• ئالبوم تەۋسىيە ئېلانىنىڭ كىرىمىنى ئاخىرى ئالدىم

    2008-11-03


     

    بۈگۈن قارىسام 100 يۈەن كىرىمنى بانكا كارتامغا يوللاپ بېرىپتۇ ، ئەسلى ماڭا سالغان پۇل ئىسىم ۋە فامىلە ئارسىدىكى چىكىت مەسىلىسىدىن قايتىپ كېتىپتىكەن ، بۇ جەرياندا twinsant@gmail.com  بىلەن كۆپ قېتىم ئالاقىلاشتىم ، باشقا بانكا كارتامنىڭ نۇمۇرىنىمۇ يوللاپ بەرگەندە ئوڭۇشلۇق بولمىغان ئىدى . ئۈمىد ئۈزەي دەپمۇ ئويلىدىم ، ئالدامچىمىدۇ يا دەپمۇ ئويلىدىم ، لىكىن يەنىلا ئۈزۈلدۈرمەي twinsant@gmail.com  غا  پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالالمىغانلىقىمنى ئىنكاس قىلىپ تۇردۇم ، ئۇمۇ شىركەت مالىيەسى بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشتى . 10-ئاينىڭ 31 -كۈنى مالىيەدىن پۇلنى سېلىۋەتكەنلىكىنى ھەمدە ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى ، بۈگۈن پۇلنى تاپشۇرىۋالدىم . 

    بۇ پۇلنى ئالماق خېلى تەس بولدى ، مۇشۇ ئاۋارىچىلىقنى تۇغدۇرغان يەنە شۇ بىزنىڭ ئىسىم فامىلە ئوتتۇرسىدىكى چىكىت مەسىلىسى .  قارىغاندا بۇ چىكىتنى يوقاتمىساق بولمىغۇدەك!

    ئالبوم تەۋسىيە ئېلان كىرىمنى تېخى ئالالمىغانلار twinsant@gmail.com  بىلەن سەۋىرچانلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ  پۇلنى ئېلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    分享到:

    评论

  • ئىلان چىكىش ،بىلوگنى كۈرۈشنىڭ ھەققىمۇ قانداق ؟ ھۇزۇرلانسا ھەق تۈلەش كىرەكمۇ يوق؟
  • دوسلارنىڭ بىلوگنى زىيارەت قىلىپ ،ئىلان چەكمەيدىغان ئادىتىنى ئۆز گەرتىشى كىرەكمۇ قانداق ?!!!
  • [avatar:30][avatar:30][avatar:30]بۇنىڭ سەۋەبى ئىسىم بىلەن فامىلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان چىكىت سىز ئىنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىدە كىرگۈزگەن چىكتت بولىشى كىرەك.
  • نىمە ئۇ ئالبۇم تەۋسىيە ئېلانى دىگەن ؟ ئۇنى قانداق ئىشلىتىدىكەن
    ئارامگاھ回复ئەلسۆيەر说:
    ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ، ھازىر توختاپ بولدى.
    2008-11-22 10:05:04
  • يالغۇزلۇق

    يالغۇزلۇققا مۇپتۇلا بولدۇم،
    يالغۇزلۇققا كۈنەلمىسەممۇ.
    يالغۇزلۇقلار ھەمرادۇر ماڭا،
    يالغۇزلۇقتا ئۈتەلمىسەممۇ.

    يالغۇزلۇقتا ئۈنسىز ياش تۈكۈپ،
    يالغۇزلۇقتا ئايغا قارايمەن.
    يالغۇزلۇقۇم يەتمەس ھېچكىمگە،
    يالغۇزلۇقتا زار-زار يىغلايمەن.

    يالغۇزلۇقتا ھېچ ئىشىم ئاقماس،
    يالغۇزلۇقتا پۇتلىشار دۇقال.
    يالغۇزلۇقتا تىترەر ھۇجۇدۇم،
    يالغۇزلۇقتا تاپالماي ئامال.

    يالغۇزلۇقتا تىللىرىم بىكا،
    يالغۇزلۇقتا قۇلۇغۇم سەزمەس.
    يالغۇزلۇقتا كۆزلىرىم كاما،
    يالغۇزلۇقتا ھېچنىمە كۆرمەس.

    يالغۇزلۇقتا ئويلايمەن يالغۇز،
    يالغۇزلۇقنى كەلتۈردى كىملەر؟
    يالغۇزلۇقتا ئەقلىم بولدى گال،
    يالغۇزلۇقتا ئۈتەمدە كۈنلەر؟

    يالغۇزلۇقتا قىلىمەن دۇئا،
    يالغۇز-يالغۇز ساڭا بىر ئاللا.
    يالغۇزلۇقتىن قۇتقازغىن تىزراق،
    يالغۇزلۇققا قىلما مۇپتۇلا
    .
  • سۈيۈملۈك قېرىدىشىم.ئارامگاھ بلوگى مېنىڭ تور دۇنيايىمدىكى بىرىنچى مەنزىلىم بولۇپ قالدى.نېمىشقا دىسىڭىز تورىڭىزغا بەك ھەۋەس قىلىپ قالدىم،مەن بەك دۆت .ىكەنمەن ئويلاپ باقسام.چۇنكى
    ئۆزۇم قول سېىلىپ ئۆزۈمنىڭ تور بېتىنى قول سېلىپ پۈتتۈرەلمىدىم .بىز دە قول قولنى يۇيسا قول يۈزنى يۇيار دەيدىغان گەپ بار .ماڭا ياردەم قىلىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز ئالەمچە خۇش بولۇپ كېتەر ئىدىم.http://iplas.blogbus.com..مەخپى نومۇرى3260212...بەش مىنوت ۋاقىت چىقىرىپ بىر ئىشلەپ بەرگەن بولسىڭىز...مىنى باشقۇرغۇچى قىلىڭ مەن ئوڭشاپ برەي دەپتىكەنسىز،، ھەي بۇنىمۇ قىلالمىدىم .بولسا سىز نىڭكىدەك بولسا تېخى ياخشى...
    ئۆزۈمنىڭ بلوگىنى ئانا يېزىقىمدا ئىشلىتىشىمگە ھەمدەمدە بولۇشىڭىزنى چىندىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
  • ھە راست ! يەنە بىر ئىش!
    EOT ھۆججىتىنى يەنى ئالدىن ياساپ قويغان ھەم بوشلۇققا يوللاپ قويغان EOT ھۆججىتىنى ھەرقانداق تور بېكەت ئىشلەتسە بولىدىغان قىلغىلى بولامدۇ. شۇنداق بولغاندا سىز ھېلىقى EOT تەمىنلەيمەن دىگەندەك ئىشلارمۇ ئاسان بولاركەن.
  • ئەجەپمۇ سەت بىر ئۇسلۇبنى قاچىلىۋاپسىز ! پەقەتلا ياقتۇرمىدىم مەن. يەنىلا بۇرۇنقى ئۇسلۇبنى ئىشلەتسىڭىز بولغۇدەك !
  • ئالبوم تەۋسىيە ئېلانىنىڭ دىگەن نىمە ئازىراق چۈشەنچە بەمەمسىلە دوسلا ؟
  • مەن يوللاپ بەرگەن ئەمما ھىساۋاتىماغا پۇل كىرمەپتۇ ، قانداق قىلسام بولار ؟
    http://www.haokanbu.com/ads/40ff211403424ec28fb6a0beefc437b9
  • مەن ئالالمايۋاتىمەن . يول كۆرسەتكەيسىز . بۇ مېنىڭ كۆرسەتكۈچۈم : http://www.haokanbu.com/ads/40ff211403424ec28fb6a0beefc437b9
    ئارامگاھ回复ناتونۇش说:
    twinsant@gmail.com غا خەت يوللاپ ، ئاشۇ ئۇلانمىنى ، بانكا ھېسابات نۇمۇرىڭىزنى ھېساباتتىكى ئىسىمنى ، ھېسابات ئاچقان بانكىنىڭ تەپسىلى نامىنى يوللاپ بېرىڭ .
    2008-11-05 10:08:55
  • ئۇنداقتا ئىسىم -فامىلىسى نىڭ خەنزۇچە يېزىلىشىدا . چىكىت بار تورداشلار مۇشۇنداق مەسىلىلەردە قانداق قىلىشى كېرەك؟
    ئارامگاھ回复كۆۋرۈك说:
    ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ ئىسىم ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلسا بولامدىكىن.
    2008-11-04 17:06:40