• ھەقىقىي بلوگېر قانداق بولىدۇ؟

    2008-04-30


    تۆۋەندىكىلەر ھەقىقىي بلوگېرلار ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك 5 پىرىنسىپ:

    1.ئوغۇرلۇق قىلماڭ
    باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىڭ ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىڭ، باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ياكى رەسىمىنى خالىغانچە ئىشلەتمەڭ، ياكى ئىشلەتكەندە مەنبەسىنى ئوچۇق ئەسكەرتىڭ.  سىز ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان بلوگگېر ، شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقىڭىزنى نامايەن قىلىڭ .

    2.يالغان سۆزلىمەڭ
    بلوگدا يېزىلغان مەزمۇنلارنىڭ راسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ ، يالغان ياۋىداق مەزمۇنلارنى يوللىماڭ ، ئادەم ئالدىماڭ. بولمىسا باشقىلارنى خاتا يولغا باشلايسىز. سەمىمىي مەسلىھەتلەرنى ، ھەقىقىي ئەھمىيەتلىك مەزمۇنلارنى ، ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئۆگىنىش مەزمۇنلېرىنى يېزىڭ.

    3.سېرىققا يېقىن يولىماڭ
    ساغلام پاكىز مەزمۇنلارنى يوللاڭ ، سېرىق تۈسنى ئالغان نەرسىلەردىن يىراق بولۇڭ. جەمىيەتنىڭ بۇلغىنىشلېرى يىتەرلىك ، تور دۇنياسىنى ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تور دۇنياسىنى بۇلغىمايلى.

    4.ھاراق ئىچمەڭ
    دىمەكچى بولغىنىم بلوگنى ھاراق ئىچىۋېلىپ يازماڭ، بلوگ يازغاندا تەپەككۈرىڭىز ئوچۇق بولسۇن. بلوگنى روھىي ھالىتىڭىز ياخشى ۋاقىتتا يېزىڭ.

    5.باشقىلارنى قەدىرلەڭ
    باشقىلارغا زىيان زەخمەت يەتكۈزمەڭ، باشقىلارنى ھاقارەتلەيدىغان ياكى باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ھاقارەتلەيدىغان مەزمۇنلارنى يوللىماڭ. باشقىلارنىڭ نەتىجىسىگە ھەسەتخورلۇق قىلماڭ.

    ئاخىرىدا سىزنىڭ داڭلىق ئۇيغۇر بلوگېر بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىڭىزغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!


    收藏到:Del.icio.us