-
بلوگىمىزنىڭ تېخى ئۇيغۇرچىلاشمىغان قىسىملېرى يەنە بار، مەسلەن بەت ئۆرۈش تىزىملىكى يەنىلا خەنزۇچە ، بۇنى JS كودى بىلەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرساق بەك ئاۋارچىلىق دەپ ئويلايمەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بلوگىمىزغا قوشۇلغان JS كودلېرى ھەقىقەتەن كۆپ بولۇپ كەتتى، بۇنداق بولغاندا ئېچىلىش سۈرئەتى تېخىمۇ ئاستىلاپ كىتىدۇ.
بۇنىڭغا باشقىچە ئامال قوللاندىم ، بۇ سەل دۆترەك ئامال ، لېكىن يەنىلا كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ .index-post ھۆججىتىنىڭ ئاستى تەرىپىدە مۇنداق كود بار:
{#pagena v}بۇ يەردىكى {#pagena v} دەل بەت ئۆرۈش تىزىملىكىنى ئاپتوماتىك چىقىرىپ بېرىدىغان كود ، چىقىرىپ بەرگىنى خەنزۇچە بەت ئۆرۈش تىزىملىكى .
مەن بۇنى ئېلىۋەتتىم ، بۇنىڭ ئورنىغا ئۆزۈم ئۇيغۇرچە بەت ئۆرۈش تىزىملىكى قوشتۇم ، مانا مۇنداق:تۆۋەندىكى كودنى {#pagena v} نىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇڭ ، كودتىكى aramga دىگەن خەتنىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىزنىڭ بلوگ نامىڭىزنى يېزىڭ، ئەگەر بەت سانىڭىز 4 تىن كۆپ بولسا
نىڭ كەينىگە 5-بەت
نى قوشۇڭ ، قوشۇپلا تاشلاپ قويماي ، ئۆزگەرتىدىغان يەرلېرى بولسا ئۆزگەرتىۋېلىڭ.
5تىن كۆپ بولسا يەنە بىرنى قوشۇڭ .
كود تۆۋەندىكىدەك :ھەر بىر بەتنىڭ ئايرىم تور ئادىرسى بولىدۇ مەسلەن ئارامگاھ بلوگنىڭ بىرىنجى بېتى
ئىككىنجى بېتى
index_2.html
ئۈچىنجى بېتى
index_3.html
تۆتىنجى بېتى
index_4.htmlشۇڭا 1-بەت 2-بەت 3-بەت 4-بەت دىگەن خەتلەرگە يۇقىرقى ئۇلىنىشلارنى قوشۇپ بىر تىزىملىك ياسىدىم .
تىزىملىكنى بەت سانىغا قاراپ تەڭشىسىڭىز بولىدۇ ،
يېتەرسىزلىكى بەت سانى ئاپتوماتىك كۆپەيمەيدۇ ، چۈنكى بۇ بىز ئۆزىمىز قول سېلىپ قوشقان تىزىملىك .بلوگنىڭ نەچچە بەت بولغانلىقىغا دېققەت قىلىپ تۇرىشىڭىز كېرەك .
بۇ ئۇسۇلنىڭ تەس يېرىمۇ يوق ، تەڭشەشمۇ ئاسان ، ھەم مانچىنجى بەت دىگەنلەرنى خالىغان خەتكە ئالماشتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. تىزىملىكنىڭ كەڭلىكىنى يۇقىردىكى width دىگەن يەردىكى سان ئارقىلىق ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ .
قېنى سىناپ كۆرۈڭ ، مەسلىگە يولۇقسىڭىز ئىنكاس قىلىڭ .
收藏到:Del.icio.us
بەت ئۆرۈش تىزىملىكىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
Blog:karakqi2008-09-24 18:23:33
引用
下面Blog引用了该文:
评论
خېلى جىق ھۆنەرنى بىزدىن ئاياۋاتقاندەك قىلامدۇق قانداق ؟ [defFace:0]
بولدىلا خەنزۇچە تۇرىۋەرسۇنا ئۇ يېرى.
ھىم ! ئەمدى مېنىڭچە ئارامگاھ ئەپەندىم، ھىچقانداق باشقا ئۇسلۇبتىن پايدىلانمايلا بىر ئۇسلۇب يازسىڭىز بولغۇدەك. ئۇسلۇبقا بىر نەچچە ئاي ياكى ھەپتە ۋاقت سەرپ قىلىپ، تازا كۆركەن، ئۇيغۇر پۇراقلىق، بارلىق ئۇيغۇر بلوگىرلار ياقتۇرىدىغان......
ئاندىن سىز يازغان ئۇسلۇبنى كۆتۈرۈپ Blogbus شىركىتىگە مەزكۇر ئۇسلۇبنى بلوگباسنىڭ ئۇسلۇب تەمىنلەش تىزىملىكىدە يېڭى ئۇسلۇب دەپ ئېلان قىلىپ قوشۇش. ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبقا ئورۇن بېرىشنى ئېيتقساق.
بۇ ئىشلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل بولسا بەت ئۆرۈش ۋە باشقا ئارتۇقچە كود قوشۇپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان جايلارنىڭ ئەسلى كودىغا ئۇيغۇرچە تىل تۈرىنىمۇ قىسمەن قوشۇپ بېرىشى مۇمكىن.
ئارتۇقچە كود قوشۇپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان يەرلەرگە ، ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتى بەرسىمۇ ياخشى بولاتتى. قېنى ئۇرۇنۇپ كۆرەيلى، مەن ياخشىراق بىر ئۇسلۇب تۈزۈپ باقاي ، لېكىن بۇنىڭغا سەل ئۇزۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىشىم مۇمكىن .