مەمەتجان ھەمدىللا 1979- يىلى 7- ئاينىڭ 2- كۈنى قاغىلىق ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، 1997- يىلىدىن 2000- يىلىغىچە قەشقەر سەنئەت مەكتىپىنىڭ گۈزەل- سەنئەت كەسپىدە ئوقۇپ، 2000- يىلى 10- ئايدا قاغىلىق ناھىيىلىك بەشئېرىق يېزا ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان.
ئاتەش:
«ئاتەش» تەخەللۇسىنى قانداق سەۋەپلەر بىلەن قوللۇنۇپ قالغىنىم ئىسىمدە يوق. بەلكىم ئۆز كەسپىمگە بولغان ئوتتەك بىر قىزىقىش تۈرتكە بولغان بولىشى مۇمكىن. بىراق بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «ئاتەش» ھەرگىز ۋە ھەرگىز ئوت- يالقۇنلارنى ئۇلۇغلاش، ئوت- يالقۇنلارغا سىغىنىش مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ.
2011-07-12 03:33:26 گىلەم
ئۇزۇن بوپتىكەن مەمەتجاننىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرمىگىلى!
بۇرۇن گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ قايىل بولغاندىم.
بۈگۈن كومپىيۇتردىكى بۇ ئۈچ ئۆلچەملىك لاھىيەلىرىنى كۆرۈپ تىخىمۇ قايىل بولدۇم!
يارايسىز مەمەتجان! تىخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!
دوستۇم ئاتەش مەمەتجانغا سالىمىمنى يوللاپ قويارسەن،ساڭىمۇ رەھمەت!
پىكرىمىزنى،ئىددىيمىزنى ئويغاتتىڭ!
بۇندىن كېيىن تىخىمۇ نادىر تىمىلارنى يوللاپ تۇرارسەن ھە!
2011-07-12 05:52:33
مەمەتجاننى تونىۋاپسەن-ھە! رەھمەت، پات-پات كېلىپ تۇرارسەن.
2011-07-07 05:11:57 كىگىز
قورال تۇتۇپ تۇرغان ئىككى ئادەمنىڭ بىرسى مەمەتجان ئاكىمىزنىڭ ئۆزى شۇمۇ نېمە؟! مودىل شۇنداق سۈپەتلىك چىقىپتۇ!
2011-07-07 13:26:48
توغرا بايقاپسىز، مودىل قۇرۇشقا مەمەتجاندىن كۆپ ئۈگەنسەك بولىدۇ-جىمۇ!
2011-07-03 10:39:20 3#
مەمەتجان بىلەن مەن بىر يۇرىتلىق ئىكەنمەن،مەنمۇ قاغىلىقتىن.
2011-07-02 21:29:57 4#
بۇ ئەسەرلەرنى كۆرۈپ بەكلا خۇشال بولدۇم ، بۇ كەسىپتە خېلىلا ئالدىنقى قاتاردا مىڭىۋاتقانلارنىڭ بىرىكەن مەمەتجان ئاكىمىز. بولسا مۇشۇ كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
2011-06-29 06:33:06 5#
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئەسەرلىرىڭىز بەك ئىسىل چىقىپتۇ .
تىخىمۇ تېرىشىپ يەنىمۇ ئىسىل ئەسەرلەرنى ئىشلىشىڭىزگە تىلەكداشمەن .
2011-06-29 13:21:16
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن مەمەتجان، تورداشلارنىڭ بەرگەن باھاسىغا كۆپتىن- كۆپ رەخمەت، سىلەرنىڭ دېگىنىڭلاردىن خىلىلا يېراق. يەنىمۇ قېممەتلىك پىكىر- تەكلىپلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر
2011-06-28 17:36:47 6#
http://www.mahmut3d.com
2011-06-28 17:34:26 7#
بارىكاللا! بەك ئېسىل چىقىپتۇ! سىز بىلەن بەكمۇ ئالاقىلەشكۈم كېلىۋاتىدۇ! مالال كۆرمىسىڭىز سىز بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرنى توردا قالدۇرۇپ قويسىڭىز! ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرنى توردا قالدۇرۇپ قويۇشنى بىئەپ كۆرسىڭىز كوت-كوت نومۇرى443151254 نى قۇشۇۋالغايسىز!
2011-06-28 15:57:15 8#
3d ماھىرىمىزدىن بىرى باركەن مانا!بەك ئېسىل چىقىپتۇ،بولۇپمۇ ئاۋۇ ماشىنا بىلەن كومپىيوتىرنىڭ ئىسىل بولۇپتۇ.