• ئۇيغۇرچە فونت يوق كومپيۇتېرلاردا نورمال كۆرسىتىش ئۇسۇلى!

    2008-03-17


    ئەسسالامۇئەلەيكۇم! blogbus نىڭ ئۇسلۇب تەھرىرلەش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئاساسەن ئەمەلگە ئاشتى نۇرغۇن تورداشلار blogbus ئىشلىتىشكە باشلىدى ، لېكىن قانداق قىلغاندا فونت قاچىلانمىغان كومپيۇتېردىمۇ blogbus بلوگدا ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈنۈش مەسلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە eot ئىشلەيمىز ، لىكىن eot نى قەيەرگە قويىمىز؟ قانداق كود قوشىمىز؟ تۆۋەندە بۇ توغرىسىدا سۆرەتلىك چۈشەندۈرۈشلەرنى يوللايمەن: ئالدى بىلەن بلوگ بېتىڭىزگە ئاتاپ بىر eot ياسىشىڭىز كېرەك ، eot نى قانداق ياساش ھەققىدە توردا ئۇيغۇرچە دەرىسلىكلەر كۆپ : مەسلەن بۇ ئادىرىستا بار :
    http://forum.uyghurdns.com/ShowPost.asp?ThreadID=11
    eot ياساپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى بلوگ بوشلۇقىغا يوللايمىز ، جەريان تۆۋەندىكىچە: 

     مۇشۇ قەدەملەر ئارقىلىق eot نى يوللىۋېتىسىز، ھەم ئۇنىڭ تور ئادىرسىنى كۆچۈرۈۋېلىڭ! ئەمدى CSS ھۆججىتىنىڭ ئىچىگە بىر كود قوشىمىز ، خاتالىق چىقماسلىقى ئۈچۈن بۇ كودنى css ھۆججىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرسىغا چاپلاڭ:
    @font-face
    {
    font-family: Uyghur Ekran;
    font-style: normal;
    font-weight: normal;
    src: url(files/12056818290.eot);


    files/12056818290.eot
     دىگەن يەرنى ئۆزىڭىز بايا كۆچۈرۈۋالغان eot نىڭ تورئادىرسىغا ئالماشتۇرۇڭ! Uyghur Ekran دىگەن يەرنى ئۆزىڭىز eot ياساشتا ئىشلەتكەن خەت شەكلىگە ئالماشتۇرۇڭ! 


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئارامگاھ ئەپەندى ياخشىمۇسىز!
    مەن بولسام بىر يېڭى ئۈگەنگۈچى مەن سىزنڭ خېلى كۆپ ئۇسلۇبىڭزنى چۇشۇرگەن بولساممۇ سىزنڭ ئۇسلۇبڭزدىكى ماۋۇلارنى:
    css.tex detail-post.txt, detail.txt, head.txt, index-post.txt, index.txt
    بىلوگ باستىكى ماۋۇلارنڭ ئورنىغا قويۇشنى بىلمىدىم ياردەم قىلسىڭز: Header ،Index ،Index.LogContent ،Log ،Comment ،Comment.Form ،CSS بۇلار ئوخشىمايدىكەن.ئۇگەنگۇچى ئەمەسمۇ ياردەم قىلىڭ .رەھمەت.
  • ئەسسلام ئارامگاھ ئەپەندى .مەن توردا بىلوگ يازدىغانلارنى كۆرۈپ مەنمۇ شۇنداق قىزقتىم ،ھەم بىرنى ئلتىماس قىلىپ ،(ئىنەك2)دىگەن ئۇسلۇپنى قاچلىدىم .مۇشۇ eotياسايدىغان چاغدا ئاۋال frontpageدە ئاددى بىر بەت ياساپ ،ئاشۇ بەتنى eotتىدىن ئۆتكۈزۈپ ،ئادرسىغا ئۆزەمنىڭ بلوگ ئادىرسىنى تولدۇرۇپ سىز كۆرسەتكەن ئۇسۇل بۇيىنچە ئۇلىدۇم،لىكىن بولمايۋاتىدۇ ،مىنىڭ eotياسىشىم خاتامۇ ياكى ئۇلىشىممۇ مۇشۇنىڭغا بىر ياردەم قىلسىڭىز ....مەن ئىسمىنى سىزنىڭ aramga@qq.comئادىرسىڭىزغا ئېۋەرتىۋەتتىم ....
  • [avatar:30]ياخشىمۇسىز، ئالدىڭىزدا ناھايىتى خىجىلمەن . سىز eotنى قۇشۇپ بەرگەندىن كىيىن يەنىلا خەتلەر ئۇلىشىپ چىقمايۋاتىدۇ، قاراپ باققان بولسىڭىز. سىز نى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم .
  • [avatar:30] ۋاھ ، سىز نىمىدىگەن ياخشى ،ئەۋەتىپ قويدۇم . سىز گە كۆپ رەخمەت .
    ئېلانلىرىڭزنى بىر قۇر دەسسىۋەتتىم ئەمسە . ئۈنۈملۈك ھالدا ~~~~
    ئارامگاھ回复مەن تۈرك说:
    ئوڭشاپ قويدۇم
    2008-09-15 09:57:15
  • [avatar:30]ياخشىمۇسىز. سىز دىن ياردەم سوراي. بۇ eot نى باشقىلار ياساپ بەرگەن ئېدى. لىكىن زادىلا تۇنىتالمىدىم. خاتالىق زادى نەردىكىن. خاپا بولماي ياردەم قىلىپ تۇنۇتۇپ بەرگەن بولسىڭىز .
    بۇ ياساپ بەرگەن eot : http://files.blogbus.com/bizning.blogbus.com/files/12204707330.eot
    مەخپىي نۇمۇرنى ئەۋەتىپ بىرەي دىسەم ئېلىخەت ئادرىسىڭزنى بىلمەيدىكەنمەن
    ئارامگاھ回复manturk说:
    باشقۇرغۇچى قىلىپ قويۇڭ ياكى مەخپىي نۇمۇرنى aramga@qq.com غا ئەۋەرتىپ بېرىڭ ، مەن قايتىدىن eot ياساپ قوشۇپ بېرەي.
    2008-09-11 23:20:13
  • [avatar:30]ئارامگاھ ئەپەندى مەن بىر مۇسابىقە ئامتۇمبىلى ھەۋەسكارى مەن ھەرخىل ماشىنا مۇسابىقە تۇرلىرنى تۇنۇشتۇردىغان بىلوگ ياسىماقچى ئىدىم .سىز تەمىلىگەن ئۇسلۇپنى قوشتۇم بىراق پەقەت ئۇيغۇرچە نورمال كۆرسىتەلمىدىم خاپا بولماي eot نى ياساپ تەڭشەپ بەرگەن بولسىڭىز.
    http://uyhacker.blogbus.com
    باشقۇرۇش نۇمۇرى 6514909
    رەھمەت سىزگە !!![defFace:11]
  • [avatar:30]ھەي مۇشۇ توربەتلەرنى قاچانمۇ eot دىن ئۆتكۇزمەت نۇرمال كۆرگىلى بۇلار ھە ؟
    ئارامگاھ回复نۇرئەلى说:
    كۆپ بولغاندا 10 يىل ئىچىدە ھەل بولىدۇ.
    2008-06-25 13:28:09
  • [avatar:30]سىزدىن بىر ئىشنى ئۇتىنەي....... مىنىڭ بلوگىمغا eot تۇنۇتۇپ بەرسىڭىز پەقەتلا قىلاىلمىدىم . ياخشىلىق يەردە قالماس ياردەم قلىسىڭىز
    http://ozdiyar.blogbus.com
    ئارامگاھ回复ئوزدىيار说:
    ھە بولىدۇ ، دەرھال eot قوشۇپ قوياي
    مېنى باشقۇرغۇچىلىققا قوشقانمۇ؟ قارىسان uzdiyar دەپ باركەن ، ozdiyar نى باشقۇرالمايدىكەنمەن ، باشقۇرغۇچى قىلىپ قويۇڭ
    ————————————————————————
    eot قوشۇپ قويدۇم
    2008-05-16 09:42:29
  • [avatar:30]ئارامگاھ ئەپەندى سىزنى يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ، مەن سىزنىڭ ئارامەاھ ئۇسلۇبىڭىزنى ئىشلەتكەن ،ھەمدە سىزدىگەندەك eot نى قىلىپ قىلغان لىكىن يەنىلا خەتلەر ئۇلىشىپ چىقمايۋاتىدۇ، قاراپ باققان بولسىڭىز!
    kawsar.blogbus.com
    ئارامگاھ回复كەۋسەر说:
    مېنىڭ كومپيۇتېرىمدا نورمال كۆرۈنىۋاتىدۇ ، ئەگەر فونت يوق كومپيۇتېرلاردا نورمال كۆرۈنمىسە eot ئىشلەشتىكى مەسلە بولۇشى مۇمكىن ، eot نى قايتا ئىشلەپ كۆرۈڭ
    2008-05-06 09:42:07
  • [avatar:30]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
    مەن بلوگىمنىڭ خېلى كۆپ يەرلىرىنى مۇۋەپىقىيەتلىك ئۆزگەرتىپ چىقالىدىم ، مەن يۇلۇققان بىر مەسىلە شۇكى : بلوگ باش بىتدىكى خەتلەر نۇرمال كۇرىنىدۇ ئەمما تىما ئېچىلغاندىن كىيىن بولسا خەتلەر نۇرمال كۈرۈنمەيدۇ . يان تەرەپتىكى تۈرلەر ۋە ئىنكاسلار يەنىلا نۇرمال بۇ مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئامالىنى پەقەتلا قىلالمىدىم ، ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن .
    ئارامگاھ回复بايلار说:
    باش بېتى نورمال كۆرۈنسە باشقا بەتلېرىمۇ نورمال كۆرۈنىشى كېرەك ئىدىغۇ
    بلوگ ئادىرسىڭىزنى يېزىپ قويۇڭ مەن كۆرۈپ باقاي
    2008-04-28 10:04:08
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
    بۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بوپتۇ ، مەن سىز تەمىنلىگەن ئوسلۇپنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقاي ، لېكىن مەن يولۇققان بىر ئىش ، بلوگغا تۈرلەرنى قانداق قوشىمىز ؟
    ئارامگاھ回复سەردار说:
    بلوگنىڭ باشقۇرۇش بېتىگە كىرسىڭىز ئوڭ تەرەپتە بىر قاتار تاللانمىلار بار
    分类管理 دىگەن يەرنى باسسىڭىز تۈر قوشۇش ۋە تۈر تەھرىرلەش قاتارلىق ئىقتىدارلار كۆرۈلىدۇ ، شۇ يەردىن تۈر قوشۇڭ.
    2008-03-18 09:07:59