• Adsense ھېساباتىنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدا

    2008-07-08


    1. Adsense ھېساباتى توختىتىلغاندىن كىيىن قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

    Adsense ھېساباتى چەكلەنگەندىن كىيىن Adsense ھېسابات باشقۇرۇش سەھنىسىگە كىرگىلى بولمايدۇ، كىرىم ئەھۋالىنى كۆرگىلى ۋە باشقا مەشغۇلات ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ ھەمدە Adsense گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەن Adsense ھېساباتىڭىزنىڭ توختىتىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەتنى تاپشۇرۇپ ئالىسىز. توربېتىڭىزدە ئاممىۋىي ئېلان كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ ، بىرمەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاممىۋى ئېلانمۇ كۆرۈنمەيدۇ.

    2.Adsense ھېساباتىنىڭ توختىتىلىش سەۋەبلېرى قايسى؟

    ئۆزى ئۆزىنىڭ ئېلانىنى چېكىش، يەنى Adsense ھېساباتىغا كىرگەن ۋاقىتتا ئىشلەتكەن كومپيۇتېردا ئۆزىنىڭ ئېلانىنى چېكىش.
    باشقىلارنى ئېلانىنى چېكىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ، يەنى تور بېتىگە ئېلاننى چېكىپ قويۇڭ دىگەندەك مەزمۇننى قوشۇش.
    مەجبۇرى چەكتۈرۈش ، ھەرخىل كودلار ئارقىلىق ئېلاننى مەجبۇرى چەكتۈرۈش ياكى چېكىشكە مەجبۇرلاش.
    مەزمۇنى ساغلام بولمىغان توربېكەتكە ئېلان قويۇش. بۇنداق قىلغاندا Google بىرىنجى قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ ، ئىككىنجى قېتىم ھېساباتنى بىۋاستە توختىتىۋىتىدۇ.

    3.باشقىلارنىڭ قەستلىشىدىن ھېسابات چەكلىنەمدۇ؟

    بۇنداق ئىھتىماللىقمۇ مەۋجۇت ، لىكىن بەك ئەندىشە قىلىپ كىتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. Google نىڭ سېستىمىسى بۇ خىل يامان غەرەزلىك ئېلان چېكىشنى پەرىقلەندۈرەلەيدۇ ، ۋە بۇنداق ئېلان چېكىشنى ئۈنۈمسىز چېكىلىش قاتارىغا چىقىرىۋىتىدۇ. شۇڭا ھەرۋاقىت ئېلاننىڭ چىكىلىش ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇش ، غەيرىي ئەھۋالغا يولۇققاندا Adsense گۇرۇپپىسىغا دوكىلات قىلىش كېرەك.

    4. ئۇقۇشماسلىقتىن ئۆزىنىڭ ئېلانىنى چېكىپ سالغانغا توختىتىلىپ كىتەمدۇ؟

    ئەگەر ئېلانىڭىزنى تاساددىپى چېكىپ سالغان بولسىڭىز ، بىر ئاي ئىچىدە بىر ياكى ئىككى قېتىم شۇنداق بولغان بولسا ، بۇ Adsense ھېساباتىڭىزغا تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدۇ. Google بۇنداق تاساددىپىي ئۇقۇشماي چېكىپ سالىدىغان ئەھۋالنىمۇ ئويلىشىپ قويغان. لىكىن شۇنداقتىمۇ بۇنداق ئەھۋالدىن چوقۇم ساقلىنىشىڭىز كېرەك.

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • [avatar:30]ۋاكالىتەن ئېلىپ بىرىش ئۇسۇلىمۇ بولىدىكەن. ھازىر نۇرۇن دوستلار ئالالماي، باشقىلار ۋاكالىتەن ئېلىپ بىرىدۇ. مەنمۇ شۇنداق قىلغان. ھازىرغىچە چاتاق چىقمىدى...
  • [avatar:30]مىنىڭ مۇشۇ Adsense ئېلانىنى بەكمۇ ئالغىم بار.....
    لىكىن مۇشۇ توغرىسىدا نۇرغۇن قېتىم ئىزدەنگەن بولساممۇ.....يەنىلا مەغلۇپ بولدۇم....... مۇشۇنى ئېلىش ئۇچۇن dataبىلوگىنىمۇ قۇرۇپ قويدۇم....باللاردىن ئاڭلىسام 55%دىن ئاشقاندا ئىلتىماس قىلسا ئاسان قۇبۇل قىلامىش..........مۇشۇ Adsenseئىلانى توغرىسىدا ياردەم قىلغان بولسىڭىز.........[defFace:1]
    ئارامگاھ回复رىسالىم说:
    Adsense ئېلانى ئېلىش ھەقىقەتەن تەس، خەنزۇ تورداشلاردىنمۇ سوراپ كۆردۈم ، تاۋباۋ تورىدا Adsense ئېلانىنى ۋەكالىتەن ئىلتىماس قىلىدىغانلار باركەن 45 كويدىن 60 كويغىچە ھەق ئالىدىكەن ، بۇ ئىشەنچىلىكمۇ بىلمىدىم ، سېتىۋېلىپ سىناپ باقايمىكىن دەيمەن.
    2008-07-22 20:14:18