-
بۈگۈن ئېلانىم كۆرۈنمەس بولۇپ قالغان ئىدى ، ئىلگىرى قوللانغان ئامال بويىچە ئېلان كودى ئارىسىغا :
google_language = "zh-cn";
مۇشۇ كودنى قوشۇپ قويسام ئوڭشالدى ، بۇ ئېلان كودىنىڭ يېزىقىنى تاللايدىغان كود ئىكەن ، يەنى
google_language = "zh-cn"; نى قوشساق ئېلان تېگىدە Google提供的广告 دەپ خەنزۇچە خەت چىقىدىكەن ، يەنى خەنزۇچىغا تەڭشىلىدىكەن ،بۇ ۋاقىتتا ئېلاننىڭ چېكىلىش ئورنى پەقەتلا ئېلاندىكى ئۇلىنىش بولىدىكەن ، ئېلان ئەتىراپىدىكى بوشلۇقنى چەككىلى بولمايدىكەن .بۇ يېزىقنى باشقا تىللارغا تەڭشىسەم قانداق بولار دەپ ئويلاپ
google_language = "EN";
قىلىپ ئۆزگەرتىپ باقتىم ، نەتىجىدە ئېلان تېگىدىكى خەت
Ads by Google دەپ چىقتى ، يەنى ئىنگىلىزچىغا تەڭشەلدى، بۇ ۋاقىتتا پۈتۈن ئېلان تەگلىكىنى چەككىلى بولىدىكەن .google_language = "AR";
قىلىپ تەڭشىسەم Ads by Google ئەرەپچە بولۇپ چىقتى ، بۇنىڭدىمۇ ئېلاننىڭ پۈتۈن قىسمىنى چەككىلى بولىدىكەن ،
قارىغاندا Google نىڭ ئېلاننىڭ پەقەت ئۇلىنىشىنىلا چەككىلى بولىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشى پەقەت جۇڭگو رايونىغىلا قارىتىلغان ئوخشايدۇ ، ئەلۋەتتە بۇ جۇڭگودا ساختىلىقنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، Google مۇشۇنداق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ جۇڭگودىكى ساختىلىق ئىشلىتىپ ئېلاندىن كىرىم قىلىۋاتقانلارغا زەربە بەرمەكچى .google_language = "zh-cn"; دىن ئىبارەت بۇنداق كودنى قوشساق Google نىڭ قائىدىسىگە خىلاپمۇ ئەمەسمۇ ، بۇنى ئېنىق بىلمەيمەن ، توردىن ئاختۇرۇپ كۆرسەم بۇنىڭ قائىدىگە خىلاپ ئەمەسلىكىنى ئېيتىپتۇ ، Google مۇشۇنداق كود تەمىنلىگەن ئىكەن مېنىڭچىمۇ قائىدىگە خىلاپ ئەمەس.
ئەمدى بارلىق كودلېرىمنى ئەرەپچىگە تەڭشەپ قويدۇم .
بۇ يەردىكى تىلنى قانداق تەڭشىشىمىز ئېلاندىكى مەزمۇنغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىكەن ، ئېلاندا قانداق مەزمۇننىڭ كۆرۈنۈشى يەنىلا بلوگدىكى مەزمۇنلارغا باغلىق ئىكەن .
خەنزۇچىدىن باشقا تىلغا تەڭشەپ قويساق ، بىر ياخشى يېرى ئېلاننىڭ بارلىق قىسىملېرى چەككىلى بولىدىغان بولۇپ چىقىدىكەن.ئۇيغۇرچە چىقىپ قالارمۇ دەپ يېزىقنى UG قىلىپ تەڭشەپ باقسام ئېلان كۆرۈنمىدى ، قارىغاندا بۈگۈن ئېلاننىڭ كۆرۈنمەس بولۇپ قېلىشى بلوگنىڭ قايسى يېزىقتا ئىكەنلىكىنى پەرىقلەندۈرەلمەسلىكى ، ياكى قايسى تىلدا كۆرسىتىشنى بىلەلمەي شۇنداق بولغان ئوخشىمامدۇ ؟
ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن باشقا چاغلاردا ئۇنداق بولماي بۈگۈن شۇنداق بولۇپ قالدى؟ باشقا بلوگلاردا نىمە ئۈچۈن بۇنداق ئىش يۈز بەرمىدى؟
....................ئەسكەرتىش: بۇ ھەقتە تەكلىماكان ئەپەندىنىڭ تۆۋەندە يوللىغان ئىنكاسىغا دېققەت قىلىڭ!
收藏到:Del.icio.us
Googleئېلانىنى نۇرمال كۆرسىتىش
Blog:ئەنئەنە بلوگى2010-08-08 19:14:26منڭ googleئېلانم ئاخر نۇرمال كۈرۈندى!
Blog:dilkax6132009-01-02 17:14:40
评论
新跟踪代码 (ga.js)
دىگەندە
مۇشۇ google ئلانى شۇمىدۇ بلوگ قا قويسام چىقمىدى ياردەم قىلارسىلە قۇشدىغان يىرى بۇلسا كۇشۇپ www.625522609qq.com
غا بلوگ قا قويسىلا چىققۇدەك قىلىپ يوللاپ بەرسەڭلەر رەخمەت
ئەسىلىدىكى ئۆلچەملىك كود
: google_ad_width = 728;
google_ad_height = 15;
نى مۇنداق ئۆزگەرتىتىم
: google_ad_width = 690;
google_ad_height = 20;
يەنى 728 نى 690 غا 15 نى 20 گە ئۆزگەرتىىتىم . مۇشۇ ئىشتا چاتاق چىقارمۇ ؟
google_language= "zh-cn"; كود قىستۇرسام ئوڭشالدى .
ئەمدى بۇ يەردە يەنە سوراشقا تىگىشلىك بىر ئىش :
google_ad_width = 728;
google_ad_height = 15;
مۇشۇ كود نى مۇنداق ئۆزگەرىتكەن ئىدىم .
مۇشۇ ئىشتا ئېلان توختاپ قالماس ھە ؟
بولسا ياخشىرا بىرەرسىنى تونوشتۇرسىڭىز بوپتىكەن
ئات تاپقۇچە ئىشەك بولسىمۇ مىنىپ تۇرايلى~!
يەنە بىر ئىش .خەتكۈچلەرنى بىر بىرىگە ئۇلاپ چىقىشنى قەيەردىن تەڭشەيمىز . بۇ يەردە قاتار چىقىۋاتىدۇ ،
http://meripet.blogbus.com
خەتكۈچنىڭ css كودىنى تەڭشەڭ ، ياكى خەتكۈچ ئۇلىنىپ چىقىدىغان ئۇسلۇبتىكى #tags دىگەن بۆلەككە سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ
بۇ ئىشلار بىلەن ئويناشماڭ ! مەن Google دىن ئېلخەت ئارقىلىق سورىغان. ئۇلار بۇ ئىشنىڭ قائىدىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. ھەمدە ماڭا ئەستايىدىل ئېلخەت قايتۇرۇپ، ھازىرچە «سېستىمىمىز ئۇيغۇرچە قوللىمايدۇ، بىز Adsense نى تېخىمۇ كۆپ تىل قوللايدىغان قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۋاتىمىز. ئەلۋەتتە بۇ بىزنىڭ نىشانىمىز، شۇڭلاشقا سىزنىڭ ھازىرچە ئۇيغۇرچە بەتلەردىكى ئېلاننى ئېلىۋېتىپ، باشقا تور بېكەتلرىڭىزدە Adsense پىلانىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز» دېدى.
يەنە بىر قائىدىنىمۇ ئەسكەرتىپ قوياي.
Adsense ئېلانىنىڭ تىلى كۆپۈنچە تور بەت تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي يەنە تور بەت زىيارەتچىسى تۇرىۋاتقان رايوندىكى دۆلەت تىلى بىلەن ئوخشاش قىلىپ تەڭشىلىدۇ، ئىشەنمىسىڭىز بلوگدىكى ئېلاندا Google Language دىگەن كوندى قوشماي تۇرۇپ جۇڭگودا زىيارەت قىلسىڭىز ئېلان كۆرۈنمەيدۇ، ئەگەر ياپوننىڭ ۋاكالەتەن مۇلازىمىتېرىدا زىيارەت قىلسىڭىز ياپونچە ئېلانلار كۆرۈنىدۇ، دۇبەينىڭ ۋاكالىتەن مۇلازىمىتېرىدا زىيارەت قىلسىڭىز ئەرەبچە ئېلان كۆرۈنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ۋاكالەتەن مۇلازىمىتېرىدا زىيارەت قىلسىڭىز ئېنگلىزچە ئېلان كۆرۈنىدۇ.
شۇڭلاشقا ئېلان سىز تۇرىۋاتقان رايوندا كۆرۈنمىگەن بىلەن، باشقا رايونلاردا نورمال كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭغا Google Language كودىنى قوشۇپ يۈرۈش ھاجەتسىز،
ئەگەر بلوگ زىيارەتچىلىرى پەقەت جۇڭگودا ياكى رايونىمىزدىلا بولسا ئۇ ھالدا قانداق قىلىمىز ؟
بۇ چاغدا Zh-CN نى قوشىمىز. نىمىشقا ئەرەبچە ياكى ئېنگلىزچىنى قوشمايمىز. ئېلان ئورنى تولۇق چېكلىدىغان تۇرسا ھەم ئېلان قىممەت باھالىق كۆرۈنىدىغان تۇرسا ؟
سەۋەبى : Google ئېلان كېلىشىمىدە شۇنداق ئېنىق كۆرسىتىلگەن. ئەگەر تور بېكەت زىيارەتچىلىرىنىڭ تىلى بىلەن تور بېكەتتىكى ئېلاننىڭ تىلى بىردەك بولمىسا يەنى سىز ar يەنى ئەرەبچىگە تەڭشەپ قويۇپ، تور بەت رايونىمىزدا (جۇڭگودا ) كۆپ كۆرۈلسە ئېلان ھىساباتىڭىز توختىتىلىدۇ. بۇ قائىدىگە خىلاپ. شۇڭلاشقا بلوگ زىيارەت ستاتىستىكىسىدىن تور بەت زىيارەتچىلىرىنىڭ قايسى رايوندىن كۆپرەك كىرىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىپ ،شۇ رايوننىڭ تىلىغا تەڭشەش كېرەك.
ئۇيغۇرچە بلوگلار مېنىڭچە يەنىلا zh-cn غا تەڭشىسە مەسلە كۆرۈلمەيدۇ.
بۇنىڭغا دىققەت قىلمىساڭلار ھىسابات توختاپ كەتكەندە پۇشايمان قىلغان بىلەن بېكار.
ئېلان نىمىشقا كۆرۈنمەس بولۇپ قالىدۇ دىگەن مەسلە:
سىز Adsense تىن ئېلان كودى ئالغاندا «ئەگەر تور بەتتە ئېلانغا ماس كەلگۈدەك ھالقىلىق سۆز تاپالمىساق ئېلان ئورنىنى قانداق قىلىمىز » دەپ بىر سۇئال چىقىدۇ. بۇ چاغدا تۆت لۈك جاۋاب بار:
1. ئېلان ئورنى ئاق قالسۇن
2. ھەقسىز پاراۋانلىق ئېلانى كۆرۈنسۇن
3. باشقا رەڭدە بۇ ئورۇننى تولدۇرۇپ قويايلى (بۇ چاغدا رەڭ تاللاپ بېرىسىز )
4. ئېلاننى ئۆزۈم چىقىرىمەن، بۇ چاغدا بۇ يەرگە ئېلاننىڭ HTML كودىنى يازىدىغان بوشلۇق چىقىدۇ.
بۇ جايغا ئۆزىڭىز كۆرسەتمەكچى بولغان رەسىم، فلاش ياكى باشقا ئېلاننىڭ ئادرېسىنى يېزىپ قويساق بولىدۇ.
----------
ئەگەر بىز ئېلان كودى ئالغاندا بۇ ئورۇنغا دىققەت قىلمىساق ئېلان ئاپتوماتىك ھالدا ھالقىلىق سۆز بولمىسا ئاق قالىدۇ ياكى پاراۋانلىق ئېلانى كۆرۈنىدۇ دىگەنگە تەڭشىلىپ قالىدۇ.
لىكىن ئىنكاس ۋە يانغا قويغان ئىلان كۆرۈنمەيۋاتىدۇ ،مەن تېخى تور سۈرئىتىنىڭ ئىشى ئوخشايدۇ دەپتىمەن ،ئۆزگەرتىۋەتسەم بولغۇدەك ئەمىسە مەنمۇ ~~~~