ئۇيغۇر ھۈنەر-سەنئەت نەققاشلىقى-ئۆزىنىڭ مول مەزمۇنى،كۆپ خىل شەكىلگە ئىگە ئىكەنلىكى،گۈزەل ھەم نەپىسلىكى،ئىشلىتىش دائىرسىنىڭ ئىنتايىن كەڭلىكى بىلەن قول ھۈنەر-سەنئەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە كەڭ قوللىنىلغان ۋە تۇرمۇشنىىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغىچە سىڭىپ كىرگەن. شۇڭا ئۇيغۇر ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرىنى تىلغا ئالغاندا مۇقەررەر ھالدا قول ھۈنەر-سەنئەت تۈرلىرى بويىچە،ھەرقايسى كەسىپى ھۈنەرتەرتىپلىرى بويىچە كۈزىتىشكە ۋە چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
ئۇيغۇر ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرىنى مۇنداق تۈرلەرگە ئايرىش مۇمكىن:
1.بىناكارلىق ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى
2.گىلەمچىلىك ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى
3.يەرلىك باسما(سەگەزچىلىك) بوياقچىلىق نەقىشلىرى
4.دوپپا-يۇماق ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى
5.كىيىم-كېچەك،كەشتىچىلىك ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى
6.شايى-ئەتلەس،بەقەسەمچىلىك ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى
7.تەرمە-پالاس،خۇرجۇن ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى
8.ناماتمان(كىگىزچىلىك) ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى
9.چالغۇ ئەسۋاپلار ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى
10.ياغاچچىلىق،قىرغۇچىلىق،ئويمىكارلىق ۋە پەنجىرە ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى
11.مىسكەرلىك ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى
12.تۆمۈرچىلىك،پىچاقچىلىق،كەسكۈ-ئەسۋاپلار ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى
13.قۇيمىچىلىق ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى
14.زەرگەرچىلىك،زىبۇ-زىننەت ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى
15.خۇمدانچىلىق،ساپال بويۇملار ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى
16.قورال-ياراق،سەپەر-جابدۇق ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى
17.ئىگەر جابدۇق ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى
18.كۆن-خۇرۇم،موزدوزلۇق ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى
19.تېرە بويۇملار ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى
20.مەتبەئە سىراژچىلىق ھۈنەر-سەنئەت نەقىشلىرى
تۇرسۇن غازى ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى بىناكارلىق بېزەك نەقىشلىرى»دېگەن كىتابىدىن (7-8-بەت) قىسقارتىپ ئېلىندى.
=====================
تۇرسۇن غازى 1943-يىلى يەكەن ناھىيسىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلسىدە تۇغۇلغان. 1960-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستېتۇتى گۈزەل سەنئەت فاكۇلتىتىنڭ ھۈنەر-سەنئەت كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن،1985-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كۆرگەزمىخانىغا يۆتكىلىپ كەلگەن. ئۇھازىر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كۆرگەزمىخانىنىڭ كۆرگەزمە بۆلۈم باشلىقى. كۆرگەزمە ھۈنەر-سەنئىتى بويىچە كاندىدات تەتقىقاتچى.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش