى، «ئەلكاتىپ تور» ئىشلىتىگەن، 2-دوختۇرخانىدىكى دىياگنوز سۈرۈشتە قىلىدىغان كومپيۇتېردىكىمۇ شۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 21:26
  • بەزى تىلىۋۇزۇر قۇبۇلىغۇچتا(机顶盒) بۇنداق تۈرى يوق، بۇ يەردە «كاڭجا» ماركىلىق قۇبۇلىغۇچدا ئۇيغۇرچە تاللاش تۈرى بار .،بىراق خېتى بەك سەت ،شۇنداقتىمۇ شۇنى ئۇيغۇرچىگە تاللاپ قويغان .
    «xxكۆرۈنمە چاستۇتىدا پاراڭلاشتى»دىگەن سۆزنى 2-قانالدا بەك تۇلا ئاڭلايمەن .نىمە ئۈچۈنكى ئۇيغۇرچە قاناللارنى پەقەت كۆرگۈم كەلمەيدۇ ……
    لوغەتتە كۆرۈلمە چاستۇتا دەپ تەرجىمە قىلغانغۇ دەيمەن ،تىلىۋۇزۇر ئىدارىسى شۇ لۇغەتكە قاراپ تەرجىمە قىلغان گەپ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 19:53
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
    ئالىم مۇئەللىم مۇشۇ يەردىلا سوراپ باقسام،ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 5.0 قاچانلىققا ئېلان قىلىنىدۇ؟
    ۋاقتىم چىقسىلا http://www.uighursoft.com/ug-CN/products/udict.html غا چىقىپ كۆرۈپ باقىمەن ،لېكىن دائىملا يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ
    دەپلا چىقىدۇ،بۇنىڭدىن بىرنى سېتىۋالاي دېگەن ئىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 12:34
  • ‏مەن ئاخشامقى خەۋەردە«xxكۆرۈنمە چاستۇتىدا پاراڭلاشتى»دىگەننى ئاڭلاپ قالدىم.
    ‏بىز «كۆرۈنمە چاستوتا» دىگەننى «سىن»دەپ تەرجىمە قىلغان ئدۇق،نىمشقا خەۋەردە سىنلق پاراڭلاشتى دمەيدغاندۇ؟ئۇلار بۇ تەرجىمىنى بلمەمدۇياكى بۇسۆز تېخى ئۆلچەمدىن ئۆتمىدمۇ؟
    ‏«سىن»دىگەن سۆز تل كومتتدكىلەرنىڭ لوغتگە كىرگۈزۈلمىدمۇ؟تلۋىزيە ئستانسى سۆزلەرنى ئشلەتكەندە تىل كومتتدىن مەسلھەت ئالامدغاندۇ ياكى ئۆزئالدىغا تەرجىمە ئېلپ بارامدىغاندۇ؟
    ‏مۇشۇلارنىڭ ھەممنى بىلگۈم كىلىۋاتدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى am 11:45
  • ھازىر تېلېۋىزىيە كۆرگەندە ئۇيغۇرچە تاللاپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى am 09:19
    • ھەئە، تىزگىنەكنى ئېلىپ تىل تاللاشنى باسسىڭىز، ئىنگلىزچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە دەپ ئالمىشىدۇ. بۇنى 2007-يىل يازدا قىلغان ئىدۇق، پۈتۈن شىنجاڭدىكى سىملىق تېلېۋىزىيە خېرىدارلىرى بۇنى ئىشلىتەلەيدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى am 09:23
  • 视频监控器 «سىنلىق كۆزەتكۈ»؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 20:48
    • ياق، «سىن كۆز» دېدى،
      مۇشۇ «-غۇ، -قۇ، -گۈ، -كۈ»بىلەن ياسالغان سۆز تازا ئومۇملاشمايدىكەن، بىرەر ھەرپ چۈشۈپ قالغاندەك

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 22:26
  • ئالىم مۇئەللىم رەھمەت ،بەلكىم سىزنىڭمۇ باشقا ئويلىغنىڭز باردۇ ، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇغلۇق بۇلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۇمۇت قىلمەن ، ئاخىردا تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن ،

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 20:36
  • نادىر تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن، ھارمىغايسىز!

    http://www.uzdil.com/uly.php?url=

    http://www.uzdil.com/read.php?url=?feed=rss

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 17:57
  • ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلىقى 5.6 ھەرپ ئىكەنلىكى ئىلمىي دەلىللەشتىن ئۆتكەن سانمۇ؟ ئۇنداقتا ئىنگلىز تىلى ۋە رۇس تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ھەرپ ئۇزۇنلۇقىچۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 13:59
    • شۇنداق، بۇ سان ئالتە توملۇق «باھادىرنامە» رومانىدىن كېلىپ چىققان، بۇ بارلىق تۈرلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆزنىڭ ئوتتۇرچە ئوزۇنلىقى، ناۋادا، باشقا رومانلاردىن ئىستاتىستىكا قىلىدىغان بولسىمۇ، 6 دىن ئاشمايدۇ، 5 تىن چۈشۈپ كەتمەيدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇر تىلى ھەرگىزمۇ كېلەڭسىز، كالامپاي، ئۇزۇن تىل ئەمەس.
      ئىنگلىز تىلى ۋە رۇس تىلىنىڭكىنى مەن بىلمەيمەن، بۇنى شۇلارنىڭ ئادەملىرى قىلىدۇ، پەرزىمچە ئۇلارنىڭ ھەرگىزمۇ 3-4 نىڭ ئارىلىقىدا ئەمەس.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 15:09
    • سىزگە كۆپ رەھمەت! يەنە بىر ئىش، 5040 خىل تۈرلىنىش مەسىلىسى دەسلەپتە قانداق كېلىپ چىققان؟ ئالدىدا 2000 نەچچە خىل تۈرلىگەن كىشىمۇ بارمىتتى؟ بۇ خىل تۈرلىنىشلەرگە قارىسام يەنە ئىسىم شەكىللىرىمۇ بار ئىكەن. تەپسىلىرەك سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 20:01
      • غەيرەت توختى ئاكىمىز ئىلگىرى 2000 نەچچە خىل تۈرلەپتىكەن.
        شۇنداق، پېئىلنىڭ ھەممە شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىرسىمۇ چۈشۈپ قالمايدۇ، «ياز-» دېسىڭىز، ھەممە تۈرلىنىشى تولۇق چىقىدۇ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 21:28
  • سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزمۇ ياخشى بوپتۇ، ئەمما بۇ بىلوگنىڭ يەنىلا مۇشۇنداق تۇرىۋەرگىنى ياخشىمىكىن. چۈنكى ئالىم ئەھەد ئەپەندى دېگەن ئوقۇتقۇچى!
    ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى ئىلانلارغا بىر نېمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ. بەزىدە ئادەم بىر قىسىم تور بىكەتلەرنى خاتىرجەم ئاچقىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى am 11:22
  • تىكەن ئەپەندىنىڭ پىكىرىنى مەنمۇ قوللايمەن، مەنمۇ تورغا چىقساملا بىلوگىڭىزدىكى سىز يوللىغان مەزمۇن ۋە بىلوگداشلار قايتۇرغان ئىنكاسلارنى تولۇق ئوقۇپ چىقىمەن، نامىڭىزنى ئاڭلاپ كىلۋاتقىلى 10يىل بوپتۇ، مۇشۇ بىلوگىڭىز ئارقىلىق سىزنى ھەقىقىي تونۇدۇم دىسەممۇ بولىدۇ، ئۇيغۇر كومپيوتېر ئىشلىرى ئۈچۈن قىلۋاتقان خالس ئىشىڭىزغا باشقا ياردەم قىلالمىساقمۇ بىلوگدىكى ئىلانلارنى چىكىش ئارقىلىق ئاز-تولا كىرىم يارىتالساق ئەجەپ ئەمەس.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى am 09:51
باھا بېتى: 1 2