-
2009-05-21
ئۇيغۇرلاردا ئەبگالىقنىڭ داۋامى.......... - [ماقالا ۋە ئوبزور]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39671429.html
ئاياللىرى»، «ش ئۇ ئا ر مەدەنىيىتى»، «ش ئۇ ئا ر سەنئىتى»، «ش ئۇ ئا ر ئىشچىلار ھەرىكىتى»، «ش ئۇ ئا ر ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ۋە «ش ئۇ ئا ر ئۇنىۋېرسىتېتى»، «ش ئۇ ئا ر خەلق نەشرىياتى»، «ش ئۇ ئا ر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»......... بولغاندىلا ئاندىن توغرا بولىدۇ. چۈنكى بۈگۈنكى جۇڭگودا «شىنجياڭ» دەيدىغان يەر يەر يوق. ئۇ مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلىشى ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يوقىلىشى بىلەن يوقالغان. ھازىر ئۇنىڭ ئورنىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىۋاتقىنى مۇبارەك «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» (ش ئۇ ئا ر) دۇر. شۇڭا «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نى قىسقارتىڭ «شىنجياڭ» دەپ ئاتاش ئېغىر سىياسىي خاتالىق، قانۇنسىزلىق ھەتتا ئەكسىيەتچىلىك بولىدۇ!
بىراق بۇنى تېخى ئاز دېگەندەك، شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نى تېخىمۇ غەلىتە قىسقارتىڭ «ئاپتونوم رايون» دەيدىغان ئىللەتلىك ئادەتنىڭ ئەدەب كېتىۋاتقىنىغا ئەييۇھەنناس! خەت ـ سۆزلەرنىڭ ئۆزىدىنلا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، «ئاپتونوم رايون» دېگەن گەپ «ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق يۈرگۈزۈلىدىغان رايون» دېگەن ئابىستىراكىت مەنىدىن باشقا، ھېچقانداق بىر كونكرېت جاي ئۇقۇمىنى يورۇتمايدىغان تومتاق ئاتالغۇ. ھالبۇكى شۇنداق تۇرۇقلۇق زادى نېمە ئۈچۈن «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېمەي، «ئاپتونوم رايون» دەپ ئاتاش شۇنچە بازار تېپىپ كېتىدۇ؟ مېنىڭچە بۇنىڭدا مۇنداق تۆت خىل ئەھۋال بار. بىرىنچى، خېلى بىر بۆلەك كۆڭلى ساددا، پەمى كالتە كىشىلىرىمىز، بىز مۇشۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇرۇپ گەپ قىلىۋاتقاندىكىن، «ئاپتونوم رايون» دېسەكمۇ تەھقىق ھالدا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئىككىنچى، ئېغىزىغا نېمىنى سېلىپ قويسا، ئاڭقارماي يەۋېرىدىغان گومۇش بالىدەك، سىياسىي ئاتالغۈلارنى باشقىلار نېمە دەپ قىسقارتىپ بەرسە، چۈشىنىپ ـ چۈشەنمەي، شاتۇتىدەك دوراپ دەۋېرىدىغان چالا ساۋات ئەبگا زىيالىلىرىمىزنىڭ ئېڭىدا، «مىللىي» دېگەن سۆز «ئۇيغۇر» دېگەن سۆز بولىدۇ؛ «ئاپتونوم رايون» دېگەن سۆز بولسا، ھەرقانداق يەردە مەڭگۈ «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن بولىدۇ. ئۈچىنچى، ئەگەر «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن بۇ قانۇنىي ئاتالغۇدىن مەركىزىي سۆز بولغان «ئۇيغۇر» ئاڭلىق ھالدا ئېلىپ تاشلىنىۋاتىدۇ دېيىلگەن تەقدىردە، بۇ بىر قىسىم غەيرى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ غەرەزلىك قىلىۋاتقان ئىشى. بۇخىل كىشىلەر تارىختىكى «شىنجياڭ» دا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا ئەسلىدىن ناقايىل. ئۇلارنىڭ كۆڭلى ھېلىھەم مەنچىڭ ۋە گومىنداڭنىڭ دەۋرىگە مايىل. شۇڭا كومپارتىيىنىڭ سىياسىي تامغىسى بېسىلغان، كومپارتىيە ئازسانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ نۇرى جۇلالاپ تۇرىدىغان «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن سۆز بىلەن ئۇلارنىڭ زادىلا خوشى يوق. تۆتىنچى، يەنە بەزەن ساددا قېرىنداشلار بولسا، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېسەك، «بۇ زېمىن ئۇيغۇرلارنىڭلا ئاپتونوم رايونى» دېگەن بولۇپ قېلىپ، بىزنىڭ مەۋجۇدلىقىمىز تازا گەۋدىلەنمەي قالىدىكەن دەپ قاراپ، «ئۇيغۇر» سۆزىنى قەستەن تاشلىۋېتىدۇ. ئۇلار ھەتتا مۇشۇ خىل خاتا قاراشنى چىقىش نۈقتىسى قىلىپ تۇرۇپ، «شىنجياڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونوم رايونىمۇ؟» دېگەندەك بىمەنە ۋە لاۋزا ماقالىلارنىمۇ يازدى.
بىز بۇ يەردە خالىس نىيەت ۋە سەمىمىي كۆڭلىمىز بىلەن شۇنى ئېيتىمىزكى، بۈگۈنكى دۇنيادا قازاق قېرىنداشلارنىڭ قازاقىستانى ۋە قىرغىز تۇغقانلارنىڭ قىرغىزىستانى بولسا، جۇڭگونىڭ ئاساسلىق مىللەتلىرىدىن بولغان بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز بار. بىز بۇنىڭ بىلەن ئالەمچە ئىپتىخارلىنىمىز! بىراق خۇددى قازاقىستاننى ئاشۇ يەردە ياشاۋاتقان ئورۇس، نېمىس، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ قازاقىستانى ئەمەس، «پەقەت قازاقلارنىڭلا قازاقىستانى» دېيىش تولىمۇ كۈلكىلىك گەپ بولغىنىدەك، شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىمۇ «پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونوم رايونى» دەپ چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز مۇشۇ زېمىندە ياشاۋاتقان خەنزۇ، قازاق، قىرغىز، تاجىك، ئۆزبېك قاتارلىقلارنىڭمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى. «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن بۇ نام مۇشۇ زېمىندا ئەزەلدىن تارتىپ، ئاساسىي گەۋدە ھالىتى بىلەن ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى بىلەن قانۇنلاشتۇرۇلۇپ ئاتالغانىكەن، ئۇنى ئەينەن ۋە تولۇق ئاتاش بۇ زېمىندە ياشاۋاتقان ھەر قايسى مىللەت خەلقلىرىنىڭ ئوتتۇراق بۇرچى! ھالبۇكى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون» دىن «ئۇيغۇر» نى تاشلىۋېتىپ، «ئاپتونوم رايون» دەپ ئاتاش سېپى ئۆزىدىن بىمەنىلىك ۋە يامان غەرەزلىك!
دەرۋەقە «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن ئاتالغۇ بىر ئۆز ئۇزۇن. بۇنىسى ئەمەلىيەت. شۇنداقىكەن بەزىدە ئۇنى قىسقارتىپ ئاتىساق بولمامدۇ؟ مېنىڭچە بولىدۇ. بىراق قىسقارتقاندا، خۇددى «ئىچكى موڭغۇل (نيىمىڭ ) ئاپتونوم رايونى» ۋە «شىزاڭ (غەربى زاڭ) ئاپتونوم رايونى» دېگەنلەردە، «موڭغۇل» (مېڭ) ۋە «زاپ» (زاڭ مىللىتى) دېگەن ناملار چۈشۈرۈپ قويۇلمىغانغا ئوخشاشلا، «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دىن قىسقارتىلغان ئاتالغۇدىمۇ ھەر قانداق ئەھۋالدا، «ئۇيغۇر» دېگەن نام ھەرگىزمۇ چۈشۈرۈپ قويۇلماسلىقى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن ئاتالغۇنى قىسقارتىپ ئاتاشقا توغرا كەلگەندە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ۋە موڭغۇلچىلاردا بىردەكلا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ياكى «ش ئۇ ئا ر» دەپ ئاتىسا بولىدۇ.
شۇنى ئېنىق بىلىش كېرەككى، تارىختىكى شىنجياڭدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى تۈنۈگۈنكى ئەل سۆيەر بۈيۈك ئەجدادلار ئىنقىلابىي كۈرىشىنىڭ ئۆلمەس نەتىجىسى. شۇنداقلا كومپارتىيە ئازسانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ مۇبارەك سەمەرىسى. ھالبۇكى ئۇنىڭ نامىنى تولۇق، ئەينەن ئاتاش ياكى چالا، ئۆزى بىلگەنچە ئاتاش ئەمەلىيەتتە، شۈ ئاتىغۇچىنىڭ كومپارتىيە ئازسانلىق مىللەتلەر سىياسىتىگە ئالاقىدار پوزىتسىيىسىنى، چۈشەنچىسىنى ۋە تۈپ مەيدانىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنداقلا شۈ ئاتىغۇچىنىڭ تارىخقا، تۈنۈگۈنكى ئەجدادلار ئىنقىلابىي كۈرىشىگە ۋە بۈيۈك ئەجدادلارغا بولغان كۆز قارىشىنى ۋە ۋاپا دەرىجىسىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ھەممىمىز يۈكسەك سىياسىي ئېڭىمىز ۋە يوللۇق مەسئۇلىيىتىمىز بىلەن تولۇق ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم.
ئەبگا ئۇيغۇرنىڭ ۋۇجۇدىدا تۈنۈگۈن بىلەن كارى بولماسلىق كېسىلى بىلەن قولتۈقلىشىپ كېلىۋاتقان ئىللەت ئەتىگە ئوبدان نەزەر سالماسلىق يەنى پىلانسىزلىق بولۇپ، بۇ ئىللەتنىڭ يامان تەسىرى شۇ تاپتا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىستىقبالىنى بارغانسېرى گۇڭگىلاشتۇرماقتا.
شۇنداق تۈنۈگۈننى ئۇنتۇپ قالمىغاندىلا، ئاندىن بۈگۈننىڭ قەدرىگە يەتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۈگۈنكى ھەر بىر پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ۋە چىڭ تۇتۇپ ئەتىنىڭ پىلانىنى ئالدىن تۈزۈپ ماڭغاندىلا، ئاندىن بۈگۈنكى نەتىجىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەتە بۈگۈندىنمۇ گۇزەل كۈننى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىنساننىڭ تۇرمۇشى تۈنۈگۈندىن ساۋاق ۋە زۆرۈر ئوزۈق ئېلىش، شۇنداقلا ئەتىكى يېڭى ھاياتقا تەلپۈنۈش ۋە ئىنتىلىش ئارقىلىق، ئىلگىرىلەش ۋە تەرەققىياتقا ھامىلدار قورىماس ھاياتىي كۈچكە تولۇپ تۇرغاندىلا، ئاندىن ئۇ ھەقىقىي مەنىلىك تۇرمۇش ۋە چىن لەززەتلىك ھايات بولىدۇ. ئىنساننى ئەتىگە تەلپۈندۈرىدىغان نەرسە يۈكسەك غايە. يۈكسەك غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان نەرسە بولسا، ئىلمىي پىلان، جانلىق تەدبىر ۋە قەتئىي ئىرادە. شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، پىلانلىق ھايات ئاكتىپ ھايات، تاتلىق ھايات؛ پىلانسىز ھايات بولسا، پاسسىپ ھايات، قاڭسىق ھاياتتۇر. ئەمەلىي تۇرمۇشقا تەدبىقلاپ ئېيتساق، سەن پىلان بىلەن ئىش قىلىۋاتامسەن ياكى ھېچبىر پىلانىڭ يوق كۈن ئۆتكۈزۈشنىلا بىلىۋاتامسەن، خەلق كالۋا ئەمەس، ھەممىنى بىلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شاخماتنىڭ ئۇرۇقچىلىرىدەك تىزىلىپ كەتكەن راۋاقلار پىلان بىلەن قىلىنغان ئىش. سېنىڭ پىلانىڭ بولمىغاچ، قىرىق يىلنىڭ مابەينىدە، ئۈرۈمچىگە ئەقەللىسى مىڭ ئادەم دەلنەزى تۇرۇپ مېيىت نامىزى ئوقۇغىلى بولىدىغان بىرەر مەسجىدمۇ سالالمىدىڭ. تۇرۇپلا نەۋرۇز بايرىمى قىلدۇرمايدىغان بولىسەن. تۇرۇپلا رامىزان ھېيتىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان بولىسەن. خەلقىڭ ئاشۇنداق ناماز ئوقۇيدىغان مۇسۇلمان مىللەت. سېنى ئۇ قاتاردىن چىقىپ كەتتىمىكىن دېسە، ھېيت بولسا، ھەممىدىن بۇرۇن كىرىپ، تۆرنىڭ كاللىسىغا مېنىپ ئولتۇرۇپ گۆش يەيسەن. بۇ پاسسىپلىقمۇ ياكى ئاكتىپلىقمۇ؟ ئۇيغۇرلار «شىخەنزە» دەپ ئاتايدىغان شېخىزى شەھىرى مۇشۇ يېرىم ئەسىرنىڭ مابەينىدە بىنا قىلىنغان يېپيېڭى بىر شەھەر. ئۇنىڭدا، «شىخېزى ئۇنىۋېرىستېتى» قۇرۇلۇپ بولدى. ئەمما ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى بار كاشغەردە بولسا، تا شۇ كۈنگىچە بىرمۇ ئۇنىۋېرىستېت يوق. خەق ئون ئىككى يىل سەرپ قىلىپ، نى نى ئارمانلار بىلەن پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتسا، ۋاقتى كەلگەندە كىرىپ ئوقۇيدىغانغا ئۇيغۇرچە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تايىنى بولمىسا، ئۇلارنى موللاملارنىڭ ھوزۇرىغا تاپشۇرۇپ تالىپ قىلماي قانداق قىلىدۇ، ئەمدى؟!
مۇنداق ئىشلارنى ساناپ كەلسەك، ئاسماندىكى يۇلتۇزدىنمۇ جىق. سەمىمىي ئۈمىد شۇكى، سەن خەلقنىڭ بىر رەھبىرىي كادىرىسەن، ئۆزەڭ خىزمەت ئۆتەيدىغان ئاشۇ سەككىز ـ ئون يىلنى قورساق سېلىپ سەمىرىۋېلىشنىڭ، پارا ئېلىپ بېيىۋېلىشنىڭ پۇرسىتى قىلماي، خەلقىڭنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن چىن كۆڭلۈڭدىن چىقىرىپ بىر ـ ئىككى بولسىمۇ ياخشى ئىش قىلىشنى پىلان قىل. شۇ پىلانىڭنى خەلقىڭغە ئوچۇق ئېلان قىل. مانا شۇ چاغدا سەن كەلگۈسىدىن ئۈمىدلەنگەن خەلقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرىسەن. پىلانىڭ ئەمەلگە ئاشقاندا بولسا، ئۆز ئىقبالىدىن سۆيۈنگەن خەلقىڭنىڭ ھەقىقىي ئېھتىرام ۋە چىن ھۆرمىتىنىڭ قاينىمىدا ھۇزۇرلىنىپ ئۈزىسەن.
سەن بىر مەكتەپ باشلىقىسەن. مائارىپ ئىدارىسى چۈشۈرۈپ بەرگەن سان ـ سىفىرغا، مائارىپ نازارىتىنىڭ ئىلتىپاتىغا قاراپ ئولتۇرماي، ئۈچ يىللىق، بەش يىللىق ۋە ئون يىللىق قىلىپ ئۆزەڭ پىلان تۈز. مەكتەپ باشلىقى دېگەن ئىزباسار ئەۋلاد تەربىيىلەيدىغان باش ئىنژېنېر دېگەن سۆز. ھالبۇكى سېنىڭ پىلانىڭ ئەڭ ئىناۋەتلىك، سېنىڭ تەدبىرىڭ ئەڭ كارامەتلىك. ئالدىڭدىكى ساڭا تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغان مەھمۇد كاشغەرى چىراي، ئاماننىساخان رۈخسار ئوغۇل ـ قىز ئەۋلادلارنى كۆر. ساھىبتەدبىر بولۇپ، ئۇلاردىكى ئارزۇ ـ تىلەكلەرگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆل. ئەمەلىيەتتە 21 ـ ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ خوجايىنلىرى سېنىڭ ئىزباسار يېتىشتۈرۈش ماھارىتىڭغا باغلىق. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەرىپەتلىك كەلگۈسى سېنىڭ باشچىلىق جاسارىتىڭغا باغلىق!
سەن ھەرقانداق بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسىسەن. كەلگۈسىدىكى مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزىسەن. باشتىنلا پىلان بىلەن ياشاشنى ئۆگەن. ۋەتەن ئۈچۈن بىلىم ئال، ۋەتەن ئۈچۈن تەشكىللەن، ئېھتىياتچان ئەزمىلەردىن ئىبرەت ئال. ئىجتىھادچان تەۋەككۈلچىلاردىن ئۆرنەك ئال. «سېكىرتارنى پالانى تۇغۇپ بېرىدۇ»، «مۇدىرنى، رەئىسنى پۇستانى يەردە ياساپ بېرىدۇ» دەپ ھاڭۋېقىپ ئولتۇرماي، كىچىكىڭدىنلا ناھىيەڭگە ھاكىم، ۋىلايىتىڭگە ۋالىي ۋە ئۇيغۇر ئېلىڭگە رەئىس بولۇشنى كۆڭلۈڭگە مەھكەم پۈك. «چوڭ بولسام، چوقۇم ئەجدادىمدەك باشلامچى ئەزىمەت بولىمەن» دېگەن نىيەتنى قەلبىڭگە مەزمۇت پۈت. مۇشۇنىڭ ئۈچۈن تەدبىر ئويلا، پىلان تۈز. ھايات قوينىدا ئۆمۈر بويى پىلان بويىچە، شىجائەت بىلەن ئالغا قاراپ ئۈز. غايىبانە بىر مۆجىزاتنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشىنى كۈتۈپ ئولتۇرما. ئۆزەڭ قىلالايدىغان ئىشنى كېيىنكىلەرگە قالدۇرما. ئىلىم بەيگىسىدە ئۆزۈڭلا چىقساڭ، ئىقبال سېنىڭكى. بىلىملىك بولۇپ يېتىلسەڭ، ۋەتەننىڭ ئىستىقبالى چوقۇم سېنىڭكى!
بۈگۈنكى دۇنيادىكى تەرەققىياتتا ئالدىدا مېڭىۋاتقان ئىلغار مىللەتلەرنىڭ ئەمەلىيىتى بېرىۋاتقان ساۋاقلاردىن قارىغاندىمۇ، شانلىق تارىخى بار، شۇنداقلا ئۆز تارىخىنى ئۇنتۇمىغان، تارىخىي ساۋاقلارغا ھەقىقىي ئەھمىيەت بەرگەن مىللەتلەرنىڭ يەنە پارلاق ئىستىقبال يارىتالىشىدىن ئۈمىد زور. ئىپتىخارلىق تارىخى بولسىمۇ، تەجرىبە ـ ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئەتە ئۈچۈن، كەلگۈسى ئۈچۈن يېڭىدىن يېڭى پىلانلارنى تۈزۈپ مېڭىشنى بىلمەيدىغان مىللەتتىن بولسا، تازا ئۈمىد يوقتۇر.
يۇقىرىدا دېدۇق، ئۇيغۇر شانلىق تارىخقا ئىگە مىللەت. بۇنىڭدا گەپ يوق. ئەمدى ئۇيغۇر يەنە پارلاق ئىستىقبال يارىتالامدۇ ــ يوق؟ بۇ ــ پال باقىدىغان ئىش ئەمەس. پەقەت سەن، مەن ۋە ئۇ ـــ بىز ھەممىمىز بىر نىيەتكە كېلىپ، ئوتتۇراق ئەمەلىيىتىمىز بىلەن جاۋاب بېرىدىغان ئىش. بوۋىمىز ئېيتقان «تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ» دېگەن ئۇدۇم ئاتا سۆزى بەشارەت بېرىپ تۇرۇپتۇ. دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك تەجرىبىلىرى دالالەت بېرىپ تۇرۇپتۇ. ئىلمىي پىلانلىق ۋە ئىلغار تەدبىرلىك بولساق، ئەل سۆيەر ئەجدادلارنىڭ ئىزىنى باسساق، ئۆزىمىزنىلا، بۈگۈننىلا ئويلىماي، كەلگۈسىنى، ئەۋلادلارنىمۇ ئويلىساق، بىر گەۋدىگە ئۇيۇشۇپ، نۈسرەت ئۈچۈن بەلنى مەھكەم باغلىساق، مىللىتىمىز ئۇيغۇر چوقۇم ئۆتمۇشتىكىدىنمۇ پارلاق ئىستىقبال يارىتالايدۇ!
سېنىڭچىچۇ؟ مۇشۇ قاراشنى ياقلاپ، ئويغانغان سەپكە قوشۇلامسەن ياكى «مەن يەنە قاراپ باقاي» دەپ، تىكىۋېتىپلا قۇتۇلامسەن ؟ ئويلان، ئەبگا!8 ـ پىداكارسىزلىق ۋە جەڭگىۋارسىزلىق
ئەزمە ئويلانغىچە
تەۋەكگۇلچى مەقسەتكە يېتىپتۇ.
ــ ئۇيغۇر خەلق ماقالى.
ھەق ئۈچۈن، ھەقىقەت ئۈچۈن ۋە ھەق يول ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى، ھەتتا ئەزىز جېنىنىمۇ بېغىشلاش پىداكارلىق دېيىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ۋە ئۆز كوللىكتىپىنىڭ جانىجان مەنپەئەتى، ھەقلىق ھوقۇقى ۋە ئىززەت ھۆرمىتى ئۈچۈن تىز پۈكمەي كۈرەش قىلىش جەڭگىۋارلىق بولىدۇ. پىداكارلىق بىلەن جەڭگىۋارلىق ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئاداققىي مەۋجۇدلۇقىنى ۋە ئاقىۋەت ئىستىقبالىنى ئەمەلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان مەنىۋى تۈۋرۈكتۇر. پىداكارلىق بىلەن جەڭگىۋارلىق ھەرقانداق بىر مىللەتنى داغدام يوللۇق، ئۇزۇن قوللۇق، ئۆز رىزقىدىن ئۆزى بەھرىلىنەلەيدىغان، ئۆز ھوقۇقىدىن ئۆزى ھوزۇرلىنالايدىغان قىلىدىغان زۆرۈر روھىي قۇۋۋەتتۈر. ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ پاكىتلىق ئەمەلىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، كىشىلىك ھاياتنىڭ، مەۋجۇدلۇقنىڭ يولى پىداكارلىق بىلەن ئېچىلىدۇ. ئىستىقبالنىڭ يولى بولسا، جەڭگىۋارلىق بىلەن كېڭىيىدۇ. ھېكايە، «تام تاغىنىڭ كەپىسى» ناملىق ئامېرىكا كىنو فىلىمىنى كۆرگەن ئادەملەر بىلىدۇ ۋە كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلەيدۇكى، ھازىرقى ئامېرىكا نېگىرلىرى مۇندىن يۇز يىللار بۇرۇن، ئىنگلىز سودىگەرلىرى تەرىپىدىن ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن يۆتكەپ كېلىنىپ، مال ـ ئەشيا بازىرىدا، ئەركىن ھالدا ئېلىم ـ سېتىم قىلىنىدىغان قارا قۇللار ئىدى. خاس قۇل بازارلىرىدا، خېرىدارلار ئەركەك قۇللارنى خۇددى ئېشەك سېتىۋالغان چېغىدىكىدەكلا، كالپۇكلىرىنى يېرىپ تۇرۇپ چىشلىرىنى كۆرۈپ، بولجۇڭ گۆشلىرىنى مۇشتلاپ بېقىپ ئالاتتى. ئايال قۇللارنى ئالىدىغان چاغدا بولسا، كۆپ تۇغۇپ بېرەلەيدىغان ياكى بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلىمىز دەپ، كۆكسىلىرىنى خاھلىغانچە مۇجۇقلاپ، ساغرىلىرىنى سىلاپ، غېرىچلاپ بېقىپ ئالاتتى. ئۆز زامانىسىدا، نېگىرلار ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە، كان ـ كارخانىلىرىدا، ئېكىنزارلىق قورۇقلاردا، ئېشەكنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلەتتى، ئىتنىڭ ئورنىدا خارلاپ ئۆلتۈرۈلەتتى. بۈگۈنچۈ؟ بۈگۈنكى ئامېرىكا نېگىرلىرى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىپ، زۇڭتۇڭ نامزاتى بولالايدىغان بولدى.ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ھەرقانداق ساھەسى ۋە ھەرقانداق مەخپى ئورگانلىرىدا بەخىرامان ئىشلىيەلەيدىغان بولدى. بۈگۈنكى ئامېرىكىدا، ھەربىي سەپتىكى بەش يۇلتۇزلۇق نېگىر گېنېراللار، سەنئەت كۆكىدە پارلاپ جۇلالاپ تۇرغان نېگىر چولپانلار، تەنتەربىيە مەيدانىنى قاپلاپ، سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا قارا تۇلپاردەك چېپىپ كېتىۋاتقان نېگىر تەنھەرىكەتچىلەر، سوت مەھكىمىسىدە رەت ـ رېتى بىلەن قارا بۇركۇتتەك ئولتۇرغان نېگىر باش سودىيەلەر نېگىرلارنىڭ مۇندىن يۇز يىللار بۇرۇنقى ھايۋان ئورنىدىكى مەھكۇملۇق ھالىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ ھەقلىق خوجايىنلىرىغا ئايلانغانلىقىنى مەدەنىيەت دۇنياسىغا ۋە پۈتكۈل ئالەمگە جاكارلاپ تۇرۇپتۇ. روشەنكى بۇ ھېچبىر ئاسماندىن چۈشكەن غايىبانە ئامەتكە تايىنىپ ئەمەس، بەلكى ئەجدادتىن ئەۋلادقا مىراس پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىققا تايىنىپ قولغا كەلتۈرگەن شانلىق غەلىبە! مانا بۇ ـــ پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىق روھىنىڭ بۇ ئالەمدىكى ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى ئورنى ۋە مەۋجۇدلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىباھا ئەنگۈشتەر ئىكەنلىكىگە شاھادەت بېرەلەيدىغان ئەڭ جانلىق نەمۇنە !
ئەكسىچە، ئامېرىكا ئىندىئانلىرى ياۋرۇپالىق بايۋەچچە سەيياھ ۋە تەۋەكگۈلچى كولۈمبۇ ئامېرىكا قىتئەسىنى بايقىماستىن بۇرۇن، ئاشۇ بوز زېمىننىڭ ئاتا مىراس خوجايىنلىرى ئىدى. ئىندىئانلار ئۇزاق ئۆتمۇشتە، مايا مەدەنىيىتى قاتارلىق ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمىي ۋە پارلاق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان مەدەنىي مىللەت ئىدى. بىراق ئۇلار كېيىنچە، بىپايان كەڭ زېمىندە كونا دەسمىنى يەپ ئېغىناپ يېتىۋەرگىنى، بىر كېچە، بىر كېچە ناخشا ئوقۇپ، گۈلخاننى چۆرىدەپ ئۇسسۈل ئويناپ يۇرىۋەرگىنى، ئەڭ مۇھىمى ئەسلىدىكى پىداكارلىق روھىنى يۇتتۇرۇپ قويغىنى ۋە بۇرۇنقى جەڭگىۋارلىق خىسلىتىنى ئۇتتۇرۇپ قويغىنى ئۈچۈن، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئۆزىنىڭ زېمىنىدىكى جەمئىيەتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تەبىقىسىگە، ھەتتا كۆچمەنلەردىن نان تىلەپ يەيدىغان تىلەمچىلەرگە ئايلىنىپ قالغان. مانا بۇ ـــ يەر شارىدىكى قەدىمىي زېمىنلەردە، بىپەرۋالىق ناخشىسىنى سوزۈپ توۋلاپ ياتقان، يېڭى زامان، يېڭى تەرەققىيات قەدىمىگە كۆزىنى ئۇۋلىۋېتىپ نەزەر تاشلىمايۋاتقان، ئۇيقۈسىنى ئېچىپ، كاللىسىنى سىلكىۋېتىپ، ھۇرۇنلۇق چاپىنىنى ئۇزۇل ـ كېسىل چۆرۇپ تاشلىمايۋاتقان يەرلىك ئاھالىلار ئۈچۈن تىرىك ئىبرەتنامە!!!
مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۈگۈنكى دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ دىققەت نەزەرى غەربىي يېرىم شاردىكى ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىن ئاللىقاچان شەرقى يېرىم شاردىكى جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىغا ئاغدۇرۈلدى. ئۇلار ھازىرقى دۇنيادا تېخى ئېچىلمىغان ئۇچ چوڭ رايوننىڭ بىرسى سانىلىدىغان تارىم ـ تەكلىماكان ۋادىسىغا سىناش نەزەرى بىلەن قاراپ تۈرغىلى خېلى بولدى. ئۇلارنىڭ قارا، كۆك، ساغۈچ، ھەتتا سەل قىزارغان كۆزلىرىنىڭ قارىشىدىن: «كىرىپ كېلىۋاتقان 21 ـ ئەسىردە، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بۇ قەدىمىي زېمىندە داۋاملىق قەد كۆتۈرۈپ، ئالغا تەرەققىي ئېتەمدۇ ياكى ئون ئىككى مۇقامنىڭ كۇي ـ تېكىستلىرى بىلەن بىللە نىيە خارابىسىغا خوشنا بولۇپ، قۈملۇقنىڭ ئاستىغا كۆمۇلۇپ كېتەمدۇ؟» دېگەن سوئال ئوپئۇچۈق بىلىنىپ تۇرىدۇ. ھالبۇكى بىز بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرلىرى نېمىلا قىلساق، ئۆز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق جاھان ئەھلىنىڭ يۇقىرىقى سوئالىغا جاۋاب بەرسەك بولىدۇ. ئەگەر بىزنىڭ جاۋابىمىز «بىز ئۇيغۇرلار ئەجدادىمىز ياراتقان ئۇيغۇر تارىم مەدەنىيىتىنى 21 ـ ئەسىردە، ئۆز ئىقتىدارىمىز ۋە ئىجتىھادىمىز بىلەن زامانغا ماس كېلىدىغان يېڭى تەرەققىيات وەللىسىگە كۆتىرىمىز جەزمەن» دېگەن جاراڭلىق ۋە كەسكىن گەپ بولىدىكەن، بۇ ھالدا خېلى بىر قىسىملىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدا خېلى زامانلاردىن بېرى ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا تۇرۇپ كېلىۋاتقان پىداكارسىزلىق ۋە جەڭگىۋارسىزلىق ئىللىتى بىلەن قەتئىي ئادا ـ جۈدالىشىشقا توغرا كېلىدۇ.
مېنىڭچە، ئەبگا ئۇيغۇر ۋۇجۇدىدىكى پىداكارسىزلىق ۋە جەڭگىۋارسىزلىق ئىللىتى ئەمەلىيەت ۋە چۇشەنچە تەرەپتىن بولۇپ، ئومۇمەن تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىۋاتىدۇ.
بىرىنچى، ئۆزى قول تىقىپ ئىشلەپ، ئىجادىي ياشاشتىن، باشقىلارغا يۆلىنىپ، تەييارغا ھەييار بولۇپ ياشاشنى ئەۋزەل كۆرۇش.
مۇشۇ 20 ـ ئەسىرنىڭ 30 ـ يىللىرىدا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى دىنىي داھى ئورنىغا چىقىۋالغان ھېلىقى «ئەگەر يەنە بىر پەيغەمبەر كېلىش ۋاجىپ بولغان بولسا، شېڭ شىسەي جانابلىرىغا پەيغەمبەرلىك ۋەھىيسى كەلگەن بولاتتى» دېگەن مۇناپىق زات ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسجىد ئىماملىرى ۋە شۈ زاماننىڭ دىنىي ئۆلىمالىرىغا «تۇلكىنىڭ يولۋاس بىلەن دوست بولۇشى» ناملىق مۇنداق بىر مەسەلنى ئېيتىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ كۈندارچىلىق پەلسەپىسىنى ئاساسلايدىكەن. مەسەل: بۇرۇنقى زاماندا، تۇلكە يولۋاس بىلەن دوست بولۇپتۈ. بۇنى كۆرگەن ھايۋانلار ھەيران بولغان ھالدا سوراپتۈ: «ئى تۇلكە! سەن بىر ئاجىز ھايۋان تۈرۈقلۇق، نېمە دەپ بۇ ئورماننىڭ پادىشاھى سانىلىدىغان ۋەھشى ھايۋان يولۋاس بىلەن ئاغىنە بولدۇڭ، قورقمامسەن ئەجەبا؟!» تۇلكە جاۋاب بېرىپ: «ۋەھشى ھايۋان يولۋاس بىلەن دوست بولسام، ماڭا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك پايدا بار. بىرسى، ماڭا بىراۋ ئالدىراپ چېقىلالمايدۇ. چۈنكى مەن يولۋاسنىڭ دوستى ــ دە! ئىككىنچىسى، ئاچ قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرىمەيمەن. بىلىپ تۇرۇپسىلەر، يولۋاس دېگەن بۇ ئورمان دۇنياسىدا ئەڭ كۈچلۈك ھايۋان. ئۇ ھېچبىر كۇچىمەيلا، ھەرقانداق ئوۋنى ئوۋلىيالايدۇ. مەن پەقەت ئۇنىڭ گېپىدىن چىقمىسام، ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ قويمىسام، ئانچە ـ مۇنچە يۇگۇر ـ يېتىم ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرسەملا، ئۇنىڭدىن ئاشقان ـ تاشقان نەرسىلەرنى يەپمۇ قورسىقىم تويىدۇ، كۈنۇم ئۆتىدۇ» دەپتۈ.
ناھايىتى ئېنىقكى، ھامان بىر كۈنى بۇرنىدىن ئىلىنىپ قالىدىغان ھىلىگەر تۇلكىنىڭ ۋەھشى ھايۋان يولۋاس بىلەن دوست بولۇشى سېپى ئۆزىدىن ھاماقەتلىك. چۈنكى ۋەھشى يولۋاس ئادەتتە، ساغرىسىنى سىلاپ، قىچىشقان يەرلىرىنى تاتىلاپ قويىدىغان بىرەر غالچىغا ھاجىتى چۇشكەندە، ئەڭ مۇھىمى، ئاپ ـ ئوۋلار خاھلىغان ۋاقىتتا ئوۋلىغىلى بولىدىغان دەرىجىدە كۆپ چاغدا، تۇلكىدەك مۇغەمبەرلەرنى «ھە، دوستۈم» دەپ قويغىنى بىلەن، ئوۋ تاپالماي، قورسىقى ئاچ قالغان چاغدا بولسا، خۈددى مۇشۇك ساچقاننى ئويناپ تۇرۇپ يېۋەتكەندەك، ئۇنى بوغۇپلا يېۋىتىشى ئابايامقى گەپ. بىراق مەزكۇر مەسەل تەشۋىق قىلغان «كۈچلۈك بىلەن دوست بولساڭ، باشقىلار ئالدىراپ ساڭا چېقىلالمايدۇ»، «كۈچلۈكنىڭ غالچىسى بولساڭ، ئۇ يەپ تاشلىۋەتكەن سۆڭەكلەرنى غاجىساڭمۇ قورسىقىڭ تويىدۇ، كۈنۇڭ ئۆتىدۇ» دەيدىغان مەھكۈملۇققا رازى بولۇش پەلسەپىسى ئۆز زامانىسىدا، «بىر بولۈڭدا مەسجىد بولسا، نامىزىمنى ئوقۈغىلى قويسىلا مەيلى. بەش ۋاخ ناماز ئوقۈۋالساقلا، ئۇدۇل جەننەتكە كىرىمىز» دەيدىغان مىڭلىغان ـ مىليونلىغان ھەقىقىي ئىسلامىيەتتىن ساۋاتسىز، ئىلىم مەرىپەتتىن خەۋەرسىز، ساددە دىل، نادان خەلقنى ئازدۇرغان. بۇ خىل جاھاندارچىلىق پەلسەپىسى بېلى بوش ئۇششاق زىيالىلار ئارىسىدىمۇ بازار تېپىپ كېتىپ، ئەسلىدە «ئۆزى ئوۋلاپ يېگەن توشقاننىڭ گۆشى ئۆزگىچە» ، «باشقىلار چايناپ بەرگەن ناننىڭ تەمى بولمايدۇ» دەيدىغان توغرا ئەقىدىلىك كىشىلەر جامائەتسىز، يېتىم بولۇپ قالغان. ئەلەملىك يېرى شۇكى، ئاشۇ «تۇلكىنىڭ يولۋاس بىلەن دوست بولۇشى» مەسەلى تەرغىپ قىلغان «جاننى خوراتماي، بىر كۈن بولسىمۇ جان باققان ئەلا» دەيدىغان ئەزمىلىك ۋە پاسسىپ تۈرمۇش قارىشى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئېڭىنىمۇ ئېغىر دەرىجىدە ئىسكەنجىگە ئېلىپ تۈرماقتا. ئۇنىڭ بىۋاستە تەسىرى خېلى بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنى ھېچبىر خىجىل بولماستىن «بىز ماشىنا ياسىيالمايمىز، ئايرۈپىلان ھەيدىيەلمەيمىز. بۇنى ئاشۇ يولداشلار قىلمىسا بولمايدۇ» دەيدىغان ۋىجدانى مىسكىن قىلىپ قويماقتا.
ئىككىنچى، پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىك ۋە پىداكارلارنى قەدىرلىمەسلىك.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرى، قەدىمىي شەھەر كاشغەر دە سىيىت ئىسىملىك بىر نوچى ئۆتكەن.كەڭ ئامما ئىچىگە تارقالغان مەزكۇر خەلق نوچىسى ھەققىدىكى داستان «سىيىت نوچى» نى ئالىم ئابدۇكەرىم راھمان ئەپەندىم رەتلەپ ئېلان قىلىپ، مەملىكەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئويلايمەنكى، ئەگەر ئۇيغۇرنى چۇشەنگەن ۋە ئۇيغۇر پىداكارلىقىنىڭ ھەقىقىتىگە ئىشەنگەن بىر ئادەم ئۇنى تارىخىي رومان قىلىپ يازسا، نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىكۇچىلىكى بار. بىراق بىزدە چۇشەنچە زەئىپلىكىدىن، ئۇ رەھمەتلىك نوچىنى بىرەر ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بىلەن ياد ئېتىپ، روھىغا مەدھىيە ئوقۇش ئەمەس، ئەكسىچە ماقالە يېزىپ، «ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى ئۆز قولى بىلەن جاللاتقا ئاپىرىڭ بەرگەن بىر ساۋاتسىزنى نوچى دەپ پەخىرلىنىش ئاخماقلىق ئەمەسمۇ؟» دېگەنلەر خېلى چىقتى.
مېنىڭچە بىر ئادەم بىرەر پائالىيەتكە ئاڭلىق ـ ئاڭسىز قاتنىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭدا تاسادىپەن ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ پىداكار ھېسابلانمايدۇ. پەقەت ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ھازىرىنى ۋە ئاقىۋىتىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى شۈ ئىشنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن ئاپلىق ئاتاش، ھەتتا شۈ ئاتاش ۋە شۈ بېغىشلاش بىلەن ئۆزىنىڭ ئەزىز جېنىدىن ئايرىلىپ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىش ـــ مانا بۇ پىداكارلىق بولىدۇ. راست، سىيت نوچى ساۋاتسىز ئادەم ئىدى. كۈچاردىكى مەككار دارىن (غوجام) ئۇنىڭ جېنىنى قەستلەپ يېزىپ بەرگەن خەتنى (خەت مەزمۇنىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى) بىلمەي، كاشغەرگە ئۆزى ئېلىپ بارغان. سىيتنىڭ نوچىلىقى شۈ يەردىكى، ئۇ كاشغەرگە بارغاندا، ئاغىنىلىرى ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگىنى سىيىت ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىگە بۇيرۈلغان ئۆلۈم خېتى ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا، ئۆلۈمنىڭ ئېتىنى ئاڭلاپ رەڭگى تاتارماي، ئۆلۇشنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ كەينىگە يېنىپ قاچماي، ئەكسىچە ئىككى يۇزلىمىچى دارىننىڭ قانخورلۇقىنى مەسخىرە قىلىپ، ئۆزىنىڭ نوچىلىق ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى جېنىدىنمۇ ئەزىز بىلىپ، مەزكۇر ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى جاللاتنىڭ ئالدىغا ئۆزى ئەكىرىپ بەرگەن. شەك يوقكى، ساۋاتسىزلىق باشقا گەپ، پىداكارلىق بولسا، يەنە باشقا گەپ. بۇ يەردە سىيىتنىڭ قىلغىنى يېتىك پىداكارلىق، ئۇنىڭ ئىپادىسى تىپىك جەڭگىۋارلىق ئىدى. شۇڭا سىيىتنىڭ بۇ خىل نوچىلىقى ئۆز زامانىسىدا، پۈتكۈل ئۇيغۇر زېمىنىنى زىلزىلىگە سالغانىدى. مىڭ ئەپسۇس، بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدا، ئاشۇ پىداكار ئەجدادنىڭ يا بىرەر نامايەندە قەبرىسى، يا بىرەر يادنامە ھەيكىلىمۇ يوق!
ماقۇل، سىيىت نوچىنىغۇ «ساۋاتسىز نوچى» دەپ ياراتمايدىكەنمىز. ساۋاتلىق نوچىلارغا بولغان چۈشەنچىمىز ۋە باھايىمىزنى كۆرۈپ باقايلى، ئەمىسە. مەسىلەن، لوتپۇللا مۇتەللىپ قاينام ئۆركىشى. جاھان بىلىدۇ، لوتپۇللا مۇتەللىپتە بۈگۈنكى خېلى ـ خېلى ئۇيغۇردا يوق ساۋات، بىلىم، ئىقتىدار ۋە ماھارەتلەر بار ئىدى. ئۇ ھەم شائىر، ھەم يازغۈچى، ھەم كومپوزىتۇر، ھەم رەسسام ۋە ھەم سەھنىدە رول ئېلىپ ئوينىيالايدىغان سەنئەتكار ― ئەدەبىيات ۋە سەنئەتنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرى بويىچە خېلى مۇكەممەل يېتىشكەن تالانت ئىگىسى ئىدى. ئەڭ مۇھىمى ئۇ ئېغىزىدا دېگىنىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە، قەلىمى بىلەن يازغىنىنى ئۆز پائالىيىتىدە كۆرسىتەلەيدىغان، تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولغان مىللەتپەۋرەر ۋە پىداكار ئىنقىلابچى ئىدى. ئۇ پەقەت چىدىغۇسىز ئازاپ ـ ئوقۇبەت ئىچىدە قالغان ئۆز مىللىتىنىڭ ئازاتلىقىنى ئويلاش مەقسەت قىلىنغان ئىنقىلابىي پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغىنى ئۈچۈنلا، باشقىلارنىڭ قېنىنى ئىچىشكە خوردا بولۇپ كەتكەن ياتلار تەرىپىدىن ھەبسىگە ئېلىنىپ، 1945 ـ يىل 9 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرىۋېتىلگەن. شۈ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن ياپياش بىر بالا ئىدى. بىراق بۈگۈنكى كۈندە ئاشۇنداق مەردانە، ئاشۇنداق نەۋقىران بىر پىداكار ئەجداد ھەققىدىمۇ «مۇتەللىپ دېگەن سويما»، «قارام ئىنقىلابچى»، «ئىنقىلاب قىلىمەن دەپ نېمە قىلىدۇ، سىڭگەن نېنىنى يەپ، ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ شېئىر يېزىۋەرگەن بولسا، بۇ چاغقىچە ئۇيغۇرنى دۇنياغا تېخىمۇ تونۈتمامتى؟» دەيدىغانلار ئاز ئەمەس.
ئىنسان پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىق روھىنى تەسلىمچىلىك ۋە جانباقتىلىق ئەرۋاھىغا تىگىشىۋەتسە، ئېغىزىدىن قانداق نائەھلى گەپلەر چىقمايدۇ ـــ ھە؟! ئەمەلىيەتتە بىر مىللەتنى دۇنياغا تونۇتىدىغان بىرىنچى ئامىل ــــ دەل پىداكارلىقتىن ئىبارەت. ئەگەر ھازىرقى دۇنيادا، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرلىرىنى تونۈيدىغان ۋە ئېتىراپ قىلىدىغانلار خېلى بار دېيىلسە، بۇ ئالدى بىلەن لوتپۇللا مۇتەللىپكە ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش پىداكار ئەجدادلارغا مەنسۇپ! جاھان خەلقى لوتپۇللا مۇتەللىپنى ئۇيغۇر پىداكارلىقىنىڭ سىمۇۋلى دەپ بىلگەچكە، ئۇنىڭ جەڭگىۋارلىق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان يۈز توم كىتابقا تاۋاپ شاھ ئەسىرى «يىللارغا جاۋاب» شېئىرىنى ئالتۇن ھەل بىلەن يېزىپ، پارىژ مۇزىيىدا ئۆرنەك قىلىپ ساقلاۋاتىدۇ. (بو مەلۇمات شائىر مۇھەممەد جان سادىقنىڭ «شائىر بولسام، بولاي سېنىڭدەك» ماۋزۇلۇق شېئىرىدىن ئېلىندى.) دەرىخا! لوتپۇللا مۇتەللىپ ھايات بولغان بولسا، بۇ يىل ناھايىتى يەتمىش تۆت ياشقا كىرگەن بولاتتى. بىراق شۇنىڭدا شەك يوقكى، ئۇ ئۆزىنىڭ «تىڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالى تىلەكلەرنى، چۈشۈرمەيمەن كۈرەشكە دەپ تۈرگەن بۇ بىلەكلەرنى» دېگەن ياڭراق شۇئارى ۋە ئۆلمەس غەيۇر ئوبرازى بىلەن تىرىك ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر يەتمىش تۆت ياشلىق ئادەمدىن مەڭگۇ مۆھتەرەم ۋە ئەبەدىي ئۇلۇغدۇر! چۈنكى ئۇنىڭ روھى بۈگۈنمۇ خەلقنى پىداكارلىققا چىللاۋاتىدۇ.
بىر مىللەت پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلسە، پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىقنىڭ قىممىتىنى، ئەھمىيىتىنى ۋە زۆرۈرىيىتىنى چىن ھەقىقىتى بىلەن چۈشەنسە، ئاندىن پىداكارلارنى قەدىرلەيدۇ ۋە ئۇلارنى دائىملىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ياد ئېتىپ تۇرىدۇ. ئالايلۇق، ئامېرىكا نېگىرلىرى بۇ نۇقتىدا ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولغاچ، ئۆزلىرىنىڭ پىداكار ئەجدادى، ئوتتۇز ئالتە ياش ۋاقتىدا سۈيىقەستكە ئۇچراپ قازا تاپقان، نېگىر ئازاتلىق ھەرىكىتىنىڭ ئاتاقلىق داھىيسى، مەشھۇر پوپ مارتىن لۇتېركىڭ (King Martin Luther) نى دۆلەت بويىچە، يىلدا بىر قېتىم خاتىرىلەيدۇ. ھەر يىلقى خاتىرىلەش كۈنىدە، پۈتكۈل ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىكلەرمۇ، قارا تەنلىكلەرمۇ ئوخشاشلا قۇلاقلىرىنى دىڭ قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ مەشھۇر نۇتقى «مېنىڭ چۈشۈم» نىڭ ئاۋاز لىنتىسىنى ئېھتىرام بىلەن ئاڭلايدۇ. بىراق بىزدە ئەھۋال دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، يەنى پىداكارلىق چۈشەنچىسى خۇنۇك، پىداكارنىڭ يۈزى يوق بولغاچ، لوتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق ئون سەككىز پىداكار ئۆز مىللىتى ئۈچۈن ئۆزىنى قۈربان قىلغان 18 ـ سىنتەبىرنى ھېچكىم ئەمەلىي پائالىيەت بىلەن ھەمىشە خاتىرىلىمەيدۇ.
ئۈچىن历史上的今天:
ئوردىخان پادىشاھ ۋە ئوردا خېنىم رىۋايىتى 2009-05-21ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ 2009-05-21ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ 2009-05-21ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﺳﻪﺑﻠﯩﺮﻯ 2009-05-21
收藏到:Del.icio.us