-
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!
يانفون ۋە ئېلخەت ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ھەم كۈندىلىك ئالاقە ۋە توردىكى ئالاقىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئالاقىلىشىش قوراللېرى .
بۇ يەردە مېنىڭ تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى تەمىنلىگەن يانفون ئېلخەت ساندۇقى بولۇپ ، تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە :
1. كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونتلېرى ئۈچۈن پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ ، يانفون نۇمۇرىڭىز بولسىلا مەڭگۈ ھەقسىز يانفون ئېلخەت ساندۇقىغا ئېرىشەلەيسىز.
2. يانفون قىسقا ئۇچۇرى ، رەڭلىك ئۇچۇرى ۋە wap تورى ئارقىلىق باشقىلارغا ئېلخەت يوللىيالايسىز ۋە باشقىلار يوللىغان خەتنى يانفون ئارقىلىق قۇبۇل قىلالايسىز.
3. سىغىمى چەكسىز چوڭلۇقتا بولۇپ ، سىغىم يىتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان ئاۋارىچىلىقتىن خالى بولىسىز.
4. يانفون ئېلخەت مۇلازىمىتىنى ئىشلەتسىڭىز ، 1G چوڭلۇقتىكى تور دېسكىسىغا ئېرىشىسىز.
5. بىخەتەر ۋە ئىشەنچىلىك بولۇپ ، ئەخلەت ئۇچۇر ۋە ۋىرۇس ئۇچۇرلاردىن ساقلىنالايسىز.
6. تىزىملىتىش ۋە ئىشلىتىش ئاددى ، يانفون نۇمۇرىڭىز بولسىلا ناھايتى ئاسانلا تىزىملىتىۋالىسىز.
تىزىملىتىش جەريانى:
ئالدى بىلەن تىزىملىتىش بېتىگە كىرىپ يانفون نۇمۇرىڭىزنى تولدۇرۇپ 检测 دىگەن يەرنى باسىسىز ، ئاندىن ئېچىلغان بەتتىكى رامكىغا يانفونىڭىزغا كەلگەن ئۇچۇردىكى تەستىق نۇمۇرىنى تولدۇرۇپ جەزىملەشتۈرىسىز ، شۇنىڭ بىلەن تىزىملىتىش تامام بولىدۇ .
بۇ يەرنى بېسىپ تىزىملىتىش بېتىگە كىرىڭ
评论
مۇشۇنداق ئۈنۈمنى قانداق چىقىرىمىز دىمەكچىمۇ ياكى بۇنى قانداق توسۇيمىز دىمەكچىمۇ.
----------------------------------------
ئەلۋەتتە قانداق چىقىرىمىز دىمەكچى
[defFace:2]
سىزنىڭ بىلوگىڭىزغا گوگىل كۆرگۈچتە ئۇيغۇرچە خەتنى نورمال يازغىلى بولىدىكەنغۇ
مەن google كۆرگۈچتە نورمال ئىشلەيدىغان كىرگۈزگۈچ ئىشلەتكەن ئىدىم ،
files/12217397220.js
ماۋۇ شۇ .
باشقىلارغا تەۋسىيە قىلساق ھەق بىرەمدىكەن قانداق؟[defFace:0]