ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورىغا كىرگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز! نەزىرىڭىز سەرخىل يازمىلاردا بولسۇن!

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر رەسساملىقىنىڭ سەركەردىسى-غازى ئەھمەد

2009-05-27 00:11 ئاپتور: مەنبە: ئىجادى كۆرۈلۈشى: 271 قېتىم ئىنكاس يازىمەن خەت رازمىرى: چوڭ نۇرمال كىچىك

داڭلىق رەسسام ، ئۇستاز غازى ئەھمەد 1935.يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ قوغان (ھازىرقىنەزەرباغ)يىزىسىدا دىنى زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .ئاتىسى ئەھمەت قازىئاخۇنۇمئۇقۇمۇشلۇق ئادەن بولغاچقا غازى ئەھمەد ئاكىنى ئەتراپلىق تەربىيلىگەن 1946.يىلىدىن1950.يىلغىچە دىنى بىلىم ئالغان .كىچىكىدىن رەسىم سىزىشقا رەسساملىققا ھەۋەس قىلىپكەلگەن غازى ئەھمەد ئاكا بالقلقق ۋاقىتلىرىدىلا رەسىم سىزىپ باشقىلارنىڭ ماختىشىغاسازاۋەر بولغان .غازى ئەھمەد ئاكا 1952.يىلى قەشقەر سىفەن مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشپۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ شۇ مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئۇز تالانتىنى نامايەن قىلىپ رەسساملىق ساھەسىگە چۇڭقۇر ئۇل سالغان ئۇ 1954 ـــ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭرەسىم فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنغان ۋە ئۇ يەردىمۇ تىرىشىپ رەسىم ئىجادىيىتىگە كۆپئەجىر سىڭدۈرۈپ ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەشىق قىلغان ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن شۇمەكتەپتە ئىشلىگەن ئۇ ھازىر جۇڭگۇ رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ـ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى ، پىرافىسور شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭمۇئاۋىن رەئىسى ـ دۆلەت دەرىجىلىك ئاتاقلىق رەسسام.

شىنجاڭداداڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەھمەد ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 _ يىلى، غازى ئەھمەد شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەتئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېريازوفنى ئۇستاز تۇتۇپ، ”چېسكاكوف ئوقۇتۇش ئۇسۇلى“ بويىچەقاتتىق تەربىيىلىنىپ، يورۇقلۇق ئىلمى، پىلاستىتسىزىم ئىلىمى ۋە رەڭ ئىلمىگە قارىتاچوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە غەرپ سەنئەت پەلسەپەسى ۋە غەرب سەنئەت ئەسەرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ رەسساملىق سەۋىيىسىنى يۇقىرىكۆتۈردى. 1962 _ يىلى غازى ئەھمەد ئەپەندى شىنجاڭ ئۇيغۇر خەلق ئەدەبيىياتىغائاساسلىنىپ سىزغان ”غېرىپ _ سەنەم“ ناملىق ماي بوياق رەسىم جۇڭگو شىنجاڭ رەسساملىقساھەسىدە غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇ ماي بوياق رەسىمدە ئېسىلزادىلەرچە كىيىنگەن، گۈزەلبىر جۈپ قىز _ يىگىتنىڭ ئاي نۇرىغا چۆمۈلگەن گۈللۈكتە ئۇچراشقاندىكى ئوتلۇق ھىسسىياتى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئاسماندىكى تولۇن ئاي، قەد كۆتۈرگەن مەسچىد مۇنارى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، گۈزەل كەلگۈسىگە نامايەن قىلىنغان بولسا؛ ئالدى كۆرىنىشتىكى قانىتى سۇنغان، سۇلغۇن توز قىزنىڭ ئازابلىق كەچمىشىگە سىموۋول قىلىنغان؛ ئورمان ئارىسىغا يوشۇرۇنغان چەۋەنداز بولسا، قەدىمقى زاماندىكى مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ گۈزەل مۇھەببەتكە بولغان توسقۇنلۇقىغا سىموۋول قىلىنغان. بۇ رەسىم يېڭى بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەت، مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش، يورۇقلۇققا، ئەركىنلىككە ئىنتىلىشتەك ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.
رىئال تۇرمۇشقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق، چوڭقۇر سەنئەت ئەمەلىيىتى، كەڭ دائىرىدە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋەيۈكسەك ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت غازى ئەھمەد ئەپەندىنى چېنىقتۇردى ۋە ئۇنى داڭلىق سەنئەتكار قىلىپ يېتىشتۈردى. 1979 _ يىلىدىن 1982 _ يىلىغىچە، ئۇ تارىخى قەدىمىي كىتابلار ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر قەدىمقى زامان ئەدەبىياتىغا ئاساسەن، چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ”ئاماننىساخان“، ”مەھمۇد قەشقىرى“، رابىيە _ سەئىدىن“ ۋە ”يۈسۈپ خاسھاجىپ“ قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىسلام مەدەنىيەت سەنئىتىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان تارىخى شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتتى. بۇ نادىر ئەسەرلەردىن كىشىلەر مۇزىكىشۇناس ئاماننىساخاننىڭ تەبىئى گۈزەللىكى ۋە پاك قەلبىنى؛ ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بىلىمگەبولغان ئىشتىياقىنى؛ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان مەغرۇر قىياپىتىنى؛ئۇلار ياشىغان دەۋىر ۋە ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان دەۋىر روھىنى؛ ئۇلارنىڭ كۆزىدەپارلاپ تۇرغان مېھرىبانلىقنى كۆرىۋالالايدۇ.

ئاتەش:
«ئاتەش» تەخەللۇسىنى قانداق سەۋەپلەر بىلەن قوللۇنۇپ قالغىنىم ئىسىمدە يوق. بەلكىم ئۆز كەسپىمگە بولغان ئوتتەك بىر قىزىقىش تۈرتكە بولغان بولىشى مۇمكىن. بىراق بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «ئاتەش» ھەرگىز ۋە ھەرگىز ئوت- يالقۇنلارنى ئۇلۇغلاش، ئوت- يالقۇنلارغا سىغىنىش مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ.

ئىنكاس يوللاش

*

* (مەخپى)

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif

Ctrl+Enter تىز ئىنكاس قايتۇرۇش

ئەزا كىرىشتاقاش

ئەستە ساقلا پارولنى ئۇنتۇپتىمەن

ئەزا بولۇشتاقاش

小提示: 您的密码会通过填写的"电子邮箱"发送给您.