بۈگۈن Surface قا زاكاز باشلاندى
[ IT خەۋەرلىرى ]Microsoft تور دۇكىنى رەسمىي ئېچىلدى، جۇڭگودىكى ئىستېمالچىلار http://www.microsoftstore.com/store/mscn/home ئارقىلىق Surface نى ئالدىن سېتىۋالالايدۇ. Microsoft تور دۇكىنى ئامېرىكا، رۇسىيە، ياپۇنىيە، كورېيە،…قاتارلىق 230 دۆلەت ۋە رايونلارنى قاپلىغان.
جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ئۈچۈن:
Windows RT قاچىلانغان، 32GB سىغىمدىكى Surface نىڭ باھاسى 3688 يۈەن.
Windows RT قاچىلانغان، 64GB سىغىمدىكى Surface نىڭ باھاسى 5288 يۈەن.
تەپسىلاتى:
http://www.microsoft.com/china/press/2012/10/1019.mspx
تەپسىلاتى:
http://devices.microsoftstore.com.cn/Surface
ھەر ئىككى نۇسخىدىكى Surface نىڭ سېلىشتۇرمىسى
http://www.microsoft.com/Surface/zh-CN/surface-with-windows-rt/help-me-choose
=======================
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە SONY شىركىتى ئىشلەپچىقارغان تاختا كومپيۇتېرلارمۇ سېتىلىشقا باشلىدى.
http://www.sony.com.cn/news_center/press_release/product/1972_2791_4012.htm
- يازما كۆرۈلۈشى: 4,284 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 17:11
- ئالدىنقى يازما :مىكروسوفت TechEd 2012 كاتتا يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ
- كېيىنكى يازما :Windows 8 بۈگۈن كەچ 9:15 دا رەسمىي تارقىتىلدى
ماۋۇ 2007 يىلى ئالغان كومپىيۇتىرنى ئالماشتۇرماقچى ئىدىم ، windows8 چىققاندا بىراقلا ئالماشتۇراي دەپ ئىشتەي ساقلاپ تۇرغان ، بۇ سىستىمىغا ياخشى ماسلىشىدىغان كومپىيۇتىرنى قاچانلاردا ئالسام مۇئاپىق بولار ، قىزىلبايراق سودا شەھەرچىسىدىن ياخشىراق كومپىيۇتىر ساتىدىغانلار بىلەن ئالاقىلاشسام بولاتتى ، تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاش بولوپ قالدى كەچۈرۈڭلار
ئەڭ ياخشىسى ھەقىقىي نەشىرىدىكى ۋىندوۋز 8 ئورنىتىلغان كومپىيۇتېرنىلا ئېلىڭ .
ھەقىقىي نەشىرىدىكى windows8 قاچىلانغىنىنى ئالاي دىسەم ماۋۇ فىلىمچىلىك ئىشلىرىغا ياخشى ماسلىسالماي قالامدىكىن دەو ئەنسىرەپ قالدىم . مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ، ئىچكى ساقلىغۇچ، كۆرسىتىش كارتىسى ياخشى بولمىسا يەنە بولمايدۇ دە
ئىنكاس ئىدى كەچۈرۈڭلار. يوللاشتىن بۇرۇن ئىملا تەكشۈرمەپتىمەن
بۇنىڭ ئۇيغۇرچىسى بامۇ؟
Pro نۇسخىسى قاچىلانغانلىرىنىڭ باھاسى بەك ئۆرە چىقىپ كەتمىسە ئەڭ قولايلىقى شۇ بولاتتى. كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى، كوررېكتورلارنى ئىشلىتىپ كەتسەك…
مەن بۇ تاختا كومپىيوتېردىن بىر بىرنى ئېلىپ ئاندىن ئۇيغۇرچە Windows 8نى سېتىۋېلىپ قاچىلاپ ئىشلىتەي دىگەن ،ئۇيغۇرچە Windows 8 نى قوللامۇ ؟
ئەلۋەتتە قوللايدۇ . . . خاتىرە كومپىيوتىرغا ئوخشاشلا ئۇنىڭ ئىچىگە سېستىمىنىڭ ئۆزى قاچىلانغان …
بۇ تاختا كومپيۇتېر مىكروسوفتنىڭ بولغاندىكىن ئۇنىڭغا Windows 8 قاچىلىنىدىغاندۇ. ئۇنى ئايرىم سېتىۋىلىپ قاچىلاش بىھاجەت ھەقاچان، ئۇنداق ئەمەسمۇ يا؟
Windows 8 نى ئايرىم سىتىۋالمايسىز.
ئۇ مۇشۇ تاختا كۇمپىيۇتىرغا قاچىلاغلىق كىلىدۇ.
پەقەت سىز سىتىۋالغاندىن كىين Windows 8 نىڭ ھەققى ئىشەتكۇچىسى بۇلسىڭىز. ھەم بۇندىن كىينكى نەشىرلىرنى ئۇزلكىسىز يىڭلاپ ئىشلتىش ھۇقۇقىغا ئىگە بۇلسىز دىگەن گەپ.
بۇ تاختا كۇمپىيۇتىرنىڭ كۇنۇپكا تاختىسى 998سۇم ئىكەن.
بۇنى ئالمسىاق ھەقچان ھازىر بىز ئىشلتىۋاتقان ئادەتتىكى كۇنۇپكا تاختسى ئىشلىمەيدىغاندەك قىلىدۇ.
مەنىڭچە باھاسى سەل يۇقىرى ئىكەن.
ئەمدى بارچە ئۇمۇت بۇندىن كىين چىقىدىغان مىكرۇسۇفىتىنىڭ يان تىلغۇندا قالدى. بۇمۇ ئۇرە بۇلسا ئاۋال ئىككى قۇلۇمغا ئاندىن يانچۇقۇمغا قاراپ ئىككىسىنىڭ بىرىنى تاللاش قارارىغا كەلدىم.
ھەي،موشۇ ئېلكتىرۇنلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ يېڭىلىنىشى ھەقىقەتەنمۇ تىز بولىۋاتىدۇ.بۇ بىر تەرەپتىن ياخشى ئىش بولسا يەنە بىر تەرەپتىن بىزنى ئىقتىسادى جەھەتتىن ھالسىرىتىپ قويامدۇ نېمە؟!ئەمدىغۇ «يوتقانغا قاراپ پۇت سۇن ››دەيدىغان گەپ بار،ئەمدى شۇ بويىچە ئىش كۆرۈپ تۇرامىز.
مىنىڭچە بولغاندىمۇ باھاسى سەل يۇقىرى
WIN8 RT是全新的版本,支持ARM架构的处理器,RT是微软针对ARM平台下的独立版本 暂时不能换用成WIN8哦
تور مۇلازىمەتتىن سورىسام مۇشۇنداق دەيدۇ…
ئالىم ئەھەت مۇئەللىم بەك ئالدىراش ئۇخشايدۇ!
مەن كۇندە مۇشۇ تىمغا دىققەت قىلىۋاتىمەن. مۇئەللىم ئالدىراش بۇلغاچ ئىنكاسىمىزغا جاۋاپ قايتۇرالمغان بۇلشى مۇمكىن.
مۇئەللىم بۇلسا تەپسىلى بىر جاۋاپ بەرگەن بۇلسىڭىز؟
Windows 8 نىڭ باھاسى 1000 يۈەندىن ئاشىدىغىنى قايسى نۇسخىسى ؟ كەسپى نۇسخسىمۇ ؟
ئەڭ ئەرزان نۇسخىسى قايسى ؟ قانچە پۇلدۇ ؟ مۇشۇ ھەقتە تەپسىلىرەك مەلۇمات بولسا بولاتتى . ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە نۇسخىسى .
مەن دېگىنى كەسپىي نۇسخىسى، ئەگەر ماركىلىق كومپيۇتېر ئالسىڭىز، ھەقىقىي Windows بىللە چىقىدۇ
ئالىم ئەپەندىم سەكىزنىڭ ئۇيغۇرچىسى قاچان ئېلان قىلىنىدۇ كۈندە سەكىزىمنىڭ كونتىرول مەركىزىگە كىرىپ يېڭلاپ باقىمەن ئانا تىلىم يوق ،يە سىزدىكى بولاقنى ئەۋەتمىدىڭىز 26چىسلا چىقامدۇ يە؟
بۇ ئىش باشقا تىللار بىلەن تەڭ تۈنۈگۈن ئاخشام تاماملاندى، 26-چېسلا قۇربان ھېيت كۈنى (شۇ جاي ۋاقتى 25-چېسلادا) Windows 8 بىلەن تەڭ تارقىتامدۇ ياكى 12-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى يىغىندا تارقىتامدۇ؟ بۇنى بىلمەيمەن. پەرزىمچە سەل كېيىن تارقىتىشى مۇمكىن، چۈنكى خەرىتە ئەپلىرىدە بەزى جاي ناملىرىدىكى خاتالىقلارنى مەلۇم قىلدۇق.
ئالىم مۇئەللىم،مەن ۋىندۇۋس 8 نىڭ باھاسى توغۇرلۇق سۇئال سوراي، ھازىرمۇ ۋىندۇۋس 7 نىڭ ھەقىقى نەشىرنى ئىشلىتىۋاتقانلار ئازراق پۇل تۆلەپلا 8 گە كۆچەلەيدىكەن،يەنە ئۇقۇغۇچىلار نۇسخىسى باشقىلىرىدىن ئەرزانراق بولىدىكەن دەپ ئاڭلىۋىدىم بۇگەپلەر راستمىدۇ؟
مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز .
كىيىن كامىرا . مۇزىكا قويغۇچ ،خەرىتە…..قاتارلىقلار يىڭىلانغاندا خەنچە بۇلۇپ قالماسمۇ . . ياكى دەل ۋاقتىدا ماسقەدەمدە ئۇيغۇرچە بۇلۇ پ ماڭاممۇ . . . .
تارقىتىلىشى يەنە كىچىكتۈرۈلەمدۇ نىمە، شۇنچە تەقەززا بولغان ئىدۇق.