-
مەن بۇنى سەلكىن بلوگ كۇلۇبىدا بىرسىنىڭ بلوگىدا كۈرۈپ بەكمۇ قىزىقارلىق بىلىنىپ كۈچۈرۈپ ئەكەلدىم. مەنمۇ سىناپ باقاي دىدىم لېكىن يەنىلا جۈرئەت قىلالمىدىم. ئەڭ ياخشىسى سىنايمەن دىمەڭلار.لامپۇچكىنى ئاغزىڭىزغا سالماڭ (قاتتىق ئاگاھلاندۇرش بىرىلدى ،ئەگەر سىناپ بىرەر مەسىلە چىقسا مەن ئىگە ئەمەس )
تەيۋەننىڭ لامپۇچكىسى ئەنگىلىيەنىڭكىگە ئوخشامدۇ ئۇقمىدىم ،ئەنگىلىيەنىڭ لامپۇچكىسىنىڭ سىرتقى ئورالمىسداDo not put that object into your mouth.مەنىسى :«لامپۇچكىنى ئاغزىڭىزغا سالماڭ »دىگەن ئەسكەرتىش بار .
نەدىمۇ بۇ نەرسىنى ئاغزىغا سالىدىغان ئادەم بولسۇن ؟ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ كاللىسى ئىششىپ قالغان ئوخشايدۇ .
دۇنيادا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق
بىر كۈنى مەن بىر ھېندىستانلىق بىر دوستۇم بىلەن ئۆيدە تىلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپ بۇ ئىش توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ قالدىم ،ئۇ ماڭا باشلانغۇچ دەرسلىك كىتاپىدا لامپۇچكىنى ئاغزىغا سالسا كەپلىشىپ قىلىپ قانداق قىلسىمۇ چىقارغىلى بولمايدىغانلىقى توغۇرلۇق مەزموننىڭ بارلىقىنى قەتئىي قىلىپ سۆزلەپ بەردى .
لكىن مەن :«لامپۇچكىنىڭ سىرتقى قىسىمى شۇنداق سىللىق تۇرسا ئېغىزغا سالغاندىكىن شۇنچە چوڭ بوشلۇقتا ئەلۋەتتە چىقارغىلى بولىىدۇ -دە ،نەزىرىيەدىمۇ شۇنداق بۇلۇشى كېرەك »دەپ گۇمان قىلدىم .لىكىن ھېلىقى گومۇش ھېنىدستانلىق :«كىتاپتا شۇنداق يىزىلغاندىكىن چوقۇم توغرا »دەپ تۇرۋالدى.
مەن ئۇنىڭ بىرنەرسىنى چوڭقۇر چۈشەنمەيدىغان پوزىتسىيىسىدىن قاتتىق غەزەبلىنىپ ئۇنى« دۆت »دەپ تىللىدىم ،ئۇ مىنى «سەن ئىنگىلىسچە بىلمەيسەن ،شۇڭا كىتاپ كۆرمەيسەن »دەپ ئۆز ئارا ۋاقىرىشىپ كەتتۇق .
شۇ قورساق كۆپىكىدە ئۆيگە كىلىپ ئادەتتكى بىر لامپۇچكىنى ئىلىپ كارۋاتتا ئۇيان ئويلاپ ،بۇيان ئويلاپ ئۆزەمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ۋە بۇ ھېندىستانلىق دوستۇمنىڭ ئەقىلسىزلىقىدىن پەن تېخنىكىغا ئاساسلىنىپ -------- دادىل ھالدا پەرەز قىلىپ ،ئىنچىكە ھالدا يەكۈن چىقىرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىسپاتلاپ بەرمەكچى بولدۇم ،ئەلۋەتتە مەنمۇ بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىپ بىر بوتولكا قىچا مىيى سىتىۋالدىم ,ھەممە نەرسە تەخ بولغاندا لامپۇچكىنى ئىككىلەنمەستىنلا ئاغزىمغا سالدىم ، سىلىشىمغىلا ئاغزىمغا سىللىقلا كىرىپ كەتتى ،مىدىرلىتىشمۇ ئاسان ئىدى ،مۇشۇنداق بولسا ئىلىپ چىقىشتا چاتاق يوق .
ئىچىمدە :«قاپاقباش ھېندىستانلىق ،بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەقىل پاراسىتى بىلەن جۇرئەتلىكىنى كۆرۈپ قوي !ساڭا ئوخشاش كىتاپپەرەس ئەمەس .جۇڭگولۇقلار ھىندىستانلىقلارنى يەڭدى »دەپ ئويلىدىمدە ئىچىمدە كۈلۈپ كەتتىم ,ھا ھا ھا ھا ھا !!!!!!!
شۇنىڭ بىلەن مەن لامپۇچكىنى ئاستا تارتتىم ،........ ياخشى ،سەل كۈچەپرەك تارتتىم ..........o.k ،مەن ئاغزىمنى يەنە يوغانراق ئاچتىم ،قورقما ،مەن يەنە ئاغزىمنى تېخىمۇ چوڭ ئېچىپ يەنە كۈچەپ تارتتىم،(ئېھتىيات بىلەن تارتقاندا لامپۇچكىنىڭ چىقىلىپ كىتىشىدىن ساقلانغىلى بولاتتى )، كاساپەت ،راستىنلا ئاغزىمغا كەپلىشىپ قالدىغۇ ،ھەنىم بولسا قىچا مىيى بار .
(يىرىم سائەتتىن كىيىن )
مەن 3-4بوتۇلكا قىچا مىيىنى تۆكۈپ بولدۇم ،يىرىمى دىگۇدەك قورسۇقۇمغا كىرىپ كەتتى ،مىدىرلاپمۇ قويمايدا ...........
بۇ ۋاقىتتا مەن تېلغۇن بىرىش ئارقىلىق قۇتقۇزۇش ياردەم تەلەپ قىلىشنى ئويلىدىم ....................................................
نۇمۇرنىڭ يىرىمىنى بىسىپ بۇلۇپ :«ئاغزىمدا لامپۇچكا تۇرسا قانداق گەپ قىلىمەن»دىگەننى ئىسىمگە ئالدىم .
شۇنىڭ بىلەن خوشنامدىن ياردەم تەلەپ قىلىش نىيىتىگە كەلدىم ۋە باغاقچىگە خەت يىزىپ ياشانغان خوشنامنىڭ قىشىغا كىردىم .
ئۇنىڭغا قاراپ قۇتقۇزۋىلىڭ دىدىم ۋە قۇلۇمدىكى باغاقچىگە يىزىلغان :
please call me a taxi and tell the driver to take me hospital. مەنىسى ماڭا بىر تاكسى چاقىرىپ بىرىڭ ،ئۇنىڭغا مىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇيۇشنى ئېتىپ قۇيۇڭ )دىگەن خەتنى كۆرسەتتىم .
ئۇ مەن بەرگەن خەتنى بىر مىنىۇت ئەتىراپىدا كۆرۈپ بۇلۇپ ماڭا قاراپقاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى .
15مىنۇتتىن كىيىن تاكسى كەلدى ،
شوپۇر مىنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتى (ئەمەلىيەتتە ئۇ كۈلۈپ توختىمىدى).
ماشىنىدا ئۇ مەندىن توختىماي :«نىمىشقا بۇنداق قىلىسەن »دەپ سوراپلا كەتتى ،مەن قانداقمۇ جاۋاب بىرەلەي ؟
ئۇ يەنە تېخى توختىماي مىنىڭ ئاغزىمنىڭ كىچىكلىكىنى،ئەگەر ئۆزىنىڭ بولسا چاتاق يوقلىقىنى دەپ ئولتۇردى ،قارسام ئۇنىڭ ئاغزى شۇنداق چوڭ ئىكەن ،لىكىن مەن ئۇنىڭغا قانداقلا بولمىسۇن ھەرگىز سىناپ سالمىغىن دىگۈم كەلدىم .....لىكىن مەن گەپ قىلالمىسام !
مەن ماشىنىنىڭ ئەينىكىگە قارسام خۇددى ئاغزىمغا بىر ئالتۇن بىلىق سىلىۋالغاندەكلا .................
دوختۇرخانىدا سېستىرا مىنى «ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلدىڭ »دەپ ئون نەچچە مىنۇت قاقشاپلا كەتتى ۋە مىنى ئۇزۇن سەپكە تىزىلدۇرۇپ قويدى .شۇنچە كىشىلەرنىڭ ئارىسدا مەن ئىككى يىرىم سائەت ساقلىدىم ،ئىككى يىرىم سائەت
شۇنچە ئاغرىق دەستىدىن ئازاپ چىكىۋاتقان بىمارلار مىنى كۆرۈپلا ئاغرىقىنى ھېس قىلمىدى بولغاي ھەممىسى ئوغۇرلۇقچە كۈلىشەتتى .
دوختۇر ئاغزىمنىڭ ئىككى تەرىپىگە پاختا تىقىپ ئاندىن لامپۇچكىنى چېقىپ پارچىلىرىنى ئاستا ئىلىپ چىقتى .....
ئاغزىم شۇنداق ئىشىپ كەتكەن ئىدى ،ئۇ ئاخىرى ماڭا ئەمدى ھەرگىز بۇنداق قىلما ،باشقىلارغىمۇ بۇ تەجىربەڭنى سۆزلەپ ئەسكەرتىپ قوي دىدى ،مەن ئۇنىڭغا ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن دىدىم .دوختۇرخانىدىن چىقىپ كىتىۋىتىپ :«دۇنيادا مەندەك ئەخمەقتىن ئىككىنچى بىرسى يوقتۇر »دەپ ئويلىدىم .ئىشىكىنى شۇنداق ئىچىپ تۇرىشىمغا بىرسى كىرىپ كەلدى ،قارسام ھېلىقى شوپۇر ............
ئاغزىدا لامپۇچكا تۇراتتى ...
مەنبە-ئىنتىل سەيناسى,URL:http://www.intil.cn/munber/viewthread.php?tid=1373
评论
ماۋۇ يەردە فىلىمى بار: http://www.blogbus.com/aramga-logs/30696311.html بەك كۈلكىلىك
ئەگەر ئاشۇ رېزىنكىنى يەپ سالسىمۇ يۇقارقىدەك كۈلكىلىك ئەھۋالنىڭ باشقىچە بىرەرسى يۈز بېرەرمۇ ؟
-------
بۇ ماقالىنى مەنمۇ كۆچۈرۋالدىم.